ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 397|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

چۈشەندىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-6 07:59  

چۈشەندىم
جان يۈجەل

(تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت)


نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭا چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۆزۈمنى تاپقان چاغدا چۈشەندىم.

ھەممە ئادەمنىڭ بەختلىك بولۇش ئۈچۈن بىر يولى بار ئىكەن،
ئۆزۈمنىڭ يولىنى سىزغان چاغدا چۈشەندىم.

ھاياتنى ئوقۇپ، ئاڭلاپ ئەمەس ياشاپ تۇرۇپ ئۆگىنىدىكەنمىز،
بىلىدىغانلىرىڭنى ماڭا نېمىشقا ئېيتىپ بەرمىگىنىڭنى چۈشەندىم.

يۈرىكىڭ سۆيگۈسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈن يوققا ھېسابكەن،
سۆيگۈ كەينىدىن نېمىشقا يالاڭئاياغ يۈگۈرگىنىڭنى چۈشەندىم.

ئازاب چوققىسىغا چىققىنىڭدا كۆزۈڭگە ياشمۇ كەلمەيدىكەن،
نېمىشقا يىغلىمايدىغىنىڭنى چۈشەندىم.

يىغلىغاننى كۈلدۈرۈش، يىغلىغان بىلەن بىللە يىغلاشتىنمۇ قىممەتلىككەن،
كۆز يېشىمنى كۈلكىلەرگە ئايلاندۇرغىنىڭدا چۈشەندىم.
بىر ئىنساننى ھەر قانداق بىر ئادەم رەنجىتەلەيدىكەن، پەقەت ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ئازابلايدىكەن،
ئازابقا قويغىنىڭدا چۈشەندىم.

پەقەت سۆيگەن ئادىمىڭلا كۆزۈڭدىن ئاققان ھەر تامچە ياشقا لايىقكەن،
كۆز ياشلار بىلەن بىللە سۆيۈنۈشلەرمۇ تاشلاپ كەتكىنىدە چۈشەندىم.

ئۇستىلىق يالغان سۆزلىمەسلىك ئەمەس ھەقىقەتنى يوشۇرماسلىقكەن،
يۈرىكىڭنى قولۇمغا قويغىنىڭدا چۈشەندىم.

كۈچلۈك بولۇش، «ساڭا ئېھتىياجىم بار، كەل» دېيەلىشىڭكەن،
ساڭا «كەت!» دېگىنىمدە چۈشەندىم.

سۆيۈش، ساڭا بىرسى، «كەت!» دېگىنىدە، «مېنىڭ قالغۇم بار»دېيەلىشىڭكەن،
«كەت!» دېگىنىڭدە، كەتكىنىمدە چۈشەندىم.

ساڭا بولغان سۆيگۈم بىر ئەركە بالىكەن، ھەر يىقىلغىنىدا ئېسەدەپ يىغلايدىغان،
چوڭ بولۇپ مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىدا چۈشەندىم.

پۇشايمان قىلىش، كەچۈرۈم سوراش ئەمەس، «مېنى ئەپۇ قىل» دەپ ۋاقىرىماقچى بولۇشكەن،
ھەقىقىي پۇشايمان قىلغىنىمدا چۈشەندىم.

غۇرۇر بولسا، يېڭىلگۈچىلەرنىڭ، ئاجىزلارنىڭ نىقابى ئىكەن، سۆيگۈگە تولغان يۈرەكلەرنىڭ غۇرۇرى بولمايدىكەن،
يۈرىكىمدە سۆيگۈ كۆرگىنىمدە چۈشەندىم.

ئەپۇ قىلىنىشنى ئۆلگۈدەك خالىغانلار كۈتمەيدىكەن، پەقەت بىركۈنى دەپ ئۈمىد قىلىدىكەن،
مېنى ئەپۇ قىلىشىڭنى ئۆلگۈدەك خالىغان چېغىمدا چۈشەندىم.

سۆيگۈ ئەقىدىكەن،
ئەقىدە بولسا ۋازكېچەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمما ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرگۈدەك سۆيۈشكەن!

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-6 07:52:04 | ئايرىم كۆرۈش
ئايرىلىش
پاكىزە سۇدا

(تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت)

نەق يۈرىكىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر يېرىڭىزئاغرىيدۇ.

ئۆيىڭىزنىڭ سىزنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغۇدەك دەرىجىدە تار ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
كوچىلارغا ئۆزىڭىزنى ئاتىسىز.
كوچىلارمۇ تار كېلىدۇ.خۇددى ۋۇجۇدىڭىز يۈرىكىڭىزگە تار كەلگەندەك.

كۆڭلىڭىزنى نە كۆپكۈك دېڭىز ئاچىدۇ نە چەكسىزئاسمان.
بىردە ئۆزىڭىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك چوڭىيىپ بىردە يوقاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە كىچىكلەپ كېتىسىز.

بىرلىرى سىزگە توختىماي بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرىدۇ:«ئەڭ مۇھىمى سالامەتلىك»، «ھايات گۈزەل»، «بولدى قىل، ھەممە ئىش ئۇنتۇلىدۇ».... سىز ھېچقايسىسىنى ئاڭلىيالمايسىز.

كۆز ياشلىرىڭىزدىن ئەتراپنى كۆرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىسىز.
ئۇنىڭدىن ئۆلۈمىنى تىلىگۈدەك دەرىجىدە نەپرەتلىنىپ بىرئازدىن كېيىن قوللىرىدا ئۆلۈشنى خالىغۇدەك
دەرىجىدە چوڭقۇرسۆيىسىز.

دائىم ئۇنىڭ گېپىنى قىلىسىز.
«ئۆلۈمگە چارە تېپىلدى» ياكى «ئەتە قىيامەت بولغۇدەك» دېسە بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ «نېمە دېدىڭ؟» دەپ سورىمايسىز.
يالغۇز قېلىشنى خالايسىز ھەمدە ئادەم توپى ئىچىدە غايىپ بولۇشنى.
ھەر ئىككىسى يەتمەيدۇ.

ھەر بىر مىنۇتىنى قالدۇرماي ئۆتمۈشنى ئەسلەيسىز، ئەمما كۆڭۈلسىزلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىسىز.
ئۇنىڭ بىلەن ئايلانغان يەرلەرنى ئايلانماقچى، بىللە بارغان يەرلەرگە بارماقچى بولىسىز.
بۇنىڭ سىزگە پەقەت پايدىسى يوق، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ قىلىسىز.

بىرى سىزگە يۈرىكىڭىزدىكى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتسا قاچىسىز، ئەسلىدە قۇتۇلغۇڭىز
بار تۇرۇپ شۇ ئازابنى ياشاش ئۈچۈن تىركىشىسىز.

ھاياتىڭىزنىڭ قالغان قىسمىنى ئۇنى ئويلاش بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولىسىز.
ئەكسىنى سۆزلىگەنلەردىن نەپرەتلىنىسىز.

ھەممە ئادەمنى ئۇنىڭغا ئوخشىتىسىز ئەمما ھېچكىمنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويالمايسىز.
سىزنى ھېچقانداق ئىش ئۆزىگە قارىتالمايدۇ.

بىر نەچچە سائەت كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرىدىغان، ئەمما ئەسلا ئۇنى ئۇنتۇلدۇرالمايدىغان، سىزنى پەقەت بىر مەزگىل قىرۇۋ باسقان ئەينەكنىڭ ئارقىسىدىكى تاماشىبىن قىلىدىغان دورىلاردىن پاناھ تىلەيسىز.

پۈتۈن ناخشىلار سىز ئۈچۈن يېزىلغاندەك بىلىنىدۇ، بوغۇزىڭىزغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك
ھېسسىياتلاردا تىڭشايسىز.

ئۇخلاش تەس، ئويغىنىش ئاسان بولىدۇ.
سەھەرلەرگە ئىنتىزار بولىسىز، بەزىدە «پەقەت تاڭ ئاتمىسا» دەيسىز.
سىزگە نە كېچىلەر ئارام بېرىدۇ، نە كۈندۈزلەر.

ئۆلۈشنى خالايسىز ئۆلەلمەيسىز.
راست بولۇپ چىقىشىنى خالايدىغان چۈشلەرنى كۆرىسىز، ھەر چاچراپ ئورنىڭىزدىن تۇرغىنىڭىزدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاۋاتقىنىڭىزنى بىلىسىز.

ئىزدىمەيدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ تېلېفوننىڭ سايرىشىنى كۈتىسىز، ھەر سايرىغىنىدا يۈرىكىڭىز ئاغزىڭىزغا قاپلىشىپ قالىدۇ، تېلېفون قىلغانلارغا يىغلامسىراپ گەپ قىلىسىز.

قەلبىڭىز ئۆرتىنىدۇ.
يۈرىكىڭىز ئاغرىيدۇ.

ئىككىنچى سۆيمەسلىككە قەسەم قىلىسىز.

ھاياتقا دائىر ھېچقانداق ئىش قىلىشىنى خالىمايسىز.

ئۇنىڭ ئاۋازىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاش ئۈچۈن تىپىرلاپ كېتىسىز، كۈندە نەچچە قېتىملاپ تېلېفون قىلغانلىرىنىڭ
قەدرىنى بىلمىگىنىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزدىن نەپرەتلىنىسىز.

ياشاۋاتقان شەھىرىڭىزنى تاشلاپ كەتمەكچى، ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق ئەسلىمىڭىز بولمىغان بىر يەرگە بېرىپ
ئولتۇراقلاشماقچى بولىسىز...

ئەمما بىر ئۈمىد، ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى، بىريەردە ئۇچرىشىپ قېلىش ئۈمىدى... بۇ ئۈمىد سىزنى كېتىشتىن ۋاز
كەچتۈرىدۇ.

ئىككىلىنىشلەر ئارىسىدا ياشايسىز.
ئەگەر بۇ ياشاش دېيىلسە...

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-6 07:58:01 | ئايرىم كۆرۈش
سەنسىزلىك
گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت

ئىزدەپ ئۇچۇپ كەتكەن قۇشۇمنى،
ياپراقلارغا ئېيتتىم چۈشۈمنى.

گۈلنى سوراپ بۇلبۇلدىن سەھەر،
توختىتالماي قالدىم يېشىمنى.

كېتىپتىمەن نەلەرگە يالغۇز،
يوقاتقاندەك تەلەي تېشىمنى.

ئۇزاپ كەتتىم باھاردىن، يازدىن
سىغدۇرالماي يالغۇز بېشىمنى.

خىيالىمدىن قۇتۇلدۇم پەقەت،
يوقاتقاندا ئەقلىم-ھوشۇمنى.

ھاياتىمغا كەچ كۈزلەر كەلدى،
كۈتۈۋالدىم سەنسىز قىشىمنى.

مۇڭلاندۇردۇم يالغۇز تاغلارنى،
سۆزلەپ بېرىپ سېغىنىشىمنى.

بەكمۇ ئېغىر ئىكەن سەنسىزلىك،
تىڭشاپ تۇرۇپ قالدىم ئىچىمنى.

بارلىقىڭدا باركەنمەن ئەسلى،
تاپالمىدىم سەن يوق ئېسىمنى.

يادلاپ ئۆتۈپ كېتەي دۇنيادىن،
شۇ ئىسىمنى، شۇ بىر ئىسىمنى.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-9-6 08:35:47 | ئايرىم كۆرۈش
مەن سۈكۈت قىلدىم،ئازابىمنى سەن ئاڭلات دۇنياغا
نۇرىجان



ئۇزۇن چاچلىق ئوتلاردا كۈل بولدى خىيالىم ،

قايسى شاخقا ئېسىلدىم ئۈششۈدى ياپراقلىرىم .

كۈز پەسلى چۈشەر سايەمگە ،

مېنىڭ بۇ بوينۇم ئەي ھايات ، بەئەينى بىر تۈپ تەۋرەنگەن دەرەخ .

مەن ئېسىلغان شاخلار سۇنۇق ، مەن چۈشكەن يوللار توسۇق .

قايانغا بۇرۇلسام ساراڭ شامال مەستلىكى ، قايانغا قايرىلسام تىك قىيا بوشلۇقى .

پۈتۈن پەسىللەر كۈز ، پۈتۈن ئايرىلىشلار قار ،

كۈلكىلەر يېتىم ، سۇندىغۇ خىيال ، چۈشلىرىم يېتىم ،

كەلمە ئەي يار ! ئەي سەۋدا پەسلىنىڭ يىپەك چاچلىق قىزى ، گۈلباھار !

كەلمە ! قۇرىدى يولۇڭغا تىككەن ئورمان ياڭىقى.

مەن يىراق تاغ باغرىدىكى ماي چېچىكىمەن ھۈپپىدە ئېچىلغان ،

ھەربىر ھېدلاش سانجىق ، ھەر بىر تۇتۇش بىر ئازاب .

ھەسرەت بۇلۇتلىرى كۆزلىرىمدە تۇمان-تۇمان ،

ئىس – تۈتەك بوپ يىپىشىمەن قىيالارغا ھەر كېچە .

بورانلارغا ئېسىلىمەن ، كوچىلارغا ياپراق تۆكىمەن ،

يوشۇرساممۇ ئايرىلىشنى كىرپىكىمدە ،

پىچاق بولۇپ يۈرىكىمگە سانجىلار ھەر تامچە .

ئاشكارىلىدىم سۆيگۈمنى يورۇق يۇلتۇزغا ،

ئاڭلاتتىم سېغىنىشىمنى ئېقىن سۇلارغا .

كىرپىكىمدىن ساقىغان ئەگىز ئېچىشتۇرار يۈرەكنى ،

ئولتۇرۇپ يىغلايمۇ ئەمدى ئاپرىل يامغۇرى كەبى ؟

كەلمە ئەي يار ! ئەي يارىدار پەسىللەرنىڭ يامغۇر چاچلىق قىزى گۈلباھار !

كەلمە ! چىرىدى ئىچىمدە چوڭ بولغان نازۇك چېچەك .

ئېيتقىنە ئەي شامال ، يوشۇرارمۇ يارامنى تىك قىيالار ؟

كۈز پەسلىدە يىغلارمۇ دەرەخ ۋە شاخلار؟

ئۈزۈلۈپ چۈشتۈم ھاياتتىن تۆكۈلگەندەك ياپراقلار .

يېشىلدىم ، تارقالدىم ، ئۈششۈدۈم .

قايانغا قايرىلسام كۈز ، قايانغا بارسام تىك قىيا ،

ئەمدى بېشىمدا قار ، شېغىمدا شامال .

كەلمە ئەي يار ! ئەي مەجنۇن پەسىللەرنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار !

كەلمە ! ئۆچۈرۈلدى سەن ئۈچۈن يېزىلغان داستان .

تۆت ئەتراپىم رىيا ، تۆت ئەتراپىم خىيانەت ،

بىر پەسكەشلك قاپلىدى مېنى ، توختىمايدۇ ئىچىمدىكى قىيامەت .

سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا ، ئۇنداقتا مەنمۇ سۈكۈت قىلدىم ئەي ھايات .

بىر چۆلدىكى تاغ كەبى سۈكۈت قىلدىم ،

بىر يېتىمنىڭ سۇنغان نىگاھلىرىدا سۈكۈت قىلدىم .

سۈكۈتلىرىم ئاقماقتا يارىدار دېڭىزغا .

كەلمە ئەي يار ! ئەي قارلىق تاغلارنىڭ ، يېراق پورتلارنىڭ يالغۇز قىزى گۈلباھار !

كەلمە ! ھېچكىم ئۈن چىقارمايدۇ ، ئاللىبۇرۇن ئۇنۇتۇلدى سەن ئۈچۈن يازغان ناخشىلار .

كەلسەڭ ھەسرىتىمگە كەل ، سېغىنىشىمغا كەل .

ئال ، كۆڭسۈڭگە باس مېنى ، ئازابلىرىڭغا قات مېنى !

مەن سۈكۈت قىلدىم ، سەن ئاڭلات دۇنياغا ئازابلىرىمنى .




ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:36:29 | ئايرىم كۆرۈش

ئەي ھايات ، قۇچاقلا مېنى !

قەلبىمنىڭ سۇنۇقلىرىنى چاڭگىلىمغا ئېلىپ ،
كەتسەمكەن بۇ شەھەردىن ،
سېغىنىش يەكسان بولامدۇ ؟
بىر ياز گۈلى شېخىدا توڭلامدۇ ؟
سۆيگۈ ئۈچۈن يۈرىكىمنى قاناتقاننى كىم بىلىدۇ ؟
كىرپىكىدە باھار يوشۇرغان قېرى بالىمەن ،
چۈشلەرنىڭ يامغۇردا ھۆل بولغان گۈللىرىمەن ،
مەن يىغلاي دېگەن ھەر ساھىلدا بىر لەيلەك ئۆلەر ،
خاپىلىق شئېر ئاتار خىيالىرىمغا ،
تىگىپ ئۆتەر قوللىرىم خىيانەت شاماللىرىغا .
ئىچىمدىكى بۇلاق قۇرىدى ،
پۈتۈن ياپراقلار سۇلدى ،
ھەسرەت پۇرايدۇ گۈللىرىم ،
قايسى يامغۇرنى خوش قىلساڭ قىلغىن ،
ياشارمايدۇ ئەمدى ئوت كەتكەن شۇ يەرلىرىم .
سۆيگۈم قېيدىدى ،
كىم تىڭشايتى سادالىرىنى يارىلانغان شۇ يۈرەكىمنىڭ ؟
ئاھۇلار ئېتىلغان بىر تاغ چوقىسىمەن ،
مامكاپلار قۇرىغان كەچكى شەپەقمەن ،
كۈلكىنى قۇرىتىمەن كۈز لەۋلىرىدە ،
كەتكەن كەلمىدى ۋاز كەچتى شۇ شەپەقلەر .
بىر دەھشەت ئازاپقا مۇپتىلامەنكى ،
ئۈستۈمدە داتلاشقان سۇنۇق پىچاق ،
40 يېرىمدىن مەن ھەم سۇنۇقمەن .
ئوۋچىلار ئوۋلىدى كىچىك جانىۋارلىرىمنى ،
ئازاپلار تۈنىدى خۇشاللىق قوناقخانىسىدا ،
كەتكەن كەلمىدى ۋاز كەچتى پەسىل ،
بىر گۈلمۇ قالمىدى ئۆمرۈمنىڭ شۇ بوز دالىسىدا ،
يالغۇزلۇقنىڭ ئەڭ يالغۇز قىش پەسلىدىمەن ،
يۇلتۇز ساقلىساممۇ ئوقيا كىرپىكلىرىمدە ،
بەدىنىمدە مۇز شامال ئوينار ھەر كېچە .
خەرىتىسى يىرتىلغان بىر يولۇچىمەن ،
باسقان يوللىرىم تۇمانۇ – تۇمان .
قالدىم  بىر قىيانىڭ چوقىسىدا ،
مۇزلىرىم ، ئەي ھايات ، قۇچاقلا مېنى !
كۆك قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىغا ئال مېنى .
دالدىلىناي سۆيگۈنىڭ ئىللىق ئىقلىمىدا .


ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:37:49 | ئايرىم كۆرۈش
سۇلغۇن بىر گۈل كەبى سۈكۈت قىلدىم
نۇرىجان

سەن يوق ئېدىڭ ،
سۈكۈت قىلدىم ،
سۈكۈت قىلىش قېيداش بولسا مانا سۈكۈت قىلدىم ،
سۇلغۇن بىر گۈل كەبى ، ئادەمسىز بىر چۆل كەبى.
يولۇچىمەن ، يېراق بەكمۇ يېراقتىن كەلدىم ،
چارچىدىم ، قوللىرىم قۇرۇق ، بوينۇم پۈكۈك .
كۆز يېشى تولغان خورجۇنۇمغا ،
يۈرىكىمنىلا ئېلىپ كەلدىم ساڭا ،
ئايرىلىش ئازابىدىن ئۆتمە – تۆشۈك بوپ كەتكەن شۇ يۈرىكىمنى ،
باشقا ئەكەلگۈدەك نەرسەممىغۇ يوقتى .
شاخلىرىمدا كۈز ناخشىسى ، قوينۇمدا چوغ ،
سېنى ئىزدىدىم كەنتنىڭ تار كوچىلىرىدىن ،
يالغۇز ، ھارغىن ۋە يارىدار ھالدا .
سەن يوق ئېدىڭ ،
مۇزلىغانسىرى ئۇزاپ كەتتى يوقلۇقۇڭ .
قايسى بالىدىن سورىدىم ، يىغلىدى .
قايسى بۇلاقتىن سورىدىم ، چايقىلىپ كەتتى .
قايسى گۈلدىن سورىدۇم ، بوينىنى ئەگدى .
قايسى دەرەختىن سورىدىم ، يوپۇرماق تۆكتى .
مەن يوشۇرىۋالغان قۇشلارمۇ ئۇچتى كەتتى ،
يالغۇزلا قالدىم بىر بېشىمغا .
سەن گويا يېتىم بىر گۈللۈكتە ھايات غۇنچىسىسەن ،
گۈللەرنىڭ نازۇكىسەن ، كۆڭلۈمنىڭ قىيدامچۇقىسەن .
پۈتۈن كۈن سېنى ئىزدىدىم ،
ھارغىن ، يارىدار ۋە ئازابلىق بىر شامال كەبى ،
كەزدىم پۈتۈن كوچىلارنى .
سەن يوق ئېدىڭ ،
بۇلاقلاردىن سورىدىم ، ئېقىپ كېتىشتى .
يۇلتۇزلاردىن سورىدىم ، ئۆچۈپ كېتىشتى .
تاماكامنى كۈچەپ شوراپ پۈۋلىدىم كۆككە ،
ياپراق – ياپراق كۈز پەسلى مېنى قاپلىدى .
ئاندىن ئاستا-ئاستا شۇڭغىدى شۇ ئازابلار ئىچىمگە .
سەندىن يا بىر سادا يا بىر نەپەس كەلمىدى .
كوچا بالىلىرغا ئاڭلاتتىم سېنى ،
قېرى بىر تىلەمچى بىلەن ئورتاقلاشتىم سۆيگۈمنى ،
ھەسرىتىمنى بىر گۈلنىڭ كۆك كۆزىگە تاشلىدىم بوينىنى ئەگدى .
كۈلۈشۈڭنى ، كۆزلىرىڭنى ، ئاۋازىڭنى تاقاپ قولۇمغا ،
بىز ۋىدالاشقان شۇ بىكەتتە ئوقۇدۇم شېئىرلار ،
ئەقلىنى يوقاتتى ، ساراڭ بولدى _ دېيىشتى كىشلەر .
ئىچ ئاغرىتىپ قارايتى ھەممە ،
ئاندىن يىغلاشتىن چارچىغان كۆزلىرىمنى ،
قارا پويىزغا قول ياغلىق پۇلاڭشىتىپ ،
يېتىشەلمەيدىغان يىراقلارغا يولۇچى قىلدىم .
بىر ۋاگونىغا قۇلۇپلاپ تۇيغۇلىرىمنى ،
بىر ئاھ ئەيلەپ لەۋلىرىمگە جىمجىتقىنا سۈكۈت قىلدىم .
ئۇنتۇلغان ئېگىسىز ناخشىلار كەبى ،
قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك قىلدىم .
مەن شۇنى ئىستەيمەنكى : يۈرىكىڭ تۇرغان يەر، يۈرىكىم سوقۇشتىن توختىغان يەر بولسۇن !


ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:38:44 | ئايرىم كۆرۈش
بىر گۈللۈككە كۆمۈڭلارمەن ئۆلگەندە
نۇرىجان

مەن سۆيگەن ھايات،
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدىكى رىۋايەت كەبى.
باستۇرۇپ كېلىپ ئىپ كەتتى ئۆمرۈمنى،
بەزىدە يىغلىغان كۆزلەردىكى.
ساقىغان كۆز يېشى كەبى يالغۇزمەن
يا ھايات مېنى چۈشەنمىدى يا مەن ھاياتنى
يامغۇرغا كۆمىۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
سۇنۇق كۈلكەمنى سوغۇق ئۇرماستا
لىۋىمدىكى شئېر چېچىلماستا
قەلبىمدىكى سۆسۈن رۇخسار يىرتىلماستا
شاماللارغا ،باھارلارغا گۈللەرگە كۆمۈڭ مېنى
باھار كەلگەندە،ئۈمىدلەر ياشارغاندا
پاختەكلەر گىرەلەشكەندە
تۈكى تەتۈر ئۆرۈلگەن ياپراقنى بىر شامال سۆيگەندە.
كۆزلىرىمدە باردۇر شئېر يارىسى
قەلبىم گوياكى يەرنىڭ تەۋرىشى
ھاياتنىڭ ئەڭ نازۇك،نەپىس يېرىدە
قايسى گۈلگە قول ئۇزاتسام
سانجىلار ئۈمۈدىمگە تىكەن يارىسى
بىر سەبىينىڭ تەبەسسۇمىغا كۆمۈڭ مېنى
ئۇچسۇن ئۇنىڭ لەگلەكلىرىدە قانىتى سۇنۇق كۈلۈشلىرىم
بىر ياش قىزنىڭ چۈشىگە.بىر لەيلەكنىڭ پەرۋازىغا
سۆيگۈ يۆگىكىگە يۆگەڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
توڭلىمىسۇن يۈرىكىمدىكى ئاجىز ھېسلىرىم
بىر گۈلزارلىققا كۆمۈڭ مېنى ئۆلگەندە
بىر گۈلنىڭ رەڭگىگە،بىر ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا
بىر كۈز باغچىسى كەبى سولماستىن بۇ قەلبىم
يېتىم مامكاپ كەبى بوينۇمنى ئەگمەستە
بىر بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بىزنىڭ باغۋەن ئۆلگىنىمنى سەزمەستە
باھار پۇراقلىق سەھەرلەرگە كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
كۆك سۇنىڭ ئېقىشىدا،بىر گۈلنىڭ پۇرىقىدا جەسىدىمنى يۇيدۇرۇپ
ياتقۇزۇڭ خىياللىرىمنى سۆرۈن چىملارغا
توختىماستىن ناخشا ئىيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم تۈن ۋە تاڭلارغا
كۆك ئاسمان ۋە قۇياشنى،نۇر يۇلتۇز ۋە يېشىل ئۈمىدنى
بېرىۋىتىڭ خۇش بولسۇن جېمى بالىلارغا
بىر تاغ چوقىسىغا كۆمۈڭ مېنى كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
بۇلغانماستا ئېچىمدىكى قارنىڭ ئاقلىقى
جىمىماستا كۆڭلۈمدىكى سۇ قۇشلىرى
يىرتىلماستا لىۋىمدىكى رۇخسار گۈلى
يۈرەك سوقۇشلىرىغا،يۈرەك يالقۇنلىرىغا
بىر دادا ھەم ئانىنىڭ كۆز ياشلىرىغا
بىر گۆدەك بالىنىڭ چاڭگاللىرىغا
كۆمۈۋىتىڭ مېنى ئۆلگەن چېغىمدا
قەلبىمگىلا كۆمۈۋىتىڭ ئازابلىرىمنى.
ئۆلۈم ئۇنى سەزمىگەن چاغدا
باھار پۇراقلىق سەھەرگە كۆمۈڭ مېنى ،قۇشلار ئۇچقاندا
يۇيۇڭ مېنى بىر سۇنىڭ ئېقىنىدا بىر گۈلنىڭ ھېدىدە
شاماللار قاينىمىغا كۆمۈڭ شئېرىمنى،كۆزلىرىمنى يۇمدۇرۇپ
خىياللىرىمنى ياتقۇزۇڭ سۆرۈن چىملىق ئۈستىگە
تىنماي ناخشا ئېيتسۇن ،شئېر ئوقۇسۇن بۇ قەلبىم ئاتاپ باھارغا


ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:39:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-6 08:44  

سۈكۈت قىلدىم

  نۇرىجان

ھەممە ئادەم قىلىشقان پارىڭىنى يازىدۇ،مەن بولسام سۈكۈتلىرىمنى يازىمەن.
ھەركىم سۆزلىشىۋاتقان بۇ دۇنيادا پەقەت مەن سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىك سۈكۈت قىلدىم.
سۈكۈت قىلدىم ھىچكىم تۇيمىدى.ئۆزۈم بىلەن مۇڭداشماقتىمەن ئەمدى يالغۇز.
پەقەت يۈرىكىم بىلەن ئىپادىلەۋاتىمەن تىۋىشلىرىمنى،
ھىچكىم تۇيمايدۇ،بىلمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلدى لەۋلىرىمدىكى كۈي،كۆزۈمدىكى شېئىر،يارامنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال.
پەقەت كۆزلىرىم سۆزلىمەكتە.
بىر ئاھ چىكىش بىلەن تەڭ جىمىدىم، سۈكۈت قىلدىم
،قانچىلىك جىم تۇرالىسام،سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىق قىلدىم.
سۈكۈت قىلدى مەن بىلەن دېڭىز،سۈكۈت قىلدى تاغ.ئۈمىدلىرىمنى ھەر كېچەشاماللارغا يۆگەپ تەلپۈنىمەن ،
ھېچكىم كۆرمىدى كۆرەلمەيدۇ ،
چېچى ئاقارغان خىياللار،نەملەنگەن كىرپىكلەر …يەنە….ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
كۆكتە چاقماق بولۇپ غەزەپ بىلەن چاقنايمەن،ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم، يارىلىرىمغا تۇزبېسىپ.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى ۋولقانلارنى دەرۋىش كەبى تەنھالىقنىڭ تېمىغا ئۇرۇپ.
كوچىلارغا گۈل تۆكتۈم،ھېچكىم كۆرمىدى،ھچكىم پۇرىمىدى،شۇ گۈللەرنىڭ ھېدىنى.
ئۆزۈم يالغۇز كەچمەكتىمەن يالغۇز ھالدا شۇ كۆڭۈل كوچامنى،ھېچكىم بىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن تاغ،جىمىدى ئاسمان،جىمىدى يەر،ئازابلار سۆزلەيدۇ ئەمدى .
سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت،جىمىدى ھەسرەت،تۇردى ۋاقت.
پەقەت كۆزۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن بۇ رەڭۋاز دۇنياغا.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى دولقانلار يانار تاغ كەبى ۋولقانلىغانچە جىمىدىم،سۈكۈت قىلدىم،
جىمىدى لەۋلىرىم،جىمىدى كۆز ياشلىرىم.
جىمىدى كۆزۈمدىكى شېئىر،كۆڭلۈمدىكى دەريا.
بۇلۇتلارۋە ئىسيانىم بولمىش چاقماق مېنى چاقىردى پەقەت مەنلا ئاڭلىدىم بۇنى،پەقەت مەن،
ئەمما سۈكۈت قىلىۋالدىم.
ئەي !! مەن بۆشۈكىنى تەۋرەتكەن ھايات ،باغرىمدا چوڭ قىلغان مۇھەببەت!!ئاڭلا!
يارامغا مەلھەم كار قىلمايدۇ،كېچىلەرئاھ چىكىشسىز ئۆتمەيدۇ.مەن سۈكۈت قىلدىم،يالغۇز ئازابلىرىم سۆزلەيدۇ.
مەن سۈكۈت قىلدىم،يۈرىكىمنى يىغلاتقان ئازابلار سۈكۈت قىلمىدى،
دەرىزەمگە ئۇرۇلغان يامغۇر تامچىسى سۈكۈت قىلمىدى.سىرتتا ھۇۋلىغان شامال سۈكۈت قىلمىدى.
باھار كەلمىدى،قۇشلار سۆيۈنمىدى،پەقەتلا قىش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ.
يۇلتۇزلار قېيدىدى،ئاي يىغلىدى،قۇياش چىقمىدى،ئازاب تۈگىمىدى.
ئېچ-ئىچىمدىن شېئىرلار تۆكۈلىدۇ ھەر كېچە،ھېچكىم بىلمىدى.
سۈكۈت قىلدىم
جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت
جىمىدى ھەسرەت
تۇردى ۋاقت
پەقەت ئازابلىرىم سۆزلىدى ،كۆزلىرىم سۆزلىدى.
ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
تۇيمىدى.
ھېچكىم…
ھېچكىم…
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:40:32 | ئايرىم كۆرۈش
تەييارلان ،كېتىمىز ئەي قەلبىم
نۇرىجان

يۈر تەييارلان،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى كېتىمىز ئەي قەلبىم،بۇلغانغان يامغۇرۇڭدا قالمايمەن
،بۇنچە خىيانەتنى،ئازابنى كۆتۈرەلمەيمەن.
بىلىمەن بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىشىڭىز يوق،شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقىنى تپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،كېتىمەن بۇ يەردىن،ئىچىمدىكى جەسەتنى چەيلەپ،پارچىلاپ،
يەنە شۇ ئىچىمدىكى مەھشەرگە كېتىمەن.
قارىغىنە،كەچ كىردى،ۋاقت توشتى،بۇلغانغان دېڭىز ئېقىشتىن توختىدى،يېپىپ ئۆمۈر دەپتىرىنى،تەييارلان كېتىمىز ئەي قەلبىم.
كۈز مۇقامى كەبى ئاخىرقى ياپراقنى ساقلىيالمايمەن چارچىدىم،سۆيگۈسى پىچىۋىتىلگەن تارىخ بىلەن بىھۇش قىل مېنى ئەي قەلبىم.
قارا! تۆكۈلىۋاتىدۇ كۈز يامغۇرلىرى ئازاب ۋە خىيانەت ئۈستىگە،
،قىپيالىڭاچ ھەم سۆيگۈسىز قالدى شئىرىم،ئادەمسىز ،سوغۇق بىر قىش پەسلىدە.
كۆزلىرى ئىسسىمايدۇ بالىلارنىڭ،مەجنۇنلارچە بېقىشلىرى يېڭىلانمايدۇ ئاشىقلارنىڭ.
بارلىق دىندىن قوغلاپ چىقىرىلدىم،پۈتكۈل يۇرتتىن،بارلىق يۈرەكتىن قوغلاپ چىقىرىلدىم.
قايسى ئېلاھقا سېغىنسام يارامغا مەلھەم يوق،مەن بىلىمەن،بۇلغانغان نىگاھلىرىڭىزدا ماڭا بىر بېقىش يوق.
شۇ سەۋەپ ئاھۇلاردىن رەنجىيمەن،مەجنۇنلارغا قىيدايمەن.
يېڭى بىر گۈل ياپرىقى تېپىپ يارامنى تېڭىش ئۈچۈن،بىر مەجنۇن قۇش ئازابلىرىمنى قانىتىغا تېڭىپ،
مېنى بۇيەردىن ئېلىپ كەتسىكەن دەپ تىلەيمەن.
خېمىرى بۇزۇلۇپتۇ دوستلۇقنىڭ،ۋاپانىڭ،مۇھەببەتنىڭ، ئەي قەلبىم، مېنى ۋاپاسىز پەسىللەرگە تاشلىما ،
مەجنۇن ئىشىكلىرىدە يىغلاتما، بوينۇمنى ئەگمە پاھىشىلەر ئالدىدا.چەيلىمىگەن يوقسۇزلۇقۇمنى ئاياغلار ئاستىدا
،قويىۋەت بېشىم تىك،كۆڭلۈم يانجىق تۇرسۇن.
پەخىرلىكلەرگە خاس بىر مەقامدا ئەتىۋارلا مېنى،ساتقىنلىق،ئالا كۆڭۈللۈك،خىيانەت ئوتتۇرسىدا بىھۇش قىل.
بىلىمەن، بۇ مەجنۇنلۇقۇم شۇ چۈشلىرىم ئەسلا پاتمايدۇ بۇلغانغان كوچىلارغا ،قارىماڭلارچۇ كۆزلىرىمگە ،
يۈرىكىمدىكى بۇ ئاغرىق ئەسلا كەتمەيدۇ، خىنە قويغان بىر كېپىنەك چاچلىرىمغا قونغاندا.
ئاھ مېنىڭمۇ خىياللىرىم بار ئىدى.باھارۇ ھەم يازلىرىممۇ بار ئىدى،ئەپسۇس،قۇشلار ئۇچۇپ كەتتى
،بىر ئىسيان كەيگۈزۈپ يۈرىكىمگە،تېگى يوق ھاڭغا دومىلاتقان ئۈمىدلىرىم بار ئىدى.
مۇھەببەت دېدىم،تالاڭ بولدى يالغان بولدى ئۆمۈر،تارىسى ئۈزۈك ئىسكىرىپكىنىڭ روھى ئازابىمەن،
يوق مەن كېتىدىغان باشقا بىر پورت،قارا مانا توختىدى بۇلغانغان دېڭىز.
تەييارلان ئەي قەلبىم ،ۋاقت توشتى كېتىمىز يۈر ،بوشىسۇن نازۇك تۇيغۇلىرىمغا بېسىلغان شۇ يۈك.
پۇلنىڭ مۇھەببەتكە قىلغان خىيانىتىنى كۆردۈم،ئىنسان ئالدىدا تىزلىنىپ ئىبادەتنى يوق قىلغاننى كۆردۈم.
تۈنلەر خاراپ،تاڭلار ئۈمىدسىز،ئازاب تەرەپتىن قايتار بولسام گۇناھ ئۆزۈمنىڭ
،سۆيۈش ئۈچۈن تەلپۈنگەن بارلىق لەۋلەر تومۇزلاغلىق.


ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-9-6 08:41:51 | ئايرىم كۆرۈش
قولىنى بەرمەيۋاتىدۇ بۇ ھايات
نۇرىجان



يەردە تىپىرلاۋاتقان يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە ئۇسۇل ئويناۋاتىدۇ ئازابلار،
كۆكسۈمدىن يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە ئاتقان شۇ ئاجىز يۈرىكىمنىڭ ئۈستىدە.
ھېچكىم كۆرمەيدۇ،قاراپمۇ قويمايدۇ،ئوت ئېچىدە تىپىرلاۋاتقان ئاشۇ يۈرەككە.
ئېڭىشىپ ئالمايدۇ ھېچكىم،كۆيمەكتە يۈرىكىم،ئاھ شۇ يۈرىكىم.
ياپراقلىرى يارىدار شامالدا سىلكىنگەن،ھارغىن بىر تاغ لالىسىمەن يول بويىدىكى،
يارىدار ئاھۇنىڭ كۆزلىرىدە ئىڭرار بەدىنىم.
روھىم جاللاتنىڭكىدەك سوغۇق ۋە رەھىمسىز،بۇلغانغان ھاياتنىڭ قاراڭغۇ ھۇجرىلىرىدا سۈرمە تارتىلار كۆزلىرىمگە،
كور بولماقچىمەن
دوست سانىغانلىرىم خەنجەر تىقار كۆكسۈمگە ،يارىلاندى جانىۋارلىرىم،قان تولىدۇ كۆزۈمگە.
يۈرىكىمدىن،قوللىرىمدىن،كۆز ھەم لەۋلىرىمدىن قان تامچىيدۇ ئاھ بۇ دەرتلىرىم.
قەلبىمنىڭ ئەڭ نازۇك يېرىگە ئۇرىدۇ ھايات، ئىللىتالماس ئۈششۈك تەگكەن سېغىنىشىمنى شۇ نۇرلۇق قۇياش ۋە ياكى
مەن يوشۇرغان شۇ تەنھالىقىم،ھەممىسى بىھۇدە نە قىلاي ھەيھات.
خالتا كوچىدا يۈتتۈردۈم يولۇمنى،ھەيران قالدىم،يۈرىكىم پىغان چەككەن قۇش كەبى ،چارىسىز قالدىم.
پارچە-پارچە ھەر يېرىم،خىيانەت دەستىدىن يوقالدىغۇ ھەر شەيئىم.
تۇماندا ئۆتكەن ھەر كېچنىڭ ئارقىسىدىن يامغۇر كۈتكەنچە يالغۇز قالدىم.
كاشكى مەنمۇ ھېسياتسىز ياشاشنى بىلسەمتىم،يالغانلارنى ئويدۇرالىسامتىم يالغانلار ئارقىسىدىن،
ئاچ قالغان بالىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ خېجىل بولمىسامتىم،بۇ ۋىجدان ئازابىدا ئۆرتەنمىسەمتىم،
كۆزلىرىمگە پەردە تارتىپ،ئۇنتالىسامتىم بولۇپ ئۆتكەن ھەممىنى،خىيانەتلەرگە يەم قىلىپ بەرمەستىم يۈرىكىمنى بۇنچە.
ئەي ئۆمرۈم،ئازابلارنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ بولدۇم،مېنى ئازات قىل.چۈشەندىمكى گەپ ئاڭلىمايدىكەن بۇ يۈرەك ئوق تەگكەندىن كېيىن
،ئەپۇ قىلمايدىكەن ھايات،يۈرىكى بىلەن ئويناشقاننى.
يالغان دەستىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن بىر تامنىڭ يېرىقىنى بويلاپ،
ۋىجدانلىقلارغا خاس بولغان ھەسرەت تاشلىرىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن.
ئەي قەلبىمگە ئۇرۇلغان خەنجەر،ئەي جىگىرىمگە پاتقان ئوق،بۇ يۈرەك يىغلىماسلىقى كېرەك،
ئازابلاردىن بۇ قەدەر كۆيمەسلىكى كېرەك.
ئېغىر كىلۋاتىدۇ ۋىجدانلىق بىر ئۆمۈرنىڭ ئارتىلغان يۈكى،بىر تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم قىيا،بىرى تەرىپىم دېڭىز،بىر تەرىپىم ئوت،
مەن بىر يولۇچىمەن مەھشەرگە ماڭغان،كۆزلىرىمدە قانچە مىڭ يىللىق ئاھ.
سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ دېڭىزغا ئاتتىم يۈرىكىمنى،
ئېلىپ بارسۇن دەپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يالغۇزلۇققا تاغلار.
ھارغىن بىر تاغ لالىسىنىڭ ئازابلىق ھېكايىسىدۇر بۇ ھاياتىم،يىللار ئاۋال ،
چېچەكلىرى يانجىلغان بىر باغچىدا يۈتتۈردۈم ياشاش سۆيگۈمنى.
قولىنى بەرمىدى ھايات، يىقىلدىم ،يىقىلىۋاتىمەن بىر قىيانىڭ ئۇچىدا.كۆزلىرىمدىن ئاقىدۇ بىر يۇلتۇز ھەر كېچە،
كۈندە بىر تېلەك ئۆچىدۇ شۇ يۈرەكىمدە،شۇ سەۋەپ يېتىمدۇر مېنىڭ بىر يېنىم،مۇھەببەت ۋە ئازابقا تولغان يەنە بىر يېنىم.
قارا بىر تۇماندا بوغۇلدۇم ئەمدى،كۆزلىرىم قارا كېچىنىڭ كور كېپىنىكى.
مەن قاراڭغۇلۇق ئېچىدە،سۈيى يوق قۇدۇقنىڭ تېگىدە.
تولۇنئاي،بۇلۇتلار ئارىسىدىن ماڭا باقار،باقار ئاندىن تارىلىپ يوقار.
مەن تولۇنئايغا قارىغانچە يۈزلىرىمگە قىزىللىق تارار.
قولىنى بەرمەيۋاتىدۇ بۇ ھايات.



مەنبە: ئىزدە تورى

ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:45 , Processed in 0.147950 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش