سىز بەلكىم چىراي -شەكلى ئادەتتىكىچە قىزلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تېپىۋالغانلىقىدىن ،ئەكسىچە چىرايلىق،ياخشى قىزلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالماي ئولتۇرۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئەجەبلىنىدىغانسىز،تۆۋەندى يىگىتەر ياقتۇرمايدىغان بىرنەچچە خىل خارەكتىردىكى قىزلارنى تونۇشتۇرىمىز .بەلكىم بۇلار قىزلارنىڭ ئولتۇرۇپ قېلشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەر بولىشى مۈمكىن.
1.ھاكاۋۇر قىزلار:نام -شەرىپى چىققان ئائىلىلەرنىڭ قىزلىرى ياكى بىر قەدەر يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە قىزلار ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە بىلىمىنى مەقسەتلىك ھالدا پەش قىلىپ ،ئوقۇش تارىخى ۋە باشقا شەرت -شارائىتلىرى ئۆزىدىن تۆۋەنلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ ھەمدە ئەڭ يۇقۇرى ماددىي تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ.شۇڭا يىگىتلەر بۇنداق قىزلار بىلەن ئارىلىشىشنى خالىمايدۇ.
2.تىنىم تاپمايدىغان قىزلار:بۇ خىل قىزلار ئادەتتىن تاشقىرى پائالىيەتچان كېلىدۇ.ئازىراقمۇ جىم تۇرغىسى كەلمەيدۇ،ھەممە نەرسىنى قىلىپ باققۇسى،سىناپ باققۇسى كېلىدۇ.كۈندە نەچچە خىل ياسىنىشقا تىرىشىدۇ.بۈگۈن بىر يىگىتنى دوست تۇتسا،ئەتىسى يەنە باشقىسىغا ئىنتىلىدۇ.
شۇڭا يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى ئۆزىگە مەڭگلۈك ھەمراھ قىلىپ تاللىمايدۇ.
3.چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان قىزلار:ئادەتتە بۇنداق قىزلار ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ ،ئۆزىگە ناھايىتى تەماننا قويىدۇ.غۇرۇرى كۈچلۈك كېلىدۇ.ئاسان گۇمانلىنىدۇ،ئادەملەرگە ئاسان يېقىنلاشمايدۇ.بۇنداق قىزلارنىڭ نەزىرى ناھايىتى ئۈستۈن بولغاچقا يىگىتلەر يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.
4.خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان بېزەڭ قىزلار :بۇنداق قىزلار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا ئامراق كېلىدۇ.قىلىقلىرى تېتىقسىز بولۇپ، نەگىلا بارسا شۇ يەردە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ كىشىنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.ئادەمنى چۆچۈتكىدەك بىمەنە،يالغان -ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ.شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ.بۇنداق قىزلار دەسلىپىدە يىگىتلەرنىڭ دىققەت -ئېتىبارىنى تارتسىمۇ،لېكىن ئۇزۇنغا بارمايلا يىگىتلەرنى بىزار قىلىپ قويىدۇ.
5.ئۆزىنى گۈزەل ھېسابلايدىغان قىزلار:بۇ خىل قىزلار ھېسياتقا باي كېلىدۇ.ئاسانلا خام -خىيالغا بېرىلىدۇ.بۇ خىل قىزلار ئىنتايىن نازۇك بولۇپ ،ئاسان ھاياجانلىنىدۇ.دائىم ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ۋە كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.ئۆزىنى رومانلاردىكى باش ئايال قەھرىمانغا ئوخشۇتۇپ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان رومانتىك خىياللاردا بولىدۇ.بىر ۋاقىتتا بىرنەچچە يىگىتكە كۆڭلىنى بېرىدۇ.بۇنداق قىزلار يىگىتلەرنىڭ ھەقىقىي مۇھاببىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
6.توي قىلىشنىڭ كويىدا يۈرىيدىغان قىزلار:بۇ خىل قىزلار توي قىلىشنىلا ئويلايدۇ.ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنىڭغا بىرەر يىگىتنى تونۇشتۇرسا ،دەرھاللا شۇ يىگىتنى ئۆزىنىڭ توي قىلىدىغان لايىقى دەپ قارايدۇ.ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار -يوقلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ.
7.ھەسەتخور قىزلار:بۇنداق قىزلارنىڭ ئىگىلىۋېلىش ھېسياتى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.يىگىتنىڭ دائىم ئۆزى بىلەن بىللە بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.يىگىتنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ ،ھەر كۈنى ئۆزى بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ،ئەگەر ،يىگىتى باشقا قىزلارنى سەللا ماختاپ قويسا،ئۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ،يامانلاپ گەپ قىلمايدۇ.يىگىتلەر بۇنداق قىزلارنى ئەلۋەتتە ياقتۇرمايدۇ.
8.زىيادە جىمغۇر قىزلار:بۇ خىل قىزلار گەرچە ئەخلاقلىق ،پەزىلەتلىك،ئىقتىدارلىق بولسىمۇ،بىراق،زىيادە جىمغۇر ۋە كەمسۆز بولغىنى ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەي،باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
9.كەلگۈسىگە نىسپەتەن ئىرادىسى ۋە ئەقىدىسى يوق قىزلار:بۇنداق قىزلار ئىقتىدارلىق ۋە ئەقىللىق يىگىتلەرنىڭ تاللىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.شۇڭا قىزلار كۆپلەپ كىتاب كۆرىشى،بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلاپ تۇرىشى لازىم.
مەنبە :‹‹ئەي قىز ئاگاھ بولۇڭ››ناملىق كىتاب
تۈزگۈچى:روزىمۇھاممەت مۇتەللىپ |