گۈلەن : قىزىم ھەيرانە،ھەيرانە
ئابدۇۋىلى ئايۇپ گۈلەن
چىكاگۇدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان ئايرۇپىلاندا قىزىم سەپەرداش ئامېرىكىلىقلار بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىۋالدى. شۇڭىمىكىن يىگىرمە نەچچە سائەتلىك مۇشەققەتلىك سەپەر مەسئۇدە ئۈچۈن ئويۇندەكلا ئۆتۈپ كەتتى. بېيجىڭدا بىر ئوقۇرمەن قىز ئالدىمىزغا چىقىدىغان بولغانىدى. بىز پەقەت ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقىلاشقان بولغاچ زادى نەدە كۆرۈشىدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالغانىكەنمەن. كومپىيۇتىرنى ئاچاي دىسەم توكى قالماپتۇ. توكقا چاتىدىغان ئورۇننى مۇلازىمەتچىلەردىن ئەدەپ بىلەن سوراشلىرىم نەتىجىسىز قالدى. شۇنچە ئىزدەپمۇ ئاشۇنچە ھەيۋەت خەلقئارالىق ئايرۇدرۇرۇمدىن كومپىيۇتىرىمنى چاتىدىغان پاتۇرۇن تاپالمىدىم. چىكاگۇدا ئايروپىلان ساقلىغاچ قىزىم بىلەن ئايرۇپورتتىكى مەخسۇس كىچىك بۆلۈمچىدە كومپىيۇتىردا تور ئويناپ كارتون كۆرگەن ئىدۇق. مۇلازىمەتچىلەر بىلەن قىزىم شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشقان ئېدى. بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدىكى بۇ پەرقلىق كىشىلەر ۋە موھىتتىن مەسئۇدە تۇنجى قېتىم ئىنسانلار ئارىسىدىكى قوپاللىق،بىپەرۋالىق ۋە مىھىرسىزلىكنى ھېس قىلدى.
ئامېرىكىدىكى چاغلىرىمدىلا ئالاقىلىشىپ، ئاتايىن ئالدىمغا چىقماقچى بولغان ئوقۇرمەن قىز بىلەن كۆرۈشمەي كېتىۋەرگۈم كەلمىدى. ئۇيان بۇيان بويۇنداپ ئۇچرىشالماي ئاخىرى ئايرۇدۇرۇمدىكى قوغۇدىغۇچىدىن كومپىيوتىرىمنى توكلىغىلى بولىدىغان يەرنىڭ بار يوقلىغىنى يەنە سوراشقا پېتىندىم. ئەمما جاۋاپنىڭ ئورنىغا ئېرىشكىنىم سوغۇق سۈكۈت بولدى. مەسئۇدە ئامېرىكىدا ھەممە يەردە، ھەرۋاقىت شەرتسىز ھۆرمەتلىنىدىغان دادىسىنىڭ بېيجىڭدا بىر ئايدۇرۇم قوغدىغۇچىسى ئالدىدىكى ئىتىبارسىز مەڭدەپ تۇرۇپ قالغان ھالىتىنى كۆزگە سىغدۇرالمىدى بولغاي مەندىن «دادا، ئۇ ئادەم نېمىشقا ساڭا بۇنچە ئۆچ»دەپ سورىدى ئېنگىلىزچە. چىرايىمىزدىن ۋە خەنزۇچە تەلەپپۇزىمىزدىن ئۇيغۇرلۇقۇمىزنى بىلىۋالغان ھېلىق قاراۋۇل «شىنجاڭلىقلارمۇ بالىلىرىغا ئېنگىلىزچە ئۆگىتىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ-دە!»دەپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈردى. قىزىمنى ئېلىپ نېرى كەتتىم. مەن بېيجىڭدا بەش يىل تۇرغان، مۇشۇنداق سەت پۈرۈشكەن ئېغىزلارغا قاراپ تارىختىكى مەدەنىيەتلىك پايتەختنىڭ كۆز ئالدىمدىكى بۇ «جۇلا»سىدىن مىڭلارچە رەت ئەپسۇسلانغان ئېدىم. ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى تەجرىبىلىرىم ۋە مەغلۇبىيەتلىك قوغدىنىش كەچۈرمىشلىرىمنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە بۇ قېتىممۇ يەنە سۈكۈتنى تاللىۋالدىم. بۇرۇن قانداق تۇيغۇدا بولغانلىقىم ئېسىمدە يوق، ئەممە يىگىرمە يىلغا يېقىن تىرمىشىپ ئىككى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇش پۇرسىتىگە، جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردىكى ئىلىم مۇنبەرلىرىنىڭ مېھمانلىق سالاھىيتىگە ئېرىشەلىگەن مەندەك بىر ئۇيغۇرنىڭ يەنە شۇ بىر ئادەتتىكى بېيجىڭلىقتىن كەمسىتىلگەنلىكىم يۈرەكنى تاتىلايتتى. ئەگەر ئامېرىكىدا بولغان بولسام بۇ قاراۋۇلنى ئېرقىي كەمسىتىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ سوتقا ئەرز سۇنغان بولاتتىم. ۋاقتىم ئالدىراش بولۇپ ئاۋارچىلىقنى خالىمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ باشلىقىنى چاقىرتىپ جازالىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمما مەن بۇ يەردە ئۇنداق قىلالمايمەن. مەن شۇنداق قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئىنساننىڭ غۇرۇرىى، روھى، ۋە قەدرى قانۇننىڭ شەرتسىز ھىمايىسىدە بولمىغاچقا كىشىلەر مۇشۇنداق ئەسكىرەپ كېتىدۇ. قىزىمنىڭ ھىلىغىچە ماڭا سوئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرغان سەبىي كۆزلىرىدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ ئايالىمدىن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى سورىغاچ گەپنى بۇرىۋەتكەن بولدۇم.
بېيجىڭدا بىر كۈن تۇرۇشقا توغرا كەلدى. بىز تىزىملاتقان مېھمانخانىنىڭ يېنىدا بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ يېتىپ بارغىنىمىزدا بالىلار مەكتەپتىن قايتىۋاتقانىكەن. مەكتەپ ئالدىدا بىر قانچە ئايال يېشىكلەردىكى يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان چۆجىلەرنى سېتىۋاتاتتى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىققانلىكى ئوقۇغۇچى بىر سوملۇق پۇلنى كۆتۈرۈپ يېشىك قېشىغا ئورلىشاتتى. بالىلىرىنى ئالغىلى كەلگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بەزىلىرى چۆجىلەر ئۈچۈن پۇل تۆلىشەتتى. قىزىم بىر پەس قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن سورىدى «دادا،بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى چۆجە بېقىشنى بىلەمدۇ؟». قىزىمنىڭ تەئەججۈپلىنىشى ئورۇنلۇق ئېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار چۆجىنى ئەمەس ئۆزىنىمۇ باقالمايتتى، باشقۇرالمايتتى. بۇ بىچارە چۆجىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاشۇ بالىلارنىڭ قولىدا جانلىرىدىن جۇدا بولاتتى. قىزىم ئامېرىكىدا مۈشۈك باقماقچى بولۇپ ئارماندا قالغان ئېدى. ئامېرىكىدا مۈشۈك،ئىت،ئات دېگەنگە ئوخشاش ئەرمەك ھايۋانلارنى باقماقچى بولسا مەخسۇس ئورگانغا ئىلتىماس قىلىش كېرەك ئىكەن. ئىلتىماسچىنىڭ ھايۋانلارنى خورلىغان ئارخىپى بولمىغان بولۇشى، باقماقچى بولغان ھايۋان ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىسى بولۇشى، ئەرمەك ھايۋان بېقىپ باققان تەجرىبىسى بولۇشى، باقماقچى بولغان ھايۋاننىڭ سۇغۇرتىسىنى تۆلىيەلەيدىغان بولۇشى...دېگەنگە ئوخشاش بىر مۇنچە مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ چاغدا قىزىم ئەرمەك ھايۋان بېقىش يېشىغا يەتمىگەن، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ بىرەر ھايۋاننى بېقىپ باققان تەجىرىبىمىز بولمىغاچقا ئامالسىز قالغانىدۇق. شۇڭا قىزىم چۇكۇلداپ نالە قىلىۋاتقان بىر جانلىق مەسئۇلىيەتسىزلەرچە، رەھىمسىزلەرچە سېتىلىۋاتقان بۇ "تىجارەت" كە ھەيران ئېدى. ئۇنى ئازاپلىغىنى ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك دېگۈدەك بالىلارنىڭ يولدىن چالما تېرىۋالغاندەك تىپىرلاپ نالە قىلىۋاتقان چۆجىلەرنى بىپەرۋا قارماللاپ يۈرۈشلىرى ئېدى.
بېيجىڭ كوچىلىرىدا ھىچ بىر ئىنسان ھەيران قالمىغان يۇقارقى مەنزىرىدىن نېمە ئۈچۈن مەسئۇدەنىڭ بۇنچە ھەيرەتكە چۆكۈپ كېتىشلىرىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. قىزىم يەسلىدە كۆكتات،گۈل-گىياھلارنى تېرىشنى ئۆگەندى، بىرتال ئۇرۇقنىڭ تىرىلىپ باراقسان ئۆسۈملۈككە ئايلىنىش جەريانىغا شاھىد بولدى ۋە قاتناشتى. قىزىمغا يەسلى ئاتىلىق ئۇرۇقنىڭ ئانىلىق تۇخۇم بىلەن قانداق بېرىكىپ يېڭى ھاياتلىقنىڭ شەكىللىنىشىگە قانداق سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بالىلارنىڭ تىلى ۋە ئۇلار ئاڭقىرالايدىغان ئۇسۇللار بىلەن چۈشەندۈردى. قىزىم ئادەتتە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاتىلىق ئۇرۇق ۋە ئانىلىق تۇخۇمنىڭ قانداق مىسلىسىز نەتىجىگە تۈرۈتكە بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. يەسلى قىزىمغا بىر تال ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى مۇنبەت تۇپراققا كۆمسە قانداق ھاسىلاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ۋە فىلىم ئارقىلىق ئۆگىتىپ ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت دۇنياسىغا ئورتاق مۆجىزىگە- ھاياتلىققا ھۆرمەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈردى. قىزىمغا مۈشۈك بىقىش ئىجازىتى بەرمىگەن ئامېرىكىچە تۈزۈم ئۇنىڭغا ھەرقانداق جانلىقنىڭ ياشاش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە شەرتسىز قوغۇدىلىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. قىزىم ئامېرىكىدا مۈشۈك بېقىش ئارزۇسىغا يېتەلمىگىنى بىلەن ھايۋانلارنى قاماش، ئاچ قويۇش، ئۇرۇش ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولۇشقا ئوخشاش ۋەھشىيلىكلەرنىڭ جىنايەت ئىكەنلىكىنى ئۇقىۋالدى. شۇنداقكەن، قىزىم قانداقمۇ چۆجىلەرنىڭ قارماللىنىپ ئېچىنىشلىق چۇكۇلداشلىرىغا،ئۆزى بىلەن تەڭقۇر بالىلارنىڭ سومكىلىرىغا قامىلىشلىرىغا ۋە بۇ بولغۇلۇقلار بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتقانلىقىغا ئەجەپلەنمەي تۇرالىسۇن؟
ئۇيغۇر توپراقلىرىغا قايتىپ قىزىمنى ئېلىپ ئەڭ ئاۋۋال بارغان يەرلىرىم مەسجىد ۋە جامەلەر بولدى. ھەممە يەردە قىزىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن قوغلىنىشى بىزگە ئېغىر كەلدى. ئامېرىكىدا مەن بىلەن بىللە دائىم جۈمەگە بارىدىغان، جامەدە ياغلىقلىق مۇسۇلمان ئاياللار ۋە تەبەسسۇملۇق مۆئمىن دادىلارنىڭ مىھىرلىك قۇچاقلىرى ۋە ھەدىيەلىرىدىن سۆيۈنۈپ كۆنگەن قىزىم بۇ رەھىمسىزلىكنى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى. ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ كېچىلىك كۇلۇپ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تاماششا سورۇنلىرىغا يېقىن يولۇتۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما بۇ دىياردا ئەيىش-ئىشرەت سورۇنلىرى سەبىلەرگە ئوچۇق بولغان بىلەن ئىبادەت ۋە مۇھەببەت بۆشۈكلىرى پەرزەنتلەرگە تاقاقكەن. بۇنداق تەتۈرلۈكلەرنىڭ قىزىم ئازاپلانغۇدەك بولۇشتىن بۇرۇن ئاياقلىشىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم.
قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى مەسجىد دەرۋازىسى ئالدىدا ۋە كوچىلاردا تىزىلىپ، يېتىپ كەتكەن مىيىپ، ئاغرىق قېرى تىلەمچىلەرنىڭ ساختا بىچارە تۇرىقى مەسئۇدەگە راستتەك تۇيۇلۇپ كەتتى بولغاي سەدىقە قىلىشىمنى ئۆتۈندى. مەن بۇ رەزگى تىلەمچىلەرنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىدا قوماندانلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە رەت قىلدىم ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. بىر كۈنى بىر پۇتى پۈتۈنلەي يىرىڭلاپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بىر گېزەندىنى كۆرۈپ قىزىم بەكمۇ ھەيران قالدى. چۈنكى بىر قېتىم قىزىم بارماقلىرىنىڭ ئارىسى يىرىڭلاپ كەتكەندە لوقۇلداپ ئاغرىتىپ ئۇخلىيالمىغانىدى. قىزىمغا شۇنچە «يىرىڭلىق»ئاغرىققا ۋايجانلىماي ئولتۇرۇپ كەتكەن بۇ تىلەمچى بەكمۇ غەلىتە، تولىمۇ ساختا كۆرۈنۈپتۇ.
قىزىم بىر كۈنى نوغاي مەسجىدتتىن خانتەڭرى جامەسىگىچە بولغان يولدا بولۇپمۇ ئىبادەتگاھلارنىڭ ئەتراپىدا ماڭدامدا بىر دېگدەك ئۇچراپ تۇرىدىغان ياشانغان، مىيىپ، قېرى، كېسەل قىياپەتتىكى تىلەمچىلەرگە دىققەت قىلىپ ئۇنى بۇنى سوراپ ماڭدى. سەيلىمىز تۈگەپ ئارامغا ئولتۇرغىنىمىزدا خۇددى چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەك ئېغىر تۇيغۇلاردىن خۇرسىنىپ «دادا،ئامېرىكىدىكى مەسجىد ئالدىدا نېمىشقا تىلەمچى يوق؟»دەپ سوراپ قالدى. ئامېرىكىدا بۇنداق ئاجىز،كىسەل ۋە ياشانغانلارنى بېقىش ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى. ئەگەر مەسجىدنىڭ ئالدىغا ئۇنداق كىشىلەر يىغىلىپ قالسا شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ھىسابلىنىپ ئاھالىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە قىزىمغا تازا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرەلمىگىنىمگە ئۆكۈندۈم. چۈنكى مەسئۇدە ھۆكۈمەت نېمە،پۇقرا نېمە،ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت نېمە چۈشەنمەيتتى.
قىزىمنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا قېنىپ چوڭ بولىشى ئۈچۈن ئۇنى ھەرخىل نەزىر،زىياپەت ۋە سورۇنلارغا ئېلىۋالاتتىم.بىر توي نەزىرىسىدە قىزىمنىڭ تەئەججۈپلىك ئىنكاسى سەۋەپلىك ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدىم. داستىخانغا پولۇ تارتىلىپ ئەمدى باقايلى دەپ تۇراتتۇق، قىزىم «خەقتىن ئاشقان تاماقنى يىسە بولامدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن كۆز ئىشارىسى قىلىپ ئۈلگۈرۈپ بولغۇچە مەسئۇدە پولۇچى ئۇستامنىڭ خەقلەردىن ئاشقان پولۇنى قازانغا تۆككەنلىكىنى دەپ تاشلىدى. بۇ ھەممىمىز بىلىدىغان مەخپىيەت ئېدى. لېكىن ھىچكىم جامائەتنىڭ ئالدىدا بۇنىڭ خاتالىقىنى ئوتتۇرىغا قويالمايتتى. شۇئان داستىخاندىكى بىر قارىم سۈپەت كىشى «ئاللاھ قۇرئاندا،يەڭلار،ئىچىڭلار،ئىسراپ قىلماڭلار دېگەن،شۇڭا ئانا تىلنىڭ داۋرىڭىنى قىلىپ مىللەتچىلىك قىلماي بالىغا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆگەتكۈلۈكتى»دەپ قالدى. ئولتۇرۇپ كەتتىم. بۇ مەن بۇ يېقىندا سۆزلىگەن ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدىكى نۇتۇقنىڭ پىكىر قىلغۇچىلاردىكى ئىنكاسى ئېدى. «ئاللاھنىڭ قۇرئاندا نېمە دېگەنلىكىنى ئەرەپچە قىرائەت قىلىپ پوشكال يىگەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرچە چۈشىنىپ، چۈشەندۈرۈپ ئەمەل قىلغان بولساق سەبى قىزنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ جىمىپ كەتكۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالمايتتۇق» دېگەن ئوي تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلدىيۇ ئۆزۈمنى بېسىۋالدىم. چۈنكى بۇ يەردە مەنمەنلىك، گەپدانلىق،خۇپسەنلىك بار بولۇپ سەمىمىيلىك يوق ئېدى. سەمىمىيلىك بولغان بولسا ئېدى، خەقتىن ئاشقان تاماقنى چوڭ قازانغا يەنە تۆكۈپ، بىر قانچە تەخسە پولۇنى ئىسراپ قىلمايمەن دەپ بىر قازان پولۇنى شەكلىك قىلىپ قويۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئىتراپ قىلىنغان بولاتتى.
ئەمەلىيەتتە شۇ سورۇندىكى ھىچكىم كىچىك بالىدىن ئاشقان پولۇنى يىمەيدۇ. كىسەلدىن قالغان تاماققا قول ئۇزاتمايدۇ. مەس بىلەن بىر داستىخانغا ئولتۇرمايدۇ. خوش،تويغا يۇقارقى مېھمانلار كەلمەمدۇ، ئاشقان تائامدا شۇلارنىڭ قولى يوقمۇ؟ شەكلەنگەن غىزا ھالال بولامدۇ؟ مەسئۇدە مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالغانىدى. داستىخاندىن كۆڭۈلسىز ئايرىلدۇق. مەسىلە جامائەتتىن ئاشقان پولۇدەك، زابويدىن ئاشقان قورىمىلاردەك داستىخاندىلا ھەل قىلىنماي قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ۋەتەندە نۇرغۇن تەخىرسىز،جىددىي قىلىشقا تىگىشلىك تۈگۈنلەرنىڭ داستىخاندا دېيىلگەن بىلەن يېشىلمەي، تاماق بىلەن قوشۇلۇپ يىيىلىپ ئېچىمىزگە سىڭىپ كېتىدىغانلىقىغا شاھىت بولدۇم. مەسئۇدەنى ئېلىپ بارىدىغان سورۇنلىرىممۇ ئازلاپ ئۇنىڭ ھەيرانلىقتا چىمچىقلىغان كۆزلىرىنى كۆزىتىشكە ۋاقىت چىقىرالمىدىم.
مەنبە:باغداش مۇنبىرى |