ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 747|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

بىئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇنتۇش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 06:43  

بىئەپ

بەزىدە كېنو – فىلىملىرىدىن ئاجايىپ – غارايىپ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسىمۇ كەلمەيدىغان ئىشلارنى كۈرىمىز ، بۇ دۇنيا راستىنلا شۇنچىلىك ئىنتايىن بەك سىرلىقمۇ ؟ ئەمما سىلەر ئەمەلىيەتتىمۇ بەلكىم بەزىدە قىسمەن ئەھۋاللاردا بەزىدە ئەنە شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مومكىن ئەمەس دەپ ئىيتالامسىلەر ؟ بەلكىم يۈز بىرىدىغاندۇ ، ۋە يۈز بىرىپ تۇرۋاتىدۇ ، ھەم شۇنداق ئىشلار بۇرۇنلاردىمۇ ھەر جايلاردا پات – پات يۈز بېرىپ ئۆتكەن ، بۇنڭغا مىساللارمۇ ئىنتايىن كۆپ ، قالغىنىنى مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ۋە ئەملى پاكىتلارنى ئۈزۈڭلار ئىزدەپ تېپىپ كۈرۋالساڭلار ، ئەمما بۇنداق ئىشلار ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك ئاز يۈز بىرىدۇ ، ھەم بۇنداق ئىشلار راستىنلا پەقەتلا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمىغاچقا ، ھەتتا ئەمىلى پاكىتىنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ ، ئۇ ئىشلار بىزنىڭ چۇشۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىمىزغا پەقەتلا توغرا كەلمىگەچكە ، چۇشمىگەچكە ، بىز شۇنداق ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغاچقا ، ئۇ ئىشلار ھامان بىزنىڭ ئادەتتىكى ئەقىلى يەكۈنىمىز تەرپىدىن ئىتراپ قىلىنمايدۇ ۋە يالغانغا چىقىرىلىدۇ ، ياكى بىز ئۇنى قوبۇل قىلماي ئىتراپ قىلماي تۇرىۋالىمىز ، ئەمما مەيلى بىز بۇنداق ئىشلارنى قوبۇل قىلمايلى ياكى قوبۇل قىلايىلى ، مەيلى ئىشىنەيلى ياكى ئىشەنمەيلى بۇ دۇنيا راستىنلا شۇنداق ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك سىرلىق ، ئۇنۇڭغا يەنە ئەنە ئاشۇنداق ئادەمنىڭ ئەقلىگىمۇ سىغمايدىغان بىزنىڭ قوبۇل قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقىتىدارىمىزغىمۇ قەتتىئىيلا ماس كەلمىگۇدەك ۋە چۈشمىگۇدەك دەرىجىدىكى ئەنە شۇنداق ئاجايىپ – غارايىب سىرلار موجزىلەر يۇشۇرۇنغان ، تۈۋەندە مەن دوستلارغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان ھىكايىمۇ ئەنە شۇنداق سىرلىق موجىزيىۋى خاراكىترلىك ئىشلار سۆزلەنگەن كىچىكنە بىر ۋەقەلىك ، ئۇنداق بولسا مەن ئۈزۈمنىڭ ھىكايسى باشلاي  …..

باھار پەسلى ، بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مەلۇم كىچە ئىدى ، تۇن نىسپى كىچە سائەت ئىككىلەردىن ئاشقان ۋاقىت ، مەن ئۇ چاغدا ئۆز ياتقىمدا شىرىن ئۇيقۇدا ، ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرېق بۇلۇپ چۈشلەر دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈپ تۇلىمۇ بەك تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم ، دەل شۇ چاغدا تۇيۇقسىز سەلكىن شامال يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ ، ياتقىمنىڭ دېرىزىسىدىن ئاپئاق كىيىملىك چىرايىدىن نۇرلار يېغىپ تۇرىدىغان ، بۇ كۈچلۇك يۇرۇق نۇر تەرپىدىن ھەتتا چىرايىنىمۇ ئېنىق پەرىق ئەتكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدىكى ئىنتايىن بەك ئۇماق بولغان ، ئىككى نەپەر ئۇزۇن چاچلىق ، چاچلىرى ئەركىن ھالدا كەڭ قۇيۋىتىلىپ تاپىندىنمۇ ئېشىپ بوشلۇقتا ئۇزۇن يېيىلىپ سۇزۇلۇپ ، خۇددى كۆكىتە ئۇچۇپ لەپىلدەپ ئۈزۈپ يۈرگەن لەگلەك كەبى يەلپۇنۇپ لەپىلدەپ تۇردىغان ئىككى نەپەر غايىب بىپايان كۆكتىن پەرۋاز قىلىپ دېرىزەمدىن ئۇچۇپ كىرىپ كەلدى ، مەن بۇنداق نەرسىنى سىلەرگە ئوخشاشلا ھازىرغىچە بولغان ھاياتىمدا ئەزەلىدىن كۈرۈپ ۋە ئۇچرۇتۇپ باقمىغاچىقا قۇرقۇمسىرغان ھالدا دەممال گاڭگىراپ نېمە قىلىشىمنىمۇ  بىلەلمەي ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم ، چۈنكى مەن بۇ تار بولغان ياتاق ئۈيۈمدە قېچىپ كىتەي دىسەممۇ ھېچ بىر يەرگە قېچىپ چىقىپ كىتەلمەيتىم ، ئۇلار دېرىزىدىن شۇ ئۇچقانچە كىرىپ كېلىپ مەن بىلەن سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا
يۇر دېدى ، مەن قورقۇمسىرىغان ھالدا ، سەل ھەيران بولۇپ ۋە تىڭىرقاپ
نەگە يۈرىمىز  ، مەن … ، مەن … ، مەن يە سىلەرنى تۇنىمىسام ؟ سىلەر كىم بۇلىسىلەر ؟ ئەجەب دېرىزىدىن ئۇچۇپ كىرىپ كەلدىڭلارغۇ ؟
- سىنى مەلۇم بىرسى بىلەن كۈرۈشتۈرگىلى ئېلىپ بارىمىز ، سەن بىزنى بۇرۇن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغاچقا شۇڭا تۇنىمايسەن ، ئەمما بىز سىنى ئىزچىل كۈرۈپ تۇرغاچقا تۇنۇيمىز ، بىز ئادەتتە كىشىلەرگە بۇنداق ئۇچۇق - ئاشكارا كۈرۈنمەيمىز ، ئەمدى كىملىكىمىزنى بىلدىڭغۇ دەيمەن  ، مەن يەنە سەل قۇرقۇپ تۇرۇپ ، چۇشۇنۇشمەسلىك ئىچىدە ،
- مىنى كىم بىلەن كۇرۇشتۇرگىلى ئېلىپ بارسىلەر ؟؟ ياق !! مەن سىلەرنىڭ كىملىكىڭلارنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ قانداقمۇ سىلەر بىلەن بىللە ماڭالايمەن  ، ماڭا يەنىلا سىلەرنىڭ كىملىكىڭلار ئېىنىق ئەمەس ، سىلەرنىڭ چۇشەندۇرشىڭلار دىگەندەك يىتەرلىك بولمىدى ، ئاۋۋال سىلەر ئۈزۈڭلارنىڭ كىملىكىڭلارنىڭ ئېنىق دەڭلار ۋە چۈشەندۇرۇڭلار ؟؟ ئاندىن مەن سىلەر بىلەن ماڭاي  
- ئەمسە سەن يەنە ئېنىق چۈشەنمىگەن نوقتىلىرىڭىنى بىزدىن سورا ، بىز ساڭا جاۋاب بىرەيلى
- سوراپ باقىسام ، سىلەر راستىنلا مىنى ئەزەلدىن تارتىپ ئېنىق كۈرۈپ تۇرۋاتامسىلەر
- شۇنداق بىز سىنى ئەزەلدىن تارتىپ شۇنداق ئۇچۇق كۈرۈپ كىلۋاتىمىز ،
- ئۇنداق بولسا مەن نىمىشقا سىلەرنى بۇرۇن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان
- دىدىققۇ ئادەتتە بىز بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرگە بۇنداق ئۇچۇق  - ئاشكارا ھالەتتە كۈرۈنمەيمىز
- ئەگەر دىگىنىڭلار راستىنلا راس بولسا ئۇنداق بولسا مەن كىم ؟؟ سىلەر دەپ بېقىڭلار ؟؟؟ قېنى ؟؟؟ ئاندىن شۇندىنلا مەن سىلەرگە ئىشىنەي ، ۋە سىلەر بىلەن بىللە ماڭاي ، ئۇلار بۇنى ئاڭلاپلا ، دەرھال ئىككىسى مىنىڭ كىملىكىمنى ھەتتا قاچان قەيەردە تۇغۇلغانلىقىمنى ۋە بارلىق تارىخىمنى ھەممە ئىشلىرىمنى يىپىدىن – يىڭنىسىگىچە بەستە – بەستە سۆزلەپ كەتتى ، مەن بۇلارنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم ، ئۇلار
- ئەمدىغۇ بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلگەنسەن ؟؟  
- سىلەر مىنىڭ ھەممە ئشلىرىمنى شۇنداق ئېنىق بىلدىكەنسىلەر ، ئەجىبا سىلەر مەن بۇرۇن كىچىك سەبىي بالا ۋاقىتىلىرىمدا بۇۋا – مۇمىلىرىمنىڭ چۆچەكلىرىدىن ئاڭلىغان پەرشىتە دەپ ئاتىلىدىغان ، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنى ھەرخىل يامانلىقلاردىن تۇسۇپ ياخشلىققا ۋە خەيىرلىك ئىشلارغا چىللايدىغان ، شۇ پەرشتىلەردىن ئوخشىمامسىلەر ؟؟؟
- بولدى  سەن ھازىر ئەمدى ھەممىنى ئېنىق بىلگەندىكىن يەنە ئارتۇقچە سۇئالىڭنى قۇيۇپ كەينىمىزدىن ماڭ بولمىسا ۋاقىت يىتىشمەيدۇ  
- ئۇنداق بولسا ، ئىم ماقۇل يۈرەي ، ئەمما ھازىر نەگە بارىدىغانلىقىمىزنى سورىسام بۇلامدۇ ؟؟
- سىنى مەلۇم بىرىسى بىلەن كۈرۈشتۇرگىلى ئېلىپ بارىمىز
- كىم بىلەن ؟
- بولدى ھازىر سورىما ، ھېلى ئۇنى كۆرگەندە ئۈزۈڭ بىلىپ قالىسەن
- ئىم ئۇنداق بولسا ماڭايلى

