روھنىڭ ئىچىدىكى مەن
ئۆرتەندى قەلىپلەر يىغلار ئۈن-تىنسىز،
تۇنىماس روھىيەت سورايدۇ كىم سىز؟.
نۇرانە دەپ بىلگەن ھاياتلىق يولى ،
چەيلەندى شۇ پېتى بېسىلماي بىر ئىز .
يوقاتتى ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا،
بولمىغاچ جۇد-بوران قۇيۇنغا دالدا.
مەۋجۇدلۇق تىپىرلار يەككە-يىگانە،
قىسمەتنىڭ رەھىمسىز ئاچاللىرىدا .
كۆرۈنمەس ئاي پەقەت كۆرۈنمەس سايە،
بىر-بىرلەپ تۇنجۇقتى ئارمان ۋە غايە .
تولۇن ئاي كېچىنى بولدى يۇرۇتماس،
قىلماي دەپ بىھۇدە نۇرۇمنى زايە .
شۇنچىلىك ناتىۋان شۇنچە بىچارە،
كۆپۈكتۇر ئارمانلار ئاجىز ئىرادە .
شۇ سەۋەپ شۈمشىيىپ تۇرىدۇ يالغۇز،
چاچسىمۇ گەر قۇياش نۇرنى زىيادە .
كەلسىمۇ مۈشكىلات ئىلگىرى كىيىن ،
خوشاللىق خاپىلىق ھەتتا بىر تىيىن .
پۇتلىشىپ يۈرمەكتە قەدەم-قەدەمدە،
يول راۋان نېمىشقا مېڭىش تەس قىيىن.
ساداسىز بۇ دۇنيا سالسا شۇنچە زەن،
ھارارەت بېرەلمەس ھەتتاكى بەدەن .
ئۇ پەقەت بىر جەسەت ،ئۆلمىگەن مۇردا،
يوقالغاچ مەۋجۇتلۇق روھنىڭ ئىچرە مەن.

ئەپچىلەم ئىجادىيىتى