 ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى تورىمىزنى يىقىندىن قوللاپ كىلىۋاتقان قەلەم ساھىبلىرى ۋە ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ، ئۈرۈمچىدىكى بىلىمگە ھېرىسمەن سىتۇدىنىتلار .
شىنجاڭ ئوقۇغۇچى تورىمىزنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش گۇرۇپپىسى يىقىندا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسى "ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر" پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى ھارۇنجان مۇھەممەتنىڭ ۋە جەمىيەتتىكى بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بىرىشنى مەقسەت قىلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقماقچى . شۇڭا بىزدەسلەپكى قەدەمدە ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش گۇرۇپپىمىزغا ئەزا قوبۇل قىلىمىز .
ئۆزىڭىزنى ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەشتە تالانتىم بار دەپ قارىسىڭىز،ئوقۇغۇچى ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش گۇرۇپپىمىزغا تىزىملىتىپ ئۆزىڭىزدىكى تالانىتنى جارى قىلدۇرۇش نىيىتىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز . ھەمدە ئۇشبۇ تېمىنى بارلىق ئوقۇغۇچى دوستلارنىڭ ئۈندىدار چەمبىرەكلىرىدە تارقىتىپ قويىشىنى تەۋىسيە قىلىمىز.
تىلفۇن : 13095012997 ئۈندىدار :kaherjon ئوقۇغۇچى مۇنبىرى
2015.3.16 |