ئاپتور: ئالىم كېرىم كۆكئالىپ (شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، بۇ ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011–يىللىق 12–سانىدا ئېلان قىلىنغان)
ئوتتەك قىزىتىپ تۇرغان قۇياش، كېچە ئاسمىنىدا چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۈزۈپ يۈرگەن ئاي ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا كاللىسىنى غىدىقلايدىغان مۆجىزاتلاردۇر. ئىنسان مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئۆز پائالىيەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا-ئىگىلىكىنىڭ قەدەممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مۆجىزاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە تېخىمۇ بەك يېقىنلىقىنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاسمان جىسىملىرىغا ئائىت بولغان پەن- ئاستىرونومىيە ئەنە شۇ چاغلاردىن باشلاپلا مەيدانغا كەلگەنىدى.
ئىنسانىيەت پەيدا بولغان رايونلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئىنسان توپىنىڭ كاللىسىنى كىلىماتىنىڭ قۇرغاق بولۇشى بىلەن پەيدا بولغان ئوتتەك قۇياشنىڭ زەر نۇرلىرى ھەر ۋاقىت غىدىقلاپ، ئۇلارنى كىشىگە ھەر ۋاقىت مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلىدىغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا ئىنتىلدۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇلار ئاسمان جىسىملىرىغا شۇنچىلىك مۇھەببەت باغلىغان ئىدىكى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ سەييارىلەرنىڭ نامى بىلەن بىردەك قىلدى.
دەرھەقىقەت، دۇنيا ئاستىرونومىيە تەرەققىياتى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر شەرق ئاستىرونومىيەسى، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى پائالىيىتى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ دەۋردە قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت نەزىرىيەسى، ئەمەلىي ئاستىرونومىيەنىڭ ماكان-زاماننىڭ جۇغراپىيەلىك كوئوردىناتىنىڭ ئېنىقلىقىغا دائىر مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللامىلىرى غايەت زور مىراس قالدۇردى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىنىڭ نۇرغۇن بۈيۈك مۇتەپەككۈرلىرى ئاستىرونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇھەممەد ئەل خارەزمىي، ئەخمەد ئەل فەرغانىي، ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىي، ئەبۇرەيھان بېرۇنىي، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا، ئۆمەر ھەييام، ئەبۇ ئەخمەد ئەل خوجەندىي، نەسىرىددىن تۇسىي، مەھمۇد ئەل چاغانىي، قازىزادە رۇمىي، غىياسىدىن جەمشىد كاشىي، ئۇلۇغبەگدەك مەشھۇر سىيمالار ئۆز ئىجادى، ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جاھان خەلقىنىڭ بۈيۈك ئادەملىرىگە ئايلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە جاھاننىڭ بارچە ئەللىرى ئارىسىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ.
مەرىپەتنىڭ ھامىيسى بولغان مۇھەممەد تەرەغەي ئۇلۇغبەگ(1394-1449) ئىسلام شەرق مەدەنىيەت ئويغىنىشىدىكى كەنجى ئويغىنىشنىڭ ئاتامانى ھەم شۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىيولوگىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك شەخس ئىدى. ئۇ چىڭگىزخاندىن كېيىن تارىخ سەھنىسىگە چىققان ئىككىنچى چوڭ جاھانگىر ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ئىلىمگە ئىشتىياق باغلىغان كىشى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ پايتەختى سەمەرقەندكە ئالىم-ئۆلىمالارنى توپلىدى ھەمدە ئەرەب ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بۇيان قالغان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تەبىئەت پەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. بۇ خىل زور كۈچ بىلەن قوللاشنىڭ ئارقىسىدا سەمەرقەندتە كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئىلمىي مۇھىت شەكىللەندى. ئۇلۇغبەگ مانا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھىتتا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇردى. ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان دۆلەتتە بىر تەرەپتىن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇردى. ئۇ بوۋىسى ئەمىر تۆمۈردەك ئىستېداتلىق ھەربىي قوماندان ۋە ئىسىتېراتىگىيەچى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن چىققان خەلقپەرۋەر، ئالىم پادىشاھ ئىدى. ئۇنىڭ نامىمۇ پادىشاھلىقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلمىي نەتىجىلىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى.
ئادەتتە، ئوتتۇرا ئەسىردە ھەربىر پادىشاھنىڭ سارىيىدا مۇنەججىملەر بولغان. مۇنەججىملەر ئاستىرولوگىيە بويىچە ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ، ئاي، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى ئېنىق ئۆزگىرىشنى، شۇ ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئوردىنىڭ، مەملىكەتنىڭ ھەمدە پادىشاھنىڭ تەقدىرى ھەققىدە «بېشارەت» بېرىش بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى. جۈملىدىن ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوردىسىدىمۇ مەۋلانا ئەھمەد ۋە مەۋلانا ئابدۇللادەك مۇنەججىملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكى تارىخىي ھۆججەتلەردىن مەلۇم.
مۇنەججىملەرنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىپ «تەقدىرى بېشارەت» بېرىپ يۈرگەنلىكىنى ئېتىبارغا ئالغاندا، 9-ئەسىردىن 12-ئەسىرلەرگىچە، شەرقتە ئىشقا چۈشۈرۈلگەن رەسەتخانىلاردا ئېلىپ بېرىلغان كۆزىتىشلەرنىڭ نەتىجىسى ئاساسىدا تۈزۈلگەن جەدۋەللەرنى يېڭىلاشنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلمىقى مۇقەررەر ئىش ئىدى. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يېڭى، ئېنىق، كاتتا نەتىجىلەر بېرىدىغان كۈچلۈك ئاستىرونومىيەلىك ئەسۋابلار بىلەن قوراللانغان رەسەتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇخاننىڭ سارىيىدىكى مۇنەججىم ئاتاقلىق ئۆلىما نەسىرىددىن تۇسىي 13-ئەسىردە ئەزەربەيجان (ئىراندىكى ئەزەربەيجان)نىڭ ھازىرقى تەبرىز يېنىدىكى مەرۋى شەھىرىگە رەسەتخانا سالدۇرغان. كۆپ يىللىق كۆزىتىشلەر ئاساسىدا، تۇسىي يېڭى ئاستىرونومىيىلىك جەدۋەللەر تۇرغۇزغان ۋە ئۇنى ھىلاكۇخانغا بېغىشلاپ، «زىجى ئېلخانىي»دەپ ئاتىغان. بىراق ئۇزاق ئۆتمەي، يەنى 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە نەسىرىددىن تۈزگەن جەدۋەللەردە بېرىلگەن مەلۇماتلار ھەم كۆزىتىش نەتىجىلەردىن سېزىلەرلىك پەرقنىڭ بولغانلىقى مەلۇم بولغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئىمكانىيىتىنى بېرەلەيدىغان، ئاۋۋالقىلاردىن ئەۋزەلرەك ۋە ئېنىقراق بولغان ئاستىرونومىيىلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولىدىغان رەسەتخانىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلغان.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئاتىسى شاھرۇھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەملىكەتنىڭ كاسان شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىدىغان ماتېماتىك ۋە ئاستىرنوم غىياسىدىن جەمشىد «زىجى ئېلخانىي»نىڭ مۇكەممەل نۇسخسى بولغان «زىجى خاقانىي»دېگەن مەشھۇر رىسالىنى پۈتتۈردى. 1413-يىلى يېزىلغان بۇ ئەسەر ئۇلۇغبەگنىڭ ئاتىسى شاھرۇھقا بېغىشلانغان بولۇپ، «خاقان زىجى»نىڭ نەزىرىيىۋىي قىسىمى ۋە ئاستىرونومىيىلىك جەدۋەللىرى «زىجى ئېلخانىي»نىڭ مۇشۇ قىسىملىرىدىن ئوبدانلا پەرق قىلىدىغان مەلۇماتلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى.
بىراق مەزكۇر تۈزىتىشلەردىكى قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئېنىقلىقى پەقەت بىر نەچچە يىللا ئىشلىتىلگەن، خالاس. مۇنداقچە ئېيتقاندا قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ بىر قانچە ئون يىلغا دائىر ھالەتلىرىنى ئالدىن ئېنىق بىلىش ئاساسىي مەقسەت بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئوربىتا پارامېتىرلىرىنى يېڭىدىن ئېنىقلاپ تېپىش زاماننىڭ تەلىپى ئىدى.
بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قۇياش، ئاي ۋە پېلانېتىلارنىڭ كوردىناتلىرىنى، شۇ ئاساستا جۇغراپىيىلىك ئۇزۇنلۇق، كەڭلىكلىرىنى، قۇياش ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشلىرىنىڭ ۋاقتىنى، ئاستىرونومىيەلىك رىسالە تۈزۈش ئۈچۈن سەييارىلەرنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىش پەيتلىرىنى، يۇلتۇزلار يىلى، يىل–پەسىللەرنى ئېنىق بىلىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. مانا مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ئەينەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشلەر ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى قىلىنغان ئاستىرونومىيەلىك ئەسۋابلارنى ئىشقا چۈشۈرۈش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يېڭى بىر رەسەتخانا قۇرۇش ئاستىرونوملار ئۈچۈن زۆرۈر بولۇپ قالغان ئىدى.
شاھرۇھنىڭ مەملىكىتىدە يېڭى بىر رەسەتخانا قۇرۇش نىيىتى ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ساھەسىدە بىرنەچچە ياخشى ئەسەر يېزىپ ئەلگە تونۇلغان كاسانلىق غىياسىدىن جەمشىد كاشىينىڭ قەلبىنى ئۆرتەپ كەلگەنىدى. مۇشۇ سەۋەبتىن كاشىي شاھرۇھقا بولغان ھۆرمىتىنى زىج يېزىش ئارقىلىق ئەمەس، يېڭى رەسەتخانا قۇرۇش بىلەن بىلدۈرمەك بولدى، دېسەك ھەرگىز خاتا بولمايدۇ. ئۇنىڭ بۇ يولدا توختىماي ئىزدىنىش جەريانىدا باسقان يوللىرى كېيىنكى ئاستىرونومىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بەرىكەت ئېلىپ كەلگەنىدى.
بىراق ئەمىر تۆمۈرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئارىسىدا كۆتۈرۈلگەن تەخت تالىشىش كۈرىشى باشلىنىپ كەتتى. جۈملىدىن 1415-يىلى كاسان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيسى سەئىد ۋاققاسنىڭ شاھرۇھقا قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلىڭى ئۇنىڭ يېڭى رەسەتخانا قۇرۇشتەك خەيرلىك ئىشلىرىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى.
1399-يىلى ئەمىر تۆمۈرنىڭ پەرمانى بىلەن ئۆمەر شەيخ پەرغانىگە ھاكىم بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ئىسكەندەر (شاھرۇخنىڭ ئەڭ چوڭ جىيەنى) سەئىد ۋاققاسنىڭ ئەزەربەيجانغا قىلغان يۈرۈشىدىن پايدىلىنىپ جەمشىد كاشىينىڭ ۋەتىنى بولغان كاسانغا باستۇرۇپ كىردى ۋە ئۇ يەرنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
ۋەتىنى ئىسكەندەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن جەمشىد كاشىي 1415-يىلى قىشتا رەسەتخانا قۇرۇش ئىشىنى ئىسكەندەرگە مۇراجىئەت قىلدى. ئىسكەندەرنىڭ رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، كاشىي 1416-يىلى يانۋاردا رەسەتخانا قۇرۇشقا زۆرۈر بولغان ئەسۋابلارنى ئەسكەرتكەن ئەسەر «ئاستىرونومىيىلىك ئەسۋابلارغا شەرھ» (رىسالەئى دەر شەرھى ئالەتى رەسەد)نى يازدى. بۇنى ئىسكەندەرگە تەقدىم قىلدى. يەنە ئىسكەندەرگە رەسەتخانا قۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. بىراق ئىسكەندەرنىڭ بىۋاقىت ۋاپاتى بىلەن كاشىينىڭ بۇ نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالدى. كاشىي ئىسكەندەرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، يەنى 1416-يىلى يازدا سەمەرقەندكە، يەنى ئۇلۇغبەگنىڭ يېنىغا بارغان. بەزى شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، كاشى سەمەرقەندكە 1417-يىلى كەلگەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، كاشى سەمەرقەندكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ رەسەتخانا قۇرۇش ئىشىنى ئۇلۇغبەگكە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن رەسەتخانا قۇرۇشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئۆزىنىڭ «ئاستىرونومىيەلىك ئەسۋابلارغا شەرھ» (رىسالەئى دەر شەرھى ئالەتى رەسەد) دېگەن ئەسىرىنى تاپشۇرغان.
ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيىدىن كاتتا مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئۇلۇغبەگ رەسەتخانا قۇرۇشقا رازىلىق بېرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ نۇرغۇن كاتتا ئۆلىمالارنى تەكلىپ قىلىپ 1417-يىلى رەسەتخانىنى قۇرۇشقا بېغىشلانغان مەخسۇس مەجلىس چاقىرىدۇ ھەمدە رەسەتخانا قۇرۇشقا تەرەددۇت قىلىدۇ.
ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا تارىخىي مەنبەلەردە تا ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ۋ. بارتولد «ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ دەۋرى»دېگەن ئەسىرىدە 1420-يىلنىڭ ۋەقەلىكلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ، تارىخچى ئابدۇراززاقنىڭ ئېيتقانلىرىنى خۇلاسە قىلىپ، مەدرىسە ۋە رەسەتخانىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى 1420-يىلى دېگەن پىكىرگە كەلگەن. سالىھ زەكىينىڭ «ئاسار ئەل-باقىيە»دېگەن ئەسىرىدە «ئۇلۇغبەگ ھىجىرىيە 824-يىلى (يەنى 1420-يىلى) قۇرۇلغان رەسەتخانىغا غىياسىدىن جەمشىد ۋە قازىزادە رۇمىينى باش مۇدەررىس قىلىپ تەيىن قىلدى» دەپ يېزىلغان.
دەسلەپتە خەلىپە مەئىمۇن زامانىسىدا (9-ئەسىر) ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ۋە ئەل خارەزمىي ئىشلىگەن باغداد رەسەتخانىسى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمەر ھەييامنىڭ ئىسپاھاندىكى، نەسىرىددىن تۇسىينىڭ ۋە ئەبۇ مەھمۇد ئەل خوجەندىينىڭ رەسەتخانىلىرى بولغان.
نىھايەت، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كاتتىسى، ئاستىرونومىيەلىك ئەسۋاپلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ھەممىسىدىن يۇقىرى بولغىنى ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى ۋە ئۇنىڭ مەكتىپى ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئەسىردە ئاستىرونومىيىنىڭ ئىلمىيلىك سۈپىتىدە مۇھىم بىر باسقۇچنى باشلىغانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر تەن ئالىدۇ.
سەل كەم يەتتە ئەسىر داۋام قىلغان شەرق ئاستىرونومىيەسىنىڭ جۇشقۇن پائالىيىتى ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ئاكادېمىيىسىنىڭ باي ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن تۈگەللەنگەن بولدى. ئۇلۇغبەگدىن كېيىن بىر مەزگىللىك گۈللىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇلۇغبەگ زامانىسىدىكىدەك ئىلمىي مۇھىتقا ئېرىشەلمىدى.
ئۇلۇغبەگنىڭ رەسەتخانىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ «باش تېلېسكوپى»نىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بىر نەچچە سىكونتقىچە بولۇپ، تاكى ئوپتىك تېلېسكوپلار ئىختىرا قىلىنغان 17-ئەسىرگە قەدەر، بۇ تېلېسكوپ ئۆزىنىڭ سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئاستىرونوملىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ ئەسۋاب قۇياش، ئاي ۋە سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت نەزىرىيىسىنى يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈپ، تۇتۇلۇش نەزىرىيىسى ۋە ئەمەلىي ئاستىرونومىيىنىڭ ئاساسىي پارامېتىرلىرىدىن بولغان ۋاقىتنى ئۆلچەشتە يۈكسەك دەرىجىدە ئىنچىكە بولۇش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى.
ئۇلۇغبەگ، ئۇلۇغبەگ ئاستىرونومىيە مەكتىپى ۋەكىللىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان بۈيۈك مىراس-«زىجى جەدىدى كۆرەگانى»نى 1437-يىلى يېزىپ تاماملىدى. بۇنىڭدا 1018 يۇلتۇزنىڭ ھالىتى ۋە ھەرىكىتى تەتقىق قىلىنغان ئىدى. بۇ ئەسەر ئېكۋاتۇر ۋە ئوربىتا مەسىلىلىرىنى، يۇلتۇز يىلى ۋە يۇلتۇزلار كاتالوگىنى نۇقتىلىق شەرھىيلىگەنىدى. ئۇلۇغبەگ بىر يىلنى 365كۈن، ئالتە سائەت، ئون مىنۇت، سەككىز سىكونت قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھازىرقى زاماندىكى ئۆلچەم بولغان 365كۈن، ئالتە سائەت، توققۇز مىنۇت، ئون سەككىز سىكونتتىن پەقەت بىر مىنۇتلا پەرق قىلاتتى. ئۇلۇغبەگ يەنە 900 مەنپەئەتلىك، 878 زىيان كەلتۈرگۈچى يۇلتۇزنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ تىرىگونومىتىرىيىلىك جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ كاتتا ئەسەرنىڭ كىرىش سۆزىدە « بىز يۇلتۇزلارنى كۆزىتىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدۇق. ئۇلارنى قازىزادە رۇمىي ۋە غىياسىدىن جەمشىدنىڭ ھەمكارلىقىدا بىجىردۇق.... بۇنداق مۇھىم ئىشنى بىجىرىش ۋە رەسمىيلەشتۈرۈشنىڭ بېشىدا غىياسىدىن، كېيىنرەك قازىزادە رۇمىي ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇش ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ قىممەتلىك شاگىرتى ئەلى ئىبىن مۇھەممەد قۇشچىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.» دېيىلگەن. ئەنە شۇنداق بۈيۈك ئالىملارنىڭ قۇربان بېرىشى نەتىجىسىدە، «زىجى جەدىدى كۆرەگانىي»نى كېيىنكى يۈز يىللاردىن بويان پەقەت شەرقتىكىلا ئەمەس، بەلكى غەرب مەملىكەتلىرىدىكى نۇرغۇن بۈيۈك ئالىملارمۇ دەستۇر بىلىپ پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
ئۇلۇغبەگنىڭ مەرىپەت ھامىيسى بولۇش بىلەنلا قالماي، ئۆزى بىنا قىلدۇرغان رەسەتخانا ۋە مەدرىسىدە بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقى ئادەمنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بولغان مەۋلانا ئەلى قۇشچى، مىرەم چەلەبى قاتارلىق ئاستىرونوملار ئۆز تەلىماتلىرىنى ناھايىتى ئېنىق، مۇكەممەل شەھىيلەپ، شەرق مۇسۇلمان ئاستىرونومىيىسىنىڭ پەللىسىنى ياراتتى.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلمىي ئىشلىرى ۋە تەبىئەت پەنلىرىدىكى يېڭى بايقاشلىرى ئۆز دەۋرىدىكى سەمەرقەند روھانىيلىرى ۋە ئىشانلار گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇلار ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى مىرزا ئابدۇللېتىپنىڭ قولى بىلەن قەتلى قىلغۇزدى. ئۇلۇغبەگنىڭ تىراگېدىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەرەب ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىنىۋاتقان تەبىئەت ئىلمى ۋە تەبىئەت پەلسەپەسىنىڭ پەسكويغا يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.
ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرىنىڭ سەمەرقەندتىكى رەسەتخانىدىن كائىناتقا نەزەر تاشلىشى شەرق دۇنياسىدىلا ئەمەس، غەربنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت بەلۋاغلىرىنىڭ كائىنات قورغىنىغا قاراپ ئېلىنغان ئەھمىيەتلىك بىر قەدىمى دېيىشكە بولىدۇ. مۇشۇ بىر قەدەمنىڭ تەسىرىدىن ياۋرۇپادا بىر مۇنچە رەسەتخانىلار ئىشقا چۈشتى. كوپىرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى»نى، كېپلېرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى ھەققىدىكى قانۇنلىرىنى، نيۇتوننىڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ھېسابلاش ئوسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان ئاستىرونوملىرىنىڭ تەسىرى بولمىدى، دېيەلمەيمىز، بەلكى ناھايىتى چوڭ ھەسسىسى بار، دەپ كەسكىن ئېيتالايمىز.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئاستىرونومىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىلىمگە ئۆزىنى بېغىشلىشىنى ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىدىن كۆرە، بۇ پەننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىدىن ئىزدەش ئىنتايىن مۇۋاپىق. چۈنكى، ئاستىرونومىيە ئالەمنى چۈشۈنۈش، ئۇنىڭ سىر-ئەسرالىرىدىن ۋاقىپ بولۇش بىلەن ئىنسانغا يەر يۈزىگە كېلىشتىكى مەقستىنى ئېنىقلاپ بېرىشتەك دۇنيا قاراش ئارقىلىق، ئىنسانغا ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى قانداق بېجىرىشنى دەپ بېرىش بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ چەكسىز كائىناتنىڭ بىر زەررىسى ئىكەنلىكىنى؛ مىلياردلاپ يىللار داۋام قىلغان تەرەققىياتىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالەمنىڭ يېشى ئالدىدا خۇددى بىر دەقىقىچىلىك ئىكەنلىكىنى؛ مۇشۇ بىر دەقىقىچىلىك ئۆمۈرنى قەدىرلەپ، ئۇنى پەلىپەتىش ئىشلارغا سەرپ قىلماي، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قۇربان قىلىش كېرەكلىكىنى ھەم بۇنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ئىنساننى ئۆز ھاياتىنى، باشقىلارنىڭ تەقدىرىنى ۋە شەخسلەرنى قەدىرلەشكە؛ تەبىئەتنىڭ نادىر ئىنئامى بولغان ھاياتقا يەڭگىل قارىماي، بۈيۈك ئىزگۈ مەقسەتلەر بىلەن ئىش قىلىشقا؛ ئۆزىنىڭ ئىجابىي پائالىيەتلىرى بىلەن ھايات مەزمۇنىنى بىيىتىپ رەڭدار قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
ئاستىرونومىيە ئىلمىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم سۆيەر روھىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دەۋر چاقى تېز چۆگىلەۋاتقان؛ ئىلىمنىڭ يېڭىلىنىشى ئىنتايىن تېز بولۇۋاتقان؛ رىقابەت ۋە خىرىس كۈچىيىۋاتقان؛ مۇشۇنىڭغا ئەگىشىپ پۇرسەت بىزنى ئەگىپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلىم ئىگىلەش ۋە ئىلىم ئىگىلرىگە ھامىي بولۇشتەك روھىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. —يازما ئاپتورى: ئالىم كېرىم كۆكئالىپ (شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرناللار نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، بۇ ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011–يىللىق 12–سانىدا ئېلان قىلىنغان)
——————————————
مىرزا ئۇلۇغبەگ — بۈيۈك ئاستىرونوم ۋە ماتېماتىك، 1409–يىلىدىن باشلاپ سەمەرقەنتنىڭ ھۆكۈمرانى، 1447- يىلى تېمۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى بولغان. 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللېتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇلۇغبەگ مىرزا تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ئىمپېرىيە تەۋەسىدە ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرغان. 1420-يىلى سەمەرقەنتتە ئاسمان جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىدىغان رەسەتخانا قۇرغان. بۇ رەسەتخانا ئەينى دەۋىردىكى ئوخشاش ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلاتتى. بۇ رەسەتخانىغا ئەينى دەۋىردىكى ئەڭ چوڭ كۋادرانت سەپلەنگەن ئىدى،
كۆپ يىللىق ئاستىرونومىيە تەتقىقاتى ئاساسىدا مىلادى 1447- يىل «رىسالەئى ئۇلۇغبەگ» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىقىدۇ. ئەسەردە قۇياش سىستېمىسى ۋە باشقا 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى كۆرسىتىلگەن، بۇ ئەسەرمۇ ئەينى دەۋىرنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلمىي سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئەپسۇس ئالاھىدە تارىخى شارائىت ئاستىدا ئىمپېراتور ئۇلۇغبەگ ئىمپېرىيە ئىچىدىكى سىياسى نىزالار، ئوغلى ۋە شەيىخلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپلار تۇپەيلىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆز پۇشتى ئابدۇلېتىپ تەرىپىدىن ھەجگە مېڭىش سەپىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆلۈمى يالغۇز بىر بۈيۈك ئاستىرونومنىڭ ئۆلۈمىلا بولۇپ قالماستىن، تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەلتەنەتلىك دەۋرىنىڭ ئاياغلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلدى. ئوخشاش بىر دەۋردە غەربتە «مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» ۋە دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى، تاۋار ئىنقىلابى قاتارلىق دۇنياۋى ھادىسىلەر تەسىرىدە غەرب دۇنياسى ئاستا-ئاستا باش كۆتۈرۈپ ھازىرقى دۇنياۋى تەرتىپنىڭ ئاساسى يارىتىلدى. (يازما ئاپتورى: ئوغۇز مۇرات، يۇرتى ئاتۇشتىن. ھازىر سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە پەلسەپە كەسپىدە ئوقۇشتا. مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى تارىخى ۋە پەلسەپىسى بويىچە ئىزدەنمەكتە، ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى)
15- ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا مەدەنىيەت ۋە ئېلىم – پەن تازا گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە يالغۇز ئەدەبىيات، پەلسەپە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەنلەر تەرەققىي قىلىپ قالماستىن، بەلكى ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا، فىزىكا قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرمۇ راۋاج تېپىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئالەمشۇمۇل ئالىملار مەيدانغا كەلگەن. ئۆزبېك ئالىمى ئۇلۇغبەگ (ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي) ئەنە شۇلاردىن بىرىدۇر. ئۇلۇغبەگ 1394- يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى سەمەرقەنت شەھرىدە تۇغۇلۇپ، 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى 55 يېشىدا ئۆز ئوغلى ئابدۇللىتىپ تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن.
ئىلىم-پەندە داڭقى چىققان قەدىمكى شەھەر سەمەرقەنت 13- ئەسىردە چىڭگىزخان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن كونا ئورنىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە يېڭىۋاشتىن قەد كۆتۈرگەن. شۇ چاغدىكى سەمەرقەنت شاھى ئاقساقتۆمۈر (تۆمۈرلەڭ) نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ، ئامۇ – سىر دەرياسى ئارىلىقىدىكى كەڭ زېمىن ماۋرائۇننەھىرگە پىرىسىيە، خارازەم، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنى بويسۇندۇرۇپ، ناھايىتى چوڭ ئىمپېرىيە قۇرۇپ، سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان. ئاقساقتۆمۈر ئۇرۇشتا ئولجا ئالغان ھېسابسىز ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىۋاتقان سەمەرقەنتنى بېزەشكە ئىشلىتىپ، ھەيۋەتلىك مەسچىت، مەدرىس، ساراي ۋە چاھارباغلارنى سالدۇرغان. ئەمما بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ئاقساقتۆمۈرنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگ 1417- يىللىرى سالدۇرغان مەسچىتكە يىتىدىغىنى يوق ئىدى.
ئاقساقتۆمۈر 1405- يىلى ئۇرۇش سەپىرىدە سىر دەرياسى بويىدىكى ئوترار شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شاھرۇھ ئىچكى قالايمىقانچىلىقلارنى ئوڭشىغاندىن كىيىن، 1409- يىلى 15 ياشلىق ئۇلۇغبەگنى سەمەرقەنت شاھى دەپ جاكارلىغان. ئۇلۇغبەگ دېگەن ئەركىلەتمە ئىسىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ رەسمىي ئىسمى بولۇپ قالغان. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن باشقا قەبىلىلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاھۇ- زارى، ئۇلار تارتىۋاتقان ھېسابسىز زۇلۇملارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. مانا بۇلار ئۇنىڭ بۇ يولدىن قايتىشىغا ۋە ئۇرۇشنى توختىتىپ ئىلمى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان ئاسترونومىيە ئىلمىنى قولغا ئېلىپ، رەسەتخانا سالدۇرۇپ، ھاياتىنى ئاسترونومىيە ئىلمىنى يۈكسەلدۈرۈشكە بېغىشلاش قارارىغا كەلگەن ۋە شۇ يولدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تىرىشقان.
ئۇلۇغبەگ شىكار قىلىشقا بەكمۇ ئامراق ئىدى، بوش ۋاقىتلىرىدا يەنە مەيخانا، باغچىلارغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا (شەيخ، موللىلارنىڭ يىلى بىلەن ئېيتقاندا «گۇناھ پۇراقلىرى» ئىچىدە) ئۆتكۈزەتتى. ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن برونىي، قازىزادە روھىي ۋە غىياسىدىن جەمشىد قاتارلىق ئالىم، ئاسترونوملارنى ئۇستاز تۇتۇپ، نۇرغۇن يىللار تېرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى 1018 ھەرىكەتسىز يۇلتۇزنىڭ ھالىتىنى كۆرسىتىدىغان يۇلتۇزلار جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى 15- ئەسىردىلا ئەمەس، بەلكى 17- ئەسىردىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي كەلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلى 15 يىل ئىچىدە لوندوندا ئۈچ قېتىم (1650-1652- يىللىرى) نەشىر قىلىنغان. بۇ جەدۋەل يەنە 19- ئەسىردە لوندون ئاسترونومىيە كارول جەمئىيىتى تەرىپىدىن قايتا نەشىر قىلىنغان. مانا بۇنىڭدىن بۇ جەدۋەلنىڭ قىممىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلۇغبەگ شۇ چاغدا بىر يىلنى 365 كۈن 6 سائەت 10 مىنۇت 8 سېكۇنتقا تەڭ دەپ ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى زور كەشپىيات ھېسابلىناتتى. ئۇلۇغبەگ سالدۇرغان رەسەتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى ئەسۋابلار ناھايىتى چوڭ بولۇپ، شۇ چاغدا دۇنيادا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك ھېچقانداق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى بولمىغان. بۇ ئەسۋابلارنىڭ تېلېسكوپ كەشىپ قىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولغان. ئۇلۇغبەگ مانا بۇ رەسەتخانىدا يۇلتۇرلار ھەرىكىتىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قازانغان ئىدى. لېكىن ئۇلۇغبەگنىڭ بۇ ئىلمىي پائالىيەتلىرى ھەسەتخور شەيخ، موللىلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ دىنىي خۇراپاتلىققا قارشى بولۇپ، دائىم: «مەن شەيخلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، لېكىن ئۇلار كۆڭۈلدىكىنى تاپالمىدى. بىر سائەتلىك مۇنازىرە 50 يىللىق ئىبادەتتىن ئەۋزەل» دەپ قارايتتى. شۇڭا شەيخ، موللىلار ئۇلۇغبەگنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خەۋپلىك دۈشمەن ھېسابلاپ ئۇنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولغان. ئۇلار بۇ ئىشتا ئۇلۇغبەگنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلىتىپتىن پايدىلانغان. چۈنكى ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنى ياخشى كۆرمەيتتى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا دائىم توقۇنۇشلار بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭغا سۈيقەست قىلغۇچى بۇ گۇرۇھ ئىچىدە ئۆز دادىسى ئۇلۇغبەگ تەرىپىدىن جازاغا تارتىلغان سۇلدۇز قەبىلىسىدىن بولغان ئابباس دېگەن ئادەممۇ بار بولۇپ، ئۇ دائىم دادىسىنىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن پەيت كۈتۈپ تۇراتتى. بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۇلۇغبەگ ئابدۇللەتىپنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ ئۇ ئىلمىي پائالىيىتىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىگەن ۋە بۇ ئىلمىي پائالىيەتنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۈستىدە ئويلانغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگنى نەزەربەند ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، مەككىگە يولغا سالغان. لېكىن قارا نىيەت ئابباس ئۇلۇغبەگنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى يوشۇرۇن پىلانلاپ، بۇنىڭغا ئەقىلسىز ئابدۇللەتىپنىمۇ كۆندۈرگەن. 1449- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى ئابباس ئۇلۇغبەگنى ھەج سەپىرىدىن تۇتۇپ كېلىپ، سەمەرقەنتتىن تېرمىزغا بارىدىغان يول بۇيىدىكى كىچىككىنە بىر قىشلاقتا قاتىللىق قىلىچىنى قانغا بويىغان. ئابدۇللىتىپ ئۇلۇغبەگدىن كېيىن پەقەت يېرىم يىلدىن ئوشۇقلا ياشاپ، باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتى خەلق تەرىپىدىن ھۆرمەت بىلەن سەمەرقەنتتىكى مەشھۇر گۆرئەمىر قەبرىستانلىقىغا يۆتكەلگەن. ئارخېئولوگ ۋە ئاناتومىيە ئالىملىرى ئۇلۇغبەگنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ بېشى گەۋدىسىدىن ئاجرالغان دەپ ھۆكۈم چىقارغان. (يازما مەنبەسى: ئالىم بىز بىلوگى. www.alimbiz.net )
——————————
مىرزا ئۇلۇغبەگ ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ تۆتىنچى ئوغلى شاھرۇخ مىرزىنىڭ 18–ئوغلى. مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئۆز ئىسمى مۇھەممەد تورغاي. بۇ زاتنىڭ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقى ئۆز ئانىسى گۆھەرشاد بېگىم ۋە شۇ چاغدىكى چوڭ ئىشان شەيخ نىزامىددىن خامۇشقا ياقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ئوغلى ئابدۇمۇتەللىبخاننىڭ قولىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئاتا قاتىلى ئابدۇمۇتەللىبمۇ تەختتە ئولتۇرۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە قەستكە ئۇچرىغان. (سەيپۇللا غوپۇرجان
مەنبە:ئەلپىدا ئۇچۇر تورى
|