ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 936|ئىنكاس: 42
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

يۇمۇرلۇق ھېكايە-(كەنئان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەر مۇنبىرىمىز ئەزاسى كەنئان(مىسرانىمدىكى بەگ ئالىپ )نىڭ مۇنبىرىمىزگە كىرىشتىن بۇرۇن مىسرانىم مۇنبىرىدە يوللىغان تېمىسى بۇلۇپ،بۈگۈن تەساددىبىي پۇرسەتتە ماڭا ئۇچىراپ قالدى.تېمىنىڭ قىزىقارلىقلىقىدىن سىلەرنىمۇ بىللە بەھىرلىنەيلى دەپ كۆچۈرۈپ كەلدىم:

                            يۇمۇرلۇق ھېكايىچاقلاردىن ئىككى پارچە

         
   
                                                        (1)
                          
        بايام يانچۇقتا بىر سىنىتمۇ يوق مەكتەپ ئاشخانىسغا كېتىۋاتسام، ئالدىمدا مودىلدەك پوچى ياسىنىۋالغان ئېگىز ھەم چىرايلىق بىر قىز مۇزلۇق يولدا نايناقشپ  ئاران مېڭىپتۇ. گۈلۈپپىدە يىقىلسا ..بېرىپ يۈلىۋالسام...ماڭا رەھمەت ئېيتسا،ئاندىن....دەپ شېرىن خىيال سۈرسۈپ تۇرسام  خۇدايىم يۆلىدىمۇ ، ھېلىقى قىز كاۋا يېرىلغاندەك ۋاككىدە قىلىپ   مۇزلۇق يەردە پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ ياتىدۇ قاراڭلار....كۆنگەن خۇيغا زادى ئۆلۈمدىن باشقىسى بىكاركەن...شۇنداق جاراڭلىق كۈلۈپتىمەنكى،كۈلكەمنىڭ دەستىدە قورسۇقۇم ئاغرىپ ئولتۇرۇپ قالدىم....كۈلكەمنى باسالماي تۇرسام بىر «يېڭى  كەلدى »كېلىپ  قىزچاقنى يۆلىۋالدى ...قىز قوپۇپلا ماڭا كۆك ئەرۋاھتەك سۈرمە سۈرۈۋالغان كۆزلىرى بىلەن شۇنداق سەت ئالايدىكى...چىرايىمدىن كۈلكە شۇئان ئۈچۈپ پۇت قولۇمغا تىترەك ئولاشتى.....ئىشقىلىپ دەششەت مازلاشتىمېي.......
       خەپ ،كەچتە  لېيافىڭلىقى تۇتۇپ كەتكەن «يېڭى كەلدى» نى ياتىقىمغا چاقىرىپ، ئۆزىدىن چوڭ قىزلارنى ئاتىكاچىلىق قىلىپ يۆلىۋالسا قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغىنىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام    ...
             ئۇف..مەندىن ئىبرەت....!!!!! چىرايلىق قىزلار يىقىلىپ چۈشكەندە  كۈلكە -ھەزىلنى قۇيۇپ  دەرھال يۆلەپ تۇرغۇزۇۋېلىڭلار... بولمىسا مۇشۇنداق نىسىۋەڭلەرگە ئوغرى چۈشىدىغان ئىش چىقىدۇ...لېكىن گەپنىڭ سەتىنى دەپ قۇياي...لىتسىىيە چىراي قىزلار يىقىلىپ چۈشسە ھەر قانچە لېيفېڭلىقىڭلار تۇتۇپ كەتسىمۇ غىت قىسىپ ئالدىڭلارغا مېڭىڭلار ... كېلىشكەن يىگىتتىن بىرى كېلىپ قولۇمدىن تۇتۇپ يۆلەپ قويسا  ...ئاندىن ئىسمىمنى سورىسا ...دەپ  قەستەن يىقىلىپ چۈشىۋالدىمۇ  بىر نەرسە دېگىلى بولمايدىچۇ....

                       ________«بەگ ئالىپنىڭ تۇنجى قاردا  قىلغان ۋەز -نەسىھەتلىرى»دىن ....                                 
                                   
            
                                          
                                                 (2)                                                                                                                         ۋىتاسنىڭ  ھاۋا ئۆتمەيدىغان كالتە ئىشتان كىيىۋېلىپ توۋلايدىغان ئالۋاستى ئاۋازى دېگەن ناخشىسىنى  بىلىسىلەرغۇ،...ھېلىقى  ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا  دەپ بار جېنى بىلەن ۋارقىرايدىغانچۇ... .... كېكەچ ياكى خاڭخاي بولمىساڭلارلا چۇقۇم توۋلاپ باققان... مۇشۇ ناخشىغا دەششەت  ئىشتىياقىم بارچۇ،  كۈندە كەچ مەكتەپنىڭ ئادەم يوق بۇلىڭىغا بېرىپ تىڭشىغۇچنى قۇلاققا تىقىپ ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا .......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا  .... دەپ بىرە شىڭگىل توۋلىۋالمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ...  بىر كۈنى كەچكتە خۇمارىم تۇتۇپ كېتىپ  مەكتەپنىڭ بۇلڭىغا  بېرىپ بارچە ئاۋازىم بىلەن  ۋارقىراپتىمەن:  ...ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........
دەل شۇ چاغدا دەرەخنىڭ دالدىسىدا ئادەم بار ئىكەنتۇق،...بىرى «ۋاااااااااااا..»لا دەپ يەرگە گۈپلا يىقىلدى....يەنە بىرمۇ بار ئوخشايدىكەن ..ئالدى ئارقىغا قارىماي قېچىپ كېتىپ بارىدۇ....دەرخنىڭ تۈۋىگە بارسام بىر چىرايلىق قىز يەردە يېتىپتۇ.....تۆت تەسسەك سالساممۇ سادا يوق....دېمەك ھۇشىدىن كىتىپتۇ  . . ئۇف.....مانا نەسچىلىك.....كۆتۈرەي دېسەم يەردىن ئۈزىۋېلىشقا كۆزۈم يەتمىدى..ھېلىمۇ ياخشى ئەخلەت تۇشۇيدىغان بىر ئەبجەخ ھارۋا بار ئىكەن..شۇنىڭغىلا سالدىم،دوختۇرخانىغا سۆرەپ ئاپارغۇچە تەر دېگەن شاقىراپ ئاقتى..بىر كېچە ئۇخلىماي بېشىدا ھاڭ ئولتۇردۇم..
           ئۇكۇلدىن تۆت -بەش بوتۇلكا ئىچىپ بولغاندا كۆزىنى ئاچتى..
    - بۇرۇن بىر چاغدا ئىككى بالا ئاق چېكىپ ئۆلۈپ قالغان ھېلىقى قېرى دەرخ بارغۇ ، ئاخشام  شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ئالۋاستىنىڭ شۇنداق  قورقۇنۇچلۇق ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى قاراڭ،....قاچاي دەپ تۇرسام سىز ھۇشىڭىزدىن كېتىپ يەردە يېتىپ قاپسىز ...كەينىمدىن قوغلاۋاتقان ئالۋاستىنىمۇ ئۇنتۇپ سىزنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا يۈگۈردۈم...
  -مۇھاببىتىمچۇ..ئۇ قەنى...
  -بەك قورققان ئوخشايدۇ .. كەينىگىمۇ قارىيالماي تىكىۋەتتى..
   -خەپ ئۇ نىمىگە ئىككىنچى  قارايدىغان بولسام...
  -شۇ ،ئۇنداق يامان كۈندە تاشلاپ كەتكەننى يار دېگىلى بۇلامدۇ...

    باتۇر يىگىتنىڭ ساھىپجامالنى قۇتقۇزىۋالغاندىن كېين ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كىنولاردا جىق كۆرىدىڭلارغۇ ............شۇڭا گەپنىڭ كەينىنى دېمىسەممۇ پەرەز قىلىپ بولدۇڭلا ھە قاچان .
   شۇندا قىلىپ    ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا  دېگىمنگە پەرى  قىزدىن  بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ مۇھاببىتىم بولۇپ قالدى ...ئىشقىلىپ بۇ شەھەردە بىز كىرمىگەن «قەشقەر تىلۋىزىيە ئىستانسىسى » دېگەنلەر ئاساسەن قالمىدى دېسەممۇ بۇلىدۇ....( ئىچىڭلاردا ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى كۆرمىگەنلەر يوققۇ ھە) ...  ئالىي مەكتەپ  دېگەننىڭ پەيزىنى ئىككى يىل قېنىپپ سۈردۇق .....
   كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇقۇش پۈتتى ...ھەممىڭلەرگە ئايان ئالىي مەكتەپنىڭ دىپلومى دېگەن ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ ئاجرىشىش خېتى دېگەن گەپ ......گەپنى ئۈزەي دېدىم... ئەمدى ئىككى يىل مۇھاببىتىم دەپ پىقىرتىپ يۈرۈپ قۇرۇقلا خېتىنى بېرىۋەتسەم ئوغۇل بالنىڭ ئىشى ئەمەس... يايمىدىن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈكتىن بىرنى بەش سومغا ئالدىم....ئاندىن  30سومغا ئېسىل قۇتىدىن بىرنى ئېلىپ ئۈزۈكنى ئىچىگە جايلاشتۇرۇپ  دېگەندەك سوۋاغاتنى تەييار قىلىدىم....ئەمدى سوۋغاتنى بەرگەچ گەپ ئاچسام  تىللاپ كەتكىلى يۈزى چىدىماس دەپ ئويلىدىم........يانچۇقۇمدىن  ئۈزۈكنى ئېلىشىمغا  كاپپىدە تارتىپ قاراپ كەتتى...ۋاي ۋوي... نىمانداق ئېسىل ئۈزۈك بۇ دۇبەينىڭ پاسۇنىدەك قىلامدۇ...كۆزىڭىز بەك مال تۇنۇيدۇ جۇمۇ...
  -ئەمدى جېنىم ، پەرھات -شېرىندەك  ئاشىق-مەشۇق بولۇپ  دوست -دۈشمەنلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرگىلىمۇ ئىككى يىل بوپتۇ ...
قولى يۈزۈم تەرپكە كېلىۋېدى..مانا تەستەك يېدىم دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرسام ئاغزىمنى مۇلايىملىق بىلەن توسۇۋالدى:
-دېمىسڭىزمۇ بىلىمەن ،جېنىم ...مەن ئاللىقاچان ئانام -بىلەن دادامغا دەپ بولغان.. ..سىزگە تېگىمەن.. ..يۇرتىڭىزغا بىللە كېتىمىز...
ئازراقلا ئىش بولسا بەك ھاياجانلىنىپ كېتىمەنچۇ..ھەر قانداق قىلىپمۇ  ئۆزۈمنى كونتۇرول قىلالمىدىم..جېنىم چىقىماي قۇتىلالمايدىغان كونا خۇيۇم...شۇنداق توۋلاپتىمەنكى..ئەيييۇھانناس ۋىتاستىنمۇ ئۆتە چاڭ چىقىرەتتىم  :......ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ...........ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........
ئۇف...ئىش بۇزۇلدى..تۈگەشتىم  ...
ئۇ ئۈستەل ئۈستىگە سەكرەپ چىقىتى..
-..ئەسلى سەن باندىت ئالۋاستىنى دوراپ ۋارقىراپتىكەنسەندە ... ..تېخى ئالۋاستىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇۋالدىم دەيدۇ....دوختۇر پۇلۇمنى تۆلە... بۇرۇنقى لىيىڭزەيگە ئوخشايدىغان مۇھاببىتمنىمۇ قورقۇتۇپ قاچۇرۋەتتىڭ  .....مۇھابىتىمنى تۆلە.....توختا قاچما......
.....ۋىژ.......ۋۇژ..... تاراڭ -تۇرۇڭ.....
چەينەك تەخسىلەر.....ئىككى پاي ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قۇلۇقىمنى سىيپاپ ئوقتەك ئۆتۈپ كەتتى.......پىيالە قۇلاق تۈۋۈمگە  بېرىپ توختىدى.. ...
       بەدىنىمدە ساق يەر يوق....ئۇرۇندۇق تەككەن بوينۇم ئىششىپ قاپتۇ ،تۇتقىلىمۇ قويمايدۇ.......يۇقۇرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكمنى چۆرىۋېتىپ قارا كۆزەينەك تاقىۋالدىم...
               ئۇف ..بۇ دەرتلەرگە نىمە دەي...يەنە ئادەم يوق بىر يەرگە بېرىپ  ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........دەپ توۋلىغىم كېلىۋاتىدۇ...لېكىن بۇ قېتىم ئەتراپىمدا  ئادەم بارمۇ يوق ئوبدان قارايمەن......ئەلۋەتتە چىرايلىقراق قىزلار بولسا تەلەي سىنىغاننىڭ ئورنىدا يەنە بىر توۋلاپ باقارمەن .....بولمىسا  غىت قىسىمەن....
        ئۇف... دەرتنى مۇشۇ يەرگىچە تۈكەي...مەندىن ئىبرەت!!!!!......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........ نى بىر قېتىم توۋلىساڭلا  گۈزەل قىز بىلەن مۇھاببەتلىشىشكە يېتىپ ئاشىدۇ..ھەرگىز ئىككىنچى قېتىم جاقىراپ سالماڭلار.....

                   __________بەگ ئالىپنىڭ كېپىنەكلىرىگە سۆزلەپ بەرگەن مۇھاببەت ھېكايىسى

   
      ھۆرمەتلىك باشقۇرغىچىلار ۋە مۇنبەرداش قېرىنداشلار.....مۇشۇ ئەبجەش يۇمۇرنىڭ ۋەقەلىكىنى ئويلايمەن دەپ ئوتتۇزئىككى چىشمنى كۆرسىتىپ كالچىيىپ يۈرگىلى ئىككى كۈن بولدى..تۈنۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن مېڭىپ كېتىۋېتىپ مۇشۇ يازمام يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالدى..شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمچىلا ھىجىيىپ كېتىپتىمەن..دەل شۇ چاغدا چىرايلىق قىزلادىن نەچچىسى ئالدىمدا مېڭىپتىكەن...قىز دوستۇم  دېگەن ساراڭ نېمىشقا يات قىزلارغا قاراپ ھىجىيىسەن دەپ  چالۋاقاپ بېشىمنى ئۇچاق قىلدى...دېمەكچىمەنكى  بۇ نەرسىنى يازغىچە ئاز ھەرەج تارتمىدىم...شۇڭا  ياقسا كۈلۈڭلا..سەل ئەخلەت تۇيۇلۇپ قالغان بولسا تارتقان جاپايىم ئۈچۈن بولسىمۇ تىللاپ ساماي ئۆتەپ كېتەسىلە...

-كەنئان يازمىسى

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

3

تېما

40

يازما

289

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 747
يازما سانى:
40
تىللا:
249
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
60 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-1
دېۋان
ۋاقتى: 2015-5-26 10:21:00 | ئايرىم كۆرۈش
پەيزىكەن

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-5-26 11:10:19 | ئايرىم كۆرۈش
ھا ھا ھا،كەنئاننىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرى بار دەيلى ،پارولچە ھېكايە
ئ‍الىي مەكتەپ دېپلۇمى ئ‍اشىق -مەشۇقلارنىڭ ئ‍اجىرشىش خېتى   ماۋۇ  گەپكە بەك كۈلۋەتتىم .

10

تېما

517

يازما

1784

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 804
يازما سانى:
517
تىللا:
1263
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
232 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-6

جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-5-26 12:46:06 | ئايرىم كۆرۈش
باشقىچە قىززىقارلىقكىنا بۇ كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت بەرگى ئايىم. ئەتىگەندە بولىشىچە كۈلىۋالدىم مانا
زىمىنىڭنى كەڭ ياراتتىڭ، زامانەڭنى تار.
كوزا چاققان ئەزىزدۇر ،سۇ ئەكەلگەن خار.

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2015-5-26 12:54:10 | ئايرىم كۆرۈش
ھا  ھا  ھا  ھەجەپ يۇمۇرسىتك يىزپيتۇ .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

0

تېما

20

يازما

127

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 776
يازما سانى:
20
تىللا:
107
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-27
6#
ۋاقتى: 2015-5-26 13:21:35 | ئايرىم كۆرۈش
بەك قىزىقكەن.بەكلا كۈلىۋالدىم.رەھمەت سىزگە

14

تېما

551

يازما

2529

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 403
يازما سانى:
551
تىللا:
1858
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
117 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-31

كۆيۈمچان ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-5-26 13:30:34 | ئايرىم كۆرۈش
راستىنلا كۈلكىلىككەن، ئۇزاق بوپتىكەن بۇنچە ئېچلىپ كۈلمىگىلى.    
ئەڭ ئاۋال كەنئانغا ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالسا ئايبەرگى ھەدەمگە ئوتلۇق تەشەككۈر

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-26 13:39:28 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-26 11:10
ھا ھا ھا،كەنئاننىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرى بار دەيلى ،پارولچە  ...

ئۆزىغۇ ئالدىراش دەپ يوقاپ كەتتى بۇ بالا،ئاخشام مىسرانىمدىكى جەڭگى -جېدەللەر ئارىسىدىن بۇ تېمىنى ئۇچىرىتىپ قالدىمچۇ؟ مەنمۇ بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن،ئوقۇپ بىر ھازاغىچە شەخسىي كۈلۈپتىمەن،شۇڭا "ياخشى نەرسە مەخپى قالمىسۇن"دەپ كوللىكتىپ كۈلەيلى دەپ ئويلاپ يۆتكەپ كىلىۋالدىم.ئۆزى بولمىسا تېمىسى تۇرغاچ تۇرسۇن دەپ.ۋىتاسنىڭ ناخشىسىنى ئېيتقان يىرىدە بەك كۈلىۋەتكەنتىم.پەرەز قىلىپ بېقىڭلارچۇ؟قاراڭغۇدا ئاشۇنداق توۋلىغىلى تۇرسا....ھۇشىدىن كەتمەي ئامال نەچچە؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-26 13:40:14 | ئايرىم كۆرۈش
مىسكىن يوللىغان ۋاقتى  2015-5-26 13:30
راستىنلا كۈلكىلىككەن، ئۇزاق بوپتىكەن بۇنچە ئېچلىپ كۈل ...

ئېشىپ قالغان ئوتلۇق تەشەككۈرلىرى قوبۇل بولدىلەر
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

12

يازما

57

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 791
يازما سانى:
12
تىللا:
44
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
11 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-5
10#
ۋاقتى: 2015-5-26 13:42:14 | ئايرىم كۆرۈش
بىر كۈنى كەچكتە خۇمارىم تۇتۇپ كېتىپ  مەكتەپنىڭ بۇلڭىغا  بېرىپ بارچە ئاۋازىم بىلەن  ۋارقىراپتىمەن:  ...ۋۇئـــــــــــــــــــــــــــا ......ۋۇئــــــــــــــــــــــــــا   ........
دەل شۇ چاغدا دەرەخنىڭ دالدىسىدا ئادەم بار ئىكەنتۇق،...بىرى «ۋاااااااااااا..»لا دەپ يەرگە گۈپلا يىقىلدى....يەنە بىرمۇ بار ئوخشايدىكەن ..ئالدى ئارقىغا قارىماي قېچىپ كېتىپ بارىدۇ  . مەشەنى ئوقۇپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقكەتتى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:48 , Processed in 0.138424 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش