ئۆمۈر ئۇزۇن كارۋان، يوللار ئۆزگەردى، كۆز ئېچىپ يۇمغۇچە يىللار ئۆزگەردى، تۇيغۇلار تارتقۇچلاپ دىللار ئۆزگەردى، ۋە لېك سېنىڭ قەلبىڭ ئۆزگەرمەس ھامان. شۈكۈركىم دۇنيادا سەن بار ئانىجان.
سەن ئەمەسمۇ يالۋۇرۇپ ئەيلەپ ھەققە داد، جېنىڭدىن جىسمىمغا بەخش ئەتكەن ھايات، ئۆزى چوڭ بولۇپ قالمىغان ھېچ زات، ئايىغىڭدىدۇر بېشىم بولساممۇ ئاسمان. شۈكۈركىم دۇنيادا سەن بار ئانىجان.
كىم ھاپاشلاپ ھەجگە ئاپىرار پىيادە، كىم يادنى ئانىدىن بىلەر زىيادە، ھەرنېمە ھېسابلىق قايتار دۇنيادە، قايتسۇن ياخشىلىقلار ئايلىنىپ زامان. شۈكۈركىم دۇنيادا سەن بار ئانىجان.
ھەي دوستلار رەنجىتىپ سىنىماڭ سەۋرىن، ئاخىر يوقىتىپ دۇردىن تىكلىمەڭ قەبرىن. ئانىسىزدىن سوراڭ ئانىنىڭ قەدرىن، پانىي گۈلزارىدا ئامانەت مېھمان. شۈكۈركىم دۇنيادا سەن بار ئانىجان.
بالام دەپ بېشىم سىلاپ يۈر دائىم، شۈكۈركىم دۇنيادا سەن بار ئانىجان.
|