ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 379|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى
تاشپولات روزى

مەن بۇلتۇر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە «ئامېرىكىدىكى 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى» ناملىق بىر تېما يازغانىدىم. بۇ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش روھىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تىرىشچان سىڭلىم پەخرىيە ئەشرەپنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. پەخرىيە ئۈندىدارىمغا: «تاشپولات ئاكا، مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، مانا ئەمدى ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى،  بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي  مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن خۇشخەۋەرنى قالدۇرغانىدى. پەخرىيەنىڭ قازانغان بۇ نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپلا دىلىم ئالەمچە سۆيۈندى، قەلبىم ئىپتىخارانە ھاياجانغا تولدى. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە پەخرىيە كەبى بىرلا ۋاقىتتا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلىگەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ باقمىغان. «ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى» دېگەن شۇدە. پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە يىراق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كارۋان تارتىپ دۇنيانى كەزگەن ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىيىغا ۋارسلىق قىلىپ، باشقىلار قىلالىغاننىمۇ قىلالىدى، باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالىدى. ئۇ بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى يىلى پەخرىيە ئەشرەپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر(150) غا ئېرىشىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى، شۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن «ئۇيغۇرلار تۇغما ئەقىللىق مىللەت، تىرىشسىلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دەپ ماختىغانلار كۆپ بولغانىدى. بەلكىم «بىر ئادەم بىر مىللەت» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. پەخرىيە شۇ چاغدا بىزنىڭ كىرلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان ماتېماتىكىدىكى بەترەڭ يۈزىمىزنى پاكىز يۇيىۋەتكەنىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدىن نەچچە يۈزلىگەن پەخرىيەلەر چىقىپ، مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولسا، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، دىلىمىز يايرىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.

ئەجىبا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ياپونلار ۋە يەھۇدىلار قىلالىغاننى قىلالماسمۇ؟ مېنىڭچە، چوقۇم قىلالايدۇ. ياراتقان ئىگىسى تولۇق ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان ئۇيغۇرلار پەقەت تاشنى تالقان قىلغۇدەك جاسارىتى بىلەن پەن ئىگىلەشكە قارىتىدىغانلار بولسا، يېقىن زامان ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. شەرت شۇكى، ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئائىلە مائارىپىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە رەزىل مەخلۇق يوق، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، پەقەت ئادەملەرلا ھەرخىل باھانىلار بىلەن ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ۋە تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بېرىدۇ» مانا بۇ گەپتىنلا بالا تەربىيەسىنى تالادىن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، دېمەك بالا تەربىيەرىمىز تالاغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.

ئەلقىسسە، مەن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى پەخرىيە سىڭلىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانىدىم. ئۇ خېتىدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ۋە پىكىر بېرىشىمنى سورىغانىدى. مەن دەررۇ پەخرىيەگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەمدە ياش نېرۋا ئىلمى ئالىمىمىز ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە پىكىر بېرىشى بىلەن ماتېرىياللارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ پەخرىيە سىڭلىمغا ئەۋەتىپ بەردىم. مەن بۇ يەردە ئەلقەم ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە 2011 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر (150) ئالغانىدى. ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇ خىل تولۇق نومۇرغا ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئېرىشەلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشسىلا ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كەمىنمۇ ماتېماتىكىچى بولغاچقا، پەخرىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك پەخرىلەنگەنىدىم. پەخرىيە شۇ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇدا تۆت يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىدىن 113 نومۇر (بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 120) ئالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھانىسىدىن 330 ( بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 340) ئالدى. پەخرىيەنىڭ تولۇق نومۇرغا ئازلا پەرق بىلەن يېقىنلىشى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى بۇ خىل نەتىجىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىمتىھان بەرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى.
پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىسى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىكى پەم – پاراسەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئەنداز ئېلىپ، ئۆز كەسپى ساھەلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، پەخرىيە سىڭلىمنىڭمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى غەلبىلىك تاماملاش بىلەن بىللە، ئۆز كەسپىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.

2015 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

دېۋان
ۋاقتى: 2015-3-12 22:47:51 | ئايرىم كۆرۈش
ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىدىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز . پەخىرىيە دىن ئالەمچە پەخىرلىنىمىز! رەھمەت سىزگە پەخىرىيە!
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى(Harvard university) بولسا شەخىس تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بىر ئۇنىۋېرسال خاراكتېرىدىكى ئالىي مەكتەپ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە ئەڭ مەشھۇر بولغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرىغا قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئاللىقاچان 8 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، 40 دىن ئارتۇق نوبىل ساھىبى ھەمدە نۇرغۇن دۇنيادا تەسىر قوزغىغان ئىلىم باشلامچىلىرى، ئەدەبىياتشۇناس، مۇتەپپەككۇر ۋە ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
1636-يىلى قىشتا، ئەنگىلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بىر كۆچمەن يېڭى قۇرۇقلۇققا كېلىدۇ. شۇ يىلى ئۇ 29 ياشتا، توي قىلغىنىغىمۇ ئۇزاق بولمىغان، بالىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جون.خارۋارد بولۇپ، لوندوندىن كەلگەن ئىدى. ئۇ چارلىز كوچىسىدا تۇراتتى، بۇ كوچا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتوت (ئەينى ۋاقىتتا تېخى بۇ مەكتەپنىڭ رەسمىي نامى يوق ئىدى) جايلاشقان كامبىرىج كوچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى، خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى چېركاۋنىڭ ياردەمچى پوپى بولۇپ قېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ يېڭى قۇرۇقلۇقتا بىرەر يىلمۇ ياشىيالمىدى. 1638-يىلى 9–ئايدا، ئۆپكە كېسىلى بىلەن چارلىز كوچىسىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مال–مۈلكىنىڭ يېرىمى (780 فوند سىتىرلىڭ) ۋە بارلىق كىتابلىرى (تەخمىنەن 400 پارچە) نى قارشى قىرغاقتا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىنىستىتۇتقا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى ۋەسىيەت قىلدى. بۇ مۇشۇ مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىئانە ئىدى. مەكتەپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن مەكتەپ نامى بولمىغان بۇ مەكتەپنىڭ نامىنى خارۋارد ئىنىستىتۇتى دەپ ئاتاشنى قارار قىلدى. خارۋارد ئىئانە قىلغان 780 فوندسىتىرلىڭ ئىئانە پۇلى ئەينى ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ يىللىق مالىيىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. دىمەك، بۇ ئەينى چاغدا خېلى كۆپ پۇل ھېساپلىناتتى، ھازىرقى گېپىمىز بويىچە ئېيتقاندا، مەكتەپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ پۇل بىلەن مەكتەپنىڭ نۇرغۇن «قاتتىق ماتېرىيال » ۋە «يۇمشاق ماتېرىيال » لىرىنى تولۇقلىۋالغان ئىدى. ئەمما خارۋارد ئىئانە قىلغان 400 پارچە كىتابنىڭ تەقدىرى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتتى، پەقەت بىر پارچە كىتابنى ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر ئوقۇغۇچى ئارىيەت ئېلىپ، قايتۇرمىغان بولغاچقا، مۇشۇ بىر پارچە كىتابلا بۇ بالايى–قازادىن ساقلىنىپ قالدى. بىراق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، 2-كۈنى ھېلىقى ئوقۇغۇچى بۇ بىر پارچە قىممەتلىك كىتابنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كەلگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى خارۋارد ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ھىنرى دونىستىر بۇ ئوقۇغۇچىنى «ئارىيەت ئالغان كىتابنى كۈتۈپخانىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، خارۋارد مەكتەپ تارىخى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان بۇ ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدى.
خارۋارد ئەنگىلىيىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى بىر قاسساپ ئىدى. ئۇنىڭ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىدى. 1625-يىلى ۋابا كېسىلى تارقالغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ دادىسى، ئاكا–ئۇكا، ئاچا–سىڭىللىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. خارۋارد ئۆزىمۇ ياش تۇرۇپلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا، بىرەر پەرزەنتىمۇ يوق ئىدى، پۈتكۈل ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىدا خارۋارد فامىلىلىكلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئەنگىلىيە زېمىنىدىمۇ بۇ فامىلە ناھايىتى ئاز. ئېھتىمال ئەينى ۋاقىتتا جون.خارۋارد چارلىز كوچىسىدىكى كىچىككىنە ياغاچ ئۆيدە، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېڭى قۇرۇقلۇقتىكى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن ئازابلانغان. ئۆزىنىڭ بىر-ئىككى ئەۋلاد قالدۇرالمىغانلىقىدىن چەكسىز قايغۇرغان بولۇشى، يەنە بەلكىم قارشى قىرغاقتىكى ئەشۇ مەكتەپكە قاراپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىئانىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشقان بىردىنبىر تۆھپىسى بولۇپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خارۋارد شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە تەسەللىي تاپالايدۇكى، چارلىز دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى ھېلىقى مەكتەپ ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ پۈتكۈل ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەتتا پۈتكۈل دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پۈتكۈل دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭلىق بىلەن چەكسىز شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جون.خارۋارد خاتىرجەم كۆز يۇمالايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيادا ئەڭ يۇقىرى تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزى، يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم ئەھلىلىرى، پروفېسسورلىرى بار. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق باھالاش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئالىي مەكتەپ دەرىجىسى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ باھالانغان، دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسمانغا تاقاشقان بىنالارنى، مودا كىيىنگەن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنى، قاينام - تاشقنلىققا تولغان مەكتەپ ھويلىسنى كۆرەلمەيسىز ، لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى تېخىمۇ كۆرەلمەيسىز ، بۇ يەردە جىمجىتلىق ھۆكۈمران . خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى رىۋايەت ئەمەس ، ئۇ بولسا ئادەمنىڭ ئىرادىسى ، روھى ۋە ئارزۇ ئارمىنىنى تاۋلايدىغان ئوچاقتۇر .

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-3-12 22:59:02 | ئايرىم كۆرۈش
خارۋارد ئۇنۋىرسىتى كۈتۈپخانسى
كۈتۈپخانا ئىچىدىن كۆرۈنۈشى
مەكتەپ مەيدانلىرى

خارۋارد ھەممە ئوقۇغۇچى ئوقۇغۇسى كىلىدىغان جاي ، بىراق بۇ يەردە ئوقۇش ئىنتايىن قىيىن ، بۇ يەردە ئىچ ئاغرىتىش بولمايدۇ.
نەتىجە لاياقەتلىك بولمىسا يوتقان كۆرپىسىنى ئاستا يۇغۇشتۇرسا بولىدۇ ، يول مىڭىپ كىرىۋىلىش مۇمكىن ئەمەس .

29

تېما

350

يازما

1407

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 677
يازما سانى:
350
تىللا:
956
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
109 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-18

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

يەر
ۋاقتى: 2015-3-12 23:08:42 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ھى  ھى  ھى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +1 يىغىش سەۋەبى
ohximas + 1 ئالامەت

باھا خاتىرىسى

4

تېما

120

يازما

506

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 704
يازما سانى:
120
تىللا:
386
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
43 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-3-13 00:21:10 | ئايرىم كۆرۈش
بىلىۋالدۇق.......................................ياخشى بولغاندەك قىلامدۇ نىمە
ئىمزايىمدىن كۆزىڭىزنى ئۈزمەڭ سەل تۇرۇپ سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

6#
ۋاقتى: 2015-3-13 01:12:47 | ئايرىم كۆرۈش
بىر ۋاقتا تىلۋۇزۇردا   مەدىيلەنگەن قىز شۇمۇ نىمە .ماتماتكدا تولۇق نۇمۇر قازنىپ يىڭلىق ياراتقان قىز پەخريە شۇدەك قىلدۇ .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-3-13 08:08:06 | ئايرىم كۆرۈش
مانا  بۇ تىما  بىزگە  «پەقەت تىرىشقاندىلا  ھەممىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ » دىگەن  سۆزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىۋاتىدۇ  .
ھەممىمىز  تىرىشايلى  ، قىلىۋاتقان ئىشمىزدا  ،  ئوقۇۋاتقانلىرىمىز ئۆزىمىزنى  ھەر تەرەپلىمە  يىتىشتۈرۈشتە  تىرىشايلى !
ئۈگۈنۈش ، ئۈگۈنۈش ، يەنە ئۈگۈنۈش كىرەك .
تىمىڭىزغا  رەھمەت !
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-3-13 09:27:30 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىما ياخشى يوللىنىپتۇ......پەخرىيەگە دەيدىغىنىم شۇكى.....ياخشى ئوقۇڭ ...دوكتۇر بولۇڭ....ئالىم بولۇڭ...
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

37

تېما

193

يازما

1011

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 696
يازما سانى:
193
تىللا:
788
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
139 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-3
9#
ۋاقتى: 2015-3-13 10:22:49 | ئايرىم كۆرۈش
مەن بۇ يازمىنى مىسرانىم دا كۈرۈپ ھاياجانلىنىپ كۈزۈم دىن ياشچىقىپ كەتكەتى ،،،،،،

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-3-13 11:36:24 | ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تئىمكەن ،ئۇيغۇر قىزى پەخىرىيە ئۆز ئىمسغا لايىق ئىش قىپتۇ،بەك پەخىرلەندىم ،ئىچىمىزدىن مۇشنداق تىرشچان بىزنى دۇنياغا تىغمۇ تونۇتدىغان كىشلىرمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئۇمۇد قىلمەن!غەلبە ئۇتۇق  ئاسايشلىقلار سىزگە يار بولسۇن پەخىرلىك قىزىمىز پەخىريە!
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:10 , Processed in 0.145743 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش