بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kakkuk11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-23 18:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار،ئۇرۇشقۇڭلار كەلسىمۇ ئۇرۇشماي،يىغلىغۇڭلار كەلسە كۈلۈپ ،يىقىلساڭلار ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دىگەندەك سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟سىلەرنى سېغىنىپ مۇنبەر ئىشىكىگە پۇتلاشساممۇ پۇتلىشىپ،پۇتلاشمىساممۇ پۇتلىشىپ غىپپىدە كىرىۋالدىم.ئەمدى قارىسام مۇنبەرگە كىرىپ نىمە قىلىشىڭلارنى بىلمىگەندەك قاتار ئولتۇرۇپ كىتىپسىلەر ،يامان بەك رەتلىك بولمىسا ،ھېچكىم سەپتىن چىقىپ كەتمەپتۇ.
شۇڭا بىر تۈمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ سۆز ئويۇنى باشلاپ باقايلىمىكىن دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرىمەنغۇ؟
ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ بىرەرسىلەر جۇمۇ؟ مۇكاپات بار دەپ تۇرۋالاي ئۆزۈمچە
ئويۇننىڭ قائىدىسى:بىرىنچى جۈملىنىڭ ئاخرىقى ھەرىپى كېيىنكى جۈملىنىڭ باشلىنىش ھەرىپى قىلىنىدۇ.ھەر بىر جۈملە تۆت سۆزدىن كەم بۇلۇپ قالمىسۇن.مەزمۇنى ساغلام ،قىزىقارلىق ،جەلب قىلارلىق بۇلىشىغا دىققەت قىلساق بۇلۇپ قالارما؟
ئەمىسە مەندىن كەلسۇن،تۈزۈت قىلمىدىم.ئۆھۈ ئۆھۈ.....
ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە،سەن ئۇ كۆزۈڭگە باشقىلارنىڭمۇ كۆزى بار دېگىن.
مەنبە:ئۆزۈم ھازىرچە |