ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 18
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېرىمگە يېزىلغان خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ گەپلەرنى سىزگە بىۋاستە دېيىش ئەپسىز بولغاچقا، خەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى توغرا تاپتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپلەرنى ئۆز ئاغزىم ئارقىلىق سىزگە ئېيتىپ بولغۇچە،مىڭ يېرىمدىن ئېقىپ -تۆكۈلۈپ ، مەقسىدىمنى ئۇقتۇرالماي قالغاننى ئاز دەپ ،كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ،تېخىمۇ بەك ئۆچلىكىڭىزنى قوزغاپ قويۇشۇم مۈمكىن،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى خەت ئارقىلىق مەقسىدىمنى ئۇقتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۈگۈن يەنە سىزنىڭ ھېلىقى‹‹ گۈلىڭىز››نىڭ،‹‹جېنىم›› ڭىزنىڭ ‹‹ تاتلىق››ڭىزنىڭ تېلىفونىنى تاپشۇرىۋالدىم،نېمىشقا ‹‹جېنىم››‹‹ تاتلىق›› ڭىز دەپ ئاتىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ ؟ ئاڭلاپ بېقىڭ خالىسىڭىز.....
   نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قولۇمنى يۇيۇش ئۈچۈن كىرىپ ،تازىلىق ئۆيىدە ‹‹ بىرنى ھاببا ئېتىۋېتە جېنىم ....گۈلۈم ....،سېنى بەك سېغىندىم، بۈگۈن چىقماي.... تاتلىق.... قېنى...ھە..›› دېگەن گېپىڭىزنى ئاڭلاپ قالدىم، مېنىڭ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئوغرۇلۇقچە ئاڭلاش مەقسىدىم يوقتى ،پەقەت قولۇمنى يۇيماقچى ئىدىم، سىزنىڭ تازىلىق ئۆيىدە ئىكەنلىكىڭىزنىمۇ بىلمەيتتىم،پەقەت تەسادىىپى ھالدا ئاڭلاپ قالدىم بۇ گېپىڭىزنى.....تازىلىق ئۆيى بىلەن قول يۇيىدىغان جاينى نېپىز بىر قەۋەت تام توسۇپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەرقانداق ئاۋاز ئېنىق ئاڭلىنىدۇ -دە..... ( سىز‹) مېنىڭ كەينىمدىن ماراپ گېپىمنى ئوغۇرۇلۇقچە ئاڭلىۋاپسەن ...›› دەپ مەندىن خاپا بولۇپ يۈرمەڭ يەنە)قولۇمنى سۈرتىۋاتسام قىلغان گەپلىرىڭىز تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى، مەنمۇ چىقىپ كەتمەي ئاخىرىغىچە ئاڭلاپ تۇردۇم . بېشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ‹‹تاز بولساڭ گەدەنگىچە بول دەپتىكەن ››  دەپ.
  مەن دەسلەپتە گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ‹‹تۇققانلارنىڭ بىرەر كىچىك بالىسىنى ئەركىلىتىۋاتقان ئوخشايدۇ ››دەپ ئويلاپ تازا پەرۋا قىلماپتىمەن، كېيىن ئاندىن سىزنىڭ بۇ گەپلەرنى شۇ ‹‹تاتلىقىڭىز››غا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى جەزىملەشتۈردۈم، چۈنكى سىز تۇققانلارنىڭ بالىلىرىنى ئادەتتە ئۆيگە كېلىپ قالسىمۇ ئۇنچە ئەركىلىتىپ كەتمەيتتىڭىز،ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ بالىلىرىغىمۇ ئوچۇق چىراي ئېچىپ ، يېقىملىق گەپ قىلىپ باقمىغىنىڭىزغا خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالغان ئىدى،دوستلىرىڭىزمىكىن دەي دېسەم ،ئەركىشى ئەركىشىگە ھەرگىزمۇ ‹‹ ھاببا ئېتىپ قويۇش ››توغرۇلۇق تېلىفون قىلمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغزىڭىزدىن بىرەر ئېغىز يېقىملىق ، ئەركىلىتىش تەرىقىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاش ماڭا ۋە بالىلىرىڭىزغا بەك تەس ئىدى مۇشۇ كۈنلەردە.
   ئۇنىڭسىزمۇ سىزنى‹‹ھاببا ›› ئېتىپ قويىدىغان ئۇ چىرايلىق ‹‹ تۇمۇچۇق›› ڭىز ماڭا بىرنەچە قېتىم تېلىفون قىلىپ مېنىڭ سىزگە چاپلىشىۋالماسلىقىمنى ،سىزنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتقان ئىدى، شۇلارنى ئويلاپ تېلىفون قىلىۋاتقان كىشىڭىزنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.......
     بىلەمسىز...؟ سىزنىڭ تېلىفوندىكى ئۇ ‹‹تاتلىقىڭز››غا قىلغان شۇ ئەركىلىتىش ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ يۈرىكمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاچچىق بولۇپ كەتتى، ئۈنسىز بىر يىغا ئىچ -ئىچىمدىن ئۆرلەپ بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ قالدى، ئۆزەمنى تۇتالماي ياتاق ئۆيگە كىرىپ بوغۇلۇپ -بوغۇلۇپ يىغلىدىم ،بىراق شۇ ئېنىقكى، سىز بۇ يىغامنى ھەرگىزمۇ كۆرمىدىىڭز، ئايالىڭىز بولغان پۈتۈن سۈرۈك بىر ئايال ئۆي ئىچىدە كۆز ئالدىڭىزدا يۈرسەممۇ، چىرايىمغا قارا تەزىڭىز بولمىسا ،كۆزۈمدىكى ياشقا دىققەت قىلاتتىڭىزمۇ....؟
   بىلسىڭىز بۇ ياشلار ئاچچىقتىن ،ھەسەتتىن، رەشىكتىن، تۆكۈلگەن ئىدى،نېمىشقىمۇ ھەسەت قىلماي....؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى ‹‹ گۈلىڭىز›› ‹‹ جېنىڭىز ›› مەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ ئورنىنى باشقا بىرسى ئىگىلىۋالسا ،قانداقمۇ ھەسەت قىلماي، ئاچچىقلانماي تۇرالاي....؟مەندەك بىر ئايالىڭىز ئەمەس ،باشقا بىر كىشى بولسىمۇ غەزەبلىنىدۇ بۇ ئىشقا....
   خوش، گەپنى بەك ئۇزارتىپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ قويماي نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي،ھېلىقى ‹‹ تاتلىقىڭز››نىڭ ماڭا نېمە دەپ تېلىفون قىلغانلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ ( ئۇ ‹‹جېنىڭىز›› غا تېلىفون نومۇرۇمنى سىز ئېيتىپ بەردىڭىزمۇ   ياكى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلدىمۇ بۇنى ئۇقالمىدىم..)ئۇ ماڭا تېلىفوندا ‹‹ ئەينەككە بىر قاراپ باقە، ئەپتىڭ نېمىگە ئوخشايدۇ....؟ ئۆينى بىكارلىماي كەچكىچە چاپلىشىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن...؟ ئېرىڭگە سەن يارىمىغاچقا مېنى تاپتى،ئۇنىڭ سېنى كۆرەرگە كۆزى يوق، ھۇي چاپلاندى.....›› دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ مېنى شۇنداق سەت تىللار بىلەن ھاقارەتلىدى. بەزى گەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىشقىمۇ ئۇيىلىمەن، ئۇنىڭ رەسۋا تىللار بىلەن تىللىغان گەپلىرىدىن يۈرىكىم ئاغرىپ، ھۇشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ قالدىم.
    ئۇ مېنى شۇنداق ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاۋاتسا ئەلۋەتتە مەنمۇ قاراپ تۇرمۇدۇم،مەنمۇ ياندۇرۇپ تىللىدىم ،لېكىن مېنىڭ قايتارما ھۇجۇمۇم ئۇنىڭ پېلىموتتەك تاتىلداپ چىقىۋاتقان تىللىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپلا قالدى،‹‹توۋا ››دەپلا قالدىم ئۇنىڭ رەسۋا بىشەملىكىگە..........