ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 702|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىزلىق ئىپپىتىگە ھالقا سالدۇرۇپ ئوقۇۋاتقان چوكان ئوقۇغۇچى

 تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

16

يازما

102

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 896
يازما سانى:
16
تىللا:
64
تۆھپە:
22
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
8 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-13
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-25 14:56  


ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم توداشلار !!بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئەجەبلنىپ قالماڭلار بۇ ھەقىقى بولغان بىر قىتىملىق خاتا نىكاھ.
ئادەم - ئۆز تەقدىرىنىڭ خوجايىنى . روھ سەمىمى ۋە مۇكەممەل ئادەمنى يارىتىدۇ .
ئىنساننىڭ بارلىق بەخىتسزلىكى بالدۇرمۇ ئەمەس ، كىيىنمۇ ئەمەس دەل ۋاقتىدا كىلىدۇ . چۈنكى قىلمىشىمىز خەيىرلىك بولسا پەرىشتىگە ، رەزىللىك بولسا ئىبلىسقا يولۇقىمىز .
يىقىندا مەن يۇرۇتدىشىم ھېكمەتنىڭ ئاھۇ - زارىنى ئاڭلاپ ، ھازىرقى زاماندىكى ئاز ساندىكى قىزلارغا ھەم ئانىلارغا شۇنداق نىدا قىلغۇم كەلدى ! ! ؟

چوكان ئاسىگۇل 4- سىنىپنى يۇرتىدا ئوقۇپ، 5- سىنىپتىن باشلاپ شىمالى شىنجاڭ دىكى مەلۇم  شەھرىدە ، ئاتا - ئانىسى بىر بايغا يىللىققا ئىشلەۋاتقاندا ، شۇ يەردە ئوقۇغان .
ئوقۇشى 8- سىنىپنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە شۇ يەردىكى يەرلىك ياشلارنىڭ بۇ ئاسى قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ ، مەكتەپتىن ئىلىپ قىچىشتەك ھادىسە يۈز بەرگەن .
شۇ ئىش تۈپەيلى ، شۇ يەردىكى   ئولتۇراق رايۇنغا قىلغان ئىشى پۈر كىتىپ ، بۇ يۇرۇتتىن يۇرتى جەنۇبى شىنجاڭغا كۆچۈپ كىلىشكە مەجبۇر بولغان .
كەلگەندىن كىيىن بۇ قىز كونا يۇرتىغا نىسبەتەن ئاپپاق قىز بولۇپ ،جەنۇبى شىنجاڭدىكى ناھىيلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشنى مىڭ تەسلىكتە ھەل قىلغان .
ۋە ئاتالمىش ئوقۇشىنى باشلىغان ھەم شىمالى شىنجاڭ مەدەنىيتىنى تارقاتقان . ئوقۇشى ھەر ھالدا نورمال بولغان ، مانا مۇشۇ پەيتىدە ئانىسى مايمۇنەمخان يۇرتىدىكى  دادىسى يوق ئانىسى مىيىپ يالغۇز بولغان ھېكمەتنى قىلتاققا دەسسىتش ئويۇننى ئويىنىغان ، يەنى ھېكمەتنىڭ ئانىسى بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىدىن ، مىيىپلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ھىسداشلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن يىقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە ئارىدا پات -پات ھېكمەتنىڭ كىيىنكى تۇرمۇش ئىشى توغىرسىدا مەسلىھەتلەشكەن ،  تىگى پەس بۇ مايمۇنەمخان ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن ھىكمەتنىڭ ئانىسىنىڭ ھەم ھېكمەتنىڭ كىيىم - كىچەكلىرىنى يۇيۇپ بىرىش  ئۆيىگە سۇ ئەكىلىپ بىرىش  ،تاماق قىلىپ بىرىشتەك ،  ئىشلار ئارقىلىق ھېكمەت بىلەن سىردىشىشقا ئۇرۇنغان ، ۋە ئوچۇقتىن ئوچۇق  تويىڭىزنى قاچان قىلىسىز  ؟
توي قىلسىڭىز ئانىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدىغان ئۆينىڭ ئارلىقى يىقىن بولغان ئانىسى ياخشى بولغان قىز بىلەن توي قىلىڭ !
دەپ گەپ باشلىغان بولۇپ ...  دوستۇم ھېكمەت ئالى مەكتەپ ئوقۇش تارىخغا ئىگە بولسىمۇ جەمئىيەت مەكتىپىنى چۈشەنمىگەن ، ئاق كۆڭۈل ، دىلى بەكمۇ يۇمشاق ، يىگىت بولغاچقا ئىچ - سىرىنى ئىيتىپ بەرگەن .
مايمۇنەمخان مەقسىتىگە يىتىش ئۈچۈن بۇ يىگىتنڭ پىسخىكىسدىن پايدىلىنىپ 2011 -يىلىغا كەلگەندە ، قىزىنى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇتۇپ بولغاندىن كىيىن ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ، ئاكىللىرىنىڭ بىر قىزنى يىراق يەردە ئوقۇتۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ، ئىيتقان ھەم   ھېكمەت نانلىق ئاپىرىپ قويغان ئورۇندىن ۋاز كىچىپ ياكى كەينىگە سۈرۈپ ئىككى يىل ساقلىسا ، قىزىنى بىرىدىغانلىقى ئوچۇق ئىيىتقان ،  ۋە قىزىنى تونۇشتۇرۇپ قويدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن .
بىر كۈنى كەچتە ھېكمەتنىڭ ئانىسىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ كىلىدىغانلىقىنى  قىزنىڭ ئۆگەي دادىسىغا دەپ قويۇپ كىلىپ ھېكمەت بىلەن سىرداشقان.
ۋە ھېچكىمگە دېمەسلىككە ۋەدە ئالغان ، ئاندىن قىزىنىڭ 186 دىگەن تىلىفۇن نۇمۇرىنى ئىيتىپ بەرگەن . ھەم ئۆزى تىلىفۇن قىلىپ ئاسىگۇل بالام ھېكمەت بىلەن تونۇشۋالغىن ئوقۇش ماتىرىيالىڭ كەم بولسا سورىغىن دىگەندەك ياغلىما گەپ سۆزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان قىزىنى داملاپ تونۇشتۇرغان .
كىيىنكى ھەپتىسى 10- ئايلىق دەم ئىلىشتا ھېكمەتنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ يۈز تۇرانە تونۇشتۇرغان . ۋە ئۆزى مەقسەتلىك سىلەر پاراڭلاشقاچ تۇرۇڭلار دەپ ھېكمەتنىڭ ئانىسنى ئايرىم ئۆيگە ئىلىپ چىقىپ كەتكەن .
ھېكمەت ئەقىللىق يىگىت بولغاچقا قىزنىڭ نەپەسىلنىشلىرىگە ئىرىپ كەتمىگەن ،  ۋە تۇنجى قىتىملىق كۆرۈشىشتە ئۇ قىزنىڭ بىر ئەردىن تارتىنماي يالغۇز تۇرىشى ھەم قۇچاقلاپ سۆيۈشلىرىدىن سەل ئەجەبلىنىپ قالغان ھېكمەت تەمتىرەپ قالغان .
ئاندىن كىيىن  ياخشى تونۇشۇپ قالغانلىقىنى بۇنىڭدىن كىيىن سىردشىپ ئۆتىدىغانلىقىنى دەپ يولغا سالغان .
ئىككى ھەپتىگىچە تىلىفۇنلاشمىغان بۇ جەرياندا ئانىسى ئۆيگە كىلىپ ھېكمەتتىن كۆرۈشكەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى سورىغان .
ھېكمەت كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئىيىتقاندا مايمۇنەمخان ئۆزىنىڭ 155 كارىدا قىزى ئاسىگۇلگە تىلىفۇن قىلىپ نىمىشقا ھېكمەتكە تىلىفۇن قىلمىدىڭ ؟ نېمىشقا كۆرۈشمىدىڭ ؟
ئەمدى كۆرۈشۋال دەپ تىلىفۇننى بەرگەن ۋە كۆرۈشتۈرگەن .  مانا ئىشلار شۇ تەرىقىدە بولغان . بايرام دەم ئىلىشلاردا ئاسىگۇل ئانىسىنىڭ ھەيدەكچىلىك قىلىشى بىلەن ھېكمەتنىڭ ئۆيىگە كىلىپ (ھېكمەتنىڭ ئۆيى سەل چەتتىرەك ) كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بىرىپ ئانىسىنىڭ ھالدىن خەۋەر ئىلىپ دىگەندەك ئىشلارنى قلغاچ ئۆزىنىڭ شەھۋانى ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇرۇپ  سىيلاش ، قۇچاقلاش ، لەۋلىرىنى غاجىلاش ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشتىن ئىبارەت  ئىشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيىسىگە قايتش بولۇپ ،  سىردىشش بىر خىل خۇمارلىق كىسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن .
شۇ ئارقىلىق ھېكمەتنى ئۆزىگە تولۇق رام قىلغان .  
ھېكمەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاسىگۇلنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا مايمۇنەمخان يولدىن ئۆتۈشنى پەملەپ ساقلاپ تۇرۇپ ھېكمەت ئۆتۈشى بىلەن ئەتتىگەنلىك تاماق قىلغان ئىدىم دەپ ئۆيگە باشلاپ ھەر خىل مەزلىك تاماقلار بىلەن غىزالاندۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى .
   ئىشلار مانا مۇشۇنداق داۋام قىلدى . بۇ ئىشلارنى پەقەت قىزى ئاسىگۇل ئانىسى ،مايمۇنەم ، ۋە ھېكمەتلا بىلەتتى .
ھېكمەتنىڭ ئانىسىنىڭ قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ نۇرغۇن ئىشنى يوشۇرغان بولسىمۇ ئانىسى بىر يامان غەرەزلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ھېكمەتكە پات - پات مايمۇنەمخان ئاسىگۇلنى ئوغلىڭىز ھىكمەتكە ئىلىپ بىرىڭ دەيدۇ  ئۇ قىز بولمايدۇ  .  ئانىسى بولمايدۇ ،  ئانىسى مايمۇنەمخان 6 ئەرگە تەككەن دەپ قوياتتى  ،
بىراق نادان ھېكمەت بېھۇش بولغان ئىدى ، ئىشلار شۇ تەرىقىدە بولغان بىر كۈنلەردە 2013-يللىرى 4- ئاينىڭ ئاخرى 5- ئاينىڭ باشلىرىدا بايراملىق دەم ئىلىشتا ئانىسى مايمۇنەم ھېكمەتكە ؛ قىزىم ئاسىگۇل بىلەن مەلۇم ۋىلايەتكە بىرىپ بايرام قىلىپ كىلىڭلار دەپ دەيدۇ .
ھېكمەت بۇ قانداق بولىدۇ ؟ قىز بالا تۇرسا دىگەندە ؛ مەن ئانىسى رۇخسەت قىلدىم مەن يولغا سالىمەن دەيدۇ .  ھېكمەت شەھەرگە ئانىسىغا شەھەردە ئىش چىقىپ قالغانلىقىنى دەپ كىرىپ كىتىدۇ .
مايمۇنەمخان ھىكمەتنىڭ ئانىسىغا ھەمرا بولۇپ تاماق قىلىپ برىپ تۇرىدۇ .   بىر كۈندىن كىيىن ئاسىگۇل شەھەرگە كىرىدۇ  . بۇلار خەلىق مەيدانىغا يىقىن 25 قەۋەتتىن  ياتاق ئىلىپ ياتدۇ ؛ بۇ جەرياندىمۇ ھېكمەت ئۆزىنى تۇتىۋالىدۇ چۈنكى ھامىنى توي قىلىدۇ . ئەمەسمۇ ؟
ۋە سەھەردە ئاسىگۇل سۇخانىغا كىرىپ كەتكەندە  ئادىل ئىسىملىك تىلىفۇندىن بىرسى كىلىدۇ  ؛ بەكمۇ ئەتتىگەندە  ھېكمەت تىلىفۇننى ئالمايدۇ ۋە ئاسىگۇل چىققاندىن كىيىن سورايدۇ كىم ؟ ئۇ  تىلىفۇن قىلغان ؟ ئاسىگۇل دەيدۇ ؛ ساۋاقدىشىم  دەيدۇ بۇلار سىرىتقا ماڭغاندا  يەنە بىر تىلىفۇن كىلىدۇ
ئاسىگۇل تىلىفۇندا ئۆزىنىڭ مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى تىخى قويۇپ بەرمىگەنلىكىنى ئىيىتدۇ ۋە تىلىفۇننى قويىۋىتىدۇ .  ھېكمەت سورايدۇ  كىم ئۇ تىلىفۇن قىلغان ؟   ئاكام دەپ جاۋاپ بىرىدۇ  ۋە يەنە تىلىفۇن كىلىدۇ بىسىۋىتىدۇ ؛  ھېكەتنىڭ ئاچچىقى كىلىپ تىلىفۇننى ئۆزى ئالىدۇ بۇ دەل ئادىل بولۇپ ھېكمەت بىلەن توۋلىشىدۇ ؛
ئادىل ئاسىگۇلنىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكنى ئىيىدۇ ؛ ھېكمەت قاتتىق رەنجىپ ئۆزىنىڭ ئەخمەق بولغانلىقىنى ئىيىپ  ئىشنى مۇشۇ يەردە توختىتىدىغانلىقىنى دەيدۇ ؟
ھىكمەت يۇرتىغا بىرىپ تاكى ئىككى ھەپتىگىچە پەقەت ئالاقە قىلمايدۇ بىراق ھىلىقى ھېندىستانلىقققا ئوخشايدىغان مايمۇنەمخان ئۆيگە كىلىپ قىزىم ئاسىگۇل كىچىك  رەنجىمىسىلە  دەپ شىكەر يالىتىپ كۈندە يالۋۇرۇپ كىلىدۇ  ؛  تىلىفۇن قىلىدۇ بىر قىتىم تىلىفۇن قىلىپ قىزىغا تەربىيە بىرىدىغانلىقىنى دەپ تىلىفۇننى بىسىۋەتمەيلا قىزىنى دۈشكەللەپ سەن بۆرتالادىمۇ يۈزۈمنى پوق قىلغان بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ؛ سەن مۇشۇ يۇمشاق باش نېمە دىسەڭ ماقۇل دەيدىغان ھېكمەت بىلەن توي قىلىسەن ؛
مەنمۇ 6 ئەرگە تەككەن  مىنى ئۇنداق ئۇراتتى مۇنداق ئۇراتتى ؛دىگەندەك گەپلەرنى ھېكمەت ئاڭلاپ قالىدۇ ؛ شۇ تەربىيە تۈپەيلىدىن تۈزۈلۈپ قالا دەپ يەنە كۆرۈشىدۇ ۋە ئوچۇق دەيدۇ  ئاسىگۇل سىز ئانىڭىزنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن مەن بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ يەنە ئادىل بىلەن سىردىشىپ يۈرسىڭىز سىزدە قانداق يۈرەك بار دەپ سورايدۇ   ئاسىگۇل ناز كەرشمە  قىزلار ھيلىسى بىلەن ھەممە ئىشنى يوق قىلىپ ئادىلنى تىللاپ كەينىمگە كىرىۋالدى  ئۇ بۇ  دەپ تۈگىتىدۇ .
كىيىن ھېكمەتنى نانلىق ئەكىلىشكە قىستايدۇ ھېكمەت ئىككى تۇققانلىرىغا مەسلىھەت قىلغاندىن كىيىن ؛ يەنى ۋىلايەتكە كىرگەندە نانلىقنى ئاسىگۇلنىڭ تۇتقىنى بويچە تەييار قىلىپ بولۇپ مەسلىھەت قىلغاندىن كىيىن قوشۇلمايدۇ ؛  ھېكمەت ئانىسىنىڭ ياخشى تەرپىنى دەپ قايىل قىلىدۇ ؛ ئىككى تۇققانلىرىمۇ ئىنىسى ھېكمەتنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ قوشۇلىدۇ ۋە بارىدۇ مايمۇنەمخان ھىچكىمنى چاقىرمايدۇ ؛ ئۆزى قىزى  ھېكمەتنىڭ تاغ ئاچىسى چىمەنگۇل بۇ قانداق گەپ بىر تۇققانلىرىغا مەسلىھەت قىلماملا  دىسە قىزىم يالغۇز ھېچكىگە مەسلىھەت قىلماي توينى قىلىدىغان كۈنى دەيمەن دەپلا گەپنى ئۈزىدۇ   ۋە تويلۇقنى سالىدۇ ،
شۇ ئىشتىن كىيىن ؛ بۇ قىز 11-سىنىپقا چىقىدىغان يىلى 2013-يىلى  ھېكمەت بۇ قىزنى مەكتەپتىن ئائىلىسىدىكى ئانىسى مايمۇنەم ، ئۆگەي دادىسى سادىق ، ئاكىسى تۇرامەت قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ۋە ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە بىرىپ مەكتەپتىن چىكىندۈرۈپ كىلىدۇ .
بۇ قىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلى زەيتۇنەم خانىم ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئوقۇسا ياخشى بولدىغانلىقىنى دەيدۇ .  بۇ قىزمۇ بىلى بوش بولغاندىكىن 310 نۇمۇر ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ئوقمايدىغانلىقىنى ئانىسىغا قارايدىغانلىقىنى دەپ ئۆزئىختىيارلىقى بىلەن يىنىپ كىلىدۇ .
ۋە 10 - ئايدا ئەل - جامائەتنى چاقىرىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويچە توي بولىدۇ   
توي كىچىسى بۇ قىزنىڭ قىزلىق ئىپپىتى بۇزۇلغان ھالەتتە بولۇپ قىزدا ھېچقانداق قورقۇش ۋە ياكى  جىددىيلىك بولمايدۇ .
ھېكمەت ئۆزىنىڭ بىر چوكان  قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرغانلىقىدىن بەكمۇ ئازابلىنىدۇ .
ۋە چىۋىن يەۋەلغاندەك بولۇدۇ شۇنىڭ بىلەن قىزدىن ئەتىسىلا ئاجرىششنى ئويلايدۇ.
   بىراق  ھېكمەتنىڭ دادىسى يوق ئانىسى كىسەلچان ھەم مىيىپ ھېكمەتنىڭ ئازغىنە تۇرمۇش پۇلى  ئۆزىنى سەل گاڭگىرتىپ قويىدۇ . ۋە بۇنىڭدىن كىيىن دىققەن قىلىش لازىملىقىنى  دىلىدىن كەچۈرەلمىسىمۇ ئۆي تۇتىدىغانلىقى ياخشى ئانا بولۇشى لازىملىقىنى دەپ ۋەدىلىشىپ تۇرمۇشىنى باشلايدۇ .
ئەتىسىدىن باشلاپ ھېلىقى يەنە بىر يىزىدىكى قىز دوستى راۋاپچى  ھىلىقى كىچدە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ئاسىگۇلگە تەربىيە بەرمەي  سەن ئوقۇغىن دىسەم ئوقۇماي ئەمدى ئاجراشقىن ئوقۇغىن دىگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ .
   بەش  ھەپتە ئىچىدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قىتىملىق دوتەكشۈرتۈشتە ئاسىگۇلنىڭ قورسىقىدا بارلىقى 3 ئاي بولغانلىقىن ئىيتىدۇ  . بۇ نېمە گەپ دەپ سورىغاندا  ئىنىق جاۋاپ يوق  ...... بۇ بالا
ئانىسى مايمۇنەممۇ تويدىن بۇرۇنقى ھالىتى يوق كۈندە قىزىنى ئەۋەتىدىغان مايمۇنەمخان كۈندە قىزىنى يىنىغا چاقىرىپ ، ھېكمەتنىڭ كىسەلچان مىيىپ ئانىسنى دۈشكەللپ ئارىغا ئالماي ھەم كۆزگە ئىلماي  يۈرىيدۇ .
ھېكمەتنىڭ ئانىسى  مايمۇنەمخاندىن سىز تويدىن بۇرۇن كۈندە كىلەتتىڭىز  قىزىڭىزنى ئەكىلەتتىڭىز مەن ئوغلۇمغا باشقا قىز ئىلىپ بىرىمەن دىسەم مىنىڭ قىزىم بەك ياخشى دەپ ئۆيدىن كەتمەيىتتىڭىز ؟ ئەمدى توي قىلىپ بولۇپ نېمە ئىشلار بۇ ؟ دىسە بۇ تىگى پەس مەقسىتىگە يىتىپ  بولغاندىكىن گەپ سۆز قىلمايدۇ . ۋە ئەمدى ئاجراشتۇرۇش پىلاننى تۈزۈشكە كىرىشىپ ئۇ گەپ سۆزلەرنى ئاڭلىماسلىققا ئۇرۇنىدۇ.  ۋە قىزى ئاسىگۇلنى مىدە ئىشەك تەخينى ئەگەشتۈرۈپ ماڭغاندەك ؛ توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن كۈندە ئەگەشتۈرۈپ ئۇ يەر بۇ يەردە يۈرىيدۇ ؛
ۋە قىزىنى ھېكمەتنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيدىن ئەكىتىپ  قورساقتىكى ناراسىدە جاننى ناھىيلىك نۇرلۇق دوختۇرخانىسىدا قىيدۇرۇپ كىلىدۇ .
ھەم ئۆيىسىدە ئاغىرىپ قالدى دەپ ياتقۇزۇۋالىدۇ . ھەم  
ئۇنىڭ مەلۇم ۋىلايەتتە ئاشىخانا ئاچىۋاتقان ئاكىسىنىڭ تويىغا ئەكىتىدۇ .
ھېكمەتنىڭ بىر تاغ ئاچىسى تۈگەپ كىتىدۇ .
ئۇلار بۇ مۇسىبەت ئىشىغىمۇ پىسەنىت قىلمايدۇ قىزنىڭ قورسىقى بىكار بولغاندىن كىيىن ئاي ئۆتكۈزۈپ قىزىغا ھالقا سالدۇرۇپ ئەكىلىدۇ .
ۋە قوشنىسىغا ھېكمەتنىڭ ئۆيدىكىلەر كەلمىدى  قىزىمنى ئاجراشتۇرغۇم يوق ئىدى دەپ سەپسەتە ئوقۇيدۇ

ئادەم بارمىغاندىن كىيىن  قىزىنى ئەكىلىپ قويىدۇ .
ھېكمەتنىڭ بۇ رەزىل چوكان بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغۇسى كەلمەيدۇ .
ۋە سورايدۇ نىمىشقا ھالقا سالدۇردىڭىز ؟  ئاسىگۇل چوكان ئانىسى مايمۇنەمنىڭ ئۆزىنى ئوقۇتىدىغانلىقنى ئاجراشتۇردىغانلىقىنى دەيدۇ .
ھېكمەت ئەجەپ ئانىڭىز تويدىن بۇرۇن كۈندە قىزىمنى ئىلىڭ ئۇنداق مۇنداق  دەپ كىلىدۇ .
قىلمىغان ئىشلىرى قالمايدۇ مىيىپ ئانامنمۇ ئەخمەق قىلامدىكىن دەپ سورايدۇ .
ئاسىگۇل خيالغا كىرىپ چىقماي ئوقۇيدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ .
ئەجەپ ئوقۇيدىغان ئادەم تولۇق ئوتتۇردىن ئىمتىھان بىرىپ شۇ ۋاقىتتا ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ دىسە ئۇ ۋاقىتتا ئانام مايمۇنەم چۈشەنمىگەن دەيدۇ .
ۋە چارشەنبىدە كىرىپ ئاجرشىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ تولۇق ئاجرىشىدۇ  .
ئاندىن يىزىلىق چوڭلار مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىشى بويچە يەنى خەتنى ئىلىشتىن بۇرۇن پىلانلىغان بويچە شىمالى شىنجاڭنىڭ مەلۇم ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتىپىدە ھالقا سالدۇرۇپ ئوقۇش پۈرسىتىگە ئىرىشكەن چوكان ئوقۇغۇچى بولۇپ  ئەتراپتىكى  ساۋاقداشلىرى بىلەن رەڭدار تۇرمۇشتا مەكتەپ ھاياتىنى باشلايدۇ .

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇ تىمىنى ئۇيغۇرچە ھەرىپ ئۇرالايدىغان بىرسى خاتىردىن كۆچۈرۈپ يازغاچقا نۇرغۇن خاتالىقلار بولۇپتۇ   تورداشلارنىڭ پىكىرى بويچە ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلساق بولاتتى   بىراق  مۇشۇنداق يامان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ شۇڭا  يوللاندى  بەلكىم  مۇشۇنداق يامان ئىشلارنى قىلىدىغانلار بۇنداق كومپىيۇتىرلارغىمۇ قاراپ قويماسلىقى مۇمكىن بىراق  بىز ئۆزىمىزدىن ئەتراپىمىزدىن مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇپ قىلىشتىن قاتتىق ئىبرەت ئىلىشىمىز كىرەك

سىلەرچە مۇشۇ قىز تويدىن بۇرۇن ئوقۇيمەن دىسە  ھەممە ئادەم قوللايدۇ ‹ بىراق توينى قىلىپ بولۇپ باشقىلارنىڭ كىشىلىك قەدىر -قىمىتىگە دەخلى قىلىپ  تۇرمۇش ھاياتىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ  يوق ئىشلار بىلەن ئۆيىسىگە كىتىپ  ھالقا سالدۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇيمەن دىيىشى توغىرمۇ ؟  نېمە مەقسەت بار


تورداشلار سىلەر بۇ ھەقىقى ۋەقەدىن باش ئاخىرى تولۇق ماسلسشمىغان تاققا - تۇققۇ بولۇپ قالغان بۇ ھەقىقى ۋەقەدىن نىمىنى چۈشەندىڭلار ۋە نمنى ھېس قىلدىڭلار   جەمئىيتىمىزدە  مايمۇنەمدەك پەسكەش ئانىلاردىن يەنە بارمىدۇ ؟ قىزىنى توي قىلدى دىگەن نامنى ئىلىشنى ئويلايدىغان ۋە  ھالقا سالدۇرۇپ قىزلىق سالدۇرۇپ توي قىلىپ ئاجراشتۇرۇپ مال - دۇنيا توپلايدىغان ئانىلاردىن قانچىلىك باردۇ ؟ ئويلاندىڭلارمۇ ؟
بىز رەھىمسىزلىك بىلەن ئاجىزلارنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈپ ئەخمەق قىلغىنىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك ئىنسان ئىكنلىكىمىزنى ئويلىدۇقمۇ؟

مەنبە: دوستۇمنىڭ ھەقىقى ئىشلار خاتىرسىدىن
2015-يىلى 8- ئاينىڭ 23-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تۆھپە +22 يىغىش سەۋەبى
ئۆزخان + 22 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2

تېما

86

يازما

568

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 560
يازما سانى:
86
تىللا:
482
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
27 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-11

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-8-24 22:15:26 | ئايرىم كۆرۈش
كىلياڭدا بولغان ۋەقەما ؟

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-24 23:43:39 | ئايرىم كۆرۈش
مىسرانىمدىمۇ كۆرۈپ بەك بىر خىل بوپ قالغان ئىدىم، ھەي...... نېمە دېيىشنى بىلمىدىم، بىلىدىغىنىم ئاچچىق بىر تۇيغۇلار يۈرۈكۈمنى چاڭگىلىغا ئالدى
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

51

تېما

135

يازما

1618

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 54
يازما سانى:
135
تىللا:
1304
تۆھپە:
43
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-28

نادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسى

يەر
ۋاقتى: 2015-8-25 12:56:32 | ئايرىم كۆرۈش
قىز تەربىيىسى مىللەت تەربىيىسىنىڭ ئامبولاتورىيىسى...

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
5#
ۋاقتى: 2015-8-25 15:17:53 | ئايرىم كۆرۈش
قىزلىرىمىزغا ھايا،يىگىتلىرىمىزگە غورۇر ئاتا قىلغاي!
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

1

تېما

43

يازما

142

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 843
يازما سانى:
43
تىللا:
99
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
13 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-21
6#
ۋاقتى: 2015-8-25 15:47:10 | ئايرىم كۆرۈش
بايىلا بىر خەن بىلەن بىللە ماشىندىن چۈشكەن ئۇيغۇر قىزىنى كۆرۈپ گىلىمغا بىر نەسە تۇرۇپ قاغاندەك بۇلغان...
بۇ تېمىنى ئۇقۇپ تېخىمۇ ئېچىندىم.....

تەن ھەممىنىڭ،يۈرەك بىرنىڭ.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-8-30 19:58:46 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممىمىزنىڭ  قىزى بار  ،  ئىنساپ  تىلەيمەن
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-8-30 20:28:04 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي  نىمە  دىگەن پەسكەشلىك  بۇ ، بۇنداق  ئىشلارنى  يوق  دىگىلىمۇ  بولمايدۇ ، ئۇ قىزمۇ  تازىمۇ بىر ئەخمەق  ئىكەن  ، نەدىمۇ  ئۇنى قىل  دىسىمۇ  ماقۇل ، بۇنى  قىل دىسىمۇ ماقۇل  دەيدۇ ،ئوزىنىڭ كۆز  قارىشى  بولىدۇ  ھەممە  ئادەمنىڭ ،توۋا   دەپ  كەتتىم ،جەمىئىتىمىزدە  ئاز  ئۇچرامدىكىن  دەيمەن  بۇنداقلارنى .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

0

تېما

91

يازما

914

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 765
يازما سانى:
91
تىللا:
819
تۆھپە:
1
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
255 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-25
9#
ۋاقتى: 2015-8-31 11:12:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

20

تېما

329

يازما

2250

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 359
يازما سانى:
329
تىللا:
1736
تۆھپە:
60
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
168 سائەت
ئاخىرقى:
2016-10-2
10#
ۋاقتى: 2015-9-10 21:16:22 | ئايرىم كۆرۈش
بولدىلا، مەن بۇ تىمىغا بىر نەرسە دىمەي، بىر نەرسە دىدىممۇ بولدى ئاۋۇ ئانا-بالا قانجۇقلارغا چېچىلىپ قالىمەن.
ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەس.
غىلاپتىن چىقمىغان خەنجەردىن، يىپ ئۆتكۈزۈلگەن ژىڭنە ياخشى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:43 , Processed in 0.154977 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش