ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 613|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى›› (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

ئۈستىلىمدە شەنبە كۈنى بولىدىغان ئۈچ  چاينىڭ باغىقىغا بېسىلغان  چىرايلىق گۈل يۈزلۈكلەر  ‹‹چوڭراق ئاپارغىن جۇمۇ، چۈپەيلىك قىلما ....!›› دېگەندەك  كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ماڭا قارىشىۋاتاتتى.
-ۋايييەي،يەنە ئۈچ يەردىن باغاق كەپتۇ، قايسىبىرىگە بېرىپ بولارمەن؟نېمانداق كۆپ چاي –تويلار بۇ؟شەنبە –يەكشەنبە كېلىپ بولغۇچە ئىشىك ئالدىدا پوست تۇرغاندەك ئادەمنى ماراپ،بېقىپ تۇرغان بۇ باغاقلار،ئەجەب زېرىكتىم بۇ توي –چايلاردىن،نېمە بوپ كېتىۋاتقاندۇ بۇ خەقلەر ،قىزىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››دەپ يېڭى بىر چاي چىقىرىۋالغىنىنى ئەمدى....-باغاقلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈمچە غودۇڭشۇدۇم.
-شۇنى دەڭا،توي –چاي دېگەنلەرنىڭ تۈرىمۇ  ئەجەب ئاۋۇپ كەتتى مۇشۇ كۈنلەردە،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ‹‹ئەسسالام››دەپ خۇدانىڭ سالىمىنى قىلىشىپ قويىدىغانلارمۇ باغاق بېرىدىكەن ئادەمگە،-دېدى خىزمەتدىشىم رىسالەت.
-تېخى تونۇمايدىغانلارمۇ ئىسمىنى ئۆزىدىن سوراپ ،شۇ ئەدەمنىڭ قېشىدا تۇرۇپ باغاققا ئىسمىنى يېزىپلا قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىكەن تېخى،-دېدى يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئاسىيگۈل.
- تونۇمايدىغان كىشىلەرگە باغاق بېرەمدىكەن؟ توۋا دەڭا ، تونۇمايدىغان ئادەمگە قانداقمۇ باغاق بەرگىلى بولىدۇ،-دېدىم مەن.
-ۋاي راست دەۋاتىمەن،قايسى كۈنى يولدۇشۇم بىر تويغا كەتكەن ئىدى،تويدىن يېنىپ  ئىشىكتىن كۈلۈپلا كىرىۋاتىدۇ،كۈلكىسى ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس،  ‹‹ ئەجەب خوشقۇسىز؟››دەپ سورىسام،‹‹ ئەجەب ئىشلارنى كۆرىدىكەن ئادەم،تويدىن يېنىپ چىقىۋاتساق ،ئەخمەتنىڭ بىر تونۇشى ئۇچراپ قالدى،ئەدەب يۈززسىدىن مەنمۇ كۆرۈشۈپ قويدۇم، ئۇ كىشى ئەخمەتكە بىر باغاقنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ،مەندىن‹‹ئىسمىڭىز نېمىتى؟››دەپ سوراۋاتىدۇ،ئىسمىمنى دەپ بەرسەم شۇ يەردىلا بىر قۇرۇق باغاقنى ئېلىپ كۆزۈمگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىسمىمنى يېزىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى،‹‹توۋا››دەپ قالدىم قاراڭ ››دەيدۇ،-دېدى ئاسىيگۈل
-‹‹توۋا ››دەيدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ كېتىپ ‹‹توۋا››دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرگىلى بولماس بولۇپ كەتتى ھازىر،ئىلگىرىكى ئېسىل قائىدە –يوسۇنلىرىمىز يوقاپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان يېڭى قائىدە –يوسۇنلار چىققىلى تۇردى، توي –تۆكۈن،چاي –پايلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپىيىپ كەتكىلى تۇردى، توي –چايلارنىڭ كۆپلىكىدىن باغاقنى كۆرسەممۇ ئاچچىقىم كېلىپ قالىدىغان بولۇپ قالدى،-دېدى  يەنە بىر خىزمەتدىشىم ئاينۇر،شۇنداق قىلىپ بىرسىمىز بىرنىمە ،يەنە بىرسىمىز بىرنىمىلەرنى دېيىشىپ كۈندىن –كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قائىدە –يوسۇن،توي –تۆكۈن، شەكلى ئۆزگەرگەن ھەر خىل چايلارنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  پۇل تېپىشتىكى ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى توغرىسىدا قاينىشىپ، بۇرۇنقى ئېسىل توي –چاي مەدەنىيەتلىرىمىزنى ئەسلىشىپ ھازىرقى ھەشەمەتچىلىك،ئابرويپەرەسلىك ئارىلىشىپ كەتكەن توي -چايلارنى بىر ھازاغىچە سۆكۈشتۇق.
- بايام ‹‹قىزىنىڭ گۈل چېيى››دەپمۇ باغاق بېرىدىكەن دېدىڭىزما؟ئوغۇللىرى بارلار ‹‹ئوغلىمىزنىڭ سۈنئەت  تويى››دەپ باغاق بېرەتتى، ھازىر قىزلىرى بارلارمۇ زىيان تارتمايدىغان بوپتۇ -دە،  ئۇلارمۇ باغاققا ‹‹قىزىمىزنىڭ گۈل چېيى››دەپ  يېزىپ چاي قىلىۋېرىدىكەن، -دېدى ئاينۇر.
-مەنمۇ نەچچە دوستلۇرۇمنىڭ قىزلىرىنىڭ ‹‹ گۈل چېيى››غا قاتناشتىم،قىزلىرى بارلار  قىزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››قىلسا بولىدىكەن،-دېدى رىسالەت.
-راست،سىزمۇ بىر يەرلەردىن قالمايسىز، بارغان يەرىلىرىڭىزمۇ كۆپ،‹‹سۈنئەت تويىنى قىلاي›› دېگىلى يا بالىلىرىڭىز ئوغۇل ئەمەس،سىزمۇ قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟-دېدى ئاينۇر،
  -‹‹توۋا››دەڭا،خەق نېمە دەپ قالىدۇ،بىزنىڭ توي –تۆكۈن ئۆتكۈزۈش قائىدىمىزدە ئەزەلدىن‹‹گۈل چاي››دەپ يوق،سەت تۇرمامدۇ؟‹‹گۈل چاي››قىلىمەن دېسە – دېدىم مەن،ئاغزىمدا ئۇنداق دېگىنىم بىلەن ئاينۇرنىڭ رنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلۈمدە ئويلاپ قالغان ئىدىم،چۈنكى  مەنمۇ بىرنەچچە ‹‹گۈل چېيى››غا قاتنىشىپ باققان ئىدىم.
- ھازىر بۇرۇنقى يوق  توي –تۆكۈن قائىدىلىرى چىقىۋاتىدۇ،  ‹‹گۈل چېيى›› ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ كۆپ ھازىر،سەت تۇرسا ئۇلار ئۆتكۈزمىسە بولاتتى،سىزمۇ باشقىلارنىڭكىگە بېرىۋاتىسىزغۇ؟ قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى قىلىڭە،يېتىشەلمىسىىڭز بىزمۇ ھە –ھۇ دېيىشىمىز،-دېدى ئاسىيگۈل.شۇنداق قىلىپ بىردەمدىلا ئىككى قىزىمنىڭ گۈل چېيىنى قايسى رېئوستىراندا ئۆتكۈزۈش،قانداق مۇراسىم كىيىمى  كىيىش مەسلەھىتىگە چۈشۈپ كەتتۇق،
راستىنى ئېيتسام   ئىككى قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈش مەسلەھىتىنى بەرگەنلەر يالغۇز ئىشخانامدىكىلەرلار ئەمەس ئىدى، دوستلۇرۇمدىنمۇ  خېلى كۆپلىرى بۇ مەسلەھەتنى بەرگەن ئىدى،مەن ‹‹ئۇنداق قىلساق خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟ سەت تۇرمامدۇ ‹قىزىمىزنىڭ گۈل چېيى›دەپ باغاق تارقاتسا ››دەپ قوشۇلمىغان ئىدىم،تۇرۇپلا يېقىننىڭياقى بېرىۋاتقان توي –چايلار،كېتىۋاتقان داستىخان پۇللىرىغا ئىچىم ئېچىشىپ قالغان ئىدى. كۆڭلۈمدە‹‹باشقىلارنىڭكىگە ئاپىرىۋېرىمىزمۇ؟خەقمۇ قىلىدىكەن قىزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى،‹سۈنئەت تويىنى قىلىپ بېرەيلى دېگىلى› ئوغلىمىز بولمىغاندىكىن بىزمۇ قىلساق بولارمۇ يا؟››دېگەن خىيال كىرىۋالغان ئىدى.بىراق بۇ گەپلەرنى يولدۇشۇمغا قانداق دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدىم،بۈگۈنكى ئىشخانىدا بولۇنغان مەسلەھەتتىن كېيىن قورسۇقۇمغا يەنە بىر جىن كىرىۋالدى.
  شەنبە كۈنى يولدۇشۇم بىلەن ئىككىمىز ئىككى تەرەپلەپ مېڭىپ ئاران دېگەندە ئۈچ چاينىڭ قائىدىسىنى قىلىۋالدۇق،چايدىن يېنىپ كېلىپ چارچاپ  كەتكىنىمنى ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاپ كېتىپتىمەن،ئەتىسى چۈشتە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ئالدىنقى كۈنى ئىشخانىدىكىلەرنىڭ بەرگەن ‹‹گۈل چېيى››قىلىش مەسلەھەتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ،بۇ گەپنى ئاڭلاپ  باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان كىچىك قىزىم خۇشاللىقىدا چاۋاك چېلىپ  قوشۇلغانلىقنى ئىپادە قىلغان بولسىمۇ يولدۇشۇم بىلەن تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزىم‹‹خەق نېمە دەپ قالىدۇ،نەدىكى يوق قائىدىنى تېپىپ،بىزنىڭ  توي –تۆكۈن مەدەنىيىتىمىزدە ئەزەلدىن ‹‹گۈل چاي››دەپ يوق...››دەپ گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ پەقەتلا  قوشۇلمىدى،بىراق مەنمۇ بوش كەلمەي ئۆزىمىزنىڭ داستىخان كۆتۈرۈپ بارغان يەرلىرىمىز،قاتناشقان ‹‹گۈل چېيى››قاتارلىقلارنى بارمىقىم بىلەن بىر –بىرلەپ ساناپ بەردىم ۋە ‹‹باشقىلار قىلغاننى بىزمۇ قىلساق نېمە بوپتۇ،بىزمۇ باشقىلاردەك ئادەم بولغاندىكىن خەق قىلغاننى قىلىپ باقايلى..››دېدىم،چوڭ قىزىم گەپلىرىمنى  ئاڭلاپ ئۆزى بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىرنەچچە قىزنىڭمۇ  ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى،
قىزىمنىڭ گېپى ماڭا تېخىمۇ يول ئېچىپ بەرگەن ئىدى،مەن كۆڭلۈمگە كىرىۋالغان ‹‹باشقىلارنىڭكىگە ئاپىرىۋېرەمسەن،سەنمۇ  ئاپارغاننى يىغىۋال....››دېگەن بىر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن نەچچە كۈنگىچە ئۇنى –بۇنى دەپ  ئەمىلىي مىساللارنى كەلتۈرۈپ كوتۇلداپ يۈرۈپ يولدۇشۇمنىمۇ قايىل قىلدىم،ئاندىن ئاتا –ئانام ۋە قېيىن ئاتا –ئانامنىمۇ  بۇ ئىشقا كۆندۈردۈم،رازى بولغان يېرىم قېيىن ئاناممۇ مېنى خېلى قوللىدى  ئىككى قىزىمىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزىدىغانغا.
شۇنداق قىلىپ رېئوستىران بىلەن ئالاقىلىشى چاي ۋاقتىنى بېكىتتۇق،ئېغىزدا دېمەككە ئاسان بولغان  چاي ئۆتكۈزۈشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىكەن ، يولدۇشۇم بۇ چايغا نىسپەتەن تازا قىزغىن بولمىغاچقا چاي تەييارلىقىلىرى بىلەن خېلى ئالدىرىدىم،باغاققا ‹‹ھۆرمەتلىك  x x  ئەر –ئايالگە ،  x –ئاينىڭ x- كۈنى  ئۆتكۈزىلىدىغان قىزىمىز  گۈلناز بىلەن شاھنازنىڭ گۈل چېيىغا تەكلىپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ››دېگەن تەكلىپ سۆزلىرى گەۋدىلىك قىلىپ   بېسىلغان ئىدى، مانا  بۈگۈن ئىككى قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››.ئۇچامدىكى  چايغا ئاتاپ تىكتۈرگەن مۇراسىم كىيىملىرى  ئالاھىدە قىلىنغان گىرىملىرىم بىلەن تېخىمۇ جۇلالاپ تۇراتتى،ئىككى قىزىمنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ‹‹گۈل چېيى››غا لايىق ئادەتتىن تاشقىرى چىرايلىق ياساندۇرۇپ گۈلدەك قىلۋەتكەن ئىدىم.ئەتراپىمدا يانداش بولغان دوستلۇرۇممۇ بىر –بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرجىدە ئالاھىدە گىرىملەرنى قىلىشىپ ،پالدۇر –پۇلدۇر كىيىملەرنى كىيىشىپ مېھمانلارنىڭ كۆزىنى چاقنىتىۋەتكەن ئىدى.چاي مۇراسىمىنىڭ رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىپ  بىر –بىرىدىن قۇلاقنى يارغۇدەك شوخ مۇزىكىلار قويىلىۋاتقاندا يانداش تۇرغان دوستلۇرۇم بىلەن بىرگە مېھمانلار ئولتۇرغان ئۈستەللەرگە بېرىپ ‹‹جاپا تارتتىڭلار، ئاۋارە قىلىپ قويۇپتىمىز....››دېگەندەك راست –يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ ،سوۋغا –سالاملارنى قوبۇل قىلىش ۋە رەسىمگە چۈشۈش دېگەندەك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولغۇچە بەزى ئاياللارنىڭ يۈزلىرىدىكى مەسخىرە ئارىلاش  كۈلكە، قۇلاقلىرىنى يېقىپ پىچىرلاشلار كۆڭلۈمگە ‹‹مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ نېمە؟..››دېگەندەك بىر خىل گۇمانلارنى سېلىپ قويدى،شۇنداقتىمۇ يەنە زورىغا ھىجىيىپ تۇرۇپ ئۇلار ئەكەلگەن سوۋغاتلىقلارنى قوبۇل قىلدىم.شۇنداق قىلىپ  قىزلىرىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››مۇ تۈگىدى ،مانا تارتقان جاپاغا چۇشلۇق رېئوستىراننىڭ چىقىملىرى ۋە باشقا چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە قولىمىزغا خېلى كۆپ پۇل ئاشقان ئىدى.بۇنىڭغا قاراپ ‹‹گۈل چېيى››قىلغىنىمىزغا خېلى رازى بولدۇم كۆڭلۈمدە.
قىزلىرىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈپ بىرنەچچە ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى ئىشخانىغا كىرەي دەپ ئىشىكنىڭ تۈۋىگە كېلىشىمگە ئىشخانىدىن خىزمەتدىشىم ئاينۇرنىڭ:
-          شۇنى دەيمەن،ھازىر كىشىلەردە نومۇس قىلىش دېگەن نەرسىمۇ قالماپتۇ. ‹‹قانداق قىلىدۇ قېنى؟››دەپ ئىشخانىدا  قىزلىرىڭىزنىڭ ‹‹گۈل چېيى››نى ئۆتكۈزۈڭ دەپ قويساق ،راستىنلا ئۆتكۈزدىغۇ، توۋا،-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
-          ئىشخانىدا شۇنداق دېيىشكەندە‹‹خەق نېمە دەپ قالىدۇ؟بىزنىڭ توي –تۆكۈن قائىدىمىزدە ‹گۈل چېيى›دەپ يوق،سەت تۇرىدۇ ››دەۋاتاتتى،خەق ئۆتكۈزسە سەت تۇرۇپ ،گۈلزار خېنىم ئۆتكۈزسە سەت تۇرمايدىكەن-دە بۇ ‹‹گۈل چاي››دېگەننى....،-بۇ  ئاسىيگۈلنىڭ ئاۋازى ئىدى.گەپنىڭ ئۇرانىدى قارىغاندا  ئىشخانىدىكىلەرنىڭ  سۆزلىرى ئىككى  قىزىمنىڭ ‹‹گۈل چېيى››ئۈستىدە بولىۋاتاتتى.ئىشخانىغا كىرمەي ئاستىلا ئارقامغا ياندىم.
‹توۋا،ئەجەب ئادەملەر بولىدىكىنا،ئۆزلىرى ‹گۈل چېيى›نى ئۆتكۈزۈڭ دەپ مەسلەھەت بېرىشىدۇ، ئاخىرىدا قوپۇپ غەيۋەت قىىلشىدۇ....››دەپ ئويلاپ كۆڭلۈمدە ئاچچىقىم كەلدى ئۇلارغا،تۇرۇپلا يەنە بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇمنىڭ دارىتمىلاپ تۇرۇپ‹‹ئەمدى قىزلىرى بارلار ئۆزلىرى  چىقارغان يېڭى قائىدە بويىچە ‹گۈل چېيى››ئۆتكۈزۈپ  ،باشقىلارغا ئاپارغانلىرىنى ياندۇرىۋالىدىغان بولدى –ھە....››دېگەن تەنىلىك سۆزلىرى ئېسىمگە كەچتى . يولدۇشۇممۇ ‹ ‹سىزنىڭ گېپىڭىزگە كىرىپ يۈزۈم پوق بولدى مېنىڭ،بىرنەچچەيلەن ‹يېڭىچە بىر توي –چاي مەدەنىيىتى بەرپا قىلدىڭ›مېنى  زاڭلىق قىلىشىپ كەتتى...››دەپ نەچچە قېتىم تاپا –تەنە قىلىپ بولغان ئىدى.بۇ خىل مەسخىرە ۋە تاپا –تەنىلەرنى بىرنەچچە قېتىم ئىشتكەندىن كېيىن  ئاچكۆزلۈك قىلىپ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ –ئادىتىمىزدە يوقلا بولغان بىر چاينى زورلاپ يۈرۈپ قىلغىنمغا كېيىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالغان ئىدىم.بۇ ئىشلارغا كۆڭلۈم بىلارام بولۇپ يۈرسەم بۈگۈن ما ئىشخانىدىكىلەرنىڭ  ئىشىك سىرتىدا تۇرۇپ تەسادىپي ئاڭلاپ قالغان سۆزلىرى يۈرىكىمگە تېخىمۇ تەگدى.
كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ ،گۈللۈك ئالدىدا بىردەم تۇرۇپ ئۆزۈمنى سەل بېسىۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىغا كىرىپ كېتەي دەپ مېڭىشىمغا يانفونۇم تۇيۇقسى سايرىدى.قارىسام ئىنىمنىڭ نومۇرى.تېلىفوننى ئېلىپ ھال - ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئىنىم ئايالىنىڭ  ئۆزىگە ‹‹چوڭ قىزىنىڭ ‹گۈل چېيى›بىلەن كىچىك قىزىنىڭ ‹‹بۆشۈك تويى››نى بىرگە قىلايلى››دەپ مەسلەھەت سالغانلىقىنى،شۇڭا مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق مەسلەھەت بېرەرمىكىن دەپ تېلىفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى،بۇ گەپ بىلەن بايامقى كۆڭۈل ئاغرىقلىرىم يەنە قوزغالغاندەك بولدى ۋە ‹‹سەل تۇرۇپ تېلىفون قىلاي››دەپ تېلىفوننى قويىۋەتتىم.
‹‹ ‹قىلماڭلار ›››دېسەم ئاچام ئۆزى ئىككى قىزىنىڭ ‹گۈل چېيى›نى ئۆتكۈزىۋېىلپ بىزنى قىلماڭلار ›دېدى دەپ قالارمۇ،نېمە دېسەم بولار؟››دېگەن ئىككىلىنىشلىق خىيال كاللامنى چۇلغىۋالدى ۋە ئەڭ ياخشىسى ئاتا –ئانام بىلەن مەسلەھەتلەشىپ ئاندىن مەسلەھەت بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.




مەنبە : ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

0

تېما

55

يازما

849

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 499
يازما سانى:
55
تىللا:
757
تۆھپە:
15
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
16 سائەت
ئاخىرقى:
2016-4-4
دېۋان
ۋاقتى: 2015-1-15 22:14:46 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى  ياقتۇردۇم ، جەمىيەتنىڭ ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ نەچچە تەرىپىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بىرىپتۇ .
غەنىيمەت كۈنلەر

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2015-1-15 22:29:15 | ئايرىم كۆرۈش
ئاللا......ئاللا....ماۋۇ ئىشنى كۆرۈڭ.....قىلغىلى ئىش چىقمىغاندەك ،   قىزىمنىڭ 《 گۈل چىيى》  دەپ چاي چىقىپتىما......


ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم.......ئاڭلىمىغانلارنى ئاڭلىدىم.....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

38

تېما

545

يازما

2737

جۇغلانما

مۇنبەر مەلىكىسى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 612
يازما سانى:
545
تىللا:
1729
تۆھپە:
152
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
332 سائەت
ئاخىرقى:
2016-2-4

مۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

يەر
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-1-15 22:59:05 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭلارغا تەشەككۈر....

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

5#
ۋاقتى: 2015-1-15 23:26:28 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاي  ئاللاھ ئەتە  ئوگۇن  يەنە  نىم  چاي  چىقا  ئەمدى .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

6#
ۋاقتى: 2015-1-16 07:24:03 | ئايرىم كۆرۈش
مەن گۈل چاي دىگەن ئاتالغۇغا ئانچە ئەجەبلىنىپ كەتمىدىم.نىمىشقا دىسەڭلار مەن تۇرغان ناھىيىگە يېقىنلا ئىككى خوشنا ناھىيىدە بۇ چاي خېلى بۇرۇنلا ئومۇملىشىپ كەتكەن."ئىككى قىزى بارلار گۈل چاي ئۆتكۈزىدۇ"كەندۇق نەچچە يىللار بۇرۇنلا.
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2015-1-16 07:27:03 | ئايرىم كۆرۈش
لىكىن بىزنىڭ ناھىيىدە ئۆتكۈزگەننى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم.پات يېقىندا بۇ تەرەققىياتلارغا ماسلىشىپ كىتەرمىزبەلكىم.....
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

9

تېما

133

يازما

682

جۇغلانما

ئۈگۈنۈش باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 641
يازما سانى:
133
تىللا:
457
تۆھپە:
50
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2015-1-16 13:06:19 | ئايرىم كۆرۈش
توۋا بۇ خەقنى قىلمىغان مۇ شۇ ئىش قالغان .....
ئەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم ،تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ھەدە.
پۈتۈن دۇنيا پاتقان كۆزگە بىر تامچە ياش پاتمايدىكەن.....

21

تېما

1137

يازما

5183

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 404
يازما سانى:
1137
تىللا:
3858
تۆھپە:
58
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
263 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-23

تۆھپىكار ئەزاكۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

9#
ۋاقتى: 2015-1-16 13:32:13 | ئايرىم كۆرۈش
ئەسىرىڭىزنى ياقتۇردۇم ،قەلەم تەۋرەتكەن قولار ھارمىغاي !تىتىمىلىق ئەسەرلىرىڭىز بىلەن بىزنى دائىم ئەسىرالاشتۇرۇپ تۇرغايسىز.
قاتتىق ياپما چىقان ئىشىكنى ،يىنىپ قايتا كىرىپ قالسەن.

14

تېما

2110

يازما

6412

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 162
يازما سانى:
2110
تىللا:
4287
تۆھپە:
2
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
271 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزاتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
ۋاقتى: 2015-1-16 18:42:56 | ئايرىم كۆرۈش
ھازىر  گۈل چىيى خىلى ئومۇملۇشۇپ قالدى .
مەنغۇ ئوغلۇمنىڭ سۈننەت تويىنىمۇ قىلمايمەن دەپ پىلان قىلدىم ،پەقەت چوڭلارغا  ئۆيدىلا  چاي قىلىپ ئۇزىتىدىغان بولدۇم .
ئارتۇق قائىدلەرنى  چىقارمىساق ياخشى  بولاتتى .
مۇھەببەت - ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان سىرلىق ياخشى كۆرۈش تۇيغۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:57 , Processed in 0.150214 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش