ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1564|ئىنكاس: 11
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ساكلار، توخرىلار تۈركىي مىللەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

(1) ساكلار، توخرىلار تۈركىي مىللەت

ساكلار ھەقىقەتەن تۈركىي مىللەت ، دولانلار ساكلارنىڭ دولغان قەبىلەسى بىلەن بىر خەلقتۇر. دولانلارنىڭ يەرلىك تۇمىقى ساكلارنىڭ ئىلگىرى كەيگەن تۇمىقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما ساكلارنىڭ ئازراق ئېگىز، ساكلارنى قەدىمكى نۇرغۇنلاغان ھۆججەتلەردە ساكا دەپ ئاتىغان، ھازىرقى ياركەنتنىڭ خەنزۇچە شاچې (莎车) دەپ ئاتالىشىمۇ دەل شۇنىڭدىن كەلگەن.بۇندىن باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە ساغاي دەپ ئاتىلىدىغان خەلقلەر ھازىرمۇ بار.شەرقىي شىمالىي سىبېرىيە رايونىدا بىر چوڭ جۇمھۇرىيەت بار. بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمى ساخا ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتى دېيىلىدۇ.پايتەختى--ياقۇتىسكى.بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاھالىسى ساخاياكى ساقا دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنىڭ يەنە بىر تارمىقى بولۇپ دولغان دەپ ئاتىلىدۇ.بۇلارنىڭ جۇمھۇرىيەتى نېنېتس_دولغانىيە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتى دېيىلىدۇ.بۇجۇمھۇرىيەتنىڭ ئاھالىسى ئۇرال تىل سىستېمىسىنىڭ سامويېد تىل گۇرۇپىسىغا تەۋە نېنېتس خەلقى بىلەن ئالتاي تىل سىستېمىسىغا تەۋە تۈركى تىل گۇرۇپىسىدىكى دولغانلارنىڭ بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىدۇر. دولغانلار نىڭ شىنجاڭدىكى ساقىندىسى دولانلاردۇر.

ھازىرقى دولان شىۋىسىدە ئەدەبىي تىلىدىكى «موزاي،نوگاي،چۈمۈلە،بىلەي،قىرغاۋۇل..»سۆزلىرى «موزوي، نوگوي، چۈمۆلە، بىلۆي، قىرغوۋل..»دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ھازىرقى ساخا ۋە دولغان تىلىدا تۈركىي تىلدىكى ئىككىنچى بۇغۇمدا كەلگەن «ئا ، ئە»تاۋۇشلىرى«ئو ، ئۆ»تەلەپپۇز قىلىنىدۇ،ئالىملارنىڭ  تەتقىقاتىچە تەخمىنەن 8-ئەسىرلەردىن باشلاپ ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىبېرىيەگە كۆچۈشكە باشلاغان(«دۇنيادىكى تىللار» دېگەن كىتاپتا ياقۇت تىلى دېگەن ماۋزۇغا قاراڭ).دېمەك ساخا-دولغان  خەلقى دەل ساكلارنىڭ ئۆزىدۇر. بىر مىللەتنىڭ تارىخ سەھىفسىدە دەھشەتلىك كۈچلەنگەن مەزگىلىمۇ بولىدۇ ھەم ئۇ مىللەت بىر زامانلارغا كەلگەندە تارىخى سەھىفسىدىن ئۆچىدۇ ياكى ئەڭ پاسسىپ ھالەتكە چۈشىدۇ. بۇنداق مىللەتلەر ناھايىتى كۆپ.غەربلىك نۇرغۇنلاغان ئالىملار ساكلارنى ھىندۇ-ياۋروپا تىلىدىكى خەلق دەپ ئاساسسىز ھۆكۈم قىلىدۇ، بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ياۋروپادا موتلەق كۆپ قىسىم خەلق ھىندۇ-ياۋروپا تىل سىستېمىسىغا مەنسۇپ.شۇڭا ئۇلار تارىخىتا كۈچلۈك بولغان ساكلارنى ھېچبىر ئاساسسىزلا ھىندۇ-ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكىلەر دەيدۇ. بۇ بىر ياخشى كۆرۈش خاھىشى خالاس.

نۇرغۇن مەتبۇئاتلاردا ساكلارنى يوقىلىپ كەتكەن خەلق دەيدۇ. ئەمما ساكلار تېخى يوقالغان خەلق ئەمەس،ئۇلار سىبېرىيەدە ئۇزۇن مەزگىل  تۇڭغۇز -موڭغۇل تىللىق خەلقلەر بىلەن ئارلاش ياشاش جەريانىدا چىرايى ئۆزگىرىپ كەتكەن،ئەمما تا ھازىرغىچە ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى ۋە تىلىنى ساقلاپ كەلدى.ئەلبەتتە ساكلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن شەرققە كۆچۈش جەريانىدا ھەممىسى تەل تۆكۈس كۆچمەيدۇ.ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆچمەي قالغانلارى بولسا ھازىرقى تۈركىي مىللەت ۋە تاجىكلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغان.شىنجاڭدا خوتەن،ياركەنت،پوسكام رايونى شۇنداقلا مارالبېشى،مەركىت،كەلپىن ۋە دولان ئۇيغۇرلىرى ساكلارنىڭ كۆچمەي قالغان قىسىمىدۇر،
ئېيتمىساق بولمىايدىغان يەنە بىر خەلق «توخرىلار»بولۇپ بەزىلەر دولغان ياكى «دولان» نامىنى توخرىلار بىلەن باغلايدۇ.چۈنكى توخرى دېگەن بۇ نام تۈركچە نام بولماستىن تۈركچەگە ھىندۇ-ياۋروپاچىدىن كىرگەن.بۇ نام دەل ھازىرقى دولغان ياكى دولاننىڭ ھىندۇ ياۋروپاچە ئاتىلىشىدۇر دەپ قارايدۇ.توخىرىلارمۇ ساك جىنىسىدىكى بىر خەلق.

بىرقىسىم چەتئەللىك تىلشۇناسلار تۈركىي تىلنى مۇنداق تارماققا بۆلىدۇ.

1.تۈرك تىلى گۈرۈپپىسى  : بۇ تىلغا ھازىرقى ئوغۇز تىلى تارمىقى،قارلۇق تىلى تارمىقى،كۆكتۈرك تىلى تارمىقى،قىپچاق تىلى تارمىقى كىرىدۇ.

2.ساخا تىلى گۈرۈپپىسى: بۇ تىلغا ھازىرقى ساخا –دولغان تىلى كىرىدۇ. قەدىمكى تىللاردىن توخرى،ساك،ماساگىتلار كىرىدۇ.

3.بۇلغار تىلى گۈرۈپپىسى:بۇ تىلغا ھازىرقى چۇۋاش (سۇۋار)تىلى كىرىدۇ. قەدىمكى تىللاردىن سۇۋار،پەچەنەك،ئۇز،بۇلغار،ئاۋار تىلى كىرىدۇ.

ساكلار ھۇنلاردىن بۇرۇن باش كۆتۇرگەن خەلق ئىدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا كۈچلۈك ساك ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان.دۇنياغا داڭلىق ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.فارسلارنىڭ شاھنامىسىدە ئافراسىياپنى تۇرانلىقلارنىڭ پادىشاھى دەپ تىلغا ئالىدۇ.تۇرانلىقلار دەل ساكلاردۇر.تۇخرى دېگەن سۆزنىڭ ئىنتېمولوگىيەسى دەل ھازىرقى دولغان(دولان)،تۇران دېگەن سۆز بىلەن باغلىنىدۇ،تۇخىرىلارنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى يۇغار(ئۇغار) بۇلۇپ سۆز بىشىدىكى «ي»تاۋۈشىنىڭ «د(ت)»غا ئۆزگىرىشى بىر خىل دېئالېكىتلىق ئۆزگىرىش ئىدى. ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادەكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىمۇ «ي / د» لىق پەرق بار ئىدى.ھازىرقى سىبېرىيەدەكى تۈركى مىللەتلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادەكى تۈركى تىلنىڭ سۆز بىشىدىكى «ي»نى «د»ياكى«ت» بىلەن ئالىدۇ. مەسلەن يىل---دىل،يىلان—دىلان،ياڭاق—داڭاق،ئۇندىن باشقا «دىش» دېگەن سۆز ئورمانلىق،جىلغا دېگەن مەنادا كېلىدۇ. بۇ سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يىش»دەپ ئالىنغان.

دېمەك «ئۇيغۇر/ئۇغۇر/يۇغار/تۇخار/تۇرا/تۇران»سۆزلىرى ھەممىسى بىر مەنبەدىن كەلگەن.
گەپنىڭ قىسقىسى ساكلار،توخرىلار تۈركىي خەلقتۇر.دولان(ياكى دولغان) لار ساكلارنىڭ بىر قەبىلىسى.توخرىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.


توخارلارنىڭ كۆچۈشى
.1.غەرب مەنبەلەرىدە تىلغا ئالىنغان ئاتالمىش «ساك،توخىرىلار ھىندۇ ياۋروپالىقلاردۇر» دېگەن گەپ بىر قىسىم ساك،توخرىلارنىڭ ئىرانلىشىپ كېتىشى ۋە ھىندۇلىشىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.بۇنداق ئىشلار تارىخىتا كۆپ ئۇچرايدۇ مەسلەن؛بابۇر ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان ئۇيغۇر-ئۆزبېك ئۇلۇسلىرى ئاخىرى بىرىپ ھىندۇلارغا سىڭىشىپ كەتتى،موڭغۇل،قىتانلارمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرغان بىلەن ئۇلارمۇ سىڭىشىپ كەتتى. ئەمما ساك-توخرى خەلقىنىڭ ھىندۇ-ئىرانلىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ  تۈركىي خەلق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ.

2.ساك ئىمپېرىيەسى ئىنتايىن چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ، غەربتە ياۋروپا تۈزلەڭلىكىنىڭ بىر قىسىم زېمىنىغىچە يېتىپ بارغان.بۇنداق چوڭ ئىمپېرىيە تەركىبىدە يەنە زور بىر تۈركۈم فارس تىللىق خەلقلەرمۇ بار ئىدى.


ساكلارنىڭ پائالىيەت رايونى( مىلادىدىن ئىلگىركى 1-ئەسىرلەر)

ساكلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئىكەنلىكىنى پەقەت سىبېرىيە ساخادىكى دولغانلارنىڭ ئۆزى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.بۇ خەلقنىڭ تىلىنى ھېچكىم باشقا تىلغا تەۋە دېيەلمەيدۇ.بۇلارنى ساك ئەمەس دەپمۇ تۇرالمايدۇ. بۇ ياۋروپادا نۇرغۇن ئالىملارنىڭ چىقارغان ھۆكمى خالاس.

(2) ئافراسىياپ توغرىسىدا

ئەفراسياپ Afrasiyap

ئىران ۋە تۈرك رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغان ئەفراسياپ مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر قەھرىمان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇنى ئەجداتلىرىمىز ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ئاتىغان .ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئەجداتلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن قارا دېڭىز بويىغىچە سوزۇلغان كەڭ تىرىتورىيىدە قۇرغان ساك ئىمپىرىيىسىنىڭ مەشھۇر قاغانى بولغان . بۇ ئىمپىرىيىنى ئىرانلىقلار تۇران دەپ ئاتىغانىدى . بۇ دۆلەت مىلادىدىن بۇرۇنقى يەتتە ئەسىر بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 2-ئەسرىگىچە ھۆكۈم سۈرگەن . تۇران قاغانى ئالىپ ئەرتۈڭا ھەققىدىكى مەلۇمات ئەڭ ئاۋال ئاتەشپەرەسلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابى <<ئاۋىستا>>دا بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇ توران پادىشاھى ئەفراسياپ دەپ ئاتالغان ، ئۇلۇغ پارىس شائىرى ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىس غەزنەۋىلەر سۇلتانى مەھمۇت غەزنەۋى (مىلادىنىڭ 997-يىلدىن 1030-يىلغىچە سۇلتان بولغان) نىڭ تاپشۇرىقى بويىچە يازغان ئۆزىنىڭ <<شاھنامە>> ناملىق داستانىدا ، ئەفراسياپنىڭ ئىران پادىشاھى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ھەققىدە ناھايىتى كۆپ جايدا توختالغان . مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >>دا بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا ، ئالىپ ئەرتۇڭا ھاۋاسى ياخشى بولغان ئوردۇكەنىت (قەشقەر) تە تۇرغانىكەن . بۇچاغدا ، كۈچلۈك پارىس ئىمپىرىيىسى ۋۇجۇتقا كەلگەنىكەن . مىلادىدىن يەتتە ئەسىر بۇرۇن ، ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسى (مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن تارتىپ مىلادىدىن 300 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ پادىشاھى كەيخىسراۋ (مىلادىدىن 633 يىل بۇررۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىدىن 584 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە پادىشاھ بولغان ) ئەفراسياپنى مەغلۇپ قىلغاندا ، ئەفراسياپ شەرىققە چىكىنىپ ئالتاي ئەتراپلىرىغىچە كەلگەن . كېيىن ئەفراسياپ ئۆز دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسىملىرىغا قايتىپ كېلىپ ، مىلادىدىن 625 يىل بۇرۇن ئەزەربەيجاندا ئىرانلىقلار بىلەن يەنە تۇتۇشقان . ئۇ بىر جەڭدە ، مۈكۈنۈپ ياتقان ئىران ئەسكىرىنىڭ ئاتقان ئوقى بىلەن ئۆلگەن .
ئالىپ ئەرتۇڭا تارىختا راستىنلا ئۆتكەن رىئال شەخسمۇ ؟
بىز ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا راستىنلا  ئۆتكەن  قەدىمكى ئەجدادىمىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتلارغا ئىگە .مەسىلەن؛ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ <<تۇركىي تىللار دىۋانى >> دا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدىكى ماتەم قوشاقلىرىنىڭ پارچىلىرى كەلتۈرۈلگەن :
                                        ئالىپ ئەرتۇڭا ئۆلدىمۇ ،
                                        يامان دۇنيا قالدىمۇ .
                                        پەلەك ئۆچىنى ئالدىمۇ ،
                                        ئەمدى يۈرەك يىرتىلۇر .
                                        ئەل بۆرىدەك ھۇۋلاشتى ،
                                        يىرتىپ ياقا يىغلاشتى .
                                        پەريات چېكىپ دادلاشتى ،
                                        كۆزلەر ياشقا قاپلىنۇر .

ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ماتىمىگە يېتىپ كەلگەن بەگلەرنىڭ شۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىگە بېغىشلانقان قوشاقتا مۇنداق دېيىلگەن :                                       
                                         بەگلەر ئېتىنى ھارغۇزدى ،
                                        قايغۇ ئۇلارنى تۇرغۇزدى .
                                        مەڭزى ، يۈزى سارغايدى ،
                                        سۈرتۈلگەندەك زەپىران .

ئۇيغۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇبىلىك>> داستانىدا ئالىپ ئەرتۇڭا توغرىسىدا مۇنداق يازغان :
                        276 .  بۇ تۈرك بەگلىرىگە سېلىنسا نەزەر ،
                                  جاھان بەگلىرىنىڭ ياخشىسى شۇلار .
                    
                        277 .  بۇ تۈرك بەگلىرىدىن ئېتى بەلگىلىك ،
                                  تۇڭا ئالىپ ئەر ئىدى بەختى بەلگىلىك .
                          278 .  ئىلىمدە بۈيۈك ، كۆپ پەزىلەتلىك دىلى ،
                                    بڭلىملىك ، ئەقىللىق ، خەلىقنىڭ خىلى .
                          279 .  ئىدى ئۇ مەردانە ، زېرەك ئەر ئوغلان ،
                                    دۇنياغا زېرەكلەر بولۇر ھۆكۈمران  .
                          280 .  تاجىكلار ئۇنى دەيدۇ ئەفراسياپ ،
                                    ئافراسياپ تۇتتى ئەلنى يەڭ شىماشكاپ .
                                    تاجىكلار كىتاپتا پۈتۈپتۇ ئۇنى ،
                                    كىتاپقا پۈكمىسە كىم ئۇققاي ئۇنى .

ئالىپ ئەرتۇڭا ھەققىدىكى بۇ پارچىلار ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ تارىختا ئۆتكەن ھەقىقى قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئۇلۇغ قاغانلىرىمىزدىن بىرى بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئالىپ ئەرتۇڭا مىلادىدىن  625 يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تۇران دۆلىتى (ساكلار دۆلىتى) گە ئامورغ ، تۇمارىس   ئاتلىق قاغانلار يىتەكچىلىك قىلغان .

مەنبەسى:http://www.blogbus.com/barhan88-logs/75528875.html
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-30 10:30:14 | ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت بىلىۋالدىم

1

تېما

133

يازما

377

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 777
يازما سانى:
133
تىللا:
221
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
30 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-7
ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-6-30 11:00:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك فىلىم يوللاپسىز ،،،دۆلىتىمىز ئىشلىگەن ھېلىقى قايسى كىنويا ،،بەنچاۋ چىقىدىغان ،شۇ كىنودا توخرىلار ئېلى دەپ چىقاتتى .شۇ دەۋاتقان توخرىلار شۇمۇ ،مۇشۇ !

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-30 16:07:48 | ئايرىم كۆرۈش
يەنە  بىر  تارىخى  تىمىڭىزنى كۆرگىنىمدىن تولىمۇ  خۇرسەن بولدۇم  .
تىمىڭىزغا  رەھمە ت!
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

5#
ۋاقتى: 2015-6-30 16:59:10 | ئايرىم كۆرۈش
كۈپ تەشەككۈر
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

23

تېما

231

يازما

777

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 841
يازما سانى:
231
تىللا:
486
تۆھپە:
20
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-5

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-6-30 20:53:21 | ئايرىم كۆرۈش
يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇق رەھمەت
ئ‍ۈمۈدسىزلىك يېرىم ئ‍ۈلۈم،   ئ‍ەمما ئ‍ۈمۈدنى  ئ‍ىنساندىن  كۈتۈش ،  پۈتۈن ئ‍ۈلۈم  .

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-7-1 12:01:42 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ ھەقتە چۈشەنچەم بەكلا ئاجىزكەن، مۇمكىن بولسا بۇ ھەقتە بىرەر تارىخىي كىتاب بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار قېرىنداشلار.
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-7-1 19:59:23 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم   ماۋزۇدىن  قاراپلا  سىزمىكىن  دىگەنتىم  ، ئويلىغىنىمدەك  چىقتى ،   تىمىڭىزغا  تەشەككۈر . ھارمىغايسىز .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

5

تېما

82

يازما

1782

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 640
يازما سانى:
82
تىللا:
680
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-30

كۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-7-2 00:01:39 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلبۇم يوللىغان ۋاقتى  2015-7-1 12:01
بۇ ھەقتە چۈشەنچەم بەكلا ئاجىزكەن، مۇمكىن بولسا بۇ ھەقت ...

تەكلىماكانغا  دۈملەنگەن  روھتا  چىقىدۇ  ،  خېلى   چۈشىنىشلىك !
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ كونا چاپىنى شاھنىڭ زەر تونى كەبىدۇر !

5

تېما

82

يازما

1782

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 640
يازما سانى:
82
تىللا:
680
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-30

كۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-7-2 00:05:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇيغۇرلار   مىلادىيە  840 -يىلى  ككچۈپ  كەلگەندىن  كىيىن    شىنجاڭدا  ئولتۇراقلاشقان  ....   دېگەندەك   گەپلەر  بىلەن   مىللىتىمىزنى  ئەجداتسىز  كۆرسىتىدىغانلار  بىر  كۆرسە  مۇشۇلارنى .  بىزگە   تارىخ   دەرسىدە   شۇنداقلا  سۆزلەپ  قويىدۇ .
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنىڭ كونا چاپىنى شاھنىڭ زەر تونى كەبىدۇر !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.160640 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش