ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بەخىتسىزلىك ئىلكىدىكى بەخىت (رۇمان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-10 16:54  

   
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر، ياخشى تۇرۋاتامسىلەر؟ ھەممىڭلارنىڭ كىلىش ئالدىدا تۇرغان قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن. ھەمدە يەنە نەچچە ۋاقىتنىڭ يانقى ئالدىراش بۇلۇپ قىلىپ تورغا چىقىپ سىلەر بىلەن ئەسرالىشالمىغىنمدىن كەچۈرۈم سورايمەن. ھېيىتلىقلارغا باشقا نەرسە تەييارلاشقا ئۆلگۈرمىدىم. ئاددى بولدىمۇ يىڭىدا يازغان رومانىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن. ئۇقۇپ ھۇزۇرلانغايسىلەر. ھەمدە قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىلەر ، ئەمسە باشلىدىم .

بەخىتسىزلىك ئىچىدىكى بەخىت

ئاپتۇرى: ئاماننىسە ئابدىجىلىل (سىرلىرىم)

نۇمۇسسىز دادام

كۈنلەر شۇنداق ئۆتمەكتە يەنە بۇرۇنقىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ ناھايىتى تىز ئۆتمەكتە. ھېچقانداق ئۆزگىرىش ياكى ھېچقانداق بىر تىلغا ئالغۇدەك ئىش يوق دىيەرلىك بار دىگەندىمۇ مىنىڭ ھاياتنىڭ ئەگرى تۇقاي يوللىرىدا قانداق مېڭىشنى بىلگەنلىكىم بولدى. مەن ئەسلى دائىملا ئويناپ كۇلۇپ يۇرىيدىغان كىچىك غەمسىز بىر ئەركە ئىدىم. بىراق كۈنلەر ئايلارنى ئايلار يىللارنى قوغلاپ ئۆتكەنسىرى بۇيۇممۇ ئۇسۇشكە ئەقلى تەپەككۇرۇممۇ كۇندىن كۈنگە ئۆتكۇرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. ھاياتىمدىكى دەبدەبىلىك ئۇنتۇلماس دەملەر ماڭا ھەمراھ بۇلۇشقا باشلىدى. ياشلىق پەسلى مىنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. قېرانلىق پەسلىممۇ يېتىپ كىلىپ بەللىرىمگە ئاغرىق يۈزلىرىمگە قۇرۇق سوۋغا قىلىشقا باشلىدى. قىرانلىق دەۋرىم ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ ھاياتىم بېتىدىكى 26 ياش دىگەن خەتنى ئۇچۇرۇپ تاشلاپ ئۆز قەلىمى بىلەن 27 ياش دىگەن خەتنى ئۇيۇپ ھاياتىم بىتىگە ئۆچمەس بىر مۇھۇر قويدى. مىنىڭ كۇڭلىمگە ھەممە ئايدىڭ ھامىنى بۇ مۇھۇرلەر ئاستا-ئاستا ئۇچۇپ ئورنىغا 60 ياش 80 ياش نىڭ مۇھۇرلىرى ئۇيۇلۇپ مىنىڭ بۇ ياشلىق باھارىم ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ ياشلىق مەنزىللىرىنىڭ جۇد سۇغۇق قىشلىرىغا قىش باشلىغاندەك قىرانلىق مەزگىللىرىمگىمۇ ياشانغانلىق مەزگىلى ۋە ياكى ئۇلۇم يۈلىغا باشلايدۇ. مىنىمۇ مېھرىبانىم مەرھۇمە ئانامغا ئوخشاش بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كىتىدۇ. ھامان بىر كۈنى مىنىڭ بۇ باھار پەسلىم كىتىپ ياز پەسلىم ئۇندىن كىيىن كۈز پەسلىم ئاخىرىدا بولسا ئىنتايىن سۇغۇق بولغان قەھرىتان پەسلىم يىتىپ كىلەتتى مەن بۇنى يۈزدە يۈز چۇقۇم دەپ سۆزلىيەلەتتىم چۈنكى بۇ ھەر بىر ئىنساننىڭ بېشىدا بار ئىش ئىدى.
كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە  جاھاننىڭ نۇرغۇن ئاجايىپ-غارايىپلىرىنى، تەبىئتنىڭ ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىشلىرىنى بىلىپ ياشاپ كىلىۋاتىمەن تۇلۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنىڭ باشلىنىش قەدەملىرىدىن كىيىنكى كۇنلىرىم بىكارچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن ھازىر بولسا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى ۋە بالىلارنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بۇرۇنقى ئەسلىمىلىرىم مىنى رۇخسىتىمسىزلا ئۆز ئىلكىگە ئېلىپ مىنى ئۆتمۇش دەرياسىغا غەرق قىلدۇرىدۇ. ئەسلىمىرىم شۇ قەدەر گۈزەل بۇلۇپ مىنى ئۆز قوينىغا شۇڭغىتىدۇ، ئاشۇ ئەسلىرىم قوينىدا مەن مېھرىبان مەرھۇمە ئانام ئالمىخاننى چوڭقۇر يات ئىتىمەن. ھەمدە ياش كەتكەن ئانام ئۈچۈن ئۇنسىز ياش تۈكىمەن. پۇشايمان ياشلىرىم مەڭزىمنى بۇيلاپ ئاقىدۇ. مەرھۇم ئانامنىڭ جۇشقۇن كۈتىرەڭگۇ سىمايىسى قەلبىمنى ئىگىلەيدۇ. ئانامغا بولغان ئۇتتەك سېغىنىشىم تەلپۇنىشىم تېخىمۇ ئاشىدۇ. ئاشۇ تەلپۇنىشلەر سېغىنىشلار مىنى ئىختىيارسىز بىئەجەل ئۈلۈپ كەتكەن مەرھۇم ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا ئېلىپ بارىدۇ. بۈگۈنمۇ پۇتلىرىم ئۆزىمگە بوي سۇنمىغان ئاساستا مىنى توپراق بېشىغا ئېلىپ كەلدى. تۇپراق بېشىنى تۇپا بېسىپ كەتكەن ئىدى. مەن ياندىكى قەبرىنىڭ يېنىغا قۇيۇلغان سۈپۈرگىنى ئېلىپ تۇپراق بېشىنى پۇتۇن زىھنىم بىلەن پاكىزە سۇپۇرۇشكە باشلىدىم.
ـــ بەختىيار بالام ئاناڭنى يوقلاپ كەپسەندە.
كەينىمدىن چىققان ئاۋاز مىنى چۇچىتىۋەتتى. مەن كەينىمگە قارىدىم. كەينىمدە ياشانغانلىقتىنمۇ بەللىرى مۇكچەيگەن ئانامنىڭ بىئەجەل ئۈلۈپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولغان ھاراقكەش دادام. بىر ئادىمى سۇپەت مەلئۇن ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ـــ شۇنداق سەن نىمىگە كەلدىڭ؟ ئېزىقىپ كىلىپ قالمىغانسەن؟ يا يەنە ئىچىۋالدىڭمۇ؟ ـــ مەن ئەزەلدىنلا ياق ئۇ ئانامنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولغان كۈندىن باشلاپلا ئۇنى سەن دەپ ئاتاتتىم. سىز دىيىشكە ياكى دادا دىيىشكە ئەلۋەتتە سەۋرىم يوقتى، شۇڭا، سەنلاپلا چۇشتۇم. ئۇنىڭ ئانامنىڭ توپراق بىشىدا ھاراق پۇرىتىپ بۇ يەردىمۇ ئانامغا ئارام بىرىشىدىن بىزار ئىدىم. ئۇ بۈگۈنمۇ ئېچىۋالغان بۇلۇپ نىجاسەت تىنىدىن ھاراقنىڭ قاڭسىق ھىدى كىلىپ تۇراتتى.
ـــ بالام مەنمۇ مەرھۇم ئاناڭنى يوقلاپ كەلگەنىدىم. ـــ دىدى دادام كۆزىنى مەندىن ئۆزمەي تۇرۇپ.
ئۇنىڭ قېلىنلىقىنى ئانامنى يوقلاپ كەپتىمىش تېخى ھايات چىغىدا بىر كۈن ئارتۇق ياشىشىغا چىدىماي ئانامنى قىيناپ ئاخىرى ئەجەل دەرياسىغا سۆرەپ كىرگەن دادامنىڭ سۆزلىرى كۈلكەمنى قىستىدى. مەن قاتتىق بىر قاقاقلاپ كۇلىۋەتكەندىن كىيىن كۆزلىرىمدىكى غەزەپنى يۇشۇرماي تۇرۇپ:
ـــ بولدى قىل. سىنىڭ ئانامنى يوقلاپ كەلگۈدەك ئانامنىڭ ياكى مىنىڭ ئالدىدا قەدىر-قىممىتىڭ يوق. ھەم ھازىر ئانام سىنىڭ ئايالىڭ ئەمەس سەن ئانامنى ھايات ۋاقتىدا يەتكۈچە قىيناپ گۇلدەك ھاياتىنىڭ خازان بۇلىشىغا سەۋەپچى بولدۇڭ. ئانام ھايات ۋاقتىدا يەتكۈچە قىيناپ ئاخىرى مۇدارىڭغا يەتتىڭ ئەمدى بولسا ئانامنى يەنە بۇ يەردىمۇ تىنىچ ياشىغىلى خاتىرجەم ياتقىلى قويماسلىق ئۈچۈن يەنە بۈگۈن ئاغىزىڭدىن قاڭسىق پۇرىتىپ كەپسەن ئانامنى ئۆلگەندىمۇ بوش قويماي دەپسەندە سەندىن ئۈتۈنگىنىم بولسۇن ئەمدى بولدى قىل ئانامنى بۇ يەردە بولسىمۇ تىنىچ ياتقىلى قوي كۆزۇمدىن يوقال سىنى كۇرەر كۈزۈم يوق. يوقال. يوقال
مەن شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا كەينىمنى قېلىپ تۇرىۋالدىم. چۈنكى ئۇنىڭغا شۇنچە گەپلەرنى قېلىۋىلىپ ئىچىم بۇشاپ قالغاندەك ئازابىم يەڭگىللىگەندەك بىر تۇيغۇدا بۇلىۋاتقان بولساممۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاشۇ مىسكىن چىرايىنى كۇرۇشنى شۇ چىرايىدىن ئەلەم ياشلىرىنىڭ ئېىقىشىنى كۇرۇشنى قەتتى خالىمىدىم. پەرەز قىلىشىمچە ئۇ ماڭا سۆز قىلىشنى خالىمىدىمۇ ياكى ماڭا بىرەر قانداق گەپ قىلىپ سېلىشتىن ئەنسىرىدىمۇ بىردەم سۈكۈت ئىچىدە تۇرىۋاتقاندىن كىيىن  قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا شۇ يول بىلەن ئۇنسىز قايتىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشى خېلى پەسلەپ كەتكەندىن كىيىن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم. كىتىۋاتقىنى بىر مۇڭلانغان ۋە زارلانغان بىر گەۋدە ئىدى. ئەسلى ئۇ بۈگۈن تۇرمىدە بۇلۇشى كىرەك ئىدى. نىمىشقا بۇ يەرلەردە ھاراق ئىچىپ ........
ئاخىرىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالمىدىم. مەن ئۇنىڭ كىلىش سەۋەبىنى بىر ئۇزۇن ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن بۇ يەردىن ئايرىلىشنى خالىمغان بولسىمۇ سۇغۇق مىنى ئايرىلىشقا ئۇندەۋاتاتتى. مەن تېترىگەن ھالدا زاراتگارلىقتىن ئايرىلىپ مەھەللىگە قاراپ يول ئالدىم. يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا قاتار كەتكەن دەرەخلەر ۋە رەتلىك ئۆيلەر بىلەن تولغان ئىدى. مەن مەھەللىدىكىلەر  بىلەن بىر قۇر سالاملىشىپ ئۇتتۇم. بەزىدە نۇرغۇن كۆزلەرنىڭ ماڭا ئىچ ئاغرىتىش مەسخىرە، كۆزگە ئىلماسلىق ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. مەن بۇ كۆزلەردىن ئۆزۇمنى قاچۇرۇپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ماڭغىنىمدا بىرسىگە پۇتلىشىپ يېقىلىپ چۇشتۇم.
ـــ كەچۈر ئاغىنە.
مىنى ئۇسسىۋەتكەن يىگىت شۇنداق دىگىنىچە قۇلۇمدىن تارتىپ تۇرغۇزدى. مەن ئۇنىڭغا قارىدىم. قارىدىميۇ ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالماي قالدىم. ئۇ باشقا بىرى بولماستىن مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە دوختۇرلۇققا بىرگە تىزىملىتىپ ئائىلەم سەۋەپلىك ئۇقۇشتىن چىكىنگەندە ماڭ نۇرغۇن تەسەللى بەرگەن مىنى بەزلىگەن ياتاقدىشىم ئادىل ئىدى.
ـــ سالام ئاغىنە كۆرگىلىمۇ بۇلدىكەن ھە سىنى.ـــ دىدى ئادىل
ـــ ساڭىمۇ سالام. قاچان كەلگەنىدىڭ ئۆي ئىچىڭ تىنىچلىقمۇ؟
ـــ بىرەر ئايدەك بولدى.
ـــ خىزمەت بىلەن كەلدىڭمۇ ياكى تۇققان يوقلاپمۇ؟
ـــ مۇشۇ شىپاخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن ئاغىنە. ئۇزۇڭچۇ؟
ـــ ھە مۇنداق دىگىن .
ـــ ۋوي بۇ يەردە ئەجەپ تۇردۇققۇ خالىساڭ بىرەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىگەچ پاراڭلاشساق قانداق دەيسەن خېلىمۇ 5-6 يىل بوپتۇ بىز كۇرۇشۇپ باقمىغىلى. ھەم بۇ يەردە تۇرساق سۇغۇق تەككۇزىۋالىسەن.
ـــ مەيلى.
ئۇ شۇ سۆزۇمنى كۇتۇپ تورغاندەكلا مىنى بىر ئاشخانىغا باشلاپ كىردى. ئاشخانا مىللىچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بۇلۇپ كىشىگە ئازادە راھەت بەخىش ئىتەتتى. بىز خالىراق جايغا كىلىپ جايلاشقاندىن كىيىن ئىككى تەخسە لەغمەن بۇيرۇتتۇق. ئۇلار بۇرۇندىنلا تۇنۇشمۇ قانداق ئاشخانا كۇتكىچىسى بىزگە بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ھەمدە ئالدىمىزغا ھورى تېخى كۇتۇرلۇپ كەتمىگەن چاينى ئەكىلىپ قۇيۇپ كەتتى. قىش پەسلىدە بۇلۇپمۇ ئادەم تېترەپ تۇرغان ھازىرقىدەك ۋاقىتتا چاي ئادەمگە بەكلا ياقاتتى. مەن ئالدىراپلا چايغا باقتىم. چاي بەكلا قىززىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئاغزىمنى كۆيدۇرىۋالدىم.
ـــ  ئاستىراق ئىچسەڭمۇ بىرەرسى ئىچىۋالمايدۇ ئۇ چېيىڭنى. پۇۋلەۋراق ئىچە ئاداش.
ـــ خېلى پۇۋلەپقۇ ئىچكەن بولمىسا....
شۇلارنى دەۋەتىپ يۈزۈم خىجالەتتىن قىز بالىنىڭ چىرايىدەك قىزاردى. مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ئۇ بۇرۇنقىدىن خىلىلا ئۆزگەرگەن بۇلۇپ بۇي تارتىپ تېخىمۇ كىلىشكەن بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. بۇلۇپمۇ كىيىۋالغان ئاپئاق خالىتى مىنى ھەسەت ئوتىغا تاشلىماقتا ئىدى....
ـــ داداڭنىڭ تۈرمىدىن يىنىپ چىققىنىنى بىلەمسەن.
ئۇشتۇمتۇت سۇرالغان سۇئالدىن گاڭگىراپلا قالدىم. ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا بىر خىل ئىدى. تەمكىنلىك بىلەن كۆزلەرىمگە تىكىلگەن كۆزلىرىدىن تىنىم شۇركەندى.
نىمە دەپ جاۋاپ بىرەي راس گەپ قىلىپ بايا توپراق بېشىدا كۆرگەن ئىدىم. دەپ ئاشۇ كۆڭۇلسىز ئىشلارنى ئەسلەيمۇ ياكى ياق كۆرمىدىم دەپ يالغان ئېيتايمۇ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بېشىم بەكلا قاتتى. ئارىسالدى بۇلۇپ خېلى ئۇزۇن خىيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ قاپتىمەن.
ـــ دىمەك بىلدىكەنسەندە ـــ خىيالىمنى بۇلۇپ ئوتلۇق كۆزلىرىنى يەنە كۆزلىرىمگە تىكتى. مەن كۆزلىرىمنى تىزلىكتە ئېلىپ قاچتىم. ـــ بىلسەڭمۇ بىلمىسەڭمۇ دەپ بىرەي ئاغىنە داداڭ تېخى ئەتتىگەندىلا جازا مۇددىتىنى توشقۇزۇپ قايتىپ چىقىپتۇ. ـــ ئۇ شۇنداق دەپ بىردەم مىنى كۆزەتكەندەك قاراپ تۇرغاندىن كىيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇردى ـــ سەن داداڭنى كەچۇرمەيسەن ئۇ توغرىلۇق گەپ ئاڭلاشنىمۇ خالىمايسەن لېكىن ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇ سىنىڭ يەنە قېرىنداشلىرىڭنىڭ دادىسى يەنە كىلىپ ئۇ ئالمىخان ئاچامنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ يولدىشى ھەم ئەختەر ئاكام تۈرمىدە 5 يىل ئۆزى ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ جازاسىنى تارتىپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئائىلىسى بار ئىدى. سەن ئالمىخان ئاچام ئىنى-سىڭىللىرىڭ بەكلا بەخىتلىك ياشاتتىڭلار. ئەپسۇس نىمە ئىشلار بولدى بۇنى مەن بىلمەيمەن ئائىلەڭلارغا كۆز تەگدىمۇ قانداق ئائىلەڭلار ئالمىخان ئاچامنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن ئەختەر ئاكام تۈرمىگە كىرىپ كەتتى. ئىنى سىڭىللىرىڭنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئەمدىلا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغان ساڭا قالدى. سەن ئىنى-سىڭىللىرىڭ بىلەن بەكلا جاپا تارتىپ ئۇلارنى چوڭ قىلدىڭ. ئائىلەڭلارنىڭ بۇنداق چىچىلىپ كىتىشىگە ئەختەر ئاكام سەۋەپچى لېكىن ئاغىنە ئۇ ئادەممۇ ياشىنىپ قالدى. بەلكىم كۆرىدىغان كۇنلىرىمۇ يەيدىغان رىسىقىمۇ ساناقلىقتۇ ھەم ھازىر تۇرغۇدەك ئۆيى كىيگۇدەك كىيىمى يۆلەنگۇدەك تۇققىنى يوق بىر مۇساپىرغا ئايلاندى. خالىساڭ ـــ ئۇ كۆزىمگە بىر تىكىلىپ قارىۋالغاندىن كىيىن ـــ لېكىن ئىنى-سىڭىللىرىڭ تېخى كىچىك ئۇلار ئاتا مېھرىگە مۇختاج سەنغۇ ئانا مېھرىگىمۇ ئاتا مىھرىگىمۇ قېنىپراق ياشىدىڭ بىراق ئىنى-سىڭىللىرىڭ ئانا مېھرىدىنمۇ، ئانا مېھرىدىنمۇ بىرلا ۋاقىتتا مەھرۇم بولدى. بىلىمەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى سەن بار بىراق ھەر قانچە قىلساڭمۇ ئاتا مېېھرىنى ئۇلارغا بىرەلمەيسەن. ياخشى ئويلىنىپ قەلبىڭنى ئەپۇچانلىق بىلەن تولدۇرۇپ تۇرۇپ ياخشى ئويلان داداڭنى بولسا كەچۇرگىن. ھاراقكەش بولسىمۇ ساراڭ بولسىمۇ ئۇ يەنىلا سىنىڭ داداڭ. ـــ ئادىل شۇنداق تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپ بولغاندىن ئاللىقاچان ئەكىلىپ بولغان تاماقلارغا بىر قۇر قارىۋاتكەندىن كىيىن ـــ باشقىچە ئويلىما مەن باياتىن داداڭ بىلەن كۇرۇشتۇم يەنە مەسىت ھالەتتە ئىكەن شۇڭا ئۇنى بىزمۇ كىرەكسىز دەپ تاشلىۋەتسەڭ بىر ئەخلەتكە ئايلانگۇدەك بۇ يولدىن داداڭنى پەقەت ئىنى-سىڭىللىرىڭلا قايتۇرۇپ چىقالايدۇ. بەك كۆپ سۆزلەپ زىكتۇرىۋەتتىم قېنى تاماققا باقايلى.
ئۇنىڭ سۆزلىرى ساقىيىش ئالدىدا تۇرغان قەلىب يارامنى يەنە بىر قېتىم ينىڭ ئاغرىتىپ ئۆتتى. مەن ئويلىنىپ قالدىم ئادىلنىڭ سۆزلىرىمۇ ئۇرۇنلۇق ئىدى. ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇ مىنىڭ ھەم ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ دادىسى ئىدى. شۇ خىياللار بىلەن تاماق يىيىشكە باشلىدىم. بىز تاماقنى مەززە قىلىپ يىيىشتۇق. خېلى ئۇزۇن مەكتەپتىكى ۋاقتىمىز ۋە مەن ئۇقۇشتىن چىكىنگەندىن كىيىن مەكتەپتە يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىسىدا خىلى بىر ئۇزۇنلارغىچە پاراڭلاشتۇق. ھەمدە بىر-بىرىمىزگە كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا يەنە كۆرۇشىشكە ۋەدىلىشىپ خوشلاشتۇق. مەن ئاللىقاچان يۇپۇرماق تاشلاپ بىر خىل غېرىپسىنىپ قالغان قاتار كەتكەن سۆگەتلەر بىلەن تولغان مەھەللەم يولىدا بىخىرامان كىتىپ بارىمەن. خىيال يەلكەنلىرىم بۇيرۇقىمسىز ئۆتمۇشۇم ۋە بۇگۇنۇم توغرىلۇق ھۈكۈم چىقارماقتا بىر چاغلاردا شاۋقۇنسىز ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا بۇيىغا كەلدىم دەريا ئاللىقاچان مۇز تۇتقان بۇلۇپ خۇددى مىنىڭ قەلبىمگە ئوخشاتتى. ئەپسۇس ئەينى ۋاقىتتا بۇ دەريادا مۇز تۇتقان بولسا ئاناممۇ ئۆلۇپ كەتمەس بۈگۈنكىدەك مۇڭلانغان كۇنمۇ بولماس ئىدى. مەن ئۆزۇمنى ئۆتمۇش دەرياسىدىن تەستە تارتىپ ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم. ئىگىز بىنالار كەينىگە جايلاشقان پاكار كەتكەن تاملار ئارىسىدىن تۇلىمۇ غېرىبانە ۋە مېھرى ئىسسىق كۆرىنىدىغان ئۆز ئۇيۇم يېراقتىنلا كۆزۇمگە چېلىقتى. قىزىل سىرلانغان ئىشىك ئۇچۇق ئىدى. دىمەك ئۆيدە ئادەم بار ئىدى. مەن تىز قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدىم.
ئىنى-سىڭىللىرىم ئاللىقاچان مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەن ئىدى. بەكىر بىلەن بەسىر قوتاندا قوي كالىلارغا يەم بىرىۋاتاتتى. سىڭلىم بەختىنىسا بولسا ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئىكەن. ئۇ مىنى كۇرۇپلا يېنىمغا كەلدى. مەن ئۇنى باغرىمغا باستىم بەخنىسا ئانامغا شۇ قەدەر ئوخشاتتى. خۇددى تىرىسىنى سۇيۇپ بەخنىساغا چاپلاپ قويغاندەكلا ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ قىلىقلىرى ئانامنى يەنىمۇ ئەسلىتەتتى. مەن بەكلا ھەيران ئىدىم مەن ۋە سىڭلىمدەك بەخىتسىزلەرنىڭ ئىسمى نىمىشقىمۇ ئاشۇ ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان بەخىت بىلەن باشلانغان بولغۇتتى. مەن ئانامدىن سورىغان. مەرھۇمە ئانام چېچىمنى سىلاپ مىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ « جېنىم بالام مەن سىنى مەڭگۇ بەخىتلىك بولسۇن. مەڭگۇ بەختى ئېچىلسۇن بەخىت يار بولسۇن دەپ ئىسمىڭنى بەختىيار قويغان بالام. مەڭگۇ بەخىتلىك بول » دەپ پىشانەمگە سۆيگىنى ھېلىمۇ يادىمدا ئانىمنىڭ سۆزلىرى يادىمغا كىلىش بىلەن تەڭ ئادىلنىڭ بايا دىگەن سۆزلىرىمۇ خىيالىمنى سىيپاپ ئۆتۇپ كەتتى. مىنىڭ بەخىتسىز بۇلۇپ قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان دادام توغرىلۇق ئويلانغاندا كۆڭلۇم بۇزۇلۇپ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى بۇغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بۇلۇپ ئاۋازىم بۇغۇلۇپ چىقتى. كۆزلىرىمدىن دۇمىلاپ چۈشكەن ياش باغرىمغا چىڭ چاپلىشىپ كەتكەن 10 ياشلىق سىڭلىم بەختىنىسانىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۇشۇشكە باشلىدى.
ـــ ئاكا نىم بۇلدىڭىز؟ يىغلاپسىزغۇ؟ سىزنى كىم خاپا قىلدى دەڭە مەن ئۇرۇپ بىرەي.
سىڭلىمنىڭ تەسەللىلىرى ھەمدە كىچىككىنە تۇرۇپ سۆزلىرىدىكى باتۇرلىقى زۇقۇمنى قوزغىدى. مەن كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چۇشىۋاتقان ياشلىرىمنى ئېيتىپ تۇرۇپ.
ـــ ھېچ كىم خاپا قىلمىدى سىڭلىم ئۈگىنىشىڭىز قانداقراق؟ سىز ياخشى ئۈگۈنۈپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتسىڭىزلا مەن ھەرگىز خاپا بولمايمەن.
ـــ ئەمسە يىغلىمايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ.
ئۇماق پەرىشتەمنىڭ سۆزلىرى شۇ قەدەر ئۇرۇنلۇۇق ئىدى. ئارتۇقچە ئويلىمايلا ۋەدە بەردىم.
ـــ ۋەدە بىرەي.
شۇ ئەسنادا قوي كالىلارغا يەم بىرىپ بولغان بەكىر بىلەن بەسىر مەش تۇۋىدىن ئۇرۇن ئالدى. بەكىر خۇشال ئىدى. بەسىرنىڭ كۆڭلىدە بىر غەشلىك باردەك قىلاتتى. بۇ ماڭا ئۇنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىكى مۇڭ مانا مەن دەپ بىلىندۇرۇپ تۇراتتى. مىنىڭ قەلبىمنىمۇ ئەنسىزلىك بېسىشقا باشلىدى. كۆڭلۇم تېخىمۇ بۇزۇلدى.
ـــ بۈگۈن تاپشۇرۇقتا 100 نۇمۇر ئالغان ئىدىم. ئۇقۇتقۇچۇم مىنى بىر ئاز كەمپۇت بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىدى. سىلەر بىلەن بىرگە يەيمەن دەپ ئېلىپ كەلگەن ئىدىم كەمپۇت يەڭلار. ـــ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پەخىرلەنگەن ھالدا يانچۇقىدىن بىر سىقىمنى كەمپۇتنى ئېلىپ ھەممىمىزگە تارقىتىپ بەردى. بىز ئاكا-ئۇكىلار ئىللىق مەش تۇۋىدە ئولتۇرۇپ سىڭلىمىز مۇكاپات ئالغان كەمپۇتنى مەززە بىلەن يىدۇق. ھەممە كۆزلەردە خۇشاللىق جىلۋىنىلەتتى. بەكىر شۇنداق خۇشال ھالدا ئولتۇراتتى بەسىر بولسا بىر خىل غەمكىن ئىدى. ئۇ شۇ كۇنى كەچكۇچە چىرايىنى پەقەتلا ئاچمىدى. مەن ئۇلارغا تاماق ئىتىپ يىگۈزۇپ بولغاندىن كىيىن بەختىنىسا بىردەمدىلا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن بەسىر بىلەن ئايرىم پاراڭلاشمىسام بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەكىرنى ئۆز ھۇجرىسىغا كىرگۈزىۋەتكەندىن كىيىن بەسىر بىلەن مۇڭدىشىش ئۈچۈن ئۇنى ھويلىغا ئېلىپ چىقتىم. ئۇنىڭ كۆزلەرىدە يەنە بايىقى مۇڭ شۇ پېتى كۇتۇرۇلۇپ تۇراتتى.
ـــ نىم بولدۇڭ بەسىر نىمانچە شۇكلەپ كىتىسەن بىرەر ئىش بولدىما ـــ سورىدىم ئەنسىرىگەن ھالدا. ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئەنسىزلىك مىنى تېخىمۇ ئەنسىرىتىپ قويماقتا ئىدى. ئۇ كۆزلىرىنى بىر نىشانغا تىككەن پېتى قاراپ تۇراتتى مەن بولسام جاۋابىغا تەقەززا ئىدىم.
ـــ ھېچ ئىش بولمىدى ئاكا دوسلىرىم بىلەن بىر ئاز گەپ تالىشىپ قالدىم. كىيىن ئۇرۇشۇپ قالدۇق شۇ.....
ـــ بىكاردىن بىكارغىما. ـــ سورىدىم يەنە ئىچكىرلەپ بىلمەكچى بۇلۇپ ئۇ كۆزۇمگە ئوبدان بىر قارىۋالغاندىن كىيىن كۆزلىرىنى يەنە بىر نوقتىغا تىكتى.
ـــ بىكارغا ئەمەس مىنى ھاقارەتلىگەنلىكى ئۈچۈن.
ـــ نىم دەپ ھاقارەتلىدى.
ـــ بولدى سورىما.
ـــ دىگىنە مەن سىنىڭ ئاكاڭ ھەم بالىنىڭ چۇڭى مەيلى قانداقلا ئىش بولسا بىلىش ھۇقۇقۇم سوراش مەجبۇرىيتىم بار مىنى بۇنداق قىينىما مەنمۇ بەكلا چارچاپ كەتتىم.
ـــ بولدى ئاكا ئۇلار مىنى يىتىمەك دەپ ھاقارەتلىگەننى ئاز دەپ يەنە مەرھۇمە ئانامغا ۋە تۈرمىدىكى مەن 5 يىلدىن بۇيان كۇرۇپ باقمىغان بىر كۇرۇشكە ئىنتىزار بولغان. ئەمما كۇرۇش نىسىپ بولمىغان چىرايىنى ئۇنتۇپ قالايلا دىگەن دادامنىمۇ بىرگە تىللىدى. چىداپ تۇرالماي ئۇردۇم. ئۇرۇشتۇم مەنمۇ تەياق يەۋەلدىم.
ئۇ يىغلاپ سالايلا دەپ قالغان بۇلۇپ كۆز چاناقلىرىغا كىلىپ بولغان ياشنى ئەلەم بىلەن يۇتتى. ھەمدە يۇلتۇزسىز ۋە ئايسىز قالغان ئاسمانغا قاراپ ئېغىر بىر ئۇھ سىندى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى يۈرەك باغرىمنى ئەزدى.
ـــ كىيىنچۇ؟ ـــ سورىدىم ئۇلاپلا.
ـــ كىيىنما مۇئەللىم كىردى. ئۇ ۋە سىنىپىمىزدىكى بالىلار مىنى بىكارغىلا ئۇردى. دىدى شۇنىڭ بىلەن مەن مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشقان بولدۇم مۇئەللىمدىن ۋە ھېچ ئىشنى بىلمەيدىغان ئىلمى مۇدىردىن يەتكۇچە تىل ئىشىتتىم. ماڭا ئەڭ ئېغىر كەلگىنى مۇئەللىم ئەتە دادامنى ئېلىپ كىلىشىمنى دادام بىلەن كۇرۇشىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مەن نەدىكى دادام قايسى دادامنى ئېلىپ بارىمەن.
شۇ سۆزلەردىن كىيىنلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى مىنىڭ قەلبىمنىمۇ ئىزىپ مىنىمۇ يىغلاتتى. مەن ئۇنىڭغا سۇغۇق ئۇتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىرىپ كىتىشكە دەۋەت قىلدىم. ھەمدە بىردەم كۇچا ئايلىنىپ ھاۋا يەپ كىرىدىغانلىقىمنى مىنى ساقلىماي ئۇخلاۋىرىشىنى ئېيتىپ ئىشىكنى تاقاپ ئويدىن ئايرىلدىم.
سان-ساناقسىز چىراقلار يېنىپ بۇ قاتار دەرەخلەر بىلەن ئورالغان ئاسفىلىنىت يولنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلۋەتكەن ئىدى. مەن مەقسەتسىزلا ئايلىنىشقا باشلىدىم. تۇيۇقسىز چاقاق چېقىپ ئارقىدىنلا يامغۇر چىلەكتە قويغاندەك يېغىشقا باشلىدى. 11-ئاينىڭ ئاخىرقى كۇنلىرىدە يامغۇر ياققىنى قىززىقتە بۇلۇپمۇ مىنىڭ ھېچ بىر تەييارلىقسىز ھەم شۇ قەدەر نىپىز كىيىملەر بىلەن چىققان بۈگۈنكىدەك كۇندە شۇنداق ئىدى. مەن يەنە ئايلىنىشقا باشلىدىم. ھەر قايسى ساھادىكى تىجارەتچىلەر دۇكانلىرىنى تاقاپ بولغان بۇلۇپ پەقەت ئاز بىر قىسىم ئاشخانا، كۇندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ۋە كۆڭۇل ئېچىش ئۇرۇنلىرىلا ئۇچۇق ئىدى. يامغۇر توختىماي ھېچ نەرسىگە بوي بەرمەي ئاقماقتا. يولنىڭ ئويمان يەرلىرىگە يامغۇر لىققىدە توشقان بۇلۇپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىمۇ كىچىك بىر ئېرىقچە ھاسىل بولغان ئىدى. مەن يەنىلا يامغۇردىكى بۇ سەيلەمنى داۋاملاشتۇرۇپ كىتىۋەردىم. كۇنلۇك تۇتۇپ ئالدىراش كىتىپ بارغان كىشىلەر ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىماقتا ئىدى. بەلكىم ئۇلار مىنى ساراڭ بۇلۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالغاندۇ. چۈنكى بۇنداق يامغۇردا ھەم بۇ سۇغۇق كۇنلەردە ھېچ كىشى مەندەك يىلىڭ ئەھۋال ئاستىدا بىرەر زۇرۇر ئىشى بولمىسا مەقسەتسىزلا كوچا ئايلىنىش ئۇچۇن چىقماتتى. مەن بۇ ناتۇنۇش ماڭا بىر خىل قىززىقىش نەزىرىدە قاراۋاتقان كۆزلەرنى ئارقامدا قالدۇرۇپ ئىلگىرلەۋەردىم.
تۇيۇقسىز كۆزلىرىم ئالدى تەرەپتىكى ئامانەت قەرز كوپراتىۋىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئىچىدىكى نىمجان بىر گەۋدىگە چۇشتى. بىر تۇرۇپ ھەيران قالسام يەنە بىر تۇرۇپ چۇچۇپ كەتتىم. چۈنكى بۇ كىچىدە بۇلۇپمۇ بۇ يامغۇرلۇق كىچىدە بىر ئادەمنى بۇنداق ھالەتتە كۇرۇش تۇلىمۇ قورقۇنىچلۇق ئىدى. مەن ئاستا ئاپتۇماتىك ماشىنىغا يېقىنلاشتىم. ھەمدە ئىشكىنى ئېچىپ ئىچىگە كىردىم. ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم. سەپ سالدىمۇيۇ ھەيران قالدىم. بۇ مەن نەپرەتلىنىپ كەلگەن بۇگۇن زارەتگارلىقتا ئۇچراتقان يەنى كىلىپ ماڭا شۇ قەدەر تۇنۇش بولغان مىنىڭ دادام ئىدى. قانداق قىلاي ئۇ ئاللىقاچان سۇغۇقتىن ھۇشىدىن كەتكەن بۇلۇپ تىزدىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىسام ھاياتىغا خەۋپ يىتىشى ئىنىق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە ئۆچ تۇرسام نىمە بولسا بۇلار دەپ تاشلاپ كىتىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق ئادىمىيلىك ۋە بالىلىق مەجبۇرىيتىم ئۇنداق قىلىشقا يول قۇيىدىغاندەك قىلماتتى. مەن دادامنى يۇدىگەنچە بۇ جايغا ئەڭ يېقىن بولغان خەلق دوختۇرخانىغا يۇدۇپ ئېلىپ بارماقچى بولدۇم. بېرىپ بولغۇچە دادامنى يۇدۇپ مېڭىش ماڭا شۇنچە ئېغىر تۇيۇلدى. مەن دادامنى يۇدۇپ ئۇدۇللا دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش بۈلىمىگە ئېلىپ كىردىم. بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان سائەت 1 لەردىن ئاشقان بۇلۇپ دوختۇرلارمۇ ئۇيقۇدا ئىكەن. سۇرۇشتۇرۇپ يۇرۇپ جىددى كىسەلگە قارايدىغان دوختۇرنى تاپتىم. ساپسېرىق چاچلىق بۇ دوختۇر خام قاپاقتەك ئىششىپ ساڭگىلاپ كەتكەن كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ دادامغا قارىدى. ھەم بىر قۇر تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كىيىن گەپ سۆز قىلمايلا ئاسما ئاستى.  بۇ ۋاقىت تاڭغا يېقىن چاغ بۇلۇپ سىرتمۇ سۇزۇلۇشكە باشلىغان ئىدى. دىمەك مەن بۇ يەردە دادامنىڭ خەتەردىن ئۇتۇپ كىتىشىنى ساقلاپ بىر كىچىنى ئۆتكۇزدۇم. ئاخىرى بايىقى سېرىق چاچلىق دوختۇر ماڭا دادامنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بۇلۇپ قالغانلىقىنى ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتىپ بىرمۇنچە تەكشۈرۈش قەغەزلىرىمۇ ماڭا بىرىپ ئېغىزىدىكى سېغىزىنى پاسىلدىتىپ چاينىغان ھالدا ئاياغلىرىدىن چاڭ تۇزۇتۇپ كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ قېلىقلىرى ماڭا ياقمىدى. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى مۇشۇ كەسىپتە بىر نەچچە ئاي ئۇقۇغان ئۇنىڭدا دوختۇرلۇق پەزىلەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ كىتىپ بارغان سىماسىغا قاراپ خىياللارغا پېتىپ كىتىپتىمەن. بىر چاغلاردا سائىتىمگە قارىسام سائەت 7 بۇلاي دەپ قاپتۇ. ئىنى-سىڭىللىرىمنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
تاكسى بىردەمدىلا مىنى مەن دائىم كىلىدىغان بۇ كونا كەپىلىكلەر رايۇنىغا ئەكىلىپ قويدى. مەن ئۆيگە كىرگەن ۋاقتىمدا ئىنى-سىڭىللىرىم ئاللىقاچان ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان ئىكەن. مەن ئۇلارغا ناشتىلىق تەييار قىلىپ بىرىپ ئاق يول تىلەپ يولغا سالدىم. ھەمدە دادامغا تاماق ئىتىپ يەنە دوختۇرخانىغا قاراپ يول ئالدىم. مەن دوختۇرخانىغا كەلگەن ۋاقىتتا دادام ئاللىقاچان ھۇشىغا كەلگەن ئىكەن. يېنىغا كىرىشتىن ئىككىلىنىپ قالدىم. كىرسەم نىمىدەپ چاقىرىمەن. مەن دىلىمدا دادام دەپ بىلگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا ھەرگىز ئۇنداق چاقىرالماتتىم. شۇڭا بىردەم ئارىسالدى بولغاندىن كىيىن ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ كىرىشنى قارار قىلدىم. مەن ئاستا ئىشىكنى چەكتىم. دادامنىڭ «كىرىڭ» دىگەن سۆزىدىن كىيىن كىردىم. داداممۇ ھەيران قالدى بولغاي كۆزلىرىدىكى ياشنى ئىتىكلا مەندىن يۇشۇردى. ھەمدە مەمنۇنلۇق بىلەن كۇلدى ئۇنىڭ بۇ كۇلكىلىرى ماڭا تېخىمۇ بىزەڭ كۇرۇندى. چۈنكى مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىنىم بىلەن ئۇنىڭ ئانامنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولغانلىقىنى مەن ۋە ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ تىرىك يىتىم بوپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغانلىقىنى قەلبىمدە ئۇنىڭغا يېنىۋاتقان نەپرەت ئوتلىرىنى ئۇنتىغىنىم يوق ئىدى. ھەم ئۇنىڭ قىلغانلىرىنى مەڭگۇ ئۇنتۇپ كىتەلمەتتىم. مەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ تاماق يىگۇزدۇم. ئۇمۇ ئۇنسىزلا ئىشتىھا بىلەن تاماق يىيىشكە باشلىدى. مەن گەپ سۆزسىز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم. چۇشتە يەنە ئۆيگە كىلىپ تاماق ئىتىپ ئۇنىڭ يىنىغا باردىم. ھەمدە تامىقىنى يىگۇزۇپ قۇيۇپلا بەسىر ئۇقۇۋاتقان ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم. مەن مەكتەپكە كەلگەن ۋاقىت دەل چۇشلۇك ئارام ئېلىش ۋاقتى بۇلۇپ بەسىرنى ئاسانلا تاپتىم. ئۇ مىنى ئۇدۇللا سىنىپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئىشىكنى ئاستا چەكتىم. ئىچكىرىدىن «كىرىڭ» دىگەن سۆز ئاڭلاندىن كىيىن بىز ئاستا كىرىپ كەلدۇق.
ـــ ھە قېنى ئولتۇرۇڭلار. سىز بەسىرنىڭ نىمىسى؟ ـــ مۇئەللىم شۇنداق دىگەچ مىنى كىرىسلوغا تەكلىپ قىلدى. ھەم چېقىر كۆزلىرىنى مەندىن ئۇزمەي تۇرۇپ چاي دەملەپ ئېلىپ كەلدى. مەن چايغا باققاچ بىرەر قۇر تىنىچ-ئامانلىق سۇراشقاندىن كىيىن ئەسلى مەقسەتكە يۆتكەلدىم.
ـــ مۇئەللىم مەن بەسىرنىڭ ئاكىسى ئىسمىم بەختىيار، سىز دادىمىزنى چاقىرتىپتىكەنسىز دادىمىز كىلەلمەيدۇ. ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئالدىڭىزغا مەن كەلدىم. ئىنىمدىن قانداقلا خاتالىق ئۆتكەن بولسا ئۇنى تۇزىتىشكە مەن بار.
سۆزلىرىمنى تۈگىتىپ مۇئەللىمنىڭ سۆزلىشىنىمۇ كۇتمەستىن بەسىرگە قارىدىم. بەسىرنىڭ كۆزىدە خۇشاللىققىمۇ ۋە ياكى تېڭىرقاشقىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر خىل چىراي ئىپادىسى مانا مەن دەپ ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى. شۇنداق بولسىمۇ كۆزلىرىدىكى بەخىت كۈلكىسى ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. مەن نەزىرىمنى چىقىر كۆزلۇك ئالدىمدىكى بۇ مۇئەللىمگە تىكتىم.
ـــ مۇنداق ئىش ئۇكام. بەسىرنىڭ سىنىپتا بالىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ـــ مۇئەللىم شۇنداق دەپ مىنىڭ ئەلپازىمنى كۈزەتمەكچى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر چىقىر كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى ھەمدە كۆزلىرىنى تىزلىكتە ئېلىپ قېچىپ سۆزلەشكە باشلىدى. ـــ ئۇ تۈنۈگۈن بالىلار بىلەن تاكاللىشىپ قېلىپ ماڭىمۇ دەپ قويماستىن ئۆيگە قايىتماقچى بولغىنىدا بالىلار تۇتىۋاپتۇ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا دادىسىنى ئېلىپ كىلىشنى بۇيرىغان. ئۇ دەرسلەردە شۇ قەدەر ياخشى بىر ئۇقۇغۇچى ئىدى. نىمە بولدىكى تاڭ يېقىندىن بۇيان دەرسلەردىمۇ چىكىنىپ كەتتى. مۇجەزىمۇ بۇرۇنكىدىن سەل يامان بۇلۇپ قالدى. شۇڭا ئىنىم بولسا مۇشۇ ئىشلارنى تۈگىتىشكە سىلەرنىمۇ بىر ياردەم قىلامدىكى دىگەن ئۈمىدتە بۇ يەرگە چاقىرتىشىمتى كەلگىنىڭىز ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن سىزنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان بالا ھەم لاياقەتلىك ئاكا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا ئىنىم مۇشۇ ئىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا قۇشىلامسىزكىن.
مۇئەللىمنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا ئويناقشىپ كەتتى. ھەمدە كۆزلىرىمگە مەنلىلىك تىكىلدى. مەن ئۇنىڭغا ماقۇللىقىمنى بىلدۇرگەندىن سىرت رەھمىتىمنى ئېيتىپ ئىنىمغا يېرىم كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ ئۇنى دادام بىلەن كۇرۇشتۇرگىلى ئاپىرىدىغىنىمنى ئېيتىپ بەسىرنىڭ قوللىرىنى ئالقانلىرىمغا ئالغان پېتى تىزلا بۇ ئۇقۇتۇش بىناسى ۋە مەكتەپتىن چىقىپ ئىنىمنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىمدىغىنىمچە ھاياجاندىن مەن بىلەن شۇنچە تىز قەدەملەرنى ئېلىپ ماڭغان ئىنىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدىم ئۇ دادام بىلەن ئىنتايىن خۇشال-خۇرام ھالدا قۇچاقلىشىپ كۇرۇشتى. بىز دادامنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن ئۆيگە قاراپ يول ئالدۇق. مېھىر مۇھەببەتنىڭ تەسىرىدىمۇ دادامنىڭ چىرايى خېلىلا ياخشى بۇلۇپ قالغان ئىدى. يەنە بىر نەچچە كۈن دوختۇرخانىدا يات دىگىنىمزىگە ئۇنىماي دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى. بىز بىردەمدىلا بۇ كۇنا ئەمما مېھرى ئىسسىق ئۆيگە كەلدۇق. بالىلار تېخى مەكتەپتىن كەلمىگەن بۇلۇپ ئۇلارنى ساقلاش كىرەكتى. دادامنىڭ بىردەم-بىردەم دەرىزىگە تىكىلىپ قېلىۋاتقان كۆزلىرى مىنى خۇشال قىلسا، توختىماي يوتىلىشى مىنى ئەنسىرەتمەكتە ئىدى. ئىنى-سىڭىللىرىم ئەمدىلا مېھىر مۇھەببەتكە ئېرىشەي دىگەندە دادامدىن ئايرىلىپ كىلىشىدىن قورقاتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىرەر يەردىن ئىش تېپىپ دادامنى داۋالىتىشنى قارار قىلدىم. ھەم بۇ ئۇيۇمنى دادامغا ئېيىتتىم.
ــ دادا سىنى داۋالىتايمىكىن دىگەنتىم.
ــ بولدى بالام مەن ياخشى نازىلە قىزىم كۇرۇنمەيدىغۇ؟
دادامنىڭ بۇ سۇئالىغا نىمە دەپ  جاۋاپ بىرەي ۋاپاسىز كىلىنىڭ كەتتى دەپ دىلىنى ئاغرىتايمۇ؟ ياق يۇشۇرالىشىمچە يۇشۇراي.
ــ ئانىسىنىڭكىدە دادا. بىرەر ئايغىچە كىلىپ قالارمىكىن؟
ــ ئۇرۇشۇپ قالمىغانسىلەر؟
ــ ياق دادا ئانىسىغا قارايمەن دەپ كەتكەن شۇ مەن ھويلىغا چىقاي.
ــ توختا بالام. مەندىن بىر ئىشنى يۇشۇرۋاتمىغانسەن؟
دادامنىڭ سۇئال نەزىرى بىلەن قاراشلىرى يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەندۇردى. قانداق قىلىش كىرەك؟ دادامغا دەيمۇ؟ ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەتتى. لېكىن دادام كېلىنىنى تېخىچە پەرشتە سۇپەت قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ــ ياق دادا ئۇنداق ئەمەس.
دادامنىڭ سۇئالىغا قىسىقىچىلا جاۋاپ بىرىپ باشقا گەپ قىلىشنى خالىمىغاندەكلا ئىتتىك ئۆزۇمنى ھويلىغا ئاتتىم. ھويلا تىپتىنىچ ئىدى. بىرەر كشىىنىڭ كىرىپ چىققىنىڭ ئىزناسىمۇ يوق بۇلۇپ ، ئىنى سىڭىللىرىم تېخى كەلمىگەن ئىدى. ئىنى-سىڭىللىرىم مەكتەپتىن كىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاپ قالغانسىرى ئەنسىرەشكە باشلىدىم. ئۇلار كۈندە مەن توك ئىدارىسىدىكى خىزمىتىمدىن چۈشۇپ ئېغىر قەدەملىرىمنى يۆتكەپ ئۆيگە كىلىپ بولغۇچە مەندىن بۇرۇن بۇ ھويلىدىن ئۇرۇن ئېلىپ ئائىلىمىزنىڭ خىلۋەتلىك چىرمىغان كۇرۇنىشىگە ئازراق بولسىمۇ تۇزۇتۇش بىرىپ ئۆز مېھىرلىرى بىلەن بۇ غېرىبانە كۇلبىمىزنى ئازراق بولسىمۇ جاندۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇلار ئائىلىمىزنىڭ ئېغىر يىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشتا ماڭا ھەمدەم بۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئانامنىڭ يوقلىقىنى  دادامنىڭ تۈرمىگە كىرىپ كەتكىنىنى چاندۇرۇپ باقمىدى. بەزى چاغلاردا سىڭلىم بەختىنىسا تېخى بىز ئاكىلىرىنى يىغلىتىپ قۇيىدۇ. ئۇنىڭ ھەر قېتىم « باشقا بالىلارنىڭ ئانىلىرى باركەن مىنىڭ ئانامچۇ؟» دىگەنلىرى ئاڭلىغىنىمدا يۈرەك باغرىمنى نەچچە مىڭ قۇرت غاجىلىغاندەك بىئارام بۇلىمەن. سىڭلىم تېخى ئانا مېھرىگە قانمىغان ئىدى. 1ياشتىن باشلاپ كۆرگىنى پەقەتلا بىز تېخى ئۇ ئانا سۈتىگىمۇ قانمىدى. ھامماممۇ ئۇنى بىرەر ئايدەك باققاندىن كىيىن « بۇ كىچىك شورپىشانەڭلاردىن جاق تويدۇم» دەپ سىڭلىمنى دۆشكەشلىكىنىدە ئىڭىكىدە ئويناپ قالغان بىر تەستىكىم بىزنى ئەڭ يېقىن تۇققىنىمىز سانىلىدىغان ھاممامنىڭ ھامىيسىدىن ئايرىدى. ئۇنداق تىللاپ ئۇرۇپ ئاش بەرگەن تۇققاندىن جاق تويغان ئىدىم.مانا ئەمدى ياخشى بولدى دادام كەلدى. ئۇلار دادامنى كۆرسە قانداق بۇلار؟  تۇيۇقسىزلا دادامنى كۆرسە ھەيران قالارمۇ شۇڭلاشقا ئۇلارنى خەۋەرلەندۇرۇش كىرەكتى. مەن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۇزۇش ئۈچۈن ئۆيدىن ئالدىراپلا چىقىپ مەھەللەگە قايرىلىدىغان دوقمۇشتا ئۇلارنى ساقلىدىم. بىر ئازدىن كىيىن قەدەملىردىن توپا تۇزۇتۇپ كىلىۋاتقان بىزنىڭ مەھەللىلىك بالىلار كىلىشكە باشلىدى. مەن ئۇلار ئىچىدىن ماڭا تۇنۇش بولغان ئىككى سىمانى ئىزدىدىم. ئۇلار كۇرۇنىدىغان قىلماتتى. مەن بۇينىمنى تېخىمۇ سۇزۇپ قاراشقا باشلىدىم. لېكىن ھېچ بىر باردەك ئەمەس.
ــ ئاكا بۇ يەردە نىمىش قىلسەن؟
تۇنۇش ئاۋازدىن چۈچۈپ كەينىمگە قارىدىم. ئۇماق سىڭلىم بەختىنىسانىڭ جاراڭلىق تېخى بالىلىقى كەتمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان تەمكىن ئاۋازى يەنىلا شۇ پىتى جاراڭلاپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ــ ھە سىنى ساقلاپ.
ــ بىز ئۆينى بىلەتتۇققۇ ئاكا.
ــ ئۇغۇ شۇ بەكىرچۇ؟ ئۇنىڭغا قارىدىم.
ــ تاڭاي مەنمۇ بىلمىدىم سىنىپىدا يوقكەن كىلىۋەردىمگۇ ئاكا.
ــ ھە بوپتۇ ماڭا ئۆيگە بارغاچ تۇر مەن بەكىر كەلگەندە باراي.
ــ ھە ماقۇل. سىڭلىم بەختىنىسا شۇنداق دەپلا ئۆيگە ماڭدى.
ــ ھەي توختا. بىر ئىشنى بىلۋال دادام قايتىپ كەلدى.
سىڭلىمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بولغان نەچچە قەدەملىرى توختاپلا قالدى.
ــ راسما؟
سىڭلىمنىڭ خۇشاللىق ۋە ئىشەنمەسلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا بىر ھازىغىچە قاراپ تۇرۇپ راس دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ تايچاقتەك سەكرىگەن پىتى ئۆيگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. مەنمۇ خۇشال بولدۇم. بىراق بەكىرنىڭ نىمىشقا ھازىرغىچە قايتىپ كەلمەيدىغانلىقى ئاچچىقىمنى كەلتۇرۇپ قويغان ئىدى. تەقەززالىق ئىلكىدە ئۇنى ساقلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ھازىرقى بىر مىنۇت ھەتتا بىر دەقىمۇ مەن ئۈچۈن شۇنچە قىممەتلىك بۇلۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۇنى ئىزدەش كىرەكمۇ ياكى ساقلاشمۇ؟ توغرا ئۇ كىچىك بالا ئەمەس قانداق قىلىشنى بىلىدۇ بەلكىم دوسىتلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر يېرىمدەم ھايال بۇلۇپ قالغاندۇ. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بەكىرنىڭ گۇمانلىق ئىش ھەركەتلىرى كۆپ ئىدى. سەھەر چىقىپ كەتسە كەچ كىرەتتى. مەن نىمىشقىمۇ ئاكىسى تۇرۇپ نەگە بارىسەن دەپ ئۇنىڭدىن سورىمىغاندىمەن. ئۇزۇمنى ئەيىپلىگەچ ئۇنى بىر كۈن ئاشۇ جىگدە تۈۋىدە ساقلىدىم. بىراق قاراڭغۇ چۈشكىلى خېلى بىر زامانلار بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق ئىدى. يا ئۆزى يوق يا سۆزى ئاچچىقىمنىڭ دەستىدىن ئاران تۇرغاندا ئۇنىڭدىن ئاخىرى خەۋەر كەلدى. ئۇ ئۆزىلا كەلمەي نۇرغۇن ساقچىلارنى بىرگە ئېلىپ كەلگەن بۇلۇپ، ئۇ بىرلىشىپ زەھەر چىكىش، زەھەر ئېلىپ سېتىشقا چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنىدىكەن. ھازىر كەلگەن ساقچىلار ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ ئاتايەن ئۆيىمىزنى تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىكەن. بەك ئاچچىقىم كەلدى. بىراق نە ئامال ياخشى تەربىيلىمىگەن ئوبدان قارىمىغان گۇناھ ئۇزۇمدە ھەمدە تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بالىغا چېپىلغىلى باشقۇرغىلى بۇلاتتىمۇ؟ دادامغا قارىدىم دادام مەندىنمۇ بەكراق جىددىيلەشكەندەك قىلاتتى.
ساقچىلار ئۆينى تەكشۈرۈپ گۇمانلىق بىرەر ئەھۋالنى بايقىمىغاندىن كىيىن بەكىرنى ساقچى ماشىنىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى. ياق بەكىرنى ئەمەس مىنىڭ يۈرىكىمنىڭ يېرىمىنى جېنىمنىڭ مادارىنى ئېلىپ كەتتى. دادام بولسا گەپ قىلماستىن بىر ئولتۇرغان يىرىدە ئۈچ تۆت سائەت قىمىر قىلماي ئولتۇردى. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال مەندىنمۇ ئېنى سىڭىللىرىمدىنمۇ بەكرەك دادامغا ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئۇ تېخى 5 يىل كۆرمىگەن ئوغلىنى بىر قېنىپ كۇرۇپ بولغۇچە بىر كىچە باغرىغا بېسىپ قانغۇدەك ھىدلىۋالغۇچە ئۇنىڭدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى. بۇ ئىشتا ئۆزۇمنى بەكمۇ گۇناھكار ھېساپلاتتىم. ئىنىمنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىغا بۇ ئۆينىڭ مۇڭلىنىپ قېلىشىغا ئۆزىمنى سەۋەپچىدەك ھېس قىلاتتىم نە ئامال ئىنىم كەتتى. ئۆزىلا ئەمەس بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئىناقلىنى خۇشاللىقىمىزنى بىرگە ئېلىپ جازا ئۈتەش ئۈچۈن كەتتى.


داۋامى بار ، داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.
بىرىنجى باب تۈگىدى. كىلەر قېتىم قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلاردىن كىيىن ئىككىنجى بابنى يوللايمەن.


ئەسكەرتىش:  بۇ ئەسەر خەلقىم مۇنبىرى، مىسرانىم مۇنبىرى، كەشمىر مۇنبىرى، ئۇقۇغۇچى مۇنبىرى ۋە يېشىل ئارال مۇنبىرىگىلا يوللىنىدۇ. ئەسەر ھۇقۇقى پۈتۈنلەي ئاپتۇرغا تەۋە

2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى



بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-9-23 17:59:38 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ،داۋامىنى كۈتىمەن ئەمسە.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

8

تېما

154

يازما

631

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 880
يازما سانى:
154
تىللا:
417
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-9-23 23:37:40 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ، داۋامىنى ساقلايمەن جۇمۇ …
قىز- ئاياللارنىڭ تەلىم - تەربىيسى ياخشى بولغان مىللەت گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ........ۋەتەننىڭ ئۈمىدى -بالىلاردا ، مىللەتنىڭ ئۈمىدى - ئانىلاردا .............

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-10-3 09:57:21 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت-ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-10-10 16:56  

ئەسەرنىڭ داۋامى --

مۇڭلانغان ئۆي

ئىنىمنى ساقچىلارنىڭ تۈتۈپ كەتكىنىگە بىر ھەپتە بۇلاي دىگەن بولسىمۇ تېخىچە يا سوتنىڭ چاقىرىقى ياكى رەسمى قولغا ئېلىش بۇيرىقى ئۆيىمىزگە كەلمىدى. دادام بولسا كۈندە يولغا چېقىپ ئاشۇ دوڭغاق جىگدە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئىنىمنى كۇتكىنى كۈتكەن ئۇنىڭغا ھېچقايسىمىزنىڭ گەپلىرىمۇ كار قىلماتتى. ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئايمۇ بۇلۇپ قالدى. قۇلىمىزغا ئاخىرى سوتنىڭ قەغىزى كەلدى. بۇنىڭدا پەقەت مارت ئايلىرىنىڭ ئاخىرلىدا ئىنىم ۋە ئۇنىڭ دوسىتلىرىغا سوت ئېچىلىدىغانلىقى شۇڭلاشقا سوتقا قاتنىشىمىز كىرەكلىكىلا يېزىقلىقكەن. بۇ تېخى مارت ئايلىرىنىڭ بېشى بۇلۇپ ئاخىرىغىچە قانداقمۇ چىدارمىز؟ ئېتىزغا كۆچەت تىكىش دىگەندەك ئىشلارمۇ بەسىر بىلەن دادامنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇلارغا ياردەملىشەي دىسەم دادام « سەن ئىنىڭنىڭ ئىشىنى ئۇقۇش يا بولمسىا خىزمىتىڭگە بار» دەپلا قۇلۇمنى پەقەت ئىشقا ئاپارغىلى قويمىدى. شۇنچىلىك ئەنسىرەشلىرىمىزنى بەكىرنىڭ بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقى بىزگە مەلۇم بىراق ئۇنىڭ ھەرگىز زەھەر ساتمايدىغانلىقى مەن ئوبدان بىلمەن ئۇنىڭ بۇ ئىشلارنى تېخىچە مەكتەپتىلەر ئۇقماتتى. ئەگەر ئۇلار ئۇقۇپلا قالسا كىيىن ئىنىمنى كەمسىتىسى ھەتتا مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا ئۇنى ئاغرىپ قالدى دەپ 1 ئايلىق ئالغان رۇخسەتنىڭ توشقىنىغىمۇ خېلى بوپ قالدى. بەكىر ئۇقۇۋاتقان مەكتەپ تۈزۈمى چىڭ ھەم ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئۇقۇش تەييارلىقىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاچقا بالىلار رۇخسەتسىز مەكتەپتىن ئىككى ھەپتە قالسا ھەيدىلەتتى. مەن ئىنىمنىڭ تەقدىرىنىىڭ مۇنداقلا تۈگىشىپ كىتىشىنى كىيىن مەندەك بىر ئاددىي دېھقان بۇلۇپ ئېتىزدا جاپا تارشىنى خالىماتتىم. مىنىڭ خىزمىتىم بولسىمۇ ئۇ خىزمەت بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا بۇلۇپ ئىدارىدە بولاي بولماي ھېچ كىشىنىڭ كارى يوق ئىدى. خالىمىساممۇ نە ئامال ئەگەر مەكتەپتىن ھەيدىلىپ قالسا ئەلۋەتتە بولماتتى. مەن ئىنىمنىڭ مەكتىپىگە قاراپ يول ئالدىم. مىڭ بىر تەسلىكتە ئامانلىق قوغدىغۇچى نىڭ روخسىتىنى ئېلىپ مەكتەپكە كىردىم. بەكىرنىڭ سىنىپ مەسئۇلى سەل پاكارراق كەلگەن بۇرۇن مىنى ئۇقۇتقان گۇلباھار مۇئەللىم ئىدى. بىز تۇنۇشقاچقىمۇ ئۇنى تىزلا تاپتىم. ئۇ مەيداندىكى ياغاچ ئۇرۇندا ئولتۇرۇپ يېنىدىكى بالىلارغا بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۇرىۋاتقان ئىكەن. ئاستا يېنىغا كەلدىم.
ــ ياخشىمۇسىز؟ مۇئەللىم.
گۇلناز مۇئەللىم بېشىنى ئاستا بۇراپ سىنچى كۆزلىرى بىلەن ماڭا بىر قۇر سېپ سالدى. ئۇنىڭ كۆككە مايىل كۆزلىرىدە ھەيرانلىق مانا مەن دەپ ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.
ــ ۋوي بەختىيارغۇ بۇ! قانداق ياخشىمۇسەن.
مەن بۇ مۇئەللىم بىلەن خېلى ئوبدان تۇنىشاتتىم. ئۇ مىنىڭ تۇلۇقسىزدىكى سىنىپ مۇدىرىم ھەم ئەڭ يېقىن سىردىشىم ۋە دىلكىشىم ئىدى. بىز خېلى ئۇزۇن بۇرۇنقى ئىشلار ۋە ساۋاقداشلىرىم مىنىڭ تۇرمۇشۇم ئۇقۇتقۇچۇمنىڭ سالامەتلىكى تۇغرىلۇق پاراڭلاشتۇق. پاراڭ مىنىڭ تۇرمۇشۇم ئۈستىدە بۇلىۋاتقاندا شۇنچىلىك ئازاپلاندىم، قەلبىمدىكى مۇڭنى دەرت ھەسرەتنى غەيرىتىم تاغلىرى بىلەن باستۇرۇپ قۇيۇپ دادامنىڭ ئانامنىڭ ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغىنىنى تېخى يېقىندىلا تۇرمىدىن چىققىنى ئېيىتتىم. مۇئەللىم ماڭا مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرغان سۆزلىرى بىلەن كۆڭلىمگە تەسەللى بەردى. خۇددى ئۆز ئانامدەك بېشىمنى سېلاپ باغرىغا باستى. بۇ مۇئەللىم بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگىنىگە تېخى ئۇزۇن بولمىغان بۇلۇپ ئەڭ قىززىق يىرى يەنە مىنىڭ ئىنىمنىڭمۇ سىنىپ مۇدىرى بۇلۇپ قالغانلىقى ئىدى. مەن ئۇنى تۇلۇق چۈشىنەتتىم تا ھازىرغىچە تېخى بىرەرمۇ بالا يۈزى كۆرمىگەن بىلەن مېھرىبانلىقتا باغرى يۇمشاقلىقتا بۇ مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئۇقۇتقۇچى يوق دەپ ئويلاتتىم. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي تېخى بۇرۇن مەكتەپ بۇيىچە ھەممە قۇرقۇدىغان ئۇقۇتقۇچىلاردىن ئىدى. ئۇپا ئەڭلىكتىن يىراق يۈزى ھەم سۈرلۈك ھەم مېھىرلىك ئىدى. مەن گۇلناز مۇئەللىمدىن يۇشۇرماي بەكىرنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىتىم. گۇلناز مۇئەللىم ماڭا بىر ئاي رۇخسەت بىرەلەيدىغانلىقىنى ئامال قىلىپ بەكىرنى تىزراق مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلىشىم كىرەكلىكىنى قايتا-قايتا تاپىلىدى ۋە ئۆيىمدىكىلەرنىڭ ئەنسىرەپ قالماسلىقى ئۈچۈن مىنى تىزلا يولغا سالدى.
كىتىۋاتىمەن. كىتىۋاتىمەن قەدەملىرىم شۇنچىلىك ھارغىن كەچكى شەپەقنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى يۈزلىرىمنى پۇتۇن بەدىنىمنى ئوتتەك قىززىتماقتا. قۇياشنىڭ ئاستا-ئاستا تاغلار كەينىگە پېتىشىغا قاراپ خىياللار بىلەن كىتىۋاتىمەن. كارۋانلار كەبى بۇ ئۇزۇن تۇرمۇش يولىدا تەمتىرمەي يېقىلماي يارلانماي بىر كىشىگە يېلىنماي ھەقىقى بىر ئۇغۇل بالىدەك ياشاپ كىتىشنى ئويلاتتىم. بىراق مۇشۇ قۇياشنىڭ پېتىشى كەبى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن تۇرمۇشۇم مىنى يەنە قاچىنغىچە يېقىنلىرىمدىن ئايرىپ مىسكىن كۆڭلىمنى ئاغرىتىپ قەلبىمنى پايخان قىلار. دادامنىڭ تۇرمىدىن چىقىشى  ئىنىمنىڭ كىرىپ قېلىشى ئائىلىمىزگە كۆز تەككەندەك بىرەرسىنىڭ قارا قۇلىنى بىزگە سۇنغاندەك خاتا تۇيغۇغا كەلدۇرۇپ قويدى. بىزگە قارا قۇلىنى سوزغان كىم؟ توغرا مەن بىلىمەن ئۇ دەل رەزىل تەقدىر ئەگەر تەقدىر مىنى ئانامدىن ئايرىمىغان شۇ سەۋەپلىك دادامنى تۇرمىگە تاشلىمىغان بولسا ئىدى. ئىنىمنىڭ تەقدىرىمۇ بۇنداق بولماس ئىدى. بۇ ئىشلاردا ئۆزىمنىڭ بىر كىشىلىك گۇناھىمنىڭ بارلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ قۇلىمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشنى ئويلىساممۇ بىراق ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىم ئىنىق. لېكىن يەنىلا تېرىشىپ بېقىشنى تىرمىشىپ بېقىشنى ئويلىدىم. ئەتىلا ئىنىمنىڭ ئاشۇ چىكەرمەن دوسىتلىرىنىڭ ئائىلىسىدىن ئەھۋال ئىگەللەپ باقاي ئۇلار بىرەر خۇش خەۋەر بىلەن تەمىنلىسە ئەجەپ ئەمەس. خىيال بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ئۇيگە كېلىپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن. دادام يەنە ئاشۇ دوڭگاق جىگدە تۈۋىدە ئىنىمنىڭ كىچىكىدە ئوينىغان ئۇيۇنچۇقلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ كۆڭلۇم باشقىچىلا بىر خىل بۇلۇپ قالدى.
ــ دادا، بولدى كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما. ئىنىمنى چۇقۇم تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىمىز خاتىرجەم بۇلە دادا. ــ دادامنى قايتۇرۇپ كەلگەندىن بۇيان بىرەر قېتىم چىن بالىلىق مېھرىم بىلەن دادا دىگىنىم ئىسىمدە يوقتى. مانا بۈگۈن دادا دىدىم زىممەمدىكى بىر ئېغىر يۈكنى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك خۇشال بولدۇم.
ــ سەن بىلمەيسەن بالام؟ــ دادام كۆزلىرىدىكى ئەندىكىنى مەندىن قىلچە يۇشۇرماشتىن يانچۇقىدىكى مۇخۇركىسىدىن ئازراق ئېلىپ بىر يۆگەپ چىكىۋالغاندىن كىيىن ــ تۈرمىنىڭ تامىقى ئۇ يەردىكى غېرىپلىق دىلدىكى دىشۋادارچىلىق كىشىنى قېينايدۇ بالام. ئۇنىڭ كىچىك تۇرۇپلا يۈرەك باغرىنىڭ ئېزىلىپ كىتىشىگە چىدىمايمەن. تېخى ئۇ بالا ئەمدىلا ھاياتنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتىنى كۇرۇشكە تەييارلانغان كىچىك بىر تەن ئوغلۇم.
دادامنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ ئانامنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بۇلۇپ بىزنى تەربىيلىيەلمىگىنىدىن خېلىلا ئۇكىنىدىغىنىنى پۇشايمان قىلىدىغىنىنى بىلىپ يەتتىم. بىراق مەندە نە ئامال دادامنى كەچۈرۈشتىن باشقا ئىلاجىم ئامالىم يوق. ئۇنىڭغا بۇندىن كىيىن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ھەققى بىر پەرزەنىتلىك مېھرىمنى بۇرچۇمنى ئادا قىلىشقا ئۆز-ئۆزۈمگە قەسەم قىلدىم.
دادامنى جىگدە تۈۋىدىن قايتۇرۇپ كىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم. بەسىر-بەختىنىساغا تاماق قىلىپ بىرىپ ئۆز ئورنۇمغا كىلىپ ياتتىم. خىياللار مىنى يەنە ئۆز ئىلكىچە ئېلۋالغان بۇلۇپ ھېچ يىراق بۇلالمايۋاتاتتىم. خىياللار بىلەن بۇلۇپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم ئىسىمدە يوق.
تاڭ سەھەر خۇرازلارنىڭ ئەنسىز چىللاشلىرى مىنى ئويغاتتى. ئورنىمدىن تۇرۇپلا يۈز كۆزىمنى چالا-پولا يۇيۇپلا ئىنىمنىڭ ئۇلپەتداشلىرى مەكتەپتە يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم. ئالدى بىلەن ئىنىم بىلەن دائىم ئوينايدىغان ئەمەتنىڭ ئۆيىگە باردىم ئۇ ئۆيدە يوق بۇلۇپ چىقتى، ئىنىمنىڭ باشقا دوسىتلىرىنىڭ ئۆيىگىمۇ باردىم ئۇلارمۇ دىيىشىۋالغاندەكلا بىرخىل قىلىپ « بىزمۇ بالىلاردىن ئەنسىرەۋاتىمىز» دەپلا جاۋاپ بەردى. بىر كۈنلىك ئۇرۇنىشلىرىم بىكارغا كەتتى. كەچقۇرۇن ئۈمىدسىزلىك ئىلكىدە ئۆيگە قايىتتىم. ئەمدى مەندە يەنە كىلىشكە ئازلا قالغان بىر ھەپتىنى ساقلاش كىرەكتى. سەۋىر تاقىتىمنىڭ يەنە بىر ھەپتە بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىغا يۈرىكىمنىڭ يەنە  بىر ھەپتە بىرەرسى ئامبۇردا قىسقاندەك ئاغرىشلىرىغا چىدىشىم تەس ئىدى. بىراق ئىنسان دىگەن ئاجايىپ نەرسە ئىكەن. مەن ئانامدىن ئايرىلىشقا كۈندۇم دادامنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈشكە كۆندۇم. بۇ كىچىككىنە ئەتلىمە گۆشلۈك يۈرىكىم بۇ ئازاپلارغا كۈندى. يەنە چىدىدى يا يېرىلىپ كەتمىدى ۋە يا بىر يولىدا كاردىن چىقمىدى.چىدا يۈرىكىم چىدا يەنە بىر ھەپتە چىدا تىمتاس قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يۈرىكىم شۇنداق خىتاپ قىلدىم.
ئاخىرى بىز كۈتكەن شۇ سوت كۈنىمۇ كەلدى. سوتقا قانداق كەلگىنىم ئسىىمدە يوق پەقەت دادامنىڭ ئىنىمنىڭ سىڭلىمنىڭ مىنىڭ خۇش خەۋىرىمنى ساقلاۋاتقانلىقىلا يادىمدا. سوت زالى تىمتاسلىققا چۆككەن ئىدى.
ـــ جاۋاپكار بەكىر ئەختەر، ئەمەت نىزامىدىن قاتارلىقلار ئېلىپ كىرىلسۇن.
باش سوتچىنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇرۇقلاپ بىر تىرە برى ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ئىنىم ۋە باشقا جىنايەتچىلەر ئېلىپ كەلدى. ئىزچىل ئۆزۇم سوتتا بولساممۇ قۇلىقىمنىڭ سوتچى، ئەيىبلىگۈچى، ئاقلىغۇچى قاتارلىق سوت كادىرلىرىنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلاشقا ھەپسىلىسى يوق. كۆزلىرىم پەقەت ئىنىمنىڭ ئەتراپىدا. پەقەت سوت ئاخىرلىشاي دىگەندە ئاندىنلا ھۇشۇمنى يىغىپ ئەقىل ھۇشۇمنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كەلدىم.
ـــ تۆۋەندە قارارنامە ئۇقۇپ ئۆتىلىدۇ. جاۋاپكار ئەمەت نىزامىدىن، سەمەت سالىلار زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇنلانغانلىقى ئۈچۈن 35 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى. بەكىر ئەختەر، ئىلھام نۇرمەمەت قاتارلىقلار بۇ ئىشتا يىڭىدىن كىرگەن ھەم جىنايىتىنى تۇنۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىلىپ زەھەر تاشلىغاندىن كىيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسا بۇلىدۇ.
سوتچىنىڭ سۆزلىرى مىنى بىر تاغنى ئالتۇن قىلىپ بەرگەندىنمۇ بەكرەك خۇشال قىلدى. مەن بۇ خۇشخەەرنى دادامغا يەتكۈزۈش ئۇچۈن تىزلا ئۆيگە قايىتتىم. ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بۇلۇپ خۇشاللىق ياشلىرىنى ئاققۇزۇشتى. بىز خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئىچىدە بەكىرنى كۈتىۋاتقان كۈنلەردە ئائىلىمىزگە يەنە بىر پىشقەنلىك يۇلۇقتى. مىنى نامرات كۇرۇپ مەندىن يىراقلاشقان ئۇماق قىزىم نازاكەتنى يىتىم قىلىش ئورنىغا ئۆزىنى بەخىتلىك قىلىش ئارزۇسىدەك بايلار بىلەن توي قىلىپ بىرەر بايغا ياتلىق بۇلۇش ئۈچۈن ئۆز ئارزۇسىغا ئاساسلىنىپلا ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن مىنىڭ ئۇتىنىشلىرىمگىمۇ سىڭلىمنىڭ يىغىسىمۇ پەرۋا قىلماي كەتكەن بۇ ئائىلىدىن قىسقىسى يىڭىلا ئانامدىن ئايرىلغان 4 ياشلىق سىڭلىمدىن ئايرىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ يۈزىنى مەھەللىمىزدە يەرگە قاراتقان بىزەڭ ئايالىم نازىلە دادامنىڭ ۋاپاسىز كىلىنى ئىشىك ئالدىمىزدا پەيدا بۇلۇپ قالدى.
ـــ كىلىڭ كىلىن بالام؟
دادام تېخىچىلا ئىشىك ئالدىدا قىزىم نازاكەتنى تۇتۇپ تۇرغان ئايالىمغا شۇنداق دەپ يېنىدىن ئۇرۇن كۆرسەتتى. مىڭ ئەپسۇس دادام ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇشقا لايىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئاللىقاچان بىزدىن تىنىپ كەتكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمىگەنىدى.
ــ ئۆيىڭلەرگە ئولتۇرۇپ كەتكىلى ئەمەس بۇ بالىنى قۇيۇپ قويغىلى كەلدىم. ئويلاپ باقسام مەن بۇ ئۆيگە بالا كۇتۇرۇپ كەلمىگەن ئىكەنمەن. ئۇغۇللىرى مىنى بەخىتلىك قىلالمىدى. ئەمدى بولسىمۇ بەختىمنى تېپىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئاجراشقىلى 2 يىل بولاي دىدى. نازاكەتمۇ 3 ياشقا كىرىپ قالدى بېقىپ كىتەلەيدۇ. بۇ كەمبەغەل شۇڭا ئەمدى ئۇنى دادىسىمۇ باقسۇن دەپ ئېلىپ كەلدىم.
توۋا دەيمەن بىر ئانا بىر ئايال كىشى تۇرۇپ ئۆز باغرىدىن چىققان بىر بالىنى قانداقمۇ ئەزەلدىنلا يۈرىكى تاش دەپ ئىپادىلىنىپ كەلگەن بىر ئەرگە بەرگۈسى كىلىدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى گۆشمۇ ياكى پۇل ئۇچۇنلا تىكىلگەن خورجۇنمۇ بۇنى ئايرىپ ئولتۇرۇشقا ھەپسىلەم يوق. مىڭەمدىن بىر ئاچچىق تەپتى.
ــ شۇنداقمۇ مەن تېخى قايسى دورىنى خاتا يەپ كەپ قالغاندۇ دەپتىمەن.
ــ ئۇھۇش سىز بىر قاچان مىنىڭ دورىنى خاتا يىگىنىمنى كۆرگەن.
ئۇ شۇنداق دىگەچ بەك سەت ھېجايدى ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ماڭا بىرەرسى يىغلاۋاتقاندەكلا بەك بىجارە تۇيۇلدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىنى ئەزەلدىن كۇرۇپ باقماپتىمەن. شۇنچە ئۇماق گۇزەل چىھرى ئۇپا ئەڭلىكنىڭ دەستىدىنمۇ ياكى يولدا كەلگۈچە دۇم چۇشۇپ تۇپىغا مىنىلىپ كەتتىمۇ. چىرايىنىڭ نۇرى ئۆچكەن ئىدى. ئۇ كۆپكۆك كۆزلىرى بىلەن ماڭا شۇنداق سەت ئالىيۋېتىپ تېخىچىلا چىڭ يېپىشىپ تۇرغان قىزىم نازاكەتنى سىلكىشلەشكە باشلىدى.
ــ تۇرە شۇ قانداق نىمىسەن سىنى باقىمەن پوق سۇيدۇكلىرىڭنى ئادالايمەن دەپ ياشلىقىم ئۆتۇپ كەتتى. ئەمدى بولسىمۇ داداڭ بىلەن ياشا تەتۇر پىشانە.
ئايالنىڭ سۆزى يۈرىكىمگە تەگدى قىزىم بوسلا ھېچ نەرسىنى ئاڭقىرالمىغاندەك بۇ بۇلۇمسىز ئانىسىغا چىڭ يېپىشىپ يىغلاپ تۇراتتى.
ــ نىمە دەۋاتىسەن؟ شۇ ئىسىڭدە بولسۇن نازاكەت مىنىڭ قىزىم ئۇ سىنىڭ تويغان تەتۇر پىشانەڭ ياكى ساڭا خار بولىدىغان بىرسى ئەمەس سەن كىتىۋەرگىن سەندىكى تاش يۈرەل بولسا مەندىكى يۈرەك گۆش ھېچ بولمىسا سەندەك باي خېنىمنىڭ نەپسىنى قاندۇرالمىغان بۇ ئائىلەمدە بۇ قىزىمغا بەرگۈدەك ئاش-ئۇزۇق بار. ھالالدىن تاپقان. ئۆزۇم ئەجىر قىلغان پۇللىرىم بىلەن بالامنى بېقىپ كىتىش قۇلۇمدىن كىلىدۇ. سەندەك بىر ئانىغا بالىغا بولمىغان مۇھەببەت يوق بولغان يەردە ئەلۋەتتە ئادىمىلىكىڭمۇ يوقىدىغۇ شۇڭا ئەمدى قىزىم بار دەپ ئويلىما بۇ ئائىلە ئىككىنجى قەدەم باسما بىز سىنى قارشى ئالمايمىز. سەندىن جىق تويغان بۇ ئائىلە سىنى قارشى ئالمايدۇ. يوقال.
ــ ئاڭلىدىلىمۇ دادا ئۇغۇللىرى مانا مۇشۇنداق ئەمەسمۇ؟ ھېچ بولمىسا گۇناھىنى تۇنىسا بۇ ئۆيدە تۇرۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. مەدەنىيەتسىز دىگەننى زە.
گۇناھىنى تۇنۇيمىش تېخى سەن ئۈچۈن ھېلىغۇ گۇناھىمنى تۇنۇشكەن سىنى كەچۇرۇشمۇ قاچانلا قارىسا ئۇپا ئەڭىلكتىن نۇرى ئۆچكەن يۈزىڭگە قاراشقىمۇ رايىم يوقلىقى ساڭا ئايان ئىدى.
ــ تولا چىشىمغا تەگمەي يۇقىلە.
سۆزلىرىم زەردە بىلەن چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك دادام بىردە ماڭا بىردە ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭ ۋېقىپ تۇراتتى.
ــ ئەجەپ گەپلىرى چوڭغۇ ئۆزلىرىڭ خاتىرجەم بولسىلا بۇيۇمچىلىك ئالتۇن بەرسىلىمۇ بۇ ئۆيلىرىدە تۇرمايمەن. ئۇ شۇنداق دىگەچ غازنىڭ بوينىدەك ئىنچىكە بوينىنى تولغاپ قويدى.
ــ ھە مۇنداق دە بۇيۇڭچىلىك ئالتۇن تۈگۈل تۈگمىچىلىك كۇمۇشمۇ يوق ساڭا شۇڭا قەدرىڭنى قىلغاننى بىلىپ تىز كۆزۇمدىن يوقال.
ــ ھەيدىمىسەڭمۇ كىتىشنى بىلىمەن؟
ــ قىزىم نىم بولدى ئۇنداق قىلماڭ ئۇ ئاچچىقتا شۇنداق دەۋاتىدۇ. خاپا بولماڭ بۇ بالا بۇ ئۆي سىزگە مۇختاج بەختىيارنىڭ ئانچىكى گەپلىرىنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ بۇلامدۇ؟
ــ ئۇ ماڭا مۇختاجمۇ بىراق مەن بۇ ئائىلىدىكەردىن قورقىمەن. چوپچوڭ ئەركىسى بولغان سىلىمۇ قېينانامنى ئۆلتۇرۋەتكەن يەردە بۇنى مىنىمۇ ئۆلتۇرۋەتمەيدۇ دەپ كىم كىپىل بۇلالايدۇ.
ۋۇجۇدۇمدا نەدىن كەلگەن كۈچلىكىنى بىلمەيمەن. بارلىق كۈچۈم بىلەن ئۇنىڭ تەستىكىگە بىر تەستەك سالدى. ئىڭىكىگە تەككەن بىر تەستەڭنىڭ زەربىسىدىنمۇ ئۇ يىقىلدى.
ــ نىمە داۋاتىسەن. يوقال.
ــ سىنى بوش قۇيۋەتمەيمەن بەختىيار قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن بەدەل تۇلەيسەن؟
ــ قۇلۇڭدىن كەلگەننى قىل.
ئۇ تەستەك زەربىسىدىن قىزارغان يۈزلىرىنى توتقان پېتى ئىشىككە قاراپ ماڭدى.
ــ ئانا....
باياتتىن بىرى بىر چەتتە يىغلاپ تۇرغان بىچارە قىزىم نازاكەت ئانىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئاران تەستە ئۇنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈلگۈردۇم.
قىزىمنى تۇتىۋالغان بولساممۇ ئۇ قۇلۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا ئورىناتتى، ئاخىرى كۈچى يەتمەي قۇلۇمنى بىر چىشلەپلا ئانىسىنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشتىم. قىزىم ئانىسىنى چاقىرغا`چ توختىماي يۈگرەتتى. مەن بىردەمدىلا ئۇنىڭغا يىتشۋالدىم. ئۆيگە قايتۇرۇپ كىرگەن ۋاقىتتىمۇ قىزىم يىغلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يىغىسى ھېچ توختايدىغاندەك قىلماتتى. قىزىمنىڭ يىغىسى يۈرەك باغرىمنى ئىزىۋەتتى. دادام بىر نەرسىنى سورىماقچى بولغاندەك يىنىمىزغا كەلدى. بىراق ھېچ نەرسە دىمەيلا كىتىپ قالدى بەلكىم ۋاقتى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەندۇ. بۇلۇپمۇ بۇ كەيپىياتىمدا ماڭا ھېچقانداق گەپ چىرايلىق ئاڭلانماتتى. بۇلۇپمۇ سەن يەنى ۋاپاسىز ئايالىم سەن توغرىلۇق سۆزلەر ماڭا قاباھەتلىك چۈشتىكى ئالۋاستىنىڭ سۆزىدەكلا ئاڭلىنىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇنىڭغا سەۋەپسىزلا مىنى تاشلاپ كىتىشىڭ ۋە قىزىمىزنى قېينىشىڭ سەۋەپ بولغان ئىدى.
كەچمۇ بولدى سىنىڭ قەلبىمدە قالدۇرغان ئىزىڭدەك قاراڭغۇ بىر نىدا پۇتۇن جاھانغا ئۆز ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى. قىزىم يەنىلا مىشىلداپ تۇراتتى. ساڭا بولغان نەپرىتىم بارغانسىرى ئاشتى.  قىزىم مەن بىلەن بىرگە ئۇخلىدى. يېنىمدا تاتلىق پۇشۇلداپ ياتقان ىزىمغا قاراپ مەسىتلىكىم كەلدى. ئۇ ساڭا ئوخشاتتى. ئۇنىڭغا قارىغانسىرى بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم پاتىمە يەنى سىنىڭ كۈشەندە ھېساپلايدىغان ھېلىقى قوشنىمىز ئىدى. ئۇ دائىملا بالىمىزنى كۆرگىلىمۇ ياكى سەن بىلەن بىرەر يېرىمدەم ئولتۇرۇپ دەردىنى تۆككىلىمۇ ئەيتاۋۇر ئۆيىمىزگە مېھمان بۇلۇپ كىرىپ تۇراتتى. ئۇ كەلسىلا قاپىقىڭنىڭ ئېچىلماسلىقلىرى كۆزۇمگە سىغماتتى. سەن ئاڭلىمىغانمۇ نازىلە «دۈشمىنىڭنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگۈدەك جۇرئىتى بولسا، ئۆيگە تەبەسسۇم بىلەن باشلىغۇدەك جۇرئىتىڭ بولسۇن» دىگەننى. قىززىق ھە بۇ ئىشلارنى ئويلاپ نىمە قىلىمەن. يەنىلا قىزىمنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىنى تاماششا قىلغىنىم تۈززۈك ئىدى.
ــ بالام
دادامنقى ئاللىقاچان ئۇخلاپ بولدى دەپ ئويلىسام تېخىچىلا شەپەرەڭدەكلا يۈرۈپتىغۇ سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم.
ــ تېخى ئوخلىمىدىڭما دادا.
ــ ياق بالام ئۇيقۇم كەلمىدى سەن بىلەن بىردەم مۇڭدىشايمىكىن دىگەن.
دادامنىڭ نىمە دەيدىغىنى ماڭا ئىنىق ئىدى. بىراق مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىلۇق پاراڭلاشقۇم ئەسلا يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ بىر قېتىم جاراسەتلەنگەن قەلبىگە قايتىدىن ئۆز بالىسى تۇرۇپ ئازار بەرگۈم يوق بولغاچقىمۇ بۇ سۆھبەتنى ياقتۇرمىساممۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش ئۈچۈن ھويلىغا يەنى ئۇيىمىزنىڭ يازدىكى ئەڭ راھەت جايى ھويلىدىكى ئۈزۈم تىلى بارىڭى ئاستىغا قۇيۇلغان كىچىككىنە كارۋاتقا كىلىپ جايلاشتۇق. دادام بىردەم ماڭا قاراپ تۇرۋەتكەندىن كىيىن كۆزلىرىنى تىزلىكتە مەندىن ئېلىپ قاچتى. ھەمدە ئېغىر بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كىيىن:-
ـــ سەن بىلەن بۇگۈنكى ئىشلار توغرىلۇق پاراڭلىشىشنى خالامسەن؟
ــ بولدۇ دادا.
ــ ماڭا قارا بالام سەن بۇ بالىنى بېقىپ كىتەلەمسەن.- دادام بارماقلىرى بىلەن تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان نازاكەت بار ئۆينى ئىما قىلدى. ھەم گېلىنى قېرىپ ھۆتىلىپ قۇيۇپ ــ بالا دىگەن ئانا مېھرىسىز چوڭ بولسا بولمايدۇ بالام. ئۇنىڭغا ھەر قانچە كۇيۇنگىنىڭ بىلەنمۇ ئانىسىدەك ئوبدان قارىيالمايسەن شۇڭا مەن ساڭا نەسىھەت قىلغىلى كىردىم. سىڭلىڭ بەختىنىسا ئانا مېھرىسىز چوڭ بولدى. قىزىڭ يەنى مىنىڭ نەۋرەم نازاكەتنىمۇ ئۇنداق چوڭ بولسۇن دىمەيدىغانسەن شۇنداقمۇ؟ شۇڭا ئوغلۇم خالىساڭ نازىلەخاننى قايتۇرۇپ كىلەيلىمىكىن.
دادامنىڭ دىلىغۇللۇق ئىچىدىكى سۆزلىرى چىراي ئىپادىلىرى يۈرەك باغرىمنى ئەزدى بىراق مەن بۇنىڭغا نىمە دەي دادا كىلىنىڭ پۇلنىلا دەيدۇ ئۇماق قىزىنىڭ سىڭلىمنىڭ ئاھۇ زارلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىبىر دەمدىم ياكى مەن ئۇنىڭدىن تويدۇم دەمدىم. كۆز ئالدىمدىن ئايالىمنىڭ ئىشلىرى بىر-بىرلەپ ئۆتۇشكە باشلىدى.
ـــ جىمىپ كەتتىڭغۇ؟.......
دادام خىياللىرىمنى بولدى.
ــ بولدى دادا ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇلالمايمەن. قىزىمنى ئۆزۇم بېقىپ چوڭ قىلىمەن.
ــ لېكىن بالام.
ــ بولدى دادا بولدى قىل. – زەردە بىلەن دادامنىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تەپتىم. – ئۇنى بېقىپ كىتەلىشكە ئىشەنچىم بار دادا ئەمدى ئۇخلا بۇ توغرىلۇق پاراڭلاشمايلى ھە راس ئەتە بەكىرنى ئالغىلى بارىمىز دادا. بالدۇرراق ئارام ئالغىن.
ــ ماقۇل بالام.
دادام كەينىگىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى. بەلكىم كۆزلىرىدىكى ئەلەم ياشلىرىنى ماڭا كۆتسەتكۇسى كەلمىگەندۇ. ئەتە ئىنىم چىقىدىغان كۈن دادام ئەلۋەتتە خۇشال بۇلىشى كىرەك ئىدى. مەن يەنە قىزىمنى باغرىمغا بېسىپ بۇ ئازاپلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن تېخى ئۇيقۇ دەرۋازىسىنى چەكمىگەن كۆزلىرىمنى مەجبۇرىي يۇمدۇم. لېكىن يۇمۇش بىلەن ئىش ھەل بولسىدى كاچكى. نە ئامال كەلمىگەن ئۇيقۇمنى كەلتۇرۇپ زورىغا ئۇخلىدىم.
تاڭ سەھەر يەنىلا كۇندىكىگە ئوخشاش مۇدھىش داۋاملاشماقتا. توۋا دەيمەن. نىمە ئۈچۈنمۇ كۈنلىرىم بۇرۇقتۇرمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىدىغاندۇ مەن ئەسلى خۇشال بۇلۇشۇم ئىنىمنىڭ چىقىدىغىنىغا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ جەم بۇلىدىغىنىغا خۇشال بۇلۇشۇم كىرەكتى. مەن ھارغىن قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا باردىم. خېلى ئۇزاقتىن كىيىن ئىنىم چىقتى. بىز يىغلاپ قۇچاقلىشىپ كۆرۇشتۇق. ئىنىمنى ئېلىپ ئۆيگە كەلگىنىمدە دادامنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۇلگەن ياشلار قەلىب قەسىرىمنى يەنە بىر قېتىم يارا قىلىپ ئۆتتى.
ــ بولدى دادا يىغلىما بىر ئوبدانلا قايتىپ كەلدىغۇ مانا.
ــ توغرا بالام قېنى تاماق ئەتكىن ياق بازاردىن يەيلى ئىنىڭنى ئوبدانراق مېھمان قىلايلى.
بىز ئىنى-سىڭىللىرىم كەلگەندىن كىيىن يېزا بازىرىغا چىقىپ تامىقى تاززا ئوخشايدىغان  بىر تىز تاماقخانىغا كىرىپ غىزالانماقچى بۇلۇپ، تاماقنى بۇيرۇتۇپ بۇلۇپ ئولتۇردۇق. ياندىكى ئۇرۇندىكى ياش بالىلارمۇ تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن بىزگە خۇددى يەۋېتىدىغاندەك قاراپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرىدىن سەل ئەجەپلەنسەممۇ يەنىلا چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئالدىمغا قۇيۇلغان چاينى ئۇسسىمىغان بولساممۇ ئوتلىغاچ ئولتۇردۇم. ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل خاتىرجەملىك چىقىپ تۇراتتى. بىراق بەكىر بولسا ھېلىتىن –ھېلىغا ئولتۇرالماي قالغان ئىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىگە بېرىپ قىلىشنى باھانە قىلىپ كىتىپ قالدى. شۇ پەيىتتە مەن ئۆزۇمنىڭ كۆرگىسى يوق بىر سىمانى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇ دەل ئايالىم نازىلە ئىدى. ئىنىمنىڭ چىقىپ كىتىشىگە ئۇنىڭ پەيدا بۇلۇشى سەل ئاچچىقىمنى كەلتۇرگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكىدەك خۇشال كۈندە ئۆزۇمنى تۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئىنىم خېلى ئۇزۇندىن كىيىن قايتىپ كەلدى. ھەممىمىز خۇشلا ئولتۇرۇپ تاماق يىدۇق. بۇلۇپمۇ قىزىم بەكلا خۇشال ئىدى. ئۇ بىردەم بۇۋىسىغا ئەركىسىلە بىردەم يىنىمغا كىلىپ نازۇك قوللىرى بىلەن قۇلۇمنى تۇتۇپ مىنى مېھىر دۇنياسىغا باشلاتتى. بىز خۇشال ھالدا تاماق يەپ ئۆيگە قايىتتۇق. ئۆينىڭ ۋە ئىتىزنىڭ ئالدىراش ئىشلىرى بىلەن بىر نەچچە كۈنمۇ بىلىندۇرمەيلا خاتىرجەم ھالدا ئۇتۇپ كەتتى. مەن خۇشلا ئىدىم. بۇلۇپمۇ بۇ يىل ھېيىتنى ھەممىمىزنىڭ خاتىرجەم ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىدىن خۇشال ئىدىم. ئۆيدىكىلەر بولسا ھېيىتلىق ئۇيۇنلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان كۈنلەردە ئايالىم يەنە ئىشىك ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. ئۆيدە مەندىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. نازاكەت بىلەن بەختىنىسا ئۇينىغىلى قالغانلار بولسا تۇققانلارنىڭكىگە كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ كىلىشى بەكلا ئاچچىقىمنى كەلتۇرگەن بولسىمۇ ئاچچىقىمنى بېسىپ زورىغا كۇلۇمسىرەپ تۇۇرپ ئەدەپ يۈزىسىدىن ئۆزۇم خالىمىغان ئاساستا قۇلاشمىغان ھەركەتلىرىم بىلەن سالام قىلىپ ئۆيگە باشلىدىم. ئۇ گەپ-سۆزسىزلا ئۆيگە كىردى. مەن چاي دەملەپ ئىززىتىنى قىلىپ مېھماننى كۇتكەندەك كۇتتۇم. ئۇ ئالدىغا قۇيۇلغان چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋالغاندىن كىيىن:-
ــ بەختىيار ماڭا ئۆچ بوپ قالدىڭمۇ؟
ئۇنىڭ گىپى ماڭا شۇنچىلىك كۈلكىلىك تۇيۇلدىكى. ئەگەر كۆڭلۇم خاتىرجەم بولغان بولسا نەچچە قېتىم كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان بۇلاتتىم. بىراق بۇ كۈنلەردە كۇلۇشنى ئۇنتۇپ قالايلا دىگەن ئىدىم. كۈلەي دىسەممۇ چىرايىم تارتىشسا تارتىشىدۇكى مۇمكىن كۈلەلمەيمەن. پەقەت يالغاندىن كۇلاپلا يۇرىۋاتقىنىمغا 5 يىلدىن ئاشايلا دەپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ گەپلىرى شۇنچىلىك كۈلكىلىك بولسىمۇ كۈلەلمەيلا ئۇنىڭ چىرايىغىچە ئوبدان بىر قاراپ قۇيۇپ ئۆز ئىشىمنى قىلۋەردىم.
ــ بەختىيار راسلا ئۆچ بوپ كىتىپسىزدە؟ سىنىڭ ئوتلۇق خۇمار كۆزلىرىڭىز سۇئال ۋە ئىككىلىنىش نەزرى بىلەن كۆزۇمگە چۈشتى. تىزلا كۆزۇمنى ئېلىپ قاچتىم.ساڭا جاۋاپ بىرىشىم كىرەك ئىدى. چۈنكى سىنىڭ كۆزلىرىڭ يەنىلا كۆزلىرىمگە تىكىلگەن ئىدى.
ــ ئەجبا ئۆچ بۇلىشىمنىڭ ئىنىقلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن قىلغان ئىشلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟ بىراق، مەن تېخى ئۇنتۇپ قاممىدىم.
ئۇ مىنىڭ ئۆزىگە بولغان نەپرىتىمنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلدى بولغاي، گەپ-سۆز قىممىدى بىز خىلى ئزۇاققىچە سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇردۇق. مەنمۇ قۇلۇمدىكى رادىئونى نەچچە قېتىم ئوڭشاپ نەچچە قېتىم بۇزۇپ بولدۇم.شۇنداق بولسىمۇ ھېچ قايسىمىز بۇ جىمجىتلىقنى بۇزمىدۇق. ئارىمىزدىكى جىمجىتلىقنى پەقەت ئۈزۈم يىيىش ئۈچۈن كەلگەن قۇچقاچلارنىڭ ۋېچىرلاشلىرىلا بۇزۇۋاتاتتى. سۈكۈت قىلىش داۋاملاشماقتا. ھۋ\ېچ قايسىمىز گەپ قىلمىدۇق. ئۇ بۇ جىمىتلىقتىن بىزار بولدىمۇ سومكىسىنى ئالدى. مەن ئۇنى ماڭىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. بىراق ئۇ ماڭمىدى. سومكا ئىچىدىن قاپقارا رەڭلىك بىر خاتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى. مەن ئەجەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم. چۈنكى مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ خاتىرە يازىدىغىنىنى بىلمەتتىم. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن 6يىل بىر ئۆيدە ياشاپمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. مەن يەنىلا ئەجەپلىنىشىمنى يۇشۇرماي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن سۇرىدىم.
ــ بۇ نىمە؟
ــ خاتىرە.
ــ خاتىرە، بۇنى قانداق قىلمەن؟
ــ شۇنىمۇ مەندىن سورامسەن؟
سۇئالىمغا سۇئال بىلەن  جاۋاپ قايتۇردى.
ــ بۇنى سەن بەرسەڭ سەندىن سورماي كىمدىن سوراتتىم.
ــ ئۇقۇپ باققىن.
ــ ئەھمىيىتى باما؟
ــ بەلكىم.
ــ نىمىشقا بۇنى ماڭا بىرسەن ؟
ــ چۈنكى بۇنى سەنلا كۇرشۇڭ كىرەك.
ــ نىمىشقا ئەمدى؟
ــ چۈنكى سەن مىنى خاتا چۈشنىۋالدىڭ؟
ــ ئەجبا بالىمىزنى ماڭا تاشلاپ بەرگەن ئانىنى قانداق توغرا چۈشنىمەن.
ــ سەن تېخىچە....
ــ توغرا، مەن تېخىچە سەندىن خاپا.
ــ شۇنى بىلگەچكە بۇنى ساڭا بەرمەكچىمەن.
ــ ئەجبا بۇ بىر خاتىرە ھەممىنى چۈشەندۇرەلەمدا.
ــ بەلكىم.
ــ مۇمكىنمۇ؟
ــ مۇمكىن سەن چۈشەنسەڭلا.
ــ بوپتۇ ئەمسە.
ــ ئەگەر ئۇقۇشنى خالىمىساڭ ئېلىپ كىتەي.
مەن بۇ خاتىرىدە نىمە يېزىقلىقىنى بىلمىسەممۇ شۇنچىلىك ئۇقۇغۇم بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئېلىپ كىتىمەن دىگەن سۆزى مىنى سەل ئەندىشىگە سېلىپ قۇيىۋاتاتتى. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ خاتىرىنى ئېلىپ كىتىشىدىن ئەنسىرسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىم مىنىڭ رەنجىشىم مىنى يەنىلا تەكەببۇر بۇلۇشقا ئۇندەۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن تىزلا ئۇنىڭغا جاۋاپ بەردىم.
ــ ئەكەلگەن ئىكەنسەن ئۇقۇي.
ــ راس داۋاتامسەن؟
ئۇ ماڭا ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن خىېلى ئۇزۇن قاراپ تۇردى. مەن ھەئە دىگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتقاندىلا ئاندىن چىرايى ئېچىلدى. مەن ياقتۇرىغان ئۇماق كۈلكىسىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولغان بولساممۇ چاندۇرمىدىم. ئۇ ماڭا خاتىرىنى بىرىپ ئالدىنقى ك\قېتىم كەلكىنىنىڭ دەل ئەكسىچە شۇنچە سىلىق قەدەملەر بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. كۆڭلۇممۇ خېلى كۇتۇرلۇپ قالدى. خىياللىرى ميەنىال بۇرۇنقى ئۆتمۇشكە قاراپ ئىختىيارىمغا بوي سۇنماي يۇرۇپ كەتتىم. بۇ خاتىرىنى شۇنچىلىك ئۇقۇغۇم كەپ كىتىپ باراتتى. خوددى ئۇنىڭدا مىنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان بىرەر ماگنىت باردەك ئۇقۇشقا بەكلا قىززىقتىم. بىراق يەنىلا بۇنى ئۆزۇملا ئۇقۇغۇم كەلدى. ھازىر ئۇقۇش ياخشى ئىش ئەمەستى. باشقىلار كەپ قالسا بۇلۇپمۇ قىززىقچى بەكىر بىلەن بەسىر كەلسە ئۇقۇيمەن دەپلا تۇرۋالسا تۇسۇۋالغىلى بولماتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن خاتىرىنى كىيىم ئىشكابىدىكى كىيىملىرىمنىڭ ئەڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويدۇم.
ئۆيدىكىلەرمۇ كەلدى دادام بىزنى يەنە تەكىلپ قىلدى. بىز ھەممىمىز بىللە بېرىپ تاماق يىيىشتۇق كەيپىياتىم شۇنچە جۇشقۇن ئىدى. بىز خاتىرجەم تاماق يىدۇق. بىراق ھېلىقى كۈنى بىزگە ئۇچرىغان ئادەملەر يەنىلا شۇ پىتى، ئىدى بەكىرمۇ يەنىلا بىرخىل ئەنسىزلىك، قۇلاشمىغان ھەركەتلەر بىلەن تاماق يىدى. مەن خۇشاللىقىمدا ئۇنىڭ ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتكىنىمۇ بىلمەيلا قاپتىمەن. بزى خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولساقمۇ ئۇ كىرمىدى. كەينىدىن ئەرلەر ھاجەتخانىسىغا كىردى. كۆرگۇنۇم شۇ بولدىكى ئىنىمنىڭ قۇلىدا بىر ئىشپىرىس بار ئىدى. ئۇ بىلىكىگە خىروئىن ئورۋاتاتتى.
ــ ساراڭ بولدىڭمۇ؟
ئاچچىقىم بەكلا كەلدى. مەن ئۇنى تاشلىدى دەپ شۇنچە ئىشەنگەن ئدىىم. لېكىن ئۇنىڭ قىلىقى ئاچچىقىمنى بەكلا كەلتۇرگەن ئىدى. شۇنىڭ ئۇچۇنمۇ ئاۋازىم بەكلا قۇپال چىقىپ كەتكەن ئىدى.
ــ ئاكا ئۇتنەي مۇشۇ بىر قېتىم.
ــ ساراڭ بولدىڭمۇ؟
ــ جىنىم ئاكا مۇشۇ بىر قېتىم.
ــ ساراڭ بوپسەن.
ــ مەن پەقەت چىدىمىدىم ئااك مەن بەكلا قېينىلىپ كەتتىم. ئۆتنەي ئاكا ماقۇل بول مۇشۇ بىر قېتىم ئەمدى تاشلايمەن. ئەمدى چەكمەيمەن.
ئۇ يالۋۇرۇپ بىر قېتىملا چىقىپ ئەمدى چەكمەسلىككە ۋەدە بەردى بىراق مەن ئىشىنەلمىدىم. ئۇنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ قۇلىدى زەھەرنى ھاجەتخانىنىڭ سۇ يولىغا قۇيۇپ بەردىم. ئۇ بەكلا كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدى. كۈچىم ئارانلا يىتىپ  ئۇنى بەكلا تەستە تىزگىنلىدىم. بۇنى ماڭا زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر دەپ بەرگەن ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ دىگىنى بۇيىچە قىلدىم. ئاخىرى ئۇ سەل پەس كويغا چۇشكەندەك بولدى. بىراق بىردىنلا بۇشۇشۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇھالىتى يۈرىكىمنى بەكلا ئەزدى. مەن ھەر نىمە بولسا ئۇنى بىر قېتىملىق ئەجەلگە يېقىن يولدىن تۇسۇپ قالغان ئىدىم. مەن ئاچچىق ئارىلاش مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلدۇم
ئۆيىمىز يەنە بىر قېتىم مۇڭ باشقان بىر خىل كەپتىياتىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالدى. بۇ مۇڭ باسقان ئۆي يەنە ئەسلىدىكىدەك غېرىپ بىلنىدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى.
ھەي مۇڭ باسغان غېرىپ كۈلبەم


داۋامى بار.....

دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-10-3 16:27:27 | ئايرىم كۆرۈش
قارىغاندا ھېلىقى كىشلەر بىلەن مۇناسىۋىتى باركەندە؟
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-10-3 16:27:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىنى قاچان ئوقۇيمىزكىن ئەمدى.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-10-5 00:35:13 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ ئەسەرنى توپا بېسىپتۇ.ئاپتورمۇ ئۇنتۇپ قالغان چېغى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

119

يازما

366

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 671
يازما سانى:
119
تىللا:
245
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
31 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-21

كۆيۈمچان ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-10-5 12:11:16 | ئايرىم كۆرۈش
قاچانمۇ  تۈگە   كىنولىرىمىزنىڭ   ئاخرىنى  ساقلايدىغا ن ئىش  پائالىيەتلەر
شاھزاد

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-10-10 16:10:02 | ئايرىم كۆرۈش
بەك  ئىچىنىشلىق  ئىكەن  ،  داۋامىنى  تىزراق يوللىغايسىز  .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-10-11 16:26:59 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىنى ماراپ چىققانتىم،تېز يېزىڭە،ئۇزۇن بوپتۇ.
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:52 , Processed in 0.150037 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش