بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىلگيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 17:22
ئوقۇغۇچى مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىدە ياخشى باھاغا ئىرىشكەن ئەلا ئەسەر. ئوقۇغۇچى مۇنبىرى نامىدىن مەزكۇر ئەسەرنىڭ قەلەم ساھىبىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمىز. مۇبارەك بولسۇن!!
تۇماننى تاراتقان مۇھەببەت
(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتگە ئاتاپ يوللانغان ئەسەر )
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشىمۇسىز؟
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكرى، سىز كىم بولىسىز؟
- مەن بىر يولۇچى.
-ھە، مۇنداق دەڭ! سەپىرىڭىز قەيەركىن؟
- سىزنىڭ قەلبىڭىز....
- ھا ھا ھا ھا...........سىز بەك قىززىقچىمۇ نىمە؟
-ياق ياق، بۇنى قىززىقچىلىق دىگىلى بولمايدۇ...
- چاقچاقنىمۇ قىلىشتۇق، سىزگە گەپنى ئۇدۇللا ئىيتاي، مەن ئادەتتە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بەك ئالاقىلىشىپ كەتمەيمەن، شۇڭا............
- سىز بۇلارنى چاقچاق دەپ بىلدىڭىزما؟ لىكىن مىنىڭ سىزگە چاقچاق قىلىپ ۋاقتىڭىزنى، زىھنىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغۇم يوق.....سىز ناتونۇش كىشىلەر بىلەن ئالاقىلاشماي ھازىرقى ئالاقىلىشىۋاتقان كىشىلىرىڭىز بىلەن تۇغۇلىشىڭىزدىنلا تونۇشامتىڭىز يا... بۇ گىپىڭىز قاملاشمىدى جۇمۇ...سىزنىڭ يۈرىكىڭىزگە سەپەر قىلاي دىسەم تىخى ئىشىكنى چىكىشكىمۇ پۇرسەت بەرمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟
- سىز مىنى تونۇمىسز ياكى.......؟
- مەن سىزنى بەلكىم تونۇشۇممۇ مۇمكىن ۋە ياكى تونۇماسلىقىممۇ مۇمكىن...
- مىنىڭ چ چ نۇمۇرۇمنى قانداق قاچىلىدىڭىز؟ مۇنداقلا ئىزدەپ بىقىپ مىنى گەپكە سىلىپ بىقىۋاتامسىز يا؟
- مەن باشتىلا دىدىم، مىنىڭ سىزنى ئالداش ۋە ياكى مۇنداقلا ئالاقلىشىپ بىقىش مەقسىدىم يوق دەپ....سىز ئىنگىلىزتىلى تەربىيلەش كۇرىسىدا ئەلى مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدا ئوقۇغانغۇ دەيمەن؟
- ھەئە، ئالدىنقى مەۋسۇم ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىزتىلى1-قىسىم سىنىپىدا ئوقۇغان، سىزمۇ شۇ سىنىپتا ئوقۇغانمۇ، ئەمسە مىنى تونۇيدىكەنسىزدە دە ؟
- مەنمۇ شۇ كۇرۇستا ئىنگىلىزتىلى2-قىسىم سىنىپىدا ئوقۇغان، مۇئەللىمنىڭ بىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قۇرۇپ قويغان بىر چ چ توپى بار ئىدى ئەمەسمۇ، شۇ توپتىكى ساۋاقداشلارغا قارىسام سىزنىڭ چىقىرىپ قويغان «ئانام بېغىم، ئاتام تېغىم»دىگەن ئىمزايىڭىز مىنىڭ بەك دىققىتىمنى تارتتى، چۈنكى مەن ئۇ مىھرىبانلىرىمدىن بۇرۇنلا ئايرىلغان.......شۇنىڭ بىلەن سىز بىلەن شۇنداقمۇ بىر تونۇشۇش، مۇڭدىشش ۋە ئەھۋاللىشىپ ئۆتۈش ئىستىكى تۇغۇلۇپ سىزنى دوسلۇققا قىتىۋالغان ئىدىم، سىزنىڭ چىقىرىپ قويغان مۇشۇ بىر جۈملە ئىمزايىڭىزلا سىزنىڭ ئىچكى خاراكتىرىڭىزنى مانا مەن دەپلا ئىچىپ بىرىپتۇ، ھەم ئىككىمىز قارىسام بىر يۇرتتىن ئىكەنمىز، خالىسىڭىز دوسىت بوپ قالساق.......
-...........
ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىمىز مانا مۇشۇنداق باشلانغان ئىدى، باشتا مەن ئۇنىڭ زىدە بولغان شۇ قەلبىگە تۇز سەپمەي دەپ كۆڭلىنى ئاياپ مۇنداقلا ماقۇل دوسىت بوپ ئۆتسەك ئۆتەيلى دەپ تەلىۋىگە قوشۇلغان بولدۇم. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ كۈندە ماڭا خەت يىزىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى، ئەتتىگەندە تۇرۇشۇم بىلەنلا چ چ رىمدا ئۇنىڭ «ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ، ئەتتىگەنلىك ناشتىنى ياخشى قىلىڭ»،كەچتە بولسا«ياخشى چۈش كۆرۈڭ»دىگەندەك ئۇچۇرلىرى بىرەر كۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمايتتى، ئۇ ھەربىر ئىشلاردا شۇنداق ئەستايىدىل ئىكەنكى خۇددى مىنىڭ قىشىمدا، مەن بىلەن بىر پارتىدا دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك، مەن بىلەن بىرگە يۈرۋاتقاندەك مىنىڭ ھەربىر سۆزۈمگە قارىتا مىنىڭ ئىچكى ھىسياتلىرىمنى تولۇق چۈشىنىۋالاتتى، ئىككىمىزنىڭ ئوي پىكىرلىرىمىزمۇ ھەر قىتىم بىر يەردىنلا چىقاتتى. بەزىدە ئۆزۈممۇ ئۇنى خۇددى نەچچە يىللىق تونۇشلاردەك ھىسلارغىمۇ كىلىپ قالاتتىم.
ئۇنىڭ ئىسمى مەۋلان بولۇپ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىتىنىڭ كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، مەن شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىدا ئوقۇيتتىم، بىز بىر يۇرتتىن بولۇپ ئۇ ئاقتۇدىن، مەن ئاتۇشتىن ئىدىم. بىز مۇشۇنداق ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىپ كەلگىلى ئۈچ ئاي ئەتراپىدا بولغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ ئۈچ ئاي جەريانىدا مىىنىڭ ياكى بىر سۈرئىتىمنى ئەۋەتىپ بىرىشىمنى ۋە ياكى تىلفۇن نۇمۇرۇمنى ئىيىتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلمىدى، خۇددى بۇلارنى سورىسا مىنىڭ بەرمەيدىغىنىمنى بىلىدىغاندەكلا، ھەر-بىر گەپ سۆزلىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىدى، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى شۇنداق چۈشۈنەتتى، ئۇنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرى ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى قوزغىماي قالمايتتى.
بىر كۈنى كەچ ياتاقتا كارۋىتىمدا ياتقاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ياتاقدىشىم مەريەمگۇلنىڭ مىنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
- خەمىسە، چ چ دا پاراڭلىشىۋاتامسەن؟
- ھەئە، قانداق، بىرەر گەپ بارمىدى؟
- ئىززەتگۇل چ چ دا بارمىكىن قاراپ باقە، بار بولسا مىنىڭ قىشىمغا بىر كىرسۇن، ئۇنىڭغا بىرىدىغان بىر نىمە بار ئىدى، ياتاقنىڭ ئالدىدا بىرى ساقلاپ تۇرىۋاتىدۇ،بۇ نەرسىنى شۇنىڭغا ئۈچۈشۈپ بەرسۇنچۇ.
- ھە ماقۇل، مەن ئۇنىڭغا خەت قالدۇرۇپ قوياي ھە....
- ئىززەتگۇل چ چ دىن چۈشۈپ كىتىپتۇ.
مەريەمگۇل مىنىڭ ئۇنى چ چ دىن چۈشۈپ كىتىپتۇ دىگەن گىپىمنى تولۇق ئاڭلىماي قالدىمۇ بىلمىدىم «مىنىڭ قىشىمغا كىرمەي نىمە دەپ پەسكە چۈشۈپ كىتىدۇ»دەپ شۇنداق سەت بىر ۋارقىرىدىكى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ بۇ ۋارقىرىشى شۇنداق ئېغىر كەلگەن ئىدى، خۇددى ئاسمان ئۆرۈلۈپ مىنىڭ بىشىمغا چۈشكەندەكلا بولۇپ كەتتىم، ئۆمرۈمدە بىرىنىڭ ماڭا بۇنداق تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنى مۇشۇ تۇنجى قىتىم ئىدى، كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم ئىدى، مەۋلان مىنىڭ جىمىپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ خۇددى بىرەر ئىشنى سىزىپ قالغاندەكلا«خەمىسە، سىزگە نىمە بولدى، ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟» دىگەن سۇئالنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.
شۇ تاپتا ئۇنىڭغا ئىچىمنى تۆكۈپ بىر يىغلاپ بەرگۈم كەلدى، ماڭا بۇ ئىش بەكلا ھار كەلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن بولغان ئەھۋاللارنى ئۇنىڭغا دىدىم.
- خەمىسە، ماڭا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ؟
- تىلفۇن نۇمۇرۇمنى سوراپ نىمە قىلىسىز؟
- سوراپ نىمە قىلاتتىم، تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى سېتپ خەجلەيمەن.
- ھې ھې ھې .....
ئۇنىڭ بۇ شوخلۇقلىرى بايامقى كۆڭۈلسىزلىكلىرىمنى بىر ياقلارغا ئىلىپ كەتكەن ئىدى.
- دەپ بەرسەممۇ دەپ بىرەي، لىكىن ھازىر ماڭا تىلفۇن قىلماڭ ھە؟
- نىمىشقا ئەمدى؟
- مىنىڭ مۇنداق كەيپىياتتىكى ئاۋازىمنى سىزگە ئاڭلاتقىم يوق.
- ھې ھې...شەيتان قىز، ماقۇل، ئىيىتىپ بىرىڭ مەن ساقلىۋىلىپ كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا سىزگە تىلفۇن قىلاي.
- ......131
بىردەمدىلا بىر ناتونۇش نۇمۇردىن تىلفۇن كەلدى، مەن ئۇ ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ كەيپىياتتا سىز بىلەن پاراڭلاشمايمەن دەۋاتاتتىڭىز ئەجەپ تىلفۇننى ئالدىڭىزغۇ؟
- سىز ئۇرغاندىن كىيىن ئالدىم شۇ سەت تۇرمىسۇن دپ.
- سىزنى نۇمۇرۇمنى ساقلىۋالسۇن دەپ ئۇردۇم.
- ئەمسە قويىۋىتەي...
- ھې ھې ...ئۇنداق قىلماڭ....بىرەدم پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟
- .........
- خەمىسە يىغلاۋاتامسىز، ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟
- يىغلاش؟؟؟؟ مۇشۇنچىكلىك ئىشلارغا يىغلايدىغان خەمىسە ئەمەس مەن...
- مەنمۇ سىزنىڭ كۆزىڭىزدىن بىر تامچە ياشنى كۆرۈشنى قەتئىي خالىمايمەن.
- .........
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ بىز تىلفۇندا ۋە چ چ دا پاراڭلىشىپ يۈردۇق، ھەش-پەش دىگۈچە بۇ بىر مەۋسۇممۇ ئاخىرلىشىپ تەتىل بولۇپ مەن ئۆيۈمگە قايتتىم، ئۇ بولسا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن پاراكتىكا قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە قىلىپ قالدى. ئۇ ماڭا ھەر بىر كۈنىدىكى ئۈگەنگەنلىرىنى ۋە كۆرگەنلىرىنى دوكىلات قىلىپ تۇراتتى ۋە مىنىڭ بۈگۈن نىمە ئىشلارنى قىلغانلىقلىرىمنى سوراپ تۇراتتى.بىر كۈنى مەن ئۆيدە ئۆي تازىلاپ تۇرسام ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەھۋالىڭىز قانداق، ئۆي ئىچى تىچلىقمۇ، نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- ئاللاھغا شۈكرى ھەممىز ياخشى، مەن تازلىق قىلىۋاتىمەن، سىزچۇ ياخشىمۇ، نىمە قىلىۋاتىسىز؟
- مەنمۇ يامان ئەمەس، مىنى دوختۇرخانىدىن جەنۇبى قوۋۇق تەرەپتىكى دوختۇرخانىغا بىر ماتىريالنى ئاپىرىپ بىرىشكە بۇيرىغان، شۇنى ئەكىلىپ بىرىپ مەكتەپكە قايتاي دەپ تۇرغان...........
- .............
- خەمىسە، مەن ئىزىپ قالدىم، بۇ يەردىن بىزنىڭ مەكتەپكە قايسى يەردىن ئاپتۇبۇسقا چۈشۈپ قايتىدۇ....ھىچبىر بىكەتنى تاپالمايمەنغۇ؟
- ھا ھا ھا........ئۈچ يىل ئۈرۈمچىدە يۈرۈپ جەنۇبى قوۋۇقتىن تىببىي ئۇنۋىرستىتىغا بارالماي ئىزىپ يۈرمىگەنسىز؟
- شۇ سىز بۇ شەھەردە بولمىغاندىن كىيىن كاللام پەقەت قالمىدى، بۇرۇن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرمىگەن بولساقمۇ ھىچ بولمىغاندا بىز بىر شەھەردە ئىدۇق، بىر شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن ئورتاق نەپەس ئالاتتۇق، ھازىر سىز يوق، پۈتۈن كاللام سىزدىلا قالدى.......قاچان قايتىپ كىلىسىز، تىزرەك قايتىپ كەلسىڭىز بىز كۆرۈشسەك بولاتتى.....سىزنى شۇنداق سېغىندىم.
- بىز يۈز كۆرۈشۈپ باقمىدۇق، ئەگەر مەن بىر كۆرۈمسىز سەت قىز بولساممۇ سىز يەنىلا مۇشۇ گەپلەرنى قىلالامسىز؟
- مىنىڭ كۆيگىنىم سىزنىڭ چىرايىڭىز ئەمەس، بىلەمسىز خەمىسە، سىزنىڭ چىن يۈرىكىڭىز....سىزنىڭ مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، ساپ قەلبىڭىز....
- ھەي، ھەي سىز ئىزىپ قالدىم دەۋاتاتتىڭىزغۇ، يەنە ئىزىپ قىلىپ بىرەسى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن، ھا ھا ھا .........مەكتىپىڭىزگە قايتىۋىلىڭ، سىز جەنۇبى قوۋۇق ئالدىدىن 102،101...قاتارلىق كوچا ئاپتۇبۇسلىرىغا چىقسىڭىز ئۇدۇل مەكتەپكە بارىسىز.
- ئەمسە مەن مەكتەپكە بىرىپ سىز بىلەن ئالاقىلىشاي ھە، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ، ئاللاھقا ئامانەت.
ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى مىنىڭ يۈرۈكۈمدە بىر خىل ئىللىق ھارارەت پەيدا قىلغان ئىدى، بۇرۇن مەن باشقىلارنىڭ توردا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى ئەخمەقكەن دەپ ھەيران قالاتتىم، ھەمدە بۇنداق مۇھەببەت قانداقمۇ چىن بولسۇن دەپ ئويلايتتىم، لىكىن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى، ئۇنى ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى دەپ بىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇنىڭدىن بىرەر كۈن خەۋەر بولمىسا شۇنداق بىئارام بولاتتىم، يۈرۈگۈم ئۇنى ئىزدەيتتى، ئۇنى سېغىناتتى، لىكىن مەن ئۇنىڭغا بۇ ھىسلىرىمنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ماڭا كۆڭلى بارلىقىنى بىلدۈرگەن مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا گەپلەرنى قەستەن باشقا يەرلەرگە ئىلىپ قاچاتتىم، بەلكىم بۇ مىنىڭ غۇرۇرۇمنىڭ ئاتالمىش توردا باشلانغان مۇھەببەتكە يول قويماسلىقى ۋە ياكى بۇ مۇھەببەتنى ئىتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىدىن بولسا كىرەك، ھەرگىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئىتىراپ قىلغۇم كەلمەيتتى.
ئۆيدە كۆمپىيۇتىردا ئۇنىڭ بوشلۇقىغا كىردىم. ئۇنىڭ بوشلۇقىغا مەخپى نۇمۇر سىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى كۆرۈپ بىقىش ئىستىكى تۇغۇلدى، ئۇنىڭدا «سىز كىم؟»دىگەن سۇئال بار ئىدى، مەن جاۋاپ يازىدىغان كۆزنەككە«مەن دىگەن خەمىسە»دەپ يازدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ مەخپى نۇمۇرى ئىچىلىپ كەتتى، ئۇ مەخپىي نۇمۇرنىڭ جاۋابىغا مىنىڭ ئىسمىمنى توغرىلاپ قويغان ئىكەن، ئىختىيارسىزلا ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
سىز بىلەن تونۇشقان بىرىنچى كۈن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە، بۈگۈن سىز بىلەن تونۇشقان تۇنجى كۈنۈم. مەن بۈگۈن سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن شۇنداق خۇشال، بىلەمسىز مەن سىز بىلەن خۇددى تەقدىرىمىز بىردەكلا تۇيغۇدا ئىدىم، بۈگۈن بىز گەرچە تۇنجى قىتىم ئالاقىلاشقان، پاراڭلاشقان بولساقمۇ، بۈگۈنكى پارىڭىمىز ئادەتتىكىچە سالام-سائەتتىن ئىبارەت بىر نەچچە تەكەللۇپ سۆزلىرى بولغان بولسىمۇ،سىزنى بىرەر قىتىم كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، بەلىكىم بىز كۇرۇستىكى تەربىيلىنىش مەركىزىدە يۈز كۆرۈشكەن بولىشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم لىكىن قانداقتۇر يۈرەكلىرىم ماڭا سىزنى بۇرۇندىن ئالاقىلىشىپ كىلىۋاتقان قەدىناس ئادىمىمدەك تۇيغۇ بىرەتتى، مەن تۇغۇلۇپ بۈگۈن ئۆزۈمنى تۇنجى قىتىم شۇنچە بەخىتلىك ھىس قىلدىم، مەن ئىككى ياش ۋاقتىمدا ئاتا-ئانام ئۈچىمىز قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ئاتا-ئانام بەخىتكە قارشى قازا قىلغان ئىكەن، بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن پەقەت مەنلا ھايات قالغان ئىكەنمەن، مىنى كىچىكىمىدىن باشلاپ چوڭ ئاپام ۋە چوڭ دادام ھىچنىمىگە خار-زار قىلماي مىنىڭ يىتىملىكىمنى، ئاتا-ئانامنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي بىقىپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ مەن تىشىمدا ئۇلارغا چاندۇرماي كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن ئىچىمدە يىغلاپ يۈرەتتىم، مانا سىز بىلەن تونۇشۇپ سىزنى ھاياتىمدىكى ئەڭ يىقىن ئادىمىمدەك، خۇددى ئۇزۇندىن بىرى پەقەت بىر سىزنىلا كۈتۈپ كىلىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، ئاللاھنىڭ ماڭا قايتا ئاتا قىلغان بۇ ھاياتلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدۇم، رەھمەت ئاللاھنىڭ سىزنى ماڭا ئۇچراشتۇرغىنىغا، رەھمەت سىزگە خەمىسە ھاياتىمدا پەيدا بولغىنىڭىزغا، سىزنى ھاياتىمدىن ھەرگىزمۇ يوقاتمايمەن، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن پەقەت ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشايمەن.
سىز بىلەن تونۇشقان سەكسەن توققۇزىنچى كۈن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە، بۈگۈن سىز بىلەن تونۇشقان سەكسەن توققۇزىنچى كۈنۈم. بۈگۈن سىز ماڭا ياتاقدىشىڭىزنىڭ قاتتىق تەلەپپۇزدا گەپ قىلغىنىنى دىگەن ۋاقتىڭىزدا يۈرۈگۈمنىڭ قانچە ئازاپلانغانلىقىنى بىلەمسىز، خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ياق ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئىچىشىپ كەتتى، بۇ ھىسياتنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە بۇ تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ، لىكىن بۇ ئىش سەۋەبىدىن سىزنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى بىلىۋالدىم، ھې ھې ... بۇمۇ بىر ياخشى ئىش بولدى. مەن سىز بىلەن پاراڭلاشقان مۇشۇ كۈنلەردە سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزنىڭ شۇنچە كۈچلۈك قىز ئىكەنلىكىڭىزنى، ئاسانلىقچە باشقىلارغا شەخسىي سىرلىرىڭىزنى ئاشكارلىمايدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى شۇنچە ئاڭلىغىم بولسىمۇ، سىزنى شۇنچە كۆرگۈم كەلسىمۇ چىداپ كەلدىم، سىزنىڭ مىنىڭ بىلەن چ چ دا بولىسىمۇ پاراڭلىشىپ مىنى رەت قىلماي كىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن ئاللاھغا مىڭ شۈكرى دىدىم، شۇنداق قىلىپ ياتاقدىشىڭىزنىڭ سەۋەبىدىن بۈگۈن سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئاۋازىڭىز شۇنداق يىقىملىق ئىكەن، ئاللاھنىڭ ماڭا سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشقا بۇ بىر جۈپ قۇلىقىمنى ساق ياراتقانلىقىغا چەكسىز شۈكرىلەر ئىيتتىم، رەھمەت سىزگە خەمىسە ھاياتىمدا پەيدا بولغىنىڭىزغا، سىزنى ھاياتىمدىن ھەرگىزمۇ يوقاتمايمەن، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن پەقەت ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشايمەن.
سىز بىلەن تونۇشقان بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچۈنچى كۈن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە،بۈگۈن سىز بىلەن تونۇشقان بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچۈنچى كۈنۈم، سىز تەتىل قىلىپ ئۆيىڭىزگە قايتىدىغانلىقىڭىزنى ئىيتتىڭىز، قەلبىمدە سىزنى شۇنچە ئۇزۇتۇپ قوياي دىگۈم بار بولسىمۇ مەن پىتىنالمىدىم، سىزنىڭ رەت قىلىۋىتىشىڭىزدىن ئەمەس بەلكى سىز بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈپ يەنە سىزدىن ئەللىك كۈن ئەتراپىدىكى ئايرىلىش جۇدالىقىغا بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىمدىن قورقۇپ سىزنى ئۇزۇتۇپ قوياي دىيەلمىدىم، سىز كەتكەن تۇنجى كۈنىلا ماڭا بۇ كۈن شۇنچە مەنىسىز بىلىندى، سىز بۇ شەھەردە بار شۇ كۈنلەردە ھىچ بولمىسا سىز بىلەن بىر شەھەرنىڭ ھاۋاسىدىن ئورتاق نەپەس ئىلىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن، بىر شەھەرنىڭ يوللىىرىنى بىسىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن، ئارلىقىمىزنىڭ يىقىنلىقىدىن يۈرۈگۈم بىرئاز بولسىمۇ تەسكىن تاپاتتى، ھازىر سىز يوق، مەن قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي يۈردۈم، بۇ ۋاقىتنىڭ تىزرەك ئۆتىشىنى، بۇ جۇدالىق ئازابىنى يىڭىشكە ماڭا سەبىر بىرىشنى بىر ئاللاھتىن تىلەپ كىلىۋاتىمەن، مەن ئۈچۈن سىزنى سغىنىشمۇ بىر خىل بەخىت، ھاياتىمدا مۇشۇنداق سېغىنىدىغان بىر ئادىمىمنىڭ بار بولغانلىقىغا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن، رەھمەت سىزگە خەمىسە مىنىڭ ھاياتىمدا پەيدا بولغىنىڭىزغا، سىزنى ھاياتىمدىن ھەرگىزمۇ يوقاتمايمەن، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدىن كىيىن پەقەت ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشايمەن.
..............................
ئۇ مانا مۇشۇنداق مەن بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ھەر-بىر كۈن ئۈچۈن خاتىرە يىزىپ كەپتۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاچ ياشلىرىمنىڭ يۈزۈمنى ئىچىشتۇرغىدەك دەرجىدە ئىقىپ بولغانلىقىنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. شۇ پەيىتتە ئۆزۈمدىن شۇنچە نەپرەتلەندىم، مەن بىر يۈرەكنى مۇشۇ دەرجىدە لەختە قىلغىدەك زادى قانچىلىك ئادەم، ئۇمۇ بىر ئاللاھنىڭ بەندىسى، مەنمۇ بىر ئاللاھنىڭ ئاددى بەندىسى ئەمەسمۇ، مىنىڭ بۇ ئاتالمىش غۇرۇرۇم بىر كىشىنىڭ مۇشۇنچىلىك ئازاپلىنىشى ۋە سېغىنىشى، جۇدالىق پىراقىدا ئوت بولۇپ كۆيۈشكە يول قويۇشقا مەندە يەنە نىمە ئاساس قالدى، مەن نىمە ئۈچۈن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئىتىراپ قىلالمايمەن، بولدى بەس خەمىسە !!!! سەن ئازراق بولىسمۇ باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى بىل، بىر-بىرىگە تەشنا ئىككى يۈرەكنىڭ ۋىسال تىپىشىغا يەنە بۇنداق قارشىلىق قىلىۋەرمە، بىر كۈنلەردە ئازابىنى تارتىپ قالىسەن....شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىش نىيىتىگە كەلدىم، ئويلاپ باقسام بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىشىم ئىكەن، ئۆزۈمدىن يەنىمۇ نەپرەتلەندىم، ئۇ قانچە قىتىم تىلفۇن ئىكرانىدا مىنىڭ نۇمۇرۇمنىڭ ئەكىس ئىتىشىنى زارقىپ كۈتكەن بولغىيتتى ھە.......مەن نىمانچە رەھىمسز!!!!!! ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە، بۇ مىنىڭ چۈشۈم ئەمەستۇ ھە....بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى....ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ ھە؟
ئۇ ھاياجان ئىلكىدە توختىماي مەندىن سۇئاللارنى سورايتتى.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشى تۇردىڭىزمۇ، مەن تىلفۇن قىلسام بولمامتى سىزگە....سىزنى سېغىنىپ تىلفۇن قىلدىم شۇ.......
- راسما، بەكلا خۇش بولدۇم، رەھمەت سىزگە سىزنىڭ مۇشۇ بىر ئېغىز سۆزىڭىز مەن ئۈچۈن ئالتۇنغا تىگىشكىسىز گەپ بولدى....سىزنى بەكلا سېغىنغان ئىدىم....
شۇنداق قىلىپ تەتىل ۋاقتىمۇ ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىدىغان بولدۇم، ئۇ مىنى ئالغىلى ئالدىمغا چىقىمەن دەپ تۇرۋالغانلىقىغا قارىماي ئۇنى رەت قىلىۋەتتىم، مەن مەكتەپكە ئورۇنلۇشۇپ بولۇپ ئاندىن كۆرۈشەيلى دىدىم، ئۇمۇ مىنىڭ بۇ تەلىۋىمنى رەت قىلمىدى ئەلۋەتتە، چۈنكى ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە نىمە ئويلايدىغىنىمنى مەندىنمۇ بەكرەك ياخشى چۈشۈنەتتى، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قىتىم سەپەرنىڭ ھاردۇقى بىلەن سۇلغۇن ھالەتتە كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىمنى خۈنۈكلەشتۈرگۈم يوق ئىدى.مەن مەكتەپكە كىلىپ ئۈچۈنچى كۈنى ماڭا كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئىيتتى، مەنمۇ قوشۇلدۇم، شۇنداق قىلىپ ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كىلىدىغان بولدى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھغا شۈكرى، كىلىپ بولدىڭىزمۇ؟
- مەن مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم، دەرۋازا ئالدىدا سىزنى ساقلاپ تۇرىۋاتىمەن.
- مەنمۇ دەرازا ئالدىغا كىلەي دەپ قالدىم بىر دەم ساقلاپ تۇرۇڭ.
دەرۋازا ئالدىدا بىر مۇنچە بالىلار تۇراتتى، ئادەملەر توپىدىن كۆزلىرىم ئۇنى ئىزلەيتتى، تۇيۇقسىز بىرسىگە كۆزۈم چۈشتى ۋە ئۇ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئۇدۇللا ئۇنىڭ قىشىغا باردىم. مىنىڭ ئۇنى كۆرۈپ باقماي ئۇدۇل ئالدىغا بارغىنىمدىن ھەيران بولۇپ كۆزلىرىمگە قاراپلا قالدى.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەۋلان، ياخشىمۇ سىز؟
-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام خەمىسە...مىنى كۆرۈپ باقماي قانداقسىگە ئۇدۇللا مىنىڭ ئالدىمغا كەلدىڭىز؟
-سىزنى كۆزۈم بىلەن كۆرمىگىنىم بىلەن يۈرۈگۈم بىلەن كۆرگەنمەن.
-ھا ھا ھا .....
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.توۋا دەپ ھەيران قالدىم، راستىنلا ئۇنى بىر قىتىممۇ كۆرۈپ باقماي ئۇدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىنىمنى، بۇنىڭ قانداق كۈچ ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايتىم، ئەگەر ئۇ بولماي باشقا بىرى چىقىپ قالغان بولسا شۇ يەردە قانچە سەتلىشەتتىم ھە! مانا بۇ بەلىكم بىر-بىرىگە تەشنا بولغان ئىككى ساپ قەلىپنىڭ ئۆز-ئارا تەلپۈنىشى بولسا كىرەك. ئىككىمىز مەكتەپ يىنىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇق.
-رەھمەت سىزگە خەمىسە، بەكلا ئوماقكەنسىز ھې ھې ھې.....
-نىمىگە رەھمەت ئىيتىسىز، سىز بۇ «رەھمەت» دىگەن سۆزگە بەك ئامراق ھە؟
-ئەلۋەتتە، مەن بۇرۇن ئاللاھقا نىمىشقىمۇ مىنى ئاتا-ئانام بىلەن بىرگە ئىلىپ كەتمىگەنسەن دەپ نىدا قىلاتتىم، سىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى ئاللاھنىڭ ماڭا قايتا ئاتا قىلغان بۇ ھاياتلىقىغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت ئىيتىدىغان بولدۇم، سىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى ھاياتىمنىڭ مەناسىنى تاپقاندەك بولدۇم، ئەقلىمگە كىلىپ نىمىنىڭ ھەقىقىي بەخىت ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتىم، مەن ھازىرقى مۇشۇ كۈنلىرىمگە شۈكرى دەيمەن، پەقەت سىز مىنىڭ ھاياتىمدىن يوقاپ كەتمىسىڭىزلا مەن ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك بەخىت دىگەن شۇ، رەھمەت سىزگە خەمىسە، سىزگە يۈزتۇرانە بۇ گەپنى دىيىش پۇرسىتى بەرگىنىڭىزدىن كۆپ رەھمەت.
- مەۋلان، سىزنىڭ «تۇمان»دەپ تەخەللۇس قوللىنىشىڭىز سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
- شۇنداق، سىزلا مىنىڭ قەلبىمنى چۈشۈنىسىز ھە، شەيتان قىز. مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشىنى تۇمانلىق ھاۋارايىغا ئوخشىتاتتىم، مىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىغان، مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك ئەزىزلىرىمنى مەندىن ئىلىپ كەتتى، بوۋام بىلەن مومام مىنى بىقىپ تەربىيلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىمۇ مىنىڭدىن ئىلىپ كەتتى، شۇنىڭدىن بىرى مەن ئۆزۈمنى بىر تۇمان ئارىسىدا قالغاندەك، مەنزىلىم ۋە ھايات سەپىرىم نىشانسىز قالغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، لىكىن ھازىر سىز ھاياتىمدا پەيدا بولۇپ ھاياتىمنىڭ ئۈمۈد قۇياشىنى كۆرگەندەك بولدۇم......
- بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئويلىماڭ بولامدۇ، مەن سىزنىڭ ھاياتىمدا گاھى بار گاھى يوق «تۇمان»بولماسىتىن بەلكى مىنىڭ ھاياتىمنىڭ بارلىقى بولغان «ھاۋا» بولىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
- رەھمەت سىزگە، بىلسىڭىز مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن بىرى سىزنى ھاياتىمنىڭ بارلىقى دەپ بىلگەنمەن...سىزنىڭ مۇشۇ گەپلىرىڭىز كۇپايە....رەھمەت سىزنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىڭىزگە...ئاللاھ بۇيرىسا سىزنى ھاياتىمدىن يوقاتمايمەن، پەقەت ئىككىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشايمەن.
بىز شۇنىڭدىن بىرى پات-پات ئۇچرىشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ دەردىگە يىتىدىغان كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈكىدىغان بولدۇق، ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكەن شۇ كۈندىن باشلاپ چ چ دىكى تەخەللۇسىنى«ئوكسىگىن»غا ئۆزگەرتىۋالدى ۋە مىنىڭ كەيپىياتىمغا قاراپ «ئاغرىق توختىتىش كاپسۇلى»،«ساقلاپ تۇر ھە»،«بەختىم سەن»دىگەندەك ئىسىملارنى ئۆزىنىڭ چ چ ئىسمى قىلىۋالاتتى، ئۇ شۇنداق ئەستايىدىل ۋە ئىدىتلىق بىر بالا ئىدىكى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن قۇسۇر تاپقىلى بولمايتتى، ياتاقداشلىرىمنىڭ ئوغۇل دوسلىرى بىلەن بىر كۈن ئۇرۇشۇپ بىر كۈن ئەپلىشىپ يۈرگىنىدىن بەكمۇ ھەيراق قالاتتىم، نىمە كەلدى بۇلارغا بۇنداق جاننى قىيناپ كۆڭۈلنى ئازاپلاپ مۇھەببەتلىشىپ دەيتتىم، ئاللاھنىڭ ماڭا مۇشۇنداق قەلبىمنى چۈشۈنىدىغان بىر ئېسىل يىگىتنى ئۇچراشتۇرغىنىغا مىڭ قىتىملاپ رەھمەت ئىيتاتتىم، ياتاقداشلىرىممۇ ھەم ئىككىمىزنىڭ بەختىمىزگە شۇنداق ھەۋەس قىلاتتى، بىزنى ھەقىقىي قاملاشقان بىر جۈپلەر دەپمۇ قوياتتى.
«خەمىسە، سىزنى بەخىتلىك قىلىش مىنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارمىنىم»دەيتتى ئۇ دائىملا.
«ئىككىمىزنىڭ بەختى مىنىڭ بەختىم، ھازىرمۇ مەن شۇنچە بەخىتلىك، سىز بىلەن ئۆتكەن ھەر-بىر كۈنۈم مەن ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك»دەيتتىم مەن ئۇنىڭغا شوخلۇق قىلىپ.
ئۇ ئالىي مەكتەپنى خەنزۇچە سىنىپتا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇشى مەندىن بىر يىل بۇرۇن پۈتتى، ئۇ بۈگۈن ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ يۇرتقا قايتماقچى بولۇپ مەن بىلەن خوشلاشقىلى بىزنىڭ مەكتەپكە كەلگەن ئىدى.
- مەن سىزنى يالغۇز تاشلاپ قانداقمۇ خاتىرجەم يۇرتقا قايتالايمەن، سىزگە قىيالمايۋاتىمەن خەمىسە.
- خاتىرجەم بولۇڭ بۇ بىر يىلمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدۇ، سىز مەندىن ئەنسىرمەڭ، خاتىرجەم ھالدا خىزمەت ئىشىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىڭ، مەنمۇ ھازىردىن باشلاپ خىزمەت تىپىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئاۋۋال سىز بىر يەردىن خىزمەت تاپسىڭىز مەنمۇ سىزگە قاراپ شۇ يەردىن خىزمەت تىپىش ئۈچۈن تىرىشىمەن،كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئىككىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى بولامدۇ؟
- ئەلۋەتتە جىنىم، لىكىن مەن سىزگە راستىنلا قىيالمايۋاتىمەن،سىز يوق ئۇ كۈنلەر ماڭا قانداقمۇ كۈن بولار.
- ئۇششۇق....بىرنى يىغلىۋىتىڭە.....ھې ھې ھې ....
- ھۇ شەيتان قىز .......ماڭا ۋەدە بىرىڭ، مەن يوق بۇ كۈنلەرنى چوقۇم ياخشى ئۆتكۈزۈڭ ھە، ئاللاھ خالىسا بۇ بىر يىلمۇ ھەش-پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كىتىدۇ.
- مەن يوق سىز ئۇ يەردىن بىرەسىنى تىپىۋالمىسىڭىزلا بولاتتىغۇ.
- ئۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ....ھا ھا ھا .......
- خەپ سىزنى ئەسكى........ھۈ ھۈ ھۈ.......شۇنداق قىلسىڭىز قانداق قىلىمەنكىن سىزنى.......
- يىغلامسىز؟ چاقچاق قىپ قويدۇم جىنىم، سىز ھاياتىمدا يوق كۈنلەر مەن ئۈچۈن ھارام.
- بۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ.....ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ... ئاللاھ بىزنىڭ سەۋرىمىزنى سىناپ بىزگە مۇشۇنداق بىر يىللىق ھىجران ئازابىنى سالغان گەپ.
- مەن يوق ۋاقىتلاردا تاماقنى ۋاقتىدا يەڭ، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ بولامدۇ، بىر يىل ئىچىدە سەتلىشىپ كەتمەڭ يەنە، سەتلىشىپ كەتسىڭىز ئالمەيمەن سىزنى.......ھې ھې ھې......
- مەۋلان..........كىم سىزگە تىگىمەن دىدى تىخى.....ھا ھا ھا.....
- ماڭا تەگمەي ھەددىڭىز ئەمەس سىزنىڭ....بىزنىڭ ئوماق باللىرىمىز بولىدۇ تىخى......
- قىلىن.....مەۋلان، سىز قىزىڭىز بولۇشنى خالامسىز ياكى ئوغلىڭىز بولۇشنىمۇ؟
- ماڭا قىز ئوغۇل بولسا ئوخشاش، پەقەت ئىككىمىزنىڭ بالىسى بولسىلا...
- مەن بىر قىز، بىر ئوغلىمىز بولسىكەن دەيمەن، بىزنىڭ تۇنجى پەرزەنتىمىزنىڭ قىز بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، قىزىمىزنى سىزگە ئوخشىسىكەن دەپ ئويلايمەن، قىزىمىز بولسا مۇنىسە دەپ ئىسىم قويايلى ھە، ئوغلىمىز بولسا سىز ئىسىم قويۇڭ.
- ۋوي ۋوي....ئىسىمنىمۇ ئويلۇشۇپ بولغان گەپ دەڭە سىز.....خەمىسەگە كەلتۈرۈپ مۇنىسە دەپ ئويلاپسىز دە شەخسىيەتچى....ھې ھې ھې......
- ياق، «مۇنىسە» دىگەن ئىسىمنىڭ باش ھەرىپى سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن باشلىنىدۇ، «ئۇ» بىلەن «ن» بولسا سىزنىڭ دادىڭىز «ئۇرايىم» بىلەن ئاپىڭىز «نىساگۇل» دىگەن ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى، مىنىڭ ئاپامنىڭ ئىسىمى«ساجىدەم»، دادامنىڭ ئىسمنى «سادىق»باش ھەرىپى ئوخشاشلا «س»شۇنىڭ بىلەن مۇنىسە دىگەن ئىسىمنىڭ باش ھەرىپى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىڭ باش ھەرىپى بىلەن باشلىنىپ ئىككىمىزنىڭ ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرپلىرى قوشۇلغان، ئەڭ ئاخىرقى ھەرىپى مىنىڭ ئىسمىمنىڭ ئاخىرلىشش ھەرپى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، قانداق ياخشى ئويلۇشۇپتىمەنمۇ يا.....ھې ھې ھې....
- ھوي شەيتان قىز، سىزنى بىغەممىكىن دىسەم خىلى ئەستايىدىل ئىكەنسىزغۇ...بۇ ئىسىم ئىككىمىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولىدىكەن ھە...ياخشى ئويلاپسىز جىنىم، ئاللاھ مۇرادىمىزغا يەتكۈزسۇن بىزنى....ئوغۇلىمىز بولۇپ قالسا نىمە ئىسىم ئويلاشتىڭىز؟
- ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى سىز ئويلۇشۇڭ، بۇنى سىزگە قالدۇردۇم........
- ھا ھا ھا ...... بۇ ۋەزىپىلەرنىمۇ تەقسىم قىلىپ بوپسىزدە ....
- ھې ھې ھې ......... شۇنداق ، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە....
شۇنداق قىلىپ ئۇ مىنى يالغۇز قالدۇرۇپ بۇ شەھەردىن كەتتى، بىزنى مەكتەپتىن تەتىلدە پاراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆيگە قايتالمىدىم، بۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن بىر كۈن بىر يىلدەك بىلىنىپ كەتتى، بۇ كۈنلەرنى شۇنداق مەنىسىز ھىس قىلاتتىم، لىكىن ئۇ كۈندە ماڭا تىلفۇن قىلىپ مىنى يالغۇز تاشلاپ قويمايتتى، يىراقتا بولسىمۇ ئۇنداق قىلىڭ، مۇنداق قىلىڭ دەپ ھالىمدىن خەۋەر ئىلىپ كىلەتتى. مەن ئۇنىڭغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئىدىمكى بىرە كۈن ئىز دىرىكى بولمىسا شۇنچە ئەنسىرەپ كىتەتتىم، كونىلارنىڭ «كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ» دىگەن ھىكىمىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، مۇھەببەت ئەسلى كۆنۈشتىن باشلىنىپ ئاندىن كۆيۈشكە ئايلىنىدىكەن ئەمەسمۇ.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەچچە ئاي ئىچىدىلا ئۇ ناھىيەسىدىكى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتى، بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن بىر چوڭ خوش خەۋەر بولدى، ھاياتىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمى باشلاندى دەپ ھىس قىلاتتۇق.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، خەمىسە، قانداق ئەھۋالىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ، مىنى سېغىندىڭىزمۇ؟
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئاللاھقا شۈكرى، سىزنى سېغىنمىدىم.
- سېغىنمىغان بولسىڭىز تىلفۇننى قويىۋىتىڭ ئەمسە، خەپ.....
- ھې ھې ھې.... چاقچاق قىپ قويدۇم جىنىم، سىزنى سېغىنمايدىغان بىرە كۈنۈممۇ يوق مىنىڭ.
- ھە شۇنى دەيمە، مىنى سېغىنماي ھەددىڭىز ئەمەس سىزنىڭ...ھې ھې ھې....
- بەك ئەسكى جۇمۇ سىز مەۋلان!!!
- ھې ھې ھې...چاقچاق قىپ قويدۇم جىنىم....سىزنى شۇنداق سېغىنىپ كەتتىم، تىزرەك ئوقىشىڭىز پۈتسە تويىمىزنى قىلىۋەتسەك مەنمۇ خاتىرجەم بولاتتىم.
- سىلەر ئوغۇللارغۇ زادى ئىلىۋالغۇچە ۋاي ۋاي، ئەپ بولغاندىن كىيىن ھاي ھاي......
- لىكىن مەن ئۇنداق ئەمەس جۇمۇ؟
- قىنى كۆرەمىز ۋاقتى كەلگەندە....
- ھە راىت خەمىسە، سىزگە بىر خۇش خەۋەرنى دەيمەن دەپ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن، مىنىڭ تۇنجى مۇئاشىم3800يۈەن چىقىپتۇ، ماڭا كارتا نۇمۇرىڭىزنى ئەۋەتىپ بىرىڭ سىزگە پۇل سىلىپ بىرەي، بۇنى سىزگە خەجلەپ بەرگىم بار ئىدى، بىراق ھازىر ئىمكان بولمىدى، شۇڭا سىز نىمىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى ئىلىپ خەجلەڭ بولامدۇ؟
- بولدى مەۋلان سىز خەجلىسىڭىز مەن خەجلىگەن بىلەن ئوخشاش، مىنىڭ ئاتا-ئانام ئەۋەتىپ بەرگەن پۇلۇم ئۆزۈمگە يىتىدۇ، كۆڭلىڭىز تىگىل بولدى، جىنىم.
- مىنى يات كۆرىۋاتامسىز ياكى پۇلۇمنى خەجلەشنى خالىمايۋاتامسىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق تۈزۈت كەتمەيدۇ جۇماڭ خەمىسە، ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي ماڭا كارتا نۇمۇرىڭىزنى ئەۋەتىپ بىرىڭ چاپسان.
- ۋاي ۋۇي دەپ كەتكەن گىپىنى سەتنىڭ، ماقۇل ئەۋەتىپ بەرسەم ئەۋەتىپ بىرەي، بىرە ئىككى يۈز يۈەن سەپ بەرسىڭىزلا بولدى جۇمۇ كۆپ سىلىۋەتمەڭ.
- ھە ماقۇل تىز ئەۋەتىپ بىرىڭ ئەمسە ھە....
ئۇ شۇنداق قىلىپ مىنىڭ بانكا كارتامغا بىراقلا 2000يۈەننى سىلىۋىتىپتۇ، بۇنىڭدىن سەل خىجىل بولدۇم، بوپتۇلا ھازىر مەن ساقلاپ قويسام كىيىن ئۆزىمىزگە ئىشلەتسەك بولىدىغۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا رەھمەتتىن باشقا ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر ئايدا 1000يۈەندىن پۇلنى مىنىڭ كارتامغا ئۇرۇپ قويىدىغان بولدى، بۇنداق سىلىۋەرمەڭ دىسەم، سىزدىن باشقا كىمىم بار مىنىڭ پۇل خەجلەپ بىرىدىغان دەپ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپلا قوياتتى. ھەش-پەش دىگۈچە مىنىڭ بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇشۇممۇ ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان ئىدى، مەن مەۋسۇملۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدىم،ئادەتتە ئۇ ماڭا پات-پات تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالىمنى سوراپ تۇراتتى، لىكىن ئىككىمىزنىڭ ئالاقىلاشمىغىنىغا ئىككى كۈن بولغان ئىدى، مەن ئۈگۈنۈش بىلەن بولۇپ كىتىپ بۇ ئىشلارغىمۇ دىققەت قىلماپتىمەن، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم، تىلفۇنى ئىتىك، نەچچە قىتىم قايتا-قايتا قىلدىم، لىكىن يەنىلا ئوخشاش ئىدى، تەشۋىشلىنىشكە باشلىدىم، ئۇنىڭغا بىرە ئىش بولغاندىمۇ ياكى خىزمەت ئىشى سەۋەبىدىنمىدۇ، ئادەتتە خىزمەت بەك جىددىي بولۇپ كەتسە ياكى بىرە سوراقلا، ۋەزىپىلەر بولۇپ قالسا ئۇلارنى تىلفۇنىنى ئىتىۋىتىشكە بۇيرۇيتتى، مەنمۇ بەلكىم شۇنداق ئەھۋالدۇ دەپ ئىشنى ئارتۇق ئويلىۋالماي دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ كەلدىم، لىكىن ئۇنىڭ تىلفۇنىنىڭ ئىتىكلىك تۇرىۋاتقىنىغا تۆت كۈن بولاي دىدى، مەن ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئۇقمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشش مۇمكىن بولمىدى، مەن ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ ئالاقىلىشش نۇمۇرىنى تىپىپ ئۇنىڭ بىر قىتىملىق ۋەزىپىدە قاتتىق يارلانغانلىقىنى ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئۇقتۇم، شۇ تاپ كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى، خۇددى خاتىرەمنى يوقاتقاندەك ھىچنىمە ئەسلىيەلمەيتتىم، ياتاقداشلىرىم بولغان ئەھۋالنى ئۇقۇپ قەشقەرگە بارىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىدىن بىرنى ئىلىپ مىنى قەشقەرگە يولغا سىلىپ قويدى، ماڭا بۇ ۋاقىت بىر ئىزدا توختاپ قالغاندەكلا تۇيۇلۇپ كىتىپ باراتتى، تىت-تىت بولۇپ يۈرۈگۈم ئىغىزىمغا كەپلىشىپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدىم، ئايرۇپىلاندىن چۈشتۈمدە ئۇچقاندەك سىرتقا قاراپ يۈگەردىم، تاكىسىدىن بىرىغا چىقىپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ماڭدىم، ئۇ يەنىلا جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ئۇ ئۆيگە ئادەتتە ئادەم كىرگۈزمەيدىكەن، مەن دوختۇرلاغا يىغلاپ يالۋۇرۇپ مىنى ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشتۈرۈپ قويۇشنى ئىيتتىم، دوختۇرلار مىنىڭ يىغامغا قاراپ ئامالسىز مىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىغا ئوكسىگىن گاز شىلەنكىسى سىلىنغان بولۇپ ھۇشسىز ياتاتتى، قوللىرىغا ھەر خىل ئۇكۇللار ئىسىلغان ئىدى، دوختۇر بۇ يەرنىڭ مىكرۇبسىز ئۆي ئىكەنلىكى قەتئىي يىغلىسام بولمايدىغانلىقىنى جىكىلەپ ئاندىن مىنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي يىغلىۋەتتىم، سىستىرالار يەنە يىغلىسام مىنى چىقىرۋىتىدىغانلىقى ئىيتىپ تۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىردەم بولسىمۇ كۆپرەك بىرگە تۇرۋىلىشنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىمنى ئامال بار ئىقىتماي چىداپ تۇردۇم، سىستىرالار بۇ ئۆيدە كۆپ تۇرۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋىلىپ مىنى چىقىرۋەتتى، سىرىتقا چىقىپ ئاۋازىمنى قويۇپ تازا يىغلدىم، ئاللاھدىن ئۇنىڭ ئامانلىقىنى، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيتتىم ئۇنىڭغا بۇ بەخىتسىز بالىنى ئەمدىلا بەخىت قوينىغا چۆمۈلدۈرۈپ يەنە بەخىتسىز قىلىپ قويماسلىقىنى ئاللاھدىن تىلەپ نىدا قىلاتتىم، شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەھۋالى يەنىلا ئوخشاش ئىدى، ئۈچۈنچى كۈنىگە كەلگەندە دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھۇشىغا كىلىش ئىھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى، شۇ كۈنى كەچتە ئۇ ئاخىرى ھۇشىغا كەلدى، ئۇنى يەنە قايتا بىر ھاياتلىققا ئىرىشتۈرگەنلىكى ئاللاھقا مىڭ شۈكرىلەرنى ئىيتتىم، ھەر ھالدا ئەھۋالى خىلى ياخشى ئىدى، ياتاقداشلىرىم ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بەك سۈرۈشتە قىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ مىنى تۇققىنى ۋەقەگە ئۇچراپ كۆرگىلى كەتكىنىمنى ئىيتقانلىقىنى، مىنىڭ تىزرەك قايتىپ كىلىشمنى ئىيتىپ تىلفۇن قىلىۋەرگەنلىكتىن ئۇنىڭ ھالىدىن بىر نەچچە كۈن خەۋەر ئىلىپ مەكتەپكە قايتىدىغان بولدۇم، ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ۋە يىقىن دوستى ئادىلنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى خاتىرلىۋىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ماڭا ئىيتىپ تۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ مەكتەپكە قايتتىم. مەكتەپتە ئۆتكەن بۇ ئىككى ھەپتە مەن ئۈچۈن بىر دوزاخ بولۇپ ھىساپلاندى، گەرچە ئادىل كۈندە ماڭا ئۇنىڭ خەۋىرنى بىرىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس ئىدى. ئىمتىھاننى تۈگۈتۈپلا ئۇدۇل يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم، ئۆيگە بىرىپ ئۆيدىكىلەرگە بولغان ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى ئىيتتىم، ئۇلارغا ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە ماڭا قىلغان ئەقىدىللىرىنى ئىيتىپ بەردىم، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا يىقىن ئۇرۇق-تۇققىنىنىڭ يوقىلىقىنى، مەن بىرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىشىم كىرەكلىنى ئىيتتىم ۋە ئۇلارغا يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردۇم، بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىم يۈزۈمنى قىلىن قىلىپ ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىدا بىر ئوغۇل بالا توغرىسىدا ئېغىز ئىچىىشىم ئىدى، دادام باشتا سەل قارشى تۇرغان بولسىمۇ كىيىن مەن يىغلاۋەرگەچكە مىنىڭ ئازابىمغا چىدىماي قوشۇلدى، بوپتۇ قىزىم، سىز شۇ بالىنى تاللىغان بولسىڭىز بىز سىزنىڭ قارارىڭىزغا ھۆرمەت قىلىمىز، بىزمۇ سىزنىڭ بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىڭىزنى خالمايمىز جىنىم قىزىم، ئۇنىڭ ھالدىن ياخشى خەۋەر ئىلىڭ، ئاپىڭىز ئىككىمىزمۇ بىرە كۈنى بىرىپ ئۇنى يوقلاپ كىلىمىز دەپ مىنى يولغا سىلىپ قويدى.
مەن دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئەھۋالى خىلىلا ياخشى بولۇپ قالغان بولسىمۇ بىراق تىخىچە ماڭالمىغان ئىدى، ئۇ مىنى كۆرۈپ يىغلىۋەتتى، ئىككىمىز تەڭ يىغلىدۇق، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا يەنە بىر قىتىم قايتا ئاتا قىلغان بۇ ھاياتلىقىنى قەدىرلەشنى ئىيتىپ كۆڭلىگە ئۇنىڭغا تەسەللىي بىرەتتىم، بارا-بارا ئۇنىڭ كەيپىياتى ۋە سالامەتلىكى ياخشلىنىشقا باشلىدى، بىراق يەنىلا ئورنىدىن تۇرالمايتتى، مەن دوختۇردىن بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى سورىسام ئۇنىڭ پۇتىنىڭ خىلى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكىنى بەلكىم ماڭالمايدىغانلىقىنى ئىيتتى، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ تىخىمۇ يىرىم بولماسلىقىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا نىرىپلىرىنىڭ يارلانغانلىقى ئۈچۈن دەمالىققا ھەركەت قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى لىكىن ئۇزاق ئۆتمەي ياخشى بولۇپ كىتىدىغانلىقنى ئىيتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشاتتىم، دوختۇرلار ئۇنىڭ ھازىرچە دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدىغانلىقىنى، بىرەر ئۆزگىرىش بولسا يەنە دوىتۇرلار بىلەن ئالاقىلىششنى جىكىلەپ ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بەردى، ئادىل ئىككىمىز ئۇنى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كەلدۇق، مەن كۈندۈزى ئۇنىڭ ئاش تامىقىنى ئىتىپ، كىرىلىرىنى يۇيۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالسام، كىچىسى ئادىل ئۇنىڭ بىرگە ئىدى، مەن ئادىلنىڭ ئايالى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇردۇم، شۇنداق قىلىپ بۇ تەتىلمۇ ھەش-پەش دىگۈچە ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىدىغان بولدۇم، ئۆيگە بىر قىزنى ئائىلە خىزمەتچىلىككە تىپىپ قويۇپ، ئادىلغا ۋە ئۇ قىزغا ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ قويۇشنى جىكىلەپ مەكتەپكە قايتتىم.
مەكتەپتىكى كۈنلىرىم ئىنتايىن مەنىسىز ۋە بەكلا ئاستا ئۆتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالنى سوراپ تۇراتىتىم، ھەر ھالدا كەيپىياتىمۇ خىلى ياخشى ئىدى، مەن ئۇنىڭ چۈشكۈنلشىپ كەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىمۇ شۇنچە خۇشال تۇتۇشقا تىرىشاتتىم، ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىش ئۈچۈن بارچە ئاماللارنى قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلاتتىم. بۇ بىر مەۋسۇم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالسى يازىدىغان بولغاچقا ھىلى يىتەكچى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن كۆرىشمەن، ھىلى ماقالىگە ماتىريال ئىزدەيمەن دەپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالغان ئىدىم، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام تىلفۇنى يەنە ئىتىك، قارايدىغان قىزغا تىلفۇن قىلسام بۇنداق نۇمۇر مەۋجۇت ئەمەس دەپ مىنى تىخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەن ئىدى، مەن دەرھال ئادىلغا تىلفۇن قىلدىم، ئادىل ئۇنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن يەنە دوختۇرخانىدا بىر نەچچە كۈن يىتىۋاتقانلىقىنى مىنى خاتىرجەم بولۇشۇمنى ئىيتتى، مەن ئۇنىڭدىن مەۋلانغا قارايدىغان قىزنى سورىسام مەۋلاننىڭ ئۇنى ھالدىن ئۆزى خەۋەر ئالالايدىغانلىقىنى دەپ كەتكۈزۋەتكەنلىكىنى ئىيتتى، ئادىلغا ئۇنىڭ قىشىغا بارغاندا مىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈتۈرۈپ قويىشىنى جىكىلەپ تىلفۇننى قويىۋەتتىم، كۆڭلۈم يەنىلا بىر خىل ئەندىشىدە ئىدى، ئەجىبا ئۇنىڭغا يەنە بىرە ئىش بولغاندىمۇ دەپ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپلا يۈرەتتىم. تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايرىدى، تىلفۇن ئادىلدىن كەلگەن ئىدى.
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، خەمىسە ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
- مەن ياخشى مەۋلان سىزچۇ، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ، نىمە ئۈچۈن ئايگۈلنى كەتكۈزۋەتتىڭىز، ھالىڭىزدىن كىم خەۋەر ئىلىۋاتىدۇ، نىمىشقا مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىمايسىز؟ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە سۇئاللارنى ياغدۇرۋەتكەن ئىدىم.
- مەندىن خاتىرجەم بولۇڭ، ھازىر ئەھۋالىم ياخشى، سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ھە، مەن يەنە بىر تەكشۈرتۈشكە كىرەتتىم، كىيىن پاراڭلىشايلى دەپ تىلفۇننى قويىۋەتتى.
مەن ھەر ھالدا ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقىنىمدىن، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىغىنىمدىن خۇشال بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئىشلىرىغا كىرىشىپ كەتتىم. ئەتىسى كەچ ياتاقتا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى رەتلەپ ئولتۇراتتىم، تىلفۇنىمنىڭ ئۇچۇر كەلگەنلىك قوڭغىرقى سايرىدى،قارىسام مەۋلاندىن كەلگەن سۈرەتلىك قىسقا ئۇچۇر ئىكەن. ئۇ سۈرئەتنى ئىچىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، ئۇنىڭ بىر قىز بىلەن چۈشكەن تويلۇق سۈرئىتى ئىدى، دەرھال ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
قارشى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى، شۇ تاپ قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
- سىز كىم بولىسىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
- مەن مەۋلاننىڭ ئايالى بولىمەن........
شۇ تاپ قۇلاق مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. نىمىنى كۆردۈم نىمىنى ئاڭلىدىم ماڭا بۇ دۇنيا قاراڭغۇ بىلىنىپ كەتتى، خۇددى مىنى بىرى بىر ھاڭغا تاشلىۋەتكەندەكلا بولۇپ قالغان ئىدىم. دەرھال ئادىلغا تىلفۇن قىلدىم.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئادىل ماڭا دەڭە، مەۋلان ماڭا بىر قىز بىلەن چۈشكەن تويلۇق سۈرئىتىنى ئەۋەتىپ قويۇپتۇ، ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلسام بىر قىز ئىلىپ مەن مەۋلاننىڭ ئايالى دەيدۇ، بۇ زادى نىمە ئىش؟
- سىز كىتىپ ئون كۈندىن كىيىن مەۋلاننىڭ ئەھۋالى ياخشى بولالماي دوختۇرخانىغا بارسا دوختۇرلار ئۇنىڭ زەخمىلەنگەن پۇتىنىڭ گۆشىنىڭ سىسىپ كىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ پۇتىنى كىسىۋەتمىسە ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلىقىنى ئىيتتى، ئۇ بىزگە جىكىلەپ بۇ ئىشلارنى سىزگە قەتئىي دىمەسلىكىمىزنى ئىيتتى، كىيىن ئۇنىڭ بىر پۇتىنى ھوشىقىنىڭ ئۈستىدىن كىسىۋەتتى، بۇنى خىلى ۋاقىتقىچە سىزگە بىلدۈرمىدۇق ھەم كىيىنمۇ دىمەسلىكىمىزنى دىدى، شۇنىڭ بىلەن بىزدىمۇ ئامال بولمىدى، كىيىن ئۇ بىر دىھقان قىز بىلەن توي قىلدى، قايسى كۈنى سىزگە دوختۇرخانىدا دىگەن كۈنى ئۇنىڭ توي كۈنى ئىدى، بۇنىمۇ سىزگە دىمەسلىكىمىزنى ئىيتتى، مەۋلان سىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا چىكىشىڭىزنى كۆرۈشنى خالىمايدىكەن خەمىسە، سىزمۇ مەۋلاننىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنۈڭ........
نىمە كۈنلەر بۇ، نىمە دەرت بۇ! شۇ تاپ ئاللاھتىن بىر جۈپ كۆزۈمنىڭ قارىغۇ، بىر جۈپ قۇلىقىمنىڭ گاس بولۇپ قىلىشىنى تىلىدىم، بۇلارنىڭ بىر چۈش بولۇپ قىلىشىنى تىلەپ ئاللاھقا نىدا قىلاتتىم، تىلفۇننى قولۇمعا ئالدىم دە ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئۇچۇرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.
«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خەمىسە! سىزگە شۇ تاپ نىمە دىيىشىمنى قەتئىي بىلەلمىدىم، سىزنى شۇنداق جىنىم دىگۈم بولسىمۇ ئامالسىزمەن، مەن ھازىر باشقىلارنىڭ يولدىشى، مەن بۇ يولنى شۇنچە غەيرەتكە كىلىپ تاللىدىم، مەن سىزگە پەقەت كەچۈرۈڭلا دىيەلەيمەن، چۈنكى مەن سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، بۇ ۋەدىلىرىمنىڭ بۇنچە تىز بەربات بولىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدىم، تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان چاقچاقلىرى ھەقىقەتەن چىكىدىن ئىشىپ كەتتى خەمىسە،مەن ئەمدىلا ھاياتىمنىڭ قۇياشىنى كۆرۈشكە باشلىغاندا بۇ خۇشاللىقلىرىم شۇنچە تىز بەربات بولدى، مەن ياشاشقا ئامالسىز قالدىم خەمىسە، لىكىن يەنە ياشىمىسام بولمايدۇ، سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ياشىمىسام بولمايدۇ، سىزنىڭ مەن بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا چىكىشىڭىزنى خالىمايمەن جىنىم، سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم جىنىم دىيىشكە رۇخسەت قىلىڭ، ئاللاھ ئىگەممۇ كەچۈرەر مەندەك بىر بەخىتىسىز بەندىسىنى. سىزنىڭ مەن سەۋەپلىك بەخىتسىز بولۇپ قىلىشىڭىزنى تىخىمۇ كۆرگۈم يوق، سىز ھاياتىمدا ئۇنتۇلغىسىز بەخىت ئىزنالىرىنى قالدۇرغان، مەن ئۈچۈن شۇ بەخىتلىك ھىس تۇيغۇرلانى ئاتا قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت جىنىم، مەن ئاللاھتىنمۇ ماڭا بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلغىنى ئۈچۈن ئاغرىنمايمەن، سىز بىلەن تونۇشىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن مىنى ئۆز قوينۇڭغا ئىلىپ كەتمىگەن بولغۇيتۇڭ دەپ ئاغرىناتتىم، ھازىر بۇ جىنىمنى ئامان قىلىغىنىغا مىڭ شۈكرە ئىيتىمەن، چۈنكى قەلبىمدە سېغىنىدىغان سىز بار، سىزگە ئىشىنىمەن خەمىسە، بۇ ئۆتكەللەردىن تىزلا ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن،مەن سىزگە ھاياتىڭىزدا «تۇمان»بولمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن، لىكىن بۇ ۋەدەمگە ئەمەل قىلالمدىم، بەلىكىم ئاللاھ ئىگەم ماڭا شۈكۈر قانائەت قىلىشنى ئۈگىنىۋالسۇن دەپ مىنى مۇشۇنداق تەقدىر قىسمەتلەرگە يولۇقتۇرغان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز ھاياتىمدا پەيدا بولمىغان چاغلاردا مۇشۇ كۈنلەرگە دۇچار بولغان بولسام ھىچ ئىككىلەنمەيلا بۇ جاندىن ۋاز كىچەتتىم، چۈنكى بۇ دۇنياندا مىنىڭ تارتىشقىدەك ھىچنىمەم يوق دەپ بىلەتتىم، لىكىن ھازىر مەن تارتىشىدىغان سىز بار، مەن سىز بىلەن تونۇشۇپ شۈكرى قانائەت قىلىشنى، چىدام غەيرەتنى ئۈگەنگەن ئىدىم، ھازىرقى كۈنلىرىمگە كۆپ شۈكرىلەرنى ئېيتىمەن، چۈنكى مەن ھايات، سىز قەلبىمدە، سىز ماڭا قارىغاندا خىلى قەيسەر، مەن سىزنىڭ بەخىتلىك بولىشىڭىزنىلا ئۈمۈت قىلىمەن، ئىشىنىمەن سىزمۇ مىنىڭ بەخىتلىك بولۇشۇمنى تىلەيسىز، سىزنىڭ بەختىڭىز مىنىڭ بەختىم، ماڭا چوقۇم بەخىتلىك بولىمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ بولامدۇ، سىزگە ئۆمۈرلۈك بەخىت تىلەپ تۇمانلىق ئاشىقىڭىز».
نىمە دىگەن ئاچچىق چاقچاق قىلىدىغانسە تەقدىر، نىمە ئۈچۈن شۇ سەبى بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا قەلبى يارلانغان شۇ بەندەڭنى يەنە بىر قىتىم بۇنداق ئاچچىق قىسمەتلەر بىلەن سىنايدىغانسەن، نىمە ئۈچۈن شۇ بەندەڭنىڭ قەلبىگە مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر جاپادا ئۆتۈشكە رازى ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدۇرمىغانسەن، ھىلىغۇ بىر پۇتى مىيىپ ئىكەن، پەقەت ئۇ مىنىڭ ھاياتىمدا بولسىلا مەن ئۇنىڭ پۇتى، قولى، كۆزى، قۇلىقى بولۇپ ياشاشنى خالايتتىمغۇ، ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇلارنى مەن ئۈچۈن جاپا دەپ ھىس قىلىپ قالغاندۇ، بىلسە بۇ مەن ئۈچۈن بىر بەخىت ئىدىغۇ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھالاۋەت كۆرۈشنىلا بىلدۈرەمدۇ، سەن ياخشى كۆرگەن شۇ ئادىمىڭ بىلەن بىرگە كۈلەلىسەڭ، ھايات سەپىرىڭ ئۈچۈن بىرگە تەر ئاققۇزالىساڭ مانا بۇ ھەقىقىي بەخىت ئەمەسمۇ؟ مۇھەببەت دىگەن يىغىسىغا تەڭ يىغلىيالسىڭ، كۈلكىسىگە تەڭ كۈلەلىسەڭ ئاندىن ھەقىقىي مۇھەببەت بولمامدۇ؟ئۇ نىمىشقا بۇنى چۈشەنمەي مۇشۇنداقلا تىز ۋاز كەچكەندۇ؟ ئۇ شۇنداق قىلسىلا مەن بەخىتلىك بولالمدىمەن؟ قەلبىمدە نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەر مىنى ئازاپلاپ قىيناپ كەلمەكتە ئىدى، ئورنۇمدىن قوپماي ئۆز-ئۆزۈمدىن مانا مۇشۇنداق نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەرنى سورايتتىم.......
شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئىككى كۈن ئورنۇمدىن قوپماي ياتتىم، ياتاقداشلىرىم مىنىڭ تۈگۈشۈپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ بىرەر ئىشنى سەزگەندەكلا مەندىن ئۇنى-بۇنى سوراپ مىنىڭ قەلبىمنىڭ يارىسىغا تۇز سىپىشنى خالىمىدىمۇ بىلمىدىم، خەمىسە ئاداش تۇرە ئورنۇڭدىن ياتاقداشلار بىرگە سىرتقا چىقىپ بىللە تاماق يەپ كىلەيلى، بىزنىڭمۇ ئايرىلىدىغان ۋاقىتلىرىمىز يىتىپ كىلىۋاتىدۇ، يەنە نەچچە كۈنلەردىن كىيىن ھەممىمىز ھەر يەرلەردە دەپ مىنىڭ كۆڭلۈمنى ياسايتتى. ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بىللە سىرتقا چىقتىم، ئۇلارنىڭ بۇنداق باھانىنى تىپىشىمۇ مىنى ئويلاپ قىلىۋاتقانلىقى مىنىڭ كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى، مەن يەردە مىڭىۋاتامدىم ياكى تىكەن ئۈستىدىمۇ ھەر بىر قەدەملىرىم شۇنچە ئازاپلىق ئىدى، بىر ئىغىز گەپ سۆز قىلغۇممۇ كەلمەيتتى، بىز بىر ئاشخانىغا كىردۇق، ئۇلار ئۆزلىرى بىلىشىپ ماڭا سۈيۇقئاش بۇيرۇتتى، ئىككى كۈن بىر نىمە يىمىگىنىمنى ئۇلار بىلەتتى، ئۇ تاماقنىمۇ زورىغا يىدىم، تاماق يەۋاتامدىم ياكى زەھەرمۇ ماڭا بەرىبىر ئىدى، ئۇلار مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ ئارتۇق گەپ سۆز قىلىشماي تاماقلىرىنى يىيىشكە باشلىدى.......
شۇنداق قىلىپ شۇنچە تەسلىكتە بۇ كۈنلەرنىمۇ تۈگۈتۈپ ئوقۇش پۈتۈرۈپ ساۋاقداشلىرىم ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار بىلەن خوشلۇشۇپ ھەممىمىز يۇرتلىرىمىزغا قايتىدىغان كۈن يىتىپ كەلدى، ھازىر ھەممىدىن بەك يۇرتقا قايتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان پەقەت مەنلا بولسام كىرەك، بۇ يەردە ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈمنى شۇنچە ئازاپتا ئۆتكۈزۋاتاتتىم. نەرسە- كىرەكلىرىمنى تىزلا يۇغۇشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىدىغان بىلەتنى ئىلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم، يۇرتقا قانچە يىقىنلاشقانسىرى شۇنچە ئازاپلىناتتىم، مەكتەپتە قايتىشنى شۇنچە زارقىپ كۈتكەن ئىدىم مانا ھازىر ئۆيگە يىقىنلىشىپ قالغانسىرى بۇ قەلبىم شۇنچە ئازاپلىناتتى. ئۆيگە كىلىپلا ئاپامغا ئىسلىپ يىغلاپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسنى ئۇنىڭغا ئىيتتىم، ئاپام مىنىڭ يارلانغان قەلبىمگە ئۆزىنىڭ ئانىلىق مىھرى بىلەن مەلھەم ياساپ مىنىڭ ئازابىمنى يىنىكلىتىشكە تىرىشاتتى، شۇ تاپ ئويلاپ قالدىم، مەن يارلانسام قوينىغا ئىلىپ يارامنى داۋالايدىغان مىھرىبان ئاتا-ئانام بار، بىراق مەۋلاننىڭ ئۇ مىھرىبانلىرى ئاللىقاچان بۇ مۇستەقىللىقنى ئۇنىڭغا تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالغان ئەمەسمىدى، ئۇنىڭ شۇنچە يىل ئۆزى شۇنچە قىيىنچىلىق ۋە جاپالارنى يىڭىپ كىلىۋاتقانلىقىغا ئەمدى بىر مەلھەم تاپاي دەپ قالغان جاراھەتلىك قەلبىنىڭ قايتا بىر جاراھەتلەنگەنلىكىگە يۈرۈگۈم تىخىمۇ ئازاپلىناتتى، ئۇنىڭ ئۆزى سۆيگەن ئادىمى ئۈچۈن يەنە ئۈمۈتۋار بولۇپ ياشاپ كىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ھەسسىلەپ ئاشاتتى.
مەنمۇ تىزلا يۇرتۇمدىن خىزمەت تاپتىم، ئاتا-ئانام مىنىڭ تىخىمۇ تۈگۈشۈپ كىتىشىمنى خالىمىدىمۇ بىلمىدىم بىر كۈنى ماڭا ئەلچى كەلگەنلىكىنى ئىيتتى، مەن يەنە نىمە دىيەلەيتتىم، ئاتا-ئانامنىڭ كۆڭلىنى دەپ بۇ ئەلچىگە ماقۇل بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىر ئايدىن كىيىن تويۇم بولىدىغان بولدى.
بۈگۈن مىنىڭ توي كۈنۈم ئىدى، بىر قىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ بەخىتلىك، ئەڭ خۇشاللىق ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈن مەن ئۈچۈن بىر ھاياتىمدىكى ئەڭ ئازاپلىق كۈن بولىۋاتاتتى، دوسلۇرۇم ۋە تۇققانلىرىم مەن ئۈچۈن بەخىت تىلەپ تىلەكلەرنى تىلىشەتتى، ئۇلار مەن ئۈچۈن بەخىت دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئاللىقاچان بىر يوقالغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ھىس قىلالمايتتى.
يولدۇشۇم بىر ئائىلىنىڭ كەنجى بالىسى بولۇپ تولىمۇ ئەركە ئۈگۈنۈپ قالغان بالا ئىدى، بىز بىر ئاي ئەتراپىدا ئۇنى بۇنى دىيىشمەي خىلى ياخشى ئۆتتۇق، كىينچە ئۇنىڭ بەزى يامان ئىللەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم، مەن بىر ئەر كىشىنىڭ ھەر قانداق ئىللەتلىرى بولسا ئۇنى كەچۈرەتتىم لىكىن يولدۇشۇمنىڭ چىكىدىغان بۇ ئادىتى مىنىڭ ئاچچىقىمنى بەكلا كەلتۈرۋەتكەن ئىدى، مەن باشتا ئۇنىڭغا چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ بۇنى تاشلىشىنى ئىيتتىم، ئۇ باشتا ماقۇل مەن تىرىشىمەن دەپ كۆڭلۈمنى خاتىرجەم قىلغان بولدى لىكىن يەنىلا قىلغىنىنى قىلىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئامالسىز ئۇنىغا نەسىھەت قىلىپ ئالداپ يۈرۈپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن ئىلىپ باردىم، ئۇ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇرۇپ ياخشى بوپ قالدىم ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىغىزىمغا ئالمايمەن دىگەن ۋەدىلەرنى بىرىپ يىنىپ چىقتى، لىكىن ھەپتە ئۆتمەي يەنە كونا سەنىمىگە دەسلەپ ئۆزى بىلگەننى قىلىۋەردى، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا قانداق ئىش قىلىشىدىن قەتئىي نەزەر ئاتا-ئانىغا خاس بىر تەربىيە ساۋاق دىگەنلەرنى بىرىپ باقمايتتى، مەۋلاننىڭ مەن ئۈچۈن قۇربان بىرىپ مىنى بەخىتلىك بولسۇن دىگەن بەخىت مۇشۇ بولدىمۇ ئەمدى؟ كۆڭلۈم شۇنچە يىرىم بولسىمۇ بەخىتلىك قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ قەتئىي چاندۇرماي يۈرەتتىم، لىكىن يولدۇشۇمنىڭ قىلغانلىرى كۈندىن-كۈنگە ھەددىدىن ئىشىپ كىتىۋاتاتتى، مەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسام مىنى ئۇرىدىغان، تىللايدىغان بولىۋالدى، ئۇنىڭغا يەنە زەھەر تاشلاش ئورنىغا بىرىشنى ئىيتسام سەندىن كەچسەم كىچىمەنكىن بۇنىڭدىن كەچمەيمەن، خىتىڭنى ئال چىدىمىغان بولساڭ دەپ ماڭا گىپىنى ئوچۇق قىلدى، مەنمۇ جاق تويغان بۇ تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ گىپىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ئاجرىشىپ كىتىشنى لايىق تاپتىم، شۇنداق قىلىپ ئاتالمىش مىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشۇم تۆت ئايغا يەتمەي بەربات بولدى، لىكىن مىنىڭ كۆڭلۈم خىلى خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدى.
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلاننىڭ يۇرتىغا بىرىشقا توغرا كىلىپ قالدى، ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ يۇرتۇمغا قايتىدىغان بىكەتكە بىرىش ئۈچۈن كوچا ئابتۇبۇسىغا چىقتىم، ئولتۇرۇپ ئۇنى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ، ئائىلىسى بەخىتلىكمىدۇ، سالامەتلىكى قانداق بولۇپ قالغاندۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ كىتىۋاتسام بىرىنىڭ مىنى چاقرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، خەمىسە ھەدە ياخشىمۇ سىز؟
ئىتتىك بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ناتونۇش بىر قىز، مىنى تونۇيدىغان كىم بوپ كەتتى بۇ دەپ خىيال قىلدىم، ياق بۇ ناتونۇش چىراي ئەمەس ئىدى، بۇ دەل مەۋلاننىڭ ئايالى ئىدى.
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مىنى قانداق تونۇيسىز؟ دىدىم مەن ئۇقماسقا سىلىپ.
- ۋاقتىڭىز بولسا بىرەر يەرنى تىپىپ پاراڭلاشساق بوپتىكەن.
- ماقۇل، دىدىم مەن ئامالسىز.
شۇنداق قىلىپ بىز ئالدىمىزدىكى بىكەتتە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ قالدۇق، كاللامدا ھەر خىل خىياللار، مىنى قانداق تونۇيدىغاندۇ، مەۋلاننىڭ ئۇ مىجەزى بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشنى ھەرگىزمۇ ئايالىغا ئىيتىپ بەرمەيدۇ، ھەر قانداق بىر قىز ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئىلىشنى خالىمايدۇ....كاللامدا نۇرغۇنلىغان خىياللار ئەكىس ئىتىشكە باشلىدى. ئۇ مىنى يىقىنلا يەردىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ كىردى.
- نىمە تاماق يەيسىز؟ دىدى ئۇ ماڭا.
- نىمىلا بولسا مەيلى.
- ئەمسە سومىيەن يەيلى، سىز سومىيەنگە ئامراققۇ؟
- مۇلازىم! بۇ يەرگە ئۈچ كىشىلىك سومىيەن.
- ئۈچ كىشىلىك؟؟؟
- ھەئە بىر دوستۇم كەلمەكچى ئىدى.
توۋا بۇ ئايال مىنىڭ نىمىگە ئامراقلىقىمدىن تارتىپ بىلىدىكەنغۇ، ھەيرانلىقىم تىخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
- ھە مەيلى ئوخشاش، دىدىم مەن تەسلىكتە.
- سىز بەك ھەيران قىلىۋاتىسىزغۇ ھە؟ سىز مەۋلان ئاكامنىڭ قىز دوستى شۇنداققۇ؟
- مەۋلان ئاكام؟؟؟
- ھەئە، ئاكام، مەن سىزنىڭ توي قىلىپ بەخىتلىك بولالماي ئاجرىشىپ كەتكىنىڭىزنى بىلىمەن، مەۋلان ئاكام سىزنى ئۆزى بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا چكىشىڭىزنى خالىماي ماڭا يالۋۇرۇپ« جىنىم سىڭلىم ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مەن توي قىلىپ بولدۇم دەپ ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرمىسام مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ، شۇڭا ماڭا ھەمكارلشىپ بىرىپ مىنىڭ ئايالىمنىڭ رولىنى ئىلىپ بىرىڭ» دەپ تۇرىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ تەلىۋىگە ماقۇل بولۇپ دىگىنىدەك قىلغان ئىدىم،بۇ ئىشنى مەن مەۋلان ئاكام ۋە ئادىل ئاكام ئۈچىمىزلا بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنىڭ يىراق بىر تۇققان سىڭلىسى بولىمەن،بىلىسىز مەۋلان ئاكامنىڭ كىچىك ۋاقتىدىلا ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كىتىپ تىكەندەك يالغۇز قالغان ئىدى، سىز ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا پەيدا بولۇپ بۇ جاراھەتلەرنى داۋالاپ، ئۇنى خىلى بىر ئۈمۈتۋار ھاياتنى سۆيىدىغان ھالەتكە ئىلىپ كەلگەندە ئۇ يەنە بۇ ئىشقا ئۇچراپ قەلبى قايتا يارلاندى، مەۋلان ئاكامنىڭ ئۇ مىجەزىدە ئۆزى سۆيگەن قىزنى ھەرگىزمۇ ئۆزى بىلەن بىرگە جاپا چىكىشىگە يول قويمايدۇ، بۇنى بىر شەخسىيەتچىلىك دەپ قارايدۇ، شۇڭا ئۇ ئامالسىز بۇ يولنى تاللىغان، سىزنىڭ بەخىتىلىك بولىشىڭىزنى تىلىگەن، لىكىن سىز يەنىلا نىكاھتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپسىز.
- مەۋلانغۇ شۇنداق ئويلاپ ئاشۇ ئامالنى تىپىپ چىقىپتۇ، سىلەر بولساڭلارمۇ مىنى بىر ئويلاپ قويمىدىڭلارمۇ، ماڭا قىلغان بۇ چاقچىقىڭلار سىلەرچە مىنى بەخىتلىك قىلدىمۇ؟ مەن مەۋلان بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتسەم قانداق جاپا تارتسام رازى ئىدىم بىلەمسىز شۇنى، بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلىپ تۇرۇپ يەنە مۇشۇ يولنى تاللىدى، ئەمدىچۇ؟ كىم بەخىتلىك بولدى، ئۇ ھاياتىمدا يوق كۈن ماڭا مەڭگۈ بەخىت ئىلىپ كىلەلمەيدۇ....
- بىزمۇ مەۋلان ئاكامنىڭ بەكلا دەپ تۇرىۋىلىشى بىلەن ئامالسىز ئۇنىڭ تەلىۋىگە قوشۇلغان ئىدۇق، بىزنى كەچۈرۈڭ خەمىسە ھەدە، سىز بەك ئىسىل قىز ئىكەنسىز، مەۋلان ئاكام كۈندە ماڭا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ بىرىدۇ، سىزنى شۇنداق بىر كۆرۈپ بىقىش ئارزۇيۇم بار ئىدى، بۈگۈن ئاپتۇبۇستا ئولتۇرسام سىز چىقىپ كەلدىڭىز، كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم، نىمە بولسا بولسۇن سىز بىلەن بىر پاراڭلىشىپ بىقىش نىيىتىگە كىلىپ سىزنىڭ قىشىڭىزغا باردىم، سىز مىنى كۆرۈپلا تونىۋالدىڭىز، بىلىمەن سىز تونۇماسقا سىلىۋالدىڭىز، چۈنكى سىز مەۋلان ئاكامنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىنى خالىمايسىز.
- شۇنداق، سىزمۇ مىنى بەكلا چۈشۈنۈپ كىتىپىسز ھە؟
- ئەلۋەتتە، سىزنى قانداق ئىسىل قىزدۇ دەپ خىيال قىلاتتىم، دەرۋەقە شۇنداقكەنسىز.
- شۇنداق بولغاندا مەۋلان تىخىچە توي قىلمىدى شۇنداقمۇ؟
- ھەئە، شۇنداق.
- نىمىشقا مەن بىلەن بۇرۇنراق ئالاقىلىشىپ ماڭا بۇ ئىشلارنى دىمىدىڭىز، بىلگەن بولسام مەن ھەرگىزمۇ خالىغان بىرى بىلەن توي قىلمايتتىم.
- سىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن سىزنى ئىزدەپ بىرىپ ھەممە ئىشنى دىيىشنى ئويلىغان لىكىن مەن دەي دىگۈچە سىز توي قىلىپ بوپسىز.
- ئاتا-ئانام مىنىڭ يەنە ئازاپلىنىپ تۈگۈشۈپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ بىر ئائىلىگە باغلاپ قويساق بارا-بارا بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇيدۇ دەپ بىلگەن چىغى تىزلا مىنىڭ توي ئىشىمنى ئويلۇشۇپ بوپتۇ، مەنمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى دەپلا ئۇ تويغا قوشۇلغان.
- ھەر ئىككىڭلار باشقىلارنىڭ كۆڭلى ۋە بەخىتىنى دەپ ئۆز بەختىڭلارنى قۇربان قىپسىلەر، ھەقىقەتەن ئىسىل ئادەمكەنسىلەر.
- مەۋلان ھازىر نىمە قىلىۋاتىدۇ؟
- مەۋلان ئاكام، يەنە بۇرۇنقى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ، شۇ بۇرۇنقىدەك ۋەزىپىلەرگە چىقماي ئىشخانا ئىشلىرىنى قىلىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىڭىز يوقما؟
- سىزدىن يۇشۇرمايمەن، ئۇنى ئويلىمايدىغان بىرە كۈنۈممۇ يوق، ئۇنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى، لىكىن ئەمدى كىچكتۇق، سىز ھەرگىزمۇ مىنىڭ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنى دىمەڭ ھە بولامدۇ؟
- ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىڭىز نىمە بوپتۇ، بۇرۇن سىلەر بىر قىتىم بەختىڭلاردىن ئايرىلغان ئەمدى بۇ بەختىڭلارنى قولدىن بەرمەڭلار بولامدۇ؟مەن مەۋلان ئاكامغا ئۇچۇر يىزىۋەتتىم مۇشۇ ئاشخانىغا كىلىڭ دەپ.
- نىمە؟؟؟؟ بايام كىلىدۇ دىگەن دوستىڭىز ئەسلى ئۇ ئىكەندە؟
- ھەئە، ئۇنى چاقىرىپ قويدۇم.
بىردەمدىن كىيىن مەۋلان قولتۇق ھاسىسىنى تايانغان ھالدا ئاشىخانىغا كىرىپ كەلدى دە مىنى كۆرۈپ تۇرغان جايىدا تۇرۇپلا قالدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ پەقەت چىداپ تۇرالمدىم، يۈرەكلىرىم ئىزىلىپ ئىچىمنى ئاچچىق ھىس تۇيغۇلار قاپلىغان ئىدى، دەرھال ئورنۇمدىن قوپتۇمدە ئۇنى بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە باشلاپ ئىلىپ كەلدىم،
- ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، مەۋلان ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
- ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام خەمىسە، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟
- ئاللاھقا شۈكرى، مانا سىز كۆرگەندەك تۇردۇم، بۈگۈن خىزمەت ئىشى بىلەن بۇ ياققا ئۆتكەن سىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دىدىم.
- ياخشى قىپسىز.
- بولدى قىلىڭلارچۇ مەۋلان ئاكا، خەمىسە ھەدە، ئىككىڭلار قاچانغىچە بىر-بىرىڭلارنى ئالداپ يۈرىسىلەر، ھارمىدىڭلارمۇ، يەنە قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرمەكچى سىلەر؟
ئىككىمىز جىملا بولۇپ قالدۇق، لىكىن كۆزلىرىمىز ھەممىنى ئاشكارلاپ قويغان ئىدى، ئۇنىڭ ماڭا مىنىڭ ئۇنىڭغا قارىغاندىكى ئىپادىمىزدىن ھەر قانداق كىشى ئىشنىڭ تىگىگە يىتىپ بولاتتى.
- مەن ئاجرىشىپ كەتتىم،ئىختىيارسىزلا بۇ گەپنىڭ قانداق ئىغىزىمدىن چىقىپ كەتكىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيلا قالدىم.
- نىمە؟؟؟
- ھەيران قالماڭ، سىز مىنى بەخىتلىك بولۇڭ دەپ ماڭا بەخىت تىلىگەن ئىدىڭىز، لىكىن مەن ئۇ تىلىكىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم.سىز مىنى تىخى چۈشەنمەيدىكەنسىز مەۋلان، مىنىڭ تەلپۈنىدىغان بەخىتنىڭ نىمىلىكىنى سىز بىلمەيدىكەنسىز.
- مەن چۈشەنمەيمەن ئەمەس خەمىسە...شۇ سىزنىڭ مەن بىلەن بىر ئۆمۈر جاپا چىكىشىڭىزنى خالىمىدىم.
- مەۋلان ئاكا، خەمىسە ھەدە، مىنىڭ ئىشىم بار ئىدى، سىلەر ئوبدان ئولتۇرۇپ بىر مۇڭدىشىۋىلىڭلار ھە، مەن قايتقاچ تۇراي.
- بىزنىڭ ئەمدى دىيىشىدىغان گىپىمىز قالمىدى، مەن مەۋلاننى كۆردۈم، يىتەرلىك بولدى، ئەمدى مەنمۇ قايتاي...
- خەمىسە!كەچۈرۈڭ جىنىم، سىزنى مەن بەخىتسىز قىپ قويدۇم، مەن باشتىلا مەن ماڭغان قەدەمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، لىكىن مىنىڭ شۇ سەۋەنلىكىم تۈپەيلى سىزنىڭ بەخىتسىز بوپ قىلىشىڭىزنى ئويلىمىغان ئىدىم.
- مەن ئۆزۈمنى بەخىتىسز دەپ قارىمايمەن مەۋلان، ئۇنداق ئويلىماڭ، چۈنكى ھاياتىمدا مىنى جىنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان بىرى بار، ھاياتىمدا جىنىمدىن ئىزىز كۆرىدىغان بىرى بار، مەن ئۈچۈن بەخىت دىگەن شۇ....
- خەمىسە سىزنى بىر يەرگە باشلاپ بارسام مەن بىلەن بىرگە بىرىشنى خالامسىز؟
- پەقەت سىزلا ماڭا ھەمراھ بولسىڭىز قەيەرگە باشلاپ بارسىڭىز مەن سىز بىلەن بىرگە مەۋلان.
- رەھمەت جىنىم...ماڭا شۇنچە ئىشەنگىنىڭىزگە، بىلىمەن سىز بۇرۇنمۇ ماڭا شۇنداق ئىشىنەتتىڭىز، لىكىن مەن سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى يەردە قويۇپ سىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويدۇم، مىنى كەچۈرۈڭ....
- ئۇنداق دىمەڭ مەۋلان، بەلكىم ئاللاھ ئىگەم بىزنىڭ سەبرىمىزنى سىناپ بىزنىڭ بۇ ئۆتكەللەردىن قانداق ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىمىزنى سىناپ بىقىۋاتقان بولسا كىرەك، ئۆزىڭىزنى بۇنچە گۇناھكاردەك ھىس قىلماڭ بولامدۇ؟ سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، مەن سىزنى چۈشىنىمەن، بۇ ئىشلارنى سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنى دەپ قىلمىدىڭىز، ھەممە قارارلىرىڭىز مەن ئۈچۈن، لىكىن مەن ھاڭۋاقتى سىزنىڭ شۇ قەلبىڭىزنى چۈشەنمەي.........ھەممە گۇناھ مەندە، ئاتا-ئانام مىنى توي قىلىشقا زورلىغان تەقدىردىمۇ ياق دەپ تۇرىۋالغان بولسام بوپتىكەن، ئىشلارنىڭ بۇنداق بولارىنى مەن خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقماپتىمەن، كەچۈرۈڭ مەۋلان، قەلبىڭىزنى چۈشەنمىگەنلىكىمنى كەچۈرۈڭ.
- بۇنداق دىمەڭ بولامدۇ جىنىم، سىز قانچە ئازاپلانسىڭىز مەن سىزدىن نەچچە ھەسسە ئازاپلىنىپ كىتىمەن، بۇنى سىز بىلىسىزغۇ، مىنى خۇشال يۈرسۇن دىسىڭىز سىزمۇ خۇشال يۈرۈڭ بولامدۇ شەيتان قىز....
بىز يول بويى پاراڭلىشىپ ئۆزلىرىمىزنىڭ پۇشايمان ھەسىرەتكە تولغان قەلبىمىزدىكى تۇيغۇلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ئىپادىلەپ مەۋلان دىگەن يەرگىمۇ كىلىپ قالغان ئىدۇق.ئۇ ماشىنىنى بىر چەتكە توختاتتى، مەۋلان مىنى باشلاپ كەلگەن يەر قەبرىستانلىق ئىدى، قەلبىم بىر ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بولدى، ئۇنىڭىدىن كۆپ سۇئال سورىماي ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭدىم، بىز مىڭىپ بىرجۈپ قەبرىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق.
ئۇ خەتنە قۇرئان قىلىشقا باشلىدى، ئىككىمىز قوللىرىمىزنى دۇئاغا كۆتۈردۇق.
«ئاپا، دادا، ياتقان يىرىڭلار جەننەتتە بولسۇن، سىلەرگە ياخشى پەرىشتىلەر ھەمراھ بولسۇن، مانا بۇ قىز مەن ئۆمرۈمدە سىلەردىن قالسىلا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم، ئىشىنىمەن ئۇمۇ سىلەردىن قالسىلا مىنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىرى.....مەن ئۇنى بىر قىتىم ھاياتىمدىن يوقۇتۇپ قويغىلى تاسلا قالدىم، ئاللاھ بۇيرىسا ئەمدى ئۇنى ھەرگىزمۇ ھاياتىمدىن يوقاتمايمەن.......» ئۇنىڭ قىلغان دۇئالىرىنى ئاڭلاپ ياشلىرىم تاراملاپ ئاقماقتا ئىدى، قەلبىمدىكى ھەسرەتلىرىم مۇشۇ ياشلىرىم بىلەن قەلبىمنى يۇيماقتا ئىدى، دەرتلىرىمنى ئىقىتىپ ماڭماقتا ئىدى.........
خاتىمە
- مۇنىسە قىزىم، دادىڭىز بىلەن يادىكارنى چاقىرىڭ تاماق پىشتى، تاماق يەيمىز.
- ماقۇل ئاپا....
- دادوي، يادىكار بەگزادە تىزرەك چىقىڭلار تاماق يەيمىز، قورسۇقۇم بەك ئىچىپ كەتتى مىنىڭ......ھۈ ھۈ ھۈ ......
- مەلىكە، شاھزادىلىرىم بىلەن تاماققا ھۇررا !!! بىزنىڭ خانىش نىمە تاماق ئەتكەندۇ بۈگۈن........
- ئاپا، مەن پويا يەيمەن.........
- سومىيەن ئەتكەن ئىدىم، مىنىڭ شاھزادەمگە پولۇنى ئەتە ئىتىپ بەرسەم قانداقكىن؟
- ماقۇي ئاپا، ئەمشە ئەتە پويا ئىتىپ بىيىڭ ماقۇيمۇ؟
- ھې ھې ھې.....تاتلىق قوزامنىڭ گەپلىرىنى.......ماقۇي شاھزادەم.
- دادىسىنىڭ بالىسى دە....
- ھا ھا ھا.........
تامام..........
مەنبە : ئۆز قەلىمىم(مۇيەسسەر)
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئوقۇغۇچى تورىغا تەۋە، ئاپتۇرنىڭ ۋە ئوقۇغۇچى مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھپە باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ روخسىتىسىز باشقا مۇنبەرگە ۋە سالۇنلارغا يوللاشقا بولمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
|