كۆپچىلىككە رەﻫمەت! ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم, بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ‹‹ﻫاياتلىق سەپىرىمدىكى سەرگۈزەشتىلىرىم››دىن بەﻫىرلەنمەكچىمەن, ﻫاياتلىق, بەخت, ئىجادچانلىق, مۇۋەپپەقىيەت توغرىسىدا پىكىرلەشمەكچىمەن.
مېنىڭ ﻫاياتلىق نىشانىم ﻫەققىدە ئۆزۈممۇ ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسمەن, مەن ئارزۇيۇمنىڭ يېتەكلىشىدە ئالغا مېڭىۋاتىمەن, چېپىپ كېتىۋاتىمەن.
مەن مەنزىلىمنىڭ قايدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن, مەن پەقەت ئەڭ زور تىرىشچانلىقىم بىلەن ئەڭ ياخشى قىلالايدىغانلىقىمنىلا بىلىمەن.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ﻫېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. مېنىڭ چۈشىنىشىم بويىچە, شان-شەرەپ ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىن ﻫالقىپ كەتكىلى بولىدۇ.
مەن ﻫايات مۇساپەمگە بېرىلگەن باﻫانىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنىڭ پۈتۈنلەي مېنىڭ قەلب ئالىمىمنىڭ قانچىلىك كەڭلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم
مېنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر, ئاخىرىدا ﻫاياتىم ئىجادچانلىقتىن ئىبارەت بۇ چەمبەرنى ئايلىنىدۇ.
بىر ياخشى سەنئەتكار ئىجادچانلىقتىن ئايرىلسا بولمايدۇ, نادىر سەنئەت ئەسىرى دەل سەمىمىي سەنئەتتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا, زىددىيەت بولغىنىدەك, بىر ئادەم ئىجادىيەت سەۋەبىدىن تەنﻬا قالىدۇ, بۇنداق ئىشلار ﻫەرزامان مەۋجۇت.
سەنئەت سىزنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىقسۇن, سىز ئۇنى نامايان قىلىڭ, خەلق ئۇنى يا قوبۇل قىلىدۇ, يا بولمىسا شاللايدۇ. سىزنى بىردىنبىر قۇتقۇزالايدىغىنى, قەلبىڭىزدىكى ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. دۇنيا رەﻫىمسىزلىككە تولغاندا, ئۆزىڭىزنىمۇ ئېنىق كۆرەلمەيسىز. سىز چوقۇم مۇشۇنداق ئەﻫۋالدىمۇ ئۆزىڭىزىنى ئېنىق تونۇشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئوخشىمىغان ئىشلارنى قىلغاندا, بۇ بەئەينى ئارقان بىلەن باغلىنىپ قالغانغا ئوخشايدۇ.
ئۆزىڭىزنى مەسخىرە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ, ئۆزىڭىزدىن, تۇرمۇشتىن مەڭگۈ بىزار بولماڭ. بىزارلىق سىزنى پاسسىپ ﻫالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
ئىجادچانلىق سىزنىڭ دۇنياغا ئاتا قىلغان سوۋغىڭىز, سىز ﻫەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلماڭ, ئەكسىچە مىنەتدار بولۇڭ. سىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىڭىز ئاتا قىلىش ۋە ئۆگىنىش بولۇشى كېرەك, سەنئەتنىڭ روﻫىي بۇلىقى مەڭگۈ قۇرۇپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ رازىمەنلىكىڭىز نەتىجىدىن ئەمەس, بەلكى ئىجادچانلىق جەريانىدىن كېلىدۇ.
ئاشقازىنىڭىزنى ئىجادچانلىقنىڭ ئىلﻬامى تولدۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ يۈرمەڭ, چۈنكى ئىلﻬام, روﻫنىڭ يېمەكلىكى, ﻫەرگىزمۇ ئاشقازاننىڭ ئەمەس.
ئەنئەنىگە رىقابەت ئېلان قىلىشتىن قورقماڭ, سەنئەتنى ۋە روﻫنى يوققا چىقىرىدىغان ئىشلارغا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتىن قورقماڭ, ئاچ قېلىشتىن قورقماڭ, بەزىدە ئۆزىڭىزنىڭ تەنﻬا قالىدىغانلىقىڭىزدىن قورقماڭ.
سىلەر بەخت تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان يىللاردا ياشاۋاتىسىلەر, بەخت تۇيغۇسى ئاشۇ سىز سانىنىمۇ بىلمەيدىغان ئىشلاردىن كېلىدۇ.
ماڭا نىسبەتەن, بەخت ـــ ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى قۇچاقلاش ۋە قىزىقارلىق كىنو كۆرۈشتىن ئىبارەت. مەيلى مەن ياقتۇراي-ياقتۇرماي, مېنىڭ ﻫاياتىم ﻫەمىشە شۇنداق بىر سۆزگە باغلانغان, ئۇ بولسىمۇ دەل ‹‹مۇۋەپپەقىيەت›› دېگەن سۆز. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياخشى ئىش, ئەمما ئۇنى ئۆگىنىۋالغىلى بولمايدۇ, شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت ﻫەققىدە پاراڭلىشىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى, خالاس, ماڭا نىسبەتەن, مەن ﻫەمىشە مەغلۇبىيەتتىن قورقىمەن. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بولغان ئارزۇيۇم بىلەن مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچۇم ئوخشاشلا كۈچلۈك. مەن ﻫەقىقىي مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچتىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ناۋادا سىز مەغلۇبىيەتكە پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلسىڭىز, ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېﻬتىماللىقىڭىز ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. بۇ ﻫەرگىزمۇ مەغلۇبىيەت بولمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ, دېگىنىم ئەمەس, بەلكى سىزنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان ئىنكاسىڭىزغا باغلىق. مەغلۇبىيەت سىزنىڭ تېخىمۇ نۇرغۇن يۇشۇرۇن ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلىشىڭىزغا ئىلﻬام بولىدۇ, بۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يولدىن ئىبارەت.
قايتا-قايتا مەغلۇب بولۇش ماڭا ياسالمىلىق قىلماسلىقنى ئۆگەتتى. مەغلۇبىيەت سىزنىڭ ﻫەقىقىي دوست تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. مەغلۇبىيەتتىن غالىب كېلىش ئارقىلىق مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن بايقايمەن ﻫەمدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئارزۇلار تۇغۇلىدۇ, ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدىكى چەكلىمىلىرىدىن ﻫالقىيمەن.
مېنىڭ سىلەردىن كۈتىدىغىنىم سىلەر مەڭگۈ ئۆگىنىش ﻫالىتىنى ساقلاڭلار, ئارزۇيۇڭلاردىن توختاپ قالماڭلار, ئاشۇ سىلەرنى روﻫلاندۇرىدىغان ۋە ئىلﻬام بېرىدىغان ئارزۇلار سىلەر مەغلۇب بولغاندا, ئورنۇڭلاردىن دەست تۇرۇشۇڭلارغا ياردەم بېرىدۇ.
قورقۇنچقا ۋە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىشتىن قورقماسلىق كېرەك. بۇ مېنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ زور خۇشاللىقىم.
ئەسكەرتىش:بۇ تەرجىمە ئەسەر تەرجىماننىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىندى.مۇنبىرىمىز ئەسەرلىرىنى ئوغىرلاپ ئىشلىتىپ ئۆگىنىپ قالغان سالۇن ۋە باشقا تور بەتلەرنىڭ ئېلىپ قاچماسلىقىنى سەمىمىي ئۈمىد