ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 898|ئىنكاس: 27
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ۋۇكۇڭ بىلەن باجىنىڭ سەرگۈزەشتىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

385

يازما

2588

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 259
يازما سانى:
385
تىللا:
1837
تۆھپە:
120
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
106 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-21

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

باجىنىڭ غەربتىن قايتقاندىن كېيىنكى بىر قىسىم قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلىرى

باجى تېلىفۇنىنى قولىغا ئېلىپ كىملەرگىدۇر تېلىفۇن قىلىپ پاراڭلاشماقچى بولدىيۇ، ئەمما تونۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىراشلىقى تۈپەيلى ئۇزاقراق پاراڭلىشىشقىمۇ بولمىدى…
ھەي، بۇرۇنقى كۈنلىرىم، شاش كۈنلىرىم، ئۇ شۇلارنى دىگەچ ئويلاشقا باشلىدى، ئۇ چاغلاردا چوڭ بولمىسىمۇ ئەرىشتە ئەمىلىم بار ئىدى، تەمىنات تولۇق، قورساق توق، كۆڭۈل شوخ، ئىچىم پۇشسا بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان چاڭئې (ئاي پەرىسى)، تاماششا قىلاي دىسەم بەزمە-مەشرەپلەر كەڭرى ئىدى، كىيىن ئىچى قوتۇر يۇرۇن سۇلتاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەرىشتىن پالىنىپ ھەممىدىن ئايرىلدىم، بۇمۇ ئاز كەلگەندەك گاۋ جەمەتى قورۇقىغا كېلىپ گاۋ خانقىز بىلەن توي قىلسام ۋابا تەككۈر مىراخور نەدىن كەلدى، تالاق خېتى يازىسەن دەپ تۇرۇۋېلىپ راھىب بولۇشقا مەجبۇرلىدى، ھېلىقى ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن قېرى راھىبنىڭ كەينىدىن مېڭىپ نىمە كۈن كۆرمىدىم، غەرىپكە بېرىپ نوم ئالىمىز، ئۇتۇققا ئىگە بولىمىز دەپ بىزنى ئالداپ، نەچچە يىل چاكار بولۇپ ئىشلەپ تويغۇدەك تاماقمۇ يىيەلمىدىم، نەچچە قېتىم ئالۋاستىلارغا يەم بولغىلى تاس قالدىم، ھازىر ئۇ ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چوڭ خوجايىن بولۇپ كەتتى، مەنچۇ، نەچچە يىل تىلەمچىلىك بىلەن سەپەرنى ئاران تۈگەتتۇق، بىز قايتىپ كەلگەندە بولسا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن قۇرۇق ئۇنىۋان بېرىپ قويۇپلا ئىشنى تۈگەتتى، مانا خىزمەتمۇ يوق، شاسىڭ ئىنىمغۇ پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن توي قىلىپ، تاتىھاگاتۇ دىگەن ماياقباشنىڭ ئۆيىدە مالاي بولۇپ كۈن ئېلىۋاتىدۇ، ئۇستاز بىلەن مايمۇن ئاغاممۇ «كەسىپ ئالماشتۇردۇق، كىرىمى ياخشى ئىكەن» دەپ تېلىۋىزىيە دىكتورى بولىۋاپتۇ، قاراڭلار بۇ مىراخور مايمۇننىڭ مۇغەمبەر كۈلكىسى ھازىرمۇ بار ئىكەن، كۈلۈڭ دىسە شۇنداقمۇ كۈلەمدۇ؟



ھەي، يەنىلا زىياننى مەن تارتتىم، بۇرۇنقى چاغلار نىمىدىگەن ياخشى، بۇرۇنقى چاغلاردا ئاسمان كۆپكۆك ئىدى، سۇلارمۇ ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى، گۆشنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلاتتۇق، چاشقان مۈشۈكتىن قورقاتتى، توي قىلىشتا مۇھەببەتنى ئاساس قىلاتتى، ساتىراچخانىلار پەقەت چاچ بىلەنلا ھەپىلىشەتتى، دورا بىلەن كېسەل داۋالايتى، دوختۇرلار ئۆلۈمگە سەۋەب، كېسەلگە داۋا قىلاتتى، كىنوغا رولغا چىقىش ئۈچۈن رىجىسسور بىلەن توي قىلىش يوق ئىدى، قەرىزدار قەرىزنى قايتۇراتتى، نەرسە ئالسا پۇل تۆلەيتى، مەكتەپ پۇل تاپمايتى، ساراڭ پىراففىسور بولالمايتى…….

ئۇنىڭ خىيالى دەل شۇ يەرگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز «گۈم» قىلغان ئاۋاز بىلەن ئاسماندىن بىر نەرسە باجىنىڭ يېنىغىلا چۈشۈپ ئۇنى قورقىتىۋەتتى، ئۇ قاراپ يەردە باشلىرى توپا ياتقان ۋۇكۇڭنى كۆردى ۋە خۇشال بولۇپ ۋارقىرىۋەتتى:

–مايمۇن ئاغا، بۇ سىزمۇ؟ بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭىز؟ بۇلۇت چاپتۇرۇش ھۆنىرىڭىز كارغا كەلمىدىمۇ ياكى…؟

–باجى، بولدى، ئادەمنى يۆلىمەي سۇئالغا چۈشۈپ كەتتىڭغۇ؟

باجى دەرھال ۋۇكۇڭنى يۆلىدى ۋە ئۇنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ، يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشقا باشلىدى، ۋۇكۇڭ:

–باجى، سېنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن سورمىغان ئادەم قالمىدى، بۈگۈن بايرامنىڭ ھارپىسى بولغاندىن كىيىن، گاۋ جەمەتى قورۇقىغا بارامدىكىن دەپ ئۇلارغا تېلىفۇن قىلسام ئۇلارمۇ سېنى كەلمىدى دەيدۇ، يامان تەستە تېلىفۇن نومۇرۇڭنى سوراپ، تېلىفۇن قىلىۋەرسەم «سۆزلىشىۋاتىدۇ» لا دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن GPSتىن پايدىلىنىپ ئورنۇڭنى تېپىپ، ئايروپىلاننىڭ قوزغىلىش ۋاقتى كېلىپ قالغاچقا، ساڭا خەۋەر قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي يېنىڭغا كەلدىم.

–نىمە؟ ئايروپىلاندا؟ بېلەت ئېلىشنىڭ تەسلىكىدە خېلى جاپا تارتىپسىز دە؟ –دىدى باجى ھەيران بولۇپ—GPSنى ئىشلەتكۈچە ئەرىشتىكى جادۇ كۆزنى ئىشقا سالسىڭىز بولماسمىدى؟ ئۇ ھەقسىز تېپىپ بېرەتتى.

ۋۇكۇڭ ئاچچىقلىغان ھالدا: –ئايروپىلانغا ئولتۇرغىلى نەدىكى پۇلكەن ئۇ، يانچۇقتىكى پۇل سېنى ئىزلەشكە ئاران يەتتى، ئۇزاق بولدى، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئىشتىن قالغاندىن بۇيان بۇلۇت باشقۇرۇش ھەققىنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن بۇلۇتنى ئېلىۋېلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق، ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋېلىپ بۇ يەرگە كەلگەندە سەكرەپ چۈشتۈم، قارا چېچىمدىكى توپىغا؟ ھەراس، باجى، گاۋ جەمەتى قورۇقىدا تۇرماي قانداق بولۇپ شىنجاڭغا كېلىپ قالدىڭ؟

باجى: دەپ كەلسەم گەپ تولا، ئىشتىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن بىر مەزگىل قېينىئاتامنىڭكىدە تۇرغان، بىراق گۆش باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندىن كىيىن ئۇ يەردىمۇ خاتىرجەم تۇرالمىدىم، دائىملا قارا باسىدىغان بولۇپ قالدى، گۆش ئېلىشقا پۇلى يەتمىگەن ئالۋاستىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك گاۋ جەمەتى قورۇقىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قېيىنئاتاممۇ قوشۇمچە كەسىپنى راۋاجلاندۇرىمەن دەپ ساياھەتچىلىك ئورنى قۇرۇۋالغاچقا، ئۇيەرنىڭ ئېلان تاختىسى مەن بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، مېنى يەيدىغانلار يوق شىنجاڭغا كېلىپ پاناھلىنىۋاتىمەن.

–ھە، مۇنداق دىگىن دىدى ۋۇكۇڭ—سېنىڭ ئىشىڭمۇ تەس بوپتۇ، ئالدى بىلەن چېچىمنى يۇيۇۋالاي، چاچ سوپۇنى بارمۇ؟

–بازاردىن سېتىۋالايلى، ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ بىر دۇكانغا اراپ ماڭدى، ۋە دۇكاندىكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان چاچ سوپۇنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، ئاخىرى بۇلۇڭدا تۇرغان چاچ سوپۇندىن بىرنى ئېلىپ يېنىپ چىقتى.

ۋۇكۇڭ: باجى، قارىغاندا شىنجاڭنىڭ سانائىتىمۇ خېلى تەرەققى قىپتۇ، ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماللار نىمىدىگەن كۆپ؟

باجى: نىمىسىنى دەيسەن، ھەممىسى دىگۈدەك ئىستىمالچىلارنى ئالداۋاتقانلار، شىنجاڭدا XX قاتارلىق زاۋۇتلارنىڭلا ئۆزى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمەن، باشقىلىرى بولسا مەھسۇلاتنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياساپ، بۇ يەردە ئۇيغۇرچە قاپ ياسىتىپ ئوراپلا نومۇسمۇ قىلماي بىز ياسىغان دەپ پەخىرلىنىپ داڭلاپ سېتىۋاتىدۇ، ئۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرچە خېتىدا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ئورۇن دىگەن مەزمۇن يوق، ئەمما خەنزۇچە يېزىقتا بار، ھەي بۇنداق ئىشلار قاچانغچە داۋاملىشاركىن؟

ۋۇكۇڭ: مۇنداق دە، ھەي، ھازىرقى كىشىلەرگە بىر نىمە دىمەك تەس بولۇپ كەتتى، مەنپەئەتلا بولسا ئىستىمالچىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى يوق.

باجى: مايمۇن ئاغا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەتتتىن نىمىشقا قالدۇرۇلدىڭىز؟ ئۇستازچۇ؟

ۋۇكۇڭ: ئۇلارنىڭ دىيىشىچە مېنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنىمنى ئۇلار بىلەلمەپتىمىش، تەلەپپۇز توغرا ئەمەس دەيدۇ. ئۇستاز قايسى كۈنى چەتئەلدىن تېلىفۇن قىپتىكەن، ئۇ يەردىكى سەنئەت ئىشلىرى ئاقماي، WWEدا مۇشلاش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپ پۇل تاپىمەن دەيدۇ،
باجى: ھەي، بۇ كۈنلەر تېخىمۇ تەس كەلدى، يولدا قاتناش ساقچىللىرى يېقىلغۇ ماي قىممەت بولۇپ كەتتى دەپ قىل قالدى مېنىمۇ قاتناش قورالى قىلغىلى، ئاران قاچتىم، بىراق تۇتۇۋالغانلارنى بوش قويۇۋەتمەپتۇ.
شەھەردىن قېچىپ تاغقا چىقسام جان باقماقنىڭ تەسلىكىدىن يولۋاسلارمۇ مېنى قىلتاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدۇ، ۋۇسۇڭ شىيەنجاڭ بولۇپ ئۆسەپ كەتكەندىن بېرى يولۋاسلارنىڭمۇ خورىكى ئۆسۈپ قاپتۇ، ئاران قاچتىم.
كېچىسى ئۇخلىسام چۈشۈمدە ئالۋاستىلار كېلىپ جېنىڭنى ئالىمەن دەپ تولا قارا بېسىپ قالدى، بۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلسام بولار؟
ۋۇكۇڭ: ئىككەيلەنگە تازا تەس بولدى، بولمىسا ئېلانغا چىقىپ باقامدۇق يا؟ سەنمۇ خېلى نامى بار شەخىسقۇ؟

باجى: ماڭا قارىغاندا سىزلا چىقمامسىز، ھازىرغۇ ئېلاندىن ھەممە ئادەم زېرىكىپ تۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئېلانلاردا نەدە مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ باقمىغانلار چىقىپ بەك ماختايدىغان، مەھسۇلاتنى ئىشلىتىدىغانلار ئېتىبارغا ئېرىشمەيدىغان بولۇپ كەتتى، تېخى باشقا كەسىپتىكىلەرگە ئاق خالاتنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، مىكروسكوپنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپلا «پالانى ساھەدىكى داڭلىق پىراففىسور بۇ مەھسۇلاتنى كەشىپ قىلدى» دەپ كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن كارىمۇ يوق، سىزنى ئۆزۈمنىڭ ئاپپاراتىدا تارتساممۇ تارتاي، مېنىڭچە يۈزنى ئاقارتىش مەلھىمىنىڭ ئېلانىنى ئىشلەپ كۆرۈپ بېقىپ، ئېلان ئىشلەش ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ بىر نىمە دىيىشەرمىز، باجى شۇنداق دىدى ۋە سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىدى، بىراق تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى،

ۋۇكۇڭ: بولمىسا مەن كالا ئاكامغا تېلىفۇن قىلىپ باقاي، ئۇنىڭدىن پۇل قەرىز ئېلىپ تىجارەت باشلارمىز

باجى: ھەي مايمۇن ئاغا، قارىغاندا خەۋىرىڭىز يوقكەن، سىز يالقۇن تاغنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق بولۇپ، كالا دېۋە ئامرىكىغا بېرىپ WWEدا ھېلىقى كاسايا ئوغرىسى قارا ئېيىق ئالۋاستى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپتىكەن، قارا ئېيىق ئۇنى بەكلا ئۇرۇۋېتىپتۇ،
ھازىر قارا ئېيىق باي بولۇپ كەتتى، قايسى كۈنى ساياھەتكە كەپتىكەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتسام سىزنىڭ يۈزىڭىزنى قىلىپ، ماڭا بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بەردى ۋە تېلىفۇن نومۇرىنى بەردى.
ۋۇكۇڭ: –بۇمۇ بىر ھىسابتا بولدى،  ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئىشىك باقارلىققا توختاملىق ئىشچىلىققا تونۇشتۇرۇپ قويغان ئىدىم، شۇنىڭ يۈزىنى قىلىپ بىزگە پۇل بېرىپ تۇرار، ئەگەر ئۇ پۇل بەرسە بىز ئۆي-مۈلۈك سودىسى قىلايلى.

ۋۇكۇڭ شۇنداق دىدى ۋە قارا ئېيىققا تېلىفۇن قىلىپ ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز ئالدى، ئۇ ئىككەيلەن يامان تەستە بىر ئائىللىك قورۇسى سالدى ۋە سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئېلان بېرىشكە توغرا كېلىپ، باجى خەت ئۇردىغان بىر دۇكانغا بېرىپ ئۇيغۇرچە ئېلان باستۇرۇپ كەلدى، يەنىلا شۇ باجى پەملىك، ئۇ ئېلان ۋاراقلىرىنى چاپلايدىغان شىلىمنى تىجەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئېلاننى تۈكۈرۈپ چاپلىدى، ئۇلارنىڭ سودىسى قانداق بولار؟
لىكىن ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ شىركىتى ۋەيران بولدى ،
كاللا تازا قاتتى ،پىچاق يۈرەككە  تاقاشتى ،
شۇ چاغدا  يەنە  بۇ مايمۇننىڭ كاللىسى ئىشلەپ تۇرپان يالقۇنتاغدىكى  بىر  مەيداندىن كىچىككىنە  ئورۇننىڭ ئىجارىسىنى  ئىلىپ كاۋاپچىلىق قىلىشقا باشلىدى .دەر ھەقىقەت بۇ ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتتى ،

داۋامى  ئىكاس شەكىلدە يوللىندۇ ،
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2015-2-9 23:43:49 | ئايرىم كۆرۈش
خەپ خەپ ...مۇشۇ ۋۇكۇڭ باجى بار يەرغۇ قالايمىقان بولماي قالمايدۇ.سىزنىمۇ ئېزىتۇرۇپ بۇلار ھەتتا تېما سەھىپىسىمۇ خاتا يوللىنىپ كىتىپتۇ ئەمەسمۇ؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-2-9 23:45:18 | ئايرىم كۆرۈش
«ۋۇكۇڭ: مۇنداق دە، ھەي، ھازىرقى كىشىلەرگە بىر نىمە دىمەك تەس بولۇپ كەتتى، مەنپەئەتلا بولسا ئىستىمالچىنىڭ نىمە بولۇشى بىلەن كارى يوق.» دېگەن يېرىگىچە ئۈندىداردا كۆرگەن ئىدىمغۇ دەيمەن...
كەينىمۇ خېلى پىچچەت قىززىقكەن... داۋامىنى كۈتىمەن

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-2-10 00:41:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ بولىدىغان تىما بوپتۇ.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

5#
ۋاقتى: 2015-2-10 01:44:04 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
مەن ئامراق ھىكايىدىن بىرنى يوللاپسىز ھەم شۇنداق بەكلا قىزىقارلىق يېزىۋىتىپسىز ، ھىكاينىڭ ئاخىرنى ساقلايمەن ئەمسە  
ھىكايىڭىزنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق چىققاي ……

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-2-10 14:22:26 | ئايرىم كۆرۈش
راسا كۈلۈپتىمەن ئوقۇۋېتىپ.....

تىلى ھەم ئەمەلىيەتچىل ھەم قىزىقارلىق  چىقىپتۇ....


مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتۇ...

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-2-10 16:06:58 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا قىزىقارلىق يېزپسىز،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2015-2-10 16:38:56 | ئايرىم كۆرۈش
بەك  كۇلكىلىك چىقىپتۇ .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-2-10 17:07:32 | ئايرىم كۆرۈش
بەك قىزقارلىقكەن ،داۋامىغا تەشنامەن !
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-2-10 21:59:54 | ئايرىم كۆرۈش
داۋامى بارمۇتۈگىدىمۇ؟ھېچنىمەئەسكەرتىلمەيلاجاققققققققققققققىىدەتوختاپ قالغاندەكلا تۇرىدىيا؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:18 , Processed in 0.148784 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش