چەتئەلدىكى قوي سويۇش ھېكايىلىرى
قەيسەر مىجىت
ئىلاۋە: مەن باغداشقا "قەلبىم ئۆكسۈيدۇ" ناملىق ئەسىرىم بىلەن كىرىپ كەلگەن چىغىمدا باغداش ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ سەمىمى تەلەپلىرىگە ھەم مۇيەسسەر بولدۇم. بىراۋدىن بىر نەرسىنى تەلەپ قىلدىڭ دگەنلىك، ئۇنىڭغا ئۈمىت باغلىدىڭ دىگەن گەپ. مەن سىلەر مەندىن كۈتكەن ئۈمىدنى ماڭا بولغان ئىشەنچ دەپ قارايمەن. ئىشەنچنى يەردە قويۇش، ۋەدىنى ئورۇنلىماسلىق - ئادىمىلىك ئەمەس. سىلەر مەندىن ئەينى چاغدا چەتئەلدىكى تۇرمۇشىمىز ھەققىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىڭلار. مانا بۈگۈن شۇ تەلىۋىڭلارنى بىجا كەلتۈرۈشتىكى بىرىنجى قەدەمنى ئالدىم. بۇ پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ جۈملىدىن مىنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى. خاسلىقىمۇ بار، مۇئەييەن دەرىجىدە ئومۇمىلىقىمۇ بولۇشى مۈمكىن. قىسقىسى، تەلەپلا بولىدىكەن، تەمىنلەش چوقۇم بولىدۇ، ئەڭ كىمىدە قولۇمدىن كىلىدىغانلا ئىش بولسا!
(قىستۇرما: "دوختۇر ئۇيغۇر" ناملىق يازمامنى كۈتۈۋاتقان ئىنىم: ئۇ ئەسەرنى مۇشۇ ئۆكتەبىردە ئىلان قىلىمەن. سەۋر بىلەن كۈتكىنىڭىزگە رەھمەت، ۋاقتىدا ئىلان قىلالمىدىم، ئۆزرىلىكمەن!)
**********************************************************
بىزدە بار ھەر خىسلەت، چۈنكى بىز گۆشخور مىللەت. كۆڭلىمىز ئۇنىمايدۇ، كاۋاپ يەپ تۇرمىساق. بىشىمىز قايغاندەك بولىدۇ پات-پات شورپا سەپ كاناينى ياغلىمىساق.
ئەتىۋارلايمىز قوي گۆشىنى، كالا گۆشىگە قارىغاندا.
ئۆچكە گۆشىگە قاراپ قويمايمىز ئوغلاق گۆشى ياندا تۇرغاندا.
ئويلايمىزكى: قوينى سويۇپلا يىڭى يىڭى يىگەن ياخشى. كاللا-پاقالچاقنى ئۈكلەپ، ئۆپكە ئۈچەينى قۇيۇشمۇ ، بىر كەسپ ئەسلى!
ھەي ئۇيغۇرلۇق، ھەي ئۇيغۇرلۇغۇم!.
چەتئەلدە ئۇزۇن يىل تۇردۇم ئەمما تەس بولدى ئۆز ئالدىمغا قوي سويمۇغۇم!
مەنلا شۇنداقمىكىن دىسەم، ئوخشاش ئارزۇدىكەن باشقا ئەلدە بەش يىل تۇرغان سابىر قۇيۇن ۋە ئۇنىڭ ياۋروپاغا يىڭىدىن قەدەم باسقان خانىمى گۈلنار زىلۋا بويۇن!!!
ئەمما بۇ يەرلەردە، ئۆز ئۆيۈڭدە قوي سويۇش ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس، مۇنۇ ھىكايىنى ئىيتىپ بەرمىگۈچە ھىچكىم ئىشەنمەس!
ئەمىسە مەن ئىيتتىم ئاڭلايدىغان قۇلاق بارمۇ سىلىدە؟ ئاۋال سابىرنىڭكىنى ئىيتاي، «يەنە بارمۇ» دىسەڭلا ئۆزۈمنىڭكىنى يازاي...
(A)
قىسمەت ئۇلارنى بەش يىل ئايرىۋەتتى. گۈلنار ئايرۇدۇرۇمدىن چىققاندا چاچلىرىغا ئاق چۈشۈشكە باشلىغان ئەمما قايماقنى تولا يەپ سەمىرىپ قالغان سابىرنى كۆردى-دە ئۇنىڭغا ئىتىلدى:
-سابىرىم، جىنىم !!
سابىر غۇلىچىنى كىرىپ گۈلنارنى قۇچاقلىدى،ئىككىسنىڭ كۆزىدىن ئىقىۋاتقىنى ئەمەس ھىجران يىشى، بەلكى خوشاللىق خوشاللىق قىيامى.
«ئاللاھ بۇيرىسا، بۇ يىلقى قۇربان ھىيتنى سابىر بىلەن ئۆتكۈزىمەن دەپ نىيەت قىلغان گۈلنار، ياۋروپاغا كىلىپلا بىر ھەپتىدىن كىيىن كىلىدىغان ھىيت تەييارلىقىغا
چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ئۈچ ئىغىزلىق ئۆينى ئاجايىپ زىللىق بىلەن تازىلاپ چىقتى، پولدىكى قاچانلاردۇر قىتىپ قالغان داغلارنى يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ پىچاق بىلەن قىردى.
ھەي ئۇيغۇر قىزى، ئۈرۈمچىنىڭ قىزى...
ئاندىن ساڭزا سالدى. ھىيتقا ئىككى كۈن قالغاندا ئۇ سورىدى سابىردىن :
-قوينى قايسى بازاردىن ئەكىلىمىز؟
-نىمە؟ مەڭدەپ قالدى سابىر بۇ سۇئالدىن.
ئۇ بۇ يەردىكى بەش يىللىق ھاياتىدا بىر خورازمۇ سويۇپ باقمىغان ئىدى.چۈنكى بۇ يەردە خالىغانچە ھايۋانلارنى ئۆلتۈرسە بولمايتى.
-ۋاي بۇ يەردە قوي سويماي ھېيت ئۆتكۈزىمىز. چۈنكى...
-ۋاي ئاپام دەپ توۋلىۋەتتى گۈلنار .
-يىلدا بىر كىلىدىغان قۇربان ھېيتتا قان ئىقىتمىساق قانداق بولىدۇ؟ئىسىت ئۈرۈمچەم. قويۇنلىرىڭدا قويلار كەڭرى ئىدى. ماۋۇ ئەركىن دۇنيانىڭ تارلىغىنى قارا.
سابىرنىڭ يۈرىگى ئايالى چىكىۋاتقان ھەسرەتكە چىدىمىدى. ئۇنىڭ بەش يىل كۆرۈشمىگەن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكىسى كەلمىدى.-
-يۈر خوتۇن، 120 كىلومىتىر يىراقتا بىر تۈرك تونۇشۇم بار، شۇنىڭ ساتىدىغان قويى بار. قويدىن بىرنى ئىلىپ ئۆيگە ئەكىلىپ سويىلى.
گۈلنارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئىچىلىپ كەتتى-دە سابىرنى تاتلىققىنە قۇچاقلاپ قويدى.
ئۇلار قوينى ئىلىپ كەلگەندە تىخى قاراڭغۇ چۈشمىگەن ئىدى. ئۇلارنى ئەندىشە باستى. بىر قوينى يۆتىلەپ ئۆيگە ئەكىرسە خەقلەر قارايدۇ ، بىنانىڭ ئامانلىغى ئۈچۈن ئورنىتىلغان كۈزۈتۈش ئاپاراتىغا چىقىپ قالغان قوي ئۆيدىن تىرىك چىقمىسا بالاغا قالىدىغان گەپ.
«قانداق قىلىش كىرەك؟»
ئۇلار ئۆيگە كىرەلمەي قاراڭغۇ چۈشكىچە سىرتتا ئايلىنىپ يۈرۈشتى-دە قاراڭغۇ چۈشكەندە، ئەلنىڭ ئايىغى بىسىققاندىن كىيىنلا، قوينىڭ ئۈستىنى ئەدىيال بىلەن ئوراپ ئۇنى مىڭ بىر تەستە ئۆيگە ئەكىرىۋىلىشتى.
ئەمدى ئۇلار بۇ قوينى تىز سويىۋەتمىسە. قوي مەرەپ چاتاق سالسا قوشنىلار ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر تەرەپتىن تىلىۋىزورنى چىڭ قويۇۋىتىپ، ئىشىك دەرىزىلەرنى دۈملەپ خۇددى كوپىراتسىيە ۋاقتىدا ئوغۇرلۇقچە تاماق ئىتىپ يىگەنلەردەك دەككە -دۈككە بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن مونچىنىڭ سۈيىنى قويۇۋىتىپ ۋاننىغا ئەكىرىۋالغان قوينىڭ بوينىغا «بىسمىللاھ» دەپ پىچاق ئۇردى.
«مە» دەپ ئىككىنى ۋاقىراپلا جان ئۈزدى قوي.
سابىر قوينى بوغۇزلاۋاتقاندا ۋاننىغا ئىقىپ چۈشۈۋاتقان قانغا قاراپ گۈلنارنى قورقۇنچ باستى.
-سابىرىم، جىنىم، دىدى ئۇ بىر خىل تىترەك ئاۋازدا،- بولدى، بولدى بۇندىن كىيىن سىزگە ھەرگىزمۇ قوي سويايلى دىمەيمەن.
ئايالىدىكى بۇ تىز ئۆزگىرىشكە سابىر ھەيران قالدى، گۈلنارنىڭ نازۇك لەۋلىرىدىكى تىترەش -سابىرنىڭ يۈرىگىنىتەۋرىتىۋەتتى.
-نىمىشقا؟
راست گەپنى ئىيتسام مەندە شۇ تاپتا گويا ئىككىمىز بىرلىشىپ ئادەم بوغۇزلاۋاتقاندەك تۇيغۇ شەكىللىنىپ قورقۇپ كىتىۋاتىمەن......
(B)
ئامىرىكىدا ياشىغان مۇشۇ يىللاردا بىر قوي تۈگۈل بىر قۇچقاچنىمۇ بوغۇزلاپ باقماپتىمەن. ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىمدا قوي سويغاندا يىنىدە كۆپ تۇرغان، بوغۇزلاش ئالدىدا تۇرغان قويلارنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇشقان، بوغۇزلاپ بولغاندىن كىيىن كانارىغا ئىسىپ سويۇشقا قولاي بولىدۇ دىسە قوينىڭ پاقالچىغىدىن ئاچقان تۆشۈككە تالاي قىتىم پۈۋدىگەن...ئۆزىمىز تۇغدۇرۇپ ئۆزىمىز يەم بىرىپ باققان قوزىلارنى يىيىش ئۈچۈن بوغۇزلىغاندا كۆز يىشىمۇ قىلغان. ياكى ئادەم ئۆسمۈر چاغلاردا باغرى يۇمشاق بولامدۇ؟ چوڭ بولغانسىرى قويلارنى ئۆلتۈرۈپ يىيىش ھەققىدە ئويلاپمۇ قويمايدىكەنمىز، چۈنكى ئۇ ئەلمىساقتىن شۇنداق بولۇپ كەلگەندە!!!
ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىگە ئۇياتلىق مىھمانلىرى كەلگەندە قوي سويۇپ ئۆزىنىڭ مىھمانغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. قىسقىسى، قوي سويۇپ يىيىشنى ھەم ياخشى كۆرىدۇ ھەم چوڭ بىلىدۇ. ھىلىقى قارلىق تاشلىغاندا يىزىلىدىغان مىسرالار شۇنداققۇ؟
تاپقىنى قوي ئۆلتۈرەر، تاپمىغىنى بىر باش پىياز...
ئاتا-ئانىلىرىمىز نەچچە قىتىم كىلىپ كەتتى، ئەمما قوي ئۆلتۈرەلمىدۇق. ئەگەر مال ئۆلتۈرسىلا ھىساپ بولىدىغان ئىش بولسا ماۋۇ ئۆيىمىزنىڭ يىنىغا كىلىپ تۇرىدىغان كۈركە توخۇ، كىيىك ياكى توشقانلاردىن بىرەرنى تۇتۇۋىلىپ ئەدىيال يۆگىمەيلا ئۆينىڭ كەينىدە بوغۇزلىمامتىم؟(شۇنداقتىمۇ ئۇنى قاراڭغۇدا قىلىش كىرەك) لىكىن قوي گۆشى باشقا! شۇڭا،
ھالال گۆشنى ئىككى ھەپتىدە بىر قىتىم ماشىنا ھەيدەپ بىرىپ ماراكەشلىك ئابدۇراھماندىن ئىلىپ كىلىمەن. مەن ئۇنىڭ 10 يىللىق خىرىدارى، بىرىپ كىلىشىمگە 3-4 سائەت ۋاقىت كىتىدۇ.
ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا زادى بىر قوي سويۇپ باققۇم كەلدى. بۇ يەردە مۇسۇلمانلارنىڭ فىرمىسى يوق. شۇڭا كەينىمگە 3-4 ياش ئىنىلىرىمنى سىلىۋىلىپ بازاردىن مەخسۇس قوي سويىدىغان سايماننى ئىلىپ ئۆيۈمدىن 25 مىنۇت يەردىكى يەرلىكلەرنىڭ بىر دىھقانچىلىق مەيدانىغا باردىم. دىگەندەك ئۇلاردا تۆت قوي بار ئىكەن. بىر قوينى 225 دوللارغا سۆزلەشتۇق. بىر ياش بالا قوينى يۆتىلەپ ئىلىپ چىقىپ بەردى. بىز ئۇنى كەڭرى سەينادا سويماقچى بولدۇق.
-ياق، ياق بولمايدۇ دىدى ئۇ يەردىكىلەر. مالنى مۇنۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سويىسىلەر. بوپتۇ، دىدۇق. قوينى ئىلىپ ئۇ ئۆيگە كىردۇق. ئۆيگە كىرىپلا يەردە قان بارلىغىنى كۆردۇق. بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بىر يوغان قارا توڭگۇزنى ئۆلتۈرۈپ ئىسىشىپ قويۇپتۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىككى مىكسىكىلىق.كۆڭلۈمگە بىر «ھۆ» كەلدى. ياق بۇ قوينى ئالمايمىز دىدىم ئىشىكتىن چىقىپ كىتىۋىتىپ.
-نىمە، نىمە بولدى دىدى ھىلىقى ياش بالا ھەيران قىلىپ. «ساڭا رەھمەت، مە ماۋۇنىڭغا قەھۋە ئىچ» دەپ 10 دوللار تۇتقۇزدۇم ۋە دىدىم: تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قالدىم. "ھە بوپتۇ ئەمىسە" دىدى ئۇمۇ.
ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ھىلىقى سەت توڭگۈزنىڭ ئىسىلغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىۋىلىپ، كۆڭلۈم ئىلىشىپلا كەلدىم.
شۇنىڭ كاساپىتىدىن گۆش يىگۈم كەلمەي ئابدۇراھماننىڭ يىنىغا گۆش ئالغىلى 4 ھەپتىدىن كىيىنلا باردىم، چۈنكى ئۇنتۇشقىمۇ ۋاقىت كىرەككەن ئەمەسمۇ؟!.
مەنبە : ئىزدىنىش تورى |