ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 568|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئېھراملارنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

ئېھراملارنىڭ سىرى





بوسنىيەلىك ئارخىئولوگ سەمىر ئوسماناۋىچ قىرق مىڭ يىل ئاۋۋال ياۋروپا مەركىزىدە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن زاۋال تاپقان غارايىپ جانلىقلار مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.

...ئېھرام ئىچكىرىسى قاپقاراڭغۇ- خىرە چىراق تونىلنى تۆرىگىچە يورىتالمايدۇ. سپىرالسىمان لابىرىنتقا ئوخشاش ئەگرى-بۈگرى كارىدور 8-10 كىلومىترغىچە سوزۇلغان. بۇ كارىدورلارنى بەش يىلدىن بۇيان كىشىلەر توپا- تۇمان ۋە ھاكتاشتىن تازىلىماقتا. تورۇستىن سۇ تامچىلايدۇ. قولچىراقنىڭ ئۆتكۈر نۇرى تاش تامغا قادىلىدۇ- تامدا E ۋە Y ھەرپلىرىگە ئوخشاش رۇنىي پۈتۈكلەر ۋە تىمساللار ئويۇپ يېزىلغان.

- بىز يېقىندا بۇ يۇمۇلاق تاشنى تاپتۇق، - دېدى ئارخىئولوگ ئىندىيانا جونس شلەپىسىنى توغرىلاپ، - رۇنىي پۈتۈكلەر قەدىمقى گىرمان يېزىقى بولۇپ، مىلادىدىن ئاۋۋالقى I ئەسرگە دائىر، دەپ ھىساپلانماقتا. بۇ تاشنىڭ يېشى- قىياسىي تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، مىسىر فىرئەۋنلىرىنىڭكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ چىقماقتا. ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇ چوڭقۇرلۇققا قانداق كېلىپ قالغان؟ ئەندى سولغا- پلىتىسىمان ياپىلاق تاش تۇرغان جايغا قاراڭ: ئۇ مالتا ئارىلىدىكى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت قەسرلەر مېھرابىنىڭ ئەينەن ئۆزىگە ئوخشايدۇ. مىلان ۋە ترىستا ئۇنىۋىرسىتىتلىرىدىكى ھەمكەسپ ئالىملارنىڭ تەخمىنىچە، قوياش ئېھرامى، ئۇمۇمەن ئالغاندا، مىڭ يىل داۋامىدا ياسالغان. ئاساسىي گەپ بۇنىڭدا ئەمەس: بۇ ئېھرامنى كىملەر قۇرغان؟ مانا بۇ تېپىشماق.

سارائىۋو ئۇنىۋىرسىتىتىنىڭ سوتسىيولوگىيە دوكتورى 51 ياشلىق سەمىر ئوسماناۋىچ روسىيە تەبىئي پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى. ئۇ 2005- يىلى بىر نەچچە تەتقىقاتلاردىن چوڭ ۋىساكا شەھرى (بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا پايتەختىدىن 30 كىلومىتىر كېلىدۇ) ئەتراپىدىكى ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغ ئەسلىدە ئىگىزلىكى 220 مىترلىق ئېھرام (پىرامىدا) بولۇپ، بۇنىڭدىن قىرىق مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن جانلىقلارنىڭ ئىختىراسى، دەپ ئېلان قىلدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، ئارخىئولوگىك قېزىش باشلىنىشى بىلەنلا، تاغ دەپ كېلىنگەن ئورمانلىق ئىگىز تۆپىلىك چوڭلۇقى ئىككى-ئۈچ مىتىرلىق تاش كېسەكلەردىن تۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ يۇقۇرىسىغا پەلەمپەي بىلەن چىقىدۇ، يانباغرىدىن قىرلىق تاشلىق يول ياسالغان، چوڭقۇرلۇققا سۇپاسىمان يانباغىر ياسالغان.