شۇنداق بىر  رەسۋا ‹‹ تۇمۇچۇق››قا سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن، ياكى ئۇ ئۇ ئەڭ نومۇسسىز تىللىرىنى ئۆزىنىڭ‹‹ دۈشمىنى ، كۈندىشى››بولغان مەندەك بىر چاپلاندىغا ئىشلتىپ، ئەڭ ‹‹گۈزەل ، ئەڭ يېقىملىق ، ئاڭلىسا ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان ›› تاتلىق گەپلىرىنى، ئەرلەرنىڭ يۈرىكىنى ئويناتقۇدەك يېقىملىق ناز -كەرەشمىلىرىنى سىزگە كۆرسەتكەن بولغاچقا ،مەندەك ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى، بولۇپمۇ ئۇنداق رەسۋا گەپلەرنى ئېغىزغا ئېلىشقا ئۇيىلىدىغان مەندەك بىر ئايالغا نىسپەتەن ( بۇ يەردە ئۆزۈمنى يۇۋاش، ئەخلاقلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقچى ئەمەسمەن...) يۈرىكىڭىز مۇز بولۇپ قېتىپ، ئۇنىڭدەك توي قىلمىغان قىز تۇرۇپ شۇنچە نومۇسسىزلىقلارنى كۆرسىتىپ ‹‹ تالا مۈشۈكى ئۆي مۈشۈكىنى قوغلاپتۇ›› دېگەندەك شۇنچە يىللاردىن بېرى قولۇمنى كۆسەي، چېچىمنى سۈپۈرگە قىلىپ ،جاپا -مۇشەققەتلەر بىلەن تۇتقان ئۆيۈمدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغان بۇ‹‹ گۈزەل››گە سۇ بولۇپ ئېقىۋاتامدۇ تاڭ،ھېچ بىلمىدىم..... بۇنداق دېسەم ‹‹سەن ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا ،يامان نىيەت بىلەن شۇنداق دەۋاتىسەن ›› دېيىشىڭىز مۈمكىن، لېكىن ئۇنىڭ شۇ تىللىغىنى سىز ئۆز قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلىغان بولسىڭىز،ئۇنىڭ سىزگە يېقىملىق ئەركىلەپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي قالغان بولاتتىڭىز.......
   ‹‹تاتلىقىڭىز››نىڭ تېلىفوندىكى  بۇنداق ھاقارەتلىك تىللىرىنى گومۇشلارچە ئاڭلاپ، بار دەردىمنى كۆز ياشلىرىمدىن ئېلىۋاتقىنىمغا بىرنەچچە قېتىم بولدى، شۇنىبىلىپ  قويۇڭكى، مەنمۇ ئۇنچىۋالا مەتۆ، دەلتىلەردىن ئەمەس،‹‹ ئاچچىقى كەلسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ ›› دېگەن گەپ بار، لېكىن مەن ‹‹ئاچچىقى كەلگەندە ئادەم چىشلەيدىغان توشقان››بولۇشنى خالىمىدىم، ئېغىر -بېسىقلىق قىلىپ ئەمەس، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، سىزنى دەپلا بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بەردىم....
   ‹‹قانداقسىگە مېنى دەپ....؟›› سورىشىڭىز مۈمكىن، جاۋابىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ، مەن ئۇ‹‹ ئاشىقىڭىز››نىڭ ماڭا تېلىفون قىلغان تېلىفون خاتىرسى ۋە يازغان ئۇچۇرلىرىنى سىزگە كۆرسىتىپ سىز بىلەن راسا سوقۇشساممۇ ياكى ئىدارىڭىزگە بېرىپ ئىدارە باشلىقلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدا بىچارىلەرچە يىغلاپ ،قىلغان ئەتكەنلىرىڭىزنى ئۇلارغا ئاشكارىلاپ ،ئۆزۈمگە نىسپەتەن ھېسداشلىق ، سىزگە نىسپەتەن نەپرەت قوزغىساممۇ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىزنى يەرگە ئۇرساممۇ ۋە ياكى بالىلارغا   ( ئۇلار دېگەن 18-14 ياشقىچە بولۇپ قالغان بالىلار) ،ئۇرۇق -تۇققانلارغا بۇ ئەھۋاللارنى ئېيتىپ ھېلىقى ‹‹ گۈلىڭىز››نىڭ ئىش ئورنىغا بېرىپ، ئۇنى تازا دۇمبالاپ رەسۋايىنى چۇۋۇپ، ئىچ -قارنىمنى بوشىتىۋالساممۇ بولاتتى، ( تېخى يېقىندىلا بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشتىن بىرسى يۈز بەردى،بىر خىزمەتدېشىم بىرسى بىلەن تېپىشىپ قاپتىكەن ،ئۇ كىشىنىڭ ئايالى ئوغلى بىلەن كېلىپ ئۇ خىزمەتدېشىمنى ئۇرۇپ -دۇمبالاپ ھالىنى قويمىدى...يۈز -كۆزلىرىدىكى كۆك خېلىغىچە يۈتمىدى) بىراق مەن ئۇنداق قىىلشنى خالىمىدىم، ئۇنداق قىلسام بولمايدىغانلىقىنى، ئاچچىقنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىنى ئويلاپ ،ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ ، سىزنىڭ ئۆزلىكىڭىزدىن ئىنساپقا كېلىپ، ئۆزىڭىزنى تونۇۋېلشىڭىزنى، ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپ يېتىشىڭىزنى كۈتتۈم، ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، كۆز ياشلىرىم ئىچدە كۈتتۈم.....
   سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويماقچى،مەن كۈتۈپ چارچىدىم، ئېغىر يۈكنى يەلكىسىگە ئارتىپ دەشتى -باياۋانلاردا ئېزىپ قالغان،ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق ئازابىدىن ھالسىزلانغان يولۇچىغا ئوخشاش ھالىمدىن كەتتى، سىزنىڭ (بىر -بىرىمىزنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرۈشۈپ، بىر -بىرىمىزدىن ئايرىلپ قالساق جېنىمىز چىقىپ كېتىدىغاندەك ھېسياتتا توي قىلغان ،بارلىقىم بىلەن سىزنى سۆيۈشكە، بار مېھرىمنى سىزگە، بالىلىرىمغا بېغىشلاشقا تىرىشىۋاتقان مەندەك بىر ئايالنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىپ ،ئورنۇمغا باشقا بىرسىنى يەڭگۈشلىمەكچى بولىۋاتقان ،ماڭا تاغدەك يار -يۆلەك بولىدۇ دەپ ئىشەنچ باغلىغان ئوننەچە يىللىق يولدۇشۇمنىڭ ،ھەمراھىمنىڭ)ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرى زېھنىمنى خورۇتۇپ، يۈرىكىمنى قۇرۇتتەك غاجىلاپ ئارامىمنى قويمىدى.....مەن كۆپ ئويلاپ كەتتىم، ئويلاۋېرىپ مىڭەمنىڭ قېتىغى چىقىپ كېتەي دەپ قالدى، لېكىن خىياللىرىمنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالمىدىم، ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاپ بېقىڭ.
    سىز‹‹ قېرىپ كەتتى،ئەمدى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئالالماس بولۇپ قالدى،ئادەمنى ئۆزىگە تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى...›› دەپ ھېسابلىغان مېنىڭ خېتىمنى بېرىۋېتىپ، ئورنۇمغا شۇ ‹‹تاتلىقىڭىز››نى يەڭگۈشلىمەكچى بولغىنىڭزدا شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەنمۇ سىز بىلەن توي قىلغان ۋاقتىمدا تېخى 22 ياشقا كىرگەن ،ھەرقانداق بىر يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققۇدەك بىر ‹‹ تۇمۇچۇق ›› ئىدىم، مەن كەينىمدىن قوغلاشقان شۇنچە يىگىتلەرنى نادامەتتە قالدۇرۇپ، ‹‹ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولالايدۇ، مېنى بەختلىك قىلالايدۇ، بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈپ كېتەلەيمىز...›› دەپ سىزنى تاللىغان ئىدىم،ھاال بۈگۈنگە كەلگەندە كۆزىڭىزگە قېرى، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى ئالالمايدىغان  بولۇپ كۆرۈنۈپ قاپتىمەن.
شۇ تۇمۇچۇققا دۈم چۈشكەن ۋاقىتتا شۇنىمۇ ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماڭكى، سىزمۇ يىگىرمە نەچچە ياشلىق قىران يىگىت ئەمەس، قىرىق نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان كىشى، بەلكىم مېنىڭ ئورنۇمغا ئۇ ‹‹ گۈل››نى يەڭگۈشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئۇنى ئۆزى كۈتكىنىدەك رازى قىلىپ كېتىشىڭىز ناتايىن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ‹‹ تۇمۇچۇق››نىڭ سىزدىن كۆڭلى سوۋۇپ باشقا بىرسىنى تېپىۋالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز بارمۇ......؟
    ئاخىرىدا سىزگە شۇنداق سوئال قويماقچى، سىزغۇ ئۇ‹‹ تاتلىق››نى چىن ھېسياتىڭىز بىلەن سۆيۈپسىز، ئىككىڭلار بىر -بىرىڭلاردىن ئايرىلالمىغىدەك دەرجىدە بىر -بىرىڭلارنى ياخشى كۆرىدىكەنسىلەر،لېكىن ئۇ‹‹گۈل››ڭىز سىزنى مەن كۈتكەندەك كۈتۈپ ،ھاجىتىڭىزدىن چىقالارمۇ؟ سىز ياخشى كۆرىدىغان تاماقلارنى ئېتىپ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كېلەرمۇ؟ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالالارمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى بىز ئاجرىشىپ كەتسەك، بالىلىرىمىز يېتىم بولۇپ قالىدۇ،ئۇ‹‹ گۈل››ڭىز بالىلىرىمىزغا مەن بەرگەندەك ئانا مېھرىنى بېرەلەرمۇ؟ مەندەك باغرىغا باسالارمۇ؟ بېشىنى ئانىلىق مېھرى بىلەن سىلىيالارمۇ؟ بالىلارمۇ ئۇ بولغۇسى  ئۆگەي ئانىنى مېنى  ئۆز ئاپىسىنى كۆرگەن كۆزدە قارىيالارمۇ؟؟؟ ئاپا ...!››دەپ بوينىغا ئېسىلپ ئەركىلىيەلەرمۇ؟ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دېيەلەرمۇ؟ بالىلىق مېھرى بىلەن ياخشى كۆرەلەرمۇ؟ كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتلىرىدا باغرىغا ئۆزىنى ئاتالارمۇ؟........مېنىڭ مۇشۇ سوئالىم ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۈپ ئاندىن ،بىر قارارغا كېلىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن...
   راستىنى ئېيتسام،گەرچە سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيسەممۇ، سىزدىن ئايرىلىپ كېتىشكە، بالىلىرىمنى يېتىم قىلىشقا كۆزۈم قىيمىسىمۇ، لېكىن سىزدەك ۋاپا -مېھرنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان ئەردىن سەل رايىم قايتىپ قالدى‹‹بولدىلا ،ئاجرىشىپ كېتەي››دەپمۇ  ئويلۇدۇم، لېكىن ئىككى بالام...... ئۇنداق قىلسام بالىلىرىم شۇ ‹‹ تاتلىقىڭىز››نىڭ ئالدىدا سارغىيىپ يۈرسە، يۈرىكىم تېخىمۇ ئېچىشىپ كېتە....؟ ئۇنداق دېسەم رەنجىپ كەتمەڭ، بەلكىم مەندىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن تەرەپلىرى باردۇ،ئۆزەم ھېس قىلالمىغان بىلەن، ‹‹ ھەركىمنىڭ تېزى بېشىدىن ئېگىز، ئۆزى كۆرمەيدۇ›› دېگەن گەپ بار بىزدە، مەنمۇ بەزىبىر ئەيىبلىرىمنى ئۆزۈم ھېس قىلىپ يەتمىگەن بولۇشۇم مۈمكىن،بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقاي......
   بىر ئائىلىنى بۇزۇش ئىنتايىن ئاسان، لېكىن ئۇ ئائىلىنى قۇرۇپ چىقىش، ئوننەچچە يىللىق تارخقا ئەكىلىش ئۇ بەك تەس، ئائىلە دېگەن قۇشقاچ ئۇۋىسى ئەمەس، بوراندا چۇۋۇلۇپ كەتسە، قايتىدىن چاڭگا تىزىپ ئورنىغا ئەكىلىپ قويىدىغان.... بۇنى نۇقتىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭزنى سورايمەن..... ئاخىرىنى ئۆزىڭىز ئويلاپ بىر قارارغا كېلەرسىز، ئۆزىڭىزگە قويدۇم، مېھرىبان اللاھتىن كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ تىلەيمەن......خېتمنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن......



    سىزنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگۈچى ، باغرى قان ئوننەچچە يىللىق ئايالىڭىز X دىن....












ئاپتور سۆزى: سۆيۈملۈك سىڭىللىرىم، ‹‹كۆڭۈل، ياخشى كۆرۈش ›› دەپلا بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلماڭلار، ئەگەر شۇ ئايالنىڭ ئورنىدا مەن بولسام قانداق قىلاتتىم ....؟ دېگەننى ئويلاپ قويۇڭلار، باشقىلارنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇش ئىنتايىن ساۋاب ئىش، لېكىن ئىككى باشنى ئايرىپ، ئەلەمگە قويۇش بۇ ئىنتايىن رەزىللىك،ياراتقۇچى  ئىگەممۇ كەچۈرمەيدۇ جۈپتلەرنى ئايرىۋەتلەنلەرنى، مېھرىبان اللاھ كۆڭلۈڭلەرگە ئىنساپ -تەۋپق ئاتا -قىلسۇن.......





مەنبە : ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2015-5-8 15:48:37 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-8 15:49  

مۇشۇنداق  ئىشلارنى ئاڭلسام غەزەپتىن يىرلىپ كىتمەن ...................مۇشۇ ئەتراپمدىكى بىرلەينىڭ بىشغمۇ مۇشۇنداق كۇن كىلىپ توت بالنى يىتىم قىلدى .
ھەجەپ ياش ۋاقتا ياراپ بالا توت بولغچىمۇ نوقسانلىرى بىلنمەي .پۇل تىپىپ ئوينى قويالتىپ قويسا بۇ جاپاكەشلە
ئەمدى بولغاندا توت تال پۇل تىپىپ .........تىرسگە پات قالدىكەن .
شۇنداق ئەرلىرىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ئاللاھ ھەچ ئىشنى ئويلمسمۇ ئىشۇ سەبىلەرنى ئويلاپ قويسچۈ .
ئوزۇمنڭ كەلگۇسىدىن غەم قىلۋاتمەن بۇنداق داشقالار كوپيۇ ۋەرسە ئادەم تۇرمۇش قۇرۇشتىنمۇ قورقۇپ قالدىكەن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-5-8 15:58:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئىسل تئمىدىن بىرنى بىز بىلەن يۇز كۆرشتۇرگىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم ھەدە دېمىسىمۇ جەميتىمىزدە بۇنداق ئىشلار كۆپۇيۇپ قالدى ،بارلىق ئەرئايالارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب ۋە ئىمان تىلەيمەن !بالىرىنى بەختسىزلىك كوچىسىغا ئىتتىرىپ قويماسلىقىنى ئۇمۇد قىلمەن !بەركەتلىك بولۇڭ ،تىتىملىق ئەسەرلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن !
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

0

تېما

91

يازما

914

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 765
يازما سانى:
91
تىللا:
819
تۆھپە:
1
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
255 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-25
يەر
ۋاقتى: 2015-5-8 16:09:07 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

91

يازما

914

جۇغلانما

زىيارەت چەكلەنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 765
يازما سانى:
91
تىللا:
819
تۆھپە:
1
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
255 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-25
5#
ۋاقتى: 2015-5-8 16:18:55 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-5-8 17:49:53 | ئايرىم كۆرۈش
ئاپىرىن . مۇسلىنە  ھەدە  قەلەم تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي ، بەكلا  تەسىرلىك يېزىلغان خەت ئىكەن . ئاللاھىم  مۇشۇنداقلارنىڭمۇ جاجىسىنى  يەتكۈچە بىرەر . مەنمۇ  بىر خىللا  بوپ  قالىمەن  بۇنداق  ئىشلارنى ئاڭلىسام ، مۇشۇنداقلار  كىيىنچە ئائىلە  قۇرماسمۇ بالىلىق  بولماسمۇ . جاھان  ئايلىنىپ  ماڭىمۇ كېلىپ  قالار  دىگەننى  ئويلىماسمۇ . بۇگۈن  ماڭا ئەتە  ساڭا  دەپتىكەن . بۇلارنىڭمۇ تارتىدىغان  كۈنىىمۇ  كەپ قالار  ، ئىككى  توك توك   پۇلنى  دەپ نۇمۇسىنى   قايرىپ  قويۇپ   ھارام  ئىشلارغا  ئارلىشىپ  . شۇ  ئەرلەردىمۇ  بار  . نەچچە  يىل ئۆي تۇتقان ئاياللىرىدىن  ۋاز  كېچىپ نەدىكى  دادىن  قاچقان  نايناقلارنى  تاپقاندىكىن . شۇ پەسلەرگە خەجلىگەن پۇلنىڭ يېرىمىنى  ئايالىغا خەجلىسە  بېشى كۆككە  يىتەر  بىچارىلەرنىڭ . ئايال  كىشى دىگەن بەكلا ئاجىز ئىكەن  جۇما .  
شۇڭلاشقا  ئەرلەرنىڭ يانچۇقى  تومپايسا  بولمايدىغان ئوخشايدۇ  زادى . جاپا -مۇشاقەتتە  بىللە  بولغان  ھەمراھىنى  تاشلاپ يىڭىسىغا  ئالماشتۇرغىسى  كەپ   قالىدىغان ئوخشايدۇ . ۋىجدانسىزلارنىڭ .
ئاللاھىم  ھەممىمىزنىڭ   كۆڭلىگە ئىنساپ  ئاتا  قىلغاي
.
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

0

تېما

40

يازما

234

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 739
يازما سانى:
40
تىللا:
194
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
28 سائەت
ئاخىرقى:
2015-10-3
7#
ۋاقتى: 2015-5-8 18:43:50 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللاھىم  مۇشۇنداقلارنىڭمۇ جاجىسىنى  يەتكۈچە بىرەر جاھان  ئايلىنىپ  ماڭىمۇ كېلىپ  قالار  دىگەننى  ئويلىماسمۇ
تۇغۇلغانمۇ مەن ئازاپقىلا، بىلەلمىدىم يىغلىدىم ئۇزاق. كۈلەلمىدىم نىمشقا مەنلا، ھەركىم قۇرار ماڭىلا توزاق.

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-5-8 21:21:04 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بىرنىمە دىمەي ،دىسەم زادى دەۋىتىمەن !
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

9

تېما

220

يازما

702

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 613
يازما سانى:
220
تىللا:
466
تۆھپە:
5
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-12

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-5-9 00:17:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئامىنە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-8 18:43
ئاللاھىم  مۇشۇنداقلارنىڭمۇ جاجىسىنى  يەتكۈچە بىرەر ج ...

دۇنيادىكى ئەڭ ناچار  ئەر    ۋاپاسىز  ،  غۇرۇرسىز ،   ۋىجدانسىز  ،      ساداقەتنى ، مېھىر- ۋاپانى  بىلمەيدىغان ، تۇزكور سانىلىدىغان ،   ساندا بار سۈپەتتە يوق  ،    لاي غەزەل  ئەرلەرنىڭ    تىپىك مىسالىدۇر     .   

                                      - راجۇ   
كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق، يۈرىگىدە نەشتىرى بار

9

تېما

220

يازما

702

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 613
يازما سانى:
220
تىللا:
466
تۆھپە:
5
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
44 سائەت
ئاخىرقى:
2015-9-12

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-5-9 00:19:28 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-5-8 17:49
ئاپىرىن . مۇسلىنە  ھەدە  قەلەم تۇلپارىڭىز  ھارمىغاي ، بە ...

ئىمان بولمىغان ئەردىن ۋاپانى كۈتمە     ،  گەر  ۋاپانى كۈتسەڭ     ھەسرەت  يۈتمە  .     
                                 ئىجادىي ماقال تەمسىللىرىم   
كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق، يۈرىگىدە نەشتىرى بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:57 , Processed in 0.161451 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش