| 
 كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر  
كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر ، 
يا باسمايدۇ باغرىغا مېنى . 
بېرىپ ماڭا دىلدىن ھارارەت ، 
ئۇنتۇلدۇرماس ماڭا بۇ دەرتنى . 
 كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر ، 
جەلىپ قىلار مېنى ئۆزىگە . 
كەلسەم يىراق بىر ۋىسال ئەيلەپ ، 
تەكلىپ قىلماس زەينەپ ئۆيىگە . 
 كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر ، 
بولۇپ قالدى كاككۇك ئۇۋىسى . 
مەن يۈرۈيمەن تېنەپ تەمتىرەپ ، 
تېپىلمىغاچ زەينەپ ھويلىسى . 
 كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر ، 
قايتۇرۇپ بەر سۆيگەن جاناننى . 
كۈتەر بىزنى شادىمان شەھەر ، 
تاشلاپ قويۇپ تۈگمەس ئازابنى . 
  
باغراش كاككۇكى !  
 |