زىمىستاننى قوغلايدۇ باھار
سەن باشقىلارغا گۈل سۇنساڭ قولۇڭدا گۈلنىڭ خۇشپۇرىقى قالىدۇ
-خاتىرەمدىن .
كىشلىك تۇرمۇشتا ھەر كىم ھەر خىل نىيەت مەقسەتتە ياشايدۇ.بەزىلەر بىر كۈننىڭ ئۆتكىنىگە خۇش بۇلۇشسا،يەنە بەزىلەر شۇ كۈنىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ،تىرىشىدۇ.ئۇ دەل شۇنداق ئىزدىنىۋاتقان ،تىرىشىۋاتقان كۈنلىرىنى مەنىلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ بىرى.
ئۇ ئەسلى پويىز خىزمەتچىسى بۇلۇپ ،خىمىتى جاپالىق،بىر ھەپتە پويىزدا كېچە –كۈندۈز دىمەي ئىشلىسە يەنە بىر ھەپتە ئۆيىدە ئاتا-ئانىسىغا قارىشاتتى.
2013-يىلى 5-ئاي،زېمىن رەڭدار كېپىنەكتەك ياسىنىپ،قار –مۇزلار قۇياشنىڭ باغرىدا كۆيىۋاتقان ،ھەممە قەلبنى باھارنىڭ تاتلىق خۇشاللىقى ئىلكىگە ئالغان پەيىتتە ئۇ دوستىنىڭ تەۋىسىيىسى بىلەن ماياك ئىللىقلىق فوندىغا ئەزا بولدى.تۇنجى قېتىم تىببىي ئۇنۋىرسىتىت تارمىقىدىكى دوىتۇرخانىغا بىر كىچىك بالىنى يوقلىغلى بارغاندىكى مەنزىرىنى ئۇ ھەرگىز ئۇنۇتالمايدۇ.
بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ۋە قايتىدىن تۇرمۇشىنى باشلاپ بالىغا ھازىر ياشانغان بوۋا –مومىسى قاراۋاتقان ئىكەن،بالىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۇلار ساتقۇدەك نەرسىلىرنىڭ ھەممىنى سېتىپتۇ.....تەپسىلىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كىيىن گۈلباھار ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى ۋە شۇ ۋاقىتتا ئۆز-ئۆزىگە "ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمەن!"دەپ ۋەدە بەردى.
ئەنە شۇ ۋاقىتتىكى ئىرادە گۈلباھارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بۈگۈندە ئەتىراپقا خۇشپۇرىقىنى چاچىدىغان گۈلگە ئايلاندى.
2013-يىلى 7-ئايدا "گۈزەل ئالەم ياشانغانلار سانوتورىيىسى"گە ئۇ يەرىدىكى بوۋا –مومىلىرىمىزغا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە پۇل ئاپىرىپ بەرگىلى بارغاندا گۈلباھار بىر تەرەپتىن پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەردىكىلەر بىلەن بىللە ئۇسۇل ئويناپ،ناخشا ئېيتىپ،نەچچە سائەتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى تۇيىمايلا قالغان بولسىمۇ ،ساناتورىيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئادەتتە روھىي جەھەتتىن تولىمۇ غېرىپسىنىپ ،يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغانلىقىنى بلگەن گۈلباھار شۇندىن كىيىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇ يەرىدىكىلەرنى يوقلاشنى ئۆزىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندۇردى.
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ.سىزباشقىلارغا مىھىرلىك قولىڭىزنى سۇنغاندا مىھىرلىك كۆڭۈللەردىن تارىغان ئىللىقلىق تالاي قەلبىلەرنى باھار ئاپتىپىدەك ئىللىتىدۇ.گۈلباھار ئەنە شۇنداق ئۆزىنىڭ ئىللىق چىرايى،خۇشخۇيلۇقى،مىھرىبانلىقى بىلەن ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ قەلبىنى مىھىر شەربىتى بىلەن سۇغارسا ،ئۆزىنىڭ تەشكىللەش قابىلىيىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى بىلەن قۇرداشلىرىنىڭ ھۆرمىتى ۋە مايىللىقىغا ئېرىشىپ مانا ھازىر ماياك كوللىكتىۋىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق خىزمىتىنى ئۆتەۋاتىدۇ.
شاماللار قولىدا باھار گۈللىرى،
كېلىدۇ ئىپاردىن ھىد-پۇراق چېچىپ.
قەلبىڭنىڭ ئىشكىنى ئېچىپ قوي ئۇلۇغ،
تارتىنىپ يۈرمىسۈن،كەتمىسۇن قېچىپ. 2013-يىلى 9-ئايدا سىڭلىسىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كۇچاغا كەلگەن گۈلباھار بىر ئانىنىڭ ئۆيىگە ئوت كىتىش سەۋەبلىك بەدىنىنىڭ قىسمى كۆيۈپ يارىلانغان بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ب تىپلىق قانغا ئىھتىياجلىق ئكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال ئۈرۈمچىگە قايتىپ ،يۈك-تاقىلىرىنى قويۇپلا قان پونكىتىغا بارىدۇ.دوختۇر ئۇنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىپ قان تۇمۇرنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى ،قان بىرىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىسمۇ گۈلباھار يەنىلا قان بىرىش نىيىتىدىن يانمايدۇ.قان بىرىش مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن گۈلباھار ئۆزنىڭ تاماق يىمىگىنىنى،قورسىقىنىڭ ئاچقىنىنىمۇ ئۇنتۇپ خۇش بۇلۇپ كىتىدۇ.چۈنكى ئۇ ئۆزىىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئۇلۇغلۇق ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى چۈشىنىپ يەتمەكتە ئىدى.
زىمىستاننى قوغلايدۇ باھار،
ھەر باھاردا مىڭلارچە چېچەك.
ھەر چېچەكتىن تارايدۇ خۇشبۇي،
ھە پۇراقتا تۈمەنمىڭ تىلەك.
2014-يىلى 5-ئايدا بېيجىڭ "ئىللىقلىق كىيىم ئىشكابى"بىلەن سوخو تورى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان "بالىلارغا بىرجۈپ ئاياغ سوۋغا قىلىش پائالىيىتىگە ماياك فوندى كوللىكتىۋىغا ۋاكالىتەن ئاۋات ناھىيىسى ئۇچۇرا كەنتىگە بارغان گۈلباھارئىسسىق ھاۋادا، يىراق يولنى بېسىپ،ئاپتۇبۇستا كۆڭلى ئاينىپ قىينىلىپ بارغان بولسىمۇ مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ مەسۇم چىرايى،خۇشاللىق،ئۈمىدكە تولغان چېھرىنى كۆۈپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ.....
بۇنداق مىساللار تولىمۇ كۆپ ئەلىۋەتتە،بۇ يەردە تىلغا ئالغىنىمىز ساخاۋەت دېڭىزدىن بىر تامچە خالاس.
ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتناشقىنىغا تېخى ھېچقانچە ۋاقىت بولمىغان بولسىمۇ،خەير-ساخاۋەتنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقى نۇرغۇن،ئۇ بۇ جەرياندا قىيىنچىلىقلارغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ ئۇلارنى يەڭدى،ئۆزىنىڭ چېكىنمەس قەتئىي ئىرادىسى بىلەن قىيىنچىلىقلارنى بويسۇندۇردى.ئەسلىدە 10نەچچىلا ئادىمى بار،ئارىلىقتا تاقىلىپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بۇ كوللىكتىپ مانا بۈگۈنكى كۈندە سانسىز "باھار"لار بىلەن يازدا مۇزلىغان قەلبلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ،جۇدۇنلاردىن ساقلاپ قېلىۋاتقىنى ئويلىسا ئۇ چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ.
تۈنۈگۈن بولسا ئۆتمۈشكە مەنسۇپ،ئەتە بولسا خىيال...يىل ئۆتەر ،ئايلار ئۆتەر ،ئالدىمىزدا تۇرغىنى بىر مۈشكۈل سەپەر...يول قانچە ئۇزۇن،ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولسۇن ھامان قىلغان ئىشىدا نەتىجە يارىتىدىغانلىقىغا ئۇ ئىشىنىدۇ.
ئۆزى ھەققىدە توختىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
ماياك ئىللىقلىق فوندى تەرەققىي قىلىپ مۇش كۈنگىچە نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.ئەنە شۇ جاپالىق كۈنلەرنى ھازىر ئويلىسام ئۇ كۆزئالدىمدا بىر گۈزەل ئەسلىمە بۇلۇپ نامايەن بۇلىدۇ.ماياك خۇددى ئۆز بالامغا ئوخشاش،ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرسەم ئەرزىيدۇ....
بىز گۈلباھارنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق،بارلىق ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەش بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ئەڭ ئالىي تىلەكلىرىمىزنى تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شىئېرغا يىغىنچاقلىماقچىمىز.
تولغۇنار ئىرىقتا زىلال شوخلۇنۇپ،
دەۋرەيدۇ يۈرەكتە مېھىر ئېقىنى.
كەل باھار ،دۇنياغا مىھرىڭنى بەرگىن،
چېقىلسۇن قەلبىڭدە سۆيگۈ چېقىنى.
مەنبە:ئوقۇغۇچى تورىدىن
ئابدۇقاھار ئالىم
2014.12.21
|