بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلگۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 22:54
شۇنداق بىر نەرسە بار
شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇنىڭدىن پايدىلانماڭ،ئۇ بولسىمۇ ئاقكۆڭۈللۈك.
شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇنى ئالدىماڭ،ئۇ بولسىمۇ ھېسسىيات.
شۇنداق بىر نەرسە بار ،ئۇنى ئەخمەق قىلماڭ،ئۇ بولسىمۇ سەمىمىيەت.
كەم بولسا بولمايدىغان شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ دوستلۇق.
باشقىلارغا ئۆتۈنگىلى بولمايدىغان شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ سېغىنىش.
كەچۈرگىلى بولمايدىغان شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ ئاسىيلىق قىلىش.
قۇتقازغىلى بولمايدىغان شۇنداق بىر نەرسە بار.ئۇ بولسىمۇ ئۈمىدسىزلىك.
ئۇنتۇپ قالسا بولمايدىغان شۇنداق بىرنەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ مىننەتدارلىق.
زىيادە قوغلىششقا بولمايدىغان شۇنداق بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ نام-ئابروي.
بۇ سۆزۈمنى ئۇنۇتماڭ
سىزنىڭ مۈرىڭىزدىكى يۈك ئاخىرىدا سىزنىڭ سوۋغىڭىزغا ئايلىنىدۇ.سىز ئۇچىرىغا جاپا-مۇشەقەتلەر ئاخرىدا يولىڭىزنى نۇرلۇق قىلىدۇ.
ھەر قانداق بېرىشقا تېگىشلىك جاينىڭ ئۇدۇل يولى بولمايدۇ.
ھاياتلىقىڭىزنىڭ ئۆزى چوقۇم ئەھمىيەتلىكرەك بىرەر ئىش قىلىشىڭىزدىن دېرەك بىرىدۇ.ياخشى تىرىشىڭ.
بىر ئادەم قانچە ھورۇن بولسا ئەتىسى قىلىدىغان ئىشى شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ.
سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت دەل سىزنىڭ مۇۋەپپىقىيەتكە يىتىش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتقا تەڭداش....
كىشىنىڭ بارلىق ئازابلىرى تېگى -تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ بۇلۇمسىزلىقىغا بولغان غەزىپى خالاس.
پەقەت ئەڭ مۇشەقەتلىك داۋاملاشتۇرۇش ۋە تاللاشنى باشتىن كەچۈرگەندىلا سىز بەختكە يىتىپ بارالايسىز.
يېنىڭىزدىن كەتكۈسى بار ئادەمگە ئۆزىڭىز باھانە تېپىپ بېرىڭ.شۇندىلا ئۇ ۋىجدان ئازابى تارتمايدۇ.
ھەممە ئادەمگە ياخشى كۆرۈنىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ
سىز قانچىلىك ياخشى بۇلۇپ كىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر،ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن.بەزىلەر سىزگە ئۆچلۈك قىلىدۇ،بەزىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ.بەزىلەر سىزگە ھەسەت قىلىدۇ،بەزىلەر سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق ،سىز قىلغان ئىشنىڭ ھەممە ئادەمگەياراپ كېتىشى ناتايىن،شۇڭا باشقىلارغا ياخشى كۆرۈنىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ پىرىنسىپ ۋە غورۇرى بۇلىدۇ.
بۈركۈتكە چاۋاك چالمىسىڭىزمۇ ئېگىز ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرېۋېرىدۇ.يېشىل ئوت-چۆپلەرگە ئىچ ئاغرىتمىسىڭىزمۇ داۋاملىق ئۆسۈپ چىقىدۇ.تاغدىكى گۈلنى ھېچكىم گۈزەلكەن دەپ ماختىمىسىمۇ ئوخشاشلا خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدۇ.پەقەت تىرىشسىڭىزلا بولدى.ھەممە ئادەمنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ كىتىشىنىڭ ئورنى يوق.سىز مەڭگۈ سىز ...دۇنيادا پەقەت بىرلا سىزبار...........
مەنبە:ئۈندىدار سالۇنىدىن ياقتۇرۇپ ساقلىۋالغانلىرىم |