ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 650|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

521-نۇمۇرلۇق ياتاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-13 17:46  

521-نۇمۇرلۇق ياتاق
(مەكتەپ تۇرمۇشىمغا مەنا ئاتا قىلغان سۆيۈملۈك بەش قىزغا بېغىشلايمەن)


      كۆزگە تاشلىنىپلا تۇردىغان بېنا ،ئەنە بىرىنچى رەتتىكى بۇ بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىگە جايلاشقان  ئىشىك بېشىغا ‹‹521›› دەپ نۇمۇر قۇيۇلغان بۇ ياتاق مېنىڭ ياتىقىم ، ياتىقىملا ئەمەس تۆت يىللىق تۇرمۇشىمدىكى كىچىك ئائىلەم .
بۇ ئائىلنى مەن بېلەن قوشۇپ ئالتەيلەن  بەرپا قىلغان ، مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدىغان ئۆتكۈنچى يامغۇردەك تامچىلىرنى قەلىبلەرگە سىڭدۈرۋىتەلەيدىغان قىسغىنە ۋاقىتلىق  بۇ ئائىلە ئاجايىپ گۈزەل ،ئۇنىڭ گۈزەللكى سەرامجانلاشتۇرشىدا ئەمەس بەلكى ئوخشىمغان ئالتە جايدىن كەلگەن ،ئوخشىمغان ئالتە ئائىلە تەربىيسى ،ئوخشاشمىغان ئالتە خۇي ،ئوخشاشمىغان ئالتە گۈل-چىرايلارنىڭ بىركىشى بىلەن ،تاتلىق،ئاچچىق كارتىنلىرى بىلەن بۇ گۈزەللىكنى ياراتقان .

521-ياتاق بۇ ئۆگنىش سورۇنى .
شۇنداق ،بۇ ئاجايىپ بىر ئۆگنىش سورۇنى ، بۇ جايدا سېنىپتا ئۆگەنگەنلىرمنى مۇزاكىرە قىلمايمىز ،بىزنىڭ ئۆگىندىغنمىز ئالتە مىجەز-خۇي ئىچىدىن قايسنى ئۆگنىپ قايسىنى تۈزىتىش .ھايات يۇلىدىكى بۇ ئۆتكۈنچى پەسىلدە ئۇستاسىز ئادىمىيلىكنى ئۆگنىش ،تەبىيلا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلۈنى ئاغرىتمايدىغان پوزىتسەينى ئۆگنىپ قالمىز .  يەنە مەن بۇ ياتاقتىن ھىچنىمە بىلمەيدىغان ھالىتىمدىن بۇ قىزلارنىڭ زورلىشى بىلەن چىرايلىق دوپپا تىكەلەيدىغان كەشتىچى قىزغا ئايلانغانمەن ، يەنە نۇرغۇن يەرلىك شىۋىلەرنى ئۆگەندىم ھەم ئۆگەتتىم ،ئالتە خىل قائىدە -يۇسۇنلارنى  ئۆز ئارا ئالماشتۇرغان بۇ ياتاق شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر مەدىنيەت ئالماشتۇرۇش كۆۋرىكگە ئايلانغان .

521-نۇمۇرلۇق ياتاق "غەيۋەتخور" لار ماكانى
پاراڭ قىززماقتا ،نىمە ئۈستىدە غەيۋەت قىلۋاتىدۇ دەمسىز ،بۈگۈن سېنىپتىكى قايسى بىر ساۋاقدىشمىزغا مۇناسۋەتلىك يۈز بەرگەن قىزقارلىق ئىشلار ،ئۇ ئەينەن تەسۋىرلەيدۇ ،بىز كۈلۈپ بولالماي كارۋاتنى بىر ئالىمىز ، يەنە بار ،كىمنىڭ قايسى كىيمنىڭ بەك چىرايلىق ياراشقانلىقى ،قىزلارنىڭ بۇ پاراڭ تېمىسى ھەممە قىزلاردىكى ئورتاق خۇي ،چۈنكى ھەممە قىز گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچى ،پاراڭ تېمىمز ھەرگىزمۇ ئۇ قىز ئۈستىدە ئەمەس بەلكى .. ، بۈگۈن قايسى مۇئەلمىدىن نارازى بولغانلىقنى قاپقىنى تۈرۈپ سۆزلەيدۇ  ئۇ يەنە ، ئۇنىڭغا جۆر يەنە بىز ،ئۇنىڭ ئاچچىقىغا ھاي بېرىپ كۈلدىرۋىتىدىغنى يەنە بىز .
يەنە بار، ئوغۇللارنىڭ پارىڭى بۇ ياتاقتا يوق دەمسىز ، ئارتۇق سۆزلەشكە تىلىم كۆيىدۇ ، ياتاق تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن قىزلار سۆزۈمنىڭ ئاخىرنى پەرەز قىلىپ بولدى ئېھتىمال .
غەيۋەت شەخىسكە ئۆتتى ،بىر جۈملە سۆز باشلىنىپ بولغۇچە ئۆزىنىڭ ئۇرغۇلۇق سۆزلىرى بىلەن جىملەپ قۇيدىغان بۇ قىزغا ھۆرمىتىم بار ، ئۇ بىزنى بىرسى ئۈستىدىن سۆز-چۆچەك قىلىشتىن توسۇيدۇ ،ئۇنىڭ توسقۇنى گۇناھ يۇلىغا مېڭىش ئىكەنلىكنى ئويلىيالىغدەك كاللا بىز ھەممىزدە بار .

521-نۇمۇرلۇق ياتاق ‹‹مەلىكلەر›› دۇنياسى
ياتىقىمزنى پاكىز تۇتشقا ئادەتلەندۇق ئەلۋەتتە ،چۈنكى پاكىزلىق ھەممەيلەنگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىدۇ ،گۈل بېقىشنى ياخشى كۈردىغان قىزنىڭ بىر قانچە تەشتەك گۈللىرى ياتىقىمزغا ئۆزگىچە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ گۈللىرى ياتىقىمزنىڭ كۆرىكى  ، مەكتەپ بەرگەن پەردىنى ياراتماي ،ئۆزىمىز تاللاپ سېتۋالغان شاپتۇل چىچىكىگە ئوخشاش چىرايلىق گۈللىرى بار ھەم شۇ رەڭلىڭ پەردىمىز ياتىقىمزغا بەكلا يارىشىپ كەتتى ،ھەممە قىزلار ياتىقىمزغا كىرىپ پەردىمزنى ماخىتسا كۆڭلىمىز يايراپ كېتىدۇ بىزنىڭ ،پەردىلەرنى ئىككى تەرەپكە قايرىپ چىرايلىق قىسىپ قويغان ئىككى چاچ قىسقۇشچۇ تېخى ‹‹مەكتەپتىن ئايرىلغاندا بۇ چاچ قىسقۇچلار ماڭا قالسۇن " ھەييارلىق بىلەن شۇنداق دېگىنىمدە ھەممەيلەننىڭ ياتاقتىكى ئومۇمى مۈلۈكنى بۈلىشىپ "مىراس" تالىشىپ كۆتۈرگەن قىقاس -چۈرەنلەر بىر دەمدىلا ياتىىقمىزنى قۇرۇقداپ قويغان شۇ كۈنلەر ئاجايىپ تاتلىق ...
كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدىكى بۈرجەككە ئىلىپ قويغان  كىچىككنە سىۋەتلىك سۇس ئاق رەڭلىڭ سۇلياۋ گۈل ،  كارۋات بېشىغا بىر رەت قاتار تىزىپ قويغان  ،مەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ۋاراقلىۋەتمىسەم كۆڭلۈم ئۇنمايدىغان سۆيۈملۈك كىتابلىرىم ، پاتماي بوش كارۋاتقا ئېلىپ قويغان چوڭ قونچاق ،ئۇنىڭ كارۋىتىدىكى ئۇماق ئېيىق ،يەنە ئۇنىڭ كارۋىتىدىكى يۈرەك ،ئۇنىڭ تامغا چاپلاپ قويغان ئۆيىدىكى كىچىك شاكىچىكلەرنىڭ رەسىمى ،ئۈستىدىكى ئۇنىڭ كارۋاتىدا يەنە ئۇلۇغلۇقنىڭ نىشانى ...   
بۇ ياتاق ئەنە شۇنداق سۆيۈملۈك ،ئەنە شۇنداق ئىللىق ،ئەنە شۇنداق ئالتەيلەن ئاتا قىلغان گۈزەللىكلەرنىڭ مۇجەسسمى ،مەن بۇ ياتاققا ئەلۋەتتە ‹‹مەلىكلەر دۇنياسى››دەپ نام بېرىمەن .

521-ياتاق "دەرىتمەنلەر" گە بېرىدۇ داۋا
ئۇ يىغلىۋەتتى ،ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى ،ئۇنىڭ كارۋىتنى چۆرىدىگەن بەش قىز ئۇنىڭ يىغىسغا ھەمدەم ،ئائىلدە كەلگەن كىچچىكنە كۆڭۈلسىزلىك بۇ نازۇك قىزنىڭ يۈرىكنى يارا قىلدى ، تەرەپ-تەرەپتىن ئېيتىلغان قىسقىسى بەش جۈملىگە يىغچاقلىغان تەسەللى سۆزى بىلەن ئۇ ياشلىق كۆزلىرنى سۈرۈتتى ، يۇمۇر ئېيتتى ،ئۇ كۈلۋەتتى ،ئۇسۇلغا تارتتىم، ئۇ قايغۇنى بىردەمگىنىە ئۇنتۇپ شوخ ئۇسۇلغا چۈشتى ،بېقىشىپ تۇرۇپ ئوينىغان ئۇسۇللىرمىز بىلەن ئۇ كۆڭلىگە تەسكىن تاپتى ،بىردەملىك قايغۇ يىغلىتالايدىغان بۇ قىزنى بىردەملىك شوخ ھاياجان ھەم كۈلدىرەلەيدۇ ، 521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا كىم شۇنداق يىغلىسا ئۇنى كۈلدۈرمىگچە بولدى قىلمايدۇ شەيتان قىزلار .
مۇھاببىتىدىن ئازار يىگەن ئۇ يىغلاشقا ئارانلا تۇراتتى ، بەلكىم يۈرىكى ئاللبۇرۇن قانلىق يىغىنىڭ ئىسكەنجىسدە قالدى بۇ چاغ ،قىز دوستىنى بۇ ئازابقا دۇچار قىلغان ئۇ "نامەرد" نى تىللغۇم كەلدى ، ئەمما جۇگېلىياڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بەش كاللا ئىشلەتكەن ئامال بىردەمدىلا بۇ قىزنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ يىگىتنىڭ قېشىغا يولغا سالدى . شۇ دەمدە ھەم ئۇنىڭ يىگىتى ئىنتىزارلىق بىلەن ساقلىماقتا ..
"ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بار" دەيدىكەن كونىلار ،دەل شۇنىڭغا ئوخشاش 521-نۇمۇرلۇق ياتاققا ئۈششۈك تەگكەن ۋاقىتتا بىز ئالتىمىز باھار ھىدىنى تاراتقۇچى .

521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا بۈگۈن ھېيت ،بۈگۈن بايرام
ئۇلۇغ ھېيتلاردا ئۆيگە قايتالمىغان مەنلا ئەمەس ،ئالتە جۈپ شەھلا كۆزنىڭ ھەممىسى شۇنداق ، ئەمما بىزنىڭ كىچىك ئائىلمىزدە ھېيىت ، داستىخىنمىز مول ، ئۆيدىن كەلگەن نىممەتلەر بەرىكەتلىك ،سېنىڭ مېنىڭ دەپ ئايرىمدۇق ،بىز كۆڭلۈمىزنى مۇشۇنداق خۇش قىلىپ ھىچقايسمىز ياش تۆكمۈدۇق .
بۈگۈن بۇ قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،ئۇنىڭ ئانىسنى ئۇلۇغ تىلەكلەر بىلەن تەبرىكلىدۇق ،كىچىىكنە ياتىقمىزدا ئاددىغنە داستىرخان سېلىپ ئۇنىڭ بۇ قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلىمەكتىمىز ،بۇ ئۆتكەن ئۈچ يىلدا ھەممىزنىڭ بېشىدا  ئۈچ قېتىمدىن چۆرگىلدى ،بىلۈندۈرمەي تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ مىھىر مۇھاببەتلەرنى ھىس قىلدۇرغان بۇ دەملەردە 521-نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىچىدە خوشاللىق تەنتەنە قىلماقتا .