مەتبۇئات ئەنجۈمەنىدە ئوسماناۋىچ ۋىساكا ۋادىسىدا ھەممىسى بولۇپ بەش پىرامىدا تېپىلغىنىنى مەلۇم قىلدى. ئۇلار قاچاندۇر قەدىمىي مىمارلار تەرىپىدىن قوياش، ئاي ۋە ئەجداھالار تەڭرىسى شەرىپىگە بەرپا قىلىنغان ئىمىش. ھەممە پىرامىدا يەر ئاستى تونىللىرى ئارقىلىق بىر- بىرى بىلەن تۇتاشقان.

- بىزگە مەكتەپتە تارىخنىڭ ئېنىقلانمىغان «ئاق داغلار»ى قالمىغان، دەپ ئۆگىتىلىپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس،- دەپ كۈلۈمسىرىدى ئوسماناۋىچ،- تارىخچىلار ئوتتۇرىسىدا ھەتتا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر تۈگىمىگەن بىر پەيتتە، بىز 20-30 مىڭ يىل بۇرۇن سەييارىمىزدا نىمىلەر سادىر بولغىنىنى ئېنىق ئېيتالايمىزمۇ؟ خۇدا كۆرسەتمىسۇن، تەبىئىي ئاپەتلەر تەھدىت سېلىپ، جانلىقلارنى يوق قىلىۋېتىدىغان بولسا، كېيىنكى جانلىقلار بىز توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلمەستىن، ئىلگىرى پەقەت مامۇنتلار ياشىغان، دەپ قىياس قىلىشى ھېچ گەپ ئەمەس.

ۋىساكا ۋادىسىدا قېزىش ئىشلىرى باشلانغاندىن كېيىن ئالىملار ئىككىگە بۆلۈندى: ياۋروپانىڭ قاق مەركىزىدە مىڭ يىل داۋامىدا بىزگە نامەلۇم بىر جانلىقلار پىرامىدالىرى قاتار قەد كۆتۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا ھېچ كىم ئېتىبار بەرمىگەن، دىگەن گەپكە دەلىللەرسىز ئىشىنىش قىيىندە. ھەتتا بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا مەدەنىيەت ۋەزىرلىكى دەسلەپ ئوسماناۋىچنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن بولسىمۇ، 2007- يىلى مەۋجۇت پىرامىدالارنى تەبىئىي جەريانلار تەسىرىدە ئىنسان ئىشتىراكىسىز ھاسىل بولغان، دەپ رەسمىي ئېلان قىلىدۇ. ئوسماناۋىچ  بۇنىڭغا جاۋابەن جاھاندىكى تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەر ئىتالىيىلىك پروفىسسورلارنى، مەشھۇر مىسىرشۇناس نابىل ئابدىل سەلىم كەبى ئالىملارنى چاقىرىدۇ. ئۇلار قېزىش جەريانىنى كۈزىتىپ، پىرامىدالار تەبىئىي جەريان تەسىرىدە ھاسىل بولغان، دىگەن پىكىرنىڭ ناتوغرىلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. پەلەمپەي ۋە سۇپىلار تەبىئىي جەريان تۈپەيلى ھاسىل بولمايدۇ. قوياش پىرامىداسى ماھىيەت- ئېتىبارى بىلەن جاھاندىكى يىرىك ئىنشائات بولۇپ، مەشھۇر خىئوپس ئېھرامىدىنمۇ 30 مىتىر ئىگىز.

ئىلمىي مۇنازىرىلەر توختىغىنى يوق: كىمدۇر سارائىۋولىق پەن دوكتورىنى يالغانچىلىقتا ئەيپلىسە، كىمدۇر ئۇنى ئارخىئولوگىيە پېنىنىڭ داھىيسى، دەپ ئاتىماقتا. بىر نەرسىنى ئېيتىش مۈمكىن: پىرامىدانىڭ ئىچكىرىسى ھەقىقەتەن ھەيرەتلىنەرلىك، قېزىش ئىشلىرىدا پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن پىدائىيلار ئىشلىمەكتە. سەمىر ئوسماناۋىچنىڭ شەخسەن ئۆزى «AIF» مۇخبىرىنى يەر ئاستى لابىرىنتلىرىغا ئېلىپ كىردى. پىرامىدا ئاستىدا بۈتۈن بىر شەھەر بولغىنىغا ئۇنىڭ ئىشەنچى كامىل. شۇنىمۇ ئالاھىدە قەيت قىلىش لازىمكى، لابىرىنتلارنى قېزىپ ئېچىش ۋاقتىدا ئادەم ياكى جانلىقلار قالدۇقى تېپىلغىنى يوق. ھەتتا ئۆلگەن ھاشاراتلارنىڭمۇ نىشانەسى يوق. چىكەتكىلەرمۇ بۇ جايدا ئۇۋا سالمايدۇ. ئوسماناۋىچنىڭ پىكرىچە، بۇ ھال يۇكاتاندىكى بارلىق شەھەرلەرنى كۆيدۈرگەن تەبىئىي ئاپەتتىن دالالەت بېرىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى، دۇنيادىكى بارلىق پىرامىدالار بىرلا سىزما- لايىھە ئاساسىدا بەرپا قىلىنغان. بوسنىيەدىكى «مۆجىزە» نىڭ تۆت تەرىپى غەرپ، شەرق، شىمال ۋە جەنۇپقا قارىغان، شىمال تەرىپى خۇددى مىسىر ۋە مېكسىكىدىكى ئېھراملار كەبى قۇتۇپ يۇلتۇزى تەرەپكە يۆنەلگەن. رۇنىي بەلگىلەر ئويۇلغان تاشلاردىن تاشقىرى، قازغاندا غەلىتە نەقشلەر چۈشۈرۈلگەن ئۇستۇنلار ۋە پلىتىسىمان ياپىلاق تاشلارمۇ تېپىلدى. خوش، مىڭ يىللار بۇرۇنقى جانلىقلار ياۋروپانىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا بۇنداق زور ئىنشائاتلارنى بەرپا قىلىشقا قانداق كۈچتىن پايدىلانغان؟

- مەن كۆپ يىللاردىن بېرى ئېھرام- پىرامىدالارنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن، — دەيدۇ ئارخىئولوگ ئوسماناۋىچ،- شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ھەتتا مىسىردىمۇ ئېھرام (پىرامىدا) لار مەقبەرە شەكلىدە ياسالغان، دىگەن رەسمىي نوقتىئىنەزەرنى ئايرىم ئالىملار تەن ئالمايدۇ. قەدىمىي مىسىردا بىرەر ئەسۋاپسىز، بىناكارلىق مۇنارلىرىسىز، ئاددىي قول بىلەن بۇنداق زور ئىنشائاتلار تىكلەنگىنىگە قايىل قىلارلىق بىر ئىزاھ يوق. پىرامىدالار پەقەت مىسىر، پىرۇ ۋە مېكسىكىدا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا مەۋجۇت. ئافرىقىدىكى تىنىرىف ئارىلىدا، ماۋرىكىيادا، ھىندونىزىيىدە پەلەمپەيسىمان، تەيۋەن ئەتراپىدا سۇۋاستى پىرامىدالىرى بار. خوش، ئۇلار كىملارگە، قايسى جانلىقلارغا تەئەللۇق، ئەڭ مۇھىمى، قانداق مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلغان؟

... بىز پىرامىدا ئىچكىرىسىدە، يۇمۇلاق تاش ئۈستىدە توختاپ، دەم ئالدۇق. ھەممە نەرسىگە شۈبھە بىلەن قارايدىغان ئالىم سۈپىتىدە ھازىر ئوسماناۋىچ ماڭا ئاتلانتلار ۋە لىمۇرىيە ئاھالىسى ياكى ئۆزگە سەييارىلىقلار (تاشقىي پىلانىتىلىقلار) توغرىسىدا رىۋايەت ئېيتسا كېرەك، دەپ سەبر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ تۇردۇم. ياق، بۇنداق بولمىدى. چۈنكى بۇلار ئۇ قەدەر ئاددىي سىرلار ئەمەس ئىكەن...

ياۋروپادا مامونتلار بىلەن زامانداش يەنە كىملەر ياشىغان؟ نىمىشقا پىرامىدالارنى ئېلېكتر ئىستانسىسى، دەپ قاراش كېرەك؟

مىسىر ئېھراملىرى ھەققىدە تۇنجى بولۇپ يازما مەلۇمات قالدۇرغان قەدىمقى يۇنان تارىخچىسى ھىرودوتنىڭ قىياسىغا ئاساسلانغاندا، پىرامىدالارنىڭ قۇرۇلىشىدا يۈز مىڭلىغان قۇل ئىشلىگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆپى ھالاك بولغان. ئەندىلىكتە ئالىملار ھىرودوتنىڭ بۇ پىكرىنى رەت قىلىشماقتا: قۇللار مېھنىتى بىلەن پىرامىدا ياسىغىلى بولمايدۇ. قىياسلار ئىنتايىن كۆپ، بىراق ئېھراملار زادى قانداق ياسالغىنى سىر پېتى قالماقتا.

- مىسىر، مېكسىكا ۋە خەنزۇ (جۇڭگو) ئېھراملىرى، قۇرۇلۇش تارىخىغا قارىغاندا، بىر خىل ۋە ئوخشاش،- دەيدۇ «AIF» مۇخبىرىغا دوكتور ئوسماناۋىچ. — ئۇلار شىمالغا، ئاساسىي ئاسمان يورۇتقۇچلىرىغا قارىغان ئۇدۇل گىيومىترىك فىگۇرالاردۇر. خوش، ئۇلار قانداق مەقسەتتە ياسالغان؟ ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئوتتۇزىنچى يىللىرىدىلا برىتانىيە مۇزىيى مىسىرشۇناسلىرى پىرامىدالار ئالاھىدە ئېنېرگىتىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغانىدى. ئاددىي قولبالا پىرامىدا ئىچىگە خام گۆش قويسىڭىز، ئۇ ئۇزاق ۋاقت سېسىماي ساقلىنىدىكەن. ساقال ئالغۇچ تىغى پىرامىدا ئىچىدە قايرىلسا، ھەپتىدىمۇ ئۆتكۈرلىكىنى يوقاتمايدۇ. شۇ نەرسە ئېھتىمالدىن ئۇزاق ئەمەسكى، قەدىمقى جانلىقلار ۋاقتىدا پىرامىدالار ئېنىرگىيە ئېلىش مەقسىتىدە ياسالغان ۋە بۇ ئىنشائاتلار ھازىرقى زامانىۋىي ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرىدەك ئىشلىگەن.

ئېھراملارنى مۇستەقىل تەتقىق قىلغان باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ مۇشۇ نوقتىئىنەزەرگە قوشۇلىدۇ. مەسىلەن، قاھىرەدىكى خىئوپس ئېھرامى ھەققىدە «غەززادىكى ئېلېكتر ئىستانسىسى» كىتابىنى يازغان برىتانىيەلىك كرىستوفىر دانن بۇ ئېھرامنىڭ ئىچكىرىسىدىكى يەر ئاستى لابىرىنتلىرى ھەمدە دىۋىگاتىللارنى ئەسلەتكۈچى قەدىمقى ئىسخىمىلار سىزما سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىچە پىرامىدالار ئاتوم رىئاكتورىدىنمۇ كۆپ ئېنىرگىيە بەرگىنىنى ئىسپاتلىغان.

2007- يىلى بوسنىيەگە روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئالىملىرى، شۇ جۈملىدىن، پىرامىدالارنى گىئودىزىيەۋىي تەتقىق قىلىش بويىچە مەشھۇر ئاكادىمىك ئو.خاۋروشكىن باردى. ئۇ خاتىرىگە مۇنداق يازغان: «قوياش ۋە ئاي ئېھراملىرى ئەتراپىدىكى شاۋقۇنلار سپىكترىئال تەھلىلى بۇ جايدا يېپىق بوشلۇقلارمۇ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتتى. بارلىق ئىنشائاتلارنىڭ سېممىتىرىك ھالىتى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاسلىقىنى، «ئاساس ۋە ئەڭ يۇقۇرى ئىگىزلىك» ئارىسىدىكى سىگناللار فوكۇسىروۋكاسىنى قوشقاندىمۇ مىسىر پىرامىدالىرى بىلەن بىر خىللىقىنى كۆرسەتتى». ئالىملارنىڭ كۈزىتىشىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى بارلىق ئاساسىي ئېھراملارنىڭ تېگىدە يەر ئاستى لابىرىنتلىرى مەۋجۇت. پىرامىدالارنىڭ ئۆزىمۇ، كۈچسىزراق بولسىمۇ، ئېنېرگىيە تارقىتىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، قەدىمقى جانلىقلار ئەمەلىيەتتە يەر ئاستىدا پائالىيەت قىلغان، دىيىشكە بولامدۇ؟ تاشقىرىغا چىقىشقا ئۇلارغا نىمە توسقۇنلۇق قىلغان؟

- مانا شۇنى چۈشەنمەيمەن،- دېدى ئوسماناۋىچ.- بەلكى رادىئاتسىيە، بەلكى سوغۇق ئىقلىم سەۋەپ بولغانمۇ؟ مەندە شۇنداق قەتئىي تەسىرات شەكىللەنمەكتىكى، مۇز دەۋرىگە قەدەر سەييارىمىزدا بىر پەيتنىڭ ئۆزىدە تۈرلۈك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئىگە بىر نەچچە جامائەت مەۋجۇت بولغان. سارايلار ۋە ھەيكەللەرگە قاراپ خۇلاسە قىلىش مۇمكىنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز تەڭرىلىرى، ھۆكۈمدارلارنىڭ ئۆز قەسرلىرى، پىرامىدا تەرزىدىكى ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ بولغان. شۇمۇ ئېھتىمالدىن خالى ئەمەسكى، ئۇلار ھەتتا بىر- بىرى بىلەن جەڭمۇ قىلغان. ئىشەنمەمسىز؟ كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ: يەرشارىغا قاراپ ھالاك قىلغۇچى مىتىئورىت كەلسە، بىزنىڭ تەئەللۇقاتىمىزدىن نىمە قالىدۇ؟ پەقەت ئاشۇ ئېھراملارلا قالىدۇ. بىز ئەسرلەر بويى ساقلىنىپ قالىدىغان ھېچ نەرسە ياسىمىدۇق. ئاسمانغا تاقاشقان بىنالار، تېلېۋىزىيە مۇنارلىرى، مېترو بىكەتلىرى- بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر دەمدە كۈلگە ئايلىنىشى ھېچ گەپمەس. مانا بۇ- پىرامىدالارلا ... ئەبەدىي تۇرىدۇ.

1968- يىلى «تەڭرىلەر ھارۋىسى» ناملىق ئەسەرنى (شۇ كىتاپ ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان «كېلەچەك توغرىسىدا خاتىرىلەر» ھۆججەتلىك فىلىمى سابىق شورالار مەملىكىتىدە مەشھۇر ئىدى) نەشىر قىلدۇرغان شېۋىتسارىيىلىك تەتقىقاتچى ئىرىخ فون دىنىكىن پىرامىدالارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگە سەييارىلىقلار قۇرغان، دىگەن پىكىرنى ئۆتكۈزۈشكە ھەركەت قىلدى. ئۇ ناھايىتى كۆپ ھۆججەتلەرنى، جۈملىدىن، پىرۇنىڭ ناسكو پلاتوسىدىكى «ئاستروناۋت»لار تەسۋىرى، گۋاتىمالا پىرامىدالىرىدىن بىرىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى سۈرەتلەرنى نەشىر قىلغان. مارس سەييارىسىنىڭ يۈزى چۈشۈرۈلگەن سۈرەتلەر ئېلان قىلىنغاندا فون دىنىكىن: «مارستىكى پىرامىدالارمۇ مىسىر ئېھراملىرىغا ئوخشايدۇ»، دىگەن پىكرنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەگەر بوسنىيەدىكى قوياش ئېھرامى قەدىمقى جانلىقلار ئىختىراسى بولسا، شۇنداق سوئال كېلىپ چىقىدۇ: قۇرۇلۇشچىلار قانداق قىلىپ ۋەزنى قىرىق توننىلىق تاش كېسەكلەرنى سىلجىتقان، يۆتكەپ ئەكەلگەن ۋە بىر- بىرىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان؟ ئوسماناۋىچ گۇرۇپپىسى ئېھرام ئەتراپىنى قازغاندا ھېچ قانداق تېخنىكىنى، ھەتتا چوڭراق بىناكارلىق ئۈسكۈنىسىنىمۇ تاپالمىغان.

«بوسنىيە ئېھراملىرى نەزەرىيىسى»نىڭ رەقىبلىرى، خۇسۇسەن، ئارخىئولوگىيە پروفىسسورى بوستونلۇق كۇرتىس رۇننىلنىڭ نۇقتىنەزەرىگە ئاساسلانغاندا، بالقان تاغلىرىدا بۇنداق ئىنشائاتلار ئەسلا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەپسۇسكى، مىلادىي ئېراغا قەدەر 12 مىڭ يىل ئاۋۋال ياۋروپا ھۇدۇدى مۇز بىلەن قاپلىنىپ ياتقان. بىراق ئوسماناۋىچنىڭ مەسلەكداشلىرى، مەسىلەن، ئانتروپولوگ-پروفىسسور پاۋلو دىبىرتولىچ بۇ پىكرنى رەت قىلدى: دەل بوسنىيە ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا مۇزلۇقلار دەخلى قىلمىغان ساھىللاردا كېلىمات ھازىرقىدىن بەش دەرىجە (گىرادۇس) تۆۋەن، يەنى ئىنسانىي جانلىقلارنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان.

... بىز ئوسماناۋىچ بىلەن ئېھرامدىن چىقتۇق. ئۇ سۆزىنى داۋام قىلدى: «بارماقلىرىڭىزغا نىمىدۇر قادىلىۋاتقىنىنى سېزىۋاتامسىز؟ بۇ ئېلېكتىر دولقۇنلىرى- ئېنېرگىيە مانا شۇ تەرزدە نامايان بولىدۇ. قېزىش ئىشلىرى 340 سائەتتىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ. كۈنسېرى ئىچكىرىلەپ بارماقتىمىز- يېقىندا غارسىمان خانىلارنى تاپتۇق».

بوسنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا مەدەنىيەت ۋەزىرلىكى تەتقىقات ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلدى، بىراق ئوسماناۋىچقا پۈتۈن دۇنيادىن خەير-ئېھسان كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. «شۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟- دەپ ھەيران قالدى مىلان ئۇنىۋىرىسىتىتىنىڭ دوكتورى سارا ئاككۇنس. — ۋەزىرلىكتىن كەلگەنلەر 15 مىنۇتتىلا پىرامىدالار تەبىئىي جەريان تۈپەيلى ھاسىل بولغان، دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىپ كېتىشتى. ھېچ بولمىسا، تونىللارنى كىرىپ كۆرۈپ بېقىشمىدى؟!»

پىرامىدالار توغرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ. قايسى بىرى غەلبە قىلىشىغا بىرنىمە دىمەك تەس. ئاخىر، ئۇلاردىن بىرلىرى بۇ يەردە نىمە ئىش بولغىنىنى تەستىقلايدىغان ئىسپاتنى بايقىمىغۇچە، باشقىلىرى نىمە ئىش بولغىنىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ...

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ياقۇپجان
مەنبە: زىيائۇز تورى
يۆتكەلگەن مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

30

تېما

684

يازما

3468

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 46
يازما سانى:
684
تىللا:
2754
تۆھپە:
10
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
103 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

سادىق ئەزاكۆيۈمچان ئەزاسۆيۈملۈك ئەزائىسىل ئەزا

دېۋان
ۋاقتى: 2014-12-12 18:05:02 | ئايرىم كۆرۈش
مەن سىزنىڭ ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلاندۇرغان ئادەتتىكى سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن ماتىرياللىرىڭىزنى ياخشى چۈشىنىدىكەنمەن. بۇنى مەن مەكتەپتە تولا ئوقۇمىغاچقا بىلەلمىدىم . تەشەككۈر

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-12-12 21:12:19 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋۇ كۆزۇمگە نىم بولدى ئەمدى  ئھراملار  سىركەن ئەسلى  مەن  ئىلھاملار  سىرى  دەپ  ئوقۇپتىمەن .
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

يەر
ۋاقتى: 2014-12-12 22:09:54 | ئايرىم كۆرۈش
مىسىر، مېكسىكا ۋە خەنزۇ (جۇڭگو) ئېھراملىرى ؟
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شىئەندە ئىھرام بار ئىكەن ، ئەمما ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىھرامنى داۋراڭ سالماپتۇدەك ...
بۇنىڭ سەۋەبى ئەينى دەۋىرلەردە شىئەندە تۈرۈك قەۋىملىرى ياشىغان ئىكەن ، ئەگەر ئۇنى داۋراڭ سالسا تۈرۈك ئالىملىرى ئۇيغۇر ئىھرامى دەپ تۇرۋالىدىكەن . بۇ يەردە جۇڭگۇنى تىرناققا ئىلىپ قويىشى شۇ سەۋەپمىدۇر ؟

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

5#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-12 23:39:11 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 22:09
مىسىر، مېكسىكا ۋە خەنزۇ (جۇڭگو) ئېھراملىرى ؟
ئاڭلاشلار ...

بۇسسىنەيىدىكى ئىھراملار







ماۋۇ ئاستىدىكى رەسىملەر شىئەندىكى ئىھراملارنىڭ رەسىمى ئىكەن









نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

6#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-12 23:40:34 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇناجات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 23:42  

بوسىنىيەدىكى  ئىھرامنىڭ   تەتقىقاتى توغرىسىدىكى فېلىم




شىئەندىكى  پىرامىدالار

   
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

7#
ۋاقتى: 2014-12-12 23:49:43 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 23:40
بوسىنىيەدىكى  ئىھرامنىڭ   تەتقىقاتى توغرىسىدىكى فېلىم
...

جۇڭگۇدىكى پىرامىدانىڭ فىلىم ئاخىرىغا نىمە ئۈچۈن كىروران گۈزىلىنىڭ فىلىمىنى قوشۇپ قويىدۇ ؟  ئەجىبا....

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

8#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-13 00:17:35 | ئايرىم كۆرۈش
شاھىم يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 18:05
مەن سىزنىڭ ئۆز بىلىمىڭىزگە ئايلاندۇرغان ئادەتتىكى سۆز ...


مىسىر ئىھرامى



مىسىر ئىھراملىرى توغرىسىدا بىز بۇ قۇرلۇشلارنى قەدىمكى مىسىرلىقلار ياسىغان دەپ بىلىمىز، نىل دەرياسى بويىدا بۇنداق ئىھراملاردىن نەچچىسى بولۇپ مەشھۇرراقى ‹‹ خۇپۇ ئىھرامى ›› دۇر.
بۇ ئىھراملار نىڭ ياسالغان ۋاختى ئوخشاش ئەمەس بولۇپ 3500-يىلدىن 7000يىلغىچە دەپ پەرەز قىلىنىدۇ،‹‹ خۇپۇ ئىھرامى ›› نىڭ ئىگىزلىكى 146.5 مىتىر ،كەڭلىكى 230مىتىر بولۇپ ھەر پارچىسى ئىككى يىرىم توننا كىلىدىغان ئىككى مىليون ئۇچيۈزمىڭ پارچە چاسىلانغان تاشتىن قوپۇرۇلغان.
بۇ قۇرلۇشنى قانداق سالغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھەرخىل پەرەزلەر بار،لىكىن بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ئادەتتە بىز دەرىسلىكلەردە قەدىمقى مىسىر قۇللىرى تاشنى يىراق تاغدىن پارچىلاپ ئەكىلىپ ياسىغان دەپ ئوقۇيمىز،لىكىن بەزەن ئىسپاتلار ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلمىغان شۇ دەۋىردە بۇنداق قۇرلۇشنى ئادەم كۇچى بىلەن بەرپا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ قۇرلۇشنى كىم بەرپا قىلغان؟ بەزىلەر تاشقى پىلانىتا جانلىقلىرىغا،يەنە بەزىلەر يەنە بىر نىمىلەرگە باغلاپ پەرەز قىلىپ باقتى، مەنچە ئىنسانىيەت يىراق قەدىمقى تارىخىدا ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتتا بىر گۈللەنگەن دەۋرى بولغان بولىشى مۇمكىن، بولمىسا بۇ پىلانىتىمىزدىكى نۇرغۇن سىرلىق ئىشلاغا جاۋاپ چىقماي قالىدۇ چۇنكى ھازىرغىچە تاشقى پىلانىت جانلىقلىرىنى كۆرۇپ باققان ياكى بارلىقى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتەلەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.(دىنى نوختىدىن چۇشەندۇرۇش مۇمكىن بىراق بۇنى پەن ئىتىراپ قىلمايدۇ).

ئۇستىدىكى بوسنىيەدىكى ئىھرام مۇلاھىزە قىلىنغان فىلىمدە بۇ ئىھراملارنىڭ يىل دەۋرى  يىگىرمە مىڭ يىلدىن-يىگىرمە توققۇزمىڭ يىل ئەتراپىدا ئىكەنلىگى قەيىت قىلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ رەسمى ئىسپاتلىنىپ قالسا ئىنسانلار مەدىنىيەت تارىخىنى قايتا يىزىشقا توغرا كىلەمدۇ قانداق ؟ چۇنكى ھازىرقى ئىلىم-پەن چۇشەنچىمىز بويىچە يىگىرمە مىڭ يىلدىن-يىگىرمە توققۇزمىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى غارلاردا ئۆمىلەپ يۇرگەن تۇرسا بۇ قۇرلۇشلارنى قانداق قىلالىسۇن ؟
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

9#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-13 00:35:11 | ئايرىم كۆرۈش
تىلسىم يوللىغان ۋاقتى  2014-12-12 23:49
جۇڭگۇدىكى پىرامىدانىڭ فىلىم ئاخىرىغا نىمە ئۈچۈن كىرو ...

بەزى غەرىپ ئارخولۇگلىرى ۋە تۈركىيە ئارخولۇگلىرى بۇ قۇرلۇشنى ‹‹ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى›› (تەخمىنەن 16مىڭ يىل بۇرۇنقى ،مۇ قىتئەسىنىڭ ئەۋلاتلىرى دىگەن ماقالىدە شۇنداق ئىلىنغان) گە تەۋە دەپ بىلىدىكەن، چۇنكى ئىھرامنىڭ ئىچىدە ‹‹ تۈرك-رونىك يىزىقى›› (ئۇيغۇرلانىڭ ئەڭ قەدىمقى يىزىقى) پۇتۇلگەن تاش پۇتۇكلەر بارمىش. لىكىن چەكلىمە سەۋەبىدىن ھازىر كىرگىلى بولماسمىش، شۇڭا فىلىمنىڭ ئاخىرىغا ‹‹كىرورەن ئانا›› نىڭ رەسىمىنى قىتىپ قويغان بولىشى مۇمكىن، فىلىم ئاخىرىدىكى ئىنگىلىسچە چۇشەندۇرۇشكە قارىسىڭىزمۇ (ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى )دىگەن خەت كۆزگە چىلىقىدۇ.
نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

152

تېما

4864

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

باش دىرىكتور

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 2
يازما سانى:
4864
تىللا:
8527
تۆھپە:
697
جەۋھەر يازما:
8
توردا:
1814 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-4

مۇنبەر باشلىقىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسى

10#
ۋاقتى: 2014-12-13 15:19:39 | ئايرىم كۆرۈش
مۇناجات يوللىغان ۋاقتى  2014-12-13 00:35
بەزى غەرىپ ئارخولۇگلىرى ۋە تۈركىيە ئارخولۇگلىرى بۇ ق ...

دىمەك مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمنىڭمۇ ئاساسى ھەم دەلىلى كۈچلۈك ئىكەن . رەھمەت ئاكا بىلىۋالدۇق .
بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ پىرامىداسى بار ئىكەن ئەمەسمۇ  ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:12 , Processed in 0.151103 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش