ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 760|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

37-پولىك ئونسۇغا كەلگەندە (ئەسلىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

                                                                37-پولىك ئونسۇغا كەلگەندە
                                                                         ئەسلىمە
       شىنجاڭ تېنچ يول بىلەن ئازات بولۇشنىڭ ئالدى-كەينىدە، جەنۇپقا يۈرۈش قىلغان ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئارمىيىسىنىڭ تەڭرى تېغىدىكى مۇزات داۋىنىدىن ئۆتۈپ ئونسۇغا كەلگەنلىكى، ئونسۇدىكى مىڭلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىققا بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققانلىقى ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بۇ ئىشلارنى ئەسلەشتىن ئاۋال، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھەمدە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.
      شىنخەي ئىنقىلابىدا جوڭگوغا 300 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، شىمالىي مىللىتارىستلار ھاكىمىيىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، مىللىتارىست ياڭ زېڭشىن شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ كەينىدىن جىن شۇرېن، جىن شۇرېننىڭ كەينىدىن شىڭ شىسەي تاكى 1942-يىلى گومىنداڭ شىنجاڭغا كىرگەنگە قەدەر شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان-تەرىنى شوراپ كەلگەن. 1942-يىلى شىڭ شىسەينىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى گومىنداڭ ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ ئۈستىدىكى تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تېخىمۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغان. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، 1945-يىلى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى كۆتىرىلگەن، مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان.
      بوزقىر مۇنبىرىگە بېرىلگەن «مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى ۋە تەشكىللىنىش ئەھۋالى» ناملىق ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ دەسلىپىدە ئىلىنىڭ نىلقا ناھىيىسىدە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى پارتىزانلىق ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن. 1944-يىلى نىلقا پارتىزانلىرى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ ناھىيە بازىرىنى ئازات قىلغان. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى قاتتىق ساراسىمگە چۈشۈپ، غولجا ۋە ئۈرۈمچىدىن 3000 دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ نىلقىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان. نىلقا پارتىزانلىرى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، غولجىدا ئەسكەر قالمىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نىلقىدىن چېكىنىپ چىقىپ غولجىغا يۈرۈش قىلغان ھەمدە ئابدۇكىرىم ئابباسۇفنىڭ رەھبەرلىكىدە 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، غولجا شەھرىدىكى ھەرەمباغ ۋە لاڭشياڭ ئايرۇدۇرۇمىدىن باشقا جايلارنى تولۇق ئازات قىلغان، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەرەمباغنى ئىشغال قىلغان. ئالتايدىكى گومىنداڭغا قارشى پارتىزانلار ھەرىكىتى دەلىلىقان سۈگۈربايۇفنىڭ رەھبەرلىكىدە تېز راۋاجلىنىپ، ئالتاينىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەپ بولغان. تاشقورغاندىمۇ ئىسھاقبېك مونۇلۇف رەھبەرلىكىدىكى پارتىزانلىق ھەرىكىتى كۆتىرىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قاتتىق تەھدىت سالغان ھەمدە سابىق سۇۋىت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئارقىلىق غولجىغا كىلىپ، غولجىدىكى پارتىزانلار ھەرىكىتىگە قوشۇلغان. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ھەر قايسى جايلاردىكى پارتىزانلار ئەترەتلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسى رەسمى قۇرۇلغان، ھەربى فورما، پاگون، كاكار،بايراق، مىدال، ئوردېن قاتارلىقلار بېكىتىلگەن. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ بۇ چاغدىكى ئومۇمى ئەسكىرى كۈچى 15000 دىن ئاشقان. 1945-يىلى 9-ئايدا ئالتايغا يۈرۈش قىلغان مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى گومىنداڭنىڭ 1000 دىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، شىمالى سەپتە زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن؛ مىللىي ئارمىيىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلغان قىسىملىرى جىڭ، شىخولارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 150 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسى بۇيىغا قىستاپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىغا قاتتىق تەھدىت سالغان؛ پولكوۋنىك سۇپاخۇن سۇۋۇرۇف باشچىلىقىدىكى جەنۇپقا يۈرۈش قىلغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇزات داۋىنىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇنىڭ يېرىمىنى ئىگەللىگەن ۋە گومىنداڭ قىسىملىرىنى ئاقسۇ سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋېلىپ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئالغان. 1945-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1946-يىلى 4-ئايدا شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تېنچلىق بېتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭ قىسقا مۇددەتلىك تېنچلىقنى كۈتىۋالغان. بۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئومۇمى ئەسكىرى كۈچى 30 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، جەمئىي 17 پولىك، ئىككى مۇستەقىل دىۋىزىيە ۋە بەش بېرىگادىدىن تەركىب تاپقان.
        1945-يىلى 8-ئايدا ياپونغا قارشى ئورۇش غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى گومىنداڭ-كومپارتىيە ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ،  بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى رەت قىلىپ، كومپارتىيەنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىچكىي ئورۇش قوزغىدى. گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىشى ئارقىسىدا مىدىر-سىدىر قىلالماي، غەربى شىمال رايونىدىكى ئىچكىي ئورۇش سەپلىرىدە كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولىۋاتقان  گومىنداڭ قىسىملىرىغا ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتىشكە ئامالسىز قالدى. بۇنىڭ بىلەن جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى غەربى شىمالدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئۈزلۈكسىز تار-مار قىلىپ، غەربكە قاراپ تېز ئىلگىرىلەپ،شىنجاڭغا قىستاپ كىلىشكە باشلىدى. شەرق تەرەپتىن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ قىستاپ كېلىشى، غەرب تەرەپتىن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، 1949-يىلى شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ باش قۇماندانى تاۋ سىيۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى گومىنداڭ قىسىملىرىغا ھەقىقەتكە قايتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ تېنچ يول بىلەن ئازات قىلىندى. مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جوڭگو ئىنقىلابىغا قوشقان ئاجايىپ ئۇلۇغ تۆھپىسى ئىدى. 1949-يىلى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرىدىن ئەھمەتجان قاسىمى، ئابدۇكىرىم ئابباسۇف، دەلىلىقان سۈگۈربايۇف، ئىسھاقبېك مونۇلۇف، لۇجژ قاتارلىق بەش كىشى 1-قېتىملىق جوڭگو خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئايرۇپىلان بىلەن سابىق سۇۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق بېيجىڭگە ماڭغاندا، يول ئۈستىدە ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى. رەئىس ماۋزېدوڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە تەزىيە تېلىگراممىسى يوللاپ،  «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جوڭگو يېڭى دىمۇكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دەپ يوقىرى باھا بەرگەن ئىدى.
       ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى ھەققىدىكى قىسقىچە توختىلىشىم مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئەسلىمىسىگە كىلەي:
     بىز ئەسلى ئۇچتۇرپاندىن بولۇپ، ئازاتلىق ئەرپىسىدە دادام ئاقسۇ كوناىشەھەر(ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسىدىن بىر خىزمەت تاپقان ئىكەن. ئوزاق ئۆتمەي بىزمۇ ئۇچتۇرپاندىن ھارۋا بىلەن ئونسۇ ناھىيىسىگە كۆچۈپ كەلدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى بولمىغاچقا، باي سىجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشىنىڭ خېلى ياسىداق بالىخانىلىق قوروسىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇق. بىز ئولتۇرۇۋاتقان بۇ قورو دۆڭرەك بىر جايدا بولۇپ، دەرۋازا ئالدىدىكى يولنىڭ نېرىقى تەرىپى پەسرەك ئىدى. دەرۋازىدىن چىقساقلا بۇ يەردە سېرىق كىيىم كەيگەن ئەسكەرلەرنىڭ يۈرگەنلىكىنى كۆرەتتۇق. كېيىن بىلسەم، بۇ ئەينى چاغدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ  ئونسۇ ناھىيىسىدىكى بىر گازارمىسى ئىكەن. بىر كۈنى ئاپام كىر يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن كەچتە كىيىملەرنى تاختا شۇتا ئارقىلىق ئۆگزىگە ئەچىقىپ ئاغامچىغا يېيىيپ قويغان ئىكەن، ئەتىسى ئەتىگەندە قارىسا يېيىپ قويغان كىيىملەرنىڭ بىرسىمۇ يوق، شۇ چاغدا چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى كېچىدە ئۆينىڭ سىرتىدىن ئۆگزىگە چىقىپ يۇيۇلغان كىيىملەرنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ، دىگەن گەپلەرنىڭ بۇلۇنغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
       بەلكىم 1949-ياكى 1950-يىلى بولسا كېرەك، «ئىلى ئەسكەرلىرى كېلىدىكەن» دىگەن گەپ بىلەن ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى مىڭلىغان ئادەم توپ-توپ بۇلۇشۇپ يار ئۈستىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى، مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ چوڭلارغا ئەگىشىپ ماڭدۇق. يار تۈۋىگە بارغاندا «قوشقار پاتماس» دەپ ئاتىلىدىغان تار بىر يول بىلەن يوقىرىغا ئۆرلەپ يار ئۈستىگە چىقتۇق. يار ئۈستى قەبرىستانلىق بولۇپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە نۇرغۇن قەبرىلەر بار ئىدى. قەبرىستانلىقتىن ئۆتۈپ نېرىدىكى قاقاس سايلىققا كەلگەندە كىشىلەر توختاپ «ئىلى ئەسكەرلىرى» (ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى. (بۇ يەردە بىر ئاددىي تاشيول بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى تەرەپتىن جەنۇپقا كېلىدىغان قاتناش ۋاستىلىرى مۇشۇ تاشيول بىلەن ئاۋال ئونسۇغا كېلىپ، ئاندىن ئاقسۇ ئارقىلىق قەشقەر تەرەپكە ئۆتىدىكەنتۇق). كىشىلەر تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە يىراققا كۆز تىككەن پېتى تەلمۈرۈپ تۇرۇشاتتى. بىر ھازادىن كېيىن، يىراقتىن ئاتلىقلارنىڭ قارىسى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ساقلاپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەر توپى بىردىنلا جانلىنىپ كېتىشتى، «ئەنە كەلدى»، «ئەنە كېلىۋاتىدۇ!» دىگەندەك ئاۋازلار كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇراتتى. ئاتلىقلار بارغانسىرى يېقىنلاشتى، مىللىي ئارمىيىنىڭ بىر ئاتلىق قوشۇنى يىراقتىنلا «ھۇررا...ھۇررا...ھۇررا!» دەپ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ توۋلىغان پېتى يىتىپ كەلدى. ئۇلار ھەر ئۈچ ئاتلىق بىر قاتار بولۇپ ناھايتى رەتلىك كېلىۋاتاتتى، جەڭچىلەرنىڭ ئۇچىسىدا پاختىلىق شىرىق چاپان-شىم، بېشىدا ھەربى قۇلاقچىسى بار ئىدى، قوراللىرىنى ئۆشنىسىگە ئېسىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قىشلىق كىيىم كېيىۋالغىنىغا قارىغاندا بۇ بەلكىم باش ئەتىياز مەزگىلى بولسا كېرەك. جەڭچىلەرنىڭ ئارىسىدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمۇ بار ئوخشايدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ساق-سالامەت كەلگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەر خوشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلىشاتتى. ئاتلىق جەڭچىلەر ناھايتى كۆپ ئىدى، ئۇلار پۈتۈنلەي ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئاندىن يار ئاستىغا قاراپ يېنىپ مېڭىشتى.جەڭچىلەر ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبى چېتىدىكى يار تۈۋىدە ئاقسۇغا چىقىدىغان تاشيول ياقىسىدىكى بىر جايغا ئورۇنلاشقان ئىكەن، چوڭلار بۇ جاينى «37-پولىك» دەپ ئاتايتتى، كېيىن بىلدىمكى، ئونسۇغا كىرگەن بۇ قوشۇن ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 37-پولكى ئىكەن.
      ئېسىمدە قېلىشىچە، ئونسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇغا چىقىدىغان يول بۇيىدا ئاددىيغىنە بىر مەكتەپ بولىدىغان، چوڭلار بۇ مەكتەپنى «قۇرۇل مەكتەپ» دەپ ئاتىشاتتى. بىر كۈنى بىز چوڭلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئەشۇ مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى بىر تۈزلەڭ جايغا كەلدۇق. قارىساق بۇ يەردە نۇرغۇن ئەسكەرلەر قوراللىرىنى تۇتقان ھالدا ئۇ تەرەپتە بىر توپ، بۇ تەرەپتە بىر توپ بۇلۇشۇپ يەردە رەتلىك ئولتۇرۇشقان ئىكەن. بىر باشلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ خەنزۇچە بىر نىمىلەرنى دەپ سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ. ئەتراپىمىزدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان چوڭلار ئولتۇرغان ئەسكەرلەرنى قوللىرى بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ «ئەنە ئاۋۇ يەردە ئولتۇرغانلار گوڭچەنداڭ، ئاۋۇ تەرەپتە ئولتۇرغانلار گومىنداڭ، ما تەرەپتە ئولتۇرغانلار 37-پولىك» دىيىشىۋاتاتتى. باشلىق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، 37-پولىكنىڭ جەڭچىلىرى ئات ئۇيۇنى ماھارىتى كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى چاغدا ئونسۇدا ھەقىقەتكە قايتقان گومىنداڭ قىسىملىرى، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 37-پولكى ۋە كېيىن يىتىپ كەلگەن خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى قىسىملىرى بار بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل ئارمىيە قىسىملىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ دوستلۇق يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. يىغىلىشتىن كىيىن ھەممەيلەن تارقىلىپ كېتىشتى. ئوزاق ئۆتمەي بىز ئولتۇرغان قورونىڭ ئۇدۇلىدىكى گومىنداڭ گازارمىسىنىڭ ئەسكەرلىرى كۆرۈنمەيدىغان بولدى، ئۇلار نەگىدۇر كېتىشكەن ئىدى.
     ئۇ چاغدا ئونسۇ ناھىيە بازىرىدىكى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قاتار-قاتار كىچىك دوكانلار بار ئىدى. بىر كۈنى مەھەللىمىزدىكى بىر نەچچە بالا كوچىغا ئوينىغىلى چىقىپ، بىر تۆمۈرچىلىك دوكىنىدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تۆمۈرچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قىزىققان ھالدا دوكاننىڭ ئالدىدا بىردەم قاراپ تۇردۇق. «ئىلى ئەسكەرلىرىمۇ تۆمۈرچى بۇلىدىكىنە!» دىدى ئارىمىزدىكى بىر بالا ھەيرانلىق بىلەن. «ھەئە، بىز ھەممىنى قىلالايمىز» دىدى بولقا بىلەن بىر پارچە تۆمۈرنى سوقىۋاتقان جەڭچى بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.
       ئونسۇ ناھىيە بازىرىدا بىر خانىقا بولۇپ، ھېيت كۈنى سەھەردىلا كىشىلەر توپ-توپ بۇلۇشۇپ ئەشۇ خانىقاغا كېلىپ ھېيت نامىزى ئۆتىشەتتى. بىر كۈنى بىر نەچچە بالا ئوينىغان پېتى مۇشۇ خانىقانىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتىمىز. بىردەمدىن كېيىن ئالاھەزەل بىرەر يۈزدەك مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى رەتلىك تىزىلغان ھالدا خانىقاغا كەلدى، سەپنىڭ ئالدىدا ئۇچىسىغا ھەربى كىيىم كىيىپ بېشىغا سەللا يۆگىۋالغان بىر كىشى بار ئىدى. (كىيىن بىلسەم، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىر روتىسىدا دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل بىر مۇئاۋېن روتا كوماندىرى، يەنى ھەربى ئىمام بولغانىكەن). جۈمە نامىزىغا كەلگەن جەڭچىلەر خانىقاغا كىرىپ، قوراللىرىنى خانىقا ھويلىسىنىڭ بىر بۈرجىكىگە تىكلەپ قويۇپ، سۇپىغا چىقىپ ناماز ئوقۇدى، ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە قوراللىرىنى ئېلىپ رەتلىك تىزىلغان پېتى كەلگەن يولى بىلەن تۇرالغۇسىغا قايتىشتى. بىز شۇنىڭغىچە خانىقانىڭ ئالدىدا قاراپ تۇردۇق.
     مانا بۇلار مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا كۆرگەنلىرىمدىن ئېسىمدە قالغان ئىشلار. كېيىن ئونسۇغا جايلاشقان 37-پولىك قەشقەر تەرەپكە يۆتكىلىپ كەتكەن بولسا كېرەك، 1958-يىلدىكى پولات-تۆمۈر تاۋلاش ھەرىكىتىدە 37-پولىك تۇرغان جايدا بىر يەرلىك پولات زاۋۇتى قۇرۇلغان ئىكەن، شۇنداقتىمۇ «37-پولىك» دىگەن بۇ نام ئوزاققىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان ئىدى.
                2014-يىلى 10-ئايدا، مەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئىكىسكۇرسىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، يېزا ئىگىلىك 1-دىۋىزىيىسىنىڭ ئارال شەھرىدە قۇرۇلغان جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 359-بىرىگادىسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدىم. خاتىرە سارايغا شىنجاڭنىڭ تېنچلىق بىلەن ئازات قىلىنغانلىقى ۋە 359-بىرىگادىنىڭ ھەربىي قوشۇندىن ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنىغا ئايلىنىپ، تارىم چۆللۈكىدە جاپالىق كۈرەش قىلىپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەنلىكىگە دائىر نۇرغۇن تارىخىي سۈرەتلەر قويۇلغان ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە سۈرەت مىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. بۇ سۈرەتتە مىللىي ئارمىيە ئاتلىق قىسىملىرىدىكى ئىككى نەپەر جەڭچىنىڭ ھەربىيلەرگە خاس جەڭگىۋار سىماسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ تېنچلىق بىلەن ئازات قىلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى. مەن بۇ سۈرەتنى فوتو ئاپپاراتىمغا چۈشۈرۈۋالدىم ۋە مۇشۇ تىمامنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچە قىلدىم.
      شىنجاڭ تېنچلىق بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى جوڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1962-يىلىدىكى جوڭگو-ھىندىستان چېگرا ئورۇشىدا 5-كورپۇس جەڭچىلىرى ھۇررا توۋلاپ ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىز چېگرىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھىندىستان قوشۇنلىرىنى تىرىپىرەن قىلىۋەتكەن. كۈرەش قەھرىمانى ئىسمايىل مەممەت ئەشۇ جەڭدە سەپداشلىرىنى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان. 70-يىللارغا كەلگەندە، 5-كورپۇس پەي، بەنلەر بۇيىچە ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن ئىكەن. گەرچە ھازىر 5-كورپۇس ئەمەلىي مەۋجۇتلۇقىدىن قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جوڭگو يېڭى دىمۇكراتىك ئىنقىلابىغا، ۋەتەننى قوغداش كۆرىشىگە قوشقان تۆھپىسى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
                                                               مەنبە: ئۆز قەلىمىم


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-6-13 21:16:49 | ئايرىم كۆرۈش
قەلىمىڭىز   تېخىمۇ  بەرىكەتلىك  بولغۇسى ، تىمىڭىزغا  تەشەككۈر .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-6-14 00:01:24 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تىما  نادىر....

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-6-14 07:58:01 | ئايرىم كۆرۈش
ھايات  قامۇس ھە ئاكا  سىز،شۇ تاپتا ھاياجان ئىلكىدە نىمە دىيىشىمنىمۇ بىلمىدىم.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

5#
ۋاقتى: 2015-6-14 10:33:21 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىكىن
مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-6-15 22:56:32 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇستازنىڭ   ئۆز  بىشىدىن  كەچۈرگەن ياكى ئۆزى شاھىت بولغان  ۋەقەلەرنى  ئوقۇپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم  .
ئەسلىدە  باي  شىجاڭنىڭ  ئۆيىدە  ئولتۇتۇپتىكەنسىلەر  - دە  .
باي شىجاڭ  توغرۇلۇق  سوپاخۇن  سۇۋۇرۇف  يازغان  «مەن كەچكەن  كىچىكلەر» ناملىق رومان  ۋە  شىرىپ خۇشتارنىڭ  « يىقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر  شەخسلەر » ناملىق رومانلاردا  ئاز - تولا بىلىمگە  ئىگە  بولغان ئىدىم  .  
سىزنى  تىرىك  قامۇس  دىسىمۇ  بولغۇدەك  ئۇستاز  ،  مۈمكىن بولسا  ئۆز  بىشىڭىزدىن كەچۈرگەنلىرىڭىزدىن  ئەسلىمە قالدۇرغان  بولسىڭىز  ...
ئاخىرىدا   سىزگە  ئۇزۇن ئۆمۈر  تىلەيمەن  !
توغراق يىشىدا ياشاڭ  ئۇستاز  !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

111

تېما

262

يازما

3085

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 340
يازما سانى:
262
تىللا:
2429
تۆھپە:
132
جەۋھەر يازما:
4
توردا:
199 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-21

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-6-15 23:56:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئاتىكەم يوللىغان ۋاقتى  2015-6-15 22:56
ئۇستازنىڭ   ئۆز  بىشىدىن  كەچۈرگەن ياكى ئۆزى شاھىت بولغ ...

    ئەينى چاغدا ئونسۇدا بىز ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئىگىسىنى كىشىلەر باي سىجاڭ دەپ ئاتايتتى، لېكىن مەن ئۇ كىشىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، بۇ قورونى بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال باشقۇراتتى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بۇ ئايالنى ئالاھىدە ئىززەت-ئىكرام بىلەن " تۇخېنىم" دەپ ئاتايتتى.
   ماڭا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت، تىلىگىنىڭىز كەلسۇن.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

8#
ۋاقتى: 2015-6-17 01:40:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ، ئالدىراشچىلىقىم تۈپەيلى مەزكۇر تىمىغا لايىقىدا ئىنكاس يازالماي قالدىم ، مۇنبىرىمىزدە تارىخى تىمىلارغا ئىنكاس يازىدىغان ، چۈشىنەلەيدىغانلارنىڭ بىر قەدەر ئازلىقى بىلەن سىزنىڭ ئىسىل تىمىلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن . تارىخى تىمىلار قاتارىغا قارىساق بىزنىڭ مۇنبەرنىڭمۇ تارىخى تىمىلىرى خىلى مولكەن ، بىلىملەر خەزىنىسىگە ئايلىنىپ كىتىپتۇ . ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن ، ئامان بولۇڭ .

3

تېما

52

يازما

142

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 753
يازما سانى:
52
تىللا:
90
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
9 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-20
9#
ۋاقتى: 2015-6-21 15:45:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ سەترىلەرنى ئۇقۇپ  قەلبىم لەزىزلەندى رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

5

تېما

41

يازما

241

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 851
يازما سانى:
41
تىللا:
137
تۆھپە:
21
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
32 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-18
10#
ۋاقتى: 2015-6-26 15:00:48 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئۇيغارى ئاكا ، قەلبىمنى ھەم  چەكسىز ھاياجان ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا ھەم ئىپادىلگۈسىز ئازاپلىق ئىزتىراپقا چۆمدۈردىغان بۇ تارىخنىڭ ئۆز بېشىڭىزدىن ھەقىقى ئۆتكۈزگەن كىچىكىنە  بىر كارتىنىسىنى بولسىمۇ قەلمىڭىز ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگىنڭىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم .
بارلىق ئۆز تارىخىنى بىلىشقا قىزقىدىغان ھەم ئۆز تارىخىنى بىلىشنى ئۆزىنىڭ بىر بۇرچى دەپ قارايدىغان مۇنبەرداشلار نامىدىن سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ئاخىرىدا يەنە مۇشۇنداق بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن تارخى ۋەقەلەر بولسا ، بىزدىن ئايىماي بىزلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلمەن !
  بىر گەپنى تۆۋەنچىلىك بىلەن قىستۇرۇپ قويسام ، يازمىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئازراق خاتالىق مەۋجۇتكەن ، يەنى نىلقا پارتىزانلىرىنىڭ غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلغان ۋاقتى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەمەس بەلكى 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى . مۇشۇنى تۇزتىۋالساق بولىدۇ . تارخى تېما بولغاچقا ئاتىكاۋچىلىق قىلىپ قويدۇم ، ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز !!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +10 بايلىق +10 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
تىلسىم + 10 + 10 + 10 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:05 , Processed in 0.154794 second(s), 38 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش