بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 01:58
ئاي نۇرىدىكى كۆلەڭگە
ئوبزور
(مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپىسىگە)
ئەسلى ئەسەر: ئاينۇرى
ئەسلى ئاپتۇرى: ئاي بەرگى
رىئال دۇنيانىڭ رەڭدارلىقىغا ، ئىشلارنىڭ سەرخىللىقىغا قاراپ ئادەمنىڭ توۋا دىمىسە توۋا دېگۈسى كېلىدۇ ، ۋىجدان سورىقىدا پۇچلىنىپ ئاتالمىش مھىر - شەپقەتكە،مۇھەببەتكە سادىق بولغان ئاشۇ ساراڭ قەلب ،ئىشەك كۆڭۈلنىڭ بەڭۋاشلىقىغا نېمە دەي!؟ دۇنيانىڭ ۋاپادارلىقى نەدە، ئەرنىڭ ۋاپادارلىقى نەدە،ئايالنىڭچۇ !؟ ئاتالمىش ‹‹مۇھەببەت›› ئەۋىج ئىلىپ ،جانابىي ‹‹سادىق ››لىق تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئىماندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم يەنە كىمنىڭ يادىدا باردۇ !؟ ئاشۇ مىھرىبان ئانىنىڭ ئاتەش باغرىدا پىشىپ بۆرتۈپ چىققان ئاق سۈتنى قاچانغىچە خامغا چىقىرىپ، ‹‹خام سۈت ئەمگەن بەندىكەنمىز، ئىنسان دىگەن ئازغۇچى ئىكەن›› دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەپ يۈرىمىز!؟ بىزدىكى ئىنسانىي ۋىجدان ،ئادىمى ھايا شەخسىيەتچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلۇپ ،بىراۋلارنىڭ ۋىجدان غورۇرى داۋاملىق پايخان بولسا ھە !؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاي بەرگى ھەدە ، پىقىرلەر كىم تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ يوقنى بار دەپ تۇرۋالدىغان مايماق ئېغىز بولمىش پۈچەك قېرىندىشىڭىزدىن ئۆزلەر كىم مۇنبىرىمىزنى قەلەملىرىڭىزنىڭ يىگانە چېچەكلىرى بىلەن گۈللىتىپ ،ھۆرمەت تەختىگاھىمىزنىڭ ئالىي كۇرسىغا تالىق بولمىش سىزگە چىن قەلبىمدىن ئالىي ئىھتىرام بولغاي،سالامىمنى قوبۇل قىلغايسىز!!
تۆت ياشقا كىرگەن بىر بالىنىڭ مېڭىسنى ئېچىپ ئوقۇسا بىر ئەمەس ئون رومان چىقارمىكىن دەيمەن. شۇنداق، ھەر كىشنىڭ ئۆزى بىر كىتاپ ، شۇ كىتاپ دەل تۇرمۇش. ئۆزۈم ئوقۇغان كىتابلارغا قاراپ باقسام ، ھىچقايسى بىر ھىكايە ، ھىچقايسى بىر ماقالە سەۋەب باھانىدىن خالىي بولالمىغان ئىكەن، بەلكىم رېئال دۇنيادىكى بولمىغۇر ئىشلار ئاشۇ سەۋەب باھانىلەر بىلەن راۋاج تاپسا كېرەك . ئاقكۆڭۈللۈك، ئۆزىگە ۋە بىراۋلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ نەدىندۇر ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا يول ئېچىۋاتقان پەلسەپە ۋە ئەنئەنىلەر، ئۆز نۆۋىتىدە ھەممىگە، شۇنداق، ھەر نەرسىگە داغدام باھانە بولۇپ قالدى. ھاراق ئىچىدىغان، تاماكا چېكىدىغان،كۆككە پىچاق ئېتىپ جاھاننىڭ رەپتارىنى چۇۋۇشقا يېتىپ ئاشىدىغان بىچارە جەمىيەت داشقاللىرىمۇ، «ئاللادىن بى بۇيرۇق قىل تەۋىرمەيدۇ» نى سەۋەپ قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلغان- ئەتكەنلىرىنىڭ ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولىۋاتقانلىقىنى پەش قىلۋاتمامدۇ ئەنە !؟ ئاشۇ باھانىلەرنىڭ مەناسى نېمىدۇ!؟ «توۋا» دەپ ياقامنى چىشلەشكە ،ئاچچىقلىنىشقا ، باش چۆكۈرۈپ ئويلىنىشقا ھەققىم بارمىدۇ ھە !؟ ئەلۋەتتە ھەققىم بار. مېنىڭلا ئەمەس ھەممەيلەننىڭ ھەققى باردۇر . دوپپىسنى ئالدىغا ئېلىپ قويۇپ پىشانىسنى سىلاپ، يۈرىكىنى مۇجۇپ تۇرۇپ ئىجتاھات بىلەن قاتتىق ئويلىنىشقا ھەقلىقتۇر ۋە مۇشۇنداق قىلىش مەجبۇريىتى باردۇر.
شۇنداق بىر ھېكايىنى ئوقۇدۇمكى، ئىچ-ئىچىمدىن ئوخچۇپ چىققان ئاچچىق بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالدى. نۇرغۇن ئىشنى بىلدىم ، مۇشۇ ھېكايىدىكى ئۈچ مەۋھۇم كىشىدىن نۇرغۇن ئوي خىياللارغا كەلدىم ، شۇ تاپتا قاتتىق ھاياجان بىلەن مەزكۇر ھېكايىگە قەلەم تەۋرىتىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مېنى مۇشۇ ھاياجانغا سېلىۋاتقان، قاتتىق ئويلىنىشىمغا سەۋەب بولىۋاتقان، ھەمدە چوڭقۇر تەپەككۇر دولقۇنلىرىغا باشلاپ كېرۋاتقان بۇ ھېكايە دەل - <<ئاينۇرى>>.
ئاي بەرگى ھەدە ،تېنىڭىز سالامەت ، ئىشلىرڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ !؟
مۇقەددىمە قىسمىدا ناھايتى ئۇستاتلىق بىلەن ھېكايە مەزمۇنىغا ،ياق، رېئال تۇرمۇش كارتىنىسىغا باشلاپ كىرىلگەن بۇ ھېكايە ئەڭ ئاخىردا خاتىمە بىلەن ئاخىرلاشتى. بۇ خاتىمە ھېكايىنىڭلا خاتىمىسى بولماستىن ئاخىرقى ھېساپتا كىمدۇر ئاتالمىش مۇھەببەتكە سادىق بىرىلىرىنىڭ پانى دۇنيادىن زېرىكىپ ھاياتىغا خاتىمە بېرىشى بولدى. نەتىجىدە بۇ ماڭا ۋە مەندەك نۇرغۇنلىرىمىزغا>>ئويلان<
1 .ئەسەرنىڭ بەدئىيلىكى
چۇس ھەم نازۇك خىياللارنىڭ ئىلھامى بىلەن بەدئىي تىللار ئارقىلىق پۈتۈپ چىققان بۇ كارتىنىنى كېسىپلا رېئاللىق ئەمەس دېيەلمەيمەن. بۇ ھېكايىنىڭ بەدىيلىكى شۇكى،مەزمۇن ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئەسەردىكى ئۈچ پىرسۇناژ ۋە ئۇلارنىڭ روھى پىسخىكىسىدا پەيدا بولغان ئۆزگۈرۈش ئەسەرنى رېئاللىققا تېخىمۇ جىپسىلاشتۇرۇپ،مەزمۇننى ئەمەلىيەتكە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرغان. شەكىل جەھەتتىن پىروزا ئەسەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبى بىلەن يېزىلىپ ئىنتايىن مۇۋەپىقيەتلىك تاماملانغان بۇ ئەسەرنى شەخسەن مەن نادىرلاشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن
2 .ئەسەر مەزمۇنى ۋە ئويلىغانلىرىم
(1) ئاينۇرنىڭ سۆيگىنى بار ئىدى ، ئەپسۇس سۆيگىنى ئىلىيار بىلەن بىر يۇرۇتلۇق بولمىغىنى ئۈچۈن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.ئەمما ئۇنى قاتتىق ياخشى كۆرەتتى. ئىلىيارمۇ ئۇنى شۇنداق سۆيەتتىكى ،ئاينۇر ئاتا-ئانىسىنڭ بۇ تويغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايرىلىپ كېتىشنى ئىيتقاندا،يارلانغان يۈرىكى بىلەن ئاينۇرغا چىن قەلبىدىن بەخىت تىلىگەن ئىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن تېلفۇنىنىڭ ھەر ۋاقىت ئوچۇق تۇردىغانلىقنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ بېغىشلاش روھى ئاينۇرنىڭ قەدىرلىشىگە، بىز ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىگۈدەك روھ ئىدى . كىيىن ئاينۇر ئانىسىنىڭ زورلىشى بىلەن نەۋرە ئاكىسى مۇراتنىڭ نېكاھىغا ئۆتتى. بىراق توي ئالدىدىكى پۈتشۈشتىن كىيىن كىشنى تەسىرلەندۈردىغان بىر ئىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىليار ئاللىبۇرۇن قىزنىڭ يۇرتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن، ئەمما قىزغا تېخىچە ئىيتمىغان، قىزنى ھەيران قالدۇرماقچى بولغان ئىدى .تولىمۇ ئەپسۇس، كىيىن ئاينۇر مۇرات بىلەن توي قىلدى.مۇرات قىزغا كۆيەتتى، ھەم قىزنىڭ زورلاش بىلەن توي قىلغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ھامان ئۆزىنىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشەنگەن ئىدى. لىكىن ئاينۇرچۇ !؟ ئاقىۋەتتە ئاينۇرنىڭ قەلبى ئىليارغا،تېنى مۇرادقا ياتلىق بولدى. پەرزەنتلىك بولسا بالىنىڭ باھانىسىدا نېكاھىدا تېخمۇ باغلىنىش بولۇشىنى ئويلىغان ئىدى. كۈتمىگەن يەردىن ئاللا ئەر قىلىپ ياراتقان مۇرات ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقدىدارى يوق بولۇپ چقتى. (ئەلۋەتتە بۇ مۇرادنىڭ گۇناھى ئەمەس ئىدى) ئاخىرداچۇ!؟ قىز داۋاملىق پۇچلىنىدىغان، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق تاپالمايدىغان بولدى. ئۇ ئىليارنى كۆرۈشنى خالىمايتتى ، كۆرۈشتىن خىجىل بولاتتى. ئەمما ئاخىردا ساراڭ كۆڭۈل ئۇنى ئۆزىنى ئىليارنىڭ قوينىغا ئىتىشقا، ھەتتا بىرگە بولۇشقا مەجبۇر قىلىپ ئاخىردا ئوقۇرمەن بولىمىش پېقىرنى قاتتىق چۆچۈتتى. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە بۇ ئىش دەل مەزكۇر ھىكايىنىڭ تىراگدىيىسى ئىدى.
(2)گەرچە بۇ بىر ھېكايە بولسىمۇ ئاينۇرغا قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى. ئۇ مۇھەببەتكە سادىق بولغىنى بىلەن ئاخىرقى ھېساپتا توي قىلغان، باشقىلارنىڭ نىكاھىغا ئۆتكەن ئايالغۇ !؟ گەرچە نىكاھىغا نارازى بولسىمۇ ئەينى چاغدا يەنىلا ئاشۇ ئەرنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ئېدىغۇ؟!
نىكاھى ئوقۇلغان كۈنى ئۆزىنى ،بارلىقىنى ھالال جۈپتى بولىمىش مۇراتقا تەقىدىم قىلىپ ، ئىككىسىگە تەئەللۇق بولغان ھالال ھەم شېرىن تۇرمۇشىنى باشلىغان ئىدى. ئەمما بۇ پەقەت ۋە پەقەت ئىمان بىلەن قىلىغان نىكاھتا ‹‹قوبۇل›› قىلدىم دىگەن بىر سۆز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئېدى. كىيىن ئۇنىڭدىكى سادىقلىق نەگە كەتتى ، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا ئاينۇرنى ھالاللاپ نېكاھىغا ئالغان شۇ كىشى ئۇنىڭ ئۆزىگە بارلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېغىشلىشىنى، ئۇنىڭ بىر ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولىشىنى ئۈمد قىلاتتى ئەمەسمۇ!؟ ئېرىگە ھەممە نەرسىنى بىغىشلاپ ۋاپا قىلىشتىن قىسىنغان ،تۇزكورلۇق كېمىسىگە ئېىسىلىپ يۈرۈپ چىقىۋالغان بۇ پەس ئايال قانداق تۈرگە كىرەر؟ ئۇنىڭ مىھرى ئىللىق ئىدى ، ئەپسۇس ،ئاشۇ بىۋاپا قىلمىشى ئۈچۈن ،ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا قىسىلپ كىرگەن بىر نەس ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ تۇزلۇق قاپىقىنى چىقىپ غورورىنى پايخان قىلغان بۇ ئايالنى ئاقلاشقا يەنە نە چارە باردۇ!؟ ئۇنى يەنە ئاقلاش مۇمكىنمۇ؟
ئاياللار ئىچكى دۇنياسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئايال بولغۇچى ئۆزى چۈشىنىدۇ . ئۇلارنىڭ دىلىدا نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ئۆزى ۋە ياراتقان ئىگىسىلا بىلىدۇ . يىقىنقى جەمىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان رېئال تۇرمۇش تىراگدېيەلىرى، رېئاللىقتىكى ناچار ئىدىيەلەرنى قامچىلاپ يېزىلىۋاتقان ھەر قايسى ئەسەرلەر ، نىكاھ پاجىئەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ۋۇجۇدىمىزغا كۈنسايىن ئورناپ كېتىۋاتقان ئاتالمىش مۇھەببەتنىڭ ئويۇنلىرى بولدى. دىلى نازۇك مەزلۇملىرىمىزنىڭ ھېسىياتقا ئەھمىيەت بېرىشى كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىپ، مۇھەببەتكە ۋاپاسىزلىق قىلسا گۇناھ ھېس قىلدىغان ،ئاشۇ مۇھەببەت ئۈچۈن پۇچلىنىپ ھالال جۈپتىنىڭ غورور- ۋىجدانىنى ئۆز قولى بىلەن قىرىدىغان بولىۋاتىدۇ. مەزكۇر ھېكايىدىكى ئاينۇر دەل شۇنداق ئاياللارنىڭ ۋەكىلى . ئاخىردا ئاينۇرنىڭ تاللىشىچۇ!؟يوق ،ھىچنىمە قالمىدى ، بۇ دۇنيانىڭ ئازابلىردىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنى ھالاك قىلىش يولىنى تاللىغان ئاينۇر قۇرۇق قول كەتتى ، ئۇنىڭدا ھىچنىمە قالمىدى ،ھەتتا ئىمانمۇ .
(3)ئەسەردە شۇنداق ئىككى ئەر بار ، بىرى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممنى بىغىشلاشقا رازى پىداكار ئەر-ئىليار. بىراق ئۇنىڭ كىينكى قىلغانلىرى بىر شاللاق ئەرنىڭ ئوبرازىنى يارتىپ چىقتى. ھەي ئىليار،گەرچە سىنىڭ كۆڭلۈڭ ئۇنىڭدا بولسىمۇ ئۇنىڭ ئېرى بار ئەمەسمىدى. سەن نىمىدىگەن رەزىل ، نىمانچىۋالا شەخسىيەتچى،نېمانچىمۇ پەسكەش.سەن بىر ۋىجدانلىق ئەر بولساڭ ئېدىڭ بۇنچىۋالا پەسلەشمىگەن،بۇ يولدا مېڭىشنى نۇمۇس ھېس قىلغان بولاتتىڭ. ئەپسۇس، ۋۇجۇدۇڭدىكى قارىغۇ مۇھەببەت سېنى ئادىمىيلىكتىن ياتلاشتۇردى، ئەركەكلىكتىن مۇستەسنا قىلدى.خەقنىڭ ئېرىمۇ ساڭا ئوخشاش ئەر ئىدىغۇ !؟سەن ئۆزۈڭنى بىر ئەركەك چاغلىساڭ خەقمۇ غورۇرى يوق بەزگەك ئەمەس ئېدىغۇ!؟توغرا،سەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ،ئەمما باشقىلارمۇ ياغاچچىنىڭ رەندىسى ئەمەس ئېدى.سەن بۇنى ئېسىڭدە تۇتۇشۇڭ كېرەك ئېدى ،ئەمما پەس كۆڭلۈڭ سېنى ھەممىدىن تاندۇردى.
تۇيۇقسىز شۇنداق ئويلاپ قالدىم. سەندەك ئەرنىڭ ئىمانى ،ئەرلىك غورورى گىرامغا توشارمۇ!؟ ئاللاھ ھېچكىمنى يالغۇز ياراتمىغان ئېدىغۇ!؟ ئېسىت، ھەممە نەرسىسى تەل بىجرىم ئەركەك تۇرۇپ،بىراۋلارنىڭ ھالال جۈپتىگە ساقال تاشلاپ ئۇنىڭ قىممەتلىك نەرسىسىگە ھۇجۇم قىلىشىڭ شۇ ئاجىز ئەرگە ۋە سەندەك بىر تەندۇرۇس ئەرگە نە ئاھانەت،نە ھاقارەت، نە نۇمۇس ھە!؟
ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئىليارنىڭ يارەنلىرىدىن ، دوسىت- بۇرادەرلىردىن يەنە قانچىسى باردۇ !؟قاچان يوقلار!؟
يەنە بىر ئەر ئايالىنىڭ ئۆزىگە دىلىنى بىرىشنى ۋە ئۆزىگە بىر ئۆمۈر كۆيۈنىشىنى كۈتۈپ ئېڭەك يۈلەپ ئولتۇرغان، ھەمدە ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزى لاياقەتلىك ئايال دەپ قارىغان مەزلۇمنىڭ قورسىقىنى تومپايتىپ قويۇپ غورورىنى ،ئەر دەپ ئاتالغان نامىنى ،ياق ئۆزىنى ئاھانەت ۋە نۇمۇستا ئۆلتۈرگەن>> كەڭ قورساق<< ئەر . ھەي...ئەمدى نىمە دېيشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم، بەلكىم كۆرۈرمەنلەر بۇنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ بولدى ،نىمىنى ئويلىنىش كىرەكلىكىنى بىلىپ بولدى .
ئاياللارنىڭ قەلبى نازۇك ،ئۇلار كۆيۈنىشكە مۇھتاج .بىراق ئۆزىنى مۇھەببەتنىڭ قۇربانى قىلىشقا رازى ئاياللىرمىز>> ئىمان<< دىن ئىبارەت بۇ نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئانچە مۇنچە بولسىمۇ يادىغا يەتكۈزسىكەن دەيمەن.چۈنكى ھايامۇ ئىمان جۈملىسىدىندۇر.
بۇ ھېكايە ناھايتى مۇۋەپپىقىيەتلىك پۈتۈپ چىقىپتۇ. رېئال تۇرمۇشتىكى ئەڭ نازۇك ،ئەڭ يارقىن ،ئەمما كىشى ئېيتىشتىن ئەيمىنىدىغان بىر مەزمۇننى ئىپادىلەپ بىرىپتۇ . پەسكەشلىك قامچىلنىپتۇ دەپ قارايمەن. بۇ قاراشلىرىم ئاپتۇرنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن ئوخشاشمۇ –يوق بۇنسى ماڭا قاراڭغۇ. ئەگەر مەزكۇر ھېكايىنى مەن يازغان بولسام مۇراتقا ئۆز قولى بىلەن ئاينۇرنى ئۆلتۈرگۈزگەن بولار ئېدىم. شۇنداق بولغاندا مۇراتنىڭ پايخان بولغان ئاشۇ ئەرلىكى بىر -ئاز بولسىمۇ تەسەللىي تاپقان، زىنادىن ئىبارەت گۇناھى كەبىرنى ئۆزىگە ئارتىۋالغان ئاينۇرنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى چىرىك ئوبرازى خۈنۈكلەشكەن،ئۆزىنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت( ئماننى ئۆز ئىچىگە ئالغان) ھەممىنى يوقۇتۇش گۇناھى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلەپ ،ئۆلمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك بولمىغان بولار ئېدى .
خۇلاسە كالام .
ھېكايە رېئاللىق ئەمەس ، لىكىن رېئاللىقتىن يىراقمۇ ئەمەس .ئارتۇق سۆز ئىشەككە يۈك دەپتىكەن. بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر بىرەيلەننىڭ مەزكۇر ئوبزورنىڭ بىشىدا قويۇلغان سۇئاللارغا ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ جاۋاب بىرىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
قىز-ئاياللارنىڭ قەلبىي سۆيگۈسىز گۈللەنمىسە ئەرلەرنىڭ قەلبىمۇ ئوخشاشلا مۇھەببەتسىز ياشارمايدۇ . ئىماندىن ھالقىغان ھەرقانداق ۋاپادارلىق ، ئاتالمىش مۇھەببەت قۇرۇپ كەتسىكەن ئىلاھىم!
ئاخىردا بەركەتلىك قەلەم ئىگىسىگە تىخىمۇ بەركەت ، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
كامالى ئىھتىرام بىلەن:
ئوقۇغۇچى مۇنبىرىدىن :بىلگيار
|