ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 14
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

غېرىپ ئانىنىڭ ئۆلىمى (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

تولا يۆتۈلۈپ دېمى كېسىلىپ نەپەس يېتىشمەي گېلى بوغۇلۇپ ،يەنە بىر تەرەپتى يۈرىكى كۆكرىكىگە پاتماي قېلىۋاتقاندەك چىڭقىلىپ ئاغرىق كىرىپ كېتىۋاتقان، ئورنىدىن تۇرسىلا يىقىلپ چۈشىدىغاندەك بېشى قېيىپ،پۇت -قوللىرى تىترەپ،مېڭىشقا پەقەتلا ماغدۇرى قالمىغان نىساخان ئانا بۇنداق يېتىۋەرسە كېسەل ئازابىدىن تېخىمۇ قىينىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ،كارۋاتنىڭ قىرغىقىنى قولى بىلەن چىڭ تۇتقىنىچە ئاستا پەسكە چۈشۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ، دوختۇرخانىغا بارماقچى بولدى، لېكىن بىرنەچچە چامدام مېڭىپلا بېشى قېيىپ كارۋاتنىڭ قىرغىقىنى ئىتتىكلا تۇتىۋالدى ۋە كارۋاتقا ئاستا ئولتۇرىۋالدى،مىڭ مۇشاققەتلەر بىلەن ئۈچ بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشۇپ ،ھالابۈگۈنگە كېلىپ قېرىغاندا مۇشۇنداق يالغۇزچىلىقتا قالغانلىقىغا كۆڭلى بۇزۇلۇپ ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلدى،كۆز ياشلىرىنى ئاستاغىنە سۈرتىۋەتتى.
- ھەي ، خوشنام تۇرسۇنگۈل ئەر -ئاياللار بولغان بولغان بولسا ، بۇنچىلىك قىينىلىپ كەتمەس ئىدىم، ئۇلار مېنىڭ بۇ ھالىمنى كۆرسە ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ بولغان بولاتتى، اللەھ -تاللا ئىگەم بالامنىڭ ئىنسابىنى بەرمىگەن بىلەن، خوشنامنىڭ ئىنسابىنى بېرىپ، ئېسىل خوشنىدىن بىرنى بېرىپتىكەن،ھېلىمۇ مۇشۇ كۆيۈمچان خوشنام بولغاچقا، ئۇلار ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ مېنى داۋاملىق يوقلاپ تۇرغاچقا ،مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتىم، بولمىغان بولسا نېمە كۈنلەرنى كۆرەتتىم، توۋا دەيمەن....!مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچتۇرۇپ، نى ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن ئەتىۋارلاپ باققان پەرزەنتىمدىن كۆرمىگەن مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىقنى مۇشۇ ئاقۆكڭۈل قوشنامدىن كۆرىۋاتىمەن، اللەھ ئىگەم ئۇلارغا مەڭگۈ سالامەتلىك ۋە بەخت -ئامەتنى يار قىلسۇن..... ئۇلارنىڭ ئىنسابىغا رەھمەت....!،ھەي، ئۇلار يەتتە نەزىرنى تۈگتىپ بولۇپلا قايتىپ كېلىمىز دەۋاتاتتى، بەلكىم ئەتە -ئۆگۈنلەردە كېلىپ قالار، ئۇنىڭغىچە بۇنداق يېتىۋەرسەم بەك قىينىلىپ كېتىدىكەنمەن،ئەركىنگە يەنە بىر تېلىفون قىلىپ باقسام قانداق بولار...؟ ھەي، قالغان بالىلىرىم قېشىمدا بولغان بولسا......،رەھمەتلىك دادىسى، نېمىشقا مېنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمەي ،يالغۇز تاشلاپ قويغانسىز، سىز بىلەن كەتكەن بولسام بۇنچىلىك ئازابلارغا قالماس ئىدىم.....- ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلاپ ،خوشنىسى تۇرسۇنگۈلنىڭ تۈگەپ كەتكەن دادىسىغا دۇئا قىلغاچ ،ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۈنسىز كۆز يېشى قىلۋاتقان نىساخان ئانا  يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان قىزى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئوغلىنىڭ ئۆزىنىڭ قېشىدا بولىشىنى ئۈمىد  قىلغاچ،بۇ ھالى بىلەن دوختۇرخانىغا ئۆزى يالغۇز بارالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئامالسىزلىقتىن كىچىك ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىپ ئۆزىنى دوختۇرخانىغا بىرگە ئاپىرىشنى ئۆتۈنمەكچى بولۇپ ،تېلىفونغا قولىنى ئۇزۇتۇپ بولۇپ يەنە ئىتتىكلا تارتىۋالدى، چۈنكى بىرنەچچە كۈن ئالدىدا نەپەس ياللۇغى قوزغۇلۇپ قېلىپ ،پەقەتلا بولالماي كەتكەن نىساخان ئانا مىڭ مۇشاققەتلەر بىلەن ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىغاندا ‹‹تېلىفون توختىۋېتىلدى›› دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ،ئامالسىزلىقتىن كېلىنى ئارزىگۈلگە تېلىفون قىلىپ ، ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ گېپىنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغۇچە ، ئۇنىڭ زەردە قىلغان ھالدا:
- ۋاييەي، ئەسلى ئوغۇللىرىغا مېنى ئېپ بەرمەي، يېنىلىرىدا مەھكەم سېسىتىپ ساقلىسىلا بوپتىكەن، سىلىى ئۈچۈنلا مېڭىپ دوك بولۇپ كېتىدىغان بولدى ئۇ بىچارە ئوغۇللىرى، بالىلىرى يالغۇز شۇ بىرلىمىتى، يا ئۇ ئارزۇلۇق ئوغۇللىرىنى مەندىن كۈنلەپ، تولا يانلىرىغا ئاپىرىۋالاملا يا......!،- دەپ شۇنداق سېسىق ، ئاچچىق،نومۇسسىز گەپلەر بىلەن دوق قىلىپ  تويغۇزۇپلا قويدى، ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىگە ئىگە زىيالى كېلىنىنىڭ بۇ زەھەردەك گەپلەرنى ئاڭلىغان نىساخان ئانا تاس قالدى شۇ جايدىلا ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى،ئورنىدىن تۇرغۇدەك ھالى قالمىغان نىساخان ئانا شۇ گەپلەر تەسىرىدىن يۈرەك ئاغرىقى قوزغۇلۇپ ئەسلىدىكى كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.بۇ گەپلەرنى ئىچىگە پەقەتلا سىغدۇرالمىغان ئانا ئەتىسى ئوغلى ئەركىنگە تېلىفون قىلىپ قېشىغا كېلىپ كېتىشنى ئېيتتى.
- مەن بەك ئالدىراش، قېشىڭغا بارغىلى چولام تەگمەيدۇ،نېمە گېپىڭ بار ئىدى؟ تېلىفوندىلا دېگىن ،- دېدى ئەركىن گەپنى ئۈزۈپلا، ئەسلى كېلىنىنىڭ گېپىنى دېمەيلا، ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتماقچى ئىدى، لېكىن كېلىنىنىڭ گېپى يۈرىكىدە توختاپ قالغاچقا، ئۇنىڭ قىلغان زەھەردەك گەپلىرىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىغا ئېيتتى .
- ئارزىگۈلنىڭ گېپى خاتاما سېنىڭچە؟ دېمىسىمۇ يالغۇز مەنلا سېنىڭ بالاڭمىتىم؟ ئىشىڭ چىقسقىلا مېنى ئاۋارە قىلىسەن،‹‹مۇشۇ بالامنىڭمۇ ئىشى باردۇ›› دېگەننى ئويلاپمۇ قويمايسەن،سېنىڭچە ئارزىگۈل شۇنداق ئەسكى، بىشەم خوتۇن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا سېنىڭ كۆڭلۈڭنى خوش قىىلپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالامنى يېتىم قىلايمۇ؟ شۇنداق قىلسام كۆڭلۈڭ ئارام تاپامدۇ؟داۋاملىق ‹‹ ئارزىگۈل ئانى دېدى، مانى دېدى ›› دەيسەن، سەن ئارزىگۈلنى پەقەتلا ياخشى كۆرمەيسەن، بولدى ،سەنلا خوش بولىدىغان ئىش بولسا ئۇنى قويىۋېتىپ، بالامنى  تىرىك يېتىم قىلىپ ،سېنىڭ قېشىڭغا ئاپىرىپ بېرەي، ئەسكى ئاپىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن يېتىم نەۋرەڭنى يېنىڭدا باقساڭ كۆڭلۈڭ يايراپ كېتەر بەلكىم......،!- دەپ خوتۇنىنىڭ گېپىدىنمۇ زەھەردەك گەپلەر بىلەن نىساخان ئانىغا دوق قىلىپ،ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدى، ئۆز ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان نىساخان ئانىنىڭ يۈرىكى  مۇجۇپ ئاغرىدى، ھېلىمۇ ياخشى يۈرەك ئاغرىق دورىسى كارۋاتنىڭ قېشىدىكى ئۈستەل ئۈستىدىلا بولغاچقا ئىتتىك ئېلىپ ئاغزىغا سېلىۋالدى، بولمىغان بولسا نېمە ئالامەتلەر بولاتتىكىن تاڭ.
شۇ ئىشلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان ئانىنىڭ يەنە بىر قېتىم تېلىفونغا ئۇزىتىلغان قولى ئوغلىنىڭ يەنە بىر زەھەر گەپلىرىنى ئاڭلاپ ،ھۇشىدىن كېتىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئىتتىكلا تېلىفوندىن تارتىلدى.نىساخان ئانا شۇنداق ھەسرەتلىك كۆز يېشى ئىچىدە ئوغلى ئەركىننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئوماق ھالىتى، چۈچۈك تىللىرى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلاردىكى تىرىشچانلىقى، كۆيۈمچانىلىقى،ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرپ خىزمەتكە قاتنىشىپ نى كۈندە ئارزىگۈل بىلەن تونۇشتى ،شۇ كۈندىن باشلاپ مىجەزىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى،توي قىلىشتىن بۇرۇن‹‹ئايرىم ئۆي ئالىمەن›› دەپ جىدەل قىلىپ يۈرۈپ ، ئەر -ئايال ئىككىسىنىڭ يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئۆزى ئالماقچى بولغان ئۆيگە تاپشۇرغانلىقىنى  ‹‹توينى ئارزىگۈلنىڭ دېگىنى بويىچە  ئۆتكۈزىمەن›› دەپ، ئۆينى قۇرۇقداپ ،ھەتتا قەرز قىلىپ قويغانلىقى،‹‹ تويدىكى قەرزلەرنى تۆلەيمىز ››دەپ رەھمەتلىك يولدىشىنىڭ تۈزۈكرەك داۋالىنالماي ، ئۇ ئالەمگە كەتكەنلىكى، ھەتتا  رەھمەتلىك يولدىشى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، دادىسىغا بېرىلگەن دەپنە پۇللىرى بىلەن 20 ئايلىق مۇئاشىنىمۇ ئوغلى ئەركىننىڭ ئېلىۋېلىپ ، ئۆزىگە ھەم ئاكا –ئاچىسىغا بىر تىيىنمۇ بەرمىگەنلىكى ....قاتارلىق ئىشلار خىيالىغا كېچىۋېلىپ‹‹ مېھرىبان اللاھ، ئوغلۇمغا ئىنسھاپ -دىيانەت، مېھرى -ۋاپا ،كۆيۈم ئاتا قىل.....›› دەپ ،ھېقىقداپ يىغلاپ كارۋات قېشىدىلا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى، دۇئا قىلغانسېرى ئاچچىق يىغا ئىچ- ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقتى، بارا -بارا نەپسى سىقىلىشقا باشلىغان نىساخان ئانا ئۆزىنىڭ بولالمايۋاتقانلىقىن ھېس قىلىپ، ئىنجىقلىغىنىچە  ئورنىدىن تۇرۇپ ،يۈرەك دورىسىغا قولىنى سۇندى، سۇندىيۇ قولى دورىغا يەتمەي يىقىلدى.
دادىسىنىڭ يەتتە نەزىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن تۇرسۇنگۈل نەرسە -كېرەكلىرىنى ئۆيگە ئەكىرىۋېتىپلا ، يولدىشىغا :
- مەن نىساخان ئاچامنى كۆرۈپ چىقاي، بىچارە قانداقراق ئولتۇردىكىن؟ -دېدى-دە ،نىساخان ئانىنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى.ئىشىكنى خېلى ئۇزۇنغىچى قېقىپ، ھېچقانداق تىۋىشنى ئاڭلىمىغاندىن كېيىن كۆڭلىدە ‹‹ ئوغلى ئەركىننىڭ ئىنسابى كېلىپ ئاپىسىنى ئۆيىگە ياكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ››  دەپ ئويلىغان تۇرسۇنگۈل ئارقىسىغا يېنىپ ئۆيىگە كىرىپ، نىساخان ئانىنىڭ ئۆيىنىڭ  ئۆزىگە بەرگەن ئاچقۇچىنى ئېلىپ  چىقىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئايالىنىڭ ئەنسىز ھالدا توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى يۈگۈرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ، نىساخان ئانىنىڭ كارۋاتنىڭ قېشىدا دۈم ياتقىنىنى كۆردى-دە، دەرھال ئالدى بىلەن ئەركىنگە ،ئارقىدىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون قىلدى.ئەركىن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقىتتا ،جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئانىسىنى تەكشۈرىۋاتاتتى، ئۇنىڭغىچە تۇرسۇنگۈلنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان خۇلۇم -خوشنىلىرى بىردىن -ئىككىدىن يىغىلىشقا باشلىدى.جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى تەكشۈرۈشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ‹‹ تۆنۈگۈن كۈندۈز سائەت ئىككى -ئۈچلەر ئەتراپىدا جان ئۈزگەن››دەپ يەكۈن چىقاردى.
تۇرسۇنگۈل ،ئۇنىڭ يولدىشى ۋە خۇلۇم -خوشنىلىرىنىڭ نەپرەتلىك كۆزلىرى ئاستىدا ، تۆنۈگۈندىن بېرى ئاپىسىغا بىر قېتىممۇ تېلىفون قىلىپ قويمىغان ياكى ‹‹ ئاپا ، قانداقراق ئەھۋالىڭ ؟›› دەپ يوقلاپ كېلىپمۇ قويمىغان ئەركىننىڭ بېشى گۇناھكارلارچە پەسكە ئېگىلدى. ‹‹ئاپا، ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر ،ئىنساپسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر .....›› دەپ ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان ئەركىننى ،تۇرسۇنگۈلنىڭ يولدىشى قوپاللىق بىلەن تارتىپ:
- بولدى يىغلىمىغىن ئەمدى، ‹‹ تىرىكلىكىمدە ئەتمىدىڭ ياد، ئۆلگىنىمدە چەكمىگىن پەرياد››دەپ ،مىڭ  يىغلىساڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئاكاڭغا، ئاچاڭغا ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلارغا خەۋەر قىل....،-دېدى.پۇشايمان ياشلىرى تۆكىۋاتقان ئەركىن ھېقىقداپ يىغلىغىنىچە ئاكىسىغا، ئاچىسىغا ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇققانلىرىغا ئاپىسىنىڭ ئۆلۈمىنى خەۋەر قىلىش  ئۈچۈن تېلىفوننى ئالدى.


مەنبە : ئۆز قەلىمىم


ئەسكەرتىش:‹‹ گۈلدەستە ››پىروگىراممىسىغا تەۋسىيە ئەسەر


يۈرەك سۆزلىرىم:ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە ئانا ئىنتايىن ئۇلۇغ ئىنسان،ئانىلارنىڭ شەنىگە داستان پۈتسەكمۇ ئازلىق قىلىدۇ،‹‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدا ››دېگەن مۇشۇ سۆزدىنمۇ ئانىلارنىڭ شۇنداق ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ،قانچە قىلساقمۇ ئوتىمىزدا كۆيۈپ،سۈيىمىزدە ئاققان ئانىمىزنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ بولالمايمىز،نەچچە كۈن بولدى ‹‹يىپەك يولى ساداسى››نىڭ 26-سانىدا  ئابدۇسەمى ئەركىن ئورۇنلىغان ‹‹ئانام چىرايلىق››دېگەن ناخشىنى ئاڭلاۋاتقىلى،ھەر بىر ئاڭلىسام بىر قېتىم يىغا باسىدۇ.ئارىمىزدا شۇنداق پەرزەنتلەر باركى ،ئاتا –ئانىسىا شۇنچە ۋاپادار ھەم كۆيۈمچان،يەنە شۇنداق پەرزەنتلەر باركى ئاتا –ئانىسىغا كۆيۈمسىز،بىۋاپا،باغرى تاش،بۇ ھېكايەمنى  دەل ئەنە شۇنداق ئاتا –ئانىسىغا كۆيۈمى يوق،ۋاپاسىز پەرزەنتلەرگە ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن يېزىپ چىقتىم.ئاتا –ئانىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا  كۆيۈنەيلى،ئۇلار ئالدىدا پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى.....

باھا سۆز

kaltis  ۋاقتى: 2015-5-6 13:03
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2015-5-3 16:02:30 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشىيىزلغان  تىمكەن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

11

تېما

570

يازما

2845

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 707
يازما سانى:
570
تىللا:
2073
تۆھپە:
200
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-5-4 10:51:38 | ئايرىم كۆرۈش
يۈركىمنى ئېزىپلا بىر نېمە قىلۋەتتى بۇ ئەسەر...
بۇ سىرلىق ئالەمدە كۆپ ئېرۇر ئادەم،ئادەملەر ئىچىدە بار سەرخىل ئادەم،بولسام دەيمەن مەڭگۈگە ئارمىنىم شۇدۇر،سەرخىللار ئىچىدىكى ئاددىي بىر ئادەمئ

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-5-4 13:19:25 | ئايرىم كۆرۈش
ئىچىم ئاچچىق  بۇپ  قالدى...
ئاشۇنداقمۇ باغرى تاش، ئىنساپسىز  بالا بۇلامدۇ توۋا؟  ئەركىن بىلە ئارزگۈلگە بەك ئاچچقىم كىلۋاتدۇ...



ئەسىرىڭىز ،تۇرمۇشقا يقىن ، چۇشىنشلىك  شۇنداق  ياخشى چىقپتۇ...

5

تېما

652

يازما

3268

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 681
يازما سانى:
652
تىللا:
2064
تۆھپە:
500
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
458 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-8

مۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-5-4 13:32:31 | ئايرىم كۆرۈش
بىزدە   تېرساڭ  ئۇرارسەن دىگەن  گەپ  بار ، ئۇلارمۇ   بىر كۇنلرى  ئانسغا  قىلغان  مۇئامىلگە  چۇشلۇق  جاۋاپقا ئېرشىپ  قېلشى  مۇمكىن...

بۇ ئىنكاسىم ھېلقى  بىر  بوۋاينى  ئوغلى دەرياغا  تاشلۋەتمەكچى بولغاندا  ئۇ  ئادەم  ‹بالام مېنى ئاۋۇ يەگە تاشلغىن  مەنمۇ دادامنى  شۇيەرگە تاشلۋەتكەن› دىسىە  ئۇ  بالنىڭ   ئۇنداق  قىلمايچۇ مېنمۇ  ئوغلۇم  تاشلۋەتمسۇن....  دىگەن ئىبرەتلىك   ھىكاينى  ئەسلەتتى.
ئۇف....   ئاللاھ  ھەممىزنڭ  قەبىگە ئىنساپ ، دىيانەت ئاتا قلسۇن!

11

تېما

462

يازما

2233

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 692
يازما سانى:
462
تىللا:
1670
تۆھپە:
27
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
244 سائەت
ئاخىرقى:
2016-9-15

جانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-5-4 13:40:20 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا قەلىبلەرگە ئىنساپ بەرسۇن ،   بىز نىمە قىلساق ۋاقتى كىلىپ بىزگىمۇ شۇ بۇلۇپ ياندۇ .
قەلبىمدە بار تەنھا بىر قەبرە ، ھايات بىرسى قىلىنغان دەپنە

5

تېما

345

يازما

1190

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 693
يازما سانى:
345
تىللا:
715
تۆھپە:
40
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
77 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-15

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-5-4 13:43:05 | ئايرىم كۆرۈش
مەن كۆيەرمەن بالامغا،
بالام كۆيەر بالىسىغا.....

دەپتىكەن كونىلار،زادى بالىنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدا چوڭ بولمىغى تەسكەن ...

0

تېما

20

يازما

127

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 776
يازما سانى:
20
تىللا:
107
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
26 سائەت
ئاخىرقى:
2015-12-27
8#
ۋاقتى: 2015-5-4 17:17:28 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەسىرلەندىم.يۈرىكىم ئېزىلىپلا كەتتى.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-5-5 12:27:17 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ھىكايكەن ھەدە ،ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالىدى ،دېمىسىمۇ ھازىرقى جەميتىمىزدە بۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس ،بۇ دۇنيادا بىزگە نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئۇلۇغ ھەم مىھىرىبان يىقىنلىرىمىز بولمىسا كېرەك !بىز پەرزەنتلەر قانچە قىلساققمۇ ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگەن مىھرىنىڭ ئورىنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمىز .بالىلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب تىلەيمەن!بەركەتلىك بولۇڭ ھەدە
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

19

تېما

1336

يازما

4877

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 471
يازما سانى:
1336
تىللا:
3531
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
398 سائەت
ئاخىرقى:
2016-11-10

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزائالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-5-6 20:04:06 | ئايرىم كۆرۈش
كۈلكىنىڭ خاتىرىسى غېرىپ ئانىنىڭ ئۆلۈمى يۈرەك-باغرىمنى ئېزىپلاۋەتتىغۇ......

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى سالامەت بۇلۇڭلار !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:57 , Processed in 0.143863 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش