ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 235|ئىنكاس: 13
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ساغلاملىق - بىباھا گۆھەر (5)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                      ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر (5)
                 ئىلمىي تۇرمۇش ئۇسۇلى، ساغلاملىق ۋە يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇركېسەللىكلىرى ھەققىدە
       -مەملىكەتلىك يۈرەك، مېڭە قان تۇمۇر كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى رەھبەرلىك گورۇپپىسىنىڭ باشلىقى،
                پروفېسور خوڭ جاۋگۋاڭنىڭ جوڭ نەنخەيدە سۆزلىگەن لىكسىيىسى (داۋامى)

                                 5-باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىش،
                                      ئۆز ئىشىدىن رازى بولۇش كېرەك
   بەخت دىگەن نىمە؟ بەختنىڭ ئالاھىدە ئۆلچىمى يوق. بىر ئاسپىرانتىم «ياشانغانلار بەختى» توغرىسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىلەر، ياشانغانلارنىڭ بەختىنى تەتقىق قىلىش ھاجەتسىز، مال-دۇنياسى كۆپ، ئولتۇراق ئۆيى چوڭ، مەنسەپ-مەرتىۋىسى يۇقىرى بولسا تازا بەختلىك بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن تەتقىقات نەتىجىسى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. داڭلىق ئۇنىۋىرسىتېتنىڭ بىر مەشھۇر پروفىسورى بار ئىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئازاب ئىچىدە ئۆتىۋېتىپتۇ. داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ مەشھۇر پروفېسورى تۇرۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككۆيلەن نىمە ئۈچۈن ئازاب چېكىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، بىرى دوكتور ئاشتى، يەنە بىرى دوكتور ئىكەن، ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىدا، نىمە دىگەن ياخشى-ھە! بىر كۈنى پېشقەدەم پروفېسور پەلەمپەيدىن چۈشۈۋېتىپ تېيىلىپ كېتىپ، پاچىقى سۇنۇپ كېتىپ، بالنىستا يېتىپ قاپتۇ، خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا، ئېرىنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ قويالماپتۇ، ئاخىرى ئامال بولماي ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىپتۇ، ئۇمۇ ئانچە ياخشى قارىماپتۇ، ۋاقىت ئوزارغانسىرى پېشقەدەم پروفېسور ياتاق يارىسى بولۇپ قاپتۇ. كىچىك تاھارەت قىلالمىغاچقا، سۈيدۈك نەيچىسى سېلىپ قويۇلۇپتۇ. بالىلىرى ئامېرىكىدا، يېنىدا ئۇنىڭغا قارىغىدەك ۋە مۇڭداشقىدەك تۇغقىنىمۇ يوقكەن، بالىلىرى تېخى كىلەلمەيدىكەن، مىلاد بايرىمىدا بىرەر پارچە ئاتكېرىتكا ئەۋەتىپ قويىدىكەن. ئۇ نىمىگە ئەسقاتىدۇ؟ نىمە دىگەن ئازابلىق كۈن ھە-بۇ.
         ئۇنداقتا كىم ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خۇشال ياشايدۇ؟ رىكشىچى، يەنى بېيجىڭدا 3 چاقلىق ھارۋا ھەيدەيدىغانلار ئەڭ بەختلىك، ئەڭ خۇشال ياشايدۇ. نىمە ئۈچۈن دەيسىلەر؟ رىكشىچىلار بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، قۇش قەپىزىنى كۆتۈرۈپ، باغچىغا بېرىپ ناخشا غىڭشىغاچ سەيلە قىلىدۇ، سەيلىدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ، بىر چىنە پۇرچاق سۈتى بىلەن ئىككى دانە پىلتە قۇيماقتا ناشتا قىلىپ، تازا ھۇزۇرلىنىدۇ. رىكشىچى دىگەننىڭ ماگېستر، دوكتور بالىلىرى يوق. بىر رىكشىچىنىڭ ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆيىگە يېقىن يەردە ۋېلىسىپىت رېمۇنت قىلىدىكەن. قىزى ئاچچىقسۇ، جياڭيۈ ساتىدىكەن. ئائىلە ئەزالىرى دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىكەن. رىكشىچىنىڭ سەللا مىجەزى يوق بولۇپ قالسا، ئائىلىسىدىكىلەر مىۋە-چىۋە، پىچىنە-پىرەنىكلەر بىلەن يوقلاپ تۇرىدىكەن. بىر ئائىلە كىشىلىرى دائىم خۇشال-خۇرام جەم بولۇشىدىكەن. بالا-چاقىلىرى پەرۋانىدەك ئۇنىڭ يېنىدىن كەتمەيدىكەن. بەزىلەر: ئىلگىرى قارا ئاشلىق تاماقلىرىنىمۇ تويغىچە يىيەلمەيتتۇق، ھازىر مىۋە-چىۋە تۈگۈل، پىچىنە-پىرەنىكلەرنىمۇ خالىغانچە يىيەلەيدىغان بولدۇق، تۇرمۇشىمىز خۇشال-خۇرام، بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ، بالا-چاقىلىرىمىز يېنىمىزدا، ئۇلار بەك ۋاپادار دىيىشمەكتە. ھىلىقى پروفېسورنىڭ ئوغوللىرى دوكتور ئاشتى، دوكتور بولسىمۇ، مىلاد بايرىمىدا ئاتكېرىتكىدىن بىرنى ئەۋەتىپ قويغاندىن باشقا يەنە نىمىگە ئەسقاتتى؟ ئاتا-ئانىلىرى يىغلاپ قاقشىسىمۇ ئۇلار ئەسقاتمىدى.
               ئادەمنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇتلەق ئۆلچەم يوق، شۇڭا روھىي جەھەتتىكى تەڭپوڭلۇقنى ساقلاش لازىم. 70-يىللاردا پېچىنە-پىرەنىك سوۋغا قىلىناتتى، 80-يىللاردا سالامەتلىككە پايدىلىق بۇيۇملار سوۋغا قىلىنىدىغان بولدى، 90-يىللاردا  گۈل سوۋغا قىلىنىدىغان بولدى. مىنىڭ باشقۇرۇشىمدىكى بالنىستتىكىلەرگە ھازىر ھىچكىم پېچىنە-پىرەنىك سوۋغا قىلمايدۇ، ئەكسىچە گۈل سوۋغا قىلىۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە نىمە سوۋغا قىلىنار؟ 21-ئەسىردە ئەڭ قىممەتلىك بولغىنى ساغلاملىق، ساغلاملىقتىن ئىبارەت بۇ سوۋغىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟ بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى يۈرەكنى ياشارتىدىغان 8 شىپالىق دورىغا ئېرىشىش كېرەك: بىرىنچى، مېھرىبانلىق. يەنى كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش. ئادەمنىڭ مېھرىبانلىقى بولمىسا، ئادەم ھىسابلانمايدۇ. ئىككىنچى، ئاقكۆڭۈللۈك. ئادەم ئاقكۆڭۈل بولۇشى، باشقىلارغا كۈچىنىڭ يىتىشىچە ياردەم بېرىشى لازىم. ئۈچىنچى، توغرا روھىي كەيپىيات. ئادەمدە توغرا روھىي كەيپىيات بولۇشى كېرەك، يولداش جياڭ زېمىن «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش» توغرىسىدىكى بايانىدا توغرا روھىي كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىش ئۈستىدە توختالغان. تۆتىنچى، كەڭ قورساقلىق. كەڭ قورساق بولۇش توغرا روھىي كەيپىياتتىنمۇ مۇھىم. چۈنكى ئادەم  ئەۋلىيا ئەمەس، نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ، كەڭ قورساق بولمىساق بولمايدۇ، ئادەم كەڭ قورساق، باشقىلارنى كەچۈرىدىغان بولۇشى كېرەك. بەشىنچى، ۋاپادارلىق. ياشانغانلارنىڭ بەختلىك بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە، ياشانغانلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسىي ئامىل مال-دۇنيا، مەنسەپ-مەرتىۋە بولماستىن، بەلكى بالىلىرىنىڭ ۋاپادارلىقى ئىكەن. ۋاپاسىز بالىنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. ۋاپادارلىق توغرىسىدا شياڭگاڭلىق بىر دېرىكتور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. مەن: سىلەر خىزمەتچىلەرنى قانداق تاللايسىلەر؟ شياڭگاڭدىكى شىرىكچىلىك كارخانىلىرى چەتئەل تىلى ۋە كومپيۇتېرنى  ئوبدان بىلىدىغانلارنى تاللاپ ئىشلىتىدىغۇ، دەپ سورۇدۇم. لېكىن ئۇ: ئۇنداق ئەمەس، بىز خىزمەتچىلەرنى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ تاللايمىز، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولمىغان ئادەم،باشقىلارغا قانداقمۇ ياخشى مۇئامىلە  قىلىدۇ؟ كارخانىغىمۇ قانداق كۆيىنىدۇ؟ ئېنىقكى، ئۇ جەزمەن بىۋاپا بولىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولمىسا، ئۇنى قانداقمۇ تاللاشقا بولىدۇ؟ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولسىلا ، ياخشى ئادەم ھىسابلىنىدۇ، دىدى. ۋاپادارلىق شەرق ئەللىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. ئالتىنچى، لايىقىدا ياۋاش بولۇش. ئادەم بەك ياۋاش بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. بەك ياۋاش بولۇپ كەتسە دىۋەڭ بولۇپ قالىدۇ. لېكىن ياۋاش بولمىسىمۇ بولمايدۇ، ياۋاشلىقنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئىگىلەش لازىم. يەتتىچى، ئۆزىنى بېغىشلاش. ئۆزىنى قانچە كۆپ بېغىشلىسا شۇنچە ياخشى. سەككىزىنچى، باشقىلاردىن ياخشىلىق قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق. بۇ 8 شىپالىق دورىنى ئوبدان ئىستىمال قىلىش كېرەك. «يۈرەكنى ياشارتىدىغان 8 شىپالىق دورا»نىڭ 6 تۈرلۈك پايدىسى بار. بىرىنچىدىن، سەمىمىي ئادەم بولغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىشتا ئەستايىدىل بولغىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. بەشىنچىدىن، نەس بېسىشتىن، پېشكەللىكتىن  خالىي بولغىلى بولىدۇ. ئالتىنچىدىن، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. مىنىڭچە روھىي كەيپىيات جەھەتتە تەڭپوڭلۇقنى ساقلىغاندا ھەم جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقىلى، ھەم تۇرمۇشتىن ھۇزۇر ئالغىلى بولىدۇ. ئىلگىرى تۆھپە قوشۇشلا تەكىتلىنەتتى، بۇ توغرا ئەمەس، تۇرمۇشتىنمۇ ھۇزۇر ئېلىش لازىم. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان ھۇزۇر ئېلىش، قىزىقىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بىلىم دائىرىسى كەڭ، قىزىقىشى تېخىمۇ كۆپرەك بولسا، كۆڭۈل توق تۇرىدۇ. پىخسىق، ئىچى تار، كاززاپ، قىزىل كۆز، پەسكەش مەخلۇقلاردىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەش كېرەك. بەزى دوختۇرلار كېسەلنىلا كۆرۈپ، بىمارنى كۆرۈشنى   بىلمەيدۇ. ھەم بىمارنى، ھەم كېسەلنى كۆرۈشنى بىلەلىسىڭىز، ئاندىن ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ، ھالىغا ھال، مۇڭىغا مۇڭ بولۇپ، ئۇنىڭ دەردىگە يېتىپ ۋە كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، مەسىلىنىمۇ ياخشى ھەل قىلالايسىز، كېسەلنىمۇ ساقايتالايسىز. شۇڭا دوختۇرنىڭ بىلىمى ۋە تەجرىبىسى مول بولۇشى كېرەك. ئادەم روھىي بېسىمغا، كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغاندا ئارتۇقچە غەم قىلىپ كەتمەسلىكى، كۆڭلى-كۆكسىنى خۇشال ۋە ئازادە تۇتۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا ساغلام ياشاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ. گېنىرال جاڭ شۆلياڭنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ 1932-يىلى مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋېن باش قوماندانى، دېڭىز ئارمىيىسى، قورۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋېن باش قوماندانى بولۇپ، مەنسىپى جياڭ جېشىدىن كېيىنلا تۇراتتى. ئۇ 1936-يىلى مەھبۇس بولۇپ قالغان، ئۇ كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتمىغان بولسا، جاڭ شۆلياڭدىن 10 ى بولسىمۇ بۇرۇنلا تۈگىشىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن ئۇ چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ۋە قاتتىق روھىي بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كەتمىدى. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پروفىسور لى جىڭداۋ جوڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۆتكۈزگەن ئۆزىنىڭ 70 ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا: ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، خۇشال بولىدىغان، باشقىلارغا پايدىسى تىگىدىغان ئىشلارنى قىلىشى لازىم. قۇرۇق نام قوغلىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاردىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك. مانا بۇ مىنىڭ تۇتقان يولۇم، دىگەن.
    ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى ياخشى بولسا، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، بۈگۈن ناھايت خۇشال بولغان بولسام، ئۆزۈمنى ناھايتى يەڭگىل ھېس قىلىمەن، دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. روھىي كەيپىيات ياخشى بولمىغان چاغلاردا بىئاراملىق ھېس قىلىپ، گۈزەل مەنزىرىمۇ گۈزەل كۆرۈنمەيدۇ، ئېسىل تائاملارمۇ تېتىمايدۇ. ھەتتا 10 نەچچە مىڭ يۇەنلىك كارۋاتتا ياتسىمۇ، قارا بېسىپ خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدۇ. بەي جۈيى شېئىرىدا: «خانسارايدا كۆردۈم ئەجەپ يورۇق تۇلۇن ئاينى، يامغۇرلۇق كېچىدە قوڭغۇراق ئاۋازى ئەزدى يۈرەكنى» دىگەن مىسرالارنى يازغان. بۇ شېئىردا خانساراي ھەرقانچە چىرايلىق، ئاسماندىكى ئاي ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ، يۈرەكنىڭ ئىزىلىۋاتقانلىقى، قوڭغۇراق ئاۋازى ھەرقانچە يېقىملىق بولسىمۇ كىشىنى ئازابلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خانىش ياڭنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەتىگەندىن كەچكىچە خانىش ياڭنى ئويلاپ ناھايتى ئازابلانغان. مانا بۇ روھىي كەيپىيات ياخشى بولمىسا ھەممە نەرسىنىڭ يات كۆرۈنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئادەم دۇرۇس بولۇشى، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىشى، كۆڭلى-كۆكسىنى كەڭ تۇتۇشى ۋە ئۆز ئىشىدىن ئۆزى خۇشال بولۇشى لازىم. نىمە ئۈچۈن باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش كېرەك؟ باشقىلارغا ياردەم بېرىش جەريانى-روھنى پاكلاشتۇرۇش، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرۇش جەريانى ھىسابلىنىدۇ. باشقىلارغا ياردەم بېرىش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىق. ھەرقانداق ئىشقا بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىشى بۇيىچە قاراش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆڭۈلنى ئازادە، خۇشال تۇتۇش كېرەك، ھەتتا پېشكەللىككە يولۇققاندىمۇ چوقۇم تىرىشىپ كۆڭلىنى خۇشال تۇتۇش كېرەك. پېشكەللىككە يولۇققاندا قانداق قىلىپ كۆڭۈلنى خۇشال تۇتقىلى بولىدۇ؟ كىشىلىك ھايات خۇددى چاقپىلەكتەك ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا مۇتلەق نەرسە يوق، ئايمۇ داۋاملىق تۇلۇن ھالەتتە تۇرمايدۇ. ئادەمنىڭ خۇشال بولىدىغان، بەزىدە قايغۇرىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ بولغىنىدەك، بىر ئادەم مەڭگۈ پېشكەللىككە ئۇچراۋەرمەيدۇ، مەڭگۈ تەلەيلىكمۇ بولۇۋەرمەيدۇ. بالزاك: «جاپا-مۇشەققەت -تۇرمۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇستاز» دىگەنىدى. ھازىر سىز پېشكەللىككە ئۇچرىغان بولسىڭىز، بۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ سىزنى كۈتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا كۆڭلىڭىزنى ھەر دائىم ئازادە ۋە خۇشال تۇتۇشىڭىز كېرەك. ئامەت بىلەن پېشكەللىك تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ، جاپا-مۇشەققەتنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇستاز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.
     قىسقىسى، ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر. ساغلام بولۇشتا يۇقىرى پەن-تېخنىكىغا، ياخشى دورىغا تايانغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ئەڭ ياخشى دوختۇر-ئۆزىڭىز، ئەڭ ياخشى ھەرىكەت- پىيادە مېڭىش. «ئەڭ ياخشى دوختۇر-ئۆزىڭىز» دىگەن بۇ سۆزنى مەن ئېيتقان ئەمەس. قەدىمكى يۇنانلىق مەشھۇر تىۋىپ سوقرات: «بىمارنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى دوختۇر، دوختۇر ئۇنىڭغا ياردەملا بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. قاراڭ، قولنىڭ بىر يېرى كېسىلىپ كەتسە، قان چىقىپ قېتىپ قالىدۇ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالىدۇ. ئۈچەيدىن چاتاق چىقسا، ئانچە-مۇنچە دورا يەپ، پەرىز تۇتۇپ بەرسە، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ياخشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆپكىدىن چاتاق چىقسا، كېسىپ ئېلىۋەتسە، ھىچ ئىش بولمايدۇ. بۆرەك كېسەل بولسا، ئۇنىمۇ ساقايتقىلى بولىدۇ. بەدەننىڭ قايتا يىتىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، شۇڭا ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇشىڭىز، كۆڭلىڭىزنى توق تۇتۇشىڭىز كېرەك. «ئەڭ ياخشى دورا-ۋاقىت»، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ كېسەل قانچە بالدۇر سىزىلسە، قانچە بالدۇر داۋالانسا، شۇنچە تېز ساقىيىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك مۇسكۇلىڭىز ئۆلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ئوكۇلى ئۇردۇرسىڭىز، بىرەر يېرىم سائەتلەردە ئوڭشىلىپ قالىسىز. 6 سائەتتىن كېيىن بارسىڭىز، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ، 12 سائەتتىن كېيىن بارسىڭىز، دورىمۇ، ئوكۇلمۇ كار قىلمايدۇ. بالدۇر بارسىڭىز، بىر ئامپۇلى 15 مىڭ يۇەنلىك ئوكۇل ئۇردۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. 1500 يۇەن خەجلەپ دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن دورىنى يىسىڭىزلا كېسىلىڭىز ساقىيىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا گەپنى: «بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا، ئۈچ چوڭ ئىستىل، سەككىز دىققەت» دىگەن سۆزگە يىغىنچاقلايمەن. «بىر مەركەز» دىگەنلىك-ساغلاملىق مەركەز دىگەنلىكتۇر. ساغلاملىق ياخشى بولمىسا، ھەممە نەرسىدىن قورۇق قالىدىغان گەپ، 21-ئەسىردە ساغلاملىق مەركەز ھىسابلىنىدۇ. «ئىككى ئاساسىي نۇقتا» نىڭ بىرىنچىسى مۇجمەلرەك بولۇش. نىمىشقا مۇنداق دەيمىز؟ رەئىس ماۋزېدوڭ مارشال يې جيەنيىڭغا: جۇگېلياڭ ئۆمۈر بۇيى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن، لۈي دۇەن چوڭ ئىشلاردا مۇجىمەللىك قىلمىغان، دىگەن. جۇگېلياڭ ئۆمۈر بۇيى ھەرقانداق ئىشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىنچىكە ئىشلىگەن. زوڭلى جو ئېنلەيمۇ شۇنداق ئىدى. لۈي دۇەن دىگەن بۇ ۋەزىرچۇ؟ ئۇ چوڭ ئىشلاردا مۇجىمەللىك قىلمىغان. بەزىلەر ۋەزىر لۈي دۇەننى پادىشاھقا «بەكلا مۇجىمەل نەرسە» دەپ چېقىشتۇرغاندا، پادىشاھ: ئۆزەڭ مۇجىمەل، ۋەزىر لۈي دۇەن كىچىك ئىشلاردا مۇجىمەل بولغىنى بىلەن، چوڭ ئىشلاردا كاللىسى سەگەك، دەپ ھەقىقىي ئەقىللىقلارنى ماختىغان. كىچىك ئىشلاردا مۇجىمەل بولسىمۇ، لېكىن كاللىسى سەگەك بولۇپ، بەزىدە بىلمەس بولىۋالغان. كىچىك ئىشلاردا بەك ئەستايىدىللىق قىلىپ، ئۇششاق-چۈشەك ئىشلارغا ئېسىلىۋالىدىغان ئادەم دۆت ھىسابلىنىدۇ. مۇجىمەلرەك بولۇپ كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭرەك تۇتقاندا، نەزەر دائىرىسى كەڭرەك بولۇپ يىراقنى كۆرگەندە ھەرقانداق ئىش ئوڭغا تارتىدۇ. «ئۈچ چوڭ ئىستىل» دىگىنىمىز: باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، روھىي كەيپىيات جەھەتتىكى تەڭپوڭلۇقنى ساقلاش، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولۇپ، ھەر دائىم خۇشال-خۇرام يۈرۈش.  «سەككىز دىققەت» دىگىنىمىز: مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، لايىقىدا ھەرىكەت قىلىش، تاماكىنى تاشلاپ، ھاراققا چەك قويۇش، كۆڭلىنى توق تۇتۇش. ئەڭ ياخشى دوختۇر-ئۆزىڭىز. ئەڭ ياخشى دورا-ۋاقىت. ئەڭ ياخشى روھىي كەيپىيات-خاتىرجەملىك. ئەڭ ياخشى ھەرىكەت- پىيادە مېڭىش.  دىمەك، كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا يۇقىرقىلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلا بولساق، ھەممىمىزنىڭ 80 ، 90 ياش، ھەتتا 100 ياشتىن ئارتۇق ساغلام ياشىشىمىز ھەرگىزمۇ خام خىيال ھىسابلانمايدۇ. يېقىندا سالامەتلىك ھەققىدە مېغىزلىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئىخچام يەكۈن چىقىرىلدى:
                                                    يۈرسىڭىز كۈندە خۇشخۇي ئېچىلىپ،
                                                    رۇخسارىڭىز بۇلار ئاي-ھاي
                                                   نەپسىڭىزنى يىغسىڭىز ھەم تارتسىڭىز،
                                                   ياشايسىز توقسەن، ھەتتا يۈز.
            يەنە تەكىتلەيمىزكى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنى مۇشۇ بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرساق، كېسەللىكتىن خالىي بولۇپ، 120 يىل ئەتراپىدا ساغلام ياشاپ، ساغلام ھالدا ھەربىر كۈننىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمىز.

                                                                        (تۈگىدى)
                                               مەنبە: «ساغلاملىق-بىباھا گۆھەر»ناملىق كىتابچە
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-7-4 12:10:03 | ئايرىم كۆرۈش
تەن ساقلىق — زور بايلىق ئېسىل تېما بوپتۇ تەشەككۈرلەر
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-7-4 14:44:32 | ئايرىم كۆرۈش
بىباھا گۆھەر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ئاكا ،جاپا چەكتىڭىز ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-7-5 11:54:46 | ئايرىم كۆرۈش
مىسرانىمدا بار ئىزالارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن جۇمۇ
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-7-5 12:06:35 | ئايرىم كۆرۈش
روھناز يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 11:54
مىسرانىمدا بار ئىزالارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن جۇمۇ

مىسرانىم مۇنبىرىدىكى سەرخىل ئەزالار بار بۇ مۇنبەردە،مەسىلەن سىزگە ئوخشاش
مىنىغۇ تۇنۇمىدىڭىز،لىكىن مەن سىزنى تونۇدۇم،مىسرانىمدىكى ئىسمىم ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-7-5 12:15:30 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 12:06
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى سەرخىل ئەزالار بار بۇ مۇنبەردە، ...

ھى ھى قارىغاندا مىنى كۆپ مۇنبەرداشلىرىم تۇنىۋاپتۇ دە مەن ھېلىقى ۋات ۋات قىز شۇۇۇۇۇۇۇۇ
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-7-5 22:28:33 | ئايرىم كۆرۈش
روھناز يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 12:15
ھى ھى قارىغاندا مىنى كۆپ مۇنبەرداشلىرىم تۇنىۋاپتۇ دە  ...

ھا ھا .،  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ھىلىقى ۋات ۋات يىگىت شۇ ،  مۇنبەردە سىزدەك ئۇز قىزۋالا بىلەن تونۇشقىنىمدىن  ھۆددەس خۇشالمەن ماقىما . مۇنبەردە كۆرەپ تۇرايلى..

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-7-5 22:29:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىمىلىرىڭىزنى ئاساسەن كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن ، ئۆزۈمگە ئۆزۈم دوختۇر بولاي دەپ قالدىم .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-7-5 22:38:22 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 22:28
ھا ھا .،  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن ھىلىقى ۋات ۋات يىگىت ...

ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدە قىزلارغا قاش-كۆزىنى قىسىپ قاراشقا رۇخسەت يوق.شاھىم بولسىمۇ ئوخشاشلا ئاتىمىز
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-7-5 23:14:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-7-5 22:38
ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدە قىزلارغا قاش-كۆزىنى قىسىپ قاراشقا ...

ئەپسۇس ،، كۆز قىسقىنىمنى ھىچكىم كۆرەلمەيدا . باش سۈرىتىمدىمۇ يوق باش تەرىپىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:29 , Processed in 0.143043 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش