ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نىكاھ بىلەن ئويناشماڭلار ،ئويلاشماستىن تويلاشماڭلار!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

                                            نىكاھ بىلەن ئويناشماڭلار ،ئويلاشماستىن تويلاشماڭلار!

                                


  سوتخانا .............. سوت باشلاندى. سوتچى: سىلەر سوتىمىزغا نېمە سەۋەپتىن دەۋا قىلىپ كەلدىڭلار؟

دەۋاگەر: تۇرمۇشتا  پەقەت چىقىشالمىدۇق. قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىمەن.

جاۋابكار: تۇرمۇشتا چىقىشالمىغىنىمىز راس، لېكىن ئارىمىزدا بالىمىز بار، شۇڭا مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلمايمەن.

ئەگەر قەتئىي ئاجرىشىمەن دەپ قالسا بالىنى ئۆزۈم باقىمەن. مال - مۈلۈكنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بەرسەڭلار.

................

  شۇنداق قىلىپ كېشىلىك تۇرمۇشتىكا نىكاھ ۋە تويلاشقاندىكى بۇ ۋەقەلىك ھېكايە مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى .....!!

سوتچى: مۇنازىرە باسقۇچى باشلاندى.

قېنى تەرەپلەر دەۋا تەلىپىڭلارنى تولۇقلاپ سۆزلىسەڭلار بولىدۇ.

دەۋاگەر: مەن جاۋابكار بىلەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى، ئارىمىزدا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىمىز بار.

بىز توي قىلىپ بىر يىلغىچە ياخشى ئۆتتۇق . لېكىن بىر يىلدىن كېيىن تۇرمۇشتا گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغان ، ئۇ ھەدېسە مېنى تىللايدىغان بولىۋالدى. كۈندە جىدەل - ماجرا قۇرۇمىدى. مېنىڭ بۇنداق ئائىلىنى ئاخىرىنى چۈشۈرۈشكە كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭا ئاجرىشىمەن. ئۆزۈمنىڭ مۈلكىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئورتاق مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئايرىپ بەرسەڭلار.... جاۋابكار: بىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا ئىككى يىل بولغىنى راس. ئارىمىزدا بىر ئوغلىمىز بار. بىز دەسلەپ ياخشى ئۆتكەن. كېيىن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى ئارىمىزدا جىدەل كۆپىيىپ قالدى. دەۋاگەرنىڭ ئاغزى ئىتتىك، سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ سوقىشىدۇ. ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىدۇ. مىنىڭ ئۇنى ئۇرغان يېرىممۇ يوق. شۇ بارى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق جىدەللەر.... ھەدىسىلا يامانلاپ كېتىدۇ. ئارىمىزدا بالىمىز بار، مېنىڭ بالىنى كىچىك تۇرۇپلا يىتىم قىلغۇم يوق. ئەگەر ئاجرىشىشدا چىڭ تۇرۇۋالسا ، بالىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئۆزۈم تەربىيىلەيمەن. .... دەلىل-ئىسپات: ئىككى پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامسى سوتچى: سوت تەرەپلەرنىڭ كېلىشپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. تەرەپلەر ئوتتۇرۇڭلاردا بىر بالاڭلار باركەن، نىكاھتىن ئاجراشمايدىغانغا كېلىشەلەمسىلەر؟ دەۋاگەر: ئاجرىشىمەن. كېلىشكىدەك يېرى قالمىدى. جاۋابكار: باشقا گېپىم يوق.

سوت يېپىلدى.

دەۋاگەر ، جاۋابكارلار سوت خاتىرىسىگە قول قويۇشۇپ، شۇنچە تاتلىق ھېسياتلار ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا بۆلىنىپ ئالغان ئىككى پارچە توي كېنىشكىسىنى سوتچىغا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.

.....................

سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ئىشلار ھۆكۈمنامىسى مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىغا تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى: 1.تەرەپلەر قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇلدى.

2. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى بالا جاۋابكارنىڭ بېقىپ -تەربىيىلىشىگە قالدۇرۇلدى. دەۋاگەرنىڭ ئايدا ئىككى قېتىم كۆرۈش ھوقۇقى بار . 3. تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئورتاق مال-مۈلۈكلەردىن دەۋاگەر....ئالىدۇ ، جاۋابكار... ئالىدۇ. 4. دەۋا چىقىمى 75 يۈەنگە جاۋابكار مەسئۇل بولىدۇ. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدە باشقا تالاش -تارتىش قالمىدى. ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىساڭلار 15ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ...سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنساڭلار بولىدۇ. سوتچى:............. پۈتۈكچى: ............... ....يىل ....ئاينىڭ ...كۈنى ( تامغا )


تەرەپلەر ئاجراشتۇرۇلدى. ئۇۋالىغا شۇ بالا قالدى. دېمەك ھۆكۈمنامە چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇكەممەل بىر ئائىلىدە ياشاش ھوقۇقىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلدى. بۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەڭ ئاددى نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجراسى دېلوسى . شۇنداق ، مۇشۇ كۈنلەردە ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتخانىغا كەلگەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قانۇن سەۋىيىسى ئۆسۈپ كېتىپ بارامدۇ ياكى ئاجرىشىشقا كەلگەندە ، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۇستا بولۇپ كېتىپ بارامدۇ؟!


بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىس زادى نېمە؟ بالىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپلەپ يېتىملىك يولىغا تاشلىنىپ كېتىپ بارىدۇ؟ ئائىلەر نېمىشقا بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ، كىم بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېيتىپ بېرەر؟! شۇنداق ،بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىغا مۇھتاج، جاۋابىدىن بەكرەك ئوڭشايدىغان دورىغا مۇھتاج.....بەك مۇھتاج.... ياشتا چوڭ بوۋاي- مومايلارمۇ ئاجرىشىۋاتقان، نەچچە بالىسى بار ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئاجرىشىۋاتقان، يېڭى توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا ئۈلگۈرگەن ھەم ئۈلگۈرمىگەن ياشلار ئاجرىشىۋاتقان، ساخلارمۇ ئاجرىشىۋاتقان، كېسەللەر ، ئەر-ئايال ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارمۇ بالىسى تۇرۇپ ئاجرىشىۋاتقان...... بۇ جەمىئىيەت شۇنداق بىر قىل ئۈستىگە كېلىپ قالدىكى، تۈزىمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى.

ئاجرىشىش بولۇپمۇ يولسىز ئاجرىشىشلار تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ يېتىملىك

قاتارىغا قوشۇلۇشى ئېچىنارلىق ئىش .... شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى

نۇرغۇن ھوقۇقلىرىدىن مەزگىلسىز مەھرۇم قىلماقتا. دېسەك مىسال كۆپ..................

بىز ھەربىر ئىشىنىڭ جاۋابىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن ئاندىن ئۆزگىدىن ئىزدىىشىمىز كېرەك.


بۇ تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە، يېتىمچىلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ، بوينى قىسىلىپ، كۆزلىرىدىن ياش، يۈرىكىدىن قان ئېقىۋاتقان بالىلىرىمىز نۇرغۇن.


ئارىمىزدا يەنە شۇنداق قەيسەر ئانىلار، قەيسەر دادىلار شۇ يالغۇز ھالەتتە بالىنى ئۆزى

تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپ كېتىپ بارىدۇ، كۆزىمىز كۆرمىسىمۇ قۇلىقىمىز ئاڭلاپ تۇرىدۇ.


يەنە شۇنداق ۋىجدانسىز، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا بولغۇچى ھەم ئانا بولغۇچىلار بىر دەملىك ئاچچىق ۋە ياكى بىردەملىك كۆڭۈلنى دەپ شۇ بالىلىرىمىزنى يىتىملىك يولىغا تاشلاپ بەرمەكتە.....بىر كۈنلەردە ئۇلار پۇشايمان قىلغان تەغدىردىمۇ ئاللىقاچان كېچىككەن.... ھازىرقى جەمىيەتكە قارايدىغان بولساق، ئازراقلا چىقىشالمىسا ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىمنى قوغدىمىسام بولمايدۇ، ياكى بولمىسا مەن بۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتالمىغىدەكمەن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ يۇقىرقى مىسالدەك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرز سۇنۇپ ئاجرىشىدىغان ۋە ياكى كېلىشىپلا ئاجرىشىپ بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلار تولىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئاجرىشىش دېلوسىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشى بىزلەرنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. ئاجرىشىشنىڭ ئۇۋالىغا قالىدىغىنى يەنىلا شۇ بالىلار بولۇپ قالىدۇ. شۇ بالىلار ھەرقانچە ياخشى بېقىلسىمۇ ئاتا-ئانا مېھرىگە قانمىغان كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى سۇنۇق بولىدۇ..... كونىلاردا « نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » دېگەن گەپ بار. شۇنداق نىكاھ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بىر دەملىك كۆڭۈل خۇشى ئەمەس. بىر ئائىلىنى قۇرۇش دېگەنلىك ئەكىسچە يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا بولغۇچى ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئانا بولغۇچى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئۆتىسە بۇ ئائىلىگە دەز كەتمەيدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ بەختىنى ھېچكىم بۇزىۋىتەلمەيدۇ.

بىز ئادەملەر مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى. بىز ھەربىر دەقىقىدە ياشاش ئۈچۈن تىپىرلىغان ۋاقىتتا ھاياتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىمىز.... بېىشىدىن جىق ئىشلارنى ئۆتكۈزگىچىلەر بىزگە قانداق ياشاش يولىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بىز بىلمىگەننى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەننى ئەنە شۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن تەجىربە - ساۋاقلىرى ئارقىلىق بىلىمىز ھەم چۈشىنىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ۋە ياكى باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بىراقلا ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.

ئادەم دېگەن ئەلۋەتتە تۇغۇلۇپلا ھەممە ئىشنى بىلىپ كەتمەيدۇ.


شۇنداق بولغانىكەن نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋر قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىش بەكمۇ بەك مۇھىم.

كونىلارمۇ « سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن » دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، ئاللاھمۇ سەۋىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردا بىز سەۋر قىلالىساقلا كۆڭۈل ئاغرىقى، بەختسىزلىك ، ئۇرۇش - جىدەلدىن ساقلىنىپ قالىمىز. قۇياشمۇ ھەركۈنى نۇرىنى زىمىنغا چېچىپ ، يەنە ئۆز قەرەلىدە تاغنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا بىز يەنە سەۋر قىلىپ ئەتىكى قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز ، ئايمۇ ئون بەش كۈن بىزگە ھەمراھ بولۇپ قويىدۇ.

ئەتىسى ئەتتىگەندە ئوخشاشلا قۇياش يۈزىمىزنى سۆيۈپ، ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا چاچىدۇ.

شۇنداق ئەمەسمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر تەڭشىلىپ ياراتقان.


ھەممىسى بىزنىڭ بۇ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭ، ئېتىقادىمىزنىڭ،

تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

بىر كۈن بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ، ئائىلىمىزگە، ئاتا-ئانىمىزغا، ياراتقۇچىغا يۈز كېلەلىگىدەك

ياشىيالىساق نەقەدەر ياخشى ھە؟ بىز ياشلار توي قىلىشقا ئالدىرىمايلى.

ئالدىرىساقمۇ ئويلىشىپ قىلايلى. بىز ئويلاشماي باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ئۇۋالىغا سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز قالمىسۇن. شۇ بالىلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيىلەيلى.


ھازىرقى بالىلارنى تەربىيىلەشكە كۆپ كۈچ كېتىدىغانلىقىنى زېھنىمىز ئوچۇق بىزلەرنىڭ ھەممىمىزگە ئايان. مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ، ئالاقە كۆپ خىللاشقان ھەم ئانا تىلىمىز ، ئۇيغۇر يېزىقىمىز، شانلىق مەدەنىيىتىمىز، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزدەك كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئالدىدا تۇرغان، تەربىيلەۋاتقان ياشلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر. كوچىدا كېتىپ بىرىپ باشقا بىر تىلنى شۇنچە راۋان، ئەكىسچە ئانا تىلىنى تىلى ئەمدى چىققان كىچىك بالىدەك ئاران ئىېتىۋاتقان ھازىرقى زامان بالىلىرىنى، ھەرخىل ھەرياڭزا كىيىنىۋالغان، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزگە يات ھالەتتە ياشاۋاتقان شۇ قىز - ئوغۇللىرىمىزنى، ھەرخىل كۆڭۈل خوشى ، قاينام-تاشقىنلىق سورۇنلاردىن كەيىپ ھالەتتە قايتىپ چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنى كۆرگىنىمىزدە ئويلىنىدىغان يۈرەك بار ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئىچى ئېيتىشماي قالمايدۇ. بەزەن ئاچچىقتا كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كېتىپمۇ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىرقى جەمىيەت بۇنداق بولۇپ كەتتى.... بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساق جاۋابىنى تىپىشقا ئالدىرىساق بىز ئاز بولىسمۇ قانائەت تاپقىدەك جاۋاب تاپالايمىز .


ئائىلە تەربىيىسى ، يەنى ساغلام ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ تەربىيىسى ، ياخشى بولغان تەربىيە، بىلىم مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىشمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. ئائىلە تەربىيسى ھەم مەكتەپ تەربىيىسىنى چىڭ تۇتقاندىلا بىز بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاز بولىسمۇ كۈچ چىقارغان بولىمىز.


نىكاھ بىلەن ئويناشمايلى ياشلار، ئويلاشماستىن تويلاشمايلى. خاتالاشساق ئۆزىمىزگىمۇ قىلىپ قالىمىز ، شۇ بىزنىڭ مېھرىمىزگە تەشنا بولغان بالىلىرىمىزغىمۇ قىلىپ قويىمىز. ئائىلە ، نىكاھ ، مۇھەببەت ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنىڭ ئويلىشىپ باسايلى ... توغرا بولغان داغدام يولنى ياراتقۇچىمۇ بىز ۋەيران قىلغۇچىمۇ يەنىلا ئۆزىمىز. بىزدە ئۆزىمىزنى ، باشقىلارنى، بالىلىرىمىزنى ، ئاتا-ئانىلىرىمىزنى، شۇنداقلا ياراتقۇچىنى، بۈگۈننى ئەتىنى........ئويلىيالايدىغان كۆيۈپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەك بولسىلا باسقان يوللىرىمىزدىن گۈللەر ئۈنىدۇ ......



   مەنبەسى : قەشقەر گېزىتىدىن 2013-09-26سان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-15 22:28:34 | ئايرىم كۆرۈش
راستىمنى ئىيتسام نىم دىيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم تەشەككۈر ھەدە ياخشى تىمىدىن بىرنى ئىلىپ كەپسىز ..

1

تېما

39

يازما

161

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 859
يازما سانى:
39
تىللا:
91
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
18 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-21
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-15 22:44:13 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ، مۇشۇ سوت دېسە دوختۇرخانا دىگەندەكلا ئاڭلىنىدۇ ماڭا ، 1 يىل بولدى مەنمۇ سوتقا قاتراپ يۈرگىلى …

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

يەر
ۋاقتى: 2015-7-15 23:01:55 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
كۈپ تەشەككۈر

51

تېما

148

يازما

643

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 752
يازما سانى:
148
تىللا:
491
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
135 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-7-16 00:31:53 | ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ بالىنى يىتىم قىلدىغان ئەھۋاللارنى شۇنداق ئۆچ كۈرىتىم لىكىن بىزنىڭ ئائىلىدە بىرسى شۇنداق بولغان ھەي تەقدىرگە بىرنىمە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن
كۆزۈمنىڭ ياشلىرى يۈزۈمنى يۇدى،
قوللىرىم بەخىتنى ئۇزاتتى ئاران.
ئەمدى شۇ كۈنلەرنى ئەسلەشلا قالدى،   
بەخىتكە ئىنتىلىش بوپ قالدى ئارمان

ئۈندىدار :1902826571،1505621846

11

تېما

462

يازما

2233

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 692
يازما سانى:
462
تىللا:
1670
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
244 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-15

جانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-7-16 00:54:02 | ئايرىم كۆرۈش





               ھەممىگە شۇ سەبىلىرمىز قالدۇ .  مەيلى نىكاھ مەيلى ئاجىرىشىش بولسۇن ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئويلۇشۇپ ئىش قىلغۇلۇق .
قەلبىمدە بار تەنھا بىر قەبرە ، ھايات بىرسى قىلىنغان دەپنە

20

تېما

658

يازما

3849

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 289
يازما سانى:
658
تىللا:
2746
تۆھپە:
155
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
376 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

7#
ۋاقتى: 2015-7-16 15:00:50 | ئايرىم كۆرۈش

مۇنۇ ئەسەر بىلەن بۇ تىمىغا ياندىشاي .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-7-17 00:36:36 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشق تىما ئىكەن....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

7

تېما

300

يازما

2046

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 539
يازما سانى:
300
تىللا:
1738
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-21
9#
ۋاقتى: 2015-7-17 15:44:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئاجىرشىش دىگەن گەپنى ئاڭلسىام شۇنچلىك قورقۇمەن ئاتا ئانىلارغۇ ئاجرىشىپ يەنە كۆڭلى تارتقان بىرلىرى بىلەن تۇرۇمۇش قۇرا لىكىن بىچچارە بالىلارچۇ...ئاللاھ ساقلسۇن ئۇ كۈنلەردىن
تامچە كەبى مىھىر بەرسەڭ، دېڭىز كەبى سۆيگۈم بار

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-7-17 23:16:50 | ئايرىم كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار،ئويلىنىشقا تېگىشلىك يازما.......

نىكاھ -مەسئۇلىيەتچانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ،كۆيۈنۈش،چۈشىنىش،ئىشىنىش....مېھرى -مۇھاببەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:27 , Processed in 0.145337 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش