ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1019|ئىنكاس: 32
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

دىلخازان:سۆيگۈ رىۋايىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-22 19:50  


كەچمىگىن مەندىن


كۆزلىرىمنى قاچۇردۇم تىزلا،
كۆڭلۈڭ قانچە قالغاندۇ مەندىن.
قول سېپ باقتىم يۈرەگىڭگە يار،
كەچۈر تېخى كەچمىدىم سەندىن.

شوخلۇق قىلىپ يۈرسەممۇ گەرچە،
يىراق ئەمەس تۈنلىرىم غەمدىن.
قەستەن قېچىپ يۈردۈم ئازاپتا،
ھېچبىر جاۋاپ ئالالماي سەندىن.

ئاغرىنغان بوپ ئۆتتۈم پەرۋاسىز،
چۈنكى ئۈمىد كۈتكەچكە سەندىن.
بىر ساڭىلا تەشنادۇر يۈرەك ،
كەچۈر جېنىم كەچمىگىن مەندىن.

2010--يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئېسىڭدىمۇ كەچكۈز ئاخشىمى

ئېسىڭدىمۇ كەچكۈز ئاخشىمى،
ساڭا قاراپ كۈلگەن ئاشۇ قىز.
يۇپۇرماقنىڭ تىۋىشلىرىدەك،
يۈرەكلىرى سالغان سىزىمسز.

ئېسىڭدىمۇ كەچكۈز ئاخشىمى،
ئۇنىڭ بىلەن ئاينى كۆرگىنىڭ.
يۇلتۇزلارغا بىلدۈرۈپ تىلەك،
تەشۋىش بىلەن سىرلىق كۈلگىنىڭ.

ئېسىڭدىمۇ كەچكۈز ئاخشىمى،
ئۇ قەلبىڭدىن تاپقان ھارارەت .
يۇلتۇزلارنىڭ كۆكتىن ساقىشى ،
قىسمەتلەردىن بەرگەن بىشارەت.

ئېسىڭدىمۇ كەچكۈز ئاخشىمى،
ئۇ مۇڭلىنىپ ساڭا سىر تۆككەن.
سەن كۆڭلۈڭدە ۋىدارلاشماققا،
يۇشۇرۇنلا نىيەتلەر پۈككەن.


2010-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى

       ئەلۋىدا دىمە

بۇلار ھەر چاغ كۆڭلۈم پەرىشان،
بىز ئايرىلار كۈننى ئويلىسام.
نە پىنھاندا كۈلەرسەن جېنىم،
مەن قىيالماي زار-زار يىغلىسام.

بەلكىم خۇشال كۈلۈپ ماڭارسەن،
ئەقىدىسىز تىلەك ئالارسەن.
ئاھ ،مىنىڭدەك دەرتمەننى تاشلاپ،
كىملەر بىلەن قايان بارارسەن.

بوپتۇ مىنى سۆيمىسەڭ مەيلى،
كۈندە كۈرۈپ تۇرسام مەيلىدى.
ئاھ، كىم ئۈچۈن ئوت بوپ يانارسەن،
سىنى مەندەك سۆيسە مەيلىدى.

خوش دىمەيمۇ ماڭارسەن بەلكىم،
بىر رەت كۈلۈپ باقساڭ مەيلىدى.
بارسا كەلمەس ئاشۇ يوللاردىن،
ئۆز بەختىڭنى تاپساڭ مەيلىدى.


  ئايرىلغاندا بۈگۈن سىنىڭدىن

ئايرىلىپ سىنىڭدىن يىغلىسام بۈگۈن،
يۇلتۇزمۇ بەرمىدى ھېچبىر تەسەللى.
تۇلۇنئاي ئەركىلەپ يۈرەتتى بىر چاغ،
ئاھ بۇ پەيت تۈندىكى شوخ سابا قېنى.

بۇرۇنقى كەپسىزلىك ،شوخلۇقۇم بۈگۈن .
يىغلاڭغۇ شىئىرغا بولدى مۇپتىلا.
كاككۇكمۇ ئاغرىنىپ قالغاندەك مەندىن،
يۇلتۇزدىن كۈزۈمنى ئۈزدۈم شۇندىلا.

ئالبۇمدا بىر تاتلىق ئۇخلايدۇ كۈلكە،
كەچمىشلەر چولپاندەك نۇرلىنىپ گويا.
ئايدىڭدا بىخلىنىپ سانسىز توتقۇلاق،
ئۆتمۈشكە ئېچىنىپ تىلىدى دۇئا.

ئۇپۇقمۇ تارتىشىپ قالغاندەك ساڭا،
ھەسەن ۋە ھۈسەننى ئايرىدى يىراق.
سەن ماڭغان يوللارغا تۈكۈلەر ئۈنسىز،
مۇڭلىنىپ ھەسرەتتە سارغايغان ياپراق.

نى يىللار ئۈتۈپتۇ دەككە دۈككىدە،
ماڭىمۇ ياتسىراپ، ساڭا مەنىسىز.
خوش دىمەي پەرۋاسىز كەتكەنسەن قايان،
كەلسەڭتى قايتا رەت شۇنداق شەپىسىز.




خازان پەسلى


ئالتۇن رەڭ كۈز ئاقار سەل بۇلۇپ،
ھالسىرىغان ئويچان تىلەكتە.
تەشۋىشلىنىپ ياتار بىر قەبرە،
مۇڭغا تولغان كۈلرەڭ يۈرەكتە.

ئۇ قەبرىنىڭ ئېچىدە سەن بار،
باھارىمنى جۇتتا قۇرۇتقان.
مەۋجۇتلۇقۇڭ شۇندىمۇ سىنىڭ،
زۇلمەتلەردە دىلىم يۇرۇتقان.

ئۇنتۇلمايدۇ بەخىت قوينىغا،
ھىجرانىمدا مەغرۇر ئاققىنىڭ.
ئۇنتۇلمىدى شۇندىمۇ تۈندە،
كۆزلۈرۈڭنى نۇر دەپ باققىنىڭ.

قىسمەتلەرگە شاھىت بىر يۈرەك،
بەرمەك بۇلار پۈتمىشگە راي.
ئاغرىنىشتىن خالىي بىر سۆيگۈ،
كۈتەر سىنى شۇندىمۇ تالاي.


     2013-يىلى11-ئاي           چېڭدۇ.


سۆيگۈ رىۋايىتى     

تەمتىرەيدۇ سۈكۈتتە گۇگۇم،
ئىزىڭ يوق بۇ قايناق شەھەردە.
تۇمان باسقان كېچە باغرىدىن،
ئاي مارايدۇ سۇغۇق نەزەردە.

يۇلتۇز ساقىپ ئۆچكەن كېچىلەر،
كۆز ياشلىرىم يازىدۇ سىنى.
دىدارىڭسىز سۇزۇلغان تاڭلار،
دەيدۇ سوتلاپ:نىگارىڭ قېنى؟.

تۈن باغرىدىن سۇغۇرلۇپ قەلبىم،
ئۆتمۈشلەرگە بۇلىدۇ سۈرگۈن.
داستان كەبى كىرپىكلىرىڭدە،
مەنمۇ بىر چاغ ئاقاتتىم ئەركىن.

دىدارىڭغا ئەسىر خىياللار ،
سىزىپ چىقار سەندىن زىلالنى.
ئاق تۇلپارغا مېنىپ كېچىلەر،
سەن كىلەتتىڭ باشلاپ ھىلالنى.

بال تامچىغان تىنىقلىرىڭدىن،
يېزىلاتتى تۈگىمەس ناخشا.
قىسسە كەبى ئوقچۇغان چىھرىڭ،
ئۇيىلاتتى چولپانمۇ باقسا.

ساداقەتنىڭ سىرلىق خەزنىدىن،
بايلىق قازماق ئىدى ئارمىنىڭ.
پۈتمەي تۇرۇپ مىڭ بىر كېچىلەر،
يولدىن ئېزىپ قاپتۇ كارۋىنىڭ.

ئەقىدەڭنىڭ سۇنۇپ قاناتى،
سەن كېتىپسەن كەلمەسكە ئەپسۇس.
كەتكەن بىلەن جاننىڭ بەھرىدىن،
سەن قەلبىمگە بوپ قاپسەن مەھبۇس.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ9-كۈنى   چېڭدۇ.


---دىلخازان
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

1

تېما

36

يازما

184

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 829
يازما سانى:
36
تىللا:
146
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
30 سائەت
ئاخىرقى:
2015-11-22
دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-22 13:55:26 | ئايرىم كۆرۈش
سىز شېئىرنى بەك ياخشى يازىدىكەنسىز ،شېئىرلىرىڭىز ماڭا بەك ياقتى ،قولىڭىز غا   دەرت كەلمىسۇن ،

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-22 13:56:36 | ئايرىم كۆرۈش
ئوغلان يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 13:55
سىز شېئىرنى بەك ياخشى يازىدىكەنسىز ،شېئىرلىرىڭىز ماڭا ...

ياقتۇرغىنىڭزغا رەھمەت ،بۇرۇن يازغان شىئىرلىرىمكەن ،ئاسار؛ئەتىقە بوپ كىتەي دەپ قاپتۇ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.

10

تېما

68

يازما

326

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 631
يازما سانى:
68
تىللا:
258
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
27 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-3
يەر
ۋاقتى: 2015-6-22 14:01:06 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ،ياقتۇرۇپ ئوقۇۋالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،ھازىرقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن!

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-22 14:12:41 | ئايرىم كۆرۈش
خەندانى يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 14:01
ياخشى چىقىپتۇ،ياقتۇرۇپ ئوقۇۋالدىم.

رەھمەت :
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-6-22 15:36:59 | ئايرىم كۆرۈش
سىزدىن سوراپ باقسام قېرىندىشىم، مەزكۇر شېئىرلىرىڭىزنى بىرەر مەتبۇئاتقا بەردىڭىزمۇ؟ بەرمىگەن بولسىڭىز مەنچە مەتبۇئاتلارغا بەرگۈدەك شېئىرلاركەن. بەك ئېسىل شېئرلاركەن . ئەمىسە ساقلىۋالدىم.
ئەلبۇمدا بىر تاتلىق ئۇخلايدۇ كۈلكە...
ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، داۋاملىق مۇشۇنداق ئاسارە ئەتىقىلەرنى ئەكىلىپ تۇرغايسىز.

بۇ شېئىر مۇنبىرىمىزدىكى نادىر تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالسا بولغۇدەك دەپ قالدىم .

باھا سۆز

دۇرۇس  ۋاقتى: 2015-6-26 05:51
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

12

تېما

105

يازما

1002

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 502
يازما سانى:
105
تىللا:
892
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
93 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

جانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-22 15:48:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئەلبۇم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 15:36
سىزدىن سوراپ باقسام قېرىندىشىم، مەزكۇر شېئىرلىرىڭىزن ...

ياقتۇرغىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم ،رەھمەت.نىمىشقىكىن ئادەتتە  مەتبۇئاتلارغا ئەزەلدىن ئەسەر ئەۋەتمەيمەن، بەك ھۇرۇن بولسام كېرەك.
قۇياش ھامان كۈتۈرۈلىدۇ.

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-6-22 17:50:16 | ئايرىم كۆرۈش
دىلخازا يوللىغان ۋاقتى  2015-6-22 15:48
ياقتۇرغىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم ،رەھمەت.نىمىشقىكىن ئ ...

ئۇنداق بولسا ئون پارچە شېئىر تەييارلاپ بېرىڭ، مەن مەتبۇئاتقا ئەۋەتىش ئىشىڭىزغا ياردەم قىلاي. سىزچە قانداق؟
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-6-22 18:47:02 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ئېسىل شېئىرلاركەن ياقتۇردۇم قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!!
ئەلبۇم دېگەندەك مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتسىڭىز بولغىدەك
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-6-22 19:39:40 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-6-22 21:29  

شېئىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي .
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:51 , Processed in 0.163790 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش