ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1438|ئىنكاس: 28
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئاق پەرىشتە (ئۆزخان)مۇكاپاتلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 16:47  

ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە 3-دەرجىگە ئىرىشكەن نادىر ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!!



1

  مەن 2006-يىلى تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغان، ئۇ ئىككىنچى ئاي مەزگىلى بولۇپ، بۇ چاغدا بىزنىڭ جەنۇپتا باھارنىڭ شەپىلىرنى ئېنىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مۇزلار ئىرىپ دەل-دەرەخلەر كۆك رەڭگە كىرىشكە باشلايدۇ. سەل ئېغىرراق ئەمگەك قىلدىغانلا چاپىنىنى سېلىۋىتىپ ئىشلىسىمۇ توڭلمايدۇ. ئەمما ئۈرۈمچىدە بۇ چاغدا تېخى ئەمدىلا قىش يېرىملاشقان ھېسابلىنىدىكەن. بۇنى مەن پويىزدىن چۈشۈپ تېخى ۋوگىزالدىن چىقماي تۇرۇپلا ھېس قىلدىم. تەسۋىرلەپ بولالمايدىغان بىر خىل سوغۇق ئېقىم، بەدىنمگە توسقۇنىسىز تاجاۋۇز قىلىپ، ئىڭەكلىرىمنى كاسىلدىتىۋەتتى. مەن شۇ يەردىلا سومكامنى ئېچىپ پوپايكدىن بىرىنى يانداپ كىيىۋالدىم. مانا بۇ ئۈرۈمچىنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم قالدۇرغان تەسىرى بولۇپ قالدى.
  مەن بىر يىل ئىلگىرى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئىدىم. ساقچىلىققا ئىمتىھان بېرىۋىدىم. كىتاپنى تولا ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن كۆزۈمدىن مەسىلە چىقىپ ئەسكەر بولۇش پىلانىممۇ يوققا چىقتى. شۇنداق قىلىپ مەن ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئىرىششتىن پۈتۈنلەي ئۆمىدىمنى ئۈزگەن ھالدا تەلىيىمنى سىناپ بېقىش مەخسىتىدە چاپاننى دولۇمغا سېلىپ بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلدىم.
  شۇ كۈنى ئۈرۈمچى ئاسمىنىدىن چۈشۈۋاتقان ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى خۇددى مېنى تەبىرىكلەۋاتقاندەك تولىمۇ تەكشى چۈشۈۋاتاتتى.
جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقى بولسا‹‹ ئۈرۈمچىگە نىمشقا كەلدىڭ؟›› دەۋاتقاندەك ئۈگە-ئۈگىلىرىمنى مۇزلىتىپ جېنىمنى ئازلا قويدى.
  مەن ئاممىۋى تىلفۇندا دوستۇمغا تىلفۇن قىلىپ مەن كەلدىم ، ئالدىمغا چىق دىدىم. تەخمنەن ئون مىنۇتلاردىن كىيىن ئۇ كەلدى . مەن دوستۇم توسىغان تاكسىغا چىقىپ ماڭدىم.
-تۇنجى تەسىراتىڭ قانداقراق؟-دەپ چاقچاق قىلدى دوستۇم ئابدۇقادىر.
-ئاجايىپ سوغۇق،-دەپلا جاۋاپ بەردىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ ئۆيىدە تۆت كۈن دەم ئالدىم. ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن بۇ شەھەرگە كەلگىنىمنى ۋە بۇ توغرىىسدا تۈزگەن پىلانلىرىمنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدىم. پىلان بويىچە يېرىم يىل جاپالىق ئىشلەيمەن، مەيلى ئۇ ئىش قانچىلىك مەينەت ۋە ئېغىر بولسۇن چوقۇم جان -دىل بىلەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ يېرىم يىلدىن كىيىن بىر سودىنىڭ بېشىنى تۇتىمەن، پىلانىم مانا مۇشۇنداق ئاددىلا ئىدى.
-مەن سېنى مۇقىم بىر ئىشقا تونۇشتۇرۇپ قوياي ،-دىدى ئابدۇقادىر،- بۇنداق بولغاندا ياتاق ۋە تاماقتىن غەم قىلمايسەن، پۇلمۇ تاپالايسەن، سېنىڭچە قانداق؟
-ياق ، مېنى ئۆز ئەركىمگە قوي، مەنمۇ ئاشۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ھېسياتنى بىر باشتىن كەچۈرۈپ باقاي،-دىدىم مەدىكار بازىرىدا توپلىشىپ تۇرغان ئۈستۋاشلىرى مەينەت، كىيىملىرىى رەتسىز كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئابدۇقادىر كۈلۈپ كېتىپ ، باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولدى.
2
  شۇنداق قىلىپ مەن ئات بەيگسى مەيدانىنىڭ دائىملىق ئادىمى  بولۇپ قالدىم. ئەمما مەن باشقا مەدىكارلاغا زادىلا ئوخشىمايتىم. كىيىملىرىمنى رەتلىك كىيەتتىم. چاچ-ساقاللىرىمنى ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئېلىپ تۇراتتىم. مەدىكار بازىرىدا ئىش كۈتۈپ تۇرغان چېغىمدا قولۇمدا بىر كىتاپ بولاتتى. مەن ئەپچىل بىر جاينى تېپىپ خۇددى كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈنلا مۇشۇ يەرگە چىققاندەك ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتاپقا بېرىلىپ كېتەتتىم.
  باشقىلارغا ئوخشاش بىر خوجايىن ئادەم ئالغىلى كەلسە  گۈررىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالمايتىم. شوڭا بەزى كۈنلىرى ماڭا ئىش چىقمايمۇ قالاتتى.
مەن بىر ئايغىچە قار تازىلايدىغان، كۆمۈر توشۇيدىغان، يۈك ماشىنىلىرنىڭ كوزۇپلىرىنى تازىلايدىغان ۋە ئۆي بېزەشتىن قالغان ئەخلەتلەرنى پەسكە ئېلىپ چۈشىدىغان ئىشلارنى قىلدىم.  بۇ ئىشلار ماڭا قىلچىمۇ جاپالىق تۇيۇلمدى. يۈرىكىمدە بىر ئوت لاۋۇلدايتى. ياشلىقىم ئۇرغۇپ تۇراتتى. يوللاردا ماڭغىنىمدا قەددىمنى تىك تۇتۇپ سۆلەت بىلەن ماڭاتتىم. ئىشلىگەن چاغلىرىمدا كونا كىيىملەرنى كىيىسەم ، ئش تۈگىگەن ھامان سومكىدىن يېىڭى كىيىملەرنى ئېلىپ كىيۋالاتتىم. سىرىتتىن قارىغان كىشى ھەرگىزمۇ مېنى مەدىكار دەپ ئويلمايتى. بەزى كۈنلىرى بالدۇرراق ئىشتىن چۈشۈپ قالسام كىتاپخانىلارغا بېرىپ كىتاپ كۆرەتتىم. شۇنداق قىلىپ تېخى يېقىندىلا ئىجارىگە ئالغان ئۆيۈمگە قويۇلغان كونا ساندۇقتىكى كىتاپلا ئاستا-ئاستا كۆپەيگىلى تۇردى. چاتاق يېرى يانچۇقۇمدىكى پۇللار تاماق ۋە ياتاققا ئارانلا يېتەتتى. لىكن مەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرمايتىم. كۆڭلۈمدە بىر خىل خاتىرجەملىك ھۆكۈم سۈرەتتى.
  بىر كۈنى يۇرتتىن تىلىفۇن كەلدى. شۇ چاغدا ئەمدىلا ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ئۇھ دەپ تۇراتتىم. ئابدۇقادىر كىرىپ كەلدى.
-ساڭا يۇرتتىن تىلىفۇن كەپتۇ،-دىدى ئۇ تىلفۇننى ماڭا تەڭلەپ،- مېنىڭ بىر مۇھىم ئىشىم بار، بىرەر سائەتتىن كىيىن كىرىمەن.
-تەلەيلىك نىمىكەنسەن ،-دەپ قويدى ئۇ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ بولۇپ. مەن ئۇنىڭ نىمە دىگەنلىكىنى زادىلا بىلەلمەي تىلفۇن زادى كىمدىن كەلگەندۇ؟ دىگەننىلا ئويلاپ ئولتۇردۇم.
يېرىم سائەتتىن كىيىن تىلفۇن سايرىدى. مەن تىلفۇننى ئېلىپ :
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-دىدىم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-دىدى قارشى تەرەپ، بۇ بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى، بۇ ئاۋاز تونۇشلا ئىدى. لىكىن كىملىكىنى پەرىق ئېتەلمىدىم.
-سىز كىم؟-دىدىم .
-ئەلى. مەن رازىيە،-دىدى قارشى تەرەپ،
-قايسى رازىيە؟-دىدىم. يەنە ئېسىمگە ئالالماي،
-كالۋا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىڭ رازىيە،-دىدى ئۇ جىلە بولۇپ،-ئايرىلپ تېخى بىر يىل بولا-بولمايلا ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟
شۇ چاغدىلا مەن ئۇنى ئەسكە ئالدىم.   
-ۋاي سەنمىدىڭ؟-دىدىم،- ھە .. قانداق ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئادەمنى ئەجەپ خوش قىلىۋەتتىڭغۇ؟
-سەن خوش بولغىنىڭ بىلەن مەن خوش ئەمەس،-دىدى ئۇ،-ئاۋازىدىن بىر خىل مەيۈسلۈك چىقىپ تۇراتتى.
-خوش ساۋاقدىشىم ، بېشىڭغا نىمە كۈن كەلدى. سەن نىمىشقا خوش ئەمەس؟-دىدىم.
-مەن ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە قېشىڭغا بارىمەن،-دىدى ئۇ،-مېنى ساقلاپ تۇر.
-ھە؟-دىدىم ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي،-قانداق بولۇپ ئەمدى؟
-ئۆيدىكىلەر مېنى مەن تونۇمايدىغان ،ھەم مەندىن چوڭ بىرسى بىلەن توي قىلىشقا قىستاۋاتىدۇ. لىكىن مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇم يوق. شوڭا قېشىڭغا باراي دەيمەن.
-جېنىم ساۋاقدىشىم، ئوبدان ساۋاقدىشىم ، بۇنداق گەپنى قىلما ، مەن ھازىر ئۆز جېنىمنىمۇ ئارانلا بېقىۋاتسام، ساڭا قاراپ بولالمايمەن. شوڭا .....
-ساۋاقدىشىم. ساۋاقدىشىم دەۋەرمىگىن،-دىدى ئۇ گېپىمنىڭ بېلىگە تېپىپ،-ھېلىمۇ بەش يىل بولاي دىدى. ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ساۋاقداشلىق چىگىرىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمدى. خاتىرجەم بول. ساڭا ئېغىرچىلىقىمنى سالمايمەن. باشقىلارنىڭ تىلفۇنىدا تىلفۇن قىلىۋاتىمەن. خوش بارغاندا كۆرىشەيلى،-ئۇ ،ماڭا سۆزلەشكە پۇرسەتمۇ بەرمەيلا تىلىفۇننى قويىۋەتتى.
3
رازىيەنىڭ مېجەزى ئوغۇل بالىغىلا ئوخشايتى. مەيلى گەپ -سۆزدە بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن، ئىشلارنى كېسىپلا بىر تەرەپ قىلاتتى.   ئۇنىڭدا قىزلارغا خاس نازاكەت مىكروسكوپ بىلەن قارىسىمۇ تېپىلمايتى. مەن ئۇنىڭ بۇ تەرىپىگە بىر تۇرۇپ ھەۋەس قىلىسام بىر تۇرۇپ << قىز بالا دىگەن قىز بالىدەك بولمامدۇ؟>> دەيتىم.
  ئوقۇۋاتقان چاغلاردا بىز تولىمۇ يېقىن ئۆتەتتۇق. ياتاق بىلەن تازلىق ئۆيىمىزلا قىزلار ، ئوغۇللار دەپ ئايرىلاتتى. باشقا ئىشلاردا دائىم دىگۈدە بىللە ئىدۇق. دەرىسلەردىمۇ تەڭ دىگۈدەك ئىدۇق. مەكتەپتكى ھەرخىل پائالىيەتلەرگە نۇمۇر تەييارلىساقمۇ ئىككىمىز باش بولۇپ تەشكىللەيتۇق. ئۇسۇل ئوينىساقمۇ ئىككىمىز بىر سەپتە تۇراتتۇق. مەن تولىمۇ نامراتلىق ئىچىدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتىم. بەزى چاغلاردا كىرا پۇلىنى تىجەپ قالىمەن دەپ قىرىق كىلومىتىر يىراقلىقتكى ئۆيۈمگە يۈگىرەپ قايتىپ كېتىدىغان چاغلىرىممۇ بولغان. تولا چاغلاردا ھەتتا ئاچمۇ قالاتتىم.
ئەمما ئۇ ماڭا ئوخشىمايتى. ئائىلىسى باي ئىدى. ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە چىقىپ كېتەتتى. يەكشەنبە كۈنى قايتىپ كىرەتتى. ھەر قېتىم ماڭا نان، مىۋە چىۋە، گۈلە-قاق دىگەندەك نەرسىلەرنى ئالغاچ كىرەتتى. بۇ ھەرگىزمۇ خەيىر-ساخاۋەت ئەمەس، بەلكى ماڭا ئامراقلىق قىلىپ شۇنداق قىلاتتى. لىكىن مەن ئۇ چاغدا باشقا بىر قىز بىلەن ئارلىشىپ يۈرەتتىم. رازىيەمۇ بۇنى بىلەتتى. لىكىن بىز بۇ توغىرىلق زادىلا پاراڭلاشمايتۇق.  مەن ئەمدىلەتىن شۇ ھېس قىلدىمكى رازىيە ئەنە شۇ چاغدىلا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىكەن. پەقەت مېنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈنلا ئۆز مۇھەببىتىنى يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدا يوشۇرۇپ يۈرگەن ئىكەن.
مەن ئارلىشىۋاتقان قىزدىن ئايرىلىپ كەتتىم. كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. گۈللۈكتە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتىم رازىيە يېنىمغا كەلدى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل شاتلىق ئەكىس ئېتەتتى.
-سەن نىمىگە شۇنچە خوش بولۇپ كەتتىڭ؟-دىدىم تىرىكىپ، - ئۆتمەس پۇل تىپىۋالغان ئوخشىمامسەن؟
-ياق، ئۆتىدىغان پۇل تېپىۋالدىم ، يۈرە سېنى مىھمان قىلاي،-دىدى ئۇ يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن. مەن ئۇنىڭ قىپقىزىل گۈللۈك كۆينەك ، قىزىل  ياغلىق سېلىۋالغانلىقىغا دىھقەت قىلدىم. پۇتىدىمۇ قىزىل ئاياغ تۇراتتى.
-قاراپ قالدىڭغۇ؟ كىيىملىرىم بولماپتۇما؟-دىدى ئۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ، ئۇ شۇ تاپتا سەل خىجىل بولغاندەك ،ئوڭايىسىزلانغاندەك قىلاتتى.  
-سەن ئادەتتە تەنتەربىيە كىيىملىرىدىن باشقىنى كەيمەيتىڭغۇ؟ دىدىم.
-ئەمدى كىيىمەن، مەنمۇ بىر قىز بالىغۇ؟-دىدى ئۇ،- بۇ كىيىمىم يارىشىپتىمۇ؟
-ھەئە،- دەپلا قويدۇم. شۇنداقتىمۇ ئۇ خۇددى مەن ئۇنى ماختىغاندەك خوش بولۇپ كەتتى.
-جۈرە . سېنى مھمان قىلاي،-ئۇ شۇنداق دەپ مېنى بىلىكمدىن تارتىپ دىگۈدەك ئېلىپ ماڭدى.
ھەش-پەش دىگۈچە بىز ئۈچىنچى يىللىققا چىقتۇق.
-بىكار تۇرساڭمۇ تۇرىدىكسەنسەن ئارلىشىپ قويمامدۇق؟-دىدى رازىيە بىر كۈنى ئاشخانىدا چۈشلۈك تاماق يەۋاتقاندا. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇ ھامان بىر يۆتىلىپ ئاغزىمدىكى يۇتۇپ بولالمىغان ئاشنى ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە، كىيىملىرىگە پۇرقۇتىۋەتتىم. ئۇ تاتىرىپ كەتتى. ئاندىن چىرايى تىزلا ئەسلىگە كېلىپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئاشخانىدا تاماق يەۋاتقانلارنىڭ ھەممسى بىزگە قاراشتى.
-مەن چىقىپ كىيىم ئالماشتۇرۇپ كىرەي،-دىدى رازىيە يۈز-كۆزلىرىنى ئىيتىۋىتىپ،- سەنچۇ؟
-مەنمۇ تويۇپ قالدىم،-دىدىم. رازىيە بېرىپ تاماق پۇلىنى تۆلىدى. ئاندىن بىز قايتىپ چىقتۇق.
ئەتىسى چۈشتە ياتاقتا ئارام ئېلىپ ياتسام غەنى كىرىپ << سېنى رازىيە ساقلاپ تۇرىدۇ. سىنىپقا چىق >> دىدى.
مەن خوشياقمىغان ھالدا سىنىپقا چىقتىم. رازىيە تولىمۇ غەمكىن ھالدا مېنىڭ پارتامدا ئولتۇراتتى.
-نىمە دەيسەن؟-دىدىم يالغان ئەسنەپ تۇرۇپ،-تاتلىق ئۇخلاۋاتسام ئۇيقۇمنى بۇزىۋەتتىڭ؟
-بىز ئارلىشايلى،-دىدى ئۇ تۇيۇقسىزلا بېشىنى كۆتۈرۈپ،-مەن ئۇنىڭ چىرايىغا قارىدىم . ئۇ چاقچاق قىلمىغان ئىدى. چىرايىدىن قەتئىلكى چىقىپ تۇراتتى.
-بۇ نىمە دىگىنىڭ، مانا ھازىرمۇ بىر ئوبدان كېتىۋاتىمزغۇ؟دىدىم.
-ياق، بىز  نۇر بىلەن ئايگۈلدەك، تۇرغۇن بىلەن ئادالەتتەك ئارلىشايلى، مۇھەببەتلىشەيلى دەۋاتىمەن،-دىدى ئۇ  ئالدىمغا كېلىپ.
-ياق،-دىدىم،- بىز ئۇنداق ئارلىشالمايمز، بىز ساۋاقداش، ئارىمىزدا بۇنىڭدىن باشقا مۇناسىۋەت بولىشى زادىلا مۆمكىن ئەمەس.
-نىمشقا، مەن شۇنچىلىك سەتمۇ، ياكى ساڭا ماس كەلمەمدىمەن، نىمشقا بىز ئارلاشساق بولمايدىكەن؟ -ئۇ يىغلاشقا ئارانلا تۇراتتى.
-چۈنكى بىزنىڭ بىرىنچى مەخسىدىمىز ئوقۇش بولىشى كېرەك ئۇختۇڭمۇ؟-دىدىم،-قارا بۇ يىل ئىمتىھان بېرىمىز. شوڭا...
-يالغان، ئۇنداقتا سەن مەدىنە بىلەن ئارلاشتىڭغۇ؟ قۇچاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يۈردۈڭ، ئۇ يەر-بۇ يەرلەرگە بىللە ئوينىغىلى چىقتىڭ؟ بىللە تاماق يىدىڭ. يەنە ئۇنى..... ،- ئۇ توختاپ قالدى ئاندىن،-ئەجەپ ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشساڭ بولىدىكەن، مەن بىلەن ئارلاشساڭ ئوقۇشۇڭغا تەسىرى يىتەمدىكەن؟-دىدى.
-رازىيە. ھەي رازىيە نىمانداق چۈشەنمەيدىغانسەن دەيمەن. ئىككىمىز ئارلاشساق زادىلا بولمايدۇ. مانا قارا،-مەن ئۇنىڭ ئوغۇللارنىڭكىدەك قاتتىق لىكىن نازۇك قوللىرىنى تۇتتۇم،-سېنىڭ قولۇڭنى تۇتسام، بىر قىزنىڭ قولىنى تۇتتۇممۇ ياكى بىر تال ياغاچنى تۇتتۇممۇ بىلمەيدىكەنمەن. ھېچقانداق سىېزىممۇ بولمايدىكەن. بۇ ھالەتتە ئارىمىزدا قانداقمۇ مۇھەببەت شەكىللەنسۇن؟
ئۇ بىردىنلا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى.
مەن ئىككى يېرىم يىل جەريانىدا تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭدا يىغلايدىغان ھۆجەيرە يوق دەپ ئويلايتىم. ئۇنىڭ ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ يىغلاۋاتقان ھالىتىگە قاراپ بىردىنلا ئىچىپ ئاغرىپ قالدى. بېرىپ تەسەللى بېرىشنى ئويلدىم .ئەمما گەپ قىلمايلا سىنىپتىن چىقىپ كەتتىم.
ئۇ چۈشتىن كىيىن دەرسىكە چىقمىدى. زەينەپتىن سورىۋىدىم ئۇ ماڭا ھومىيىپ تۇرۇپ <<ئاغىرىپ قالدى>> دەپ قويدى. شۇ كۈنى كەچكىچە مەن ئۇنى كۆرمىدىم.  مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تامىقى تۇنجى قېىتىم ماڭا تېتىمدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇ سىنىپقا چىقتى. كۆزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ تولىمۇ روھسىز ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىماقچى بولغان بولساممۇ لىكىن پۇتلىرىم يەرگە چاپلىشىپ قالغاندەك مىدىرلاپمۇ قويمىدى. چۈشتە ئۇ ماڭا بىر پارچە خەتنى بېرىپ قويۇپلا يۈگۈرگىنىچە پەشتاقتىن چۈشۈپ كەتتى. مەن كارىدورنىڭ لېۋىگە كېلىپ ئەتراپقا نەزەر سالدىم كەڭرى كەتكەن بۇغداي ئېتىزلىرى ياپېشىل ياشىرىپ تۇراتتى. دەل-دەرەخلەر تەڭگىدەك يوپۇرماق چىقارغان، تۇتاش كەتكەن ئۆگزىلەردە كەپتەرلەر ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. يىراقتىكى تاغلار بۈگۈن يېقنلاپ قالغاندەك سۈپسۈزۈك كۆرىنەتتى. ئەتراپتىن تۇپراقنىڭ نەمخوش پۇرىقى، ئاشخانىلاردىن چىققان تاماقلارنىڭ ئىشتىھانى ئاچىدىغان مەززىلىك پۇرىقى يەنە ئاللىقانداقتۇر بىر خىل پۇراقلار گۈپۈلدەپ كېلىپ تۇراتتى. مەن خەتنى ئاچتىم.
<< ئەلى تۈنۈگۈن ئالدىڭدا كىچىك بالىدەك يىغلاپ تولىمۇ ئوساللىق قىلدىم. سېنى خىجىل قىلدىم. بوپتۇ بىز ئارلاشمايلى، يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتىۋىرەيلى. تۈنۈگۈنكى ئىشىم سەۋەپلىك مەندىن قېچىپ يۈرمەسلىكىڭنى ئۆتۈتىمەن. ئەمدى ھەرگىزمۇ كۆزۈڭگە كىرىۋالمايمەن .  تاللىشىڭغا ھۆرمەت قىلىمەن . قانداق ياشىغىڭ كەلسە شۇنداق ياشا ، كىم بىلەن ئارلاشقۇڭ كەلسە شۇنىڭ بىلەن ئارلاش لىكىن مەن بىلەن يىراقلىشىپ كەتمە، پەقەت بۇرۇنقى مۇناسىۋتىمزنى ساقلاپ قالالىساملا مەن شۇنىڭغا خوش، ئەمدى سەندىن بۇنىڭدىن باشقىنى كۈتمەيمەن>> ئۇ خەتنىڭ بىر بۇرجىكىگە كىچىك قىلىپ <<ر>> دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
مەن ئۇنىڭ بۇ خەتنى يازغنىدىن تولىمۇ خوش بولدۇم. ئويلاپ باقسام يەنىلا ئۇنىڭ جاسارىتى بار ئىكەن. مەن قايتىدىن يەڭگىللەپ قالدىم. ئاغزىمنى يوغان ئېچىپ ساپ ھاۋانى ئىچىمگە سۈمۈردۈم.
ئەملىيەتتە رازىيە سىنىپتىلا ئەمەس، پۈتۈن مەكتەپ بويىچىمۇ گۈزەللىكتە ھېچ بولمىغاندىمۇ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەتتى.  ئىككى تال ئۇزۇن چېچى تىزىغا كېلەتتى. كۆزلىرى چوڭ، قاشلىرى قويۇق. يۈزلىرى يۇمىلاق، بوي زىلۋا ئىدى . بەزى كۈنلىرى بېشىغا گېلەم دوپپا كىيىپ چاچلىرىنى ئون سەككىز تال ئۆرىۋالاتتى. كۆپىنچە چاغلاردا بولسا پۇتىدىن تارتىپ بېشىغىچە تەنتەربىيچە كىيىم كىيۋالاتتى. لىكىن نىمىلا كىيسۇن ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يارىشاتتىكى نۇرغۇن ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارئۇنىڭغا قاراپ تىلىنى تامشىتاتتى. ئەمما مەن  نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىشىنى خالىمايتىم. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئوغۇل بالىچە قىلىقلىرى، دائىملا تەنتەربىيە كىيملىرىنى كىيۋالىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىملا بىللە يۈرۈپ يالغۇز تۇرساقمۇ ھېچقانداق غەيرى تەسىر پەيدا قىلمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇ بىر مۇكەممەل قىز ئەمەس ئىدى.
ئۇ تەنتەربىينىڭ ھەر قانداق تۈرىدە مەكتەپ چىمپىيۇنى ئىدى. توپ مۇسابىقىلىرىدە ئوغۇللار قاتارىدا ۋاسكېتبول ئوينىسا تاكى ئاخىرىغىچە ھېرىپ قالمايتى. ۋالبول ئوينىسسا ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى قارشى تەرەپنىڭ ئىككى -ئۈچ ئادىممۇ توسالمايتى. ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىشاتتى. ئويلاپ باقسام شۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغاندىن پەقەت مەنلا بار ئىدىممىكىن دەپ قالىمەن.
4
بىز ئاخىرى مەكتەپ پۈتتۇردۇق.  مەكتەپ ئۆزى پۇل چىقىرىپ زىياپەت قىلىپ بىزنى تەبىرىكلىدى. ساۋاقداشلار رەسىملەرگە چۈشتى. خاتىرە دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۆز ئارا ئەستىلىك قىلىشتى. مەنمۇ ھەممەيلەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ چىقتىم. ئەلۋەتتە رازىيە بىلەنمۇ بىر پارچە رەسىمگە چۈشتۈم. ئۇ شۇ كۈنى چىرايلىق ئەتلەس كۆينەك، گېلەم دوپپا كىيۋالغان، چاچلىرىنى تال-تال ئۆرىۋالغان بولۇپ تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.
- بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ كېتىپسەن،-دىۋىدىم ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
بۇرۇن سەتمدىم ،-دەپ قويدى. ئاندىن ماڭا يېقىن تۇرۇپ بېشىنى مەن تەرەپكە سەل قىيسايتىپ تۇردى .
  شۇنداق قىلىپ توققۇزنچى ئايدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىمىز يىراقلارغا ئوقۇشقا كەتتى. بەزىلەر ھۆنەر ئۈگىنىش يولىنى تاللىدى. مەنمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ئىدىم. شوڭا ئارتۇق گەپ قىلمايلا كەتمەننى قولۇمغا ئالدىم. يېنىپ ئوقۇشنىمۇ ئويلاپ باقمدىم ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئائىلىمىز تولىمۇ نامرات بولۇپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇشۇم زادىلا مۆمكىن ئەمەس ئىدى.
رازىيەمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ئىدى. ئەمما نىمە سەۋەپتىندۇ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ تەقدىرگە تەن بېرىپ ئائىلسىگە قايتىپ كەلدى. بىز ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئانچە-مۇنچە تىلىفۇنلىشىپ تۇرغان بولساقمۇ ئۇنىڭدىن كىيىن زادىلا ئالاقىلىشپ باقمىدۇق.
ئۇنىڭ يىزىسى مېنىڭ يىزام بىلەن ناھېيىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدا بولۇپ مەن ناھېيىگە ماڭسام چوقۇم ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتەتتىم. لىكىن ئۇنى زادىلا ئىزدەپ بارمىدىم ياكى ئىشك ئالدىدا چۈشۈپ يوقلاپ ئۆتمدىم. مەن ئۇنى ئاللىقاچان توي قىلىپ بولدى دەپ ئويلايتىم . بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تىلىفۇن قىلىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.
5
بىر ھەپتىدىن كىيىن راست دىگەندەكلا رازىيە ئۈرۈمچىگە كەلدى. مەن ئابدۇ قادىر بىلەن ئۇنى ئالغىلى ۋوگزالغا چىقتىم. بۇ بىر يەكشەنبە كۈنى بولۇپ ھاۋا ئوچۇق ئەمما تولىمۇ سوغۇق ئىدى. ھەممە يەر ئاپپاق قار بولۇپ مەن ھېلىمۇ توڭلاپ تۇراتتىم . ئابدۇ قادىر بولسا ماڭا قارىغاندا خېلىلا يېلىڭ كىيىنگەن، بوينىغا چاقماق گۈللۈك شارپا تاقىۋالغان ئۇزۇن پەلتۇ ، بېشىغا نوركا قۇلاقچا كىيۋالغان ئىدى. ئەمما ئۇ تىتىرىمەي تۇراتتى. چۈنكى ئۇ ئۈرۈمچىگە كەلگىلى ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت بولۇپ قالغان بولۇپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا يېنىپ چىققان . ھازىر بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا كۆنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ ھازىر خېلى زور بىر ئىگىلكنىڭ ئىگىسى ئىدى.
بىر دەمدىن كىيىن ئېغىر يۈك-تاقلارنى، سومكا -چامادانلارنى كۆتۈرىۋالغان كىشىلەر ئىچىدە رازىيە كۆرۈندى. ئۇنىڭ قولىدىمۇ بىر چامادان بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇچىسىدا يەنىلا يېشىل تەنتەربىيە كىيىمى، پۇتىدا تەنتەربىيە ئايىغى بار ئىدى.بېشىغا ئاق پوسما كىيۋالغان بولۇپ ئاغزىدىن ھور چىقىپ تۇراتتى.
بىز ئۇنىڭ ئالدىغا باردۇق.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدى ئۇ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ.بېشىنى سەل ئىگىپ، ئاۋۋال مەن بىلەن قول ئېلىىشىپ كۆرۈشتى. ئاندىن ئابدۇقادىر بىلەن باش لىڭشىتىپ كۆرۈشۈپ:
-مەن ئەلىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتكى ساۋاقدىشى رازىيە بولىمەن،-دىدى ئابدۇقادىر:
-مەن ئۇنىڭ يېقىن دوستى ئابدۇقادىر بولىمەن،-دىدى
ئۇ مەكتەپتىمۇ مەن بىلەن مۇشۇنداق كۆرىشەتتى. ھازىرمۇ ئۇنىڭ گەپ -سۆزى ۋە تەقى تۇرقىدا زادىلا ئۆزگىرىش بولمىغاندەك قىلاتتى.
   يىگىتلەر مېنى ئۆيۈڭلارغا باشلىمامسىلەر؟-دىدى ئۇ بىزنىڭ قېتىپ قالغىنىمىزغا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ.
-قېنى مەرھەمەت،-دىدى ئابدۇقادىر يېنىمىزغا كېلىپ توختىغان تاكسىنى شەرەت قىلىپ ئاندىن مېنىڭ قۇلىقىمغا << بولىدىغان قىزكەن. سەن كىتاپپۇرۇشنىڭ راستىنلا تەلىيىڭ بار ئىكەن >> دەپ قويدى. مەن چاماداننى ماشىنىغا باستىم
-ئاۋۋال تاماق يەيلى،-دىدى رارىيە،-تۈزۈك بىر نەرسە ئېلىۋالماپتىكەنمەن. قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. بىز بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئۈچ چىنە خۇيميەن بۇيرۇتتۇق. ئاندىن ئۇنى باشلاپ ئۇزۇنلىقى تۆت مىتىر، كەڭلىكى ئىككى مىتىرلىق بىر ئېغىز ئۆيۈمگە ئېلىپ ماڭدىم.
6
   مەن رازىيەگە ئايرىم ئۆي ئىجارە ئالماقچى بولدۇم لىكىن رازىيە:
-ياق سەن بىلەن بىللە تۇرىمەن ،-دەپ قەتئى تۇرىۋالدى.
-بۇنداق قىلساق بولمايدۇ،-دىدىم مەن ،-ئۆي كچىك ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل بىر ئۆيدە تۇرسا....
-پەقەتلا ئۆزگەرمەپسەن ئەلى،-دىدى رازىيە گېپىمنى بۆلۈپ ،-خاتىرجەم بول ، مەن ساڭا چاپلىشىۋالمايمەن.
-بولمىسا بىر موللامنى تېپىپ ئىككىڭلارغا نىكاھ ئوقۇتۇپ قوياي ،-دىدى ئابدۇقادىر،-شۇنداق بولغاندا ئىككىڭلار خاتىرجەم....
- بولدى قىلساڭچۇ،-دىدىم تىرىكىپ،-مۇشۇمۇ چاقچاق قىلىدىغان چاغمۇ؟
-چاقچاق قىلغىنىم يوق ،-دىدى ئابدۇقادىر،-راست دەۋاتىمەن. سىلەرمۇ كىچىك بالا ئەمەسقۇ؟مېنىڭچە،- ئۇ ئۆزىچە رازىيەنى مەندىن كۈنلەپ قالغاندى.
-بۇ ئىشقا كىيىن بىر نەرسە دەيلى. ھازىر مەن بۇ ئۆينى سەل ئىسكەتكە كەلتۈرەي،-رازىيە شۇنداق دەپ كونا گېلەم ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان كىتاپ، گېزىت -ژورنال، ئىشتان -پايپاق ، قالايمىقان دۆۋلەپ قويۇلغان يوتقان كۆرپىلەرنى بىر بۇلۇڭغا رەتلىك يىغىشقا باشلىدى.
-ئەمدى تۈگىشىپسەن،-دىدى ئابدۇقادىر قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئاندىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ،-ئەمسە مەن چىقاي، ھەقىچان ئىككى ساۋاقداشنىڭ دەيدىغان گەپلىرى يىغىلىپ قالدى،-دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
-ھەي سەن چىىقىپ كەتسەڭ مەن قانداق قىلىمەن؟-دىدىم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ:
-قارا بۇنى، قىز بالا چېغىدا غېمىدە يوق تۇرىۋاتسا ،  ئەھۋالغا قاراپ بىر ئىش قىلمامسەن؟-دىدى ئابدۇقادىر ۋە مەنىلىك ھېجايغىنىچە چىقىپ كەتتى.
-ئەمدى نىمىش قىلىمىز؟-دىدىم مەن قايتىپ كىرىپ تولىمۇ ئوڭايىسىز بىر ھالەتتە.
-مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ئەتە ئەتتىگەنگىچە ئۇخلايمەن،-دىدى رازىيە،-سەن نىمە ئىش قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل،-ئۇ سومكىسىنى ئېچىپ بىر تال كىرلىك ۋە بىر قۇر قىشلىق كىيىملىرىنى ئالدى. ئاندىن ئەمدىلا يىغىپ قويغان ئورۇن- كۆرپىلەر ئىچىدىن بىر تال كۆرپە بىلەن ياستۇقنى ئالدى،كۆرپىنى ئاستىغا ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرلىكنى سېلىپ بېشىغا ياستۇقنى قويۇپ  كىيملىرى بىلەنلا ياتتى. ئۆي ئىسسىق بولغاچقا ئۈستىگە ھېچ نەرسە ياپمىدى.
-ھە ماقۇل ، ئەمسە مەن كىتاپخانىغا بېرىپ كېلەي،-دەپ قويۇپ سىرىتقا ماڭدىم. تۇرۇپلا كۈلگۈم كېلەتتى. كەلگۈسى ئىشلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي يەنە خامۇش ھالەتكە چۈشەتتىم.
مەن ئۇنىڭ راستىنلا كېلىشىنى زادىلا ئويلماپتىمەن. ئەمدى راستىنلا باش قاتتى. كاللامغا قۇرۇق خىياللار تولۇپ كەتتى.
كىتاپخانىغا باردىم . لىكىن ئۇ كىتاپنى كۆرۈپ ، بۇ كىتاپنى ۋاراقلاپ زادىلا كىتاپ ئوقۇغۇم كەلمىدى.   ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى. مەن ئادەتتىكىدەك كوچا چىڭدىماي ئالدىراپ ئۆيگە ياندىم . چۈنكى ئەمدى ئىككى ئادەمگە مەسئۇل بولىشىم كېرەك ئىدى.
ئىشكنى ئىتتىرىۋىدىم ئېچىلمىدى. رازىيە ئىچىدىن تاقاپ قويغان ئىدى. ئۆيدىن مەززىلىك بىر پۇراق تارقايتى. مېنىڭچە بۇ كۆكنىڭ، سامساقنىڭ ماينىڭ پۇرىقى ئىدى.  مەن ئشىكنى ئۇردۇم.
-كىم ؟-دىدى رازىيە سەل بوشراق ئاۋازدا .
-مەن ئىشكنى ئاچ؟-دىدىم ئىشىك شۇ ھامان ئېچىلدى. رازىيە بېشىغا قىزىل گۈللۈك ياغلىق سېلىۋالغان، ئاق گۈللۈك پەرتۇق تاقىغان بولۇپ كۆزۈمگە باشقىچىلا يېقىملىق كۆرۈندى.
-ئۇخلايمەن دەۋاتمامتىڭ؟-دىدىم قولۇمدىكى گۆشنى ئۈستەلگە قويۇپ.
-سېنى ئىسسىق تاماق يىسۇن دىدىم. مانا قارا،- ئۇ كۆك چۈچۈرىسى ئەتكەن بولۇپ تاماق تولىمۇ ئوخشىغاندەك قىلاتتى. ئۆي بىر چىرايلىق رەتلىنىپ قالغان، تاملار پاكىز سۈرتۈلگەن، تاماق ئېتىشكە كېرەك بولىدىغان ھەممە نەرسە تەل بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلۇڭدا بىر خالتا ئۇن،بىر تۇڭ ياغمۇ تۇراتتى.
-ھەقىقى بىر ئۆيگە ئەمدى ئوخشاپتۇ،-دىدىم. ئۇ كۈلۈپ كەتتى.
ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بىرى تەرلەپ تۇرۇپ ئاش ئىچىۋىتىپ ئىچىمدە<< بۇ مۇ خۇدانىڭ رەھمىتى>> دىدىم.
  كەچتە رازىيە ئىككى مىتىر تۆرگە لىق بىر كەلگەن گېلەمنىڭ  ئۈستىگە سىم تارتىپ پەردە ئېسىپ ئۆينى دەل ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلدى.
-قايسى تەرەپتە ياتىسەن؟-دىدى ئۇ ،-ئوڭدىمۇ سولدا.
-ئوڭدا ياتاي،-دىدىم ئۆزۈم دائىم يېتىپ كېلىۋاتقان تەرەپنى تاللاپ. ئۇ يېڭىدىن ئالغان يوتقان كۆرپىلەرنى ماڭا سېلىپ بەردى. ئاندىن ئۆزى مېنىڭ مىزى چىقىپ قالغان كونا يوتقىنىمغا كىرلىكىنى قاپلاپ يېپىنىپ ياتتى.
  مېنىڭ تاكى يېرىم كېچىگىچە ئۇيقۇم كەلمىدى.  
7
    بىر يەردە ئىشلەي دەيمەن،- دىدى ئۇ ئەتىسى ئەتتىگەندە،-بۇنداق يېتىپ يەۋەرسەم ئېلىپ كەلگەن پۇلۇم بىر ئايغا قالمايلا تۈگەيدۇ.
- مەن ئابدۇقادىردىن سوراپ باقاي. ئۇ بىرەر ئىشنىڭ ئېپىنى قىلسۇن ،-دىۋىدىم ئۇ :
-بولدى ئۇنى ئاۋارە قىلمايلى،- ئۆزىمىز ئىش تاپايلى. بۇ يەردە بوش تۇرساق جان باققىلى بولمايدۇ.
-بولىدۇ،-دىدىم،-قېنى قاراپ باقايىلى،  بۇ ئۈرۈمچىدە بىزنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟
   شۇنداق قىلىپ بىز ئۆيدىن چىقتۇق. لىكىن چۈشكىچە ئىش ئىزلەپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئىش تاپالمىدۇق. كۆپىنچە ئاشخانىلاردا قاچا يۇيغۇچى ئالىدىغانلىق ئېلانى چاپلاقلىق تۇراتتى. ئۇ ئىش زادىلا كۆڭلۈمگە ياقمىدى. چۈشتە ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىپ يەنە ئىزدىدۇق. شۇنداق قىلىپ كەچ كىرگەندە ھېچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەي ئۆيگە قايتپ كەلدۇق. لىكىن ئۇ تولىمۇ روھلۇق  ھەم خۇشال بولۇپ ئىش تاپالمىغىنىدىن قىلچىمۇ ئاغرىنغاندەك ئەمەس ئىدى.
-نىمە تاماق يەيسەن؟-دىدى ئۇ ،-بۈگۈن خېلىلا چارچاپ كەتتۇق. ئۆزىمىزنى ئوبدان بىر مىھمان قىلايلى.
-سەن بەكلا خۇشالغۇ؟ خۇددى ئالتۇن تىپىۋالغاندەك ،-دىدىم ئاياغلىرىمنى سېلىۋىتىپ:
-سەن بىلەن يانمۇ-يان يۈرسەملا ھەر كۈنى مۇشۇنداق يۈرۈشكە مەن راز،-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
-ھەر كۈنى بۇنداق يۈرسەكقۇ ئوبدان بولاتتى،-دىدىم،- لىكن-زە بۇ قورساق دىگەن نەرسە ھەركۈنى ئۈچ قېتىم ئاچىدۇ-دە.
-سەن ئۇنىڭدىن غەم قىلما. سەن بىلەن بىللە ياشاپ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتسەممۇ كۈلۈپ تۇرۇپ جان بېرىمەن،-دىدى ئۇ سەن مېنى قېشىڭدىن قوغلىمىساڭلا بولدى.
مەن جىمجىت ئولتۇرۇپ قالدىم.
-نىمە بولدى. بېشىڭ چۈشۈپ كەتتىغۇ؟-دىدى رازىيە،-ئەگەر مېنى كەتكۈزىۋىتىدىغان بولساڭ، باشقا ياققا كېتىمەن جۇمۇ؟
-ياق سېنى كەتكۈزىۋەتمەيمەن،-دىدىم،-لىكىن ئاتا-ئاناڭ سەندىن ئەنسىرەپ قالىدىغان بولدى.
-بۇنىڭغا مېنىڭمۇ ئامالىم يوق. ئۇلار مېنى ئۆزۈمدىن نەچچە ياش چوڭ ، تېخى ئىككى بالىسى بار بىرىسىگە تېگىسەن دەپ مەجبۇرلىمىغان بولسا مەنمۇ ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلمايتىم،-دىدى.
-ئۇلار نىمىشقا ئۇنداق قىلىدۇ؟-دىدىم ھەيران بولۇپ،-سەن تېخى ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن تۇرساڭ، ياكى بىرەر ئەيىبىڭ بولمىسا؟
-شۇنداق مېنىڭ ھېچقانداق ئەيبىم يوق. ئەمما باشقىلار ئۇنداق قارىمايدۇ. ئەسلىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم . بۇنى سەنمۇ بىلىسەن ،كيىن ئۈرۈمچىدىكى بىر مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى. لىكىن دادام قىز بالىنى ئوقۇتۇپ قانداق قىلاتتىم. كادىر بولسىمۇ پايدىسىنى خەق كۆرىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆزۈمدە تۇرسۇن. ئېپىدىرەك بىر يەردىن لايىق چىقسا تويىنى قىلىىپ قويسام ئاللاھنىڭ پەرزنى ئادا قىلغان بولىمەن. ئاندى ئۆلسەممۇ خاتىرجەم كۆز يۇمىمەن دەپ ئوقۇتمدى ،ئۆيدە بىر يىل ئولتۇردۇم. <<ناھىيدە تۇرغان، ئىش كۆرگەن، يامان>> دەپ ھېچكىممۇ مېنى سوراپ ئىشك ئالدىمىزغا كەلمىدى. ھېچكىممۇ مەن بىلەن ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىنى خالىمىدى. بەزىلەر يولدا ئۇچراپ لاۋزا گەپلەر بىلەن زىتىمغىمۇ تەگدى.  بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ خاتالىقىم ئەمەس ئىدى، لىكىن دادام ماڭا ئوبدانلا تەتۈر قاراپ يۈردى. ئۇنىڭچە بولغاندا مەن ئۇنىڭ يۈزنى تۆككەن ئىدىم. قانداق قىلارىمنى بىلمەي تۇرغاندا يېشى ئوتتۇزلارغا يەتكەن، ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن ئىككىلا خوتۇنىدىن بىردىن بالىسى بار بىرىدىن ئەلچى كەلدى. بۇ ئەلچىگە ئانام رازىلىق بەرمىدى ئەمما دادام<< بەرسەك بېرەيلى، رىسقى قوشۇلغان بولسا ئۆي بولۇپ قالار. بولمىسا باشقا كەلگىنىنى كۆرەرمىز>> دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. ئەسلىدە ھېلىقى ماڭا لايىق بولغان كىشى بىر ھاراقكەش ئىكەن، ئۆزۈڭ بىلىسەن، مەن ھاراقكەش، بەڭگىلەرگە شۇنچىلىك ئۆچ، لىكىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تولىمۇ باي كىشىلەر بولغاچقا تويلۇقنى ھەسسىلەپ بېرىشكە رازى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دادام ئاسانلا ماقۇلغا كەپتۇ. باشتا قوشۇلمىغان ئاناممۇ پۇلىنىڭ ئېتىنى ئاڭلاپ قوشۇلۇپتۇ.  مەن بۇ ئشىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك يىغلىدىمكى بىر كۈن ئچىدىلا ئورۇقلاپ بىر تىرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ قالدىم. ئاكىلىرىممۇ دادامغا يالۋۇرۇشتى. ئەمما ئۇلار زادىلا ئاڭلىمدى.  ئەلچىلەر ئۆيگە نەچچە قېتىم كەلدى. تويلۇقلارمۇ ئېلىپ كېلىندى. شۇ چاغدا مەن يوشۇرۇنچە سېنىڭ يۇرتۇڭغا باردىم، باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ ئۆيۈڭنى تاپتىم. بۇ يەرگە كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ ، ئىگەم ماڭا بىر چىقىش يولى بەرگەن ئوخشايدۇ دىدىم. ئاندىن ئەتە توي خېتى ئالغىلى بارىمىز دىگەن كۈنى كەچتە ئۆيدىن قېىچىپ چىقتىم.  پويىز بېلىتى ئالدىم. ئاخشىمى مىھمانخانىدا يېتىپ سەھەردە تۇرۇپلا بۇ ياققا ماڭدىم . بولغان ئەھۋال مانا شۇ..،-ئۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
-بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما،-دىدىم ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ،-ئەمدى ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى. لىكىن-زە ئۇلار ئىزدەپ كېلىپ قالسا قانداقمۇ قىلارمىز؟
-كالۋا، سېنىڭ كاللاڭ كىتاپ ئوقۇشتىن باشقا نەرسىگىمۇ ئىشلەمدۇ؟ ئۇلار بۇ يەرگە كەلگىنىمىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ. مەنمۇ بۇ توغرىلىق دوستۇم گۈلىشەندىن باشقا ھېچكىمگە تىنمىغان.  ئۇ ئۆلسىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىزدەپ كەلسىمۇ قانداق قىلاتتى. ئۇلار بىزنىڭ بۇنداق تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى قانداق بىلسۇن؟-ئۇ ئىككىگە ئايرىلغان ھوجرىنى شەرەت قىلدى. بىز بىردىنلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
-راست ،تۈنۈگۈن كۈندىلىك خاتىرەڭنى كۆرۈپ قالدىم. تىل ئۈگىنىش ئارزۇيۇڭ بارلىقىنى يېزىپسەن بۇ راستمۇ؟-دىدى رازىيە.
-سەن قانداقسىگە؟...
-ياق.ياق مەن كىيىملىرىڭنى يۇيۇپ قوياي دەپ ئويلىغان كىيىملىرىنڭنىڭ ئارىسىدىن خاتىرەڭ چىقىپ قالدى شۇ...
-ھەي ... ئەسلىدە شۇنداق ئارزۇيۇم بار ئىدى. لىكىن جان بېقىش كويىدا چولۇم تەگمەي قالدى.
-دىمەك شارائىت بولسا ئوقۇيدىكەنسەن-دە،-دىدى رازىيە.
-ئەلۋەتتە ئوقۇيتىم،-دىدىم،-مەن ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا يول يوق.
-ئۇنداقتا سەن ئوقۇ، مەن ئىشلەي، سېنىڭچە قانداق؟
-ساراڭ بولۇپ قالدىڭمۇ، ياكى قىزىپ قالدىڭمۇ ، سېنىڭ ئىشلىگەن پۇلۇڭغا مەن ئوقۇمدىم،- مەن ھەيران قالدىم.
-ياق ساراڭ بولۇپ قالغىنىم يوق، سەن كىتاپنى كۆپ ئوقۇيسەن، يېزىقچىلىقتىن ئوبدانلا خەۋىرىڭ بار. ئازراقلا تىرىشساڭ چوقۇم ئۇتۇق قازىنىسەن. شوڭا ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەيلى. بۇ يەردە سەرسان بولغىنىمىزنىڭ بىر مەنىسى بولسۇن،-دىدى رازىيە،
-بۇنداق قىلساق بولمايدۇ،-دىۋىدىم ئۇ:
-بولمايدىغان نىمىسى بار. بولدى ئەمدى ئارتۇق گەپ قىلىشمايلى،-دىدى.
-لىكىن سەن نىمە ئىش قىلىسەن. نەدىن ئىش تاپىسەن؟دىدىم.
بۇنىڭدىن سەن خاتىرجەم  بول. مەن قانداقلىكى ئىش قىلسام بولىۋىرىدۇ. ئەڭ ئاسانراق تاپقىلى بولىدىغان ئىش ئاشخانىدا ئىشلەش ئوخشايدۇ.
-قەتئى بولمايدۇ،-دىدىم ،-ئاشخانىنىڭ ئىشى بەكلا تەس. ساڭا ئېغىر كېلىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن. بەلكى بىرەر تاللا بازىرى بولامدۇ . شۇنداقراق يەرلەردە ئىشلىسەڭ قانداق بولاركىن؟
-قېنى ئەتە بىر گەپ بولسۇن،-دىدى ئۇ تىزلا ۋە تاماققا  تۇتۇش قىلدى.
مەن ئۇنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەم ھەيران بولدۇم. ھەم ئارقسىدىن بىرەر ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىنى ئويلاپ قورقۇپمۇ قالدىم.
8
  ئەتىسى ئەتتىگەندە بىز يەنە ئىش ئىزدىدۇق. بىر ئاشخانىغا قاچا-قۇچا يۇيغىلى خادىم ئالىدىكەن. رازىيە ئېلاننى كۆرۈپلا ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى.
-خوجايىن ئادەم ئالىمىز دەپتىكەنسىلەر، مەن ئىشلەپ باقاي دىگەن،-دىدى ئۇ  ئىشكتىن كىرىپلا پۇل يىغىش پۇكىيىدە ئولتۇرغان 50 ياشلاردىكى بادام دوپپىلىق، سالاپەتلىك ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ -مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاشخانىغا كىردىم.
-ھەئە قاچا يۇيىدىغان بىر خادىم ئالىمىز،-دىدى ھېلىقى كىشى ئاندىن ماڭا قاراپ بۇ كىم دىگەن مەنىدە رازىيەگە قاراپ قويدى.
-بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ. ئوقۇغۇچى ،-دەپ تونۇشتۇردى رازىيە مېنى . مەن ئۇ كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ سوسقىنە كۈلۈمسىرەپ كۆرۈشتۈم.
-ھە قىزىم قاچاندىن باشلاپ ئىشقا چۈشىسىز؟-دىدى ھېلىقى خوجايىن.
-ئىش ھەققىمدە كېلىشەلىسەكلا ئەتە ئىشقا چۈشسەممۇ بولىدۇ،-دىدى رازىيە،- ئىش ھەققىمگە نەچچە پۇل بېرىسىلەر؟
-2000 يۈۋەن بېرىمىز،-دىدى خوجايىن ياخشى ئىشلىسىڭىز، مۇئاش قوشۇپ بېرىمىز . سىزچە قانداق؟
-بولىدىكەن،  مەن ئەتە ئەتتىگەندە كېلىمەن ئەمسە؟-دىدى رازىيە ئاندىن ماڭا قاراپ ،-يۈرە ئەمدى سېنىڭ ئىشىڭنى ھەل قىلايلى،-دىدى.
-ھەي قىزىم توختاڭ،-دىدى خوجايىن،-ياتاق لازىممۇ ياكى ئۆيۈڭلار بارمۇ؟
-ئۆيىمىز بار. سىزگە رەھمەت ،-دىدى رازىيە .
شۇنداق قىلىپ بىز چىقىپ كەتتۇق.
بىز بىر تىل ئۈگىتىش مەكتىپىگە تىزىمغا ئالدۇردۇق.  رازىيە ئۈچ ئايلىق ئوقۇش پۇلىنى ئالدىن تۆلىدى. قايتىپ چىقىپ تاماق يىدۇق. ئاندىن ئۈچتاش باغچىسىغا باردۇق. مارىت ئايلىرى كىرىشكە ئازلا قالغان بولسىمۇ ھاۋا يەنىلا سوغۇق ئىدى. كۆلدىكى مۇزلار تېخىچە ئىرىمىگەن ئىدى. ھاۋا ئوچۇق، سوغۇق شامال يۈزلىرىمىزگە سانچىلاتتى. رازىيە تولىمۇ خۇشال ئىدى. ئۇ كۈلۈپلا تۇراتتى. شامال ئۇنىڭ چاچلىرنى سىلايتى. ئويماقتەك ئاغزىدىن ھور چىقاتتى.
مەن ئۇنىڭ تولىمۇ ئوماق بىر قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم. لىكىن مەن نىمشقىدۇر ئانچە خۇشال ئەمەس ئىدىم. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە ئۈنسىز قاراپ تۇراتتىم. ئۇ كۆلىنىڭ نىرىسىدىكى سۆگەتلەرگە، تېخىمۇ يىراقتىكى تاغلارغا ، كۆكتە ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە قاراۋاتاتتى مەن بوش ئاۋازدا:
-رازىيە ، سەن جاپا تارتىپ كىتىسەن. مەنمۇ ئوقۇماي، سەنمۇ ئىشلىمىگىن، ئۆيدە ئولتۇر، مەن ئىشلەپ سېنى باقاي،-دىدىم.
-نىمانداق كەيپىمنى ئۇچۇرىسەن؟-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- بولدى ئارتۇق گەپ قىلماي بۇ مەنزىرلەرنى تاماشا قىل.
خاتىرجەم بول. سەنمۇ بىكار تۇرمايسەن، مەن زىرىككەن چاغلىرىمدا قېشىمدا تۇرۇپ ماڭا كىتاپ ئوقۇپ بېرىسەن. بۇ يەرگە ئويناتقىلى ئەككلىىسەن. ئەڭ مۇھىمى ياخشى  ئوقۇيسەن.
  ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇ ئۆزىگە ئازلا پۇل قالدۇرۇپ قويۇپ قالغان پۇللىرىنى ماڭا بەردى.
-مېنىڭ يەيدىغىنىم بار بولغاندىكىن ماڭا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ. بۇ پۇلنى سەن يېنىڭغا سېلىپ قوي.
-ئۇنداق قىلما،-دىدىم. مېنى خىجىل قىلىۋاتىسەن؟
-نىمىگە خىجىل بولاتتىڭ ؟ سەن دىگەن مېنڭ ئاكام ،-دىدى ئۇ. سەن پەقەت ئوقۇشنى بىلسەڭلا بولدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. مەن مەكتەپكە ماڭدىم. مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئىشلار بىر چۈش ئىدى. ئويغىنىپ كەتسەملا قاراڭغۇ، زەي ئۆيدە قورسىقىم ئاچقان ھالدا ئورنۇمدىن تۇرۇشۇم مۆمكىن ئىدى. مەن تۆت سائەت دەرسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئۇ ئىشلەۋاتقان ئاشخانىغا باردىم.
-رازىيە، ئاكىڭىز كەلدى،-دىدى خوجايىن ئىچىگە قاراپ،-بىر كەمدىن كىيىن رازىيە يۈگىرەپ چىقتى. ئۇ تەرلەپ كەتكەن ئىدى. مەن بولسام سوغۇق دەستىدىن توڭلاپ كەتكەن ئىدىم.
- نىمە تاماق يەيسەن؟-دىدى ئۇ ،-ھەقىچان قورسىقىڭمۇ ئېچىپ كەتكەندۇ؟
-ياق قورسىقىم ئاچمىدى، سېنى نىمە قىلىۋاتىدىكىن دەپ كۆرگىلى كىردىم.
-مانا كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئىشىم تولىمۇ ئاسان،-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،-خۇددى ئوينىغاندەكلا بىر ئىش. بىر چىنە لەغمەن كەلتۈرەيمۇ؟
-بوپتۇ ئەمسە،-دىدىم. ئۇ تاماقنى ئەپكېلىپ ئالدىمدا قويدى. ئاندىن ماڭا قاراپ تۇردى.
-قىزىم سىزمۇ تاماق يەۋېلىڭ،-دىدى خوجايىن،-قورسىقىڭىزمۇ ئېچىپ كەتتى ھەقىچان.
-ياق ئانچە ئېچىپ كەتمىدى،ل-دىدى رازىيە،- مەن ئاكامنىڭ يىگىنىگە قاراپ ئولتۇرساملا بولدى.
-شۇنداق بولسىمۇ يەڭ،-دىدى خوجايىن،- بالىلار رازىيە قىزغا تاماق سېلىپ بېرىڭلار.
  رازىيەمۇ قېشىمدا ئولتۇرۇپ تاماق يىدى. مەن ئۇنىڭ قانداق قىلىپ يېرىم كۈن ئىچىدىلا خوجايىننىڭ شۇنچە ياقتۇرشىغا ئىرىشكەنلىكىنى زادىلا بىلەلمدىم. مەن قايتىپ چىققان چاغدا ئۇ كۈلۈمسىرەپ ئۇزىتىپ قالدى. مەن كىتاپخانىغا كەتتىم  ئۇ يەنە تەخمىنەن ئون سائەتتىن كىيىن ئاندىن ئىشتىن چۈشەتتى.
كەچتە ئۇ قايتىپ كەلدى. تولىمۇ ھارغىن كۆرۈنەتتى. ئەمما خۇشال ئىدى.
-بەك جاپالىقمىكەن، بولدى ئىشلىمىگىن ،-دىدىم ئۇنىڭ ھارغىن ھالىتىگە قاراپ.
- ياق. ئانچە جاپالىق ئەمەس، مەن چىدىيالايمەن،-دىدى ئۇ،- لىكىن پايپىقىم ھۆل بولۇپ مىچىلداپ كەتتى. ئۇ شۇنداق دەپ ئايىغىنى سالدى. ئۇنىڭ پۇتلىرىغا قاچا يۇيغان سۇلار تۆكۈلۇپ پايپىقى ھۆل بولۇپ كەتكەن، قوللىرىمۇ ئاپئاق چاۋىرىپ كەتكەن ئىدى. دىمەك ئۇنىڭغا سۇ زىيان قىلغان ئىدى.
-سۇ قوللىرىڭغا زىيان قىلىپتۇ. بولدى ئىشلىمىگىن،-دىۋىدىم. ئۇ :
-تېخى ئەمدىلا باشلىدىم ، بىر نەچچە كۈن كۆرۈپ باقمايمەنمۇ؟- دىدى . ئاۋۋال مېنىڭ ئورنۇمنى سېلىۋىتىپ ئاندىن ئۆزىگە ئورۇن سېلىپ ياتتى. شۇ ئاخشىمى مەن ئۇنىڭ ئۆرۈلمەي يېتىپ تاڭ ئاتقۇزغانلىقىنى بىلدىم. ئاشخانىنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ئىدى.
9
  ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئاپىرىل ئاخىرلىشىپ ماي ئايلىرى كىرىشكە ئاز قالدى. ھاۋامۇ تەدىرىجى ئىللىشقا باشلىدى. دەل-دەرەخلەر كۆكىرىپ بۇ سوغۇق شەھەرگە يېڭى تۈس قوشتى.
-ئەتە ئويناپ كېلەيلى،-دىدى رازىيە،-ئۇلار ئىش ھەققىمنى بەردى. ھەم بىر كۈن دەم ئېلىشمۇ بەردى.
-بولىدۇ، نەگە بارىمىز،-دىدىم. مەنمۇ خوش بولۇپ،
-سەن نەگە دىسەڭ شۇ يەرگە بارايلى،-دىدى ئۇ،-سەن بىلەن بىللە بولساملا نەگىلا بارسام ئوخشاش.
-كىتاپخانىغا بارايلى، بازار ئارلايىلى،-دىدىم ،-يەنە ساڭا بىر قۇر كىيىم ئالايلى، ئەڭ ياخشىسى تەنتەربىيچە كىيىم بولسۇن،- بۇ ئەملىيەتتە ماڭا كىيم ئالايلى دىگىنىم ئىدى.
-ساڭىمۇ ياراشتۇرۇپ بىر قۇر كىيىم ئالايلى . سالاپەتلىك بولۇپ كەتكىن ،-دىدى ئۇ كۆڭلۈمىنى چۈشەنگەندەكلا.
-بولىدۇ،-دىدىم ئۇ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتتى.  شۇ چاغدىلا مەن ئۇنى نىمىشقا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ئويلاشقا باشلىدىم. لىكىن زادىلا چويلىدا توختىغىدەك سەۋەپتىن بىرنى تاپالمىدىم.  نۇقسانسىز گۈزەللىك، ئاقكۆڭۈللۈك ۋە قەيسەرلىك ئۇنىڭدا يەتكۈچە بار ئىدى. شۇنداقلا ئۇ ھازرىمۇ مەن ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىۋاتاتتى.  
   مەن بىردىنلا ئۇنى قۇچاقلاپ ئەسەبىلەرچە سۆيۈپ كەتتىم. كىيىن مەن ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم. ئۇ سول تەرىپمدە چىمىلدىقنىڭ ئارقىسىدا يېتىپ تۇرۇپ مىشىلداپ يىغلىدى. مېنىڭچە بۇ خۇشاللىق يېشى ئىدى. مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنى ئازاپلىغىنىمىنى ئويلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. تۇيۇقسىزلا رازىيەنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنى ئىزلەپ كەلمىگەنلىكىگە ھەيران بولدۇم. رازىيە تېخىچە ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى. مەن نىمە دىيىشمنى بىلمەي جىمجىت يېتىپ ئۇنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىدىم.
ئەتىسى ئەتتىگەندە بىز ئاۋۋال تاماق ئېتىپ يەۋالدۇق. ئاندىن خۇشال خورام ھالدا كىتاپخانىغا باردۇق. چۈشكىچە كىتاپ كۆرۈپ ئاندىن قايتىپ چىقتۇق. خەلىقارا چوڭ بازار ئالدىدىن بىر قۇردىن كىيىم سېتىۋالدۇق. تاكى كەچ كىرگىچە ئويناپ ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى غەمسىز يەكشەنبىنى ئۆتكۈزدۇق. كەچتە خانساراي كىنو خانىسىدا ھىندىستاننىڭ ئۈچ ئەخمەق دىگەن كىنوسىنى كۆردۇق. بۇ كىنو ھەم كۈلكىلىك ھەم تولىمۇ تەسىرلىك ئىدى. ئۇ مۈرەمگە بېشىنى قويۇۋالغان ئىدى. مەن چەكسىز بىر بەخىتتىن ھوزۇرلاندىم.  كەچتە مەن ئارىمىزدىكى توسۇق پەردىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدۇم . ئەمما رازىيە قولۇمنى تۇتىۋالدى.
-ئۇنداق قىلما ، بۇنىڭ مۇشۇنداق تۇرغىنى ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ياخشى،-دىدى. شۇ ئاخشىمى مەن ئۆزۈمدە تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قارىتا ئىنتىلىش تۇيغۇسى بولىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. ئۆزۈمنى ھەر قانچە ئۇيغۇغا زورلساممۇ كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس. مەن ئاخىرى پەردىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتتۈم . دىرىزىدىن چۈشكەن ئاي نۇرى ئۇنىڭ يۈزى ۋە خۇددى كېچىلىك ئاق كۆينىكىنى ئوبدانلا كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆكسىگە چۈشكەن ئىدى. رازىيە يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ تاتلىق ئوخلاۋاتاتتى.  شۇ چاغدا نەپسىمنىڭ ئىتتىكلەپ كەتكەنلىكىنى سەزدىم. يۈرىكىم خۇددى ئوغىرىلىق قىلىۋاتقاندەك گۈپۈلدەيتى. تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتەك قىزىزق بەدىنىنى سىلىدىم. ...
رازىيە يىغلىمىدى. ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدى. ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا:
-خوش كەچتە كۆرۈشەيلى ،- دەپ چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى يۈرىكىدىكى چەكسىز ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا جىمجىت قاراپ تۇردۇم. ئاندىن ئىشىككە قۇلۇپنى سېلىپ سالپايغان پېتى مەكتەپكە ماڭدىم. مەكتەپكە كېلىپمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھېچقايسىىسى بىلەن كۈندىكىدەك قىزغىنىلىق بىلەن سالاملاشمدىم. چاقچاقمۇ قىلىشمىدىم. كاللامغا دەرسمۇ كىرمىدى . يۈرىكىمنى بىر خىل پۇشايمانلىق تۇيغۇسى ئىگەللىۋالغان ئىدى. بىردىنلا رازىيەنى قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىمىنى چۈشىنىۋاتاتتىم. كاللامغا شۇنداق خىياللار كەلدى. ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم ئاخشام ئۇنىڭغا نىمشقا چېقىلدىم. ئۇ خۇددى نىيىتىمنى بىلىپ قالغاندەك نەچچە قات ئىشتا كىيىۋالغان ئىكەن، مېنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغىنىمىنى كۆرۈپ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ كەتتىغۇ ،  گەرچە ئاۋاز چىقارمىغان بولسىمۇ كۈچىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلدىغۇ،
نىمىشقا شۇچاغدا بولسىمۇ ئۆزۈمنى توختىتىۋالالمىغاندىمەن، ھەي. ئەمدى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرىنى قانداق چىقىرارمەن؟
  شۇنداق قىلىپ بېشىم ساڭگىلاپ كەتتى. كەچتە ئۆيگە قانداق كىرىدىغىنىمىنى، ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارايدىغىنىمىنى ئويلاپ كەتتىم.ھەتتا ئۆيگە قايىتماسلىقنىمۇ ئويلىدىم. ئەمما ئۇنداق قىلالمايتىم. چۈنكى ئۇنداق قىلسام بەلكىم رازىيە تېخمۇ ئازاپلىنىپ كېتىدۇ.
مەن يەنە بۇ ئىشتا بەلكىم ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىم يوق بولشىمۇ مۆمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مەن بىر پۈتۈنسۈرۈك ئەركەك. رازىيە بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن قورقماستىن بىر ئۆيدە تۇردى. جاھاندا بەز يىمەيدىغان مۈشۈكنىڭ يوقلىقىنى ، ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغىنىنى ئۇ بىلمەمدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلىدىم يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمى ئاقلايدىغان بىر مۇنچە باھانىلەرنى تاپقان بولدۇم. ئۇنىڭغا بولغان ھېسداشلىق تۇيغۇممۇ ئۆزۈمدىكى گۇناھكارلىق تۇيغۇسىمۇ سەل پەسلىگەندەك بولدى. مەن ھەتتا رازىيە خاپا بولغان بولسا يۇرتقا قايتىپ كەتىسىمۇ بولىۋىرىدۇ دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپل قويدۇم.
  نەچچە كۈنىلەر ئۆتتى. رازىيە ماڭا ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى. لىكىن ھەر قانچە قىلسىمۇ چىرايىدىكى پەرىشانلىقنى يوشۇرۇپ قالالمايۋاتاتتى. بەزىدە مەن ئۇنىڭ كېچىچە ئۇخلىماي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ تاڭ ئاتقۇزىۋىتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدىم. ھەتتا ئۇنىڭدىن<< كەچۈرگىن، مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي قاپتىمەن>>دىگەن گەپلەرنى قىلىپ بولسىمۇ كەچۈرۈم سورمىدىم. ياكى ئۇنى ھالال نىكاھىمغا ئېلىشنىمۇ ئويلىمىدىم. ئاشخانىغىمۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ بارمايدىغان بولدۇم.
رازىيە ئۆزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەت نەرسىسىدىن ئەنە شۇنداق  ئايرىلغان بولدى. ئەمما ئۇ مەن ئويلىغاندىنمۇ چىداملىق ئىدى. ئۇ ماڭا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى. ياكى ئەمدى قانداق قىلىمىز دىگەن مەنىدە كۆزلىرىمگە تىكىلىپمۇ قارىمدى. ھەر كۈنى كەچتە ئاشخانىدىن كېلىپ ئۆيدە قىلغۇدەك ئىشلار بولسا قىلاتتى. كىيىملىرىم كىر بولغان بولسا يۇياتتى. ئۆينى تازىلايتى. رەتلەپ يىغىشتۇراتتى.  ئەمدىلىكتە مەن ئۇنىڭ پۇشايمان قىلىغان قىلمىغانلىقىنى ئويلاشقا باشلىدىم. مەن جىمجىت ھالدا ئۇنىڭ ھەركىتىنى تاماش قىلاتتىم.
يەنە بىر ئاي ئۆتۈپ ئۈرۈمچى ياپيېشىل تۈسكە كىرىپ ئۆزنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى. رازىيە يەنە بىر قېتىم ئىش ھەققىنى ئېلىپ ماڭا تۇتقۇزدى. شۇ تاپتا مەن قولۇمدا پۇل ئەمەس، بەلكى بىر سىقىم چوغنى تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتىم. كىيىن بۇ پۇل بارا-بارا ئېغىرلىشىپ ھەتتا قولۇم كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە يەتكەندە مەن پۇلنى گېلەم ئۈسىتىگە تاشلىۋەتتىم.
-نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟-دىدى رازىيە،-پۇل دىگەن ئوغۇل بالىغا ھەر قاچان لازىم بولىدۇ. يېنىڭغا سېلىپ قوي.
-رازىيە مەن ساڭا تىزلىناي،-دىدىم ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ،-ئەمدى مېنى بۇنداق قىينىمىغىن، مەن چىدىمىدىم.
-نىمە بولدى؟-دىدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،- مەن بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويدۇممۇ؟
-ياق. سەن ھېچنىمىنى خاتا قىلمىدىڭ، ئەمما ئەمدى بۇ پۇلۇڭنى ئالالمايمەن. ھەم مەكتەپتىمۇ ئوقۇمايمەن. مېنى خىجىل قىلما،-دىدىم.
-نىمانداق ئارتۇق سۆزلەيسەن، بولدى پۇلنى مەن يېنىمغا سېلىپ قوياي،لازىم بولغاندا ساڭا ئالارسەن،-دىدى رازىيە،-يۈرە ئويناپ كېلىمىز.
بىز يەنە ئۈچتاش باغىچىسىغا باردۇق. كۆلدىكى مۇزلار ئىرىپ بولغان ئىدى. باغچا ئىچى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان،نۇرغۇن ئويۇنچۇق تۈرلىرى بار ئىدى. ھەممە يەردە ياپيېشىللىق ھۆكۈم سۈرەتتى. يالغان سېپىلنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئورمانلىق خۇددى كىنولاردىكىدەكلا چىرايلىق ئىدى. بىز بۇ يەردە ئېلىۋالغان ئەدىيالنى سېلىپ قويۇپ، ئېلىپ كەلگەن مىۋە-چىۋىلەرنى، نانلارنى يىدۇق. ئاندىن قاتارلىشىپ كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ياتتۇق. كەچ كىرىشكە باشلىغاندىلا ئاندىن قايتىپ كەلدۇق. رازىيە ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۈپ كەتكەندەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.
مۇئەللىم ھەممىمىزنى ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئېلىپ بارىدىغان بولدى. تاماق يىيىش ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھەر بىرەيلەندىن 200 يۈۋەندىن پۇل يىغىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. كەچتە مەن بۇ ئىشنى رازىيەگە ئېيىتتىم.
-ياخشى ئىشكەن،-دىدى رازىيە،- ھېرىپ چارچىغاندا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئارام ئېلىش يوق. مانا پۇل،-  ئۇ شۇنداق دەپ ھېلىقى كۈندىكى پۇلنى ئالدىمغا قويدى،-ئۆزۈڭ خالىغانچە ئىشلەت.
مەن بەش يۈز يۈۋەننى ئېلىپ قالغىنىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم.
-كۆپرەك ئېلىۋال، ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا چېنىپ قالساڭ بولمايدۇ،-دىدى ئۇ قالغان پۇلنى يانچۇقۇمغا سېلىپ قويۇپ. مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
بىز بىللە ئۆيدىن چىقتۇق. ئۇ ئاشخانىغا ، مەن مەكتەپكە يول ئالدىم. كاللام گاراڭلىشىپ كەتتى. مېنىڭچە ھازىر رازىيە ئىككىمزىنىڭ تۇرمۇشتىكى ئورنى ئالمىشىپ قالغاندى. تۇرۇپلا مەن ئۆزۈمنىڭ ئەركەكلىكىدىن شۇنداقلا رازىيەنىڭ قىز ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالدىم. ھەر ئىككىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز، ھەتتا ئوي -خىياللىرىمىزمۇ ئالمىشىپ قالغاندەك تۇراتتى.
كەچتە مەن ئۇنىڭغا بىر تال ئەتلەس كۆينەك ۋە بىر تال گېلەم دوپپا ئالغاچ كەلدىم. ئاندىن ئۇنىڭ خۇددى دادىسىدىن ھېيتىلق ئالغان قىزلاردەك خۇشال بولۇپ كەتكەن ھالىتىنى تاماشا قىلدىم. ئۇ كۆينەكنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قارايتى. ئۆزىگە چاغلاپ باقاتتى. كۈلكىدىن ئاغزى يۇمۇلماي كەتتى. مەن ئۇنى يالغاندىن خۇشال بولىۋاتقانمىدۇ دەپ شۇنچە قاراپمۇ ئۇنىڭ ھەركىتىدىن ياكى چىرايىدىن ھېچقانداق ساختىلىقنى بايقىمىدىم. ئاندىن ھەي... دىگىنىمچە بېشىمنى چايقىدىم.
ئۇ كۆينەكنى كىيىپ بېقىۋىدى. خۇددى ئۆلچەپ تىككەندەكلا دەل كەلدى. دوپپىنىمۇ بېشىغا كىيۋالدى. ئاندىن چاچلىرىنى ئويناپ تۇرۇپ:
  -قانداق، ياراشتىمۇ،-دىدى.
-بەك ياراشتى،-دىدىم مەنمۇ بېشىمنى چايقاپ تۇرۇپ، -ئېچىلىپلا كەتتىڭ. شۇنداق قىلىپ رازىيەنى ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن خوش قىلغان بولدۇم.
10

مەن ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىپ كەتتىم . گەرچە تىلىفۇندا پات-پاتلا كۆرۈشۈپ تۇرغان بولساقمۇ بۇ سېغىنش زادىلا بېسلىمدى. مەن ئۆيدىن ئايرىلغىلى بەش ئايدىن ئېىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇندىن بۇرۇن ئۆيدىن بۇنچە ئۇزۇن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدىم.
  ئۆيگە قايتىشنى ئويلىۋىدىم . خۇددى بېشىمغا بىر تاغ يىقىلغاندەك بولدى.  ئەگەر رازىيەنى بۇ يەردە قويۇپ كەتسەم ئۆمۈر بويى ۋىجدان ئازابى تارتىشىمغا توغرا كېلەتتى. چۈنكى ئۇ بۇ يات شەھەرگە پەقەت مېنى دەپلا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ھەتتا ئۇنىڭ غورۇرنى يەرگە ئۇرغان بولساممۇ مېنى تاشلاپ كەتمدى. ئۇ مېنى دەپ ھاياتىدىكى ئەڭ زور قۇربانلىقنى بەرگەن ئىدى. بۇ ھالەتتە ئۇنى تاشلاپ كەتسەم ئۆزۈممۇ ئۆزۈمنى كەچۈرمەيتىم.
ئەگەر ئۇنى ئېلىپ يۇرتقا بارسام، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بولاتتى. لىكىن مەن ئۇنى نىمىشقىدۇر زادىلا ياخشى كۆرمەيتىم. شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇنىڭغا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممسى ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىمدىن بولغاندى.( بۇنى مەن سىنىپىمدىكى بىر قىز بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالغاندىن كىيىن ئاندىن جەزىم قىلغان ئىدىم) بۇنى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە بولمايتى. ئەگەر ئۇنى ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرسام ، ھاياتىم مەنىسزلىككە تولغان بولاتتى. ئىشلار بۇنداق بىر تەرەپ بولسا زادىلا بولمايتى. شۇنداق قىلىپ مەن بۇ ئىشنى ياخشى ھەل قىلىدىغان بىر ئامال ئىزلەشكە باشلىدىم.
  ئىلگىرى بىر كىنو كۆرگەن ئىدىم . فىلىمدە بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغان بىر جۈپ قىز يىگىت بار ئىدى. كىيىن يىگىت  ئۆزنىڭ ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بۇ ئەھۋالنى قىزغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى بىلمەيدۇ. ۋە ئاخىرى قىزنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ، ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. قىز ئۇنىڭ نىمىشقا مۇشۇنداق ئۆزگىرەپ قالغانلىقىنى زادىلا بىلمەيدۇ. ئاخىرى يىگىتىنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىدۇ.  يىگىت ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزنىڭ بارلىق مال-مۈلىكىنى قىزغا قالدۇرۇپ قويىدۇ. بىر مەھەلدىن كىيىن قىز قايتىپ كېلىدۇ. يىگىتنىڭ بىر يېقىن دوستى. ھەممە ئەھۋالنى قىزغا سۆزلەپ بېرىدۇ. قىز شۇ يەردىلا يىقىلىپ ھوشىدىن كېتىدۇ. كىيىن قىز باشقا بىرى بىلەن توي قىلىدۇ. ھەمدە ئوغلىغا ئاۋالقى يىگىتىنىڭ ئىسمنى قويىدۇ.
مەن مانا مۇشۇ ھېكايىدىن پايدىلنىش قارارىغا كەلدىم. مەن ئاۋۋال ئاخشىمى ئۆيگە كەچ قايتىدىغان ھۆنەرنى چىقاردىم. ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا خۇددى خىزمەتچىمگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، خالىغانچە ئۇ- بۇ ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان، يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىدىغان بولدۇم. ئېتىپ بەرگەن تاماقلىرى شۇنچە ئوخشىغان بولسىمۇ ئوخشىماپتۇ دەپ يەرگە ئاتتىم. مەخسىدىم ئۇنى ئۆزۈمدىن بەزدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. لىكىن بىر ئايغا يېقىن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولساممۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى زادىلا ئۆزگىرىپ قالمىدى. قىزغىنلىقى سۇسلاپ قالمدى. ئېغىزىدىن رەنجىيدىغان بىر ئېغىزمۇ سۆز چىقمىدى.

11

مەن چارچاشقا باشلىدىم. ئاخىرى بىر كۈنى سىنىپىمدىكى ئۆزۈم ئارلىشىۋاتقان گۈلمىرە ئىسىملىك قىزنى رازىيە ئىشلەۋاتقان ئاشخانىغا باشلاپ كىردىم. دۇكان خوجايىنى سىرلىق بىر تەرىزدە ماڭا قاراپ قويدى. نەچچە ھەپتە ئىلگىرى رازىيە قاچا-قۇچا يۇيماي كۈتكۈچىلىك قىلىدىغان بولغان بولۇپ مۇئاشىمۇ 2500 يۈۋەنگە ئۆسكەن ئىدى. ئۇ شۇ چاغدا بىر پەتنۇستا تاماق كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان ئىكەن، بىزنى كۆرۈپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپلا قالدى. ئاندىن چاندۇرماي قولىدىكى تاماقنى مىھمانلارنىڭ ئالدىغا توختاتتى. ئاندىن بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.  بىز بىر خالىيراق ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق . بىر كۈتكۈچى ئالدىمىزغا كېلىپ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىمزىنى سوردى.
-سىز بۇيرۇتۇڭ، -دىدىم مەن بىلەن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئولتۇرغان گۈلمىرەگە قاراپ،- سىز نىمە يىسىڭىز مەنمۇ شۇنى يەي.
-گۈرۈچ ئېشى يەيلى ،-دىدى گۈلمىرە مەن:
-سەل تىزرەك بولساڭلار ، قورساق بەك ئېچىپ كەتتى ،-دەپ قويدۇم. بۇ ئەمىلىيەتتە رازىيەگە كۆرسىتىش ئۈچۈنلا قىلىۋاتقان ئىشلار ئىدى. ئەمما بۇ چاغدا رازىيە باشقا مىھمانلارغا تاماق توختىتىۋاتاتتى. مەن ئۇنىڭ بىزگە دىھقەت قىلغان -قىلمىغانلىقىنى بىلەلمدىم. مېنىڭچە ئۇ مېنىڭ خىيالىمنى بىلىۋالغاندەك مەن بىلەن قەستەنگە قېرىشىۋاتقاندەكلا قىلاتتى. بىردىنلا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئۆچلۈكۈم كېلىپ كەتتى. بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سەۋىرچانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم. بىز تاماقنى يەپ بولۇپ قايتىپ چىقىۋاتقاندا مەن رازىيەنىڭ تاماق كۆتۈرۈپ كېتىۋىتىپ ماڭا ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
12

ئۇ ئاخىرى بولالمىدى.
ئۇ جاپالىق ئەمگەك ۋە روھى بېىسىم سەۋەبىدىن چارچاپ كەتتى.
ئۇ بىر پەتنۇس تاماقنى كۆتۈرۈپ كېتىۋىتىپلا ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى.
ئۇ خۇددى تاتلىق ئۇيقۇدا شىرىن چۈش كۆرىۋاتقاندەك تەبەسسۇمغا چۈمۈلۇپ سوزۇلۇپ يېتىپ قالدى.
دەرىستىن چۈشۈپ گۈلمىرە بىلەن باغچىغا بېرىپ ئويناپ كېلىشنى دىيشىۋاتقان چېغىمدا تېخى يېقىندىلا ئالغان تىلىفۇنۇم سايرىدى. بۇ نا تونۇش بىر نۇمۇر ئىدى. مەن تىلىفۇننى ئالدىم.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز ئەلى بولامسىز؟- بۇ ناتونۇش بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-ھەئە مەن شۇ، ئۆزىڭىز كىم؟
-مەن دوختۇرخانىدىن تىلىفۇن قىلىۋاتىمەن. خاپا بولماي تببى ئۇنۋىرسىتىت دوختۇرخانىسغا تىزرەك بىر كېلىپ كەتسىڭىز.
-نىمە ئىش. ئۇ يەردە نىمە قىلىمەن.
-ئارتۇق گەپ سورماي تىزرەك كېلىڭ،- قارشى تەرەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.
مەن گاڭگىراپ قالدىم. بۇ ئۈرۈمچى شەھرىدە ماڭا مۇناسىۋەتلىك كىم بار؟ شۇنچە ئويلاپمۇ بۇ سۇئالىمغا جاۋاپ تاپالمىدىم.
-نىمانداق ھاڭۋېقىپ تۇرىسىز؟-دىدى گۈلمىرە، تىلفۇن كىمدىن كەپتۇ؟
-گۈلمىرە، سىز قايتىپ تۇرۇڭ. باغىچىغا باشقا بىر كۈنى بارايلى، مەن دوختۇرخانىغا بارمىسام بولمدى،-دىدىم. ئاندىن ئۇنىڭ جاۋابىنىمۇ كۈتمەيلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ دوختۇرخانىغا ماڭدىم.  
بىر سېستىرا ئالدىمغا چىققاچ تۇرغان ئىكەن. ئۇ مېنى باشلاپ رازىيەنىڭ قېشىغا باشلاپ ماڭدى. يۈرىكىم ئەنسىز گۈپۈلدەيتى. نىمدىندۇر قورقۇپ تۇراتتىم.   ئاخىرى سېستىرا مېنى كۆزىتىش ئۆي دەپ رامكا ئېسىلغان بىر ئۆيگە باشلاپ كىردى. بىرلا كارىۋات قويۇلغان ياتاقتا رازىيە بۇرنىغا ئوكسىگىن نەيچىسى  ئۆتكۈزۈلگەن، بېشىدا كۆك پوسما ، ئۇچىسىدا كۆك يوللۇق بىمارلار كىيمى كىيگەن ھالدا ياتاتتى. بىلىكىگە ئاسما سېلىنغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋاققىنىمچە تۇرۇپ قالدىم.
مەن ئۇنى بۇ ھالەتتە كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم.
مېنى بىردىنلا گۇناھكارلىق تۇيغۇسى چىرمىۋالدى.
مېنىڭ ئۇنىڭغا بىردىنلا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى.
  رازىيە مېنى كۈرۈپ كۈلۈمسىرەپ قويدى.
  مەن ئاستا ئۇنىڭ كارۋىتى ئالدىغا كەلدىم.
  -رازىيە ساڭا نىمە بولدى،-دىدىم ئاۋازىم ئۆزۈمگە شۇنچىلىك ئايانچىلىق ئاڭلنىپ كەتتى.
  -نىمىگە يىغلايسەن،-دىدى ئۇ زەئىپ ئاۋاز بىلەن،- سەل چارچاپ قاپتىمەن-شۇ باشقا ئىش يوق.
  -سىز بىمارنىڭ نىمىسى؟-دىدى سىرتتىن كىرگەن ئاق خالات كىيگەن ماسكىسىنىڭ بىر شوينىسىنى قۇلقىغا تاقاپ بىر شوينىسىنى ساڭگىلىتىۋالغان قامەتلىك ، ياش بىر دوختۇر كىرىپ.
-مەن ئۇنىڭ ئاكىسى ،-دىدىم سەل ئويلىنىۋېلىپ. دوختۇر بېشىمدىن پۇتۇمغىچە بىر قاراپ قويدى.
-ئۇنداقتا سىڭلىڭىزنىڭ يولدىشى كەلسۇن،-دىمىسەك بولمايدىغان مۇھىم گەپ بار.
-دوختۇر نىمە گەپ بولسا ماڭا دەۋىرىڭ،-دىدىم قىلغان ئىشلىرىمنى بىرسى بىلىپ قالغاندەك تەشۋىشلىنىپ،-يولدىشى يىراقتا ھازىر كېلەلمەيدۇ،- مۇشۇ ئىككى ئېغىز گەپنى قىلىپ بولغىچە تەرلەپ كەتتىم.
-ئۇنداقتا يۈرۈڭ،-دىدى دوختۇر ئالدىمدا يول باشلاپ. بىز باشقا بىر ئىشخانىغا كىردۇق.
-سىزگە دىسەم سىڭلىڭىز ئىككى قات ئىكەن ،-دىدى دوختۇر كۆزۈمگە مەنىلىك قاراپ،-لىكىن نىمە سەۋەپتىندۇر ھامىلە ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىڭلىڭىز دائىم سوغۇق بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغاچقا بەدىنىنى سوغۇق ئېلىپ كېتىپتۇ. يەنە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن؟  ئەمدىكى گەپ ھامىلىنىڭ ئۆزى چۈشۈپ كېتىش ئىمكانىيتى تولىمۇ تۆۋەن، شوڭا ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلىشىمىز كېرەك، پۇل باردۇ؟
-ھە بار،-دىدىم مەن ئىتتىك يانچۇقۇمغا قولۇمنى ئۇزىتىپ . لىكىن تېخى يېقىندىلا رازىيە بەرگەن 2000 يۈۋەن پۇلنىمۇ خەجلەپ بىر يەرگە ئاپپىرپ بولغان ئىدىم.
-ئەمسە تىزرەك پۇل تاپشۇرۇڭ، بولمىسا سىڭلىڭىزنىڭ ھاياتىغىمۇ ھەر قاچان خەۋىپ يېتىشى مۆمكىن،-دوختۇر گېپنى تۈگىتىپ چىقىپ كەتتى.
مېڭەم پارتىلاپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئابدۇقادىرنى ئېسىمگە ئالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئىككى ئاي ئىلگىرىلا قېيدىشىپ قالغان ئىدىم. چۈنكى ئۇ  رازىيە بىلەن بولغان ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن مېنى بۇنداق ياشىغۇچە ئۆلۈپلا كەتسەڭ بولمامدۇ؟ دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى. مانا ئەمدىلىكتە شۇنىڭدىن قەرىز سورماي بولمايتى. مەن تىلىفۇنۇمىنى ئېلىپ تېخى نۇمۇرنى بېسىپ بولماي تۇرۇپلا :
ئاشخانا خوجايىنى ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.
-رازىيە قىزىم قېنى ؟-دىدى ئۇ خۇددى راستىنلا رازىيەنىڭ دادىسىدەك جىددىلىشىپ مەن ئۇنى باشلاپ رازىيەنىڭ قېىشىغا  ماڭدىم . لىكىن دوختۇرلار بىزنى كىرگىلى قويمدى.
-ئۇ مېنڭ قىزىم ،-دىدى خوجايىن ،-مېنى كىرگىلى قويۇڭلار.
-ئەمسە بۇ يەردە تۇرماي تىز پۇل تاپشۇرۇڭ،-دىدى سېستىرا، ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ.
- بولىدۇ. مەن ھازىرلا پۇل تاپشۇراي،-دىدى خوجايىن ،- دوختۇر قانداق بەدەل كەتسىمۇ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار،- ئۇ شۇنداق قىلىپ پۇل تاپشۇرغىلى كەتتى.
شۇ چاغدا مەن ئالدىمدا تۇرغان تامغا بىرلا ئۈسسۈپ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدىم. ئەمما مەندە بۇنداق جۈرئەت يوق ئىدى.
رازىيە ئوپىراتسىيەگە كىرىپ كەتتى. خوجايىن بىلەن مەن كارىدوردا ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. ئىچىمدە ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بىر ئاسايىشلىق بېرىشنى تىلىدىم . كۆز ياشلىرىم ئىختىيارسىز تۆكۈلۈشكە باشلىدى. قارىسام خوجايىننىڭ كۆزىمۇ يىغلاپ ئىششىپ كېتىپتۇ.
كېچە سائەت توققۇز بولغان ئىدى. رازىيە ئوپىراتسىيەگە كىرىپ كەتكىلى تۆت سائەتتىن ئاشقان ئىدى.
-ئۇكام سەن زادى رازىيەنىڭ نىمىسى؟-دىدى خوجايىن توساتتىنلا.
-مەن ... مەن ئۇنىڭ...
-ئۇكام ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىشىڭ بولسىمۇ بىر قېتىم راست گەپ قىلغىن،-دىدى جوجايىن،-ئەڭ ياخشىسى رازىيە ئۈچۈن شۇنداق قىل،
مەن ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭغا يالغان گەپ قىلىشنى زادىلا لايىق كۆرمدىم. ئۇ رازىيەنى قىزنىڭ ئورنىدا كۆرگەن ئىدى. مېنى بولسا ئۇكام دەپ قېرىندىشنىڭ ئورنىغا قويۇپ سۆزلەۋاتاتتى. شۇنداقلا مېنى چوقۇم راست گەپ قىلىدۇ دەپ ئىشنىۋاتاتتى.
-مەن ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ،-دەپ گەپنى باشلىدىم مەن.،-بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تونۇشقان....
مەن ئۇنىڭغا رازىيە بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تونۇشقاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىرنىمۇ چالا قويماي، بىرمۇ يالغاننى قوشماي بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم.
-رازىيە قىزىم ئەسلىدە بىر پەرىشتە ئىكەنغۇ؟-دىدى خوجايىن گەپلىرىمنى  تولۇق ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ،-لىكىن نەدە مۇشۇنداق ياخشى ئادەملەر، ياخشى ئادەملەرگە ئۇچرىشالماي قالىدۇ.
ئۇ چاندۇرماي مېنى ئەيىپلەۋاتاتتى. مېنىڭچە ئۇ نىمە دىسمۇ ھەقلىق ئىدى.
-سىلەر ئاشخانىغا تۇنجى قېتىم كىرگەن كۈنىلا مەن سىلەرنىڭ ئاكا-سىڭىل ئەمەسلكىڭلارنى پەرەز قىلغان ئىدىم. شۇنداق قىلىپ رازىيە قىز ئاشخانىدا ئىشىلەپ قالدى. ئۇ ئىشنى تولىمۇ ئەستايىدىل قىلاتتى. قاچىلارنمۇ شۇنچە پاكىز-ھەم تىز يۇيدى. بىكار بولۇپ قالسا باشقا ئىشلارغىمۇ ياردەملەشتى. مەن ئۇنى باشتىلا باشقا ئاسانراق ئىشقا يۆتكەپ قوياي دىسەم ئۇ <<بۇ ئىشنىمۇ ھامان بىرسى قىلشى كېرەكقۇ >>دەپ ئالماشقىلى ئۇنىمىدى. ئۇ ئاشخانىدىكى بالىلار بىلەنمۇ خۇددى قېرىنداشلاردەكلا چىقىشىپ كەتتى. كىيىن مەن ئۇنى پۇل يىغىش ئورنىغا مەسئۇل قىلسام ئۇ<< پۇل دىگەن مىھرى ئىسسىق نەرسە، شەيتاننمۇ ئازدۇرۇپ كېتىدۇ. مەن يەنىلا كۈتكۈچىلىك قىلاي >> دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇنى مۇئاشىنى ئۆستۈرۈپ بەردىم. كۈتكۈچىلەر باشلىقى قىلىپ قويدۇم. ئەسلىدە ئۇ ئۇنچىلىك كۈچەپ ئىشلىمىسىمۇ بولاتتى. ئەمما پۇلنى ھارام ئالسام بولمايدۇ دەپ ئۆزنى ئۇرۇپ ئىشلىدى.
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ تولىمۇ مەيۈس ھالەتتە ئىشقا كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. سەۋەبىنى سورسام زادىلا ئېيىتمىدى. مەن ئۇنىڭغا دەم ئېلىش بەردىم . ئەمما ئۇ يەنىلا ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئايىغى چاققان ، ئاغزى يۇمشاق ئىدى.نىمە ئىش قىلسا گۈل كەلتۈرەتتى.
بۈگۈنمۇ مەن ئۇنىڭ روھى ھالىتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى، چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ئۇنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇدۇم. ئەمما ئۇ زادىلا ئۇنىماي قويدى.  كىيىن ئاشخانىدا چۇرقىراشماق چىقىپ كەتتى. شۇ چاغدا مەن تاماق يەۋېلىش ئۈچۈن ياندىكى ئايرىمخانىغا كىرىپ كەتكەن ئىدىم. يۈگىرەپ چىقىپ قارىسام ئۇ يەردە سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىم. مېنڭمۇ يۈرەك سانجىقىم بار ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ مەنمۇ ئېىشپ كەتتىم. بالىلار رازىيەنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى.مەن بولسام دورا يەپ ئەسلىمگە كېلىۋالغاندىن كىيىن كەلدىم. شۇنچىلىك ياخشى بىر قىزنىڭ  مانا ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ بۇنداق بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان؟
مەن گەپ قىلمىدىم. نىمە دىيشىمنىمۇ بىلمەيتىم.
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز؟ دىدى خوجايىن ماڭا قاراپ ،-ئۇنىڭ ھەرقانچە جىنايىتى بولسىمۇ ئەمدى تۈگەپ قالاي دىگەندۇ؟
-مەنمۇ بىلمەيمەن،-دىۋدىم ئۇ شۇ ھامان ئورندىن تۇرۇپ كەتتى.
-توغرا سىز تاكى ھازىرغىچە بىلمەي كەلدىڭىز، ئۇنىڭ بۇ يات شەھەرگە سىز ئۈچۈن كەلگىنىنى، سىز ئۈچۈنلا ھەر كۈنى ئون نەچچە سائەت جاپالىق ئىشلەيدىغىنىنى، شۇنچىلىك ۋىجدانسىزلىق ، پەسكەشلىك قىلىسىڭىزمۇ لام-جىم دىمەي چىداپ كەلگىنىنى، سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ تەييار تۇرغنىنى سىز زادىلا بىلمەي كەلدىڭىز. بىلەمسىز مېنىڭ ئۇنىڭغا ماس كەلگۈدەك ئوغلۇم يوق . ئەگەر بولغان بولسا قىلچىمۇ ئىككىلەنمەي ئۇنى كېلىن قىلىۋالغان بولاتتىم. ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم بالا قىلىپ بېقىۋالاي. ئۈچ قىزىم تۆت بولسۇن. كىيىنكى كۈندە مىراسلىرىممۇ تۆت قلىپ بۆلۈنسۇن دەپ نەچچە قېتىم دىسەممۇ ئۇ چىرايلىق رەت قىلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىكەن. سىز ئۇنى ئېلىپ يۇرتقا كەتسىڭىزمۇ ياكى مۇشۇ يەردە قالسىڭىزمۇ ھەتتا خالتا ئېسىپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلسىڭىزمۇ ئارقىڭىزدىن مېڭىشقا رازى ئىكەن. قېنى ئيتىڭا سىزگە زادى قانداق قىز كېرەك؟،-ئۇ يەنىمۇ چېچىلغانمۇ بولار ئىدى. ئەمما سېتىرالار رازىيەنى نوسۇلكىدا ياتقۇزۇپ ئېلىپ چىقتى.
-ئۇ تولىمۇ قەيسەر ئىكەن ،-دىدى ئۇنى ئوپىراتسىيە قىلغان ئىگىز بويلۇق دوختۇر،- بىز ئەسلىدە ئۇنى ئاسانلا ئوپىراتسىيە قىلىپ بولاتتۇق . ئەمما ئۇنىڭ ئىچىدىن نۇرغۇن قان-زەرداپنى ئېلىشقا توغرا كەلدى.  ئۇنىڭ يەيدىغان رىسقى بار ئىكەن . ئوپىراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى،-ئاندىن ماڭا قاراپ:
-سىزگە كۆپ رەھمەت دوختۇر،-دىدى خوجايىن، دوختۇر كۈلۈپ قويۇپ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
13
  رازىيە دوختۇرلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي بىر ھەپتىدىن كىينلا دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتى. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا مەن ھېچ ئىش قىلماي ئۇنىڭ يېنىدا بولدۇم. ئۇنىڭغا تاماق يىگۈزدۈم. ئۆرۈپ قويدۇم. كىتاپ ئوقۇپ بەردىم. ھاجەتكە سېستىرالار ئېلىپ چىققاندىن باشقا ، ئۇششاق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى  قىلدىم.  لىكىن بۇ قىلغانلىرىم ئۇنىڭ ماڭا قىلغانلىرىنىڭ بىر تامچىسى ئىدى خالاس. ئۇنىڭ بارلىق دوختۇر چىقىملىرىنى خوجايىن ئۈستىگە ئالدى.
-ئەمدى نىمە ئىش قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر؟-دىدى خوجايىن،-ئىككىمىزگە قاراپ،
-ئاتا-ئانامنى سېغىندىم يۇرتقا كېتەيلى دىيشتۇق،-دىدى رازىيە،
-ياخشى ئويلاپسىلەر، ئەلى ئوغلۇم ئەمدى رازىيەنى خاپا قلىدىغان ئىشنى ھەرگىزمۇ قىلما. بىز ئاللاھقا ئىشىنىمىز، ئوڭ ۋە سول مۈرىمىزدىكى پەرىشتلەرنىڭ قىلغان ھەر بىر ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرىمىزنى خاتىرلەپ ماڭىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالما،  
رازىيە مېنىڭ قىزىم. ئۇنى ئاۋۋال ئاللاھقا ئاندىن ساڭا تاپشۇردۇم. ھالدىن ئوبدان خەۋەر ئال. تويۇڭلارغا مېنى چاقىرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، بولمىسا رەنجىپ قالىمەن،-دىدى.
يەكشەنبە كۈنى بىز ۋوگىزالغا كەلدۇق. خوجايىن يېنىدىن بىر باغلام 100 يۈۋەنلىك پۇلنى ئېلىپ ماڭا تەڭلىدى.،-بۇ پۇل رازىيە قىزىمنىڭ ھەققى، بىر پۇڭنىمۇ ئۇيان -بۇيان قىلماي ئۇنىڭغا تويلۇق ئال. قىزىم دوست-دۈشمەننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسۇن.  ئەگەر يەتمىگۈدەك بولسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن ماڭا تىلفۇن قىلىڭلار. ئەمدى مېڭڭلار.
ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ئىككى تامچە ياشنى بىزگە كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن بىزگە كەينىنى قىلىۋالدى.
مەن رازىيەنىڭ قولنى ئىشەنىچ بىلەن تۇتتۇم.
-رازىيە بىز ماڭايلى ئاق پەرىشتەم.

  
تۈگىدى.
2014.9.1


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرگە ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ، ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!!
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

دېۋان
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-15 17:20:46 | ئايرىم كۆرۈش
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار . شۇنچە كۈچىگەندەك قىلساممۇ يەنىلا سەۋەنىلكلەردىن خالى بولالماپتىمەن. تەستىقلاش جەريانىدا پۇتلاشقانلىرىنى ئوڭشاپ قويغايسىلەر.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...

28

تېما

5894

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار باغۋەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 284
يازما سانى:
5894
تىللا:
13047
تۆھپە:
2062
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
2344 سائەت
ئاخىرقى:
2016-7-24

ئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىمۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

ئورۇندۇق
ۋاقتى: 2014-9-15 18:07:31 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 17:20
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار . شۇنچە كۈچىگەندەك قىلساممۇ ي ...

مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە يوللانغان ئەسەرلەر تەھرىرلەنمەيدۇ.بېزەلمەيدۇ.....قىسقىسى ئاپتۇر قانداق يوللىغان بولسا شۇنداق ھالەتتە تۇرىدۇ.
مەنغۇ بىنۇرماللىق سەزمىدىم ھازىرچە.قالغىنىنى تەپسىلى ئوقۇپ بۇلۇپ يازاي ھە؟
ھەر كىم نىيەت ئىقبالىغا يارىشا كۈن كۆرىدۇ

27

تېما

333

يازما

1827

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 420
يازما سانى:
333
تىللا:
1293
تۆھپە:
55
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2015-11-30

نادىر تىما مىدالى

يەر
ۋاقتى: 2014-9-15 18:49:00 | ئايرىم كۆرۈش
ئۆزخان يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 17:20
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار . شۇنچە كۈچىگەندەك قىلساممۇ ي ...

مەزمۇن تولىمۇ ئوڭۇشلۇق ئەكىس ئىتىپتۇ نوخسانلارنى ئۇلار تۈزەپ قويالمايدۇ،بىر ئاز ئىملا خاتالىقى ۋە گىرامماتىكىلىق خاتالىق بارئىكەن بۇنىڭ جىق تەسىرى يوق.
بىر قۇچاق ئازاپنى كەتتىڭ قالدۇرۇپ،ئاخىرقى كۈتۈشنى قىلىپ ئامانەت.....

27

تېما

333

يازما

1827

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 420
يازما سانى:
333
تىللا:
1293
تۆھپە:
55
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
42 سائەت
ئاخىرقى:
2015-11-30

نادىر تىما مىدالى

5#
ۋاقتى: 2014-9-15 18:49:28 | ئايرىم كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئېرىششىڭىزگە تىلەكداشمەن.
بىر قۇچاق ئازاپنى كەتتىڭ قالدۇرۇپ،ئاخىرقى كۈتۈشنى قىلىپ ئامانەت.....

7

تېما

267

يازما

3336

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76
يازما سانى:
267
تىللا:
2769
تۆھپە:
100
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
119 سائەت
ئاخىرقى:
2015-5-4

مۇنبەر قىزىقچىسىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسى

6#
ۋاقتى: 2014-9-15 19:27:42 | ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرى   ئوقۇپ بولدۇم ،
مەزمۇننى  بەك ياخشى  ئىكەن  ، مۇكاپاتقا ئېرىششىڭىزگە تىلەكداشمەن.
http://www.wisalbbs.com/data/att ... pr9n6u9zn9na199.gif

160

تېما

1391

يازما

7946

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95
يازما سانى:
1391
تىللا:
4740
تۆھپە:
535
جەۋھەر يازما:
3
توردا:
485 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىكۆيۈمچان ئەزايازما يوللاش ئۇستىسىئالاھىدە شەرەپقىزغىن ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-9-15 19:52:53 | ئايرىم كۆرۈش
يىڭى بىر تىمىڭىز بىلەن يۈز كۆرۇشكىنىمدىن خۇشالمەن ھەم بۇندىن كىيىنكى ئىقدىيىتىڭىزگە ئاسانلىق تىلەيمەن.
تىما مەزمۇنىغا كەلسەم ئەلى دىگەن ئاداش ئارقى-ئالدىغا يىنىپ تۇرىدىغان ئاداشكەن،تىمىدىكى بۇ بۆلەكتىن يەنى :
‹‹مەن يەنە بۇ ئىشتا بەلكىم ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىم يوق بولشىمۇ مۆمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. چۈنكى مەن بىر پۈتۈنسۈرۈك ئەركەك. رازىيە بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن قورقماستىن بىر ئۆيدە تۇردى. جاھاندا بەز يىمەيدىغان مۈشۈكنىڭ يوقلىقىنى ، ھامان بىر كۈنى مۇشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىدىغىنىنى ئۇ بىلمەمدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلىدىم يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيال قىلدىم.›› ئەلىنىڭ روھىدىكى ئاجىزلىق ئىپادىلىنىپتۇ، بۇ كۆپۇنچە ئوغۇللارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتىكى باھانىسى .
ئەمىلىيەتتە  رازىيە ئەلىنى ‹‹يولەنچىكىم،قوغدۇغۇچۇم ›› دەپ ئىشىنىپ بىر ئۇيدە تۇرغان ھەم تۇرمايمۇ ئامالى يۇق ئىدى. ئەنە شۇ ئەلىدەكلەرنىڭ سەۋەبىدىن قىزلىرىمىز كوچىغا چىكىتىۋاتماقتا.مانا بۇ‹‹ قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ›› دىگەنگە ماس كەپتۇ.

نى ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىلىرىدا كىيىم يوق، نى كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچلىرىدە ئىنسان يوق.

14

تېما

541

يازما

3199

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 582
يازما سانى:
541
تىللا:
2451
تۆھپە:
202
جەۋھەر يازما:
1
توردا:
422 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-20

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىجانلىق ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-9-15 20:13:31 | ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز...مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر قاتارىغا ئۆتۈشكە تىلەكداشمەن....
سۆيگۈ سەۋداسى ھېچبىر يىگىت قەلبىنى ،  ۋۇجۇدىنى مىنىڭدەك پۇچۇلمىغاندۇ دەپ ئويلايمەن  .

3

تېما

317

يازما

2796

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 39
يازما سانى:
317
تىللا:
2388
تۆھپە:
30
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
155 سائەت
ئاخىرقى:
2015-8-6

سادىق ئەزائالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر مەلىكىسىسۆيۈملۈك ئەزائالاھىدە شەرەپ

9#
ۋاقتى: 2014-9-15 20:37:40 | ئايرىم كۆرۈش
بەزى يەرلىرى رىئاللىقتىن يىراقتەك ھېس قىلدىم ،بىر ئادەمنىڭ سەۋېر  تاقىتىنىڭمۇ چېكى بولىشى كېرەكقۇ دەيمەن ،يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى نابۇت قىلغان كىشى ئۈچۈن...مۇھەببەت —نەپرەت كۆز قارشى ئېنىق ئەمەس تۇيغۇ بېرىپ قويدى ،ئەسەرنىڭ ئاخىرى ياخشى ئاياغلاشقان بولسىمۇ بەزى ۋەقەلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش تەس بوپ قاپتۇ .....
   مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ......
  راستىن دېسەم ماختاپ قويغۇم كەلمىدى ،نىمىنى ئويلىسام شۇنى دېگەن بولدۇم ،قەتئىي  ھۆزۈرلۈكمەن!
ئالو—پالو دەپ ئۇيغۇرنى بۇزغىنىڭ يوقال،
ئىچىپ—چېكىپ ئۇيغۇرمەن دېگىنىڭ يوقال!

98

تېما

1143

يازما

6769

جۇغلانما

مۇنبەر شاھزادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 84
يازما سانى:
1143
تىللا:
4825
تۆھپە:
237
جەۋھەر يازما:
6
توردا:
413 سائەت
ئاخىرقى:
2017-3-2

كۆيۈمچان ئەزانادىر تىما مىدالىمۇنبەر ئاتىسىتۆھپىكار ئەزاجانلىق ئەزا

10#
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-15 21:23:38 | ئايرىم كۆرۈش
گۈل يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 20:37
بەزى يەرلىرى رىئاللىقتىن يىراقتەك ھېس قىلدىم ،بىر ئاد ...

ئەسلىدە ئاخىرىنى باشقىچىرەك ئاخىرلاشتۇرۇشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم. مەسىلەن ئەلى رازىيەنىڭ نۇمۇسىغا تەگكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئەلىنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىشمۇ قولدىن كېلەتتى. چۈنكىم مەن رازىيە ئوبرازنى ئەنە شۇنداق ئەرلەرگە خاس جاسارەتلىك قىلىپ ياراتتىم. ياكى ئۇنى تاشلاپ كەتسىمۇ بولاتتى. ئەمما مەن يەنىلا ئەلىگە پۇرسەت بەردىم. ئۇنىڭ توۋا قىلىشىغا يول قويدۇم. ئەسلىدە رازىيەنىڭ پاجىئەسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر ھېكايە ئەڭ ئاخىرىدا مانا مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى.
سىز بەزى ۋەقەلىكلەر رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، دەپسىز . ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە رىئال تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار بولۇپمۇ ھازىر كۈرمىڭ. گەپ ئاخىرى بىر كىشىنىڭ بولسىمۇ ھەقىنى تونۇشىدا.
  ئىنكاسىڭىزدىن تولىمۇ رازى بولدۇم. ئەگەر ياخشى يېزىپسىز دەپلا قويغان بولسىڭىز مەن بۇ تىمىدا مەغلۇپ بوپتىمەن . دەپ ئويلىغان بولاتتىم.
ساڭا دەيدىغىنىم يەنىلا مەغرۇر ياشاۋەر. يۈرىكىمدىكى مۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 07:37 , Processed in 0.171340 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش