بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gvzalnur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-23 15:48
كىتاب — ئىنسانىيەت ئەقىل–پاراسىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى. دۇنيانىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، تارىخ، ئىلىم–پەن، تېخنىكا، مائارىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، ھەربىي ئىشلار، ئالەم ئىشلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى كىتابتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋاستە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۈگۈنكىدەك مىسىلسىز گۈللەنگەن ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. كىتابتا ئىنسانىيەتنىڭ شانلىق تارىخى ۋە گۈزەل ئۆتمۈشى خاتىرلەنگەن ھەم كەلگۈسى ھەققىدە تەسەۋۋۇرلار بېرىلگەن.
ھەر يىلى 4–ئاينىڭ 23–كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى، شۇنداقلا دۇنيا نەشر ھوقۇقى كۈنى. بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى خاتىرىلەيدۇ.
ئۇنداقتا بۇ كۈن قانداق كېلىپ چىققان ؟ 1995–يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ–پەن–مەدەنىيەت مەھكىمىسى 23–ئاپرېلنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇش، نەشرىيات ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ بارلىققا كېلىشى
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ تولۇق ئاتىلىشى «دۇنيا كىتاب ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى» بولۇپ، قىسقارتىلىپ «دۇنيا كىتاب كۈنى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى دەسلەپ خەلقئارا نەشرىيات سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسى ئوتتۇرىغا قويغان. 1972 – يىلى ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى پۈتكۈل دۇنيانى «ئوقۇشچان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش» كە چاقىرغان ھەم ھەر بىر ئادەمدىن كىتاب ئوقۇشنى تۇرمۇشىنىڭ زۆرۈر مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. 1995 – يىلى خەلقئارا نەشرىيات سودىگەرلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ 25 – قۇرۇلتىيىدا «دۇنيا كىتاب كۈنى» ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ب د ت نىڭ مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسىگە رەسمىي يوللانماقچى بولغان. كېيىن روسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن «دۇنيا كىتاب كۈنى» دېگەن نام «دۇنيا كىتاب ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى»گە كېڭەيتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ 1995 – يىل 10 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىن 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنىگىچە ئېچىلغان 28 – قېتىملىق يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 23 – ئاپرېلنى «دۇنيا كىتاب ۋە نەشر ھوقۇقى كۈنى» قىلىش بېكىتىلگەن.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنىگە بېكىتىشنىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. ئىسپانىيەنىڭ كاتايلونىيە دېگەن يېرىدىكى خەلق ئارىسىدا ھەر يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى بىر پارچە كىتاب سېتىۋالغان كىشىگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىش ئەنئەنىگە ئايلانغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، كاتايلونىيەدە جورجى ئىسىملىك يىگىت بىر مەلىكىنى ۋەھشىي يىرتقۇچنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ. مەلىكە يىگىتكە رەھمىتىنى ئىپادىلەپ، كۈچ ۋە بىلىمنىڭ سىموۋولى سۈپىتىدە كىتاب سوۋغا قىلىپتۇ. يىگىتمۇ مەلىكىگە بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپتۇ. بۇ دەل 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە، بۇ يەردىكى ئاياللار ئەرلەرگە كىتاب، ئەرلەر ئاياللارغا ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ بۇ كۈننى خاتىرىلەيدىغان بولۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۈن يەنە ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى سىرۋانتېس(1616 – 1547) ۋاپات بولغان كۈن. ئىسپانىيەدىكى داڭلىق يازغۇچىلار بۇ كۈنى جەم بولۇپ، سىرۋانتېسنىڭ «دونكىخوت» ناملىق رومانىنى ئىككى مىنۇتتىن ئۈنلۈك ئوقۇشىدىكەن. دەل مۇشۇ كۈنى يەنە ئەنگلىيەدە مەشھۇر دىراماتورگ شېكىسپىر خاتىرىلىنىدىكەن. شېكىسپىر 1564 – يىل 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تۇغۇلۇپ 1616 – يىل 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ۋاپات بولغان. ئەنگلىيەلىكلەر بۇ ئالاھىدە كۈننى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، شېكىسپىرگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشىدىكەن. ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسىنىڭ بۇ كۈننى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ تاللىشى دۇنيادىكى مەشھۇر يازغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈشنى، يەنە بىر تەرەپتىن، ياشلار ۋە بالىلارغا كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش بايرىمى
جۇڭگو — دۆلەتلىك بىلىم قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 2000–يىلى، ھەر يىلى 12–ئاينى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى» قىلىپ بېكىتكەن. نەچچە يىلدىن بۇيان، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى مول، سەرخىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
ئىسپانىيە — ئىسپانىيەنىڭ كاتالان رايونىدا ھەر يىلى 23–ئاپرېل كوچىلاردا چوڭ–كىچىك كىتاب يايمىلىرى توشۇپ كېتىدىكەن، ھەر قانداق بىر كىتاب سېتىۋالغان كىشى بىر قىزىل گۈلگە ئېرىشىدىكەن. شۇڭلاشقا «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە كوچىلاردا كىتاب ۋە گۈل كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خۇددى ئاشىق–مەشۇقلار بايرىمىدەك، ئىنتايىن قىزىپ كېتىدىكەن.
ئەنگلىيە — 23–ئاپرېل، ئەنگلىيەدە پاسخا بايرىمى بولۇپ، دەم ئېلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. شۇ سەۋەپتىن ئەنگلىيە 2001–يىلىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش كۈنىنى 3–ئاينىڭ بىرىنچى پەيشەنبىسىگە ئۆزگەرتكەن.
ئەنگىلىيەنىڭ كىتاب ئوقۇش بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىنتايىن مول ۋە سەرخىل بولۇپ، تەخمىنەن 1000 خىلدىن ئاشىدىكەن. مەسىلەن، پېرسوناژلارنى دوراش مۇسابىقىسى، چۈشلۈك ھېكايە ۋاقتى ۋە ھەرخىل كىتاب سېتىش–سېتىۋېلىش قاتارلىقلار.
مېكسىكا — ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان گۇادالاجارا كىتاب كۆرگەزمىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىغا 20 يىل بولغان، بۇ ئانا تىلى ئىسپان تىلى بولغان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ كىتاب بەزمىسى ئىكەن. ھەر يىلى بۇ كىتاب كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغاندا، كۆپلىگەن نەشرىياتچى، ئەدەبىيات ۋاستىچىسى، تەرجىمان قاتارلىقلار گۇادالاجارا شەھىرىگە كېلىپ، سودا ۋە كەسپىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن. كۆرگەزمىگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 350 مىڭدىن ئاشىدىكەن.
كورىيە — ھەر يىلى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە، خاتىرە پوچتا ماركىسى تارقىتىلىدۇ. بۇ يىل كورىيەدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كىتاب تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىلارغا نەشر ھوقۇقىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، 23–ئاپرېل نەشرىيات 35 مىڭ پارچە كىتابنى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ھەقسىز ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.
ياپونىيە — توكيو ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، 23–ئاپرېلنى بالىلار كىتاب ئوقۇش بايرىمى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بالىلارنىڭ تىل، تەپەككۇر ۋە باشقا تەرەپلەردىكى قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
فىرانسىيە — 2004–يىلى، ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 11 پارچىدىن كىتاب ئوقۇغان.
بۇ كۈن ئىنسانلار كىتاب ئوقۇپ، بىلىمدىن تەڭ بەھرىلىنىشكە، تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل، مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىلىدىغان خاسىيەتلىك كۈن. بۇ كۈن دۇنيادا يەنە «ئەدەبىياتقا سىمۋول قىلىنغان كۈن» دەپمۇ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يىل 20 – قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى». ئۇنداقتا، بۇ كۈن قانداق بارلىققا كەلگەن؟ بۇ كۈندە قانداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
«كىتاب ئوقۇش كۈنى» دىكى پائالىيەتلەر
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ پائالىيەت 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا كېڭىيىپ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلمەكتە. ھەر يىلى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە بىر چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شۇ بويىچە چوڭ كىتابخانىلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، نەشرىياتلار، مەكتەپلەر، سودا سارايلار، ئىجتىمائىي رايونلار كىتاب سوۋغا قىلىش، كىتاب ئوقۇش، ئويۇن قويۇشتەك مول پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئىلھام – مەدەت بېرىدۇ.
ئېلىمىزدە 1997 – يىلى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مائارىپ كومىتېتى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، ئاخبارات نەشرىيات باش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇن بىرلىكتە «مەملىكەت بويىچە بىلىم قۇرۇلۇشى» نى تەشكىللەپ، ئومۇمىي خەلقنى كىتاب ئوقۇشقا چاقىردى ۋە «ئوقۇشچان جەمئىيەت قۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلدى. 2000 – يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 12–ئاي ئېلىمىزنىڭ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ئېيى» قىلىپ بېكىتىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى 12–ئايدا مەملىكىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدا ئۆگىنىشچان جەمئىيەت، ئۆگىنىشچان ئورگان – تەشكىلات، ئۆگىنىشچان ئائىلە قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» نىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلدى.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى ھەرخىل بولۇپ، بۇ پائالىيەت، ئاساسلىقى، جەمئىيەتتىكى ساھەلەرنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى، قوللىشى، قاتنىشىشىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ كۈندە نەشرىياتچىلار ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ مەخسۇس لايىھەلەنگەن بەلگە چۈشۈرۈلگەن ئەسەر، بۇيۇملارنى بازارغا سالىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان رايونلارغا، كۇتۇپخانىلارغا كىتاب ئىئانە قىلىدۇ. مەكتەپلەر كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىلىرىنى، يازغۇچى، ئوقۇرمەنلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنى جەم قىلىپ ئەدەبىيات توغرىسىدىكى لېكسىيەلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. ياش پىدائىيلار تەشكىللىنىپ ياشانغانلار، ئەمالارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كىتاب ئوقۇپ بېرىدۇ. بۇ كۈندە گېزىت، ژۇرناللار كىتاب ئوقۇش، نەشر ھوقۇقى دېگەنگە ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىدۇ. رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى كىتاب ئوقۇش توغرىسىدىكى مۇھاكىمە، زىيارەت پىروگراممىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛ يېڭى يازغۇچى، شائىرلارنى، مۇزىكانتلارنى تونۇشتۇرىدۇ. كۇتۇپخانىلار ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تارقىتىدۇ. تام گېزىتى، قارا دوسكا چىقىرىلىدۇ ۋە باشقىلار.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» دە كىتاب ئوقۇيلى!
جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇماي ئالىم بولغان، كىتاب ئوقۇماي ياراملىق بولغان كىشى يوق. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان ئىستېدات ئىگىلىرى تىنماي كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق يېتىشكەن. بەزىلەر بىرنەچچە كىتابنى ئوقۇپلا، دۇنيادىكى ھەممە بىلىمنى شۇ كىتابلاردىن بىلىپ بولغاندەك ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بىلەن بىز ئوقۇيدىغان كىتاب تېخى كۆپ، كىتابنى قانچە ئوقۇساق شۇنچە ئازلىق قىلىدۇ. بۇ خۇددى دېڭىزنىڭ چېتى كۈرۈنمىگەندەك ئىش. بۇ نۇقتىدا ئالاھىدە تەكىتلەيدىغىنىمىز شۇكى، كىتاب ئوقۇش ئۈچۈنلا كىتاب ئوقۇماسلىقىمىز، كىتابنى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇنىڭدىكى بىلىملەرنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشىمىز لازىم. شۇنداق قىلالىساق، كىتاب بىز ئۈچۈن ياخشى مەدەتكار، ياخشى ھەمراھ بولغان بولىدۇ.
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ بىزگە بىلىم بېرىپ، روھىمىزنى مول، ھېسسىياتىمىزنى جۇشقۇن قىلىدۇ. دۇنيانى چۈشىنىشىمىزگە يول ئاچىدۇ. بىز كىتاب ئارقىلىق جاھان يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىمىز، كىتاب ئارقىلىق دۇنيادىكى ئىنسانلار بىلەن سىردىشالايمىز. ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە نېمە ئىشلارنى قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. بىز يەنە كىتاب ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى يېڭى – يېڭى ئىلىم – پەن ئۇچۇرلىرى بىلەن تونۇشۇپ، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۆھپە قوشالايمىز. بۈگۈنكى كۈندە كىتابنىڭ مەنىۋى قىممىتىدىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي قىممتىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا. ھازىر كىتابخانىلارنى ئارىلىسىڭىز، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىككە ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر تونۇشتۇرۇلغان، چۈشەندۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ كۆپلەپ نەشر قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇنداق كىتابلار نەق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىشتەك خاراكتېرى بىلەن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايان قىلماقتا.
بىزدە تولاراق كىتاب ئوقۇش زىيالىيلارنىڭ ئىشى، دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار. ھەتتا بەزىدە «كىتاب ئوقۇغانغا قورساق تويامدۇ؟» دەپمۇ قويىمىز. خەلقىمىز ئۇزاق مەزگىل جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەقلىي ئەمگەكنىڭ رولىنى تەرك ئېتىشكە كۆنۈپ قالغان. شۇنداق قىلىپ، زىيالىيلىرىمىز زىيالىي پېتى، دېھقانلىرىمىز دېھقان پېتى ياشاۋېرىدىغان ھالەت ئىككى خىل ئەمگەكنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشىنى توسۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كىتاب ۋە كىتاب ئوقۇشنىڭ قىممىتىنى باشقىدىن ئوبدان تونۇشىمىز كېرەك. ھازىر خېلى بىر قىسىم كىشىلىرىمىز كىتابنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا ئەكىلىۋاتقان پايدىسىنى تونۇپ يەتمەكتە. ئىلمىي تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشتا كىتاب تەمىنلىگەن بىلىملەرنى يېتەكچى قىلماقتا.
كىتاب ئوقۇش جەمئىيەتنى، ئادەملەرنى ئۆزگەرتمەكتە. ئادەملەر ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغرىسىدىكى بىلىشلىرىنى كىتابقا پۈتمەكتە ھەم كىتابتىن ئالماقتا. شۇڭا، كىتاب ئوقۇيلى! كىتاب ئارقىلىق روھىي دۇنيايىمىزنى موللاشتۇرايلى! كىتاب ئىنسانلارنىڭ روھىي قۇدرىتى. كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى ئىنسانلارنىڭ ئالغا ئىنتىلىشىدە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىشىدە، ئۆزئارا ئىناق – ئىتتىپاق ياشىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتىنى سۆيۈپ، گۈزەللىك يارىتىشى ئۈچۈن تىرىشىشىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
«دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» ھەممەيلەنگە ئورتاق كۈن. بۇ كۈندە تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇيلى! تېخىمۇ كۆپ كىتابنى دوست تۇتايلى!
ئاپتورى:توخنىياز ئىسمائىل نىدائى
|