ئوقۇغۇچىلار تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 576|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۈرك تىلنى قانداق ئۈگىنىش كىرەك ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاي بەرگى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-20 15:19  

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەردىكى  بارلىق دوستلار

يىقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يۇرتىمىزدا تۈرك تىلى ئۈگىنىش قىزغىنلىقى كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلىپ بارماقتا. تىل ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىرىمىزمۇ بۇ قىزغىنلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل كۇرسلارغا بىرۋاتىدۇ . تور تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تورلاردىمۇ ھەرخىل ھەقلىق ۋە ھەقسىز دەرسخانلار مەيدانغا كەلدى . كۇرسلارغا بىرىشقا قۇربى يەتمىگەن دوستلار بولسا تور يۈزىدە بولىسمۇ بۇ قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كەلمەكتە . يەنە بەزەن تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان دوستلار بولسا ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ قىزىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشماقتا.

مەنمۇ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن تۈرك تىل ئۈگىنىش ھەۋىسىم قوزغىلىپ قىلىپ بۇ تىلنى ئۈگىنىشكە بەل باغلىغان. دەسلەپكى مەزگىللەردە كىتاپ يوق بەك قىينالغان ئىدىم ، كىيىنكى ۋاقىتلاردا مەخسۇس كىتاپلارنى باستۇرۇپ شۇنىڭدىن مۇئەللىمسىز ئۈگىنىپ كەلدىم . مۇئەللىمسىز ئۈگىنىش بولسا مۈشكۈل ئەمما ئۈنىمى يۇقىرى بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇلى ئىكەن .
مۇشۇنداق جاپالىق جەريانلارنى بېسىش ئارقىلىق بۇ تىلنى ئۈگىنشكە كىرىشىپ كەتتۇق .تىل ئۈگەنگەندىن كىيىن ئادەمنىڭ بىلدىغان بىلىمى ئازتولا كۆپىيىدىكەن ھەمدە تىخىمۇ جىق بولغان نەرسىلەرنى بىلىشكە ئىنتىلدىكەن . تىل دىمەك -كۆرۈك دىمەكتۇ.

يىقىنقى كۈنلەردە توردا دوستلار  ماڭا  ئۆزلىرىنىڭ تۈرك تىلنى ئۈگىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ،ئەمما قانداق باشلاشنى ئۇخمايۋاتقانلىقىنى ئىيتتى . مەن ئۈگىنىش ئارزۇسى بار دوستلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۈگەنگەن ۋاقىتتىكى تەجىرىبىلىرىمنى دەپ بەرگەن بولدۇم . بۈگۈن باشقا دوستلارغىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا دىگەن مەقسەتتە تۈرك تىلى ئۈگىنىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى (تۈرك تىلنى قەيەردىن ئۈگىنىشنى باشلاشنى) دوستلارغا دەپ بىرىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

1.تۈرك تىل ئۈگىنىشتە (تۈرك تىل ئۈگىنىشلا ئەمەس باشقا تىللاردىمۇ ئوخشاش) ئىلىبەسىنى ئۈگىنىش بەك مۇھىم . تىل ئۈگىنىشتە ئىلىپبە ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ .شۇڭا تۈرك تىلدىمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئىلىپبەنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . ئىلىپبە دىگەندە يەنى تۈرك تىلدىكى  29 ھەرىپنى ياخشى تونۇش ، يادقا بىلىش ،يادقا يېزىش كىرەك . بۇ بەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈرك تىلى ئىلىبەسى ۋە بىر قىسىم قائىدىلەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۋالسىڭىز بۇلىدۇ

كۆرۈش

2. ئىلىپبەنى ئۈگىنىش بىلەن بىرگە تۈرك تىلدىكى سۆزلەرنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . سىز قانچىكى جىق سۆز بىلسىڭىز باشقىلار بىلەن شۇنچە راۋان ھەم بىمالال پاراڭلىشالالايسىز.ئەگەر سز جىق سۆز بىلمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مەقسىتىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرەلمەيسىز ۋەياكى بىلدۈرۈشتە قىينىلسىز.

تۈرك تىلدىكى سۆزلەر ، كەلىمىلەر ھەققىدە ئازغىنە پايدىلىنىش ئۇچۇرلار مۇنبەرگە يوللانغان شۇنىڭدىنمۇ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .

كۆرۈش

3. سۆزلەرنى ئۈگىنىش بىلەن بىرگە تۈرك تىلى گىرامماتىكىسىنى ياخشى ئۈگىنىش كىرەك . بىر تىلدا گىرامماتىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ .گىرامماتىكىنى ياخشى ئۈگەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەقسىتىنى راۋان ھەم چۈشنىشلىك توغرا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ .ئەگەر گىرامماتىكىنى بىلمىسىڭىز ۋەياكى ياخشى بىلمىسىڭىز ئاغىل-تاغىل سۆزلەپ خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرامماتىكىمۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ،شۇڭا گىرامماتىكىنىمۇ ياخشى ئۈگىنىڭ .

تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى ھەققىدە تۈزگەن ماتىرياللار مۇنبەرگە يوللانغان شۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ .

كۆرۈش

4.ئىلىپبە ،سۆزلۈك ۋە گىرامماتىكىنى ئۈگىنىش بىلەنلا بىر تىلنى ئۈگىنىپ بولغان بولمايدۇ . شۇ تىلنى ياخشى ئۈگىنىش ئۈچۈن شۇ تىلدىكى ماتىرياللارنى كۆپ كۆرۈپ بىرىش ،خەۋەر،گىزىت ،ژورنال قاتارلىقلارنى كۆپ ئوقۇپ بىرىش كىرەك . ئازراق سەۋىيە ئاشقاندا تۈرك تىلدىكى كىنولارنى خەۋەرلەرنى كۆرۈش كىرەك، شۇنداقتىلا ئوقۇپ چۈشىنىپ ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ .

تۈركچە يىزىلغان تىكىستلارنى كۆرۈش ۋە ياكى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ ئادرىستىن پايدىلانساڭلارمۇ بولىدۇ .

كۆرۈش

رادىئو ئاڭلاش

5.بىز بىر تىلنى بىز ئوقۇش ئۈچۈنلا ئەمەس باشقىلار بىلەن راۋان ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئۈگىنىمىز. شۇڭا بىز ئامال بار باشقىلار بىلەن تۈركچە پاراڭلىشىپ بىرىشىمىز كىرەك . دەسلەپكى مەزگىلدە خاتا سۆزلەپ قويساق ھىچنىمە بولمايدۇ . دەسلەپكى مەزگىللەردە خاتا سۆزلەيمىز ، ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشچە توغرا سۆزلەپ كىتىمىز. شۇڭا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ پىراكتىكا قىلىپ بىرىڭ . بۇ بەك مۇھىم

ئىزدەن تورىنىڭ تىل ئۈگىنىش چ چ توپلىرى باش شۇنىڭدا تۈرك تىلى بىلدىغان دوستلار ۋە ياكى شۇ توپتىكى تۈرك دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ پىراكتىكا قىلسىڭىز بولىدۇ.

چ چ توپ نۇمۇرى : 263115185، 138339902 ئىزدەن تورى ئۈندىدار سالون ئىزدەش ئىسمى :izdencc

يۇقىرىقى ئۇسۇللار بويىچە ئۈزلۈكسىز ئۈگەنسىڭىز چوقۇم ياخشى ئۈگىنىپ كىتىسىز. يۇقارىقى ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى باشتىن ئۆتكۈزگەن تەجىرىبىلەرنىڭ يەكۈنلىرى بولۇپ سىزگە پايدىسى بولىدۇ .تىل ئۈگىنىشتە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش بەك مۇھىم . ئەگەر توختىتىپ قويسىڭىزلا ئۈگەنگەنلىرىڭىز ۋە تاتقان جاپالىرىڭىز 0 گە ئايلىندۇ ،شۇڭا توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرۇڭ . تۈرك تىلى ئۇيغۇر تىلغا ئوخشايدىكەن دەپ سەل چاغلىماڭ. تۈرك تىلى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلغا 100% ئوخشاپ كەتمەيدۇ ،ئوخشىدى دىگەن تەقدىردىمۇ 20% ئوخشاپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا بۇ تىلغا سەل چاغلاپ قالماڭ . يۇقارىقى ئۇسۇللار بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرسىڭىز چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايسىز . ئاخىرىدا تىل ئۈگىنىش ھەۋەسكارلىغا ئوتۇق ۋە ئاسانلىق تىلەيمەن .

تۈرك تىلدا تىخىمۇ جىق ماتىرياللارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ئىزدەن تورى سىزگە ياردەمچى بولالايدۇ . تىخىمۇ جىق ماتىرياللارنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇيەرگە كىلىڭ .


قوقماي بىر سەكرەپ بىقىڭە قېنى :  باشلىدۇق ئەمسە ؛ تەييارلىق ..... بىر ،ئىككى ئۈچ سەكرىدۇق ... چۈشتۇق


ئەسكەرتىش : يىقىندىن بۇيان تور بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بەزەن تورلار تاقىلىپ قالدى . بىز دەرسلىكلەرنى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللىغان ئىدۇق ، بەيدۇ تور دسىكىسىمۇ تاقىلىپ قاپتۇ . شۇڭا بەزەن ماتىرياللار ئىچىلماي قالسا توغرا چۈشىنىپ تۇرغايسىلەر ، ئىچىلمىدى دەپ تۇرۋالساڭلارمۇ بۇنىڭدا ئامال يوق . ئەگەر شارايىت يار بەرسە تىلفۇنىڭلاردا ئىچىپ باقساڭلار ئىچىلىشى مۇمكىن .


مەنبە- ئىزدەن تورى
بۇ يازمىنى يىقىندا زىيارەت قىلغانلار : كۆرۈنىشى باش رەسىم ھالىتى تىزىملىك ھالىتى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

46

تېما

3294

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مەكتەپ مۇدىرى

تەشۋىقات ئەلچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 77
يازما سانى:
3294
تىللا:
10210
تۆھپە:
35
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
1778 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-4

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىئالاھىدە شەرەپ

دېۋان
ۋاقتى: 2014-7-20 15:56:17 | ئايرىم كۆرۈش
ming bak uganim bar idi bak yahxi taklip boptu rahmat
سوزلىمسەڭ يوق ھىچكمنڭ كارى.
سوزلىسەڭ دەلىلى بىلەن ئارى.

11

تېما

53

يازما

901

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 352
يازما سانى:
53
تىللا:
731
تۆھپە:
39
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
14 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-14
ئورۇندۇق
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-20 15:58:47 | ئايرىم كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 15:56
ming bak uganim bar idi bak yahxi taklip boptu rahmat

ئۈگىنىش نىيىتىڭىز بولسا تىرىشىپ ماتىرياللارنى تېپىپ ئۈزلىگىڭىزدىن ئۈگەنسىڭىزمۇ ئۈگىنەلەيسىز ياكى ئىزدەن توپىغا قوشۇلسىڭىز ئۈگىنۋاتقان دوستلار بىلەنمۇ تەڭ ئۈگىنىپ كىتەلەيسىز . ئىزدەن تورىمىز ھەردائىم تىل  ئۈگەنگۈچىلەر ۋە چەتئەلدە ئوقوش ئارزۇسى بارلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

باھا سۆز

بىلدىم  ۋاقتى: 2014-7-20 16:03

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
يەر
ۋاقتى: 2014-7-20 18:29:19 | ئايرىم كۆرۈش
ۋاخ شۇنچە چۈشۈنىشلىك ھەخسىز دەرىسلىك ئەكەپسىز مۇشۇ پېتى ئۆگەنسەم 3-4ئايلارغىچە ئۈگۈنۈپ بولامدىم نىمە مەن سىناپ باقاي  سىزگە كۆپ تەشەككۈر رەخمەت

57

تېما

494

يازما

3173

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 482
يازما سانى:
494
تىللا:
2514
تۆھپە:
51
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
215 سائەت
ئاخىرقى:
2016-5-20
5#
ۋاقتى: 2014-7-20 18:32:18 | ئايرىم كۆرۈش
راستىنلا بەك كۆپ رەخمەت مەن تىل ئۆگۈنۈشكە بەك ئامراق بولسا دۇنيادىكى بارلىق تىللارنى ئۆگىنىۋالسام يىڭى چىققان كىنولارنى قاچان چىقاركىن تەرجىمىسى دەپ ساقلاپ يۈرمەستىم مەسىلەن سەلتەنەتلىك يۈز يىل دىگەندەك فىلىملەرنى

81

تېما

2310

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 56
يازما سانى:
2310
تىللا:
8257
تۆھپە:
857
جەۋھەر يازما:
9
توردا:
973 سائەت
ئاخىرقى:
2017-2-9

مۇنبەر قىزىقچىسىئالاھىدە باشقۇرغۇچىمۇنبەر خانىشىكۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىمۇنبەر رىياسەتچىسىئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

6#
ۋاقتى: 2014-7-20 21:11:28 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈر، تەشەككۈر، تەشەككۈر....
ماڭا ئوخشاش ھەممە تىلنى يولدىلا ئۆگىنىۋالىدىغانلارغا ياخشى ماتېرىيال بوپتۇ...

48

تېما

832

يازما

3712

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 417
يازما سانى:
832
تىللا:
2443
تۆھپە:
137
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
148 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-4

كۆيۈمچان ئەزاجانلىق ئەزا

7#
ۋاقتى: 2014-7-20 22:00:17 | ئايرىم كۆرۈش
بۇ تېمىنى كۆرۈپ تۈرك تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىم 100گىلا چىقتىغۇ؟ تىرىشاي تىرىشاي.....داۋاملىق تىرىشاي .......

10

تېما

1235

يازما

7786

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

تۆھپىكار مەلىكە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 21
يازما سانى:
1235
تىللا:
5604
تۆھپە:
641
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
387 سائەت
ئاخىرقى:
2017-4-23

كۆيۈمچان ئەزامۇنبەر مەلىكىسىپەخرى ئەزا ئالاھىدە شەرەپتۆھپىكار ئەزا

8#
ۋاقتى: 2014-7-21 10:04:34 | ئايرىم كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2014-7-20 15:56
ming bak uganim bar idi bak yahxi taklip boptu rahmat

ھىي ساقام ماڭا ئۇچۇر يىزىڭە مۇڭداشقۇدا ، ئۇگنىش ماتىريالىغا تولدۇرۋىتەي سىزنى ....  مەندە ئىلكىتاپ ماتىريال خىلى بار ، مۇنبەرگە قانداق يوللاشنى بىلمەيمەن .

باھا سۆز

ماقۇلە  ۋاقتى: 2014-7-21 12:22
سۇغا سالسا سۇ كۆتۈرەلمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بىرىپ ئالغىلى بولماس ئاغرىغان كۆڭۈلنى

0

تېما

92

يازما

879

جۇغلانما

سىنىپ باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 473
يازما سانى:
92
تىللا:
781
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
24 سائەت
ئاخىرقى:
2016-1-12
9#
ۋاقتى: 2014-7-21 12:07:51 | ئايرىم كۆرۈش
تەشەككۈدۈرۈم ... مەنمۇ ئەۋەت .

7

تېما

300

يازما

2046

جۇغلانما

سىنىپ مۇدىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 539
يازما سانى:
300
تىللا:
1738
تۆھپە:
0
جەۋھەر يازما:
0
توردا:
178 سائەت
ئاخىرقى:
2016-3-21
10#
ۋاقتى: 2014-7-21 17:41:40 | ئايرىم كۆرۈش
ئەجىرڭىڭزگە كۆپ رەھمەت  قېرندىشىم بەك ياخشى تېما ئىلىپ كەپىسز بۇ بىزدەك تىل ئۈگۈنىشكە قىزقدغانلا ئۈچۈن بەك ياخشى ماتىرياللاكەن  تۈرۈك تىلىنى بەك ياخشى كۆرۈتتىم مەن ئەمدى ياخشى بولدى
تامچە كەبى مىھىر بەرسەڭ، دېڭىز كەبى سۆيگۈم بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخىسى|شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار تورى ( 新ICP备14001249号-1 )

GMT+8, 2017-4-28 06:40 , Processed in 0.154154 second(s), 36 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش