يېڭىدىن 5-يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى بولغان تومسۇن خانىم ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدا يالغان گەپ قىلىپ سالدى،كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق،تۇنجى قېتىم ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا،
‹‹ھەممىڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىمەن ››دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئالايلۇق،تومسۇن خانىم بىرىنچى رەتتە ئولتۇرىدىغان تېد ئىسىملىك بالىنى پەقەتلا ياقتۇرمىدى.ئۇ بۇ بالىنىڭ بىر قىسما ئىكەنلىكىنى ،باشقا بالىلار بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىغانلىقىنى سەزدى.ئۇنىڭ كىيىملىرى قاچانلا قارىسا قاسماق،ئەزەلدىن يۇيۇلمىغاندەك كۆرۈنەتتى.ئۇ يەنە دەرستىمۇ ناچار...ھەر قېتىم تومسۇن خانىمنىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا چۈشۈپ قالسىلا ئىختىيارسىز قوشۇمىسى تۈرىلەتتى.
بىر كۈنى،مەكتەپ مۇدىرىغا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئارخىپىنى ئوقۇپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە ، تومسون خانىم تېدىنىڭ ئارخىپىنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى ھەم ئۇ تېدىنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىپ ئەڭ ئاستىغا قويدى.
.ھالبۇكى ،ئۇ ئاخىرىدا بۇ بالىنىڭ ئارخىپىغا يېزىلغان باھالارنى ئوقۇغۇنىدا قاتتىق ھەيران قالدى.
1-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق يازغانىدى:«تېد تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ،رەتلىك ئىشلەيدۇ.ئۇ ئەدەپلىك...ھەمىشە باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ››
2-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى «تېد ئەلاچى ئوقۇغۇچى، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.بىراق ئۇ بەختسىز بولۇپ قالدى. ئاپىسىنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالدى، ئائىلە تۇرمۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىناق››
3-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى:«ئاپىسىنىڭ ئۆلىمى ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولدى. گەرچە ئۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، دادىسى ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىدى.ئەگەر تەدبىر قوللىنىلمىسا ،ئۇنىڭ تۈگەشكىنى شۇ».
4-يىللىقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى : «تېد دەرسكە قىزىقمايدۇ.جىمغۇر،دوستى يوق، بەزىدە دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدۇ»دەپ يازغانىدى.
تومسون خانىم شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن خىجىل بولۇپ قالدى.مىلاد بايرىمىدا،بالىلار ئوقۇتقۇچىسىغا ھەر خىل چىرايلىق،نەپىس سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى،تېدمۇ سوۋغات ئېلىپ كەلگەن ئىدى.سوۋغات كونىراپ كەتكەن، ئىلگىرىكى يېمەكلىك ئورالغان قەغەزگە ئورالغانىدى.ئىلگىرى بولغان بولسا، تومسون خانىم بۇنى كۆرۈپلا چوقۇم قوشىمىسىنى تۈرگەن بولاتتى.بىراق،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئېغىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.
تېدنىڭ سوۋغىتىنى ئېچىپلا ئۇنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى.
ئىچىدىكىسى پۇچۇلۇپ كەتكەن خىرۇستال بىلەيزۈك ۋە يېرىمدىن ئازىراق قالغان بىر قۇتا ئەتىر ئىدى. بالىلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىلىرى ئالدىدا ،تومسون خانىم شۇئان بىلەيزۈكنى تاقاپ ،ھاياجان بىلەن:‹‹نېمە دېگەن چىرايلىق!››دېدى ،ئارقىدىن ئەتىرنىمۇ بېغىشىغا چاچتى.تومسون خانىمنىڭ ھەركىتىدىن بالىلارنىڭ كۈلكىلىرى بىردىنلا ئۈزۈلۈپ ،سىنىپ ئىچى تىمتاسلىققا چۆمدى.
شۇ كۈنى دەرستىن چۈشكەندىنك كېيىن ،تېد خېلىغىچە سىنىپتىن ئايرىلمىدى.ئۇنىڭ تومسون خانىمغا دەيدىغان گېپى بار ئىدى.ئۇ:‹‹مۇئەللىم،بۈگۈن سىزنىڭ ھەركىتىڭىز ئاپامغا ئوخشاپ كەتتى.ئۇ دائىم مەن سوۋغا قىلغان ئەتىرنى مۇشۇنداق پۇرايتتى››دېدى.
تېد كەتكەندىن كېيىن، تومسون خانىم بىر سائەتكىچە يىغلىدى . شۇ كۈندىن بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىگە يەنە بىر مەزمۇن قوشۇلدى،ئۇ بالىلارنى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن رىغبەتلەندۈرەتتى ۋە يېتەكلەيتتى.
تومسون خانىم تېدقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى،تېدمۇ خۇددى مۇئەللىمنىڭ يېنىدا بولسىلا تەپەككۈرى ئېچلىىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلدى.تومسون خانىم قانچە رىغبەتلەندۈرگەنسېرى ئۇنىڭ ئىنكاسى شۇنچە تېزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.ئوقۇش ماۋسۇمى ئاخىرلاشقاندا تېد سىنىپتىكى ئەڭ ئەلاچى بالىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
بىر يىلدىن كېيىنكى بىر كۈنى ،تومسون خانىم ئىشىكىگە بىر پارچە خەت قىستۇرۇلغانلىقىنى كۆردى.بۇ تېد يازغان خەت ئىدى،خەتتە تېد:‹‹سىز مەن يولۇقتۇرغان ئەڭ قالتىس ئوقۇتقۇچى››دەپ يازغان ئىدى.
ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى .تومسون خانىم تېدنىڭ ئىككىنچى پارچە خېتىنى تاپشۇرىۋالدى.خەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلىكنى، سىنىپ بويىچە ئۈچىنچى بولغانلىقىنى يازغانىدى.ھەش –پەش دېگۈچە يەنە تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى.تومسون خانىم تېدنىڭ يەنە بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرىۋالدى.ئۇ خېتىدە كۈنلىرىنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ،لېكىن جان –دىل بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقىنى،ئاز كۈنگە قالماي ئىلغار ئوقۇغۇچى بولۇپ مەكتەپ پۈتكۈزىدىغانلىقىنى يازغانىدى.يەنە بىرقانچە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر پارچە خەت كەلدى.بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئىسمىغا ‹‹مېدىتسىنا دوكتورى ››دېگەن خەت قوشۇلغانىدى.گەرچە تېدنىڭ ھەر بىر پارچە خېتىنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمىسىمۇ ،بىراق ھەر بىرىگە :‹‹ سىز مەن يولۇقتۇرغان ئەڭ قالتىس ئوقۇتقۇچى››دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى.
مەنبە:باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىقلار ئۈچۈن 2-قىسىم تىل –ئەدەبىيات كىتاب
داۋامى بار....... |