521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا ...
521 -نۇمۇرلۇق ياتاقتا قىيدىشىپ قالدى ئۇلار ، قىزلاردىكى كىچچكنە ئورتاق خاراكتىر ئۇلارنىڭ قىيداشلىرغا سەۋەب بولدى ،بەلكىم گەپ قىلىشماس بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ،بىر-بىرگە دوق قىلار ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل كېلىپ قالغان دەملەردە ، ئەمما قاراڭ ،بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئىككسنىڭ بىر بىرنى قولتۇقلاپ كۈلۈشكىنچە ئاشخانىغا ماڭغىننى كۆرسىز،مەنمۇ ھەم شۇنداق ئىدىم دەسلەپ ....سۈيۈملۈك قىزلار .
521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا بۈگۈن ‹‹ياسانچۇق›› قىزلارغا تەنتەنە  ،كارۋاتقا تاشلانغان قالايمىقان كىيىملەر ... توكقا چېتىقلىق چاچ قۇرۇتقۇچ ،ئۇنىڭ قولىدىكى  نەچچە ئون يۈئەنگە سېتۋالغان يۈز ماي  ،  ئۇنىڭ ئاپىسى ئەۋەتكەن داڭلىق ماركىدىكى يۈز ئاسراش مەلھىمنى تالاشقان جۈپ كۆزلەر ،يەنە...  ئەمما كېپىللىك قىلمەنكى ئۇلار چەكتىن ئاشمايدۇ ، گۈزەللىككە ئىتىلگۈچى ھەر بىر قىزنىڭ كۆز ئالدىدىن 521-ياتاقتىكى بۇ كۆرنۈش كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىدىن ئۆتىۋاتىدۇ بەلكىم ...
521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا....
521-نۇمۇرلۇق ياتاقتا ...
521-نۇمۇرلۇق ياتاق ئالتە قىزنى بىر بىرگە جىپسىلۋەتكەن   .
شۇ تاپ 521-نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ بىر ئەزاسى ئۇلارنى سېغنىپ قەلەم تەۋرەتمەكتە...

ئالىيە ئابلا
2015-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى


بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-2-13 21:08:13 | ئايرىم كۆرۈش
«يەنە بار، ئوغۇللارنىڭ پارىڭى بۇ ياتاقتا يوق دەمسىز ، ئارتۇق سۆزلەشكە تىلىم كۆيىدۇ ، ياتاق تۇرمۇشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن قىزلار سۆزۈمنىڭ ئاخىرنى پەرەز قىلىپ بولدى ئېھتىمال .»

بۇ قېتىملىق تاللىما دەرستە ئوقۇغۇچىلار ppt ئىشلەپ ئۆزى پىشىقراق بىلىدىغان بىر نەرسىنى تونۇشتۇرسا، ئىمتىھاندا نومۇر قوشىمىز دېگەن ئىدى... (ئەگەر ئۇنى ئىشلىمىسەك ئىمتىھاندا نەچچە ئالساقمۇ ئاتمىش قوياتتىكەن) بېشىدا مەنمۇ 113 - ياتاق دەپ يازغان ئىدىم... ياتاقتىكى تۇرمۇش كارتىنىلىرىمىزنى، سۆيۈملۈك ۋەقەلەرنى... (خەنزۇچە شۇ) كېيىن قارىسام بىر خەنزۇ قىز ئۆزىنىڭ ياتىقىنى تونۇشتۇرۇپتىكەن، قىيالماسلىق ئىلكىدە ئوخشاش مەزمۇندىن خوشلىشىپ يۇرتۇمدىن تونۇشتۇرۇشقا ئۆتكەن ئىدىم...
تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ كەسپكە چىقىدىغان ۋاقىتتىمۇ ياتاقتىكىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە نەرسە يازغان ئىدىم (ژانېر بەلگىلىيەلمەيمەن)، ئۇ چاغدا ياتاقتا ئىككى ئۇيغۇر، تۆت قازاق قىز بىللە ياتاتتۇق، كېيىن، ئۈچ ئۇيغۇر، ئۈچ قازاق بولدۇق... شۇنچىلىك چىقىشاتتۇق، ئىشقىلىپ... شۇ كۈنلىرىمنى بەك سېغىنىمەن... (شۇ چاغدا يازغىنىممۇ خەنچە ئىكەنتۇق راست)
ھازىر تۆت ئۇيغۇر قىز كىچككىنە ئائىلىدە بىللە ياشايمىز، ئىشقىلىپ... مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە مۇنبەر ئامان بولسا تاتلىق تېمام ھۇزۇرۇڭلاردا...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +5 يىغىش سەۋەبى
ئاي بەرگى + 5 ساقلايمىز جانىم

باھا خاتىرىسى

5

تېما

805

يازما

3858

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 349
يازما سانى:
805
تىللا:
2717
تۆھپە:
86
جەۋھەر يازما:
2
توردا:
492 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-12

نادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-2-13 21:29:06 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ ئۇنداق گۈزەل ئەسلىمىلىرىممۇ يوق  ،ھەسرەتتەمەن ...
گۈزەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى  -مەن

6

تېما

194

يازما

1199

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 553
يازما سانى:
194
تىللا:
971
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
96 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-8

كۆيۈمچان ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-2-13 22:02:01 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
ياتاقداشلىرىمغا ئ‍وقۇپ بېرىۋاتىمەن....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1شۆھرەت +2 يىغىش سەۋەبى
كۈلكە + 2 خۇش بولدۇم

باھا خاتىرىسى

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-2-13 22:28:06 | ئايرىم كۆرۈش
مەكتەپ ھاياتى بەكلا كۆڭۈللۈك ئىشقىلىپ ، ياخشى يېزىپسىز ،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-2-13 23:10:24 | ئايرىم كۆرۈش
مىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىم....شۇنچە گۈزەل ئۆتۈپتىكەن......تاتلىق ئەسلىمە بولۇپ شۇ پىتى....يىراق جايلاردا قالدى....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-2-14 02:46:55 | ئايرىم كۆرۈش
مەنمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەسلىمىلىرىمنى ھازىرغىچە كۆڭۈل خاتىرەمدە ئەينەن ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بۇ يىل توققۇز يىل بولدى. شۇ خاتىرىلەر تىېخىچە سۇسلىشىپ قالغىنى يوق.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-14 10:39:08 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 11:07  
كەچۈر يوللىغان ۋاقتى  2015-2-13 21:08
«يەنە بار، ئوغۇللارنىڭ پارىڭى بۇ ياتاقتا يوق دەمسىز ،  ...


ۋاي كۆڭلىمدىكنى تېپۋالغاندەكلا ..
سەن نەقىل ئالغان ئىككى -ئۈچ قۇرنى كېڭەيتىپ كەلسەم نىمە پۈتۈپ كېتەر دەيمەن .
-------------
ياخشى ،ياخشى ،مۇنبەر تەرەققىياتى پارلاق

6

تېما

194

يازما

1199

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 553
يازما سانى:
194
تىللا:
971
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
96 سائەت
ئاخىرقى:
2016-12-8

كۆيۈمچان ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-2-14 15:22:34 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
-نېرى ئ‍ۆتكىنە خېنىم! ئ‍ەينەككە قاراۋىردىكەنسەن.
- تاقاشماي تۇرغىنە بىردەم، ئ‍ايدەك بوپ كەتتىڭ، ئ‍ۇنچە ياسىنىپ كەتسەڭ( ئ‍ۇ) ھوشىدىن كېتىپ قالمىسۇن. ھاھا
- ماڭە ساراڭ ، چېچىمنى ئ‍وڭشىۋالاي دىگەنتىم شۇ...
- بولدى خىجىل بولمىغىنە، چاقچاق قىپ قويدۇم، كىيىمنى تەتۈر كىيىپ چىقساڭمۇ سەن ھەممىدىن گۈزەل.


*******************
- ئ‍ەتىگەن تۇرىمەن دەپ سائ‍ىتىڭنى توغرىلاپ قويۇپ تۇرمايدىكەنسەن ، كالۋا، ئ‍ادەمنىمۇ ئ‍ۇخلاتماي، ھەر ئ‍ەتىگىنى تېلىفۇنۇڭ ۋارقىرىسا مەن ئ‍ۆچۈرىمەن، سەن تۇيماي ئ‍ۇخلايسەن.
- ھى ھى ، كىم سېنى ئ‍ۇنداق سەگەك ئ‍ۇخلىسۇن دەپتۇ. تۇرالمايدىكەنمەن شۇ...
**********
ييەنە نۇرغۇن مېھىر سىڭگەن تاتلىق گەپلەر، بەش ئ‍اكام بولسا بەشىڭلارنى ئ‍ۆيۈمگە ئ‍ەكەتسەم دىسەم كۈلۈپ كېتەتتى... ھى ھى

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-2-14 17:31:28 | ئايرىم كۆرۈش
بەك تاتلىق ئەسلىمىلەر .....قايتا ئەسلەتكىنىڭىزگە تەشەككۇر.
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:48 , Processed in 0.143139 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش