بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 17:30
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە ياخشى باھاغا ئىرىشكەن ئەلا ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!!
يۇلتۇز قىسسىسى
(باللادا)
بۈگۈن،
دېكابىرنىڭ ئۈچىنچى كۈنى.
تاغدىن،
ئاڭلانمايدۇ كەكلىكلەر ئۈنى.
قۇياش،
مۆكۈۋالغان بۇلۇت كەينىگە.
جۇدۇن،
زۇلۇم قىلار گۈلگە، لەيلىگە.
شامال،
سوغۇق نەشتەر سانچىپ ئۆتىدۇ.
قار-مۇز،
جىمجىت يېتىپ يازنى كۈتىدۇ.
چۈنكى،
باھاردا قار ئېرىمەس بۇندا.
شۇنداق،
ۋەقە بولۇپ ئۆتكەن بۇرۇندا:
بىر قىز،
چىراي دېسە ئىدى ئۇ گۈليۈز.
يەنە،
بىر يىگىت بار ئىدى بەك تۈپتۈز.
قىزنىڭ،
خۇلقى تاتلىق ئىدى، كۆڭلى زىل.
دوستى،
ئۇ يىگىتنى دېگەنتى «چوغدىل».
كۈنلەر،
ئۆتەر ئىدى شادلىق ئىچىدە.
ئۇلار،
ئايغا سىرداش بولار كېچىدە.
بىر رەت،
چوغدىل شېئىر يېزىۋاتاتتى.
بۇ ھال،
گۈليۈزنىڭمۇ مەيلىنى تارتتى.
گۈليۈز،
ھەۋەس قىلغان چاغدا شېئىرغا.
چوغدىل،
قاراپ قالدى، چىرايلىق قىزغا.
شۇنداق،
كۆنۈپ قالدى گۈليۈزگە چوغدىل.
دوستلۇق،
بەرپا بولدى، گۈللەندى سىجىل.
گۈليۈز،
مېھىر بەردى چوغدىلغا چەكسىز.
چوغدىل،
ئىشەنچ قىلدى گۈليۈزگە شەكسىز.
چوغدىل،
كۆرۈپ تۇرسام دەيدۇ گۈليۈزنى.
گۈليۈز،
ياقتۇرىدۇ بۇ كۆڭلى تۈزنى.
چوغدىل،
گۈليۈزىدىن ئەقىدە كۈتەر.
گۈليۈز،
ئۇ چوغدىلنى سېغىنىپ ئۆتەر.
ھەئە،
يۈرەك بىلەن يۈرەك سىردىشار.
جەزمەن،
ئۇيقۇ قاچسا ئۈنسىز يىغلىشار...
شۇنداق،
كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇلار بىر نۆۋەت.
شۈكرى،
سىردىشىشقا چىقتى بىر پۇرسەت.
چوغدىل:
-ئاۋۇ تاغقا چىقايلى، -دېدى.
گۈليۈز،
ماۋۇ تاغقا چىقماقچى ئىدى.
چوغدىل،
ھۈرمەت قىلدى قىزنىڭ سۆزىنى.
گۈليۈز،
خۇشال قىلغان بولغاچ ئۆزىنى.
ئۇلار،
ماۋۇ تاغقا چىقتى كۆڭلى شاد.
دۇنيا،
قىلغانىدى ئۇلارنى ئازاد.
چوغدىل،
كۆڭلى بۈگۈن خاپىراق ئىدى.
گۈليۈز،
قىز بولغاچقا تارتىنچاق ئىدى.
ئۇلار،
تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشتى.
نەخ گەپ،
ئېيتماي دىل تۆرىدە قېلىشتى.
ۋاقىت،
ئۆتۈپ كەتتى ناھايىتى تېزلا.
قاردا،
كۆمۈلمەكتە بىچارە ئىزلار.
گۇگۇم،
تېگىشمەكتە كۈندۈزنى تۈنگە.
گۈليۈز،
لەۋنى چىشلەپ قارىدى كۈنگە.
ئۇلار،
تاغدىن چۈشۈپ كەتمەك بولۇشتى.
چاتاق،
يول يوقالغان، غەمگە تولۇشتى.
گۈليۈز،
دەرمانى يوق يىغلاپ تاشلىدى.
چوغدىل،
كۆككە قاراپ نېدا باشلىدى:
-تەڭرىم!
نېمە ھال بۇ، قانداق قىلىمىز؟
-يول بەر،
بىز بۇ يەردىن قانداق كېتىمىز؟
شۇ چاغ،
تاغۇ-تاشلار يېرىلدى ھەريان.
گۈليۈز،
قورقۇپ كەتكەن، چوغدىلمۇ ھەيران.
ئەنسىز...
ئېچىنىشلىق چىرقىرايدۇ قىز.
كۆكتىن،
ئاۋاز كەلدى «مېنگىشىڭلار تېز!»
تۇرار،
بىر يېشىل نۇر، تۇتاشقان ئايغا.
يەردە،
ئايلانغان نۇر چوڭ بىر يىلانغا.
باشقا،
ئامالمۇ يوق ئىدى كېتىشكە.
ئۇلار،
مەجبۇر بولدى دەرھال مېنىشكە.
يىلان،
بىر ئۇچۇپلا چىقتى ئاسمانغا.
ئۇلار،
كېلىپ قالدى باشقا بىر جايغا.
توۋا،
بۇندا تۇرار بوۋىمىز ئوغۇز.
ئۇلار،
بولۇپ قالدى ئىككى تال يۇلتۇز.
لېكىن،
ئۇلار ئەمدى ئايرىلىپ كەتتى.
بەلكىم،
تەقدىر مۇراد- مەقسەتكە يەتتى...
گۈليۈز،
«توقۇمىچى قىز» دەپ ئاتالدى.
چوغدىل،
چوپان بولۇپ كۆككە قادالدى.
ھازىر،
چوغدىل بولسا «پادىچى يىگىت».
گۈليۈز،
ئەگەشتۈردى بىر نەچچە شاگىرت.
ئۇلار،
ھەر ئاخشامغا شۇنچىلىك تەشنا.
ۋېسال،
مۇمكىن ئەمەس، بولسىمۇ قوشنا.
چوغدىل،
ھەر ئاخشىمى قىزغا باقىدۇ.
گۈليۈز،
چوغدىل ئۈچۈن ئويغا پاتىدۇ.
ئەپسۇس،
ئۆتكەن كۈنلەر كەتتى كەلمەسكە.
ئەمدى،
مەڭگۈ ھېجران بېسىپ كەلمەكتە.
ئۇلار،
شۇ ھالەتتە تۇرىدۇ ئەبەد.
شۇنداق،
تۈگەپ كەتتى ھېكايە پەقەت...
ئىزاھ:
ئۇلار بۈگۈن كەچمۇ چىقىدۇ...
يۈرەك،
پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ...
--چوغدىل
2014ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 3ـ كۈنى. ئۈرۈمچى
ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەر ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!! |