ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خوتەن نامى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-1 17:54  


                                                                     خوتەن نامى ھەققىدە



  خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى، مۇنبەت قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەريا ۋادىلىرىدا تىرىكچىلىكىنى داۋام قىلىپ، خوتەن بوستانلىقىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كەلگەن، ئۇلار ئاقكۆڭۈل، ۋاپادار، خۇشپىئىل، ھەق سۆيەر، چىداملىق، قەيسەر، ھايالىق، ئىتىقادلىق، راستچىل، مىھرىبان ، كەڭ قورساق، مىھماندوست ، سىغدۇرۇشچان ، ئەپۇچان، سەبىرچان ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىجاناپ ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىدۇر، پەقىر خوتەنگە قوشنا ياشايمەن، ئەمما خوتەننى ئانا يۇرتۇمدەكلا ياخشى كۆرىمەن، بۇ يازمام ئارقىلىق خوتەن شەھىدلىرىگە ۋە خوتەن ئەزىزلىرىگە ھۆرمەت-ئىھتىراملىرىم ۋە ياخشى تىلەكلىرىم يەتكەي!. . .



   خوتەن ھەققىدە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تىمىلاردا تەتقىقاتلار بولۇپ ئۆتتى، جۈملىدىن «خوتەن» نامى ھەققىدىمۇ شۇنداق، ئەپسۇسكى تەتقىقاتچىلىرىمىز خوتەن تەتقىقاتىدا،  بۇددا دىنى ۋە سانسىكرىت تىلىغا يانداشقان تەتقىقات يۈزلىنىشىدە خوتەننى كۈزەتتى،  خوتەنگە باھا بەردى،  شۇنداقلا خوتەن ئۇيغۇرلىرىنى شۇ يۈزلىنىشتە چۈشەنمەكچى-چۈشەندۈرمەكچى بولۇشتى.  كۆرۈنۈشتە بۇ مىتود دۇرۇستتەك قىلسىمۇ،  خوتەننىڭ بۇددىزىمدىن بۇرۇنقى ،  يىراق ئۆتمۈشتە قالغان تارىخىغا ئىتىبار بەرمىگەنلىگى ئۈچۈن،  خوتەننىڭ تارىخىنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ بىرەلمىدى.  شۇ ۋەجىدىن «خوتەن» دىگەن نامنىمۇ ئۇيغۇر تىلىدىن ئەمەس،  ھىندى،  تىبەت تىللىرىدىن ئۇچۇر ئىزلەپ مەنا بىرىشلەر بولدى،  بۇ ئەمگەكلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمىز،  ئەمما «جاي نامى جاي ئىگىسىدىن بولۇش» دىگەن ئېلمىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىنمىغىنى ئۈچۈن قوبۇل قىلالمايمىز.

تۈرلۈك يازمىلاردا «خوتەن» نامى ھەققىدە ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان خاتا قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

1-«يەر ئەمچىكى» دىگەن قاراش.

   بۇ قاراشقا تاڭشۇەنزاڭ يازمىلىرى، تىبەتچە يازمىلار مەنبە بولغان بولۇپ، يىزىلىشىچە ، بالىسى يوق  ئۇدۇن شاھىغا بۇدداھ بەرگەن بىر ئوغۇل ، يەردىن چىققان ئەمچەكنى ئىمىپ چوڭ بولغاچقا «قۇستانا» يەنى «يەر ئەمچىكى» دىگەن نام پەيدا بولغان دىيىلىدۇ .

2-«كالىلىق»، ياكى «كالا ئەمچىكى» دىگەن قاراش.  

   ئۇلار سانسىكرىت تىلىدىكى «گوستان» ۋە «گوستانا» سۆزلىرىنىڭ «كالا باقىدىغان جاي» ۋە «كالا سۈتى» دىگەن مەنىسىدىن شۇ قىياسنى چىقىرىشقان.

3-كۈچتۈڭگۈر دىگەن قاراش.

   چەت ئەللىك بەزى بىلىمدارلارنىڭ قارىشىچە ، «ئۇدۇن» دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى شەكلى «خۇۋاتانا» بولۇپ ، مەنىسى «كۈچتۈڭگۈر» دىمەكتۇر.

4-گۇلباغ دىگەن قاراش.

« سانسىكرىت تىلىنىڭ تەرجىمىسى » دىگەن كىتاپتا خەنزۇچە «يۈتىەن» دىگەن سۆز «ئۇديانا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، مەنىسى «ئارقا ساراي» دەپ ئىزاھلانغان.

5-قاشتىشى ماكانى دىگەن قاراش .

رۇسىيەلىك بۇشىر ۋە ياپونىيەلىك شىراتورى كۇركىچىنىڭ قارىشىچە ، «ئۇدۇن» دىگەن سۆز تىبەتچە بولۇپ، تىبەت تىلىدا قاشتىشىنى «گيۇ»«يۇ » دەيدۇ، تىبەتلەر شەھەر-يىزىنى «توڭ» دەيدۇ، شۇنداق بولغاندا «گۇتوڭ» نىڭ مەنىسى «قاشتىشى چىقىدىغان جاي» دىگەن بولىدۇ.

6-خەنزۇ دىگەن قاراش.

بۇ قاراش ھىچقانداق بىر نۇقتىدىن دەلىللەشكە لايىق ئەمەس، شۇڭا تەپسىلى بايان قىلمىدىم .

7-ئۈزۈم دىگەن قاراش.

فىرانسىيە ئالىمى لىۋىنىڭ قارىشىچە، ھىندى تىلىدا ئۈزۈمنى «قۇستانى» دەيدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ قاراشنى خوتەنگە تەققاسلاپ شۇنداق دەلىللىگەن .

. . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . . .



خوتەن نامى ھەققىدىكى ئاساسلىق قاراشلار يۇقارقىدەك، سىنچىلاپ قارالسا ھىچبىر ئالىم «خوتەن» نامىنى بۇ ۋادىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارغا باغلاپ چۈشىنىشكە

ھەركەت قىلمىغان. ئۇلارنىڭ چوڭ مىللەتچىلىكتىن تۇغۇلغان ساددا چۈشەنچىسىچە ،   ئۇيغۇرلاردىن ئۆز جايىغا ئىسىم قويغۇدەك دىتى بار بىر ئىنسانمۇ چىقمىسا

كىرەك؟

سوغۇققانلىق بىلەن قايتا-قايتا دەلىللىشىمگە قارىغاندا ، «خوتەن» دىگەن بۇ قۇتلۇق نام ساپ ئۇيغۇرچە بولۇپ ، مەنىسى « ئىككى دەريا» دىگەنلىكتۇر!. . .

خوتەن ۋادىسىدىكى قاراقاش ۋە يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ مۇبارەك نامىغا قويۇلغان بۇ نام ، مۇشۇ دەريا ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئانا ماكانىغا

قويۇلغان ۋە ئىزچىل شۇ بويىچە ئاتالغان، بۇ قارىشىمغا دەلىلىم مۇنداق:

ئۇيغۇرلار قەدىمدىن بۇيان يىللارنى 12 مۆچەلدىكى 12 ھايۋان نامى بىلەن ئاتاپ ئادەتلەنگەن، بۇ ئادەتكە ئاساسەن «كالا» 12 مۆچەلدىكى 2- يىلنىڭ نامى بولۇپ قوللۇنۇلغان، قەدىمە «كالا» سۆزىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى «ئۇد» ئىدى، كالا 12 مۆچەلدە 2-ھايۋان بولغىنى ئۈچۈن، ئىككىنچى يىلنى بىلدۈرىدىغان «ئۇد يىلى» سۆزىدىكى ئىككىنى بىلدۈرىدىغان «ئۇد» سۆزى ، كىيىنچە يەنە كالىنى بىلدۈرۈدىغان «ئۇد-ئۇي» سۆزىگىمۇ مەنا كىڭەيتكەن، «ئۇد» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا « ئۇد←ئۇي←ئۇر←ئېر 二←» ، « ئۇد←دۇ←تۇ←Two←چۇ←كۇ←گۇ←ئۇگۇ←ئۇكۇ←ئىكۇ←ئىكى←ئىككى» شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ، ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر، قەدىمدە بوۋىلىرىمىز دەريانى «دون» دەيتتى، ھازىرمۇ رۇسىيەدە كازاكلار ياشىغان بىر دەريانىڭ نامى «دون» دىيىلىدۇ، «دون» سۆزى ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا « دون←دوي←دەي←زەي←سەي-←Sea←چاي←قاي←خاي海←» شەكلىدە بىزگە يەتكەن بولۇپ، ساپ ئۇيغۇچە سۆزدۇر، ھازىرقى ئەدەبىي تىلدا بۇزۇپ «دەريا» دەۋالغان بۇ ئاتالغۇنى ، خوتەن-يەركەن تەرەپلەردىكى ئۇيغۇرلار «دەي» دەيدۇ .

شۇنى ئەسلىتىش زۆرۈركى، «دەي» دىمەك «دەريا» ۋە «سۇ» دىمەكتۇر، تىلىمىزدىكى «زەي»، «زەيكەش» سۆزىمۇ سۇ كۆپ جايلارغا قويىلىدۇ، «سەيSea-» سۆزى بۈگۈنكى ئىنگىلىز تىلىدا «دىڭىز» مەناسىدا قوللۇنۇلىدۇ، «سەيلى» سۆزى پوسكامدا بىر يىزا نامى بولۇپ، داۋاملىق سۇ ئۆرلەپ تۇرغىنى ئۈچۈن «سەيلى» دەپ ئاتالغان، مەنىسى «سۇلۇق» دىمەكتۇر، «سەينىگ» سۆزىمۇ ، قولىمىزغا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالسا «سەينىگ» بوپ قالدى دىگەندە قوللۇنۇلىدۇ، «سەينىگ بوپ قالدى»  دىمەك «سۇلۇق بولۇپ قالدى » دىگەنلىكتۇر.

«چاي» سۆزىنىڭ سۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ، «قاي» سۆزىمۇ سۇنى بىلدۈرىدۇ، «قاينام»، «قىيان» سۆزلىرىدىكى «قاي» دەل شۇدۇر، ئەمدى سۆز بۇ يەرگە يەتكەندە «قاي» سۆزىدىن كىلىپ چىققان«خاي»سۆزىنىڭ «海» تەلەپپۇزىدا خەنزۇلاردا دىڭىزنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىسەكمۇ ئەقلى بار ئىنسان بۇنى چۈشۈنىۋالار.

«ئۇد دون» سۆزى قەدىمدە «ئىككى دەريا» دىگەن مەنا ئاساسىدا قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى خوتەن بوستانلىقىنى سۇغۇرۇپ كىلىۋاتقان ئانا دەريا -قاراقاش ۋە يورۇڭقاشلارنىڭ نامى ئاساسىدا كىلىپ چىققان.

«ئۇد دون» سۆزى  ئۇزۇن يىللىق تەلەپپۇز تارىخىدا « ئۇد دون←ئۇيدون←ئۇيتۇن←يۇتون←يۇتان←يوتقان»، « ئۇد دون←ئۇيدون←ئۇدۇن ».  

« ئۇد دون←دۇدون←تۇدۇن←چۇتون←كۇتەن←خوتەن»، « ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←كۇسۇن←كۇسان←گۇچان←گۇجان».

« ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←كۇسۇن←كۇسان←كۇشان»، « ئۇد دون←دۇدون←تۇدون←چۇدون←كۇدون←كوزۇن←

كۇزان←گۇزان←قازان» تەلەپپۇزلىرىدا ئاتىلىپ بىزگە يەتكەن.

تارىختىكى ئۇددۇن-ئۇدۇن، گۇجان-خوتەن ناملىرى ، ئىنسانىيەت تارىخدا سالماق ئىز قالدۇرغان كۇسان-گۇزان-گوجانلارنىڭ قەدىم خوتەندە ياشىغان يىراق ئەجدادىنىڭ ، بۈگۈنكى خوتەندىكى ئەۋلاتلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

يىپەك يولىنىڭ جەنۇبى لىنىيەسىدىكى مۇھىم جاي، سىرتقا يىقىنغىچە داغدام ئوچۇق خوتەن بوستانلىقىغا، تارىختا سەيياھ، بىلىم ئالغۇچى، مۇساپىر ، سودىگەر، قاراقچى ، بۇلانچى بولۇپ كىلىپ كەتكەنلەرنىڭ تىلىدىن ، بۇ ۋادىغا قويۇلغان تەۋەررۈك ناملارغا مەنا ئىزلەش، ئىلىمگە يات بولغان نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  

قەدىم ئۇد دونلۇقلار ئۇددۇن ۋادىسىدىن قۇرغاقچىلىق، قۇملىشىش، ياتلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەرگە كۆرە 4 ئەتراپقا كۆچكەن بولۇپ، تارىختىكى كۇشان خانلىقىنى قۇرغان كۇشانلار، كۇچادا كۈسەن خانلىقىنى قۇرغان كۈسەنلەر، خىشى كارىدورىدىن قايتىپ كەلگەن گوزانلار  ئەۋلادى بولغان پانتىكىن تەرىپىدىن تۇرپاندا قۇرۇلغان گازان خانلىقى(ئىدىقۇت خانلىقى-خەنزۇچە گاۋچاڭ خانلىقى دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان) ، بۈگۈنكى تۈركىيەدىكى كوزان ئۆلكىسى شۇلاردىن قالغان تارىخى ناملاردۇر، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدا تۇرپاننىڭ يازلىق پايتەختى گوزان(بۈگۈنكى گۇچۇڭ)دىكى گۇزانلار ، بارچۇق ئارت تىكىنگە ئەگىشىپ جەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئابباسىيلەر خەلىپىلىكىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان خان دەل شۇلاردىن ئىدى، گازانلار كىيىنچە جۇجىخاننىڭ تەۋەلىكىدە بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى تاتارلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن، گازانلاردىن قالغان يالداما بۈگۈنكى تاتارىستاندىكى قازان شەھرىنىڭ «قازان» دىگەن نامىدۇر، «قازان» دىمەك تاماق ئىتىدىغان قازاننى ئەمەس، بەلكى ئەرەپ ئابباسىيلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەن گازان قەبىلىسىنىڭ نامى بولغان «گوزان» سۆزىدىن كەلگەندۇر.

شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەر بولۇشى كىرەككى، بۇددىزىم پەيدا بولۇپ، دۇنياغا تارالغان جاي، بۇددا يازمىلىرىدا«ھىندىستاننىڭ شىمالى» دەپ خاتىرلەنگەن، ھىنىستاننىڭ شىمالى بولسا خوتەن بوستانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ، بۇددا دىنىنى تارىخىي نۇقتىدىن بايان قىلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە سۆز قىلدۇق.

بۇددا دىنىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ، خوتەننى بۇددا دىنى تەسىرىدىكى ھىندىستان بىلەن باغلاپ چۈشۈنۈش يەنە بىر نادانلىقتۇر. شۇنىسى ئىنىقكى، بۇددا دىنىنىڭ بەرپاچىسى ساكلاردىن بولغان كىشى ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭغا«ساك يامۇن» نامى بىرىلگەن، بۇددا تارىخنامىلىرىدە ھەتتا ساكيامۇننىڭ خوتەندىكى «كوسىنگارا» تىغى باغرىدا ۋەز ئىيتقانلىغىمۇ سۆزلىنىدۇ، بۇددىزىم تارىخىدا ، بۇددا دىنىنىڭ گۈللەنگەن جايى، ئەينى زاماندىكى كۇشانلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئافغانىستاندىكى قەندىھار ۋە بامىيان بۇتخانىلىرى، كۈسەنلەر ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قەدىمى كۇچار ۋە قىزىل مىڭ ئۆيلىرى، خوتەندىكى گۇجانباغ ۋادىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇجانلار ياشىغان قەدىمى خوتەن ۋە قەدىمىي خوتەندە قۇرۇلغان 5000مىڭچە بۇتخانا، گوزانلار ياشىغان قەدىمى خىشى كارىدورىدىكى گوزاڭ ۋە موگاۋ مىڭ ئۆيلىرى(موگاۋ دىمەكمۇ مۇگ ئەۋ-ئىلاھنىڭ ئۆيى دىمەكتۇر)، خىشى كارىدورىدىن چىكىنىپ چىققان گوزان (گاۋچاڭ) لار بەرپا قىلغان تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقى ۋە گاۋچاڭ-گۇزان خانلىقىدىكى سىنگىم ۋە بىزەكلىك مىڭ ئۆيلىرى قاتارلىق زەنجىرسىمان باغلانغان دەلىلەر ، شۇنداقلا بۇددا دىنىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان قەدىم كۇشان خانلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ھەمدە قەدىم ھىندى دىنىنىڭ بۇددىزىم ئەمەس بىراخمانىزىم ئىكەنلىگىدەك پاكىتلار، بۈگۈنكى دۇنياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ئاشۇ باتىل ئەقىدىنىڭ گۇزان-گۇجان لار دىيارىدا پەيدا بولۇپ، كۇشانلارنىڭ 4 تەرەپكە كۆچۈشى بىلەن دۇنياۋىي دىنغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بۇ ھەقتە تەتقىق قىلغۇسى بارلار ئالدى بىلەن، بۇددا دىنىنى بەرپا قىلغۇچى «يامۇن-يامان» دەپ سۈپەتلەنگەن ساك نەسلى ساكيامۇننىڭ(ساك يامۇن-يامان ساك، قولىدىن ھەمما ئىش كىلىدىغان ساك دىگەن ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر) ئەسلى ۋەتىنى خوتەننى، خوتەندىن نىپالنىڭ شىمالىغا كىتىپ نىرۋاناغا يەتكەن ساكيامۇننى، ئاندىن نەگە كۆچسە بۇددا دىنىنى شۇ يەرگە بىللە ئىلىپ بارغان كۇسان-گۇزان-خوتەنلىكلەرنى ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشى كىرەك.

بۇ يەردە تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى دىگۈمىز كىلىدۇكى؛ شاڭدا ئەپەندىمدەكلەرنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن؛ «تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەت بولمىغان، بۇ ۋادىدىكى تىپىلمىلار ھىندىلاردىن قالغان تۈكرۈك چاچرالمىلىرىدۇر»  دەپ قاراشلىرى ئۇيغۇر تارىخىغا قىلىنغان بوھتان ۋە ھاقارەتتۇر!. . .

ئاددىيسى بىز يۇقۇرىدا دەلىل  ئالغان «دو» ۋە «دون» سۆزلىرىنىڭ ، تەلەپپۇز تارىخىدا بىسىپ ئۆتكەن  ئىنگىلىزچىدىكى «تۇ»، «ساي» سۆزلىرى بىلەن، خەنزۇچىدىكى «ئىر»، «شۈي»، «خەي» سۆزى بىلەن يىلتىزداشلىقى، بىزگە بۈگۈنكى خەنزۇ ۋە ئىنگىلىز تىلىنىڭ يىراق قەدەم تارىخنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى قەدىم ئۇيغۇر تىلى بىلەن يىلتىزداشلىغىدىن سالماق تارىخى ئۇچۇر بىرىدۇ!. . .  



خۇلاسى كالام:

خوتەن دىمەك ئىككى دەريا دىمەكتۇر!. . .

ئى خوتەن ئارسلانلىرى!. . . سىلەرگە مۇبارەك بولسۇن!. . .

   يىراق ئەجدادىڭلار ساپ ئۇيغۇرچە «ئۇد دون» دەپ قويغان ، ئۇزاق تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرىدا مەناسى ئۇنتۇلغان شانلىق نامىڭلارنى ، سىلەرگە تۇنجى بولۇپ ئەينى ئىستىمالىدا تەقدىم قىلالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ شەرەپلىك ھىساپلايمەن!. . .



بەندەڭمەن، گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.

مەنبە؛ ئەجداد تارىخ مۇنبىرى  

مەن خوتەنلىك بولغاندىكىن مۇشۇ تىمىغا كۆزۈم چۈشتى  شۇڭا يوللۇدۇم.  تۇنجى قېتىم مەنمۇ خوتەن ھەققىدە كۆرگەن تىمام بوپ قاپتۇ .  
،
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-4-1 19:22:21 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ، خوتەننىڭ بۇنچە كۆپ ئاتىلىشى بارلىقىنى ئەمدى ئاڭلىشىم. تولۇقسىزدا ئوقۇغان چاغلاردا شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى دېگەن دەرىسلىكتە كۆرگەن ئۇدۇن دېگەن نامى ئىسىمدە قاپتۇ
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-1 19:50:51 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-1 19:54  
بىلگيار يوللىغان ۋاقتى  2015-4-1 19:22
ۋاھ، خوتەننىڭ بۇنچە كۆپ ئاتىلىشى بارلىقىنى ئەمدى ئاڭل ...


...تارىختىكى ئۇددۇن-ئۇدۇن، گۇجان-خوتەن ناملىرى ، ئىنسانىيەت تارىخدا سالماق ئىز قالدۇرغان كۇسان-گۇزان-گوجانلارنىڭ قەدىم خوتەندە ياشىغان يىراق ئەجدادىنىڭ ، بۈگۈنكى خوتەندىكى ئەۋلاتلىرىنىڭ نامى بولۇپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
.....................ھازىرمۇ بار گۇجان باغ  دەپچۇ    ،،،،،بىز شۇ يەرگە تەۋە تېخى
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-4-1 20:00:01 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-4-1 19:50
...تارىختىكى ئۇددۇن-ئۇدۇن، گۇجان-خوتەن ناملىرى ، ئىنسا ...

