ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئات كۆندۈرگەن خەلق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

مەركىزىي ئاسىيادىكى تۇنجى ئات كۆندۈرگەن خەلق




ھازىرغىچە ئاتنىڭ ئەڭ دەسلەپ قايسى قىتئە ۋە قايسى رايوندا پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلمىدى. بىراق ئاتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قولغا ئۆگتۈلگەنلىكى ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنىڭ مۇشۇ جايدا بارلىققا كەلگەنلىكىدىن خەلقئارادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملار ئانچە گۇمان قىلمايدۇ. ياپونيىلىك تارىخ پەنلەر ئالىمى مىشىما يوجى «يىپەك يولىدىكى 99 سىر» ناملىق ئەسرىدە:«ئوتتۇرا ئاسىيادا تەخمىنەن بۇنىڭدىن 6000- 8000 يىل بۇرۇن ئۆتكەن بوستانلىق ۋادىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار دەپ قارالغان بىر ئىز تېپىلدى. ئۇلار شۇ چاغدىن تارتىپلا ئائىلە ھايۋانلىرىنى بېقىشقا باشلىغان.... بوستانلىق ۋادىلاردىكى دېھقانلار ۋە كىچىك دائىرىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشى، ناھايىتى ئۇزاق بىر دەۋرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسا كېرەك. يەكۈن قىلىنىشىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10 مىڭ يىلنىڭ ئالدى- كەينىدە باشلانغان ئاتقا مىنىش تېخنىكىسى دېھقانلار بىلەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ خىل يۆنىلىشىگە زور ئۆزگىرىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ... كۆچمەنلەرنىڭ كەڭ دائىردە تەشكىللىنىشى مۇقەررەر يوسۇندا دۆلەت شەكىللىنىشىنىڭ شەرت- شارائىتىنى تەدرىجى ھازىرلىدى ... شۇنىڭ بىلەن قۇدرەتلىك كۆچمەنلەر گۇروھى تەدرىجى ھالدا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت تارىخىغا قەدەم قويدى...» دەپ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، يۇقىرىقى بايانلاردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇندىن 10 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئاتنى قولغا ئۆگىتىش ۋە ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە شۇ ئاساستا ئۆز دۆلىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، رەسمىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، ئات ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىدا تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىغانىدى. قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز ئاتنى قولغا ئۆگەتكەندىن كېيىن، ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئاتلارنى بىمالال باشقۇرالايدىغان بولغان (ئەمما بۇ ئارىلىقتا نەچچە مىڭ يىللار ئۆتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم). بۇ ئەھۋال چارۋىدارلارنىڭ بۇرۇنقى كىچىك دائىرىدىن بىردىنلا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولغان. چارۋىدارلار بۇرۇن 1000 تۇياق چارۋىنى ئاران باشقۇرغان بولسا، ئاتقا مىنىش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن نەچچە مىڭ تۇياق مال- چارۋىلارنى باشقۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ، تۇرنۇشىدا ئۇچقاندەك تېز ئىلگىرلەش بارلىققا كەلگەن. ئوت، سۇ ۋە يايلاقلارنى تالىشىشتا ھەر بىر كۆچمەن چارۋىچىلار گۇروھىنىڭ خالىغان جايلارغا قاراپ كېڭىيىش ئىمكانىيىتى پەيدا بولغان. يەنە بىرتەرەپتىن، ئاتتىن قاتناش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، قۇملۇق ۋە يايلاقلاردىكى تارقاق، كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ئارا بولغان ئۆز- ئارا ئالاقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بولۇپمۇ ئاتنىڭ ھەربىي ئىشلاردا ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئەسكەر كۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە بەلگىلەنگەن جايغا يېتىپ بېرىشى ۋە نەچچە ئون كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بىر كۈندىلا بېسىپ بولۇشى قۇدرەتلىك ئاتلىق كۆچمەنلەرنى كېڭىيىپ تېخىمۇ زور تېررىتورىيىگە ئىگە قىلغان. يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاتنى قولغا ئۆگەتكەن ھەم ئۇنى مىنىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلغۇچىلار ھونلار (بۇنىڭدىن 6000 يىل ئىلگىركى خۇنيۇ، گۈيفاڭ دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇن) لار بولۇپ، ئۇلار ئوقيا ئېتىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئاسىيا، ياۋروپا قىتئەسىدە خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە دەۋران سۈرگەن ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ئىمپېريىسىنى تىكلىگەن. سىماچىيەن يازغان (تارىخىي خاتىرىلەر. ھونلار ھەققىدە قىسسە) دە: «ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيدىن بۇرۇنقى 200 يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى خەنگاۋزۇ ھازىرقى ئىچكى موڭغۇليىگە تەۋە داتۇڭ شەھىرىنىڭ يېنىدا 400 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قورشاۋغا ئالغان، شەرقتىكى قورشاۋدا 100 مىڭ كۆك ئاتلىق، غەربتە 100 مىڭ ئاق بوز ئاتلىق، شىمالدا 100 مىڭ قارا ئاتلىق، جەنۇبتا 100 مىڭ قىزىل تۇرۇق ئاتلىق ئەسكىرى تۇرغان»، دېيىلگەن. ئەلۋەتتە تۆت خىل رەڭدىكى 400 مىڭ ئاتنى بىر نەچچە مىليون ئاتلارنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئېلىش مۇمكىن ئىدى. خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسىدە «غەربىي يۇرتتىكى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول، ھەممىسىنىڭ راۋاقلىق سېپىل- قەلئەلىرى، تېرىلغۇ يەرلىرى، چارۋا- ماللىرى بار. بولۇپمۇ ئاتلارنىڭ سانى ھەددى ھېسابسىز... ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھونلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرىدۇ...» دېيىلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن موڭغۇلىيە دالاسىغىچە بولغان بىپايان تاغ قاپتاللىرى ۋە يايلاقلاردا ئوتلايدىغان ئاتلارنىڭ سانى چەكسىز ئىدى. بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئۇيغۇرلار بېقىپ ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرگەن ئۇچقۇر ئاتلار قەدىم- قەدىم زامانلاردىن تارتىپلا مەشھۇر ئىدى. دۇلدۇل دەپ ئاتالغان ئۇچقۇر ھەم زور ئاتلار مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلغان. ئۇلار بۇ ئاتلارغا دۇلدۇل دەپ نام بەرگەنىدى. مىلادىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارلىقتا ئۇيغۇرلار باققان ئات ئېسىل نەسىللىك ئاتلاردىن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئېتى» دېگەن ئالاھىدە ئىسىم بىلەن مەشھۇر ئىدى. شۇڭا، ئۇيغۇر خاقانلىرى ھەر يىلى يۈز مىڭلاپ ئاتلارنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن ھەسسىلەپ پايدا ئالاتتى. «ئومۇمىي ئۆرنەكلەردىن رەتلەنگەن ۋەقەلەر». مىلادىيە 782- يىلى ئۇيغۇر خاقانى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى يۈەن شىيۇ غا غەزەپلىنىپ:«تاڭ سۇلالىسى ئاتلار ئۈچۈن ماڭا قەرىزدار، ئۇنىڭ باھاسى 800 مىڭ توپ تاۋار، ناھايىتى تېزدىن قەرىزنى قايتۇرسۇن» دەپ بۇيرىغان. تاڭ سۇلالىسى خانى دېزۇڭ 100 مىڭ توپ تاۋار، 100 مىڭ سەر ئالتۇن- كۆمۈش بىلەن بۇ قەرىزنى قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ئىش شۇ چاغدا تاڭ دۆلىتىنىڭ دۆلەت مالىيەسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپ دۆلەت خەزىنىسىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قىلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ دۆلەتنىڭ نامراتلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئومۇمەن قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا ئاتچىلىق ناھايىتى زور تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە گۈللەندۈرگەن.

http://www.nur.cn/news/2015/06/231181.shtml
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-29 18:05:43 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئۆمۈر تارىخىمدا بىر قېتىم ئات مىنىپ باققان.قورقۇپ تاس قالغان جېنىم چىققىلى ئات ماڭسا ،لىكىن بەك كۆڭۈللۈك بۇلىدىكەندۇق.

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-6-29 18:24:20 | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئات مىنەي دەيمەن يىنىغا بارسام قوقىمەن چىشلەمدىكى دەپ  كىيىنچە مەنمۇ ئات بىقىپ كۈندۈرىمەن ئىنشائاللا
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

11

تېما

462

يازما

2233

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 692
يازما سانى:
462
تىللا:
1670
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
244 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-15

جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-29 18:52:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئات مىنىشكە شۇنداق ھەۋەس قىلمەن ،   لىكىن قورقۇيمەن .    مەھەلەمدىكى ياشانغان بوۋايلار ئات مىنىپ ماڭسا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالمەن .
قەلبىمدە بار تەنھا بىر قەبرە ، ھايات بىرسى قىلىنغان دەپنە

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
5#
ۋاقتى: 2015-6-29 19:27:23 | ئايرىم كۆرۈش
ھەي ما بىز شەھەرلىكلەگە ئات مىنىش نىسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ

5

تېما

41

يازما

241

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 851
يازما سانى:
41
تىللا:
137
تۆھپە:
21
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
32 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-18
6#
ۋاقتى: 2015-6-29 19:28:57 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجدادلىرىمىز ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تىگىشلىك كۆپ ئىشلاردا تۇنجى خەلق ئىدى .
بۇرۇن ئائىلمىزدە ئات بار چاغدا مەنمۇ ھەم ئېتىزىلقلارغا بارغاچ ، ئېتىمزنى كۆلچەككە سۇغارغىلى ئاپارغاچمۇ مىنىۋالاتتىم ، ئەپسۇس بىر قانچە يىللار بوپ قاپتۇ ‹‹ تۈمۈر تەخەي›› مىندىغان بوپ كەتتىم .

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-6-30 04:30:26 | ئايرىم كۆرۈش
قىشتا بىزنىڭ يۇرتقا تەكلىپ قىلارسىلەر قېرىنداشلار، 110 ئايدىن باشلاپ 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ھەر چارشەنبە كۈنى ئوغلاق تارتىشىش ئېلىپ بېرىلىدۇ. دەھشەت قىزىيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ئوغلاقنى ئېلىپ قاچقان ئۆيدە مەشرەپ بولىدۇ، يەرلىك مەشرەپ بولسىمۇ خىلىلا قىزىيدۇ.

ئەجدادلىرىمىز تولىمۇ ئەقىللىق ئىكەنتۇق ئەينى ۋاقىتلاردا، ئات مېنىش تېخنىكىسىمۇ ئاسان ئۆگەنگىلى ۋە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان تېخنىكا ئەمەستە، چۈنكى ئەجدادلىرىمىز: ئات، بىر خۇيى يات. دەپ ئېيىتقان.

مۇناجاتكامنىڭ مۇشۇنداق تېمىلىرىنى كۈندە كۆرۈپ تۇرساممۇ زېرىكىپ قالمايمەن. سالامەت بولۇڭ ئاكا! داۋاملىق مۇشۇنداق ئېسىل تېمىلىرىڭىز مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرغاي!
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-6-30 16:42:06 | ئايرىم كۆرۈش
مەن   ئات  مىنىپ  باقمىغان  ،  نۇرغۇن  قىتىم  پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ   نۇمۇس قىلىپ  مىنىشكە  جۈرئەت قىلالمىغان  ئىدىم  .
تىمىڭىزغا  رەھمەت !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

1

تېما

43

يازما

142

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 843
يازما سانى:
43
تىللا:
99
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
13 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-21
9#
ۋاقتى: 2015-7-1 14:32:54 | ئايرىم كۆرۈش
ئات بەك ئەقىللىق ....
تەن ھەممىنىڭ،يۈرەك بىرنىڭ.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

10#
ۋاقتى: 2015-7-5 22:05:52 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلبۇم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-30 04:30
قىشتا بىزنىڭ يۇرتقا تەكلىپ قىلارسىلەر قېرىنداشلار، 110  ...

سىلىنىڭ يۇرىتقا بىز تەكلىپ قىلىمىزما بۇرادەر  ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.150104 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش