بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-24 21:04
مۇنبەرداشلارنى قوشاققا قېتىۋەتتىم
ۋەزىپەمنى ئورۇنداپ ،
جازا تىما يوللايمەن ،
قوشاق يېزىپ توشقۇچە ،
ئاي بەرگىنى گوللايمەن
بوزەك بولسام مۇنبەردە،
تېلسىم ئاكام كارى يوق ،
يۈرۈپتىمەن ئەسلى مەن ،
ئاكام بار دەپ كۆڭلۈم توق.
ئەختەرخاننى ساقلىسام ،
يا ئاسمانغا چىقمىدى ،
كىمدىن خاپا بىلمىدىم،
يا مۇنبەرگە كىرمىدى .
قوشاق يازمىسام يىغلامىش،
بىلگيارنىڭ سۆزىچە ،
يىغلىمسۇن چوڭ ئادەم،
قېتىپ قۇياي كۆزىچە.
گۈلۈم ھەدەم بەك ياخشى ،
مەن بالىسغا ئوخشايمەن .
ئەركىلىتىپ قويسا گەر،
ئەجەپ بەك خوشالمەن.
كەچۈر دەيدۇ ئۆزىنى ،
قوشاق يازمىسام كەچرەمدۇ ،
بىرەر ئېغىز سۆزى يوق ،
ياكى خاپا بۇلۇپ سەكرەمدۇ .
ئەسلىمە بەك ئەسكىكەن،
قاراپ تۇردى يىغامغا .
تاپالمايسىلەر ئەمدى.
سۇلاپ قويدۇم تاغارغا.
چولپان ئېزىپ قاپتۇمىش،
تاپالماستىن ئۆيىنى ،
ئۈيىڭىز ماۋۇ شۇ دەپ،
كۆرسىتىپ قويدۇم مۇنبەرنى.
توشقاننىڭ يۈركى يوق،
قورقۇيدىكەن شاكلاتتىن،
قورقماق ئۇماق توشقىنىم،
شاكلات دېگەن بەك تاتلىق.
سەۋرىم بىلەن ئىككىمز،
يېقىن-يېقىن ئاداش بىز.
بۈگۈن بىللە ئىككمىز ،
جازا تىما يوللايمىز .
|