مۇشۇنداق قەدەمىي نام بىلەن ئاتالغان جايلاردا تۇرۇشمۇ بىر خىل شەرەپ تۇيغۇسى بېرىدۇ.
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-4-1 20:53:23 | ئايرىم كۆرۈش
نەچچە يىل ئاۋال خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تېخنىكۇمى تىل -ئەدەبىيات كافىدىراسىدىكى گۈلنار خانىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغاندا "ئىلچى"نامىنىڭمۇ خوتەن بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى شەھىلەپ بەرگەن.لىكىن تەپسىلىي نېمىلەرنى دىگىنى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ."ئىلچى"ماركىسى بەك سۈرگەن ،نەگىلا بارسا شۇنىڭ ئېلانى ئاڭلىنىپ تۇردىغان بىر دەۋىرلەر ئىدى ئۇ،شۇ ئېلاننىڭ تۈرتكىسىدە ئىلچىنىڭ يۈرۈشلۈك قىشلىق ئەتلەس گۈللۈك پوپايكىسىدىن بىرنى ئالغانتىم.ھى ھى ھى (ما تېما نەدە ،ئىنكاسى نەدە يۈرىدىغاندۇ؟ تازىمۇ بىر...چىقىپ كىتەيلا بولدى)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +2 يىغىش سەۋەبى
قاھىرە + 2 خە خە خە قىزىقارلىق ھ.

باھا خاتىرىسى

ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

6#
ۋاقتى: 2015-4-1 22:06:30 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاھ  خوتەننىڭ  شۇنداق ئىسىل ناملىرى  باكەنغۇ ئەمدى ئاڭلىشىم



مۇشۇ ۋاقتىڭلا خەيىرلىق بۇلسۇن جامائەتلە

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

7#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-1 22:17:54 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قاھىرە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-1 22:19  

نىمىشقا ئىۋۇ ناچار بېسىلىپ كەتكەندۇ ؟ خاتا چۈشەنمەڭ ھە دوستۇم ، ئاي بەرگى يانفۇندا كۆرگەندە بېسىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ .چىقىرۋېتەي دىسەم بولمايۋاتىدۇ .
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-4-1 22:42:56 | ئايرىم كۆرۈش
قاھىرە يوللىغان ۋاقتى  2015-4-1 22:17
نىمىشقا ئىۋۇ ناچار بېسىلىپ كەتكەندۇ ؟ خاتا چۈشەنمەڭ ھە ...

مەنمۇ ئۆچۈمنى ئېلىۋالدىم تازا.ھا ھا ھا...ئۇئىقتىدارنى ئشلىتىپ باقماپتىكەنمەن.باشتا سىزنىڭ نىمىنى دەۋاتقىنىڭىزنى بىلمەي كۆزۈمنى تازا يوغان ئېچىپ قارىسام تۇرمامدۇ؟ئۆزۈمنىڭكىگە ئۇنى باسقىلى بولمايدىكەن.ماڭىغۇ "قاھىرە ناچان دەپ باھالىدى "دەپ ئۇچۇر كەلمىدى.شۇنىڭغا قارىغاندا باشقىلار بىلمىگەندىكىن تازا ....شۇنداق بىر ئىشلارنى قىلىدىغان گەپمىكىن ؟ (توۋا...خېلى ئوبدان چوڭ بولغان بۇ قىز،نىمىلەرنى ئويلاپ يۈرىدىغاندۇ؟ قازانغا يولۇقساڭ قارىسى دىگەن شۇمۇ يە؟ مانا سىز بىلەن قوشۇپ ئۆزۈمنى تازا بەلەن تىللىدىم .خە خە خە
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-4-2 02:49:58 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي سۈيۈملۈك دوستۇم قاھىرە بارمۇ سىز ، ئۈزۈن بوپتۇ مۇنبەردە يېڭى تىمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى يۇقاپلا كەتتىڭىز سىزمۇ ؟ بۈگۈن مانا ئاخىرى ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرىنى ئېلىپ كەپسىز ، بىراق مەن ھازىر يانفۇندا چىقىۋاتقاچقا تىمىڭىزنى تەپسلى كۇرۇپ بۇلالمىدىم ، يانفۇندا كۈرۈش ئەپسز ئەمەسمۇ ، شۇڭا كىيىنچە كۈرەرمەن ساقلىۋېلىپ ، بۇنڭىدىن كىيىن بۇنداق بەك ئۇزاق يۇقاپ كەتمەڭ ، كۈرۈشۈپ تۇرايلى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-2 23:28:08 | ئايرىم كۆرۈش
ئۇنتۇش يوللىغان ۋاقتى  2015-4-2 02:49
ۋاي سۈيۈملۈك دوستۇم قاھىرە بارمۇ سىز ، ئۈزۈن بوپتۇ مۇن ...

ماقۇل دوستۇم ،،،،،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:14 , Processed in 0.141095 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش