سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا
جېنىم چىقىپ كىتەرمۇ شۇتاپ،
سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا.
بىر ئىزلاردا قالارمۇ توختاپ،
ئېىقىۋاتقان سۇلار دەريادا.
كۆزلىرىڭگە قاراپ ئولتۇروپ،
كۆرەرمەنمۇ سۆيگۈ ئىزىنى.
شۇدەقىقە ھەممىنى ئۇنتۇپ ،
سۈرەرمەنمۇ ھايات پەيزىنى.
جېنىم چىقىپ كىتەرمۇ شۇتاپ،
سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا.
ھەم ئايلىنىپ كىتەرمەنمۇ مەن،
چىن سۆيگۈدىن پۈتكەن مومياغا .
مەنبە : شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق5-ساندىن ئېلىندى.
سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا
كۈكخان (ئادىل تۇنىيازنىڭ «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا»ناملىق شېئىرىغا نەزىرە)
باغلىرىڭدا كۈلىدۇ باھار، سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا. چېچەكلەيدۇ دەرەخلەر رەڭدار، يۇلتۇزلارمۇ چوغلۇقتەك گويا.
چىقىپ قالساڭ بۇلاققا-سۇغا، تەرىپىمنى دەپ بېرەر بېلىق. ئۇچراپ قالسا كاككۇكلار گاھى، ھەسرىتىمنى سۆزلەيدۇ ئېنىق.
ئوقۇپ بېرەر شېئىرىمنى ساڭا، باغلىرىڭدا تۈنىگەن ھىلال. بەڭۋاش شامال بولۇپ شىر كەيىپ، يۇلتۇزلارنى باسىدۇ خىيال.
خۇشاللىقتىن ياش تۆكسە ئاسمان، ئۆركەشلەيدۇ ئۆستەڭلەردە سۇ. تەڭكەش قىلىپ قۇشلار كۈيىگە، دالىلاردا قىيغىتار ئاھۇ.
قار ئورنىغا ياغار گۈل-چېچەك، سۆيۈپ قالساڭ مېنى ناۋادا. سوراپ قالساڭ باغلاردىن مېنى، تۈمەن بۇلبۇل بېرىدۇ سادا.
|