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئىككى تەرىپىمدە تۇرۇپ مىنى يىتلەپ ماڭا يول باشلاپ ماڭدى ، مەن ئۇلار بىلەن بىللە دېرىزىدىن كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ چىقتىم ، مەن تېخىغىچە بولغان ھاياتىمدا راستىنلا ئەزەلدىن كۆكتە بۇنداق پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ باقمىغاچقا ، ئۇزۇمنى خۇددى سۇ ئۇزۋاتقاندەك شۇنداق ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك يەڭگىل ۋە يىنىك ھېس قىلىدىم ، سەلكىن شامال يۈزلىرىمنى ۋە چاچلىرىمنى تۇلىمۇ ئىنتايىن يىنىك سىيپاپ ئۈتەتتى ، بىز بىرلىكتە ئۇچۇپ كۆكتىكى خىلى بەك ئىگىزلىككە چىقتۇق ، بۇ چاغدا كۆككە يۇلتۇزلار چىققان بولۇپ ئايمۇ ئەتراپقا سېخىيلىق بىلەن شۇنداق يۇرۇق سۇپسۈزۇك نۇرلىرىنى چېچىپ كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ جىلمىيىپ تۇراتتى ، ئۇلار بىلەن بىپايان كۆك قەھرىدە خېلى بەك ئۇزۇن شۇنداق ئۇچۇپ ماڭدىم ، ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە توختاپ قۇلىغا بىر قىزىل لىنتىنى ئېلىپ
- مالال كۆرمىسەڭ ئەمدى كۈزۈڭنى بىردەم تېڭىپ قويساق قانداق دەيسەن ؟؟ دەپ سورىدى ، مەن ئۇلارغا قاراپ ھەيران بولغان ھالدا
- نىمىشقا كۈزۈمنى تېڭىپ قۇيىسىلەر ؟؟ كۈزۈمنى تېڭىپ قويساڭلار مەن قانداق كۈرەلەيمەن ؟؟ مەن يولدىن ئېزىپ قالمامدىم ؟؟   دىدىم ، ئۇلار كۈلۈپ كېتىپ
- قارا بىزنىڭ سىنىڭ كۈزۈڭنى تىڭىپ قۇيۇشتىكى مەقىسىتىمىزمۇ ساڭا بىردەم ھېچنىمنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ، ئەمما ئەنسىرىمە بىز ئىككىمىز يەنە سىنى مۇشۇنداق قولتۇقلاپ يىتلەپ سەن بىللە تەڭ ئۇچۇپ ساڭا يول باشلاپ ماڭىمىز سەن ھەرگىزمۇ يولدىن ئېزىپ قالمايسەن ، شۇڭا سەن بۇنۇڭدىن خاتىرجەم بول
- ھە ئۇنداق بولسا بوپتۇ كۈزۈمنى تېڭىپ قويساڭلار تېڭىپ قۇيۇڭلار بىراق بۇنۇڭ سەۋەبىنى سورىسام بۇلامدۇ
- ئەلۋەتتە بولىدۇ ، بىز ئەلۋەتتە شۇ يەنە ساڭا ياخشى بولسۇن دەۋاتىمىز چۈنكى ھازىر ئالدىمىزدا ئەمدى بىردەم سەن كۆرسەڭ بولمايدىغان مەنزىرە ۋە كۈرنىشلەر بار ، ئەگەر بىز سىنىڭ كۈزۈڭنى تېڭىپ قويمىساق بەلكىم سەن ھېلىقى سەن بىلەن كۈرۈشتۈرمەكچى بولغان كىشى بىلەن  بىلەن كۈرۈشىدىغان يەرگە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن كۈرۈشۈپ بولغۇچە جېنىڭ چىقىپ كىتىشى ھەم يەنە ئۈيۈڭگىمۇ قايتالماسلىقىڭ  مومكىن !!
- ئەجىبا ئالدىمىزدىكى مەنزىرە راستىنلا شۇنداق بەك قورقۇنۇچلۇقما ؟ بىز ھازىر ئالدىمىزدا زادى نەدىن ئۈتىمىز ، ئۇ مەن بىلەن كۈرۈشنەكچى بولغان كىشى زادى قەيەردە ؟
- شۇنداق ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ، بىز ئەمدى ئالدىمىزدا قەبىرستانلىقتىن ئۈتىمىز ، سەن بىلەن كۈرۈشمەكچى بولغان كىشى يەنە باشقا بىر دۇنيادا ، سىنى قەبرىدىن ئۆتكۈزۈپ يەنە باشقا بىر شۇ دۇنيادىكى مەلۇم بىرىسى بىلەن كۈرۈشتۈرگىلى ئېلىپ بارىمز .
- ئىم ، بىلدىم ئۇ كىم ؟؟ بىراق يەنە بىر سۇئالىم مەن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كىتەلەمدىم ؟ ئەگەر قايتالمىسام …..؟؟
- سەن ھازىر ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىما ، بىز ھېلى سىنى ئۇنىڭ قېشىغا باشلاپ بارغاندا ئۇنى كۆرسەڭلا ئۇنىڭ زادى كىملىكىنى بىلەلەيسەن ، ئاندىن بىز سىنى ئۈزىمىز باشلاپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەنمىز خاتىرجەم بول يەنە ساق – سالامەت ئۆز پىتى ئۈيۈڭگە ئاپىرىپ قۇيىمىز شۇڭا سەن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلما
- ئىم بۇلىدۇ سىلەرگە ئىشنىمەن ، بىلىمەن پەرشتىلەر ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ ، ۋە زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ ، ماقۇل سىلەرنىڭ دىگىنىڭلاردەك بولسۇن قېىنى ئەمسە كۈزۈمنى تېڭىپ قۇيۇڭلار ، ئۇلار كۈلۈپ قويدى ۋە كۈزۈمنى مەھكەم تېڭىۋەتتى مەن ھېچنىمنى كۈرەلمەي قالدىم ، ئۇلار ئىككى تەرپىمدە تۇرۇپ مىنى يىتىلەپ ئۇچۇپ مېڭىۋاتىدۇ ، مەن ئۇلارنىڭ شۇنداق يتىلەپ ئۇچۇپ مېڭىشى بىلەن ئۇلارغا ئەگىشىپ ئۇلار بىلەن بىللە ، ئاجايىپ - غارايىب سىرلىق ۋە غەلتە قورقۇنۇچلۇق سۈرلۈك ھاياتىمدا ئەزەلدىن ھېچ ئاڭلاپ باقمغان نەرسىلەرنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ ئۇچۇپ مىڭىپ ئەنە ئاشۇنداق تەرىقىدە خېلى ئوزاق ئۇچىقاندىن كېيىن ئۇلار بىر يەرگە كەلگەندە توختاپ  
بولدى ئەمدى كەلدۇق دېدى ، ۋە كۈزۈمنى تېڭىپ قويغان لىنتىنى يېشىپ ئېلىۋەتتى ، ۋە
- بىز سەل تۇرۇپ كۈرشەيلى دەپ قۇيۇپ لاپپىدە قىلىپ كۆزدىن غايىب بولدى ، ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت ئىدىكى ھەتتا بۇ جىمجىتلىقتىن ئادەمنىڭ قورقۇسى كېلىپ ئادەمنى سۇر باساتتى ، مەن ئەتراپقا زەن سېىلىشقا باشلىدىم بۇ قەيەر مەن بىلەن كۈرشىدىغان ئادەم قېنى قەيەردە ؟ تۇيۇقسىز كەينىمدىن بىرسى يەلكەمگە يىنىك شاپاشلىغاندەك قىلدى   ، ھە ! ئۇ كىم ؟! مەن چاقماق تىزلىكىدە كەينىمگە ئۆرۇلۇپ كەينىمگە قاردىم ، بىراق كەينىمدە يەنە ھېچكىم يوق ، تۇيۇقسىز يەر ئاستىدىن ، ئىنتايىن بۇغۇق ۋە زەئىپ ئاۋاز ئاڭلاندى
- مىنى ئىزدەۋاتىسەنغۇ دەيمەن ؟ مەن بۇ يەردە ، ئاستىدا پەسكە چۇشكىن
- مەن قانداق چۇشىمەن ، قەيەر ئارقىلىق چۇشىمەن ؟
- ئالدىڭغا سەل ماڭساڭ كىرىش ئېغىزى بار شۇ يەر ئارقىلىق پەسكە چۈش ،
مەن ئۇنىڭ دىگنىدەك ئالدىمغا ماڭدىم ، بايا تېخى بۇ يەردە ھېچنىمە يوق ئىدى بىراق بىر دەمدە ئەمدى  بۇ يەردە بىر كىرىش ئېغىزى پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ ، پەسكە تۇتاشقان ئاستىغا چۇشىدىغان چوڭ - چوڭ پەشتاقلار تۇراتتى ، مەن پەسكە قاراپ ماڭدىم ، بىر قەدەم ، ئىككى قەدەم ، ئۈچ قەدەم ، تۇيۇقسىز بۇ پەلەمپەي پەشتاقلار لىفىتكە ئايلىنىپ ، ئۆزلىكىدىن ئايلىنىپ مىڭىپ مىنى پەسكە ئېلىپ چۈشۈشكە باشلىدى ، ئۇشتۇمتۇت ئىنتايىن كۈچلۇك نۇر چاقناپ كەتتى ، بۇ كۈچلۇك نۇردىن ئادەم كۈزىنى ئاچقىلىمۇ بولمايتى ، لىفىت يەنە توختىماي پەسكە قاراپ چۇشىۋاتىدۇ ، مەن بۇ كۈچلۈك نۇردىن كۈزۈمنى ئېچشقا ھېچ ئامالسىز قېلىپ كۈزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم ئاندىن ئارقىدىن يەنە تۇلىمۇ ئىنتايىن بەك قورقۇنۇچلۇق ۋە غەلتە قىيا – چىيا قىلغان ئاۋازلاردىن ئۈتۈپ بىر سەھنىگە ، چوڭ بىر سەھنىگە يەنى ئويۇن قۇيدىغان داڭلىق ناخشا چولپانلىرى ناخشا كىچىلىكى ئۆتكەزگەندە ئىشلىتىدىغان ، ناخشا كىچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىنتايىن چوڭ بىر سەھنىگە كېلىپ قالدىم ، قەيەرلەردىندۇر خۇددى كىرانغا ئوخشايدىغان  بىر نەرسە ئارقىلىق يۇقۇرىدىن بىر كىشى ئاستا – ئاستا پەسكە قاراپ چۈشۈپ كەلدى ، ئۇ ، ئۇ كىرانغا ئوخشايدىغان ئۇ نەرسە ئارقىلىق سەھنىنىڭ نېرقى بىر بۇرجىكىگە بىرىپ ئۇ نەرسدىن پەسكە يەنى سەھنىگە چۈشتى ئۇ ئۈستىگە چوڭ بىر قارا پىلاش ئارتىۋالغان بولۇپ مەن يەنىلا ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېنىق تۇنىيالمىدىم ، ئۇ زادى كىم بولغۇيتى ؟! ئۇنىڭ چاچلىرى ئۇزۇن - ئۇزۇن ئۈسۈپ كەتكەن بولۇپ ، خۇددى بۇرۇنقى تىلفۇنلارنىڭ سىملىرىغا ئوخشاش ئەگىرى - بۇگىرى بۇدىرە ئىدى ، تىرىلىرى بولسا قاپقارا خۇددى ھىلىلا كۈيۈپ كەتكەن ياغاچتەك ، بۇ كىم ؟! بۇ زادى كىم بولغۇيتى ئەمدى ؟؟  ئۇنىڭ بېشىدا چوڭ بىر قاپقارا شىلەپە بولۇپ ، ئۇ شىلەپىسى ئارقىلىق يۈزىنى تۇسىۋالغاچقا مەن ئۇنىڭ چىرايىنى پەقەتلا ئېنىق كۈرەلمەيۋاتاتتىم ، مانا ئۇ ماڭا قاراپ كىلۋاتىدۇ ، ئۇ نىمانداق مىس – مىس ، بۇنداق مىسلداپ مېڭىپ قاچان كېلىپ بولىدۇ ، بۇ ئىنتايىن بەك چوڭ سەھنە بولۇپ ئارلىقىمىز يەنىلا خىلى بار ئىدى ، مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ ، ئۇنى يەنە تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ يۇقاپ كەتمىسۇن دەپ ئۇ تەرەپكە قاراپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگۈرۈپ ماڭدىم ، ۋە بېرىپلا ئۇنىڭ يۈز – كۆزلىرىنى تۇسىۋالغان ئاشۇ چوڭ قاپقارا شىلەپسىنى ئېلىپ چورىۋىتىپ ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولدۇم ، بىراق ئۇ مەن بارماستىنلا ئاستا شىلەپسىنى ئېلىپ
- ياخشىمۇ سەن ؟ نىمانچە بەك يۈگۈرەيسەن دەپ يىراقتىنلا ماڭا سالام قىلدى ، مەن ئۇنى كۈرۈپلا تۇيۇقسىز توك سۇقىۋەتكەن ئادەمدەك چۈچۈپ كەتتىم ۋە ئايىقىم شۇ يەرگە كىلىپلا چاپلىشىپ قالغاندەكلا قەدەملىرىمنى توختۇتۇپ ئىز جايىمىدا خۇددى تۇرمۇزلۇنۇپ قالغاندەكلا قېتىپ قالدىم ، ئارقىدىنلا مەن ئۇ تەرەپكە قانداق يۈگۈرۈپ كەلگەن بولسام يەنە چاقماق تىزلىكىدە ۋاششىدە كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئارقامغا قاراپ قېچىشقا باشلىدىم ، چۈنكى مەن قورقۇۋاتاتتىم !! بىر خىل قورقۇنۇچ ، ۋە ، ۋەھىمە مىنىڭ پۇتۇن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئىدى ؟؟ مەن
ياق !! مەن قايتىپ كىتىمەن !! ھەي پەرشىتىلەر !! قېنى سىلەر ؟؟!! مىنى چاققانراق ئۈيۈمگە ئاپىرىپ قۇيۇڭلار !! مىنىڭ بۇ يەردە بىر دەممۇ تۇرغۇم يوق !!! دەپ ۋاقىرىدىم ، بىراق ھېچقانداق سادا يوق ، ئۇ نەرسە يەنە ماڭا قاراپ كىلۋاتىدۇ ، مەن ئەمدى ھېچ يەرگە قاچالمدىم ، ئۇ يەنە كۇلۇپ تۇرۇپ
- ياخشىمۇ سەن ؟ نىمانچە قورقۇيسەنم ۋە جىدىيشلىشىسەن ؟؟ قورقما ، مەن ساڭا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەيمەن . مەن ئۇنۇڭغا قاراپ
ياق ماڭا يېقىن كەلمە !! مەن ھازىر پەقەتلا ياخشى ئەمەس  !! ، مىنىڭ سىنى پەقەتلا كۆرگۈم يوق !! كەت كۈزۈمدىن يۇقال !!
- نىمىگە توۋلايسەن ؟ قورقىما ، مەن ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن دىدىمغۇ ؟؟ ، پەرشتىلىرىڭ سىنى قوغدايدۇ
- ياق مەن ساڭا قانداق ئىشىنىمەن !! پەرىشتىلەر ھازىر يېنىمدا بولمىسا !! مىنى قانداق قوغدىيالايدۇ !! ياق مەن ساڭا ئىشەنمەيمەن !! ماڭا يېقىن كەلمە قايتىپ كەت !!
- پەرشتىلىرىڭ ئىزچىل سىنىڭ يېنىڭدا بىراق سەن ئۇلارنى كۈرەلمەيسەن خالاس ، ئەمما ئۇلار ماڭا ھەر دائىم كۈرۈنۈپ تۇرىۋاتىدۇ
- مىنى بۇ يەرگە كۈرۈشكىلى چاقرىتقان سەنمىدىڭ ؟ ماڭا زادى نېمە گىپىڭ بار ئىدى تىزراق دېگىن ! مەن قايتمىسام بولمايدۇ !
- شۇنداق سىنى مەن ئىزدىگەن
- ھە بىلدىم ، قېنى مىنى بۇ يەرگە چاقىرتىپ ئېلىپ كېلىپ ماڭا دەيدىغان نېمە گىپىڭ ۋە نېمە ئىشىڭ بار ئىدى چاققان سۆزلە !!
- خوپ ، سىنى ماڭا ياردەم قىلامدىكىن دېگەن  
- نېمە ، قانداق ياردەم ؟
- ناخشا
- نېمە ناخشا ، ئېنقراق دېگىن
- سىنڭ ئاۋازىڭ كېرەك ؟
- نېمە گىپىڭنى ئېنىق چۈشەنەلمىدىم  ؟؟ سەن ئاۋازىمنى نېمە قىلىسەن ؟
- ماڭا ئارىيەت بىرىپ تۇر
- ھا ، ھا ھا ..... ھەي توۋا ، سەن ساقمۇ يا ؟؟ ئاۋازنىمۇ ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغىلى بۇلامدۇ ئەمدى ؟ سىنىڭ بۇيەرگە كىلىپلا قىزىتىماڭ ئۆرلەپ قالمىغاندۇ ؟؟ مەن ئەزەلدىن ئاۋازنى بىرسىگە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرالىغىنىنى كۆرمىگەن ؟؟
- ئەلۋەتتە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغىلى بولىدۇ ، پەقەت سەن قۇشۇلساڭلار ، قۇشۇلامسەن ؟
- ئۇنداق بولسا دىگىنە بوپتۇ ، ئەگەر مەن قۇشۇلسام بوپتۇ ، ئاۋازىمنى ساڭا قانداق ئارىيەتكە بىرىپ تۇرالايمەن ؟؟
- ئامالى بار ، سەن بۇنۇڭدىن ئەنسىرمە ، پەقەت سەن قۇشۇلساڭلا بۇنىڭ ئامالىنى مەن ئۈزۈم قىلىمەن ، سەن بۇنۇڭدىن ئەنسىرمە ؟ قۇشۇلامسەن ، ماڭا ياردەم قىلىغىن ؟
- توختا ، مەن بۇنى ھازىر ئويلىشىۋالاي ماڭا ئازراق ۋاقىت بەرگىن ، ھە راس سىنىڭ ئۈزۈڭنىڭ ئاۋازىچۇ ؟ ، نىمىشقا ئۈزۈڭنىڭ ئاۋازى بار تۇرۇپ ، مۇشۇ ئۈزۈڭنىڭ ئاۋازىنى ئىشلەتمەي ، مەندىن مىنىڭ ئاۋازىمنى ئارىيەتكە سورايسەن ؟؟
- ھازىر مىنىڭ ئاۋازىم ئىشلىمەيدۇ
- نېمە ؟؟ بۇ سىنىڭ نېمە دىگنىڭ ؟؟ مانا ھازىر ماڭا سۆزلەۋاتىسەنغۇ ؟؟ ئەگەردە سىنىڭ ئاۋازىڭ ھازىر ئىشلىمسە ماڭا قانداق سۆزلىيەلەيسەن ؟
- توغرا ھازىر ساڭا سۆزلەۋاتىمەن ، ھازىر مىنىڭ ئاۋازىم پەقەت مۇشۇ يەردىلا ئىشلەيدۇ ، چۈنكى بىراق ھازىر بۇ قەيەر ؟ ھازىر بىز قەيەردە ؟ سەن بۇ يەرگە كىملەر بىلەن ؟ قەيەرلەردىن ئۈتۈپ قانداق يېتىپ كەلدىڭ ؟ مىنىڭ ئاۋازىم  پەقەت مۇشۇ يەردىلا ئىشلەيدۇ ، بۇ يەردىن باشقا يەردە يەنى سىنىڭ دۇنيارىڭدا پەقەتلا ئىشلىمەيدۇ ؟
- ھە بىلدىم . سەن مەندىن مىنىڭ ئاۋازىمنى ئارىيەتكە سوراپ ، ئۇنى بۇ يەردە ئەمەس ، مىنىڭ دۇنيارىمدا ئىشلەتمەكچى شۇنداقمۇ ؟
- توغرا ، سىنىڭ دۇنيارىڭدا ئىشلىتىمەن ،
- نىمىگە ئىشلىتىسەن ؟
- ناخشا ئېيتىمەن
ھا …..ھا ….ھا ………ھا ، ھا ، ھا ،،،،، مىنىڭ ئاۋازىم ئارقىلىق سەن ناخشا ئېيتىساڭ ،  قىززىق گەپ بولدىغۇ بۇ !! بىراق مىنىڭ ئاۋازىم دىگەندەك ياخشى ئەمەس ، ھەم ساڭىمۇ ئانچە بەك ماس كەلمەيدۇ ، چۈنكى بۇ ئاۋاز ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ، چۈنكى مەن ئەزەلدىن ناخشا ئېيتمايمەن ، شۇڭا ئەگەردە گەرچە مەن سىنىڭ تەلپىڭگە قۇشۇلۇپ ساڭا راستىنلا بۇ ئاۋازىمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغان تەقدىردىمۇ ، سەن بۇ مىنىڭ ئاۋازىم ئارقىلىق ناخشاڭنى ئېيتلماي قالارسەنمىكىن ؟؟؟ ھەم يەنە ئۇنۇڭدىن باشقا مىنىڭ ساڭا پەقەتلا ياردەم قىلغۇممۇ يوق !!
- شۇنداق سىنڭ ئاۋازىڭ ئارقىلىق مەن ناخشا ئيتىمەن ؟ ئۈتۈنۈپ قالاي ماڭا ياردەم قىلىغىن !!!!
- ھەي ، بىراق سەن بۇرۇن ھايات ۋاقتىڭدا مەن كەلگەن دۇنيادا يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭدا ئەزەلدىن پەقەت ئىنگىلىزچە ناخشىلارنىلا ئېيتاتتىڭغۇ ، سىنىڭ بىرەر ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ باققىنىڭنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن ، مىنىڭ ئاۋاز پىروگىرامامىغا ئىنگىلىزچە سىسىتىما قاچلانىمىغان ؟ مەن ئىنگىلىزچىنى ئەزەلدىن بىلمەيمەن ، ۋە سۆزلىيەلمەيمەن ، قانداق قىلارسەن ؟؟ مىنىڭ ئاۋازىم ئىنگىلىزچىنى ئەزەلدىن تۇنىمايدۇ !!! ۋە ئۇقۇمايدۇ !! شۇڭا مەن ناۋادا گەرچە ئاۋازىمنى ساڭا راستىنلا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلۇپ ، ئاۋازىمنى ساڭا راستىنلا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغان   تەقدىردىمۇ سەن ئاۋازىمنى ئىشلىتەلمەي قالارسەنمىكىن !!!
- ھېچقىسى يوق ، مەنمۇ سىنىڭ ئاۋازىڭ ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىماقچى ، شۇڭا سىنى ئىزدىگەن
- سەن زادى نىمىشقا مىنى ئىزدەيسەن ؟؟!! مىنىڭ ساڭا قەرزىم بارمىتى ؟!! ئەگەر ساڭا ئاۋازىمنى بىرىپ تۇرمىسام قانداق قىلىسەن ؟!! سەن نىمىشقا باشقىلارنى ئىزدىمەي مىنى ئىزدەيسەن ؟!! يۇقال كۈزۈمدىن !!!، مەن قايتىمەن ، قانداق دىگەن گەپ بۇ ؟؟!!
- سىنى ئىزدىگىنىم خاتامۇ ؟
- خاتا !!!!!!!!
- نىمىشقا
- ھېچ ئىشقا !! بولدى سەۋەبىنى سورىما ، مىنىڭ ساڭا پەقەتلا ياردەم قىلغۇم يوق ، يۇقال كۈزۈمدىن !!!!!!!
- سەندىن ئۈتىنەي ، ماڭا ياردەم قىلىغىن
- ياق بولمايدۇ دىدىمغۇ ، نىمىنداق يالۋۇرۇپ يىلىنىپ تۇرۋالىسەن !!!!!!!، ھەي سەن زادى نىمىشقا مىنى ئىزدەيسەن ، ئۈزۇڭمۇ ئەينى ۋاقتتا ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك داڭلىق روك ناخشا چولپىنى  بولغاندىكىن ، نىمىشقا ئۈزۈڭگە ئوخشاش داڭلىق كىشلەرنى ئىزدىمەي مىنى ئىزدەيسەن ، خۇددى مىنىڭ ساڭا قەرزىم باردەك ، ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ ، قانداق دىگەن گەپ بۇ !!!!!!!!!
- سەن دىگىنە مەن يەنە كىمنى ئىزدەي ؟
- ۋۇي قىزىققۇ سەن ، بۇنىمۇ مەندىن سورامسەن ، كمنى ئىزدىسەڭ ئىزدىمەمسەن ، توۋا نىمە بالاغا قالدىم بۇنۇڭغا ؟؟؟!!
- قارا مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ قالغاندىن بىرى ياردەم سوراپ ئىزدىمىگەن ھېچ بىر ئادىمىم قالمىدى ، ماڭا بىر دەپ بەرگىنە مەن يەنە كىمنى ئىزدەي ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
- Justin  Bieber نى ئىزدە ، VTAS نى ئىزدە ، ئۈزۈڭنىڭ ئامرىكىلىق ھازىر ھايات بولغان بۇرۇنقى تونۇش بىلىش دوستلىرىڭىنى مەستانىلىرىڭنى ئىزدە ، ئىشقىلىپ كىمنى ئىزدىسەڭ ئىزدە مەيلى ، لېكىن مەندىن باشىقلارنى ئىزدە !!!
- سەن مىنى ئۇلارنى ئىزدىمىدى دەمسەن ؟؟؟
- ؟؟؟؟؟؟
- بىلەمسەن مەن ئۇلارنى ئىزدەپ ھېچ يەردىن پەقەتلا تاپالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەن ھېچقانداق ئامال قىلالمدىم ،  بۇ بىرىنچى سەۋەب ، ئاندىن مىنىڭ بۇ سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئىشلىتىپ ئېيتىدىغان ناخشام مەخسۇس پەقەت ئۇيغۇرلار ئۇچۇنلا يېزىلىغان ئۇيغۇرچە ناخشا بۇ ئىككىنجى سەۋەب
- ئو …… ھا ...ھا ......ھا...... مۇنداق دېگىن ، باھانە بولدىغۇ بۇ ؟ يەنە ئۇچۇنجى سەۋەبىمۇ بارمۇ يە ؟؟!! بولسا دىگىنە قېنى ئاڭلاپ باقاي ؟؟!
- يوق ، ماڭا ياردەم قىلىغىن ، سەندىن ئۈتىنەي
- ھەي ، شۇ مىنىڭغۇ ساڭا بەكلا ياردەم قىلغۇم بار ئىدى قارا ، لېكىن ،
- نېمە لېكىن
- لېكىن شۇ سىنىڭ ناخشلىرىڭغا مىنىڭ ئاۋازىم تازا بەك چۈشمەسلىكى مومكىن ، شۇڭا كەچۈر مەن ساڭا راستىنلا ياردەم قىلالمايمەن ، خاپولمايسەن ، سەن يەنىلا مىنى ئۈيۈمگە قايتىقىلى قۇيۇپ ، مەندىن باشقىلارنى ئىزدەپ باققىن
- چۇشىدۇ ، نىمىشقا چۇشمەيدۇ
- چۈشمەيدۇ !!!!!!!!!! چۈنكى راس گەپنى قىلسام ، مىنىڭ زادى پەقەتلا ساڭا ئاۋازىمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغۇم ، ساڭا ياردەم قىلغۇم يوق ، بولدى ئەمدى يالۋۇرما ، يالۋۇرساڭمۇ بىكار ، پايدىسى يوق ! ئۇ ناخشاڭنى مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ، خاس ئۇيغۇرلارغىلا ئاتاپ يېزىلغان ناخشا دىدىڭ شۇنداققۇ ،
- شۇنداق مەخسۇس سىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ، پەقەت سىلەرگىلا ئاتاپ يېزىلغان ناخشا
- ئىم چۈشنىشلىك ، شۇڭا سەن باشقا يۇقاردا مەن ئېيتىپ ئۆتكەن رۇس ۋە ئىنگلىز تىلىدىكى داڭلىق چولپانلارىنى ئىزدىمىدىڭ ،
- شۇنداق بولدى
- لېكىن بىلشىڭ كىرەككى بۇ ھەرگىزمۇ مىنى ئىزدىشىڭگە سەۋەب بۇلالمايدۇ ،
- نىمىشقا ؟؟؟؟؟؟؟
- چۈنكى ئەگەر ئۇ سىنىڭ ، مىنىڭ بۇ ئاۋازىمنى ئىشلىتىپ ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرۇپ مىنىڭ ئاۋازىم ئارقىلىق مىنىڭ ئۇ دۇنيارىمدا ئېيتماقچى بولغان ئۇ ، ئۇيغۇرچە ناخشاڭ شۇنداق مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەن بۇ يەردە تۇرۇپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇرلاغىلا ئاتاپ يېزىلغان ناخشا بولسا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ داڭلىق ناخشا چولپانلىرى بار ، مەسىلەن ئابدۇللا ئابدۇرىھىمنى ئىزدە ، مومىنجان ئابلىكىمنى ئىزدە ، ئابدىغىنى ئابلىكىمنى ئىزدە ، ھازىر يىپەك يۇلىدىكى جەلپكار چولپان مودا ئېىقىم كۈيچىسى  ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنى ئىزدە ، كۈي ئەلىچىسى ھەزرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇننى ئىزدە ، ، ……ئىشقىلىپ يەنە ئۇنۇڭدىن باشقا داڭلىق ياش ئۇيغۇر چولپانلارمۇ ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك كۆپ مەيلى قايسسىنى ئىزدىسەڭ بۇلىۋىرىدۇ ، ئىزدە لېكىن ، مەندىن باشقىلارنى ئىزدە !!!!! ۋە مىنى ئاۋارە قىلما !!!
- ئۇلارنىمۇ ئىزدەپ پەقەتلا تاپالمىدىم
- ئۇف ، سەن ! سەن نىمىشقا ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالماي مىنى تاپالايسەن !! مەن يە ناخشىچى ياكى مۇزىكانىت بولمىسام ؟؟؟ ئېيتە نىمىشقا مىنى ئىزدەيسەن !! قەرزىم بارمۇ ساڭا مىنىڭ ؟؟؟؟ ھە دىگىنە ، نىمىشقا مىنى ئىزدەيسەن ، نىمىشقا مىنى بۇنداق ئاۋارە قىلسەن ؟؟؟
- سەندىن ئۈتىنەي ……………..؟؟؟؟؟؟؟؟؟
- سەن نىمىشقا مىنى ئىزدەيسەن ؟؟؟؟ سەن مىنىڭ مۇشۇ ئاۋازىم ئارقىلىق ئۈزۈڭنىڭ ناخشلىرىنى توۋلاپ يۇرسەڭ !! ؟؟؟؟؟؟؟؟ مىنىڭ ئاۋازىم سىنىڭ ناخشىلرىڭغا پەقەتلا چۇشمىسە يە ، ھەم يەنە مەن يە ناخشىچى بولمىسام ، شۇڭا مەن گەرچە راستىنلا ساڭا ئاۋازىمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغان تەقىدىردىمۇ ئاخىردا سەن يەنە ۋاقتى كەلگەندە ئاۋازىمنى ئۈزۈڭنىڭ ئاۋازىدەك ياخشى كونتىرول قىلالمىساڭ ، باشقىلار مىنى نېمە دەپ قالىدۇ ؟ چۈنكى ئاۋازىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ ناخشىنى سەن ئېيتقان بىلەن ، بەرىبىر ئاۋاز يەنىلا مىنىڭ دە ، ياق زادى بولمايدۇ ! بولدى ، بولدى ،  مەن ھەم يەنە سەن ئىزدەپ ئاۋازىمنى ئارىيەتكە ئېلىپ ناخشا ئېيتشقا ئىشلىتىدىغان ئادەممۇ ئەمەس ، چۈنكى مەن ناخشىچى ئەمەس ، بۇرۇن مەن ناخشا ئېيتىشقا راستىنلا شۇنداق ئىنتايىن بەك چۇڭقۇر قىزىقاتتىم ، بىراق ھازىر پەقەتلا قىزىقماس بۇلۇپ قالدىم ، ھازىر مەن ناخشا ئېيتشقا پەقەت مۇنداقلا ئادەتتىكىچىلا ئازراقلا قىزىقىپ قۇيىمەن شۇ ، مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا سەن مىنى ئىزدىسەڭ قانداق بولىدۇ ؟؟ سەن چوقۇم مىنى ئادىشىپ خاتا ئىزدەپ قالدىڭ ؟؟؟ شۇڭا سەن  بىلىشىڭ كىرەككى مىنىڭ ئاۋازىم سەن ئارىيەتكە ئېلىپ ئۈزۈڭنىڭ ناخشلىرىنى توۋلاشقا ئىشلىتىدىغان ناخشىچىنىڭ ئاۋازى ئەمەس ، ئەگەردە مەن ساڭا ئاۋازىمنى راستىنلا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغان تەقدىرىدىمۇ ئاخىرىدا سەن يەنىلا چوقۇم مىنىڭ ئاۋازىمنى ئىشلىتەلمەيسەن ؟؟؟ ۋە ئۈزۈڭنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاۋازىدەك ياخشى كونتىرول قىلالمايسەن ،
- ياق خاتا ئىزدىمىدىم سەندىن ئۈتىنەي ، پەقەت مۇشۇ بىر قىتىملا ، ماڭا پەقەت مۇشۇ بىر قىتىملا ياردەم قىلساڭ بۇنۇڭدىن كېيىن سىنى ھەرگىزمۇ ئاۋارە قىلمايمەن
- ئەگەر ياردەم قىلمىسامچۇ ؟!!
- ئۈتۈنۈپ قالاي !! ماڭا ياردەم قىلىغىن ، مىنىڭ سىنى چاقىرتمىقىم ئۇنداق بەك ئاسانغا چۇشكىنى يوق ، قارا تۆت يىل ئاز ۋاقىتمۇ ؟ سىنى چاقىرتىپ بىرىشىنى ھېلىقى پەرىشتىلىرىڭگە ئۈتۈنگىلى بەش يىل بولدى ، ئەگەر ماڭا ياردەم قىلمىساڭ بۇنۇڭدىن كېيىن ئەمدى ھېچكىمنى چاقىرتالماسلىقىم مومكىن
- نېمە ، ۋوي ، ۋوي ، ۋوي ، سەن نىمە دەيدىغانسەن ؟؟ مەن ئەجەب بۇلارنى بىلمەيدىكەنمەنغۇ ؟؟ توۋا نېمە ئىش بوپ كەتتى بۇ ئەمدى ؟؟!!
- شۇ باشقا ئامال قىلالمىدىم ، ماڭا بىر قېتىم ياردەم قىلىغىن ، سەندىن ئۈتىنەي ، سىنى ماڭا چۇقۇم ياردەم قىلىدۇ دەپ ساڭا ئىشەنگەچكە شۇڭا سىنى شۇنچە ئۇزاققچە پەقەت بىر قىتىم چاقىرتىپ بىرشىنى پەرشىتلىرىڭگە ئۈتۈنۈپ يالۋۇرۇپ كۈتتۈم ساقلىدىم
- ھى ھى ھى ... بوپتۇ ياردەم قىلىساممۇ قىلاي ، مەن نېمە دېگەن ياخشى ھە ، ئاۋازىمنىمۇ باشقىلارغا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرسام ، بىراق يەنە بىر ئىش مەن سىنىڭ ناخشلىرىڭنى پەقەتلا بىلمەيمەن ،
- مىنىڭ ناخشلىرىمنى بىلمىسەڭ ھېچىقىسى يوق ، چۈنكى ناخشىنى سەن ئەمەس ، مەن ئېيتىمەن
- مىنىڭ ئاۋازىم ئارقىلىق شۇنداقمۇ ؟؟!!!!!!!!
- ھەئە ، شۇنداق
- قىززىق ئىش دە بۇ ، ناخشىنى سەن ئىيتىسەن لېكىن مىنىڭ ئاۋازىمنى ئىشلىتىسەن ، لېكىن ياردەم قىلىشقا ۋەدە قىلغان ئىكەنمەن ، ئەلۋەتتە بۇنۇڭغا يەنە باشقا گەپنىڭ ھاجىتى ئەمدى ، ئۇ سىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ناخشاڭنىڭ نامى نېمە ئىدى ،
- ئۇ ، ئۇيغۇرچە ناخشامنىڭ نامى ‹ بىئەپ ›
- ھا …ھا …ھا …. بىئەپ ، بىئەپ توۋا ، بىئەپ دەپمۇ ناخشا بۇلامدۇ ئەمدى ، نېمە دىگەن غەلىتە ، ئەمدى ناخشلىرىڭنىڭ نامىمۇ خۇددى ھازىرقى ئۈزۈڭگە ئوخشاشلا غەلىتە بولۇپ قاپتۇ دىسە ھا ھا ھا …….
- ئەلۋەتتە بولىدۇ ، چۈنكى ماڭا ھازىر بۇ يەردە راستىنلا تۇلىمۇ بەك ، بەكلا بىئەپ بۇلىۋاتىدۇ
- ئاۋازىمنى قاچان ئىشلىتىسەن راس سورىۋالاي ، ئاندىن مەن ئۇ چاغدا ئاۋازىمنى ساڭا قانداق قىلىپ ئارىيەتكە بىرىپ تۇرالايمەن  
- ئەتە يەنە كىچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا
- نېمە ؟؟!! مەن ئەتە كىچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا يەنە ھېلىقى پەرىشتىلەر بىلەن بىللە ئۇچۇپ يەنە بۇ يەرگە كلەمدىم ؟؟؟
- ياق ئەتە ئۇ چاغدا سەن بۇ يەرگە كەلمەيسەن ، مەن سنىڭ قىشىڭغا ، سىنىڭ دۇنيارىڭغا سىنىڭ پەرىشتلىرىڭ بىلەن بىللە بارىمەن
- ھە ئو .......... ئەمدى بىلدىم ، راس چۈنكى سەن منىڭ ئاۋازىمنى مىنىڭ دۇنيارىمدا ئىشلەتمەكچى ھە ، قارا ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ، نىمىشقا كۈندۇزى ئىشلەتمەيسەن ؟ مەن شۇ چاغىقىچە سەن شۇ يەرگە بارغۇچە ئۇخلىماي ساقلاپ تۇرامىدىم ئەمدى سىنى ؟؟؟ مەن ئارام ئالمامدىم ؟؟؟!!! قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ ئەمدى ؟؟؟ بالاغا قالدىممۇ ئەمدى بۇنۇڭغا ياردەم قىلىمەن دەپ ، مەنمۇ ئەخمەق ئازراقلا يالۋۇرۇپ يىلىنىپ يىغلاپ قويسا ھەتتا ئاۋازىمنى خەققە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلىۋىرىدىغان
- چۈنكى كۈندۈزى مەن سىنىڭ دۇنيارىڭغا كىرىشكە ئامالسىز
- ئو …….. بىلىدىم ، كۈندۇزى ، سەن مەن بار دۇنياغا بارالمايسەن
- شۇنداق ، بارالمايمەن ، سەن مەن بارغۇچە شۇ ۋاقىتىچە بىردەم ئۇخلىماي ساقلاپ تۇر ، بەدىنىڭنىمۇ ئشىلىتىمەن
- ھە !!!!!!!!! نىم ، نېمە !!!! بايا پەقەت ئاۋازىڭلا لازىم دىگەنتىڭغۇ ؟؟!!!
- چۈنكى پەقەت ئاۋازىڭنىلا ئارىيەتكە ئالسام ، مەن يەنىلا سىنىڭ دۇنيارىڭدا سىنىڭ بەدىنىڭمۇ بولمىسا ، ئۈزۈمنىڭ بۇ ئەرۋاھى ئارقىلىق  ئاۋازىڭىدىن ھېچقانداق سادا چىقىرالمايمەن
- ۋوي ، ۋوي ، ۋوي توختا ، توختا ، قانداق گەپ بوپ كەتتى بۇ ئەمدى ؟؟!!!!!!! ئەمدى ئاۋازىمنى ساڭا ۋاقىتلىق ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلىغان بىلەن بەدىنىمنى ساڭا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلماسلىقىم مومكىن !! ياق زادى بولمايدۇ !! بولدى ئەگەر لازىم بولسا پەقەت ئاۋازىمنىلا بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلالايمەن بىراق بەدىنىمنى ساڭا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرالمايمەن
- سەندىن ئۈتىنەي ، ماڭا ياردەم قىلىپ ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغىن ، مەن ساڭا ئىشەنگەچكە شۇنچە ئۈزۈن ۋاقىت سىنىڭ پەرشىتلىرىڭگە سىنى بۇ يەرگە چاقىرتىپ بىرىشىنى ئۈتۈنگەن ، بىراق ئۇلا باشتا دەسلەپتە پەقەتلا قۇشۇلمىغان ،
- ھەي مەن ساڭا بەدىنىمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇرسام سەن ئۇ چاغدا بەدىنىمگە زەخمە يەتكۈزۈپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىپ بەدىنىمنى بۇزغۇنچۇلۇققا ئۇچراتساڭ ياكى بەدىنىمنى زەخمىلەندۇرۇپ قويساڭ ئۇ چاغدا مەن قانداق قىلىمەن ھە قېنى دىگىنە ؟؟؟؟ مەن ھەم ھازىرغىچە ئەزەلدىن بەدىنىمنى بىر ئەرۋاھقا ياكى باشقا بىرەرسىگە ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇپ باققان ئەمەس !!! شۇڭا قەتتئىي قۇشۇلالمايمەن ياق بولمايدۇ !!! زادى بولمايدۇ ، بۇلدى تولا بېشىمنى ئاغرىتماي ، كۈزۈمدىن يۇقال ، مەن قايتىمەن !!!
- سەندىن ئۈتىنەي ، ماڭا پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا ياردەم قىلىغىن ، سەندىن ئۈتىنەي ، مۇشۇ بىر قېتىمدىن كېيىن سىنى يەنە قايتا ئىزدىمەيمەن ۋە قەتتئي ئاۋارە قىلمايمەن ، مەن سىنىڭ بەدنىڭگە ھېچقانداق زەرچىلىكمۇ زەخىمە يەتكۈزمەيمەن ، بۇنۇڭغا سىنىڭ پەرشىتىلىرىڭ كىپىل بولسۇن ، بەدىنىڭگە قەتتئى زەخمە يەتكۈزمەيمەن ، شۇڭا ماڭا ئىشەنمىسەڭمۇ مەيلى بىراق پەرشتىلىرىڭگە ئىشنىدىغانسەن
- ئەلۋەتتە
- بىراق مەن تېىخى ئۇلاردىن بۇنى سورىمۇدۇم ، ئاۋۋال مەن ساڭا راس ئىشەنگىلى بۇلامدۇ يوق ، ئۇلاردىن سوراپ باقاي ، ئۇلار قىنى ؟؟؟ ھەي پەرىشتىلەر قېنى سىلەر ؟؟ چاققانراق پەيدا بۇلۇڭلار !! بىر ئىش چىقىپ قالدى سىلەردىن سورايدىغان ، بۇ چاغدا لاپپىدە قىلىپ يەنە ھېلىقى مىنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلگەن پەرىشتىلەر پەيدا بولدى ، مەن ئۇلاردىن سوراي دەپ بولغۇچە ئۇلار
- ئۇنۇڭغا ئىشەنگىن ئۇ بەدىنىڭگە قەتتىئى زەخمە يەتكۈزەلمەيدۇ ، گەرچە سەن بەدىنىڭنى ۋە ئاۋازىڭىنى ئۇنۇڭغا مۇشۇ بىر قېتىم ۋاقىتلىق ئارىيەتكە بىرىپ تۇرساڭمۇ ، بىراق بىز ئۇ چاغدا ئۇنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ تىزگىنلەپ تۇرىمىز ، ئۇ بەدىنىڭنى بۇزغۇنچۇلققىمۇ ئۇچىراتالمايدۇ ، بىز ئۇ چاغدا سىنىڭ بەدىنىڭنى مۇھاپىزەت قىلىپ قوغداپ تۇرىمىز ، دېدى

شۇنداق قىلىپ ، ئۇ يەردىن ئۇنىڭىغا ئەتە ئاۋازىمنى ۋە بەدىنمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇردىغان بۇلۇپ شەرتىلىشىپ ، ئۇنىڭ  بىلەن خوشلۇشۇپ يەنە ھېلىقى قوغدىغۇچى پەرىشتىلىرىم بىلەن بىللە كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن ئۇچۇپ چىقتىم ، ئۇلار ماڭا يەنە ئاۋالقىدەكلا يول بۇيى يول باشلاپ ماڭدى ، بىز بىللە ئۇچۇپ مېڭىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار مەنمۇ بىلمەيدىغان بىرخىل تىلدا ۋە تەلەپپۇزدا بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلغاندىن كېيىن ئۆي ئىچىدە ئىللىق سەلكىن شامال چىقىپ مەن دېرىزدىن ھاۋادا لەيلەپ ئاستا – ئاستا كارۋىتىم ئۈسىتىگە يىنىك چۈشتىم ، ۋە ھېچنىمنى تۇيماستىن ھەم سەزمەستىن ئاستا – ئاستا كۆزلىرىم يۇمۇلىشىقا باشلىدى ، مەن يەنە ئۇخلاپ قالدىم ، ئۇلار مەن بىلەن خوشلۇشۇپ دېرىزەمدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى  ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئويغۇنۇپلا ئاخشامقى ئىشلار يادىمغا كېلىپ ئەتراپقا قارىسام ھەممە نەرسە ئۆز جايىدا ۋە شۇنداق نۇرمال ، ئارقىدىن ئۆز – ئۈزۈمگە ، ئۇھ ! ھەنىم بولسا ئاخشامقى ئۇ ئىشلار چۈشۈم ئىكەن دىدىم ،  ئاندىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تۇيۇقسىز كارۋىتىمنىڭ بېشىغا قارىسام كارۋىتىمنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئۇستەلدە ‹ بىز بۈگۈن كىچە سائەت تۇن نىسپى سائەت ئىككىلەردىن ئاشقاندا يېتىپ بارىمىز ، سەن شۇ ۋاقىتچە ئۇخلىماي بىزنى ساقلاپ تۇرغىن ئاخشامقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالما › دەپ يېزېلىغان بىر تال باغاقچە تۇرۇپتۇ ، بۇنى كۈرۈپلا يەنە قايتا ئاخشامقى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار خىيالىمدىن كىچىپ بېشىمدىن بىرسى بىر چىلەك سۇ قۇيۋەتكەندەك ئەندىكىپ ، قورقۇپ ، چۈچۈپ ، كەينىمگە داجىپ كەتتىم ، چۈنكى مەن بايا ئويغۇنۇپلا ئەتراپقا قاراپ ئاخشامقى بولۇپ ئۆتكەن ئۇ ئىشلارنى چۈشۈم ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانتىم ، شۇ كۈنى بىر كۈن گاراڭلا يۈردۈم ، ئاندىن يەنە شۇ كۈنى كەچتە يەنە ئەندىشە ۋە قورقۇنۇچ ئىچىدە تۇن نىسپى ئىككىگىچە ئۇخلىماي ساقلاپ تۇرىمەن دەپ كىچە سائەت  ئىككىگە يىگىرمە مىنۇتلارچە ۋاقىت قالغاندا تۇلىمۇ بەك ئۇزاق ساقلاپ چارچاپ كەتكەچكە ئۈزۈممۇ تۇيماستىن ئاستا - ئاستا ئۇخلاپ قاپىتىمەن ، بىر چاغ بولغاندا دېرىزەمدىن ئېللىق سەلكىن شامال ئۇرۇلۇپ يۈزۈمنى سىيپاپ ئۆتتى ، ۋە قۇلاق تۇۋىمدە بىر قىزنىڭ ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى
- ئويغانغىن قۇزام بىز كەلدۇق ، مەن ئەندىكىپ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ ياتقىمنىڭ بىر بۇلۇڭغا بىرىپ تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۇلارغا قارىدىم ، مانا ئاخشامقى  ھېلىقى ئىككى پەرىشتە چوڭ بىر قارا سايە بىلەن بىللە تۇراتتى ، مەن قورنۇچتىن ۋاقىرۋەتتىم
- ئا !!!!!! ، پەرشىتلەر ماڭا
- ۋۇي يېرىم كىچە بولغاندا بۇنداق توۋلىمىغىن ، نىمىگە ئەندىكىسەن ۋە قورقۇيسەن ئاخشام تېخى شۇنداق بىر ئوبدان ئىدىڭغۇ ؟؟
- بىراق ئاخشام ، ئاخشام ئۇ دېگەن چۈشۈم تۇرسا ، لېكىن بۇ دېگەن رىئاللىق ، مەن قانداقمۇ قورقماي تۇرالايمەن ، راستىنلا قورقۇۋاتىمەن
- نېمە ؟؟ چۈشۈم ؟؟ ئاخشامقى ئىشلار سىنىڭ چۈشۈڭما ؟؟؟
- مەن ، مەن ، ..... مەن راستىنلا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، بىراق ئەتتىگەن ئۈستەلدىكى باغاقچىنى كۈرۈپ …..
- قورقىمىغىن ، ئاخشام پەقەت رۇھىڭلا بىز بىلەن بىرگە ئىدى ، بىراق سەن ئاخشام ، ئاخشامقى ھەممە ئىشلارنىڭ راستلىقىنى ئاللا بۇرۇن راستىنلا بىلگەن
- مەن ، مەن ، مەن  راس شۇنداق ئەتتىگەن سىلەرنىڭ قالدۇرۇپ قويغان باغاقچاڭلارنى كۈرۈپ ئاندىن ھەممىنى بىلدىم ، بىراق يەنىلا ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ، ئاۋۇ قارا سايە قانداق نېمە ئۇ ؟ ، ئۇ كىم بولىدۇ ، ئۇ ئاخشام يوق ئىدىغۇ
- ئۇ ئاخشام سەن بىلەن پاراڭلاشقان ۋە سەندىن ئاۋازىڭنى ئارىيەتكە سورىغان ، سەن ئۇنۇڭغا ئاۋازىڭىنى ۋاقىتلىق ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشقا قۇشۇلغان كىشى  MICHAEL JACKSON شۇ
- بىراق ئاخشام ئۇ بۇنداق سىياقتا ئەمەس ئىدىغۇ ؟؟ ھازىر تۇلىمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ۋە غەلىتە بولۇپ قاپتۇ ؟؟؟
- ئۇ ، ئۇ يەردە ساڭا بۇنداق سىياقتا كۈرۈنمەي ئاخشامقىدەك بۇ دۇنيادىكى بۇرۇنقى قىياپىتىدە شۇنداق ئىنتايىن نۇرمال ھالەتتە كۆرۈنگەن بىلەن ، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى تۇرىقى شۇ ،
- ھە بىلدىم ، مەن ئۇ قارا سايىگە قاراپ
- ياخشىمۇ سەن ؟؟ دىدىم ، بىراق ئۇنۇڭدىن ھېچقانداق سادا چىقىمدى ، ئارقىدىن ھېلىقى پەرشىتلەر كۈلۈپ كېتىپ ،
- بولدى ئاۋارە بولما ، ئۇنۇڭدىن بۇ دۇنيادا ھېچقانداق سادا چىقمايدۇ ، ئەگەر ئۇ بۇ يەردە ئاۋازىنى بۇرۇنقىدەك چىقرالىغان ۋە ساداسىنى ياڭرىتالىغان بولسا ، ئاندىن ئۇنىڭ ھازىرقى سنىڭكىدەك تىنى ۋە بەدىنى بولغان بولسا ، سەندىن سىنىڭ ئاۋازىڭنى ۋە بەدىنڭنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇرۇشنى ئۇتۇنمىگەن ۋە سىنى ئۇ يەرگە چاقىرتىپ بىرىشىنى ئۈتۈنۈپ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بىزگە يالۋۇرۇپ يىلىنمغان بۇلاتتى
- ھە ئۇنىڭ ئاخشام ئېيتقىنى راس ئىكەندە ، ئۇ راستىنلا سىلەردىن شۇنچە ئۇزۇن  ۋاقىت مىنى چاقىرتىپ بىرىشنى ئۈتۈنۇپتىكەندە
- شۇنداق ، بولدى ۋاقتىنى ئۆتكۈزمەيلى ، ئەگەر قۇشۇلساڭ ئاۋازىڭنى بىردەم ئۇنۇڭغا ئارىيەتكە بىرىپ تۇرغىن ، بىز رۇھىڭنى بەدىنىڭدىن بىردەم ئاجرتىپ تۇرايلى   
- ئۇ بەدىنىمگە زەخمە يەتكۈزمەس ؟؟؟؟
- ياق ئەنسىرمە ئۇ قەتتئى ئۇنداق قىلالمايدۇ ، تۇيۇقسىز يەنە ئۆي ئىچىدە ئېللىق سەلىكىن شامال چىقىپ دېرىزىدىن يەنە بىر كىيىنىشى بۇلارغا سەل ئوخشىمايدىغانراق باشقا جەھەتتىن  ئاساسەن ئوخشۇشۇپ كىتىدىغان  يەنە بىر بۇلارغا ئوخشاشلا چىرايدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان يەنە بىر بىر پەرىشتە ئۇچۇپ كىرىپ كەلدى ئۇ بىز بىلەن سالاملىشىۋەتكەندىن كېيىن  ، ھىلىقى بۇ يەردىكى ئىككى پەرشتە ئۇنى ماڭا
- بۇ سىنىڭ بەدىنىڭنى سەن Michael غا بىرىپ تۇرغاندا ،  Michael نىڭ رۇھى ۋە ئەرۋاھى بىلەن بىللە بەدىنىڭگە كىرىپ بەدىنىڭنىڭ تاسادىبىي تۇيۇقسىز زەخمىلىنىپ قېلىشىدىن مۇھاپىزەت قىلىپ بەدىنىڭنى قوغدايدىغان بەدىنىڭنىڭ مۇھاپىزەتچى قوغدىغۇچى پەرىشتىسى ، ئۇ سىنىڭ بەدىنىڭنى خۇددى ئۈزۈڭدەكلا ئاسرايدۇ ۋە قوغدايدۇ ، بەدىنىڭگە قىلچىلىك زەرچىمۇ زەخمە يەتكۈزمەيدۇ دەپ تۇنۇشتۇردى ، مەن خاتىرجەم بولۇپ
ئەمسە قېنى ئەمسە بەدىنىمنى سىلەرگە تاپشۇراي ئاخشام چۈشۈمدە Michael غا ۋەدە قىلغان ئىكەنمەن گىپىمدە تۇرمىسام بولمايدۇ ، ‹ ئوغۇل بالا گىپىدە تۇرىدۇ › ھى ھى ھى …  قېنى ئەمسە ئىشىنى باشلاڭلار دىدىم ، ئاندىن ھېلىقى بەدىنىمنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ، بەدىنىمنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرىشتىسى يېنىمغا كېلىپ مەنمۇ ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل تىلدا ۋە تەلەپپۇزىدا  نىمىلەنىمدۇر بىر نىمىلەرنى ئۇقىغاندىن كېيىن كۆز ئالدىم ئاستا – ئاستا قاراڭغۇلۇشۇپ ، قۇلىقىمغا ئىنتايىن تۇلىمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق قىيا – چىيالار ئاڭلاندى ، ئارقىدىن ۋۇل – ۋۇل قىلىپ ئۆي ئىچىدە چاقماق چاققان كەبى ئۆي ئىچى بىر يۇرۇپ بىر ئۈچۈپ ، تۇيۇقسىز پۇتۇن بەدىنىم سىزىمنى پۇتۇنلەي يۇقۇتۇپ كارۋىتىمغا لەسسىدە يىقىلىدى ، ئارقىدىن مەن بەدىنىمدىن شۇنداق يىنىك ھەم لەرزان شامال كەبى ئۇچۇپ چىقىتىم ، ۋە Michael نى ئەمدى شۇنداق ئېنىق كۈرەلىدىم ، ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىدىم ، ئۇ ئەمدى ئاخشامقىدەكلا تۇراتتى شۇنداق نۇرمال ، ئۇ ماڭا
- ھەي ياخشىمۇ سەن ؟؟ ساڭا راستىنلا كۆپ رەھمەت جۇمۇ ، سەن قەتتىئى ئەنسىرمە ، مەن سىنىڭ بەدنىڭگە ھەرگىزمۇ زەرچە زەخمە يەتكۈزمەيمەن ، پەقەت ئاۋازىڭنى بىردەم ئىشلىتىپ تۇرۇپ ‹ بىئەپ ›  ناملىق ناخشامنى ئاۋازغا ئېلىۋالساملا بولدى ، ئاندىن بەدىنىڭنى پەرشتىلىرىڭ يەنە ساڭا قايتۇرۇپ ئەسلىگە ئەكىلىپ بىرىدۇ ، دېدى ، مەن
- ھە ياخشى ، سەنمۇ ياخشى تۇرۇپسەن ، بىلىمەن  ،
ئارقىدىن باشتا ھېلىقى بايامقى ئىككى پەرشتە ماڭا بۇ سىنىڭ بەدىنىڭنى قوغدايدىغان سىنىڭ قۇتقازغۇچى ، بەدىنىڭنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرىشتىسى بولىدۇ دەپ تۇنۇشتۇرۇلغان پەرىشتە مىنىڭ ھازىر ئەمدىلىكتە كارۋاتتا ئۆلۈك كەبى ياتقان بەدىنىمگە يالىت - يۇلتىلا ، لاپپدە قىلىپ كىرىپ كەتتى ، مەن ھەممىنى كۈرۈپ تۇردۇم ، مىنىڭ بايىلا كارۋاتتا ئۆلۈك كەبى ياتقان بەدىنىم ئۇنىڭ ئەمدى مىنىڭ بەدىنىمگە كىرىپ كىتىشى بىلەنلا قايتىدىن جانلىنىپ  ئورنىدىن قوزغىلىپ ئۈرە تۇردى ، ۋە مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ
- سەن ھەرگىزمۇ ئەنسىرمە ، مەن بەدىنىڭنى خۇددى ئۈزۈمنىڭ بەدىنىدەكلا مۇھاپىزەت قىلىپ قوغدايمەن دېدى ، لېكىن بۇ گەپ قىلىۋاتقىنى دەل مىنىڭ ئاۋازىم ئىدى ، مېڭىپ يۈرگىنىمۇ ھەم مىنىڭ بەدىنىم ئىدى ، بىراق مەن ھازىر بەدىنىمدىن ئاجراپ چىقىپ كەتكەن بىر رۇھ ، ئەرۋاھقا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم ، ھازىر مەن بۇرۇنقىغا ئوخشاش يەردە ئادەتتىكى تىرىك ئىنسانلاردەك ئىككى پۇتلاپ ماڭمىساممۇ بۇلاتتى ھاۋادا ئەركىن ئۇچۇپ ئۈزۈپ يۈرىمەن ، مىنىڭ ھازىر بەدىنىممۇ يوق ، ھەرقانداق نەرسىدىن سۇقۇلۇپ ئۈتۈپ كىتەلەيمەن خۇددى شامال كەبى ، بۇ چاغدا مەندە ھېچقاندا سىزىم بولمىدى ، مەن بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق جسىمنى تۇتالمىدىم ، پەقەت خۇددى بىر ھاۋاغىلا ئۆزگىرىپ قالدىم ، ھەم يەنە بۇ چاغدا Michael نىمۇ شۇنداق ئېنىق كۈرەلىدىم ، چۈنكى ئۇمۇ بىر روھ ۋە ئەرۋاھ ، ئۇ ھازىر ماڭا بايامقىدەك ، مەن ئۆز بەدىنىمدە تۇرغان چاغىدىكىدەك قارا سايە بولۇپ كۈرۈنمىدى ، بىراق ، مەن ھازىر ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادىكى باشقا ھايات كىشىلەرگە بايامقى مەن بەدىنىمدىكى ۋاقىتتا Michael ماڭا قارا سايە بولۇپ كۈرۈنگەنگە ئوخشاش قارا سايە بولۇپ كۈرنۇشۇم بۇ ئېنىق ، ئەمما قارا سايىلەرگە ئۇنداق كۈرۈمەي نۇرمال كۈرۈندىكەن
مىنىڭ بەدىنىمنى مۇھاپىزەت قىلدىغان ، بەدىنىمنىڭ مۇھاپىزەتىچى پەرىشتىسى كىرىپ كەتكەن ، ھازىر شۇ پەرشىتە ئىگەللەپ تۇرغان منىڭ بەدىنىم ئەمدى Michael نىڭ يېنىغا كېلىپ ، باشقا بىر خىل تىلدا ۋە باشقا بىر خىل تەلەپپۇزدا نىمىلەرنىمىدۇر مەنمۇ چۇشەنمەيدىغان بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن ئۆي ئىچىدە بىر خىل لەرزان شامال چىقىپ Michael تۇتۇن كەبى كۆزدىن غايىب بولۇپ ئەتراپقا تاراپ كەتكەندىن كېيىن ئارقىدىن يەنە مىنىڭ بەدىنىم ئەتراپىغا كېلىپ بەدىنىمگە تۇمانلاردەك ئاستا – ئاستا سېڭىپ كەتتى ، ۋە ئۆي ئىچىدىكى بۇ تۈتەك تۇمان لاپپىدە قىلىپ كۆزدىن غايىب بولۇپ يۇقاپ كەتتى ،
ئارقىدىن ئارىدىن بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى پەرىشتىلەر ماڭا ،
- مايكولنىڭ يەنە ساڭا گىپى بار ئىكەن ، بىراق سەن روھ ئۇ ھازىر ھايات ئادەم ئورنىدا ئورنۇڭلار ئالمىشىپ قالغاچقا شۇڭا ئالاقە – ئۇچۇر پىكىر ئالماشتۇرشىڭىلارغا قۇلايسىز بۇلىۋاتىدۇ ، شۇڭ سىنى ھازىر بۇ بىز ھازىر تەقلىد قىلىپ سىھىر ئارقىلىق پەيدا قىلغان ۋاقىتلىق ھالدىكى بەدەنگە ئەكىرىمىز ، بۇ پەقەت ۋاقىتىلىق بولمىسا ئۇ ئىككىڭلارنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرشىڭلارغا قۇلايسىز بولۇپ قالدىكەن ، دېدى ، مەن
- ماقۇل ئەمسە بولىدۇ دىدىم ، ئۇلار ماڭا
-  ئەمسە كۈزۈڭنى چىڭ يۈم دېدى ، مەن كۈزۈمنى چىڭ يۇمدۇم ، ئارقىدىن نېمە بولغىننى ئۇقمايمەن ، ئۇلار مەنمۇ بىلمەيدىغان تىلدا ۋە تەلەپپۇزدا بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن ئۈزۈمنى باشقا بىر ئادەم بەدىنىدە كۆردۇم ، قارىماققا بۇ مىنىڭ بۇرۇنقى بەدىنىمدىن ئانچە بەك كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيتتى ، ئارقىدىن
مىنىڭ بەدىنىم يەنى بايا Michael كىرىپ كەتكەن مىنىڭ بەدىنىم مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ ،
- مۇزىكا ئىشلەش ئۈيۈڭنى ماڭا ئەمدى بىردەم ئارىيەتكە بىرىپ تۇر ، مۇزىكا ئىشلەش ئۈيۈڭ قەيەردە ؟ دېدى ، مەن ھەيران بولغان ھالدا ، ۋە ھېچ نىمىنى چۈشەنمەستىن
- نېمە مۇزىكا ئىشلەش ئۈيى ؟؟ سەن مىنى داڭلىق مۇزىكانىت ياكى ناخشا چولپىنى چاغلاپ ؟؟!! ئۇنىڭ مەخسۇس كەسپى مۇزىكا ئىشلەش ئۆيلىرى بار دەپ ئويلاپ قالغانمىتىڭ ؟!! ، بۇ يەر ياكى بىر سەنئەت ئۈمىكى بولمىسا ؟؟ ۋە مەن ئەزەلدىن مۇزىكا چالمايدىغان تۇرسام ؟؟ مىنىڭ مۇزىكا ئىشلەش ئۈيۈم نېمە قىلسۇن ؟؟!!! مەن باشتىلا ساڭا دىگەنتىمغۇ سەن چوقۇم ئادەمنى خاتا ئىزدەپ قالدىڭ دەپ ؟؟!!! قانداق گەپ بۇ ؟؟؟!!
- كەچۈر بولدى چېچىلما ، مەن بۇرۇن ئىلگىرى شۇ ، مۇزىكىلىرىمنى داۋاملىق كەسپى يۇرۇشلەشكەن مۇزىكا ئىشلەش ئورنۇمدا ئىشلىگەچكە كۈنۈپ قاپتىكەنمەن ، بولدى چېچىلىما ، مۇزىكا ئىشلەش ئۈيى بولمىسا مەيلى ھېچقىسى يوق ، ماڭا پەقەت كومپىيوتۇرغا چېتىپ مۇزىكا سىگنالى كىرگۈزگىلى ئاددى بولغان بىر تال  MIDI رىيال تېپىپ بەرسەڭلا بولدى
- نېمە  MIDI رىيال ؟! سەن  ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ ؟! مەن بايا ساڭا نېمە دىدىم ! مەن ناخشىچى ياكى مۇزىكانىت ئەمەس ، بۇ مۇزىكا ئىشلەش ئانسانبىلى ياكى سەنئەت ئۈمكى ئەمەس ، بۇ دىگەن مىنىڭ ئۈيۈم ، بۇ يەردە ئاددى بولغان بىر تال  MIDI رىيال ئەمەس ، ئاددى بولمىغىنىمۇ يوق ، ھېچنىمە يوق !! بىر تال سازمۇ يوق ! سەل تۇرۇپ ماڭا يەنە گىتتار ياكى راۋاپ تېپىپ بەر دەپ قوپما يەنە !!! مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق ساز چالمايمەن !! ۋە چېلىپمۇ باققان ئەمەس !! ھەم بىرەر ساز مۇزىكا چېلىشىقىمۇ قىزىقمايمەن ، ھەم چېلىشنىمۇ ئۇقمايمەن ، چۇشىنىۋاتامسەن ؟؟!!
ئۇ بۇنى ئاڭلاپ ، نېمە قىلارنى بىلىمگەن ھالدا ، ئامالسىز بىچارىلەرچە قىياپەتتە ،
- كەچۇر ،  بولدى ئاچچىقلانما ، مەن ئەسلى بۇ ناخشامنىڭ مۇزىكىسىنى ھازىرلا تىز سۈرئەتتە چېلىپ پۇتتۇرۇپ ئىيتاي دەپ ئويلىغانتىم ، قارىغاندا بۇنۇڭغا ھېچ ئامال بولمايدىغان ئوخشايدۇ ، شۇنداق ئىكەن ئۇزۇمنىڭ بۇرۇنقى ناخشىلىرنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىغىلا ئېيتاي ، سەندە مىنڭ ناخشىلىرىمنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسى باردۇ ھە ؟
- ھەي توۋا ، مەن يە سىنىڭ ناخشلىرىڭنى ئەزەلدىن چۈشەنمىسەم ۋە ئاڭلىمىسام ، سىنىڭ ناخشىلىرىڭنىڭ تەڭكەش مۇزىكىسىنى ساقلاپ نېمە قىلىمەن ؟؟؟ مەن پەقەت ئۈزەم ئاڭلاپ چۈشنەلەيدىغان ناخشا مۇزىكىلارنىلا ئاڭلايمەن ، مەندە سىنىڭ ناخشىلىرىڭنىڭ بىر تالمۇ تەڭكەش مۇزىكىسى يوق !! چۈشەندىڭ !!!
- بۇ ، بۇ ، بۇ …….ئۇنداق بولسا قانداق قىلسام بۇلار ؟؟
- ۋوي قانداق قىلساڭ قىلمامسەن ؟؟!! بۇنىمۇ مەندىن سورامسەن ؟؟؟  سەن شۇ مۇزىكاڭنى شۇيەردە ئىشلەپ پۇتتۇرۇپ ئالغاچ كەلگەن بولساڭ مۇشۇنداق ئاۋارچىلىقمۇ بولمىغان بۇلاتتى ، ئامال يوق
- ھەي ئۇ يەردە پەقەتلا ھەققى نەرسىلەر يوق ، ھەم مەن مۇزىكامنى شۇ يەردە ئىشلەپ پۇتتۇرۇپ بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن تەقىدىردىمۇ بۇيەردەپ ئىشلەتكىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ يەردىكى ھېچ بىر نەرسە بۇ يەردە ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىپادىلىيەلمەيدۇ ،
- ھە ئەمدى بىلدىم ، مەن بۇنى ئۇقمىغاچقا شۇڭا
- ھەي بولدى ، ئۇنداق بولسا سەندە مىنىڭ بىرەر تال ناخشام بارمۇ ؟؟ بولسا تېپىپ بەرگىن
- ئۇقمايمەن ، بەلكىم يوقمىكىن ؟؟ ئۈزۈڭ قاراپ باققىن ،
- ماقۇل كومپىيوتۇرۇڭ قەيەردە ،
- ياندىكى ئۆيدە
- ھە ، تاپىتىم ، ھەر ھالدا مىنىڭ ناخشىلىرىمدىن بىرەر ئىككىسى بولسىمۇ باركەن ، ماڭا دەرھال ئاۋازغا ئېلىش ئۈيۈڭنى ئېچىپ بەرگىن ، تىزدىن - ناخشامنى ئاۋازغا ئېلۋالاي
- ھا ….ھا ….ھا ….  ئاۋاز ئېلىش ئۈيى ، سەن ئۇخلىماي تۇرۇپ چۈش كۈرەمەيۋاتىقانسەن  ، توۋا سەن نېمە دەپ يۈرۈيدىغانسەن ، سەن بۇيەرنى بۇرۇنقى شۇ ئۈزۈڭنىڭ مۇزىكا ئانسانبىلى چاغلاپ قاپسەندە ؟؟ بۇ يەردە ئاۋازغا ئېلىش ئۈيى نىمىش قىلسۇن ؟؟!!! مىنڭ ئەزەلدىن ئاۋازغا ئېلىش ئۈيۈم يوق ، دىدىمغۇ مەن ساڭا ، مەن مۇزىكانىت ياكى ناخشىچى ئەمەس ، مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق ساز ياكى مۇزىكلا چالمايمەن ، ۋە ناخشا ئېيتمايمەن دەپ ، ھەم بۇ يەر سەنئەت ئۈمىكى ياكى مۇزىكا ئانسانبىلى ئەمەس ، بۇ يەردە ئەزەلدىن ئاۋاز ئېلىش ئۈيى بولغان ئەمەس ،
- ئۇنداق بولسا ، مەن ناخشامنى قانداق ئاۋازغا ئالىمەن ؟؟
- بۇنى مەندىن سورامسەن ؟؟ كومپىيوتۇر ئەنە كۆرسۈتۈپ قويدۇم ، قانداق ئاۋازغا ئالساڭ ئالمامسەن ؟ يە مەن بىرىپ Windows نىڭ ھېلىقى ،
开始 ، ‹ پروگرامما › ، ‹ قۇشۇمچە › دېگەن تىزىملىكىدىكى ،  ‹  录音机 › دېگەن سىستىمىسىنى ئېچىپ بىرەيمۇ يە ؟؟ ھا …ھا…ھا….
- ھەي ئۇ بولمايدۇ ، ھېچ بولمىغاندا بىرەر كەسپى يۇمشاق دېتال بۇلىشى كېرەك ئىدى ،
- مەن يا مۇزىكانىت ياكى ناخشىچى بولمىسام ؟؟ مەندە كەسپى يۇمشاق دېتال نېمە قىلسۇن ؟؟ قىزىتماڭ ئۆرلەپ قالمىغاندۇ ؟؟
- ئۇنداق بولسا ماڭا دەرھال پروگرامما سىسىتىما پىلاستىنكىلىرىڭنى تېپىپ بەر ، ماڭا لازىم سىستېما بارمۇ يوق ئۈزۈم قاراپ باقاي ،
- ماقۇل ، بىر يىشىك لازىممۇ ، ياكى ئىككى يىشكمۇ ؟؟
- بۇ سىنىڭ نېمە دىگىنىڭ ؟؟
- مەندە ئويۇن پىلاستىنكىلىرىدىن ئون – يىگىرمە يىشىك بار ، شۇڭا سوراۋاتىمەن ،
- ھەي مىنى جىلە قىلمغىن ، ئويۇن پىلاستىنكىلىرىڭنى دىمىدىم ، قۇرال يەنى قوللىنىشچان سىسىتىما يۇمشاق دىتاللىرىنى دەۋاتىمەن
- ئو بولىدۇ ، بولىدۇ ، مەن ساڭا سىستېما پىلاستىنكىلىرىم بار يەرنى كۆرستىپ قۇياي ، ئۈزۈڭ ئالدىرماي ئولتۇرۇپ تېىپىپ لازىملىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتەرسەن ،
شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنىڭ سىستېما پىلاستىنكىلىرىمنى خېلى ئۇزاققىچە بىر ھازا ئاختۇرغاندىن كېيىن ئۈزىگە لازىملىق ھازىر ناخشسىنى ئاۋازغا ئېلىش ئۈچۈن  ئىشلىتىدىغان پىروگىرامىلارنى كومپىيوتۇرۇمغا قاچلاپ بولۇپ مەندىن يەنە سورىدى ،
- ماڭا ئاۋاز كارتىسى ھەم تىڭشىغۇچ ، مىكروفۇن ، ۋە ئاۋاز تەڭشەش سۇپلىرىڭنىمۇ بىرىپ تۇر ۋە ھازىرلا تىزدىن دەرھال ئېلىپ چىقىپ بەر
- نېمە كومپىيوتۇرۇمنىڭ ئۈزىنىڭ ئاۋاز كارتىسى بار ئىدىغۇ ، كومپىيوتۇردىن ئاۋاز چىقمايۋاتامدۇ ؟؟ مەن گىپىڭىنى تازا ئېنىق چۈشەنمىدىمغۇ ؟؟
- كومپىيوتۇردىن ئاۋازغۇ چىقتى ، لېكىن مەن ساڭا مەخسۇس ئاۋازغا ئالغاندا كومپىيوتۇرغا سىرتتىن چېتىپ ئىشلىتىدىغان ئاۋاز كارتسىنى دەۋاتىمەن ، YAMAHA ياكى SONY ماركىلىقى بولسا تېخىمۇ ياخىشى
- ئو مەن تېخى كومپىيوتۇردىن ئاۋاز چىقمايۋاتقان چېغى دەپتىمەن ، نېمە YAMAHA ؟؟ YAMAHA ماركىلىق موتسىكلىتىم پەستە ھازىرلان ئەكىرىپ بىرەمدىم ، ئۇنى مىنىپ بىرەر يەرگە بارامسەن ؟؟
- ھەي ئەستا چاقچاق قىلىمغىن مەن ساڭا موتسىكىلىت دىمىدىم ، ئاۋاز كارتىسى داۋاتىمەن ، مەيلى YAMAHA ماركىلىقى بولمىسا باشقا قانداق ماركىلىقى بولسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ
- ئو مۇنداق دېگىن ، بۇ يەردە ماركىلىق ئەمەس ، ماركىسىز ئاۋاز كارتىسمۇ يوق ، چۇشەندىڭمۇ ؟؟    ئە راس توختا ، مەندە  Lenovo ماركىلىق بىر تال ئاۋاز كارتىسى بار ئىكەن ،  بىراق ئۇنى ساڭا ئېلىپ چىقىپ بىرشىمنىڭ قىلچە ھاجىتى يوقتەك تۇرىدۇ ، چۈنكى كومپىيوتۇرۇمنىڭ ماركىسى Lenovo ، شۇڭلاشقا كومپىيوتۇرۇمغا ، كومپىيوتۇرۇمنىڭ ئىچىدىكى ئاساسى تاختىسى بىلەن بىللە ئورنىتىلغان ئىچىدىكى ئۈزىنىڭ ئىچكى ئاۋاز كارتىسنىڭ ماركىسىمۇ چوقۇم Lenovo ، ھا ھا ھا…..
- بولدى بولمىسا بوپتۇ ، قارىغاندا ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىمۇ يوق ئوخشايدۇ شۇنداقمۇ ؟؟
- شۇنداق ئەلۋەتتە يوق ، مەن يا ناخشىچى بولمىسام ، ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسىنى نېمە قىلىمەن
- بولمىسا بوپتۇ ، مەيلى ھېچقىسى يوق ، ماڭا بىرەر تىڭشىغۇچ تېپىپ بەرگىن
- ماقۇل ، يەنە YAMAHA ماركىلىقنى تېپىپ بىرەمىدىم يە ؟؟ ھا…ھا…ھا….
- مەيلى قايسى بولسا بۇلۋىرىدۇ ، سەندە بىرنى تېىپىپ بەرسەڭلا بولدى
- تىڭشىغۇچ ، پەستىكى ئىشكاپتا ، ئۈزۈڭ ئال !!!
- ئەمدى مىكروفۇن تىپىپ بەر ،
- مەندە مىكروفۇن يوق ، مەن ئەزەلدىن ناخشا ئېيتىمايدىغان تۇرسام ، مىكروفۇننى نېمە قىلىمەن ، قانداق گەپ بۇ ؟؟؟ سەن ماڭا ھېلى ئۇنى ، ھېلى بۇنى تېپىپ بەر دەۋىرسەنغۇ ؟؟ بالاغا قالدىممۇ ئەمدى ساڭا ياردەم قىلىمەن دەپ .
- بۇ يەردە سەندە ئەڭ ئادەتتىكىدەك بىرەر ئاددىي بولغان مىكروفۇنمۇ يوقمۇ ؟
- يوق !!! ئەمما لېكىن مىنىڭ بىلىشىمچە ، تىڭشىغۇچۇمنىڭ بىر تەرپىدە تىڭشغۇچ بىلەن بىللە ئورنتىلغان ئۈزىنىڭ كىچىك بىر مىكروفۇنى بارغۇ دەيمەن
- ھە مۇشۇنىڭ بىلەن ئاۋازغا ئالامدىم
- ئەمسە ئاۋازغا ئالما ؟؟ مەن ساڭا نېمە قىلىپ بەرسەم بۇلىتى يەنە ، ئاۋازىمنى ۋە بەدىنىمنى ئارىيەتكە بىرىپ تۇردۇم ئەنە ، سەن ماڭا يەنە ئۇنى تېپىپ بەر ، بۇنى تېپىپ بەر دەيسەنغۇ ؟؟؟ قەرزىم بارمۇ ساڭا مىنىڭ ؟؟ شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ شارائىتتا ناخشىسنى ئىيتىپ ئاۋازغا ئالماقچى بولدى ، مەن يەنە پەرىشتىلەرنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن ئۇ ۋاقىتلىق بەدىنىمدىن ئايرىلىپ روھ ھالىتىدە ئۇنۇڭغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ئۇ يەردىن ياتاق ئۈيۈمگە چىقىپ ئۇ ناخشىسنى ئېيتىپ بولغۇچە بىردەم ئارام ئالاي دەپ كارۋتىمغا چىقىپ ئولتاردىم ، ئالاھەزەل يىگىرمە مىنۇتلار ئۈتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قايتىپ كىردى ، ۋە يېنىمغا كېلىپ
- ساڭا كۆپ رەھمەت ، مەن بەدىنىڭگە زەرچە زەخمە يەتكۈزمىدىم ، ناخشامنى ئېيتىپ ئاۋازغا ئېلىپ  بولدۇم ، ئەمما ئەسلىدىكى تەڭكەش مۇزىكىسىنى توردىن ئىزدەپ  تېپىشقا ۋاقىت يىتىشمىگەچكە ھەم يەنە بۇرۇنقى مۇزىكا ئانسانبىلىمنى  ئىزدەپ تېپىپ بۇ ناخشامغا تەڭكەش قىلىپ بىرىشكە ھېچقانداق ۋاقىتىم ياكى پۇرسىتىم بولمىغاچقا ، يەنە ئۇنۇڭدىن باشقا ئۈسكىنىلەر تولۇق بولمىغاچقا بۇ ئۇيغۇرچە ناخشامنى پەقەتلا بۇرۇنقىدەك چىقىرالمىدىم ، شۇنداقتىمۇ ساڭا كۆپ رەھمەت  ، سىنى بەكمۇ ئاۋارە قىلۋەتتىم ئەمدى سىنى يەنە قايتا ئاۋارە قىلمايمەن دېدى ئارقىدىن  يەنە مىنىڭ شۇ  بەدىنىم يەنە باشىقىچە بىر ئاۋازدا يەنە بايامىقىدەك مەنمۇ ئەزەلىدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل تىلدا ۋە تەلەپپۇزدا بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن ، بەلكىم يەنە ھېلىقى بەدىنىمنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بەدىنىمنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرشتىسى ئۇقىغان رۇھنى بەدەندىن ئاجرىتىش ئەپسۇنى بولسا كېرەك ، بەدىنىمدىن تۈتەك كەبى  بىر خىل تۇمان ئاستا – ئاستا ئەتراپقا تاراپ چىقىپ كەلدى ، ۋە بۇ تۇمان ئاستا – ئاستا بىر يەرگە كېلىپ بىرىكىپ Michael غا ئۆزگەردى ، ئۇ ئەسلى ھالىتىگە يەنى رۇھ ئەرۋاھ ھالىتىگە قايتىپ ماڭا يەنە بايامقىدەك شۇنداق نۇرمال كۈرۈندى
، ئارقىدىن مىنىڭ بەدىنىم مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ يەنە بايامقىدەك مەنمۇ پەقەتلا ئۇقمايدىغان مەلۇم بىرخىل تىلىدا ۋە مەلۇم بىر خىل تەلەپپۇزدا بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن بىر خىل كۈچلۇك  نۇريۇرۇقلۇقلار كۈزۈمگە كۈرۈنۈپ  غەلىتە بىر خىل ئاجايىب – غارايىب ئاۋازلار ئاڭلنىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئۈزۈمنى ئۆز بەدىنىمدە كۆردۈم ، ھېلىقى بەدىنىمنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان بەدىنىمنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرشتىسى بەدىنىمدىن ماڭىمۇ تۇيدۇرماستىن چىقىۋاپتۇ ، ئۇ ھېلىقى ئىككى پەرشتە ۋە يەنە ھېلىقى چوڭ قارا سايە يەنى مايكول جىكسۇن بىلەن بىللە تۇراتتى ، ئەمدى مايكولدىن يەنە باشتىكىدەكلا ھېچقانداق سادا چىقمدى ، ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ مىنەتتارلىقىنى بىلدۇرگەندىن كېيىن پەرشتىلەردىن سەل نېرىراق يىراقلىققا بىرىپ  تۇردى ، پەرشتىلەر ماڭا
- ئەمسە بىز قايتايلى سەنمۇ ئارام ئالغىن ، ئەمدى بۇنۇڭدىن كېيىن يېرىم كېچىدە دېرىزەڭنى ئۇچۇق قويما ، كەچ كىرىشى بىلەنلا دېرىزەڭنى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالما دېدى ، ۋە كۇلۇپ قويدى ئارقىدىن ھېلىقى بەدىنىمنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرىشىتىسى ئەمسە بىز قايتايلى سەنمۇ ئەمدى ئارام ئالغىن ، بەدىنىڭنى ياخشى ئاسرا خوش بىز قايتتۇق دىگىنىچە ھېلىقى قارا سايە بولغان مايكول جىكسۇننىڭ ئەرۋاھى بىلەن قۇشۇلۇپ تۆتى بىللە بىرلىكتە دېزىزەمدىن كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى


بىئەپ






مايكول جىكسۇن ۋاپات بولۇپ تۆت يىلىغىچە قەبرىسىدە يېتىپ تۇرۇپ مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ ئىجاد قىلىپ يېزىپ چىققان ئۇيغۇرچە ناخشىسىنىڭ تۇلۇق تىكىستى تۈۋەندىكىچە

بىئەپ

تىكىسىتى ۋە مۇزىكىسى : مايكول جىكسوننىڭ

ياخشىمۇ سىلەر ھەي ئۇيغۇر دوستلار
مەن مايكول جىكسۇندىن ھەممىڭلارغا
ئۇنتۇشنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق سالام
ئۇنتۇشنى تۇنۇمايسىلەر بەلىكىم
ئەمما مىنى چوقۇم كۇپۇنچىڭلار تۇنۇيسىلەر
كۆرگەن بۇلىشىڭلار مومكىن

سىلەرگە سۆزلەرىم بار
ھازىر بۇ ناخشام ئارقىلىق قىلاي بايان
ئاڭلاڭلار مەن ئۇنتۇشنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق
ئۈزۈمنىڭ ئازراق سۆزلىرنى سىلەرگە ئېيتماقچى
شۇڭا بۇ سۆزلەرنى ئۇنتۇش ئېيتىۋاتىدۇ دەپ ئويلىماي
مايكول جىكسۇننىڭ سۆزلىرى دەپ چۇشۇنۇڭلار

مەن ئۆزەم سۆزلەي دىسەم سىلەر بىلىسىلەر
مەن ھازىر ئۈزۈم سىلەرگە
سۆزلىيەلەيدىغان شارائىتتا ئەمەس
چۈنكى ماڭا ھازىر بەكلا بىئەپ

ئەمدى بىلسەم
مىنىڭ راستىنلا بىرمۇ ئۇيغۇرچە ناخشام يوق ئىكەن
ھەممىسى پۇتۇنلەي ئىنگلىز تىلىدىكى ناخشا ئىكەن كەچۈرۈڭلار
ئەمما ھازىر بېرىپ سىلەرگە
ئۇيغۇرچە ناخشا ئۇقۇپ بىرەي دىسەم
تۇلىمۇ ئەپسۇس كەچۈرۈڭلار ئامالسىزمەن ، بىئەپ

ماڭا راستىنلا ھەقىقەتتەنمۇ
راستىنلا چۇشۇنۇڭلار بىئەپ

بارالمايمەن قېشىڭلارغا راس
يۈرەلمەيمەن سىلەر بار دۇنيادا سىلەر بىلەن
ماڭا ھازىر باشقا ھېچقانداق ئامال يوقتۇر
راس بىئەپ ، بىئەپ

سىلەرمۇ بىلدىغانسىلەر قايسى يىلى
ناخشا كىچىلىكىمدە
يۈرەك كىسىلىم تۇيۇقسىز قوزغىلىپ  
قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي
بۇ يەرگە كېلىپ قالدىم
شۇندىن بىرى ناخشا ئۇقىيالمىدىم
ۋە سىلەر بار دۇنيادىن ئايرىلىپ قالدىم
مەن ھېچقانداق ئامال قىلالمىدىم
راس بىئەپ

ھازىر ماڭا ھېچقانداق بىر ئىشنى قىلشقا ئامال يوق
بۇ يەردە جىملا ئۇخلايمەن چىقالمايمەن
شۇڭا سىلەر چۇشۇنۇڭلار ، ماڭا راس بىئەپ

ماڭا راستىنلا ھەقىقەتتەنمۇ
راستىنلا چۇشۇنۇڭلار بىئەپ

بارالمايمەن قېشىڭلارغا راس
مەن بۇ يەردە تۇلىمۇ بەك ئامالسىز قالدىم
ماڭا ھازىر ھېچقانداق ئامال يوقتۇر
راس بىئەپ

بۇ يەردە ھېچقانداق ئامال قىلغىلى بولمايدىكەن
ئۈيۈمگە قايتىپ كىتەلمىدىم
بۇ يەرنىڭ بەزى يەرلىرى
تۇلىمۇ ئىنتايىن بەك قورقۇنۇچلۇق ئىكەن
راس بىئەپ ، بىئەپ ، راس بىئەپ ، بىئەپ

بىئەپ ، بارالمايمەن قېشىڭلارغا راس
يۈرەلمەيمەن سىلەر بار دۇنيادا سىلەر بىلەن
ماڭا ھازىر راس بىئەپ


بۇنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك ، باشلىنىش قىسىمىغا ئازراق مايكول ھەققىدىكى يەنى مايكولنىڭ قەبىرىدىن كەلگەندىكى كۈرنىشلىرى ئىپادىلەنگەن ، ۋە مۇشۇ ناخشىنىڭ مايكول ئۈزى ئەرۋاھ ھالتىدىن راس ئادەم ھالىتىگە  قايتىپ كىلىپ ناخشا ئېيتدىغان ، يەنى مايكول ئۈزى ئىشلىگەن ھىكايىلىك سۈرەتلىك MTV فىلىم نۇسقىسىمۇ بار ئىدى ، لكىن تور بەتكە يوللاشقا پەقەتلا ۋاقىتىم يەتمىدى ، پۇرسەت بولسا كىينىچە چۇقۇم مۇشۇ تىمامنىڭ ئايقىغا ئىنكاس شەكلىدىكى قىستۇرۇپ يوللاپ قۇيىمەن  

  
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
دېۋان
ۋاقتى: 2015-8-16 11:26:57 | ئايرىم كۆرۈش
زىرىكمەي تىرىكمەي يېزىپ بۇلۇپسىز ھە
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-8-16 11:27:15 | ئايرىم كۆرۈش
قەلەم تۇتقان شۇ قوللىرىڭىز ھارمىسۇن
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
يەر
ۋاقتى: 2015-8-16 11:27:33 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز راسلا بىئەپكەن
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 11:50:05 | ئايرىم كۆرۈش
1sirlirim يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 11:27
ياخشى يېزىپسىز راسلا بىئەپكەن

ھى ھى ھى ....... ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-8-16 11:55:35 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ھىكايىدە ئاپتۇرنىڭ مايكول جىكسون بىلەن كۆرۈشۈشكە بولغان ئارزۇلىرى ئەكىس ئىتىپتۇ . ئەسەرنى يازغاندە ئەدەبى تىللارنى كۆپرەك ئىشلىتىپ ، ئەسەرنى تەھرىرلىگەندە مىغىزىنى ئىلىپ قىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋىتىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .  ناخشا ئىيتىش جەھەتتە بولسا سىزگە توختىماي تىرىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
7#
ۋاقتى: 2015-8-16 12:09:09 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 11:55
بۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ھىكايىدە ئاپتۇرنىڭ مايك ...

سىزنىڭ مىسرانىمدىكى ئىسمىڭىز نىمۇ؟



بۇ تىمىغا يات بولغان بىر ئىشنى سوراپ سالدىم تىما ئىگىسى رەنجىمىگەيسىز
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 12:20:40 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 11:55
بۇ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ھىكايىدە ئاپتۇرنىڭ مايك ...

ھى ھى ھى ..............  رەھمەت ، مەن شۇ تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق بىر ھىكايە يېزىپ بېقشىم ، مىنىڭ ئەسەر يېزىشتا ھازىر ھېچقانداق بىر تەجرىبەممۇ يوق دەڭە ، شۇڭا نۇرغۇن - نۇرغۇن سەۋەنلىكلەردىن خالى بۇلالمىدىم  ، شۇڭا مۇنبەردىكى باشقا ئۇستازلار كۆپرەك تەلىم بىرىپ يىتەكلەپ ماڭارسىلەر ، ماقۇل بۇنۇڭدىن كىيىن ناخشىنى تېخىمۇ ياخشى ئېيتشقا تېخىمۇ بەك تىرشاي

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 12:23:46 | ئايرىم كۆرۈش
1sirlirim يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 12:09
سىزنىڭ مىسرانىمدىكى ئىسمىڭىز نىمۇ؟

كەچۈرۈڭ مىنڭ مىسرانىمدا تىزىملاتقان ئەزالىق نامىم يوق ئىدى ، پەقەت گاھى - گاھىدا ئانچە - مۇنچە كىرىپ زىيارەت قىلىپ كۈرۈپلا چىكىتىمەن ، مەن مىسرانىمدا يوق ، پەقەت مۇشۇ ئۇقۇغۇچى مۇنبىردىلا تۇرىمەن .  ھى ھى ھى ..........

2

تېما

49

يازما

202

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 902
يازما سانى:
49
تىللا:
152
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
10 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
10#
ۋاقتى: 2015-8-16 12:32:19 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنتۇش يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 12:23
كەچۈرۈڭ مىنڭ مىسرانىمدا تىزىملاتقان ئەزالىق نامىم يو ...

ھە مۇنداق دەڭ







شۇڭا بۇ يەردىلا ئۇنتۇشقا تېرىشىم ئۇقۇغۇچى بۇلۋالدىم دەيلۇق
دىلىمگە ئازار بىرىشكە قىلچە ھەققىڭ يوق
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:01 , Processed in 0.163271 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش