بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-5-16 08:08
پارچە پۇل
(ھېكايە)
ئېلى ياسىن(ئاقيول)
كۈندىلىك تۇرمۇشتا پارچە پۇل ئادەمگە تولىمۇ كىرەك بولىدۇ.مەسىلەن ئاپتۇبۇسقا چىققاندا،سىرىتلاردا ھەقلىق ھاجەتخانغا كىرگەندە، ئۇششاق-چۈششەك نەرسە سېتىۋالغاندا...شۇڭا تۇرمۇشتا پۇلىڭىز ھەرقانچە كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ يېنىڭىزدا كېرەكلىك پارچە پۇل قويۇپ قويغىنىڭىز ياخشى.
بۇ شەھەردە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئىككەيلەن بىر يۇرتلۇق بولغاچ تونۇشۇپ ئاغىينە بولۇپ قالدى.بىرسىنىڭ مىجەزى جىمغۇرراق، يەنە بىرى ئوچۇق-يورۇق.ئۇلارنىڭ ئىشقا بېرىش ۋە قايتىش يولى بىر بولغاچ كۆپۈنچى ۋاقىتلاردا بىر ئاپدۇبۇسقا چىقىپ قالاتتى.ئوچۇق-يورۇق كەلگىنى شۇنداق چاغلاردا تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىمغۇرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئولتۇراتتى.ئورۇن بولمىغان ئەھۋالدىمۇ يېنىغا بېرىپ ئۆزىچە گەپ قىلىپ كىتەتتى.بۈگۈنمۇ ئۇلار بىر ئاپدۇبۇسقا چىقىپ قالدى.
ــ يېقىندىن بىرى ئىشلىرىڭ قانداقراق؟ سىلەرنىڭ ئىش ئورنىدا ۋاقىت ئېشىپ كەتسە پۇل قوشۇپ بىرىدىغاندۇ؟-دېدى ئوچۇق-يورۇق كەلگىنى
ــ بىزنىڭ ئورۇندا ۋاقىت توشقان ھامان ئىشتىن چۈشىمىز.
ــ ھە، مۇنداق دە؟ بىزنىڭ ئىش ئورنىدا بەزىدە ۋاقىت ئارتىپ كەتسىمۇ ئىشلەۋىرىمىز.قېنى بۇ ئايلىق ئىش ھەققىمگە قاراپ باقاي، يەنە بورۇنقى پەدىدە پۇل تارقاتسا كۆتەر قاسقىنىڭنى دەپ باشقا يەرگە بارارمەن... ھە،راسىت ئۆيۈڭگە بېرىپ كىلىشنى ئويلاشمىدىڭمۇ؟
ــ ئاي ئاخىرىدا بېرىپ كىلەرمەن،-دېدى جىمغۇر قىسقىلا قىلىپ.
ــ ۋاقتى كەلگەندە مېنىمۇ ھايىت دەۋاتارسەن، بىرگە قايتارمىز.يېقىندىن بىرى خوتۇن تېلىفۇن قىلىپ: ‹‹ كەلمەمسىز›› دەپ بېشىمنى ئاغىرتىۋاتىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا بىلەت ساتقۇچى ئۇلارنىڭ قېشىدا پەيدا بولدى.جىمغۇر پۇل ئېلىش ئۈچۈن يانچۇقىنى ئاختۇرىۋاتقاندا ھېلىقى ئوچۇق-يورۇق:
ــ بولدى، مەن تۈلىۋىتەي،- دەپ يانچۇقىدىن يۈز كويلۇق پۈتۈن پۇلنى چىقىرىپ بىلەتچىگە تەڭلىدى.
ــ پارچە پۇل يوقما؟-دېدى بىلەتچى
ــ يوقتى شۇ...- ئوچۇق-يورۇق خىجىل بولغاندەك گەدىنىنى قاشلىدى.جىمغۇر پۇشۇلداپ يېنىدىن پارچە پۇل ئېلىپ ئىككى كىشلىك كىرا پۇلى تۈلىدى.بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس ئىدى. ھېلىقى ئاداش دائىم كىرا پۇلى تۈلەر ۋاقتىدا يۈز كويلۇق پۇلنى چىقىرىپ تۇرۋالاتتى.
جىمغۇر بارا-بارا ھېلىقى يۇرۇتدېشى بىلەن بىر ئاپدۇبۇسقا چىقىپ قېلىشتىن ئىھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قالدى.ھەر قېتىم ئاپدۇبۇسقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئەتىراپقا ئوبدان قارىۋېتىپ چىقاتتى،لېكىن شۇنچە قاچقانسىرى ھېلىقى ئوچۇق-يورۇق ئاداش سۇنۋۇكۇڭدەك ئۇنىڭ قېشىدا پەيدا بولۇپ قالاتتى.
ــ يائاللا، ھەر كۈنى يولىمىز بىر بولغاندىكىن ماڭا ئورۇن ئېلىپ قويساڭ بولمامدۇ؟-دېدى بىر كۈنى ئوچۇق-يورۇق جىمغۇرنىڭ قېشىغا كىلىپ خاپا بولغاندەك.
ــ مەن چىققاندا مۇشۇ ئورۇنلا قاپتىكەن، بولمىسا سىلى ئولتۇرۋېلىڭلا،- دېدى جىمغۇر ئىچى پۇشقان ھالدا.
ــ ۋوي، نىمە دەيدىغانسەن ئاداش؟ يا مەن ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگىلى قېرى ئادەم بولمىسام.
شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قېشىدا بىلەتچى پەيدا بولدى.
ــ بۇ قېتىم مەن تۈلەي جۇمۇ! سەن جىم تۇر...- ئوچۇق-يۇرۇق شۇنداق دەپ يېنىدىن قىپقىزىل يۈز كويلۇق پۇلنى چىقاردى.
ــ پارچە پۇل ئېلىڭە، بۇنى پارچىلىغىلى بولمايدۇ،- دېدى بىلەتچى قىز.ئەمدى جىمغۇرنىڭ رەسمىي ئاچچىقى كەلگەنئىدى:
ــ ئەكىلىڭلا ،بۇ پارچىلىغىلى بولمايدىغان زادى قانداق پۇلكەن، مەن بىر كۆرەي...-جىمغۇر شۇنداق دەپ پۇلنى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدى-دە ئوتتۇردىن ئىككى قىلىۋەتتى.
ــ ۋوي، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نىمە قىلىۋاتىسەن؟- ئۇ يىرتىلغان پۇلدەك قىزىرىپ ھۆرپەيدى.
ــ نىمە قىلاتتىم؟ پارچىلىغىلى بولمايدىغان پۇلۇڭلىنى پارچىلاپ بەردىم. سېلىنىڭ پۇلنىمۇ پارچىلىغىلى بولىدىكەنغۇ مانا...
جىمغۇر شۇنداق دەپ يىرتۇق پۇلنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ ئاخىرقى قېتىم ئىككى كىشلىك كىرا پۇلىنى تۈلەپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك سېرىتقا قاراپ ئولتۇردى، ھېلىقى ئوچۇق-يورۇق نىمە قىلىشنى بىلەلمەي يىرتۇق پۇلنى تۇتقۇنىچە ‹‹ بۇ...بۇ...›› دەپ ئىنجىقلاپ جىمىپ قالدى...
ئىلاۋە: مەزكۇر ھېكايە قومۇل گېزىتىنىڭ 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىندى
|