|
داۋامى يوللاندى
نىگار:
مۇھەببەت ئۇ بىر يېقىملىق موزىكا،تۇرمۇشىڭىزدا بۇنداق يېقىملىق موزىكا ياڭراپ تۇرۇدىكەن ھەر بىر مىنۇتىڭىز شۇ قەدەر جەلىپكارلىققا تولغان بولۇدۇ.مۇھەببەت ئۇ بىر خۇشپۇراق گۈل،بۇ گۈلنى پۇرىسىڭىز پۇرىغۇڭىز كېلىپلا تۇرغان...مۇھەببەتنىڭ تەرىپى بەكمۇ كۆپ بىراق ھەممىنى تەرىپلەپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس،ھاياجانلىق ھىس-تۇيغۇلىرىمنىڭ ھەممىسى ئارماننىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئوتلۇق سۆيگۈسىدىن كەلگەن،ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتكە تولغان كۈنلىرىمىز،دەرىس ئوقۇش،كىتاپ كۆرۈش،بىر-بىرىمىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇنچىلىك مەنىلىك بولۇۋاتاتتىكىن بۇ كۈنلەرنىڭ قانداقلارچە ئۆتۈپ ئوقۇش ھاياتىمىزنىڭ قىسقىراپ بېرىۋاتقانلىغىنى بىلمەيلا قېلىۋاتاتتۇق.بىز گەرچە باشقا-قىز-يىگىتلەردەك ھە دىسە ئويۇن-تاماشا قىلىپ ھەدىسە قولتۇقلىشىپ بازار ئايلىنىپ باشقىلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىپ يۈرمىگەن بولساقمۇ بىراق مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىز ئۆزىگە خاس بولغان رەڭدارلىققا تولغان ئىدى.ئارمان يەنىلا شۇ بۇرۇنقىدەك شوخ،سۆزمەن ئارمان ئىدى،ئۇنىڭغا يەنىلا قىزلار شۇنداق ئامراق ئىدى،سىنىپىمىزدا بولغان ئولتۇرۇشلاردا ئۇ يەنىلا شۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتىپ يۈرەكنىڭ تارىلىرىنى چېكەتتى.مەن يەنىلا شۇنداق كەمسۆز،خىيالچان ئىپار ئىدىم.ئۇنىڭ مېنى جىلى قىلىشلىرىغا،ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ كۈلدۈرۈشكە تىرىشىشلىرىغا كۆنۈپ قالغان ئىدىم.ھەر بىر تەتىللەردە ئۆيگە قايىتقان ۋاقىتلىرىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايىتتى،تەتىل كۈنلىرىمىز قانچىكى زارىقىش،سېغىنىشقا تولسىمۇ كۆرۈشكەن ۋاقىتلىرىمىزدا ئۇنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسى بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ پۇتكۈل ھىسلىرىمىزنى كۆزلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە يەتكۈزەتتۇق،ئېغىزلىرىمىزدا سۇس كۈلكە،كۆزلىرىمىز سۆزلەيىتتى،ئىھ،دۇنيادا كۆزنىڭ سۆزلىشىدەك يېقىملىق سۆز بولمىسا كېرەك،ئۇ كۈچلۈك ھىسسىيات چەشمىلىرىنىڭ جەملىنىمىسى...
كاللامدا ئانام ۋە ئۈگىنىشتىن باشقا «ئارمان»دىگەن بىر سۆيۈملۈك ئىسىملا بار ئىدى،مەن بۇ ئىسىمغا بۇ ئىسىمنىڭ ئىگىسىگە شۇ قەدەر ئاشىق بولغان ئىدىمكىن ئۇنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.بىراق مەن يەنىلا شۇنداق نازۇك،تارتىنچاق ئىدىم،ئۇنى شۇ قەدەر سۆيۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئۈنلۈك قىلىپ «سىزنى سۆيىمەن»دىيەلمەيىتتىم.ئۇ ئۆزىنىڭ شوخ تەبىئىتى بىلەن ماڭا شوخلۇق قىلىپ ھەر خىل ئىسىملارنى قويۇۋالغان ئىدى،مېنى شۇ قەدەر يېقىملىق قىلىپ «ئىپارخانىم»«مەلىكەم»«خانىشىم»دەپ چاقىراتتى.
دەسلەپتە ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىگىنى ھىچكىم بىلمىدى،پەقەت ئۇنىڭ ئاغىنىسى،سىردىشى ئەرپاتلا بىلگەن ئىدى،لېكىن ياتاقدىشىم زۇمرەت سىنىپتا بولسۇن،باشقا يەرلەردە بولسۇن ئوچۇقتىن-ئوچۇقلا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا باشلىدى،مەن ئۇنىڭغا ئىشىنەتتىم،ھەمدە قانداق قىلىشنى ئۇنىڭ ئۆزىگە قويغان ئىدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم زۈمرەتنىڭ سۈركىشىشىگە رەددىيە بېرىپ مەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىگىنى ئېيتىپتۇ،بۇنىڭدىن زۈمرەتلا ئەمەس سىنىپىمىزدىكى كۆپلىگەن ساۋاقداشلىرىمىز چۆچۈپ كېتىشتى،ھەسەت،رەشىك قاپلىغان چىرايلار ھەرخىل ھەر ياڭزا گەپلەرنى قىلىپ بېقىشتى،يەنى مەن بەك جىمغۇر ئۇ بەكلا شوخ پەقەتلا ماس كەلمەپتۇق.دوستانە چىرايلار بولسا ئەسلىدىنلا شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى،ئارمانغا پەقەت ئىپارلا ماس كېلىدۇ دىيىشتى،زۇمرەت سىنىپتا بولسۇن،ياتاقتا بولسۇن مېنى گەپتە چېقىپلا يۈردى،لېكىن ھەر قېتىم دىلىم ئازار يىگەندە ئارماننىڭ «ئىپارىم،بۇنداق ئىشلار بولمىغان مۇھەببەت قانداقمۇ مۇھەببەت بولسۇن،بۇ دىگەن تەبىئى ئەھۋال،كىم سىزنى مەندەك كېلىشكەن يىگىتنى تېپىۋالسۇن دەپتۇ »دەپ ھەييارلىق قىلغان ھەمدە سەمىمى ھالدا«مەن كۆكۈيۈندەك زۇمرەتنى ئەمەس،نازۇك،جەلىپكار ئىپارنى ياخشى كۆرىمەن،مېنىڭ شۇ قەدەر ئوتلۇق مۇھەببىتىم سىزنى قوغداپ تۇرۇۋاتسا سىزگە نىمە زەخمەت يىتەتتى؟»دىگەن گەپلىرى كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراتتى،تۇرۇپ زۇمرەتكىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى،«ئەگەر ئارمان مېنى ياخشى كۆرمەي زۈمرەتنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىچۇ؟»بۇ خىيالنىڭ ئاخىرىنى قىلىشقا پېتىنالمايىتتىم،چۈنكى ئارمان مېنىڭ ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان ئىدى،ئۇنىڭ شوخلۇق قىلىشلىرى،ئەتتەي مېنى جىلى قىلىشلىرى،خاپا بولۇپ دومسىيىپ تۇرۇۋالسام قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ مېنى كۈلدۈرۈۋىتىشلىرى ھەممىلا،ھەممىلا ئىشلىرى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ئىدى...
ھەر قېتىم تەتىلدە ئۆيگە قايىتقىنىمدا ئانام مەندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالغاندەك قىلىپ مەندىن گەپ كوچىلاپ سورايىتتى،بىراق مەن ئانامنى ئورۇنسىز ئەندىشىگە سېلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ بۇ ئىشنى ئېيىتمىغان ئىدىم،ھەر قېتىم ئۆيگە قايتىپ ئانام بىلەن پاراڭلىشىپ مۇڭداشقان ۋاقىتلىرىمدا ئارمان ئىككىمىزنى ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىن غۇۋا بىر تەغدىر كۆلەڭگۈسى ئىچىدە تېنەپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ يۈرىكىم مۇزلاپ كېتەتتى،يەنە تېزلا ئۆزۈمگە قايتىپ ئىچىمدە ئاللاغا مىڭ زىكرى قىلاتتىم،ئارمان ئىككىمىزنىڭ ھازىرقىدەك تاتلىق،مەڭگۈ بىللە بولۇشىمىزنى تىلەيىتتىم،قىسقىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىش مەن ئۈچۈن ھاياتتىن ۋاز كېچىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ تۇيۇلاتتى.ئارمانغا ئىشىنەتتىم،گەرچە ئۇ غۇلجىدىن مەن قەشقەرنىڭ بىر ناھىيەسىدىن بولساممۇ بىراق ئۇنىڭ «بۇ ئىشلاردىن غەم قىلمىساڭچۇ،مەن دىگەن ئوغۇل بالا ئىشقىلىپ ئامالىنى قىلىمەن»دىيىشلىرىگە ئىشىنەتتىم.
مەن ئوقۇشقا ماڭغان يىلىم ۋە كېيىنكى يىلىمدا ئوقۇش پۇلۇم ئۈچۈن ئانام قولىمىزدىكى ئاخىرقى ماللارنى سېتىۋەتكەن ئىدى،شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تىككۇچىلىك ھۆنىرىمنى قىلىۋاتىمەن،مەھەللىدىكىلەر ھەممىسى ماڭا كۆڭۈل بۆلۈپ كىيىملەرنى تىككۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئاز-ئازدىن پۇل ئەۋەتىپ تۇردى،ھەم ئۆزۈممۇ ئوقۇش مۇكاپات ئالغان پۇللىرىمنى بىر تىيىننىمۇ نېرى-بېرى قىلماي تېجەپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم.ئەمما كېيىنكى يىللارنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى ئانامنىڭ قانداق تاپقانلىغىنى شۇنداق ئىنچىكىلەپ سورىساممۇ ئۇ «داداڭنىڭ يىغىپ قويغىنى»دەپ پەقەتلا دىيىشكە ئۇنىمىغان ئىدى.دادامنىڭ يىغىپ قويغانلىرى ئاللىبۇرۇن تۇگىگەنلىگى ئېنىق تۇرسا..يەنە شۇنداقتىمۇ ئانامنىڭ نىمىنىدۇر دىيىشتىن قىسىلىپ ماڭا ئوچۇق دىمەسلىكى ماڭا بىر سىر بولۇپ قېلىۋەردى.ئىشقىلىپ ئوقۇش ھاياتىمدا ئاددى-ساددا ئۆتكەن بولساممۇ قىيىنچىلىق تارتىپ يىغلاپ قالمىدىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا ئارماندەك بىر يۆلەنچۈكۈم بار،كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك گۈزەل ئىدى،شەنبە.يەكشەنبە كۈنلىرى ئۇنىڭ بىلەن قىرائەتخانىغا بېرىپ كىتاپ ئوقۇيىتتىم،كىتاپقا شۇنچىلىك مەستانە ئىدىمكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئارمان «مېنىمۇ ئاشۇ كىتاپنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرگىن جۇمۇ»دەپ بۇتناپمۇ قالاتتى...
ئابتۇبۇس بىر خىلدا ئىلگىرلىمەكتە.يېرىم كېچە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆتمۈش ئەسلىمىلىرىمنىڭ تاتلىق كۈيلىرى مېنى ھاياجانلاندۇرۇپ كۆزلىرىمدىن تامام ئۇيقۇ قاچقان ئىدى.ئۇنى ئەسلىگىنىمدە يۈرەكلىرىم تىپچەكلەپ،قانلار يۈزۈمگە تېپىپ چىقىپ خۇددى شۇ دەۋىرگە قايىتقاندەك،ئارمان ھېلىمۇ مېنى «مەلىكەم،ئىپارخان»دەۋاتقاندەك،ئۇنىڭ ئىسسىق نەپەسلىرى يۈزلىرىمگە ،قۇلاقلىرىمغا ئۇرۇلۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ شۇ قەدەر شېرىن تۇيغۇنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغان ئىدىم...
ياشلىق نەقەدەر گۈزەل ۋاقىت ھە؟؟
شۇنداق تاتلىق كۈنلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇھەببەت،تاتلىق كۈيلەر خاتىمەسى سۈپىتى بىلەن ئوقۇش پۇتتۇرىدىغانغىمۇ مانا ئازلا ۋاقىت قالدى.ئۆز ۋاقتىدا ناگان-ناگاندا كاللامغا كەلسە سىلكىپ قوغلىۋىتىدىغان بۇ چوڭ سۇئال بەلگىسى مانا ئەمدى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا لەيلەپ تۇرۇۋالىدىغان بولۇۋالدى،«ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يۇرتقا قايتىش»دىگەن بۇ چىدىغۇسىز ھىجراندىن دېرەك بېرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغۇچە قۇلاقلىرىم پاڭ،كۆزلىرىم كور بولۇپ قېلىشىنىمۇ تىلەپ قالاتتىم.
بىر كۈنى بىز دائىم بىللە ئولتۇرۇپ كەلگۈسىنىڭ تاتلىق ئويلىرىغا چۆمۈدىغان ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇ ماڭا مېنىڭ ئۆزى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ھىچقانداق خوۋلۇق كۆرمىگەنلىگىمنى،مېنى خوشال قىلغۇدەك ئىشلارنى قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ مەندىن رازىمۇسەن دەپ سورىدى.شۇ چاغدىلا مەن ئۆزۈمنىڭ جىمغۇر مىجەزىم بىلەن ئۇنىڭغا قېنىپ تۇرۇپ كۆڭۈل سىرلىرمنى ئېيتىپ باقمىغانلىقىمنى،ئۇنى شۇ قەدەر،شۇ قەدەر سۆيىدىغانلىقىمنى ئاشكارىلاپ باقمىغانلىقىمنى ،ئۇنىڭ مۇھەببەتلىك تەلەپلىرىگە تارتىنچاقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىگىمنى ئويلاپ قالدىم دەرۋەقە مەن ئۇنى سۆيەتتىم بىراق مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ «سېنى سۆيىمەن»دەپ باقمىدىم. دەرۋەقە مەن ئۇنىڭدىن ،ئۇنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىدىن رازى ئىدىم،لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇھەببەتلەرگە خاس ئۇسۇللار بىلەن مەن رازى دەپ كۆڭۈل سۆزلىرىمنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدىم.ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ مېنى شۇنداق بىر يىغا تۇتتى،بېشىمنى ئۇنىڭ يەلكىسىگە قويدۇم.
_ئارمان مەن رازى،ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق يوق،شۇنداق،بىز باشقا ئاشىق-مەشۇقلاردەك مۇھەببەتلەشمىگەن بولساقمۇ،باشقىلاردەك مۇھەببەتنىڭلا پەيزىنى سۈرۈپ ئۆتمىگەن بولساقمۇ،ئەمما باشقىلار ھىس قىلمىغان خوشاللىقلارنى ئىزدەپ تاپتۇق.مۇھەببىتىمىز ئاددى ئەمما مەنىلىك،مەن سەندىن رازى،مۇھەببىتىمىزدىن رازى،،،،
ئۇ ئىڭىكىمدىن تۇتۇپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ نەمدەلگەن ئىدى،شۇ تاپتا بىر تۇپ سۆگەت تۈۋىدىكى بۇ ياغاچ ئورۇندۇق ئاي نۇرىدا بىزنىڭ شاھانە ئوردىمىز سۈپىتىدە بىزنىڭ ئوتلۇق سۆيگىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇۋاتاتتى.ئاتەش تىنىقلىرىمىز بىرلىشىپ مەن ئۇنىڭ باغرىغا سىماپتەك سىڭىپ كەتتىم،ھاياجان،تىترەك،مەندىكى تارتىنىشنىڭ غەليانى سۈپىتىدە ئۇنىڭ باغرىدا جىمىرلايىتتى .........
ئوقۇشقا يېڭى كەلگەن ۋاقىتلىرىمىزدا بىر-بىرىمىزدىن ياتسىرىشىپ يۈرىدىكەنمىز،ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىر-بىرىمىزگە مىھرىمىز چۈشۈپ مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە قىيماي،بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىشقا چىدىماي يىغلاپ قالىدىكەنمىز،بىزمۇ شۇنداق بولدۇق ھەش-پەش دىگۈچە بەش يىللىق مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى،ھەممىمىز ئۆزىمىز كەلگەن يۇرۇتلىرىمىزغا قايتىش تەيارلىقلىرى بىلەن بىللە بىر-بىرىمىزگە تۈگىمەس يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئىزھار قىلىشىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدۇق،ئارمان مېنىڭ يۇرۇتتا بىر تاللا ئانام بارلىقىنى مېنىڭدىن باشقا ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم يوق ئىكەنلىگىنى بىلەتتى،شۇڭا ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كېيىنكى تۇرمۇش ئىشىدا ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىپ مەن بىلەن مېنىڭ يۇرتۇمغا كېتىمەن دىگەن ئىدى،ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ گەپنى قىلىش قانچىلىك ئېغىر بولسىمۇ بىراق ئۇ مېنى چىن دىلىدىن سۆيگەنلىگى ئۈچۈن شۇنداق قارارغا كەلگەن ئىدى.بىراق ئۇ بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلىرىگە دەپتىكەن ئاتا-ئانىسى قەتئى قوشۇلماپتۇ ،ئانىسى يىغلاپ قاخشاپ ئاغرىپ يېتىپ قاپتۇ.
مەن قانچىكى غەم قىلسام ئۇ ماڭا شۇنچە تەسەللى بېرەتتى ئۆزىنى خوشال تۇتۇشقا ئۇرۇناتتى،ئامال قىلىدىغانلىقىنى مېنىڭ قەتئى غەم قىلماسلىقىمنى ئېيتاتتى،بىراق،ئۇمۇ ئائىلىسىدە ئۆيىنىڭ كىچىكى تۇرسا..مۇمكىنمىدۇ؟؟؟
ئاخىرى ئىككىلىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتىدىغان ئۇ ئائىلىسىگە بارغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنى كۆندۈرىدىغان بولدى.ئاھ كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياشلار تۆكۈلەتتى ،مەن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ قالغان ئىدىمكىن ئۇنىڭدىن بىر ئاي بىر يىل ئەمەس بىر كۈن،بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىشقا قىيمايىتتىم.ئەتە ماڭىمىز دىگەن كۈنى كەچتە بىز يەنە سۆيگۈمىز گۇۋاھچىسى بولغان ھېلىقى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق،گەپ قىلىشقا رايىم يوق ئىدى ئىچ-ئىچىمدىن يىغا چىقىپ ئۆكسۈپ تۇراتتىم،ئۇمۇ شۇ قەدەر غەمكىن،كۈلۈشكىلا يارالغاندەك كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ئۇھسىنىپ ئولتۇراتتى.مەن بارا-بارا ئىسەدەشكە باشلىدىم.
_ئىپار،_ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازدا گەپ باشلىدى_بۇنداق قىلمىغىن بولامدۇ؟بىز مەڭگۈلۈك ئايرىلمايمىزغۇ؟بۇ ئايرىلىشىمىز پەقەت ۋاقىتلىققۇ؟يىغلىمىغىن،سەن يىغلىساڭ يۈرەكلىرىم لەختە-لەختە بولۇپ كېتىدىكەن.._ئۇنىڭ ئۈنى بوغۇلۇپ كەتتى،مەن گەپ قىلالماي ئۇنىڭ باغرىغا تاشلاندىمدە تېخىمۇ كۈچەپ يىغلاشقا باشلىدىم،ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئۆزىمۇ ماڭا قوشۇلۇپ ئىسەدەشكە باشلىدى.
ئىھ مۇھەببەت،سېنىڭ سىرلىقلىقىڭ مانامۇشۇ يەردە،بەزىدە ئادەمنى قاھ-قاھلىتىپ كۈلدۈرىسەن،بەزىدە مانا مۇشۇنداق ھىجران ئازابىسدا كۆزلەردىن يۇم-يۇم ياش تۆككۈزىسەن.
ھېلىلا يورۇق نۇرلىرى بىلەن ئاۋالقىدەك بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوت سۆيگۈسىدىن ھوزۇر ئېلىشنى ئويلىغان تولۇنئايمۇ بۇ پىغانلىق كۆرۈنۈشكە تاقەت قىلالمىدى بولغاي ئاستا بۇلۇتلار كەينىگە ئۆزىنى ئالدى.......
ئابتۇبۇس بىر خىلدا ئىلگىرلىمەكتە،خىياللىرىم قوينىدا يىغلاۋاتقان «مەن»ئۆكسۈشلىرىمنىڭ سىرىتقا چىقىپ ئابتۇبۇس ئىچىدىكى سەپەرداشلىرىمنى ئۇيغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن لەۋلىرىمنى مەھكەم چىشلەپ ئىز چىقىرىۋەتتىم.خىيال قۇشلىرىم يەنىلا ئاشۇ تاتلىق-ئاچچىق ئەسلىمىلەر قوينىدا ئۇچۇپ يۈرمەكتە مېنى كۈلدۈرۈپ ئەمدى مانا يىغلاتماقتا ئىدى.
ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرۇتقا قايتىپ كەلگىنىمىزگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن كۈندە تېلىفۇن كېلىپ تۇراتتى،تېلىفۇندا ئەھۋال سورىشىپ سېغىنىشلىق سالاملىرىمىزنى يوللايىتتۇق تېلىفۇننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن بولسا ياستۇقنى قۇچاقلاپ ھىجرانلىق ياش تۆكەتتىم،ئۇ گەرچە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرسىمۇ بىراق مېنى قورقۇنۇچلۇق بىر شۇم تەغدىر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئۇنىڭدىن ھامان ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بىر سېزىم قىينايىتتى ،غۇۋا كۆلەڭگۈ بولۇپ كۆز ئالدىمنى تۇمانلاشتۇراتتى.شۇ كۈنلەردە ئانامنىڭ تۇرۇپ-تۇرۇپلا ساقلىقى يوق بولۇدىغان بولۇپ قالدى.بىر قېتىم خىزمەت ئىشىمنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشقا بېرىپ قايتىپ كەلگىنىمدە ئانام چايخانىدىكى سۇپىدا ھوشسىز يېتىپ قاپتۇ.«ئانا»ئۇچقاندەك كېلىپ ئۇنى يۆلىدىم،قورقۇپ كېتىپ جېنىمنىڭ بارىچە توۋلاشقا باشلىدىم،خوشنىمىز مەرەمنىسا ئاچام يۈگۈرەپ كىرىپ كەلدىدە يولدىشى بىلەن بىللە ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق.كۈتۈش ئۆيىدە تىت-تىت بولغان ھالسدا دوختۇرنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.دوختۇر چىققاندىن كېيىن يۈگۈرەپ بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم؛
_دوختۇر،ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
_سىز قىزى بولامسىز؟
_ھەئە
_ئانىڭىز ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بوپتۇ،ئۇنى تېزدىن شەھەرلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىمىسەڭلار بولمايدۇ.مەن قەغەز قىلىپ بېرەي قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى.
_نىمە؟_بېشىم «پىررىدە»قېيىپ كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.نىمە ئۈچۈن؟نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولۇدۇ؟
ئانامنىڭ قېشىغا كىردىم،ئۇ ھالسىز كۆزلىرىنى ئېچىپ ياتاتتى.
_دوختۇر نىمە دەيدۇ قىزىم؟
_ھىچنىمە،چارچاپ قاپتۇ ئوبدانراق ئارام ئالسۇن دەيدۇ.
مەن كۆز ياشلىرىمنى ئانامنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ياتاقتىن يېنىپ چىقتىم،پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كېتىۋاتسام بىزگە شېرەم تۇققان كېلىدىغان،ناھىيەلىك كادىرلار ئىدارىسىىدا ئىشلەيدىغان ماخمۇتجان ئاكا ئۇچراپ قالدى،ئۇ مەندىن 5 ياش چوڭ بولۇپ ئايالى بىلەن پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى،ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىم تەتىللەردە كەلگىنىمدە ئۇ جىق سوغا سالام بىلەن ئانامنى يوقلاپ كەلگەن. ئانام ئۆزىنىڭ ھالىدىن كۆپ خەۋەر ئالغانلىقىنى كۆپ ئىشلاردا ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن ئىدى،
_ئىپار ئۆيۈڭلارغا بارسام خوشنىلار شۇنداق دىدى،چوڭ ئاپامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
مەن گەپ قىلالماي «پاڭڭىدە»يىغلاپ تاشلىدىم_دە ئۇنىڭغا دوختۇرنىڭ دىگىنىنى ئېيىتتىم.
_بولدى يىغلىماڭ!دەرھال ئاپىرايلى دوختۇرغا ..
_بىراق..
_پۇلدىن غەم قىلىۋاتامسىز؟قانداق گەپ بۇ مەن تۇرسام،بولدى غەم قىلماڭ!
شۇنداق قىلىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بىر ئايدىن ئوشۇق ياتقۇزدۇق .ئازراق ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ياندۇرۇپ ئاچىقتۇق،پۇتۇن چىقىملارنى ماخمۇتجان ئاكا ئۆز ئۈستىگە ئالدى،يەنە تېخى كۈن ئارىلاپ دىگۈدەك شەھەرگە كىرىپ ئانامنى يوقلاپ تۇردى.مەن ئۇنىڭدىن شۇنداق تەسىرلەندىم ھەم خىزمەتكە چىقسام بىرىنجى بولۇپ مۇئاشىم بىلەن بولسىمۇ ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۇم.دوختۇرخانىدا ياتقان ۋاقىتلاردا ئارمان بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى،ئۇنى شۇنداق سېغىنغان ئىدىم.ئۆيگە كېلىپلا ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلدىم،ئۇ ئانامنىڭ ئەھۋالىغا ھىسداشلىق قىلدى،بىراق ماخمۇتجان ئاكىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ شۇنداق كوچىلاپ سۇرۇشتۇرۇپ كەتتى،ھەمدە مېنى دىققەت قىلىشقا تاپىلىدى،قىززىق،ئۇ دىگەن ئاكام سۇپەت ئادەم تۇرسا مۇشۇ ئارمانمۇ زە،يىراق بولغاندىن كېيىن كۆڭۈلدىن ھەر خىل گەپلەر كەچمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە..
ئىشىكتىن كىرىۋىتىپ ماخمۇتجان ئاكا بىلەن ئانامنى قىلىشىۋاتقان گېپى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
_ماخمۇتجان بالام،سىزنىڭ ئۆتكەندە دىگەن گەپلىرىڭىزنى ئىپارغا دىگۈدەك بولمىدىم،قارىسام بۇ قىز ئوقۇشتا بىرسى بىلەن ئارىلاشقاندەك تۇرۇدۇ،كۈندە دىگۈدەك تېلىفۇننىڭ قېشىدىن كېلەلمەيدۇ،مەن بولسام ئاغرىقچان بۇ يالغۇز قىزىمنى يىراق يات يەرلەرگە بېرىشكە مېنىڭ كۆزۈم قىيمايدۇ،سىزنىڭ دىگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق،سىز ئۆزىڭىز ئاۋال ئېغىز ئېچىڭ،خىزمەت ئىشىنىڭ ھەل بولۇشىدا سىزنىڭ قول تىققىنىڭىزنى بىلسۇن.مەنمۇ نەسىھەت قىلىمەن،بۇ بالامزە دادىسىدىن كىچىك قېلىپ تولىمۇ نازۇك كەمسۆز چوڭ بولدى،باشقىلارنىڭ قولىدا خارلىنىپ قالامدىكىن دەيمەن،سىزگە بەرسەمغۇ خاتىرجەم كۆزۈم يۇمۇلاتتى مېنىڭ،
_ئانا خاتىرجەم بولۇڭ، ئىپارنىڭمۇ ئاستا-ئاستا كاللىسىدىن ئۆتۈدۇ،شۇ مەنمۇ بولسا تېزراق تويىمىزنى قىلساقكەن دەيمەن.
جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم،ئاھ،بۇ قانداق گەپ،،،
كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا چىقىپ كەتتىم،ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى باققا كىرىپ ھارغۇچە يىغلىدىم،مۇمكىن ئەمەس،مېنىڭ ئارماندىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس.ياق،ياق،،،،
تېخى بايىلا ئارمانغا خىزمەت ئىشىمنى زور خوشخەۋەر سۈپىتىدە ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم،ئەسلى خىزمىتىمنىڭ بۇنداق تېز پۇتۇشى ماخمۇتجان ئاكىنىڭ قول تىقىشى بىلەن بولغانلىقىنى نەدىن بىلەي؟؟
ياق،نىمىلا بولسۇن مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن،ئانامغا ئېيتاي،ئۇ مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈدىغۇ،قاراپ تۇرۇپ قىزىنىڭ تۇنجى غۇبارسىز سۆيگۈسىنىڭ توزۇپ كېتىشىگە يول قويماس...
يىغلاپ-قاخشاپ ئانامغا چۈشەندۇرۇشلەر،يېلىنىپ-يالۋۇرۇشلار ھەممىسى بىكار بولدى،بىچارە ئاناممۇ ماڭا ئوخشاشلا تۆكۈلۈپ،يىغلاپ تۇراتتى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئانامنىڭ ماخمۇتجاننىڭ ئالدىدا تىلى قىسقامىش،مېنىڭ كېيىنكى يىللاردىكى ئوقۇش راسخوتۇمنىمۇ ماخمۇتجان بەرگەن ئىمىش ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ بۇ قېتىمقى دوختۇرخانىدا يېتىش راسخوتىمۇ بار ئىكەن....
قايسى تىلىم بىلەن ئېيتاي،قايسى كۆزلىرىم بىلەن كۆرەي.قايسى قۇلاقلىرىم بىلەن ئاڭلاي....
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارماندىن بىر خەت تاپشۇرۇۋالدىم.
«قەدىرلىگىم ئىپار،(مېنىڭ سۆيۈملۈك مەلىكەم،خانىشىم)ئەزىز تېنىڭ ئاماندۇ؟قەدىردان ئانىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق،ئۇلۇغ ئاللادىن ئەزىز ئانىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئىپارىم،مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەزىز دىلكىشىم،شۇ تاپتا سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىلەمسىەن؟ ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىمدا پەقەت سەن،پەقەتلا سەن،سېنىڭ يېقىملىق كۈلۈشلىرىڭنى،قايرىما كىرپىكلىك سىھىرلىك كۆزلىرىڭنى،شۇنچە قىزىق گەپ قىلىپ بەرسەممۇ ئاۋاز چىقىرىپ كۈلۈشكە پىششىقلىق قىلىدىغان ئويماق ئېغىزلىرىڭنى شۇنچىلىك سېغىندىمكىن بۇنى ئاددى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس.سەن مېنىڭ پۇتكۇل تومۇرلاردىكى قان-قانلىرىمغا سىڭىپ كېتىپسەنكىن سېنى بىر مىنۇت خىيالىمدىن قوغلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس،سەنمۇ مېنى سېغىندىڭمۇ؟ھەي پىششىق،مۇشۇنداق دىسەم ئىھتىمال چىرايلىق لەۋلىرىڭنى پۇرۇشتۇرۇپ بېشىڭنى چايقاپ قويۇپ پەرۋاسىز ئولتۇرارسەنمۇ دەيمەن.شۇنداق قىلىپ باققىنە قېنى (مەن مەردان سېنى ئوردىدىن ئېلىپ قاچمايمەن!)
ئىپارىم،سىېنىڭ يېقىملىق پۇراقلىرىڭغا تەشنا ئارمانىڭ سەن بىلەن تېلىفۇندا سۆزلىشىشكە قانائەت قىلماي،پۈتكۈل قەلبىنى خەت ئارقىلىق تۆكۈپ ئىچ-ئىچگە سىغماي قېلىۋاتقان يۈرەك تىۋىشلىرىنى قۇلاقلىرىڭغا پىچىرلاۋاتىدۇ،بىلەمسەن گۈلۈم،ماڭا سەنسىز بۇ دۇنيا مۇمكىن بولمايدىكەن،سېنىڭدىن ئايرىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يىگەن تاماقلىرىممۇ تېتىماي ئورۇقلاپ كەتتىم،(بارغاندا قۇچاقلىساڭ بىلىسەن ھا ھا ھا)
ئۆزەڭمۇ بىلىسەن،مەن ئۆينىڭ كىچىكى بولغاچقا ئاپام ماڭا چىدىمايدۇ،شۇڭا دەماللىق سېنىڭ يۇرتۇڭغا بېرىشىمغا قوشۇلمايۋاتىدۇ،قايسى كۈنى مەن بىلەن بىر نەۋرە تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنى سايە قىلىپ گەپ قىلىۋاتىدۇ،بىچارە ئاپام ئىھتىمال ،شۇ قىزلارنى كۆرسە سەندەك «قەشقەرلىك»نىڭ ئوتىنى بېسىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان چېغى،بىراق مۇمكىنمۇ؟جېنىم،مېنىڭ ھاياتىم سەن بىلەن چەمبەر-چەس باغلانغان،مەن سەنسىز،سەن بولمىغان بۇ دۇنيادا قانداقمۇ ئارمان بولۇپ ياشىيالايمەن؟
يېقىندىن بېرى،تېلىفۇندىكى ئەھۋالىڭ بەكمۇ بوش،سەۋەبىنى سورىسام يەنىلا«ھىچنىمە»دەپ تۇرۇۋالىسەن.قايسى كۈنى بىر چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن،ئىككىمىز شۇنداق چىرايلىق بىر يايلاقتا سەيلە قىلىپ يۈرگىدەكمىز،بىر ۋاقىتتا قانداق بولدىكىن سەن بىر چۆجىگە مەن لاچىنغا ئايلىنىپ قاپتىمەن،سېنى ھىمايە قىلىپ يۈرگىدەكمەن،توۋا مەن قۇشقا ئايلىنىپمۇ ساڭا زىيان يەتكۈزمەي ئىخلاسىم بىلەن ئەتراپىڭونى قوغداپ يۈرۈپتىمەن،شۇ چاغ قانداق بولدى بىر بوران چىقىپ بىر بۇركۇت سېنى قاماللاپ ئېلىپ كېتىپ بارغۇدەك،مەن ياق،ياق،ئىپار دىگىنىمچە ئۇيغىنىپ كەتتىم قارىسام چىلىق-چىلىق سۇنىڭ ئىچىدە قاپتىمەن،مومامنىڭ ئۈگىتىپ قويغىنى بويىچە ھىچكىمگە دىمەي سول تەرىپىمگە ئۈچنى تۇكۇرۇپ ئامانلىقىڭنى تىلىدىم.
ئىپار،كۈنلەر ئۆتكەنسىرى چوڭلار بىزنى چۈشىنىدۇ،خاتىرجەم بولغىن مەن چوقۇم شۇنداق قىلالايمەن،پەقەت بىر مەزگىل جاپا تارتىدىغان بولدۇڭ،سېنى يالغۇز قويىدىغان بولدۇم،ھازىر ئاپامغا بۇ گەپنى قىلساملا ئاغرىپ يېتىپ قالىدۇ،لېكىن ئىشىنىمەن،ئاپام شۇنداق بىر سۆيۈملۈك ئاپىكىن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ساڭا ئۆز قولى بىلەن توي ياغلىقى ياپىدۇ.بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل،سەنمۇ ئىشەنگىن قانداقلا بولمىسۇن بەردەم بولغىن ئارمانىڭ يىراقتا بولسىمۇ ھەر مىنۇت-سىكۇنىت سېنى ئەسلەپ تۇرۇۋاتىدۇ،سېنى چىن دىلىدىن سېغىنىپ ھەر ۋاقىت«ئىپار،مېنىڭ خۇشپۇراق گۈلۈم،سەن مېنىڭ،سەن مېنىڭ »دەپ زىكرى قىلىپ تۇرۇدۇ.ماڭا ئىشەنگىن،بەل قويمايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن،ئارمانىڭنىڭ ئارمىنىنى يەردە قويمىغىن سۆيۈملۈك مەلىكەم،خەيىر سېنى يىراقتىن چىن يۈرىكى بىلەن،ئوتلۇق ھىسلىرى بىلەن سۆيۈپ .ئارمان.»
تىترەپ تۇرۇپ،كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خېتىنى ئوقۇپ چىقتىم،يېنىش-يېنىشلاپ ئۇنىڭ تونۇش پوچىركىلىرىنى سۆيدۈم،باغرىمغا باستىم،ئۇنىڭ ھىدى كېلىدىغاندەك ھىدلىدىم...
ئارمان،سېنى قانداقمۇ سېغىنماي تۇرالاي؟بىلسەڭ سەنسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈمنى مىنۇت-سىكۇنىتلاپ ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتىمەن،ھىجران ئازابىدا لەختە بولغان يۈرىكىمدە كۈندە نەچچە رەت سېنىڭ نامىڭنى ئويۇپ تۇرۇمەن.تۇنجى بولۇپ يات جىنىستىن قوللىرىمنى تۇتقانمۇ سەن،تۇنجى بولۇپ لەۋلىرىمگە سۆيگۈ تامغىسى باسقانمۇ سەن،يۈرىكىمنى ئۇستىلىق بىلەن ئوغىرلاپ يۈرىكىڭنى ماڭا قالدۇرغانمۇ سەن،جېنىم....سەن مېنىڭ بارلىقىم...
مەن يىراقلارغا قاراپ ئۈنسىز پىچىرلىدىم.يۈرىكىم ھېلىلا تاپشۇرۇۋالغان ئارماننىڭ ئوتلۇق سۆيگۈ خېتى بىلەن تىپچەكلىسە يەنە قانداقتۇر نامەلۇم ۋەھىمىلىك شۇملۇقنىڭ بىشارىتى كېلىۋاتقان ئانام ئىككىمىزنىڭ قىلىشىۋاتقان سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىدىن سىرقىراپ ئاغرىپ تۇراتتى.
داۋامى بار.... |
|
|
|
|
|
|