- جۇغلانما
- 50

بايلىق- 37 دانە
شۆھرەت- 0 سەر
ئوقۇغۇچى
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurlukay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-1 21:28
ئاينۇر دوختۇرخانىغا بارغۇچە ئاپا -ئاپا دەپ ماڭدى. دوختۇرخانىغا كەلگەندەمىرگۈل ھەدەنىڭ قولنى قويۋېتىپ دوختۇرخانا ئىچىگە يۈگۈردى.سىستىرالار پونكىتى ئالدىغا بېرىپ، بىر سىستىرادىن،: بايقى يولدا يېقىلىپ قالغان ئايال مىنىڭ ئاپام ئۇقايسى ياتاقتا؟ تىزراق دەپ بېرىڭ،سىستىرا بىردەم تۇرۇپ قالدى.: بىرئايالنى بىرنەچچەيلەن ئەكىرىپتىكەن بىراق ئۇ يېقىلىپ قالمىغان يەنى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرغانكەن،كىرىپ تۇنۇپ بېقىڭ،ئەنە ئاۋۇ جەسەت ساقلاس ئۆيىدە دىدى،ئاينۇرنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.ياق ئۇ ئەمەس، ئۇمىنىڭ ئاپام ئەمەس.››دىگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلدى-دە جەسەت ساقلاش ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى،ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئىچىگە كىردى .ئاپئاق رەخىت يېپىپ قويۇلغان جەسەتنىڭ يۈزىنى ئاستا ئېچىپ قارىدى. ئۇ،شۇئان قاتتىن ۋارقىرۋەتتى ياق!. ئاپا........ئاپا........... ئۇنىڭ ئاۋازى دوختۇرخاننى بىر ئالدى،مىرگۈل ھەدەنىڭ كاللىسىدىن بىرچىلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتى.ئاينۇر ھۇشىغا كىلىپ ھەممە يەرگە بىر-بىرلەپ قارىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا ئىشىككە كىلىپ ئاپا- ئاپا دەپ قاتتىق ۋارقىراپ، جەسەت ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ، مۇزلاپ كەتكەن جەسەتنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ يىغىسىدىن ھەممە تەسىرلىنىپ كۆزيېشى قىلىشتى،دوختۇر-سىستىرالارمۇ كىسەل-بىمارلارمۇ يىغلىشىپ كەتتى.ئاينۇر ئەمدى قانداق قىلىدۇ،ئۇ،بىردىنبىر يۈلەنچۈكى بولغان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.ئايشەم ھەدىنىڭ يۈزى قانغا بۇيىلىپ تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەندى.ئاينۇر ئانىسىنىڭ ساق قالغان بىرقولىنى يۈزىگە ياقماقچى بولۇپ تۇتۇۋىدى، چىڭ سىقىۋالغان بارماقلىرى ئارىسىدىن بىرجۈپ كۈمۈش ھالقا چىقىتى ئۇنى كۆرۈپ تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.‹‹ئاپا، مىنى كەچۈرۈڭ ئاپا ،مەن ئەسلى سىزگە تورت ئېلىپ بېرىڭ ،سوۋغا ئېلىپ بېرىڭ دىمىسەم بوپتىكەن. ھەممە خاتالىق مەندە››دەپ زار-زار يىغلىدى،ئۇ،يىغلىماي كىم يىغلىسۇن. ئۇ ،ئاتامىھرى كۆرمىگەن، ئەمدى ئانامىھرىگە قانماي تۇرۇپ ،قانىتى تولۇق يىتىلمەي تۇرۇپ بىردىنبىر يۈلەنچۈكى بولغان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالدى،ئۇ ئەمدى قانداقمۇ قىلار؟!
(2)
كۈنلەر كەينى-كەينىدىن بىر-بىرنى قوغلاپ ئۆتمەكتە.ئايشەم ھەدە ۋاپات بولغىلى بەش يىل بوپ قاپتۇ. ئاينۇر مانا 16ياشقا كىرىپ قالدى ئۇشۇنداق نازاكەتلىك،چىرايلىق ئەدەپ ئەخلاقلىق ،شەرمى-ھايالىق، ئىپپەتلىك چوڭ بولدى.ئۇنى بىر كۆرگەن ئادەم كۆزىنى ئۈزەلمەي قاراپ قالاتتى.ئۇ، ئۆز-ئۆينى سېتىۋېتىپ مىرگۈل ھەدىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرغاندى،ئۇنىڭ كىچىكىدە بىللە ئوينايدىغان دوستى ئەلى ئۇنىڭغا شۇنداق كۈيىنەتتى. ئۇ، تېخى ئاينۇرنى سىڭىل قىلىۋالغاندى،ئاينۇرمۇ ئەلىگە ئۆز ئاكىسىدەك ئامراق ئىدى.بۇ ئاكا-سىڭىل ئۆينىڭ ئېغىر يىنىڭ ئىشلىرنى قىلغاچ مەكتەپتە ئوقۇيتى.مىرگۈل ھەدىنىڭمۇ قولى خېلىپ سوۋۇپ قالدى.ئاينۇر ئۆينىڭ تاماق ئېتىش،كىر-قات يۇيۇش، ئىشلىرنى ھۆددىگە ئېلىۋالغاندەكلا مىرگۈل ھەدىنىڭ قولدىن تارتىۋېلىپ قىلاتتى.مىرگۈل ھەدە ئاينۇرغا بەك ئامراق ئىدى. ئاينۇرنى ئۆز قىزىدەك كۆرەتتى،ئاينۇرمۇ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن بۇ2-ئاپىسىغا بەكمۇ كۈيىندىغان بولۇپ كەتتى.
ئاينۇر بىردەم مىرگۈل ھەدىنىڭ پۇتىنى تۇتسا بىرددەم دۇمبىسىنى ئۇۋلاپ قوياتتى.بىردەم ئۇنى قىلسا بىردەم بۇنى قىلىپ، بىردەم جىم ئولتۇرمايتى.ئۇنى-بۇنى دەپ بولغۇچەئاينۇر بىلەن ئەلى ئىككىسىنىڭ ئالى مەكتەپكە باردىغان ۋاقتىمۇ يىتىپ كەلدى.ئاينۇر بىلەن ئەلى ئىنتايىن خۇشال ئىدى،بىراق مىرگۈل ھەدىنىڭ بېشى بەكمۇ قاتتى چۇنكى ئۇنىڭدا بۇ ئىككى‹‹كۆز قارچۇقىنى››ئوقۇتقۇدەك پۇلى يوق ئىدى.ئۆيىدىكى بارپۇلنى يېغىپ قوتاندىكى4-5قوينى ساتسا ئاندىن ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرنى ئوقۇتقۇدەك پۇل تەييارلىناتتى.مىرگۈل ھەدە قانداق قىلسۇن بىرقولنى كەسكىدەك بولدى،بالىلىرى مەكتەپتىن خۇشال ھالدا قايتىپ كەلدى،ئەلى بىلەن ئاينۇر ئاپىسىغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىپ كۈلۈپ يايراپ كەتتى.بىراق مىرگۈل ھەدە چىرايىغا زورىغا كۈلگۈ يۈگۈرتۈپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى.
ئۇ بالىلىرنىڭ خۇشاللىقىغا سوغۇق سۇ چېچىپ نىمە قىلارمەن ھەي!دەپ كۆزلىرنى ياشلاپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.ئاينۇر:ئاكا ئاپامغا نىمە بولغاندۇ؟چىرايى باشقىچە تۇردۇ كىرىپ قاراپ باقامدۇق .ئەلى:راس بىز بايا خۇشال بوپ كەتسەك ئاپام زورىغاكۈلۈپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.نىمە ئىش بولغاندۇ؟ئاپام پۇلنىڭ ئىشىدىن غەم يىگەنمىدۇھە››دىۋىدى ئاينۇرنىڭ يۈركى قارتلا قىپ قالدى،ئاينۇر بىرنەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ يۈگىرگىنچە ئاپىسىنىڭ ھۇجۇرسىغا كىرىپ، مىرگۈل ھەدىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.مىرگۈل ھەدە ئاينۇرنىڭ كىرگىننى كۆرۈپ كۆزياشلىرنى ئالدىراپ سۈرتىۋەتتى ۋە‹‹قىزىم كىرىپ قاپسىز بىرەر ئىش بولدىمۇ دەپ خۇددى ياتلارغا گەپ قىلغاندەك سۆزلىدى.ئاينۇرنىڭ كۆڭلى بىرقىسما بولۇپ قالدى، ۋە سورىدى.نىمىش بولدى ئاپا نىمىشقا يىغلايسىز؟ تىزراق دەڭە بىر ئىش بولسا بىللە مەسلەھەتلەشسەك بولدىغۇ.مىرگۈل ھەدە ئەقىللىق قىزىم كۆڭلۈمدە قانداق تۈگۈن بارلىقىنى چوقۇم پەملەپ بولدىڭىز .بوپتۇ سىلەردىن يۇشۇرۇپ بۇلالمايمەن،دەۋېرەي ئەلى بىلەن سىزنىڭ ئالى مەكتەپكە بارىغان ۋاقتىڭلار كەلدى مەن ھىساپلاپ چىقتىم ئىككىلىڭلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا بەك كۆپ پۇل كېتىدىكەن،بىراق قىزىم سىز بىلىسىز بىزنىڭ ئائىلە شارائىتىمىز سەل ناچارراق پەقەت ئىككىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭلا ئوقۇشىغا يار بېرىشى مۇمكىن مەنغۇ بولسا ئىككىڭلارنى ئوقۇپ ياخشى ياراملىق ئادەم بولۇشۇڭلارنى ئۇمىد قىلاتتىم.بىراق...ھەي!
داۋامى بار.. |
|
|
|
|
|
|