ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 369|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مارشال شېئىرلىرى(2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

437

يازما

3178

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 328
يازما سانى:
437
تىللا:
2389
تۆھپە:
99
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
230 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-7

نادىر تىما مىدالىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-29 03:16  


-1-
يېنىمدا كېچىنىڭ غەمكىن سىماسى،
ياتىدۇ مەن تامان زىمىننى بېسىپ.
كەل مېنىڭ بۇ يىتىم خىياللىرىمغا،
ئۆزۈڭدىن چەتنىگەن سۆزلەردىن ئېشىپ.

-2-

ماڭا ئېيتىپ بەرگىن
لەۋلىرىڭنىڭ ئاخىرقى بەرگى توزۇپ كەتكۈچە
كىرپىكلىرىڭگە جېنىم سانجىلىپ قالغۇچە
ئېيتىپ بەرگىن
گۈللىرىمنىڭ قۇرۇغان تەبەسسۇملىرىغا
ئۆلۈمدەك ساپ ۋە چىن قەلبىڭ بىلەن
كۆڭلۈڭدىكى رەزىل سۆزلەرنى…

-3-

مەن كەلدىم قاپقارا تۈنلەرنى تاشلاپ،
ئەتراپىم قۇپقۇرۇق، ھېچكىملىرىم بار.
ئۇيقۇنىڭ سۆيۈلگەن كىرپىكلىدە،
تۇيۇلار پەقەتلا دۇنيا ماڭا تار.

-4-
چىقىمەن ئېسەدەپ كېچىلىرىمدىن،
ساداسىز، تىنىمسىز خىياللىرىمغا.
مەن سېنى ئۇزىتىپ قويىمەن تەكرار،
قەلبىڭنىڭ تارالغا تۇمانلىرىغا.

-5-
يالغۇزلۇقۇمنى يۈدۈپ
ئىشىك ئالدىڭدىن ئۆتىۋاتىمەن
يېپىق دېرىزەڭگە قاراپ

ئاي سۈكۈتتە پارچىلانماقتا
بۇلۇتلار تالىماقتا
يالغۇز قالغان نۇرىنى ئۇنىڭ
بىز مېڭىپ تۈگىتىۋەتكەن يوللادا
يالىڭاچلانغان دەرەخلەرنىڭ تۈۋىدە…

-6-
تاملاردەك مەڭگۈلۈك سۈكۈتلىرىمنى،
ھېچكىمگە تىنمىدىم، تىنمىدىم ئەسلا.
سەن يىراق جايلاردا ياڭرىغان ناخشا،
تارالماس سېنىڭدىن ئازاپمۇ ھەتتا.
ئۇتنۇشنىڭ ئۆزىنى ئۇنۇتقان بىر تەن، يوقىتار ئۆزىنى تۇمانلىرىدا.
دوق قىلغان بىر ئاۋاز كېزەر دىلىمنى،
ۋىسالنىڭ قان بولغان ئارمانلىرىدا.


-7-
چىرمىشار خىيالىم قار ئۇچقۇنىغا،
كۆزلىرىم پەرىشان كۆڭلۈم ئۈمىدۋار.
ياشىدىم، ياشايمەن ئۆزۈمنى بەزلەپ،
مەن ئۈچۈن تەسەللى مۇزلىغان يانۋار.


-بەختىيارئابلەت
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
گۈللەرگە ئوخشايدۇ رەنجىشلىرىڭمۇ.....
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-29 02:43:09 | ئايرىم كۆرۈش
6 - پارچىسى بۆلەكچە تەسر قىلدى «ھېنېمىمىزىمچى»، ئىلھام كەپتەرلىرىڭ ھارمىغاي

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
قاھىرە + 1 «ھېنېمىمىزىمچى»،.نىم.

باھا خاتىرىسى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-29 11:21:17 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، قىستۇرغان ناخشى بەكلا ماسلىشىپتۇ  ئەتىگەندە ھۇززۇرلۇنۇپ ناخشا ئالىغاچ شېئېرىڭىزدىن ھۇرۇز ئالدىم ، تەشەككۈر ،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي


ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-3-29 11:24:33 | ئايرىم كۆرۈش
يالغۇزلۇقۇمنى يۈدۈپ
ئىشىك ئالدىڭدىن ئۆتىۋاتىمەن

بەك يارىدى .......

0

تېما

53

يازما

164

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 719
يازما سانى:
53
تىللا:
108
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
6 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-4
5#
ۋاقتى: 2015-3-29 12:55:20 | ئايرىم كۆرۈش
لەۋلىرىڭنىڭ ئاخىرقى بەرگى تۇزۇپ كەتكىچە ،ماڭا ماۋۇ يېرى بەكلا يارىدى ئەمما .

21

تېما

687

يازما

4179

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 486
يازما سانى:
687
تىللا:
2757
تۆھپە:
210
جەۋھەر يازما:
7
توردا:
507 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-27

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىنادىر تىما مىدالىپەخرى ئەزا جانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-3-29 15:31:40 | ئايرىم كۆرۈش
شىئىرنى مۇنداق يازسىمۇ بولىدىكەنغۇ!؟ ھەقىقەتەن ئىسىل شىئىرلار ئىكەن. 6-شىئىرنى ئالاھىدە ياقتۇردۇم، چۈنكى ئۇنى ھەقىقىي چۈشەندىم. مۇشۇ كۈنلەردە نىمەم نىمە بولدىكىن تاڭ شىئىرلارنى يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئوقۇپ چۈشىنىشكىمۇ تازا ئىلھام يوق. نەلەرگە كەتتىكىن بۇ ‹‹ئىلھام ›› دېگەن شۇم .
كاللىدا خىيال بولۇش كىرەككەن جۇما كىشى

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

7#
ۋاقتى: 2015-3-30 00:23:00 | ئايرىم كۆرۈش
تاملاردەك مەڭگۈلۈك سۈكۈتلىرىمنى،
ھېچكىمگە تىنمىدىم، تىنمىدىم ئەسلا.
سەن يىراق جايلاردا ياڭرىغان ناخشا،
تارالماس سېنىڭدىن ئازاپمۇ ھەتتا.
ئۇتنۇشنىڭ ئۆزىنى ئۇنۇتقان بىر تەن، يوقىتار ئۆزىنى تۇمانلىرىدا.
دوق قىلغان بىر ئاۋاز كېزەر دىلىمنى،
ۋىسالىڭ قان بولغان ئارمانلىرىدا\

چىرمىشار خىيالىم قار ئۇچقۇنىغا،
كۆزلىرىم پەرىشان كۆڭلۈم ئۈمىدۋار.
ياشىدىم، ياشايمەن ئۆزۈمنى بەزلەپ،
مەن ئۈچۈن تەسەللى مۇزلىغان يانۋار

بۇ ئىكسنى بەك ياقتۇردۇم .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

8#
ۋاقتى: 2015-3-30 07:33:28 | ئايرىم كۆرۈش
شىئېرلىرىڭنى ئوقۇسام قاراڭغۇلۇقتا تۇرغاندەكلا ھىس قىلىمەنغۇ .
لىكىن شۇنداق رۇمانتىك ، بىراق  يالغۇزلۇق...ئۇتۇقلۇق بولسۇن .

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
ۋاقتى: 2015-3-30 20:20:16 | ئايرىم كۆرۈش
كۆزلىرىم پەرىشان كۆڭلۈم ئۈمىدۋار

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
10#
ۋاقتى: 2015-3-30 20:22:53 | ئايرىم كۆرۈش
ياختۇردۇم بەكلا ياخشى يېزىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:52 , Processed in 0.145013 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش