ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 290|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار.......

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئوقۇتقۇچىلىق سېپىگە تۇنجى قەدەم قويغان ۋاقىتىمدا، يىراق بىر يېزا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىم،مەن تەقسىم قىلىنغان مەكتەپ ،يېزا مەركىزىدىن 50 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ،ئۇ ۋاقىتلاردا (89-يىللار)قاتناش ھازىرقىدەك راۋان بولمىغاچقا ،بارغان تۇنجى كۈنۈم ،مەن بىلەن بىرگە تەقسىم قىلىنغان ئۈچ قىز بىلەن بىرگە يېزا مەركىزىدە  ماشىنىدىن چۈشىۋېلىپ ،دادۈي سېكىرتارىنىڭ تەرەكتۇرىدا، بىزنى تەقسىم قىلغان مەكتەپكە ماڭغان ئىدۇق،ئوي –دۆڭغۈل يولدا تەرەكتۇرنىڭ سىلىكشى بىلەن ئاغرىغان بەل –پۇتلىرىمىز بىز تۆتىمىزگە باھانە بولۇپ ،تەرەكتۇر ئۈستىگە قويۇلغان تېڭىقلىق يوتقان –كۆرپىمىزگە بېشىمىزنى قويۇۋېلىپ ھارغۇچە يىغلاشقان ئىدۇق،كەچتە سېكىرتارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئالغىلى كېلىشى بىلەن مەكتەپكە باردۇق،بېرىپلا تۆت ئەتراپى ئوچۇق،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ –چۇرۇڭلىرىدىن  مەكتەپ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان مەكتەپنى كۆرۈپ ئاخشامقى يىغىمىز گېلىمىزنى غىدىقلاپ ئۆتكەن ئىدى، ئوقۇتقۇچى بولغان  تۇنجى كۈنىلا مەكتەپنىڭ بۇ ۋەيرانە قىياپىتىنى كۆرۈپ،بوغۇزۇمنى ئاچچىق يىغا قاپلاپ، ئوقۇتقۇچى بولغۇم كەلمىگەن،ئائىلەمگە كەتكۈم كەلگەن ئىدى.بىراق يەنىلا كەتمىدىم،شۇ ئەتراپى ئوچۇق بولغان،مەكتەپكە ئانچە ئوخشىمايدىغان بۇ  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولىۋەردىم،چۈنكى دادامنىڭ (دادام  مائارىپ سېپىدە 38 يىل خىزمەت قىلغان شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى)‹‹ئوقۇتقۇچىلىق –جاپالىق ئەمما شەرەپلىك خىزمەت، بىلىم بېرىپ ،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇش ئىككى ئالەملىك ساۋاپلىق ئىش››دېگەن سۆزى ھەم ۋىجدانىم ،  دادام–ئاپامنىڭ ئىزباسارى بولۇش  مېنى توختۇتۇپ قويغان ئىدى،بۇ مەكتەپتە  ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ئاتا –ئانىلارنىڭ تىل –ھاقارەتلىرىنى ئاڭلاش،ئائىلە سۆھبىتىگە چىققاندا ئىتلىرىنى قويۇپ بېرىپ قورقۇتۇش،باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى،تۇرمۇش مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولماسلىق،.....قاتارلىق نۇرغۇنلىغان جاپالارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولساممۇ،‹‹ئوقۇتقۇچى بولمايمەن››دېگەننى قانچە قېتىم ئويلىغان بولساممۇ ،بىراق ھېلىقى سەبىي،تىلى چۈچۈك يېزا بالىلىرىنىڭ مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان قارا كۆزلىرى،خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئاتا –ئانامدىن چارە كۆيۈنۈشلىرى ،بولۇپمۇ بۇ مەكتەپتىن يۆتكۈلۈپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا سەبىي بالىلارنىڭ پۇتۇمغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ‹‹خانىم ،كەتمەڭ..››دەپ  يىغلاشلىرى ،خىزمەتداشلىرىمنىڭ قىيالماسلىق بىلەن قاراشلىرى (ئۇ ۋاقىتتىكى تەسىرلىك  مەنزىرىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كۆزلىرىمگە ياش كېلىدۇ)داۋاملىق ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا تۈرتكە بولدى.
    يۆتكىلىپ كېلىدىغان ۋاقتىمدا  ئەسلى رەسمىيىتىمنى  ئاياللار بىرلەشمىسىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئىدى،دەسلەپتە ماقۇل بولغان ئىدىم،بىراق بىرنەچچە كۈندىن كېيىن يۈرىكىمگە قول سېلىپ كۆرۈپ ،ئۆزۈمنىڭ بۇ كەسپكە ھەقىقىي ئىشتىياق باغىلغانلىقىمنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ ،يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇش يولىنى تاللىدىم.
    بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى  شەھەرگە قاراشلىق  ھەرقايسى ئىجتىمائى ئاھالىلار رايونىغا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئۇقتۇرىشى چۈشۈپ ،شەھەر –يېزا مەكتەپلىرىدىن خېلى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار  يۆتكىلىپ چىقىپ كەتتى،مېنىڭمۇ دەسلەپتە چىقىپ كەتكۈم كەلدى،بىراق يۈرىكىمنى تىڭشاپ كۆرسەم ،مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇشقا لايىق ئىكەنمەن، پەقەت ئوقۇتقۇچى بولغۇملا باركەن.
      ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جاپاسىنى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان ئادەم ھەقىقىي چۈشىنىدۇ،يىگىرمە نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئىزچىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ كەلدىم،بۇ جەرياندا تارتمىغان مۇشەققەتلىرىم قالمىدى،خىزمەتلەرنىڭ بېسىمى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە،خىزمىتىمدىن  بىزار بولغاندەك،زېرىككەندەك بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ، بەزىدە ‹‹ئۆز ۋاقتىدا ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلىگەن بولسام ياكى ئاھالىلار كومېتىتىغا ئالمىشىپ چىقىپ كەتكەن بولسام››دېگەنلەرنى ئويلايمەنيۇ،بىراق بۇ ئويلىرىم بىرنەچچە سائەتلىك بولىدۇ.
ماڭا  مۆلدۈرلەپ تىكىلىپ تۇرغان شۇ سەبىي كۆزلەرنى كۆرگەندە  ،قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟
     ‹‹خانىم،مىجەزىڭىز يوقمۇ؟،ئاپا،ۋۇي ،ياق خانىم،كۆينىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ،خانىم،تەتىل بولسا بەك زېرىكىپ كېتىدىكەنمەن،خانىم تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟سىزنى كۆرگۈم كېلىپ تېلىفون قىلغان ئىدىم،خانىم....››يۈرەكلىرىمنى سۆيۈندۈرۈپ،پۈتكۈل ھاردۇقلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا چۆرىۋېتىدىغان بۇ چۈچۈك سۆزلەرنى ئاڭىلغىنىمدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن....؟
    ‹‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم؟بالام سىلىنى ئاغرىپ دەپ كەپتىكەن،يوقلاپ كەلگەن ››‹‹بالىمىزنى سىلىگە تەپشۇردۇق خانىم،كۈچىلىرىنىڭ يېتىشىچە ياخشى تەربىيلەپ بەرسىلە،سىلىدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى بولاتتۇق››‹‹بىزنىڭ خانىم بەك ياخشى دەپ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتىدۇ سىلىنى..››
  ‹‹تېچلىق تۇردىڭىزمۇ خانىم،سىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق،ئوتتۇرا مەكتەپكىمۇ بىز بىلەن بىرگە چىقىپ .بىزگە دەرس ئۆتكەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى،  يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپ ياخشىكەن››
‹  ‹تېچلىق تۇرلىمۇ خانىم،بىز سىلىنىڭ  ئوقۇغۇچىلىرى پالانى بولىمىز،سىىلىنى يوقلاپ كەلگەن ئىدۇق، بىزنى  تونىلىمۇ ؟››دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن،شۇنداق تۇرۇپ قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى بولماي تۇرالايمەن؟
  ھەرقانچە مۇشەققەتلەرنى تارتساممۇ،چارچىساممۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار.  شۇ سەبىي كۆزلەرگە قارىغىنىمدا تېنىمدە بىر خىل كۈچ –قۇۋۋەت پەيدا بولىدۇ،ئۇلارنىڭ چۈچۈك سۆزلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم ‹‹شۇررىدە››ئېرىپ كېتىدۇ.
    شۇڭا مېنى ‹‹ئوقۇتقۇچى بولما››دېمەڭلار،مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان  ئوقۇتقۇچى بولغۇم بار...


مەنبە : كۆڭۈل ھېسلىرىم


ئەسكەرتىش:بۇ ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرى،يۈرىكىمدىن چىققان سۆزلەر.بەلكىم نۇرغۇنلىغان جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بولىشى مۈمكىن....
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

25

تېما

233

يازما

1536

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 563
يازما سانى:
233
تىللا:
1219
تۆھپە:
24
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
166 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-9

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-14 15:43:41 | ئايرىم كۆرۈش
سالام ھەدە ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ؟
كىمنىڭ ئوقۇغۇچى بولغۇسى يوق ...
شۇ تاپتا ئەلرام سۇدا سۈيى بولغان بولسا دېگۈدەك....
مەنمۇ مەكتەپتە بولغان بولسام ھەر ئايدا ئىككى قېتىم مائاش بەرسە ئۇ ير بۇيەردە ساياھەت قىلغاچ بەك ياخشى ئوقۇيتۇم مەكتەپتە
سۈيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملىك ئەزەل.

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-14 15:49:37 | ئايرىم كۆرۈش
kakkuk11 يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 15:43
سالام ھەدە ياخشى تۇرۇپسىزمۇ ؟
كىمنىڭ ئوقۇغۇچى بولغۇسى  ...

ئوقۇتقۇچىلارغا ئايدا ئىككى قېتىم مائاش بېرەمدىكەن؟

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-7-14 15:52:25 | ئايرىم كۆرۈش
ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئۆزى سۆيگەن كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك...
ھېلىمۇ، مائارىپ سېپىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلدىڭىز، مۇسلىنە موما، ئاللاھ ھېلىھەم تىلەكلىرىڭىزگە يەتكۈزسۇن، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن....

ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلۇمنى مەنمۇ پات - پات ئاپا دەپ سالاتتىم، ماڭا ئاپامدەك سەنلەپ تۇرۇپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيدىغان بىردىنبىر ئوقۇتقۇچۇم...

25

تېما

233

يازما

1536

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 563
يازما سانى:
233
تىللا:
1219
تۆھپە:
24
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
166 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-9

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-7-14 15:53:42 | ئايرىم كۆرۈش
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-7-14 15:49
ئوقۇتقۇچىلارغا ئايدا ئىككى قېتىم مائاش بېرەمدىكەن؟

بۇ دېگەن خىيال....دەيمەن

مۇسلىنە ھەدەمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغۇسى باركەن
مېنىڭ ئوقۇغۇچى...
سۈيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملىك ئەزەل.

9

تېما

133

يازما

682

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 641
يازما سانى:
133
تىللا:
457
تۆھپە:
50
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-7-14 16:19:34 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى دىللارنى يۇرۇتقۇچى شام-چىراغ،ئوقۇتقۇچى ھارماس باغۋەن....
سىزنىڭ يازمىللىرىڭزنى بەكمۇ ياختۇرىمەن ھەدە، سالامەت بولۇڭ.....
پۈتۈن دۇنيا پاتقان كۆزگە بىر تامچە ياش پاتمايدىكەن.....

13

تېما

100

يازما

456

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

پىراكتىكانىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 857
يازما سانى:
100
تىللا:
356
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
91 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-1

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

7#
ۋاقتى: 2015-7-14 18:18:33 | ئايرىم كۆرۈش
جاپاكەش باغۋەن ھەدە     ھارمىغايسىز  ................    ئۆز ۋاختىدا ياخشى ئوقۇغان بولسامچۇ   ھازىر شۇنداق پۇشايمان قىلىمەن  ، ئويلىسام ئوقۇتقۇچۇلۇرۇم ماڭا شۇنداق كۆيىنەتتى ھەتتاكى ئاتا ئانامغا ئوخشاش  شۇنداق ياخشى تەربىيەلەرنى قىلغانتى ئەمدىلىككە كەلگەندە پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي  مەنمۇ جاپاكەش شوپۇر بوپ قالدىم  ،  بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىممۇ نىمە  ،  دەي دىسەم گىپىم شۇنداق كۆپ  لىكىن مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي ، ئاخىردا سىزنىڭ تىنىڭىزگە سالامەتلىك  ، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، تۇرمۇشىڭىزغا بەخىت تىلەپ قايتىپ قالاي ھەدە  ، پۇرسەت تاپسام سىزنى يوقلاپ تۇرمەن  

17

تېما

444

يازما

2648

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 64
يازما سانى:
444
تىللا:
2073
تۆھپە:
42
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
67 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-9
8#
ۋاقتى: 2015-7-14 18:37:37 | ئايرىم كۆرۈش
ھەممە ئادەمگە ئۆزى سۆيگەن كەسىپتەك ياخشى كەسىپ بولمىسا كىرەك
ئۇقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن شەرەپلىك خىزمەت
سەن ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن ئەمما سەن ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرەلمەيمەن

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-7-14 18:54:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلىق   ھەقىقەتەن  جاپالىق  ھەم  شەرەپلىك  خىزمەت  .
ئۆز  خىزمىتىڭىزنى  سۈيۈپ  ئىشلىگەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ خۇش بولدۇم  ،  مىنىڭچە  ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتنى ئىشلىسە  ھەرقانچە  جاپا چەكسىمۇ  كۆزىگە  كۆرۈنمەيدۇ  .
مىنىڭچە  ئىجتىمائى  رايۇنغا  يۆتكۈلۈپ كەتمىگىنىڭىز  بەك ياخشى بوپتۇ  ،  ئاساسى قاتلام كادىرلىرى  بەك جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ  ،  دەم ئىلىش دىگەن چورتلا  يوق .
مىنىڭ  ئائىلەمدە  3 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار  ،  ئۇلار  ھەر ھالدا  ھەپتىدە بىر كۈن بولسىمۇ ئارام ئالىدۇ  ،  ئازراق بولسىمۇ تەتىل قىلىدۇ  ،  لىكىن  ئاساسى قاتلام كادىرلىرى  دەم ئىلىش دىگەننى ئۇنتۇپ كىتەيلا  دەپ قالدى . مەنمۇ  بۇ  يىل  3- ئايدا  «ئۈچ ئەل » خىزمىتىگە  ئاجرىتىلىپ  ئۆيۈم بىلەن ئارلىقى  500مىتىر  كىلىدىغان ، ئۆيۈمگە  ئەڭ يىقىن بولغان مەھەللە كومتىتقا  چۈشكەن ئىدىم  ،  مۇشۇ 135 كۈندىن بۇيان دەم ئىلىپ باقمىدىم .
ئاخىرىدا  ئەزىز  تىنىڭىزنىڭ سالامەت  ،  ياخشى كۆرىدىغان خىزىمىتىڭىزنىڭ  ئۇتۇقلۇق  بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

10#
ۋاقتى: 2015-7-14 20:33:49 | ئايرىم كۆرۈش
كىيىنىشى ، تەققى تۇرقى ئاددى ،  ئەمما كۆزلىرىدىن نۇر تۆكىلىپ تۇرىدىغان كىشى - مۇئەللىم .
ھەممىدىن بۇرۇن ئۆيدىن چىقىپ  ئەڭ كىيىن ئىشتىن چۈشىدىغان مىھنەتسىز تەر تۆككۈچى  - مۇئەللىم  .
ئوقۇشقا كەلمىگەن  ئوقۇغۇچىسىنى ئىزدەپ مەھەللىلەردە ،  ھەتتا تورخانىلار ، بىليارتخانىلاردا تەمتىرەپ يۈرگەن كىشى - مۇئەللىم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەدە،     ئوقۇغۇچىڭىزدىن سىزگە سالاملار بولسۇن ، تىنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن . ئەجرىڭىز ئۇدۇنيالىق ۋە بۇدۇنيالىق مەڭگۈ ساۋاپقا تولسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:57 , Processed in 0.139213 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش