بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-5 10:48
ھىجران دېغى
ئابلىكىم موھەممەت(ئۇپقۇن)

چايناپ يۇتتۇم بىر پارچە ئوتنى،
چاي ئورنىدا ئىچتىم قىزىل قان.
يۈرۈكۈمنى ساتتىم بازاردا،
شۇندىن بىرى يۈرەرمەن سەرسان.

رەستىلەردىن كېلەر غىرىپلىق،
ئاياللاردەك رەڭگارەك دۇنيا.
كارۋانلارنىڭ ئىزلىرى ئۆچتى،
قولۇمدا بار تەۋەررۈك ھاسا.

خازاڭ كەبى چىرىگەن خىيال،
يۈرۈكۈمنى كېتەر ئوغۇرلاپ.
يىتىم قالغاچ ئەركەكلىكىممۇ،
قاۋاقلاردا ئىچمەكتە شاراپ.

سايە تاشلار يولۇمغا مەڭگۈ،
كۆز يىشىمدا سۇغۇرۇلغان گۈل.
تەبەسسۇمدا باققاندا دۇنيا،
يۈرۈكۈمدە ئۇخلاپ ياتار چۆل. 
2015-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى(كورلا) |