كۆر خالايىق «بىڭسىم»نى!
(كۈچۈرمىكەش تىلىدىن )
تور دۇنياسى جەلپكار،
تارتىپ تۇرار ئۆزىگە.
ئىكران ئوخشار بەئەينى
جانانىمنىڭ يۈزىگە!
ھەۋەس قىلىپ شېئىرغا
ئۇنى-بۇنى يازىمەن.
ئىلھام كەلمەي كاللامغا،
قەدەمدە بىر ئازىمەن.
يازمىلىرىم كۆپىيىپ،
بولۇپ قالدى بىر دۆۋە.
قايتا كۆرسەم، ياقمىدى،
دىدىم تۆۋە،مىڭ تۆۋە!
تاپتىم ئاخىر ئاسان يول،
شەرەپ ئۈچۈن مۇنبەردە.
يىغدىم كونا ژۇرنالنى،
بولسا مەيلى قەيەردە...
ئېرىنمىدىم كۈچۈرۈپ،
تېرىكمىدىم ئۈچۈرۈپ،
يېقىپ قالغان ئەسەرگە،
«ئىشلىدىم»باش چۈكۈرۈپ!..
ئۇزۇن بولسا قىرقىدىم،
قىسقا بولسا تولۇقلاپ...
قاش-قاپاقنى ياسىدىم،
ئۇخلىماستىن پالاقلاپ...
بولدى مېنىڭ«ئىجادىم»
كونا شېئىر-يازمىلار.
نام چىقاردىم مۇنبەردە،
ئېسىل بولغاچ، قازمىلار!...
كۈنۈم ئۈتەر بەك خۇشال،
مۇنبەر ئارا ئەركەمەن.
شۇ ھەۋەسكار باللىغا،
يىتەكچىمەن، سەركىمەن!...
كەتتىم تېخى ئۇلارنىڭ،
«رەھمەت»ىگە كۆمۈلۈپ.
چىقتى داڭقىم بەك تېزلا،
مۇنبەر ئارا تونۇلۇپ!...
* * *
ئويلىغانتىم: چانماس دەپ،
ئەشۇ پىنھان ئىشىمنى...
يۈرىمەنغۇ مەڭگۈگە،
تىك كۈتۈرۈپ بېشىمنى!..
تەستەك تەگدى زاڭاققا،
ئۇشتۇمتۇتلا بىر كۈنى.
بىر ھەۋەسكار بايقاپتۇ،
ئەشۇ پەسكەش ئىشىمنى!..
ئىنكاس بېرىپ تېمامغا،
كۈچۈرۈلگەن دەپتۇ ئۇ.
ئەسلى ئەسەر ئىگىسىنىڭ
غېمىنى بەك يەپتۇ ئۇ...
بېشىم قايدى پىررىدە،
چېنىپ قالغان ئىشىمدىن.
تارتتى ئەقلىم شۇئانلا،
تەپەككۇرۈم پېشىدىن:
دېدى: «نېمە قايغۇرۇش،
بۇ ئىش دىگەن ھېچنىمە.
كىرىپ باشقا ئىسىمدا،
بەرگىن ئاڭا رەددىيە.!...»
يورۇپ كەتتى كۆز ئالدىم،
بارىكاللا ئەقلىمگە!..
بېرەر مەدەت ھەمشە،
مېنىڭ ئىقبال-بەختىمگە!
كىرىپ شۇئان، قايتا مەن
ئۆز –ئۆزەمنى ئاقلىدىم.
«چىدىماس ھەم ھەسەتخور»
دېدىم، قايناپ، باتنىدىم!
نېمە كەچتى دىلىمدىن،
زەھەر تامدى تىلىمدىن،
ئۆكتە قوپۇپ،ئۇنىڭغا،
قايتا تېما يوللىدىم!...
ئۇقالمىدى،باشقىلار،
كىمنىڭ يالغان، كىمنىڭ راست.
بىلىپ قويۇڭ بۇ ئىجاد،
ماڭا لايىق، ماڭا خاس!
كەسكىن كۈرەش قىلدىممەن
جا ئاكتىپقا ئوت ئېچىپ.
باشقىلارنى كۈشكۈرتتۈم،
ئوت ئۈستىگە ماي چېچىپ!
دات دىگۈزدۈم مەن ئۇنى،
يىدى پۇشمان ئىشىغا.
ئەتە-ئۆگۈن سالىمەن،
يەنە كۈلپەت ،بېشىغا!...
* * *
بورمىلىدىم ھەقنى مەن،
ئاق پاختىنى قارا دەپ.
ھەسەتخورنىڭ يۈرىكى،
دائىم زەخمە-يارا دەپ...
ئېيتىشمىسۇن مەن بىلەن،
ھەۋەسكارلار-سويمىلار.
ئەرباپ بىلەن ئويناشسا،
ئەنە شۇنداق قويۇلار!...
* * *
بۈگۈن كېچە يامان چۈش-
كۈرۈپتىمەن خالايىق.
دەپتۇمىشمەن: مىڭ تۆۋە،
قىلمىشلىرىم نالايىق...!
بىر توپ كىشى قوغلارمىش،
توۋلاپ: بالا ئوغرىسى!.
جەھەننەمگە تاشلايلى،
چىقسۇن ئاللا-توۋىسى!»،
چۆچۈپتىمەن ئويغىنىپ،
ئويغىنالماي تولغىنىپ.
كېلىپ تەستە ئۆزۈمگە،
كەتتىم بەكمۇ ئۇيىلىپ...
* * *
ئىبرەت ئالغىن توردىشىم،
مېنىڭ ئىپلاس ئىشىمدىن.
يۈز كېلەلمەي سىلەرگە
تۈتۈن چىقتى بېشىمدىن..
بولدى قىلاي، ئەمدى بەس،
«ئەسەر»يازماي، زورۇقۇپ.
«ئولجا»تۇرغاچ گېلىمغا،
ئۆلدۈم مانا، تۇرۇقۇپ...!
مەنبە: ئۆزەم
(بىر ساتىرا بىر ئىللەتنى پاش قىلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئاپتۇرنىڭ كەچۈرمىشى ئەمەس. مەن مۇنبەردە بولمىغان 2ئاي ۋاقىت ئىچىدە، بولۇپمۇ ھازىرقى مۇنبەر ئەھۋالىغا قاراپ باقسام، ئىش سەل باشقىچە تۇرىدۇ. قارىغاندا بۇ ئومۇمىي سەپكە مەنمۇ قوشۇلمىسام بولمىغۇدەك. قولۇمدىن كېلىشىچە شۇنداقراق دورا قىلىپ باقاي-قېنى...ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.)(لېكىن كونا ئەسىرىم جۇمۇ بۇمۇ)

بۇ ئەسەر ئوقۇغۇچى مۇنبىرىگە تەۋە ، باشقا بىكەتلەرنىڭ مۇنبىرىمىز ۋە ئاپتۇرىنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتكە يۆتكەپ پايدىلىنىشىغا ، ئىشلىتىشگە بولمايدۇ.
|