قارا ئەتتىرگۈل 
گۈللەرنىڭ ھەممىسى قىزىل دەمسەن ؟ باغرى خۇن ،يۈرىكىدە ئوخچىغان قانلىرى ئاللبۇرۇن سوۋۇپ بولغان گۈلنى قىزىل دىيىشكە قانداق تىلىم بارسۇن ؟ قارا ئەتتىرگۈل ،قىسمىتىڭگە يىغلايمەن ،سەن بىرلا قارا ئەتتىرگۈلگە ئەمەس ،سەن كەبى غۇنچىلەرنىڭ نىدالىرغا ئۆكسىيمەن .
سۈبھىدىكى شەبنەم تېمىش ئالدىدا ،ئوتقاشتەك جۇلاسنى يۇقىتىپ ،ئايسىز ئاخشامدىكى قاراڭغۇلۇققا بەنىت بولغاندەك نۇرسىز كۆرۈندىغان بەرگىلىرىڭگە ساقىغان بىر تامچە شەبنەم ساڭا ھاياتلىقنىڭ يېڭى مەنىسنى بېرەلىدىمۇ ؟ ياق ياق ،بىلىپ تۇرۇپتىمەن ،تامچىلەرگە ئارلىشىپ كەتكەن ياشلىرىڭ تىكەنلىرڭنى ياشارتماقتا ....
قارا ئەتتىرگۈل ،بۇلبۇل ناۋاسىغا جۆر بۇلۇشتىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قېچۋاتامسەن ،سەن گۇناھكار ئەمەسمەن ، تۆكلۈپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال بەرگىڭ قالسىمۇ ،مەن سېنى ئەتتىرگۈل دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمەن ، چۈنكى ھەر بەرگىڭدىن بىر نىدا ئۆكسىىپ ئۆزۈڭنى يۇشۇرماق بولغىنىڭ بىلەن ،مەن ھەر بەرگىڭدىن گۈل ھىدىغا قانماق بۇلۇپ ۋۇجۇدۇمنى ساڭا ياقىمەن .
بۇلبۇل سايرىماس بولغان باغلىرىڭ ،كىپنەكلەر ماكانى ، گۈللەرگە خاس جىلۋەڭنى يۇقاتما قارا ئەتتىرگۈل .
ھېكايەڭنىڭ شاھىدىمەن قارا ئەتتىرگۈل .
بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ھېكمەت تۈكىلدىغان قارا ئەتتىرگۈل ، گۈللەرگە خاس جىلۋەڭ بىلەن ھاياتىڭنىڭ ئاخىرىقى تىنىقلىردا گۈلزارلىقتىكى بىر گۈل بۇلۇش سۈپتىڭ بېلەن باسقان مۇساپەڭگە خۇرسەنمەن .
ئانار رەڭگىدىكى بەرگىلىرىڭ بارا-بارا قارداشقا باشلىغان بىلەن ،سەندىكى سۆيۈملۈك گۈل قەلبنىڭ بارا-بارا ئوت رەڭگىدە تاۋلانغىنغا خۇرسەنمەن .
ساڭا سىڭىپ كەتكەن شۇ دەملەردە قارا ئەتتىرگۈلنىڭ رۇخسارىنى قەلىب بوستانىمدا ئېچىلدۇرالىغنىمغا خۇرسەنمەن .
شۇنداق ،سەن بوستانلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق بىر گۈلسەن ، بەلكىم پۇرار ئىدى بىر چاغ سېنى قانماي ھەر كىم ،بەلكىم ئۈزۈشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولغۇيتى ئېھتىمال بىرچاغ ،ساڭا شەيدا ھەر كۆڭۈل .
بەرگىلىرىڭنى ئاستا-ئاستا نابۇت قىلماقچى بولغان قۇرۇتلارغا نەپرىتىم چەكسىز ،يىغلاشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمەيدىغان مەن ، سەن ئۈچۈن رەت ياش تۆككەن ئىدىم قارا ئەتتىرگۈل .
قىسمەتلەرنىڭ پايانى چەكسىز ،شۇ چەكسىزلىك ئىچىدكى سېنىڭ قىسمىتىڭگە ئۇچۇرغان شۇ دەملەردىكى مەن "يەتتە پەرىزات" نى ساڭا ھەمراھلىققا چىللاۋاتمەن .
ئالىيە
2-ئاينىڭ 14-كۈنى |