ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئىگىسى: كەچۈر
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[مۇھىم تېما] كېلىڭلار، تېكىست توپلايمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

41#
ۋاقتى: 2015-2-8 21:04:29 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-14 15:46  

يەتمىدىم

گۈلگىنە موللامەت
ھەسرەتلەر ياغىدۇ كۆڭۈل تارىمدىن،
دەريالار كۆيىدۇ ئاھ پىغانىمدىن.
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم ئەس-يادىمدىن،
ۋىسال دەپ يىغلىدىم لىكىن يەتمىدىم.
سەن كەتسەڭ مەن كەتتىم يۈرەك باغرىمدىن،
ۋىسال دەپ يىغلىدىم لىكىن يەتمىدىم.

ئۈزۈلمەي تۇزۇغان ناتىۋان گۈلدەك،
سەرگەردان شامالغا دەردىمنى سۆزلەپ .
ھىجىراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر،
ۋىسال دەپ يىغلىدىم لىكىن يەتمىدىم.
ھىجراندىن قۇرىدى شۇ ئاشىق چۆللەر،
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم.

بىر قىزنى كۆيدۈرۈش ئاسانمۇ شۇنچە،
پىراقتا قالدۇرۇش ئاسانمۇ شۇنچە .
ۋىسالغا يەتكۈزۈش قىيىنمۇ شۇنچە ،
ۋىسال دەپ كۈيلىدىم لىكىن يەتمدىم.
ۋىسالغا يەتكۈزۈش يامانمۇ شۇنچە،
ۋىسال دەپ زارلىدىم لىكىن يەتمىدىم.

سەن ئالدىڭ بەرمىدىڭ سۆيگۈ نۇرىنى،
ئايدىڭمۇ قاراڭغۇ ماڭا ھەر كۈنى.
پىراقىڭ تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى،
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم.
پىراقڭ تۇتماسمۇ ھامان بىر كۈنى ،
ۋىسال دەپ ياشىدىم لىكىن يەتمىدىم.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

42#
ۋاقتى: 2015-2-8 21:15:47 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆرلە ياشلار
مۆمىنجان ئابلىكىم


قول ئۇزاتسام شاخقا يەتمەس،
يارسىز مىنىڭ ئۆمرۈم ئۆتمەس.
يار قەدرىنى نادان بىلمەس،
بىر نامەرتكە چۈشمەگۈنچە.
ئۆرلە ياشلار ھەرگىز ئۆلمە.
بارىكاللا ئاتاڭغا رەھمەت
ئۆرلە ياشلار يەنە ئۆرلە.


گۈل قەدىرنى بۇلبۇل بىلمەس،
شاختىن شاخقا قونماغۇنچە.
يۇرت قەدىرىنى شاھلار بىلمەس،
يۇرتتىن يۇرتقا كۆچمەگۈنچە.
ئۆرلە ياشلار ھەرگىز ئۆلمە،
بارىكاللا ئاتاڭغا رەھمەت،
ئۆرلە ياشلار يەنە ئۆرلە،
ئۆرلە ياشلار ھەرگىز ئۆلمە.

سەھەر تۇرۇپ ساچىڭ تارا،
ئاي يۈزۈڭگە رومال ئورا.
دۈشمەن يۈزى بولسۇن قارا،
دانە دانە قوللارىڭدىن.
ئۆرلە ياشلار ھەرگىز ئۆلمە،
بارىكاللا ئاتاڭغا رەھمەت.
ئۆرلە ياشلا يەنە ئۆرلە،
ئۆرلە ياشلار ھەرگىز ئۆلمە.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

43#
ۋاقتى: 2015-2-9 13:46:40 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
جىمجىت سۆيگۈ

كۆپتىن بىرى ئاشىقمەن ساڭا
بىلمىدىڭسەن باقمىدىڭ ماڭا
كىتەر بوپسەن بۈگۈن ئاڭلىسام
جىمجىت ئاق يول تىلىدىم ساڭا

دىيەلمىدىم خوش دىگەن سۆزنى
يەنە دەرتكە تولدى بۇ يۈرەك
جىمجىت سۆيگۈ شۇنداق ئاسانمۇ
ئېچىلمايلا تۇزارمۇ چىچەك

ئاڭلىساڭلا ناخشامنى بىركۈن
يىتەرمەنمۇ يادىڭغا سىنىڭ
ئەقىدەڭگە بىرەي جاۋاب دەپ
كىلەرسەنمۇ ئالدىمغا مىنىڭ

دىيەلىمىدىم خوش دىگەن سۆزنى
يەنە دەرتكە تولدى بۇ يۈرەك
جىمجىت سۆيگۈ شۇنداق ئاسانمۇ
ئېچىلمايلا تۇزارمۇ چىچەك

‹ رەنا رۇزى ئۇرۇنلىغان ›

4

تېما

122

يازما

585

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 658
يازما سانى:
122
تىللا:
463
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
102 سائەت
ئاخىرقى:
2017-1-3

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

44#
ۋاقتى: 2015-2-9 14:06:32 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
پىغان

ئۆتتى كۈنلەر مەنزىلىمگە يىتەلمەي
ياكى ئۇندىن ئۈمۈدۈمنى ئۈزەلمەي
زەپ قىينالدىم نىگارىمدىن كىچەلمەي
ياكى ۋىسال شارابىنى ئىچەلمەي

نىگارىم سەندىن كىچەلمەي
ياكى ۋىسال شارابنى ئىچەلمەي

ئازاب چەكتىم نىدا قىلدىم باقمىدىڭ
مەن تەرەپكە زادى ئاياغ باسمىدىڭ
تەنھالىقىم ئازابلىرىڭ قىينىسا
ھېچبىر مىنى يادىڭىغىمۇ ئالمىدىڭ

مىھرىمنى ئۈزەلمەي كىتەلمەيمەن مەلەڭدىن يىراق


‹ مومىجان ئابلىكىم ئۇرۇنلىغان ›

9

تېما

300

يازما

4031

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 87
يازما سانى:
300
تىللا:
2786
تۆھپە:
310
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
116 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-19

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

45#
ۋاقتى: 2015-2-11 23:21:05 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇستافا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-11 23:22  

دەردىمنى ئال
غۇلام ئېلى غۇپۇر



تەغدىرىم بۇ بولماس ھەرگىزىم
ئاشىق بۇلۇپ تاپارمەن ۋىسال
كۆڭلۈمدىكى مەشۇغۇم ، مەشۇغۇم پەرى
كەل خار قىلما بۇ دەردىمنى ئال

ئال بۇ دەردىمنى ئال يارىم
سىرلىرىمنى بىل يارىم
قالماي سۆيگۈسىز ياردىن
بۇ دەردىمنى ئال ، دەردىمنى ئال

تەنھالىقتا قالغان ئەشۇ كېچىدە
خىياللىرىم كېزەر ئىدى كېزەر ئەسلىمە
قەلبىمدىكى سۆيگۈ ئوتى ئوت ئۇچقۇنى
قىينار مىنى كۈيەر  ئىدى  كۆيدى جانانە


بىر ئويلىسام سۆيمەمدىكىن سۆيمەمدىكىن دەپ
لىكىن كۆڭلۈم چۈشىنەر چۈشىنەر سىنى \
جۇدالىقنى تەغدىرىم بۇ تەغدىرىم دېسەم
كىملەر كىلىپ ئالار مىنىڭ ئالار دەردىمنى

ئال بۇ دەردىمنى ئال يارىم
سىرلىرىمنى بىل يارىم
قالماي سۆيگۈسىز ياردىن
بۇ دەردىمنى ئال ، دەردىمنى ئال

9

تېما

300

يازما

4031

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 87
يازما سانى:
300
تىللا:
2786
تۆھپە:
310
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
116 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-19

مۇنبەر قىزىقچىسىنادىر تىما مىدالىتۆھپىكار ئەزا

46#
ۋاقتى: 2015-2-12 00:05:26 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇستافا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 00:35  

مەن دەپ ئويلا

سېغىنىشكەن بۇ يىللار بىلىپ يەتسەڭ
ئويغاندىم مەن تاڭلاردا تىلەپ ساڭا
بۇ ناخشا مىنىڭ سۆزۈم يۈرەك سۆزۈم
بېرىپ ساڭا ئاڭلاتسام يوق بىر ئارمان

مەن دەپ ئويلا شاماللار يوقلاپ ئۆتسە
مەن دەپ ئويلا يامغۇرلار سىم سىم ياغسا
مەن دەپ ئويلا كۆزۈڭگە ياشلار تولسا
مەن دەپ ئويلا قىينالساڭ مىنى ئويلا

سورۇدۇم مەن ئاسماندىن يايرىم سېنى
بۇ مېنىڭ ساڭا بولغان سېغىنىشىم
يۇمۇلغىچە بۇ كۆزۈم كىتەر بولساڭ
ئېيتار ئىدىم مەن ساڭا كەتمە يىراق

مەن دەپ ئويلا شاماللار يوقلاپ ئۆتسە
مەن دەپ ئويلا يامغۇرلار سىم سىم ياغسا
مەن دەپ ئويلا كۆزۈڭگە ياشلار تولسا
مەن دەپ ئويلا ئۆزۈڭنى مەن دەپ ئويلا

مەن دەپ ئويلا بورانلار توختىمىسا
مەن دەپ ئويلا يامغۇرلار دەريا بولسا
مەن دەپ ئويلا كۆزۈڭگە ياشلار تولسا
مەن دەپ ئويلا ئۆزۈڭنى مەن دەپ ئويلا

مەن دەپ ئويلا بورانلار توختىمىسا
مەن دەپ ئويلا يامغۇرلار دەريا بولسا
مەن دەپ ئويلا كۆزۈڭگە ياشلار تولسا
مەن دەپ ئويلا ئۆزۈڭنى مەن دەپ ئويلا

مەن دەپم ئويلا شاماللار سۆز قىلمىسا
مىنى ئويلا تامچە يامغۇر ياغمىسا

153

تېما

845

يازما

7406

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 44
يازما سانى:
845
تىللا:
5703
تۆھپە:
249
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
703 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-20

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزاپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

47#
ۋاقتى: 2015-2-14 15:39:52 | ئايرىم كۆرۈش
سوۋغۇتۇڭ

تۈمۈرخان روزى

ماڭا بەرگەن سوۋغۇتۇڭ،
زەھەر ئىكەن بىلمەپتىمەن.
ئاق ئىكەن كۆڭلۈم ئەجەپ،
تاشلاپ كېتەر دېمەپتىمەن.

تونۇشۇش مۈشكۈل ئەمەس،
ئايرىلىش ئاندىن يامان.
ئاڭلىسام كەتمەك بولۇپسەن،
يار قايغا كەتسەڭ بول ئامان.

ئايرىلىش شۇ پەيتىدە،
بىر ياخشى سۆز كۈتكەن ئىدىم.
شۇمىدى ياخشى سۆزۈڭ يارىم،
يارسىز قالسۇن دېدىڭ.

ئەل ئامان، مەنمۇ ئامان،
ئاڭلا ساڭا بېرەي جاۋاب:
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس يارىم،
ئەل سۆيمىسە ھالىم خاراب.

نېمىدىگەن ئېسىل تېكىسىت ھە، ناخشىسىمۇ شۇنداق يېقىملىق . 10 يىلچە بولدى بۇ ناخشىنى يېنىمدىن ئايرىپ باقمىدىم. ھەر ئاڭلىسام باشقىچە تۇيغۇلار مېنى باغاشلايدۇ.
خۇدا خار قىلغاننى بەندىسى بار ئېتەلمەس.
خۇدا يار قىلغاننى بەندىسى خار ئېتەلمەس.

19

تېما

141

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
141
تىللا:
6559
تۆھپە:
4056
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
218 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-25

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىكۆيۈمچان تىخنىك

48#
ۋاقتى: 2015-2-21 12:00:59 | ئايرىم كۆرۈش
جانانىم كەلسە


ئۇزاقتىن سىغىنغان كۆڭلۈمنى ئىزدەپ ،
نە بولۇر بۇ كىچە جانانىم كەلسە .
تەلمۈرۈپ يولىغا تەقەززا بولدۇم ،
كۆرسۈتۈپ ھۆسنىنى رەيھانىم كەلسە.

بۇلبۇل نالىسى يىتەلمەس ماڭا ،
خۇشپۇراقلار چىچىپ باغۋەنىم كەلسە .
چاڭقىغان دىلىمغا دەريا ئاققۇزۇپ ،
لەۋلەرى شەربەتلىك دىلبەرىم كەلسە .

ئىچەرمەن ئاشۇ چاغ ، ھاياجان بىلەن ،
يۈرەكنىڭ سۆيگۈسى نىگارىم كەلسە .
بەخىتلىك ئۆتەرمەن جاھاندا يەنە ،
ئامرىقىم مۇرادىم دىلنارىم كەلسە .

مۆمىنجان ئابلىكىم ئىجراسىدا

19

تېما

141

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
141
تىللا:
6559
تۆھپە:
4056
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
218 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-25

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىكۆيۈمچان تىخنىك

49#
ۋاقتى: 2015-2-21 12:10:13 | ئايرىم كۆرۈش
سىرلىق تۇمان



زىمىننى باستى ئاستا ئاق تۇمان ،
ئىزدەيمەن سىنى تۇمانلار ئارا .
تاپالماي يار سىنى بولدۇم دەر گۇمان ،
تىز كەلگىن يايرىم قىلما ئىنتىزار .


كەلگىن - كەلگىن تىز كەلگىن جانان ،
ئىنتىزار بولدۇم يولۇڭقا ھامان .

ئالتۇز زەنجىرىم سىرىتما قۇدا ،
قەلبىمنى باستى زەھەرلىك تۇمان .
قۇتقازغىن مىنى ئەي سۆيۈملۈك يار ،
مەن كەتتىم ئاخىر سەن بولغىن ئامان .

كەلگىن - كەلگىن تىز كەلگىن جانان ،
مەن كەتتىم ئاخىر سەن بولغىن ئامان .



كىمنىڭ ئىيىتقىنىنى بىلمەيدىكەنمەن ، لىكىن بۇ <<سىرلىق تۇمان>> ناملىق فىلىمنىڭ ناخشىسى، ياخشى كۆرىمەن.

19

تېما

141

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 1
يازما سانى:
141
تىللا:
6559
تۆھپە:
4056
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
218 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-25

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر ئاتىسىكۆيۈمچان تىخنىك

50#
ۋاقتى: 2015-2-21 12:21:30 | ئايرىم كۆرۈش
كۆڭۈلگە نەسىھەت

بەلكىم تاشلار بىر كۈنى ،
سەن ياقتۇرغان كىشىلەر سىنى .
لىكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ، زىنھار ئىغىر ئالمىغىن .

بەلكىم بولۇر قاراڭغۇ ،
سەن بارغۇچە ئۆيۈڭگە .
ئۆز قولۇڭ بىلەن
چىراق ياقماق ئارزۇيۇڭ ،
ئايلىنار كۆپۈككە.
لىكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ، زىنھار ئىغىر ئالمىغىن .

سەن چالغاندا ئىسىل كۈي ،
ئوراپ ئالسا قۇشلار سىنى .
ئەتراپىڭدا ئادەملەر ،
تەسىرلەنمەي تۇرار قارىشىپ .
لىكىن كۆڭلۈم سەن بۇنى ،
زىنھار ، زىنھار ئىغىر ئالمىغىن .


سەنۇبەر تۇرسۇن ئىجراسىدا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:27 , Processed in 0.176166 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش