ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مۇئەللىملىرىمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

188

يازما

1450

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 624
يازما سانى:
188
تىللا:
1151
تۆھپە:
31
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
126 سائەت
ئاخىرقى:
2015-7-28

مۇئەللىملىرىمنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا باردىم. پاراڭ ئارىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ غەيرىي ھەم قىزىقارلىق ئىشلىرى پارىڭىمىزنىڭ قىزىق تېمىسى بولدى. ئۆيگە كېلىپ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئەسلەپ، تۆۋەندىكىلەرنى رەتلەپ چىقتىم:
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم.


1. ئالگېبرا مۇئەللىمىمىز دائىم بىزگە: « خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىڭلار، مەۋسۇم ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ خاتىرە دەپتىرىنى تەكشۈرىمەن» دەيتتى. ئۇ بىر كۈنى بىر مىسالنىڭ يەشمىسىنى يېزىپ دوسكىنى توشقۇزۇۋەتتى. ئۇنى كۆچۈرۈپ بولالماي قوللىرىم تېلىپ ئولتۇرسام، مۇئەللىم يېشىش ئۇسۇلىنى يېزىپ بولۇپلا يوغان خاتا بەلگىسىنى سىزىپ: «ئېسىڭلاردا بولسۇن، بۇنداق يېشىش خاتا» دېمەسمۇ، ئۇھ...

2.سىياسەت مۇئەللىمىمىز دائىم ئۆزى بىلەن ئوخشاش رەڭدە كىيىم كىيىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سورايتتى. شۇنىڭ بىلەن قانداق قىلغاندا سىياسەت ئوقۇتقۇچىسىغا ئوخشاش رەڭدە كىيىنىپ قالماسلىق مەسىلىسى بىزنىڭ ئۈچ يىللىق «تەتقىقات تېما»مىزغا ئايلاندى.

3. بىر پىراكتىكانت مۇئەللىم بىزگە دەرس ئۆتكەن تۇنجى كۈنى بىرىمىزگە بىر تالدىن قارتا تارقىتىپ:« قولۇڭلاردىكى قارتنى ئېسىڭلاردا مەھكەم ساقلاڭلار» دېدى. بىز تېخى بۇ مۇئەللىم سېھرگەرلىك قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ، دېسەك، ئەتىسى كىرىپ بىر سوئال سورىدى-دە، يانچۇقىدىن قارتا چىقىرىپ، ئارىسىدىن بىرنى تارتىپلا:« تۆتلىك چىللىك، سەن جاۋاب بەر» دېدى.


تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىچكى ئۆلكىدە ئوقۇغانىم. ئۇ يەردىكى مۇئەللىملەر تېخىمۇ قىزىقارلىق ئىدى.

1. سىنىپ مەسئۇلىمىز ئالگېبرادىن دەرسى بېرەتتى. ئۇ بىرىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئىلگىرى:«كۆزۈم بۈركۈتنىڭ كۆزىدەك، سىلەر كۆچۈرەلەيمىز، دەپ ئويلاپ قالماڭلار» دېدى. كىم بىلسۇن، ئىمتىھان باشلىنىپلا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ كومىسسىيە بولۇشىنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدۇق.

2. تارىخى مۇئەللىمىمىز ياشىنىپ قالغاچقا، بىر كۈنى پىرويىكسىيە ئاپپاراتىنىڭ كۆزىنى تەتۈر ئورنىتىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاپپاراتنى قوزغىتىشىغىلا بىرىنچى پارتىدا ئولتۇرغان ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرغان سىيماسى دوسكىنى بىر ئالدى، قېرىشقاندەك ئاپپارات شۇ پېتى قېتىپ قېلىپ، ھەممىمىز بۇ بىر سائەتنى شۇ ئىككى ساۋاقدىشىمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆتكۈزدۇق.

3. دەرس ۋاقتىدا دەرستىن سىرتقى كىتابلارنى كۆرۈش«مودا» غا ئايلانغان چاغ ئىدى. فىزىكا مۇئەللىمىمىز بىر كۈنى قىزغىن دەرس سۆھلەۋېتىپ توساتتىن گېپىنى توختاتتى-دە، چوڭ-چوڭ قەدەم ئېلىپ كېلىپ، كەينىمدە ئولتۇرىدىغان قىزنىڭ فىزىكا دەرسلىكىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇۋالغان ھېكايە كىتابنى تارتىۋالدى. ھەممىمىز مۇئەللىم بۇنى قانداق بىلىۋالغاندۇ، دەپ ھەيران بولۇپ ئولتۇرساق، مۇئەللىم قاقشاپ:« فىزىكا دەرسلىكنى مەن كۆرسەممۇ يىغلىغۇم كېلىدۇ، سىز ئەجەپ ھىجىيىپ ھۇزۇرلىنىپ كۆرۈپ كېتىپسىز؟» دېدى.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.

1. تاللاپ ئۆگىنىدىغان بىر دەرس ئىدى. مۇئەللىمنىڭ بىر گېپى ھازىرغىچە يادىمدا:« ئالدىدىكى يانفون ئويناپ ئولتۇرغانلار ئوتتۇرىدىكى پاراڭلىشىۋاتقانلارغا دەپ قويۇڭلار، كەينىدىكى ئۇخلاۋاتقانلارغا دەخلى قىلىپ قويمىسۇن».

2. ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىقىدا چوقۇم كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىساق بولمايتتى. يېتەكچىمىز مۇزاكىرىدە يانفون ئويناۋاتقانلارنى تۇتماقچى بولۇپ، سىنىپنىڭ چىرىغىنى تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈۋەتتى. نېمە بولغىنىنى بىلمەي تۇرغىنىمىزدا مۇنداق دېدى:« يۈزىدە نۇر بارلار بۇ يەرگە چىقىڭلار».



مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.

بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

69

تېما

1685

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 4
يازما سانى:
1685
تىللا:
7097
تۆھپە:
1000
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
1245 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-29

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2015-1-31 19:46:03 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈلكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 19:49  

. تاللاپ ئۆگىنىدىغان بىر دەرس ئىدى. مۇئەللىمنىڭ بىر گېپى ھازىرغىچە يادىمدا:« ئالدىدىكى يانفون ئويناپ ئولتۇرغانلار ئوتتۇرىدىكى پاراڭلىشىۋاتقانلارغا دەپ قويۇڭلار، كەينىدىكى ئۇخلاۋاتقانلارغا دەخلى قىلىپ قويمىسۇن››

ماۋۇسۇ ۋەھشىكەنغۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-1-31 20:25:10 | ئايرىم كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنىڭ تۇنجى يىللىقىدا چوقۇم كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمىساق بولمايتتى. يېتەكچىمىز مۇزاكىرىدە يانفون ئويناۋاتقانلارنى تۇتماقچى بولۇپ، سىنىپنىڭ چىرىغىنى تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈۋەتتى. نېمە بولغىنىنى بىلمەي تۇرغىنىمىزدا مۇنداق دېدى:« يۈزىدە نۇر بارلار بۇ يەرگە چىقىڭلار».
مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىرنى كۆرگەن ئىدىم ئۆتكەندە .ئىشقىلىپ بەك قىزىقارلىق
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

0

تېما

1151

يازما

4927

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 625
يازما سانى:
1151
تىللا:
3088
تۆھپە:
444
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
254 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-18

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپجانلىق ئەزا

يەر
ۋاقتى: 2015-1-31 20:30:04 | ئايرىم كۆرۈش
بەكلا قىزىقارلىق  مۇئەللىملەرئىكەنغۇ بۇلار،
ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىمنىزدا ئۈنلۈك ئوقۇيالمايدىغان بىرەر ھىكايىمىز بولىدۇ .

9

تېما

49

يازما

424

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 655
يازما سانى:
49
تىللا:
342
تۆھپە:
11
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
34 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19
5#
ۋاقتى: 2015-1-31 20:48:30 | ئايرىم كۆرۈش
مۇئەللىم رەڭگى ئاق، ئۆزى ئەسكى نەرسىنى دە دېگەندە ، : ئامرىكا زۇڭتۇڭى بوش ؛ دېسەم دەرىسنى تااشلاپ؛ دەرىسنى سەن ئۆت دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن
مەن كەلدىم دۇنياغا،بىر يېتىم كەلدى،ئاھ لېكىن كەلگەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم....

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-1-31 20:56:57 | ئايرىم كۆرۈش
كەنئان يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 20:48
مۇئەللىم رەڭگى ئاق، ئۆزى ئەسكى نەرسىنى دە دېگەندە ، : ئ ...

ۋۇخاخاخا......قانداقچە بۇ جاۋاپ ئېسىڭىزگە كىلىپ قالغان بولغىيتى؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

49

يازما

424

جۇغلانما

ئوقۇغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 655
يازما سانى:
49
تىللا:
342
تۆھپە:
11
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
34 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-19
7#
ۋاقتى: 2015-1-31 21:03:27 | ئايرىم كۆرۈش
ئاي بەرگى يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 20:56
ۋۇخاخاخا......قانداقچە بۇ جاۋاپ ئېسىڭىزگە كىلىپ قا ...

ئۇ پاينەك ، خىروئىن ،يەنە بىر نىمە دېگەندەكلەرنى باللاغا دېگۈزۈپ بولۇپ، مېنى يەنە قۇپۇردى، شۇڭا ئامالسىز دەپ سالغان

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1بايلىق +2 يىغىش سەۋەبى
ئاي بەرگى + 2 ھەي ئوقۇغۇچىلىق دەۋىر

باھا خاتىرىسى

مەن كەلدىم دۇنياغا،بىر يېتىم كەلدى،ئاھ لېكىن كەلگەننى بىلمەيدۇ ھېچكىم....

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

8#
ۋاقتى: 2015-1-31 22:07:32 | ئايرىم كۆرۈش
بەك  قزقارلىقكىن
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-1-31 22:53:06 | ئايرىم كۆرۈش
تارىخ ئوقۇتقۇچىمىز ئۆزى خېلى قاملاشقان بولغىنى بىلەن ھەم پاكار، ھەم سېمىز، يۈز قۇرۇلۇشىمۇ غەلىتىلا ئىدى. تولۇقسىز چاغلار ئۇچۇپ، ئويناپ، ياشاپ يۈرىدىغان ۋاقىتلار بولغاندىن كېيىن ئۇنچە جىممۇ ئولتۇرۇپ كەتمەيتتۇق. سىنىپ تازا ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىر ۋاقىتتا مۇئەللىمنىڭ دوسكىنى ئۇرۇپ تۇرۇپ: «بالىلار، ماڭا قارىمىساڭلار يۈئەنمۇ ئادىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى نەدىن بىلىسىلەر» دېگىنىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن،،،

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-1-31 23:39:23 | ئايرىم كۆرۈش
مېنىڭمۇ بادۇ -ھە قىزىقارلىق ئىشلىرىم...

ئوقۇغۇچىلىرىم چوڭ بولغاندا يېزىپ چىقا بىر كۈنى.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:30 , Processed in 0.138852 second(s), 35 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش